مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3235|ئىنكاس: 16

مۇھەببەت توختامى(فىليەتون) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھايات،ئېرىشىش ۋ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50640
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3122
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 447 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2012-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 10:18:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇھەببەت توختامى(فىليەتون)


ئا تەرەپ :         جان
ب تەرەپ:          گۈل
توختامنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
1  .ئا ب ئىككى تەرەپ مۇھەببەت ئارمىيىىسىگە قاتناشقان بولۇشى كېرەك (ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتى ئۆز ئىچىگە ئېلىنمايدۇ). ئىككى تەرەپ مۇھەببەت قانۇنىغا قاتتىق بوي سۇنىشى، قوغلاشقانلىقAAAگۇۋاھنامىسىنى، يۈرگەنلىكLOVEلاياقەتلىك گۇۋاھنامىسىنى، ئاشىق-مەشۇق لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلارنى ئالغان بولۇشى لازىم، ساختا گۇۋاھنامە ئىشلەتكەنلەر مۇھەببەت قانۇنى بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ، قوشۇمچە گۇۋاھنامە ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن 100يىل مەھرۇم قىلىنىدۇ.
2.ئا ب تەرەپ بىر-بىرىگە ۋاپادارلىقىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ۋاقتى-ۋاقتىدا تېلېفۇن قىلىپ تۇرۇشى، ئىزدەپ تۇرۇشى، كۆڭلىنى ئىزھار قىلىش  ئۈچۈن كىچىك سوۋغىلارنى ئېلىپ بېرىشى، ئاغرىپ قالغاندا دوختۇرغا ۋاقتىدا كۆرسىتىپ، داۋالىنىپ بولغىچە ياخشى ھەمراھ بولىشى كېرەك.
3.ئا ب ئىككى تەرەپ ئىقتىسادى چىقىمدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە ئۆزى ئىگە بولىدۇ. ئىقتىسادى چىقىمنى خالىغان بىر تەرەپ ئۆز ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ ياكى ئورتاق ئۈستىگە ئالسىمۇ بولىدۇ، مەجبورلانمايدۇ. ئاتچوت (报销) قىلىنمايدۇ. شۇڭا بىر-بىرىگە كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىپ بېرىشتىن ساقلىنىشى، ئازراق پۇلنى دەپ قىيا-چىيا بولۇپ، بىر-بىرىگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمەسلىكى، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىشى، چۈشىنىشى، بىر-بىرىنى ئەپۇ قىلالايدىغان بولىشى لازىم.
4.ئا ب ئىككى تەرەپ Ⅲ-شەخىستىكىلەر بىلەن دېپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا بولمايدۇ. قارشى تەرەپكە يامان غەرەزلەردە بولماسلىقى كېرەك، چەكتىن ئاشقانلار مۇھەببەت قانۇنى بويىچە 15 كۈنلۈك تەنھا قالدۇرۇش سىياسىتى بويىچە جازالىنىدۇ ھەم ئىقرارنامە، تۆۋۋىنامە يازدۇرۇلىدۇ، ئىپادىسى ياخشىلار كەڭچىلىككە ئېرىشىدۇ، ئېغىرلىرى مۇھەببەت تۈرمىسىدە ياتىدۇ.
5.توختامنىڭ ۋاقتى يېزىلغان ۋاقىتتىن باشلىنىپ ئۆلگىچە بولغان قىسقا مۆھلەتنى ئۆز ئىچىگە  ئالىدۇ. شۇڭا ئا ب ئىككى تەرەپ ئوڭ يېتىپ، سول يېتىپ، دۈم يېتىپ تۇرۇپ، ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىنى، مۇھەببىتىنى، كەلگۈسىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا توختامغا ئىمزا قويۇشى، قول بارمىقىنى، پۇت بارمىقىنى بېسىشى لازىم. توختامغا ئىمزا قويغان كۈندىن باشلاپ، مۇھەببەت قانۇنىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە رەسمىي كۈچكە ئىگە. توختامغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
6. توختام ئا ب ئىككى نۇسخا بولۇپ، سۈرۈشتۈر قىلىنمايدۇ. تولۇقلاپ بېرىلمەيدۇ، شۇڭا توختام  ئىگىلىرى توختامنى پۇختا ساقلىشى لازىم، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ئىناۋەتسىز.
قوشۇمچە ماددا:
سىز مەزكۇر توختامغا قول قويۇشتىن ئىلگىرى ياخشى ئويلىنىڭ، سىزنى مەجبۇرلىمايمىز، ئىختىيارلىق تاللاش يولى سىزدە. سىز توختامغا قىزىقامسىز قىزىقمامسىز، خىلاپلىق قىلامسىز، قىلمامسىز ئۇنىسى مۇھىم  ئەمەس، سىز پەقەت يالغان سۆزلىمىسىڭىزلا بولدى. ئەگەر سىز باشقا بىرىنى ياخشى كۆرسىڭىز بېرىڭ، ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭىزنىڭ يېنىغا بېرىڭ، چۈنكى بۇ بىر ئەرزىمەس توختام ئۈچۈن ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى!...


گۇۋاھلىق بەرگۈچى ئورۇن:
                          

مەنزىل:شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى

كەتسەڭمۇ تۈركىيە ياكى پارىژغا ، نۇپۇسقا ئالسىمۇ سىنى ئامىركا .   ھەر گۈزەل داچىدىنمۇ ئەلا بىلىنەر، تاملىرى قىڭغايغان ۋەيرانە كوچا....

شۈكۈرى اللاھ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55366
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8325
تۆھپە نۇمۇرى: 1139
توردا: 1841 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 12:38:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى مۇھەببەت تۈرمىسىگە ئەمەس، نەپىرەت تۈرمىسىگە قامىسا مۇۋاپىق بولىدۇ. قىلمىشى ئېغىرلار ئازاپ جىلغىسىغا ئۇزۇن مۇددەتلىك سۈرگۈن قىلىنىدۇ ياكى پۇشايمان زىندانىدا ئۇزۇن مەزگىللىك رىجىمغا تۇتىلىدۇ.
  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 766
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9370
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 3738 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 02:05:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك قىزىقارلىق توختام بوپتۇ جۇمۇ بۇ !!!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2031
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7579
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5047 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 02:13:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ توختامغا ئەمەل قىلىپ كەلگىلى 533كۈنچە بوپ قالدى جىمۇ ھا ھا

خەپ  ئىچكى دۈشمەن

مۇزلىماقتىمەن.....

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69195
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3928
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2012-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 09:51:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قول قۇيۇشنى خالايتىم.. ئەمما قول قويغۇدەك توختام يوق ئەمەسما..
     ھەي...............

ئۈزى ئۈچۈن ياشاركەن ھەركىم،
      شۇ كويدىمەن مەنمۇ ھەم بەلكىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9796
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8178
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 231 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2011-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 09:54:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك قىزىقارلىقكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7857
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1517 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2013-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 01:29:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68837
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3189
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2011-12-6
ئاخىرقى: 2012-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 12:18:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى توختامكەن ماۋۇ

كۈنلەر ھەمىشە ئادەمنىڭ ئويلىغىنىدەك بولىۋەمەيدۇ......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72432
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3104
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2013-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 10:48:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توختامنىڭ مەزمۇنى ئەجەپ قاملىشىپتۇ يا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76604
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3126
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2012-2-26
ئاخىرقى: 2013-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 12:10:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ماسكىلدىكەنمەن  كاچانلققا توختامغا قول قويىمىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش