
سەن سەپەر ئاتلىرىنى تۇقۇپ يېنىمدىن كەتمەك بولغىنىڭدا ، ئاشىق يۈرىگىم ھىجراب قامچىسى ئاستىدا ئاجىز تىپىرلاپ ، بىر ئۇھ بىلەن مىسكىن كۆزلىرىم ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى . دەل مۇشۇ پەيتتە ‹قاخشىدىڭ› دەپ رەنجىدىڭ .

سەن كەتتىڭ سېغىنىش ئوتلىرى يۈرىگىمنى كۆيدۈرۈپ تۈتۈنگە ئايلاندۇراي دىگەندە ، ساڭا تەلمۈرسەم ‹قاخشىدىڭ › دەپ يەنە رەنجىدىڭ .

تەشنا يۈرەك ئاشىق قەلبىمنىڭ جارچىسى بولغان ئاجىز تىلىمىنى غىدىقلاۋاتاتتى ، پۈتكۈل ۋۇجۇدۇم سېغىنىش ئۇتىدا پۇچۇلنۇپ ، بىر جۇپ نۇرسىز كۈزۈمدىن ھىجران ئۇچقۇندىللىرى چاراسلاپ يېنىۋاتاتتى .شۇندىمۇ ‹قاخشىماي› دەپ مەجروھ يۇلىنى تاللىدىم .

ناخشىللىرىمنى ئاڭلىما جېنىم ، چۈنكى كۆيلىرىمدە سەن بار .
لىرىكامنى ئۇقىما جېنىم ، چۈنكى قۇر - مىسرالىرىدا سەن بار .
كۆزلىرىمگە قارىما جېنىم ، چۈنكى قارچۇقۇمدا سىنىڭ سۈرىتىڭ ئۇيۇقلۇق .
دىمەك ماڭا نەزەرسىز يۈرگىن .يەنە رەنجىشىڭدىن قورقىمەن سىنىڭ !؟

ئاشىق قەلىبنىڭ پىچىرلاشلىرى ‹قاخشاش › بۇلۇپ قارالسا ، مەن سىنىڭ مەڭگۈ ‹قاخشاپ › تۇرشىڭغا ئىنتىزار !
