ناماز-دىننىڭ تىرىگى،ئىمان دەرىجىنىڭ يېتىلگەن ئەڭ چوڭ مىۋىسىدۇر.
ناماز-ھەزىرتى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئاخىرقى پەيغەمبەر ھەزىرتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەلمىساقتىن تاكى قىيامەتكىچە مەۋجۈت بولۇپ كەلگەن ھەم كەلگۈسىدىكى ئىنسانلارغا بىلدۈرگەن ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر .
ناماز-پۈتكۈل دەرت-ئەلەم ۋە يامانلىققا تولغان دۇنيانى تاشلاپ،مەرھەممەتلىك ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا بولغان سېغىنىش تەشەببۇسىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ناماز-مۆئمىن بەندىنىڭ ئۆيى ئالدىدا ئېقىۋاتقان جۇشقۇن سۇلۇق بىر دەرياكى ،مۆئمىن كۈنىگە بەش مەرتىۋە بۇ دەرياغا كىرىپ يۇيۇنۇپ تازلىنىدۇ،گۇناھلىرىنىڭ كىر-پاسكىنچىلىقلىرىدىن تازلىنىپ،ئانىسىدىن تۇغۇلغاندەك پاكلىنىدۇ.
ناماز-باي- گاداي،ئالىم -نادان،ياش -قېرىدىن ئىبارەت بارلىق مۆئمىلەرنى يانمۇ-يان بىر سەپكە تىزىپ ،تۈرلۈك سىنىپلارغا مەنسۇپ ئادەملەرنى بىر-بىرىگە ئارلاشتۇرۇپ باراۋەر ئورۇنغا قويىدۇ،ئىنسانلارنىڭ سۈپەت ۋە دەرىجىلىرىدىن قەتئىنەزەر ،پۈتكۈل ئىنساننىڭ بىر-بىرىدىن پەرقى ۋە ئۈستۈنلۈكى يوق ئاللاھنىڭ باراۋەر قۇللىرى ئىكەنلىكىنمۇ كۈنىگە بەش مەرتىۋە كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
ناماز-ھەربىر رەكەت ئوقۇلغاندا مۆمىننى ھايۋانلىق سىپىدىن ئايرىپ ،مەلەكلىككە قاراپ يۈكسەلدۈرىدۇ.ناماز ئوقوماستىن بۇرۇنقى مۆمىن نامازدىن كىيىنكىسىگە ئوخشىمايدۇ.
ناماز-ئاللاھۇتەئالانىڭ قىيامەت كۈنى دەسلەپ ئالىدىغان ھىسابىدۇر.
كەرەملىك ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنى قۇللۇق ۋەزىپىلىرىمىزنى تولۇق ئورۇنلاشقا نىسىپ قىلغاي!
مەنبە:‹‹ناماز›› دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى.