مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 865|ئىنكاس: 4

ھايات مىلودىيسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63350
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5228
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1638 سائەت
تىزىم: 2011-11-2
ئاخىرقى: 2014-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 11:26:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                              ھايات مىلودىيسى
                                                                 (نەسىر)
ئاھ ،ھايات!نىمە دىگەن ئۇلۇغسەن؟نىمە دىگەن گۈزەل؟نىمە دىگەن سۆيۈملۈك،نىمە دىگەن قۇدرەتلىك سەن ھە.....!
ھايات سەن دۇنيادىكى ئەڭ بازارلىق كىتاپ ئوقۇپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان،چوڭ قامۇس كۈنۇ -تۈن،كىچە -كىچىلەپ يازسىمۇ تۈگىمەيدىغان.
ئاھ،ھايات!سەن قەلبلەر ناخشىسىنى ياڭرىتىپ ئىلھام تۇلپارىنى قاناتلاندۇرغۇچى نازىنىن قىزسەن.سەن شادلىقنىڭ،گۈزەللىكنىڭ ئەلچىسى،سەن بىلەن ياشنار پۈتكۈل كائىنات.
ئاھ،سۆيۈملۈك ھايات! سەن پۈتكۈل كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇداتلارغا ھەدىيە قىلىنغان خاسىيەتلىك زەمزەم سۈيى،بالقىپ تۇرىدىغان پۈتمەس بۇلاق،سەن تاڭ سەھەردىكى شەبنەم تامچىلىرىنىڭ قۇياش نۇرىدا كۈمۈشتەك كۆزىنى چاقنىتىدىغان ئوتلۇق جىلۋىسى.
سەندىن باشلانغان،ئىنسانلار ھاياتلىق دۇنياسىغا بەخت بوسوغىسىدىن تۈنجى قەدەم ئالغان ۋاقتىدا تۈنجى قاردەك ئاق،خىرۇستالدەك سۈزۈك،گۈل بەرگىدەك يۇمران،قۇش بالىسىدەك بىغۇبار،دۇنيا پەقەت سەن ئۈچۈنلا يارالغاندەك ئۆز ئەركى بىلەن ئۆز ئەقلى ھۆكۈمرانلىقىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندەك شۇ قەدەر مۇلايىم ،شۇ قەدەر رايش.
ئاھ ،ھايات! سەن باشتا ئاجايپ سىھرى كارامەتلەر بىلەن باشلانغان بولساڭ،ئاقىۋەتتە ئازاپ ۋە پۇشايماننى قايغۇ -ھەسرەت تۇلپارىغا مىندۈرۈپ بىرگە ئىلىپ كىلىدىغان ھۆكۈمران سەن...
ھايات سەن گۇددى چاقىپەلەكتەك گاھ يۇقىردىن تۆۋەنگە ،گاھ تۆۋەندىن يۇقىرىغا چۆرگىلەپ چۈشۈپ-چىقىپ تۇرمۇشنىڭ قاينام-تاشقىنلىق دولقۇنلىرىدا كىشىلەرنى گاھ چۆكتۈرۈپ گاھ لەيلىتىپ ئۆمۈرنىڭ ھەقىقى قىممىتىنى ھىس قىلدۇرىسەن ھەم تونۇتىسەن.سەن مەڭگۈ ئۈزۈلمەس ئىقىن،سەن باشلىغان سەپەرلەردە كىشىلەر نۇرغۇن بوران-چاپقۇن،ئىگىز تاغ-داۋان،چوڭقۇر ھاڭلارغا دۇچ كەلسىمۇ ئالدىنقىلارنىڭ ئاياغ ئىزى يەتمىگەن باياۋاندىن يول ئىچىپ ئالغا ئىلگىرلەپ ئازاپ ئوقۇبەتلەر ۋە جاپا مۇشەققەتلەر ئىچىدە كىيىنكىلەر ئۈچۈن بەخت يارىتىدۇ،ھەم بەختسىزلىك ئىچىدىن بەخت ئىزدەيدۇ.مانا بۇ ھايات يولىدىكى كۆرەش، مانا بۇ ھايات مىلودىيىسى.
بۇ مىلودىيە مەڭگۈ-مەڭگۈ ئۈزۈلمەي جاراڭلاپ داۋام ئىتىدۇ،مانا بۇ مەڭگۈلۈك قانۇنيەت يۈرەكلەر قىتىدىن بالقىپ تەلپۈنىدۇ يۈرەكلەردىكى سۆيگۈ مۇھەببەت.
مەنبە:نۇردۇن ئابدۇراخمان.

ئادەم ئۈمىد بىلەن تۇغۇلۇپ ،ئارزۇ بىلەن ياشاپ، ئارمان بىلەن كىتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 979
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7763
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 12:56:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلى بەك ياخشى چىقىپتۇ

دىلمەرۋان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39375
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4105
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 2454 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 02:48:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل چىقىپتۇ، لىرىكىلىرىڭىزدىن ھۇزۇرلاندىم!   مۇڭلۇق بىر مۇزىكا كىرىشتۈرۈلگەن بولسا، مۇنبەرداشلار ئىختىيارسىز ھېسسىياتلىق ئوقۇۋەتكىنىنى تۇيماي قالاتتىكەن.   ئۆزىمىغۇ مۇزىكىدەكلا چىقىپتۇ. يەنىمۇ تىرىشقايسىز!

جاھان جام كۇللىي زىي جانغا ئەجەل مەيدۇر، پەلەك ساقى، ۋە لېكىن قالغۇسىدۇر، قىلسا خەيرات تائەبەت باقى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65382
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8267
تۆھپە نۇمۇرى: 1490
توردا: 528 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 06:21:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇنچىلىق گىزىتىنى ئوقۇپ قويىدىكەنسىز ھە؟

بەگزادە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63350
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5228
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1638 سائەت
تىزىم: 2011-11-2
ئاخىرقى: 2014-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 12:32:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز نىمە دىمەكچى چۈشىنەلمىدىمغۇبەگزادە؟

ئادەم ئۈمىد بىلەن تۇغۇلۇپ ،ئارزۇ بىلەن ياشاپ، ئارمان بىلەن كىتىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش