قائىدە – يوسۇنلۇق بالىلاردىن بۇلايلى !
( يېڭى يىللىق ئېتوت 2011 . 12 . 10 )
ئىككى ئوقۇغۇچى مەكتەپ فورمىسىنى كىيىپ ، گالاستۇك ، ئىزنەكنى تاقىغان ھالەتتە كىرىپ كېلىدۇ . يەنە ئىككى ئوقۇغۇچى گالاستۇك ، ئىزنەكلىرىمۇ يوق ، ئاددەتتىكى كىيىملىرىنى شۇنداق رەتسىز كىيگەن ، بىرىنىڭ قۇلىقىدا mp3 بار ، يەنە بىرى قۇلىدا پۇتبۇل تۇتقان ھالەتتە سىنىپقا كىرىپ كېلىدۇ .
جۈرئەت : مۇئەللىم ياخشىمۇسىز ؟
گۈزەلنۇر : لاۋ شى خاۋ ؟
جەۋلان بىلەن گۈزەلئاي : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ! ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن !
مۇئەللىم : ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ساۋاقداشلار ! سىلەرنىڭمۇ ئەتىگەنلىكىڭلار خەيرىلىك بولسۇن !
ساۋاقداشلار ، بىز بۈگۈن يېڭى دەرىسىمىزنى باشلاشتىن ئىلگىرى ، ئالدىنقى كۈنى سىلەرگە بەرگەن تاپشۇرۇقنى كۆرۈپ باقايمۇ !؟
مۇئەللىم : جۈرئەت بۈگۈن تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ كەلگەنسەن ؟
جۈرئەت : مۇئەللىم مەن ... مەن ... تاپشۇرۇقنى يەنە ئۇنتۇپ قاپتىمەن .
مۇئەللىم : گالاستۇكۇڭمۇ يوققۇ ؟
جۈرئەت : ئەتىگەن شۇ ئالدىراپ ...
مۇئەللىم : سىزنىڭچۇ ؟
گۈزەلنۇر : مۇئەللىم مېنىڭ دەپتىرىم بىلەن قەلىمىم يوق تۇردۇ .
مۇئەللىم : ئۈستىڭىزدە مەكتەپ فورمىڭىزمۇ يوق ، ئىزنىكىڭىزمۇ يوققۇ ؟
گۈزەلنۇر : مەكتەپ فورمام كىر بوپكىتىپتىكەن يۇيۇپ قويغانتىم . ئىزنىكىم ... ئىزنىكىم ... شۇ چۈشۈپ قاپتۇ .
مۇئەللىم : سىلەرنىڭچۇ ؟
جەۋلان بىلەن گۈزەلئاي : مانا مۇئەللىم ، بىز تولۇق ئىشلەپ كەلدۇق .
مۇئەللىم : ساۋاقداش جەۋلان بىلەن گۈزەلئاي تاپشۇرۇقلانى ناھايتتى تولۇق ھەم خۇددى مارجان تىزغاندەك دانە – دانە يېزىپ ، شۇنداق ئەستايىدىل ئىشلەپ كەپتۇ .
مۇئەللىم : ساۋاقداشلار ، ئۇنداقتا بىز يېڭى دەرىسىمىزگە كېلەيلى ... بۈگۈن بىز " قائىدە – يوسۇنلۇق بالىلاردىن بۇلايلى ! " – دېگەن تېمىدىكى دەرىسنى ئۆتىمىز .
مۇئەللىم : ساۋاقداش گۈزەلئاي سىز تېكىستنى ئوقۇڭ .
مۇئەللىم بۇ چاغدا دەرىسنىڭ تېمىسىنى دوسكىغا يازىدۇ . شۇ ئارلىقتا ئىككى ئوقۇغۇچى ئالدى – كەينىگە قاراپ پاراڭ سالدۇ . پارتا ئىچىدىن بىر نەرسىلەرنى ئىزدەيدۇ .
مۇئەللىم : كەينىگە بۇرۇلۇپ خاپا بولغان ھالەتتە ، ساۋاقداش جۈرئەت ، سىز پارتا ئىچىدىن نېمىنى تاپالمايۋاتىسىز ؟ ساۋاقداش گۈزەلنۇر ، سىزنىڭ گېپىڭىز زادى قاچان تۈگەيدۇ ؟ دەرسكە دىققەت قىلساڭلار بولمامدۇ - دەپ چېچىلدۇ .
مۇئەللىم : بولدى ، دەرىسنىڭ كەينىنى كېيىنكى سائەتتە بىللە مۇزاكىرە قىلايىلى ھازىر دەم ئېلىڭلار . مۇئەللىم چىقىپ كېتىدۇ .
دەم ئېلىش ۋاقتىدا ، ساۋاقداش جۈرئەت بىلەن گۈزەلنۇر ئەكەلگەن ئەخلەت يېمەكلىكلىرىنى بوخچىلىرىدىن ئېلىپ چىقىدۇ .
جۈرئەت : ھەي ، توخو سەن بۈگۈن نېمىلەرنى ئالدىڭ ؟
گۈزەلنۇر : خېلى جىق نەرسىلەرنى ئالدىم .
گۈزەلنۇر : سەنچۇ چاشقان ، نېمىلارنى ئالدىڭ ؟
جۈرئەت : مەنمۇ خېلى جىق ئېسىل يېمەكلىكلەرنى ئالدىم .
ئىككىسى ئېلىپ چىقىشىپ ، بىر – بىرىگە كۆز- كۆز قىلىشىپ ، تازا ئاچكۆزلۈك بىلەن يېيىشىدۇ ھەم ئەخلەتلىرىنى قالايماقان تاشلايدۇ .
جۈرئەت : ھەي ، توخو ئەكىلە ، سېنىڭكىنىمۇ يەپ باقاي .
گۈزەلنۇر : ياق چاشقان ، ئۆزەڭنىكىنى يە .
جۈرئەت : نېمىدىگەن مەززىلىك ، نېمىدىگەن يېيىشلىك ھە !
گۈزەلنۇر : شۇنى دېمەمسەن ، بەك مەززلىك ئىكەن .
جۈرئەت : ھەي توخو ، سەن بۈگۈن قانچە يۈەنلىك نەرسە ئالدىڭ ؟
گۈزەلنۇر : ئارانلا بەش يۈەنلىك ئالدىم دىگىنە .
گۈزەلنۇر : سەنچۇ چاشقان ؟
جۈرئەت : مەن ئارانلا ئون يۈەنلىك ئالدىم .
جۈرئەت : سەن ئۇ بەش يۈەننى ئاتا – ئاناڭدىن قانداق ئالدىڭ ؟
گۈزەلنۇر : دەپتەر – قەلەم سېتۋالمەن – دەپ ئالدىم شۇ ...
گۈزەلنۇر : سەنچۇ چاشقان ، قانداق ئالدىڭ ؟
جۈرئەت : سىنىپ مۇدىرىمىز ماتىريال پۇلى تاپشۇرۇڭلار دەيدۇ – دەپ ئالدىم شۇ ...
گۈزەلنۇر : يارايسەن ، سەن بەك قاملاشتۇرسەن – ھە !
جۈرئەت : ھەي توخو ، ئاۋۇلارغا ئاتا – ئانىسى پۇل بەرمەيدىكەن – ھە ؟ دائىم ئۆيىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەنى يەپ ئولتۇردۇ .
گۈزەلنۇر : شۇنى دېمەمسەن ، نېمىدىگەن بىچارە ئۇلار ... ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغىرتىپ .
جۈرئەت : مانا بىزدەك كۈنىگە 5- 10 يۈەنلىك ماگىزىندىكى ئەڭ ئېسىل ، مەززلىك يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ يېمەمدۇ – دەيمەن ، بىچارىلەر ...
شۇ چاغدا ، ساۋاقداش جەۋلان بىلەن گۈزەلئاي ئىككىسى ئۆيىدىن ئېلىپ كەلگەن بىر دانە ئالما ، يەنە بىرى بىر دانە تۇخۇمنى ئېلىپ چىقىپ ، بۇلارنى تەڭ ئىككىگە بۆلۈپ ، ئۆز – ئارا ئالماشتۇرۇپ ، بىرگە يەيدۇ . ھەم شۇ سائەتلىك دەرىس ئۈستىدە پاراڭلىشىدۇ .
ئاندىن ئوقۇتقۇچى كىرىپ كېلىدۇ .
مۇئەللىم : ساۋاقداشلار دەرىس توشتى .
مۇئەللىم : سىنىپ ، ھەتتاكى پۈتكۈل بىر زالنى سېسىتۋەتكەن نېمە ئۇ ؟ سېسىقچىلىقتا نەپەسمۇ ئالغىلى بولمايدۇ . دېرىزىنى ئېچۋىتىڭلار .
مۇئەللىم : ئەسلىدە ، سىلەر ئىككىڭلار يەنە ئەخلەت يېمەكلىك يەپسلەردە ؟ يەردىكى ئەخلىتىڭلارنى تېرىڭلار .
جۈرئەت : قۇرسىقىنى تۇتۇپ ۋايجانلايدۇ . مۇئەللىم ... مۇئەللىم .. مىنىڭ قۇرسىقىم ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ .
مۇئەللىم : بۇ – ھازىر يېگەن ئەخلەت يېمەكلىكىڭنىڭ پايدىسى . مە ، ماۋۇ بىر ئىستاكان قايناقسۇنى ئىچۋالغىن .
مۇئەللىم : ساۋاقداشلار ، سىلەرنىڭ كۈندە يەۋاتقان شۇ بەش مو ، بىر يۈەنلىك ئەخلەت يېمەكلىكىڭلار ، قەيەردە ، قانداق ماتىرياللاردىن ياسالغاندۇ ؟ قانچىلىك ئوزۇقلۇق قىممىتى باردۇ ؟ ئەمەليەتتە ، ئۇنىڭ ھېچقانداق ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق . بەلكى ، بىزنىڭ روھىيەت ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىمىزغا ، بىز تەسەۋۋۇر قىلىپ بولالمايدىغان دەرىجىدە زىيىنى بار . بىز ھازىرغا قەدەر نېمىنى يەپ ، نېمىنى يېمەسلىكنى ئايرىيالمىساق ، بىزنىڭ شۇ روشەن كۆزىمىز بىلەن ، ئۆتكۈر ئەقىل – تەپەككۈرمىزنىڭ نېمە رولى قالدى ؟ بىز شۇ كۈنىگە قانچە كويلاپ خەجلىنۋاتقان پۇللارنى ئۆزىمىزنىڭ نەپسى ئۈچۈن خەجلەپ ، ئۇنىڭ بەدىلىگە روھىيەت ۋە جىمانىي جەھەتتىن ئېغىر بۇلغىنىشقا ئۇچۇرغىنىمىز ئارتۇقمۇ ؟ ۋە ياكى شۇ پۇللارنىڭ تېجەپ ، ئىقتىساد قىلىپ ، ئۆزىمىزنىڭ بۈگۈنى ، ئەتىسى ، كەلگۈسى ئۈچۈن خەجلىگىنىمىز ئارتۇقمۇ ؟ زادى قايسى ئارتۇق ؟
مۇئەللىم : ساۋاقداشلار ، بۇياققا قاراڭلار ، دەرىسىمىزگە كېلەيلى .
بۈگۈن بىز " قائىدە – يوسۇنلۇق بالىلاردىن بۇلايلى ! " – دېگەن دەرىس ئۈستىدە توختىلۋاتىمىز .
بىز كۈنىگە سەككىز سائەتتىن بىر مەۋسۈمدە ئاز كام مىڭ سائەت دەرىس ئاڭلايمىز ، نۇرغۇنلىغان تەربىيەلەرنى قۇبۇل قىلىمىز .
لېكىن ، ھەممىڭلار كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر ، بىزنىڭ ئەھۋالىمىز مۇشۇ ...
تاپشۇرۇقلانى ئىشلىمەي ، دەرىسلەنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىماي ، ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلارنى ھۆرمەتلىمەيمىز . ئاتا – ئانىلېرىمىزغا يالغان سۆزلەپ ، ساختىپەزلىك قىلىمىز . كۈنىگە 5 – 10 يۈەنلىك ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يەپ ، ھەدەپ ئىسىراپچىلىق ، بەدخەجلىك قىلىمىز . ئۆزىمىزنىڭ روھىيەت ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىمىزنى بۇلغايمىز . يەنە كېلىپ ، ئۇنىڭ ئەخلىتىنى خالىغان يەرگە تاشلاپ ، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان مۇھىتىمىزنى يەنە ئۆزىمىز بۇلغايمىز . كىشىنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەشنى بىلمەيمىز . بىز يەنە ، بىر – بىرىمىزگە لەقەم قويۇپ ، بولمۇغۇر گەپ- سۆزلەرنى قىلىمىز .
ئەجىبا ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بۈگۈن بىز تەكىتلەۋاتقان ئەخلاقىي – پەزىلەت ، قائىدە – يوسۇن جۈمۈلىسىدىنمۇ ؟
ئەجىبا ، بىز مۇشۇنداق بالىلاردىن بۇلۇش ئۈچۈن ئوقۇپ ، مۇشۇنداق بالىلاردىن بۇلۇش ئۈچۈن بىلىم ئېلىۋاتىمىزمۇ ؟
نېمە ئۈچۈن ؟
بىزنىڭ ئوقۇشىمىز، بىلىم ئېلىشىمىز ، 21 – ئەسىردىكى راستچىل ، سەمىمىيەتچان ، روھلۇق ، جۇشقۇن ، يۈرەكلىك ، باتۇر ، تىرىشچان ، بىلىمگە ئېنتىلدىغان ، رىقابەت ئېڭىغا تولغان ، ئەخلاقلىق ، غايىلىك ، ئىنتىزامچان بالىلاردىن بۇلۇپ يېتىشىپ چىقىپ ، يېقىن كەلگۈسىدە ، مىللىتىمىزگە ، ئانا يۇرتىمىزغا ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە ، ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشلىك ھەسسىمىزنى قوشۇپ ، ئۆزىمىزنىڭ تېگىشلىك جاۋابىمىز ئارقىلىق ، مېھرى – شەپقىتىگە ، مېھرى – شەپقىتىمىزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ئەمەسمۇ ؟ !
جۈرئەت ، گۈزەلنۇر : كەچۇرۇڭ مۇئەللىم ، كەچۇرۇڭ ، بىز خاتا قىپتۇق . بىزدە ھەقەتەنمۇ نۇرغۇنلىغان ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بولغان نوقسانلار بار ئىكەن . بىز بۇنىڭدىن كېيىن تۈزىتىمىز . بىزمۇ ، سىز دېگەندەك ، قائىدە – يوسۇنلۇق بالىلاردىن بۇلىمىز . بىزنى كەچۇرۇڭ مۇئەللىم .
مۇئەللىم : ياخشى ساۋاقداشلار ، يارايسىلەر ! سىلەر ، شۇ تاپتا مىنىڭ نەزىرىمدە ئەڭ ئېسىل ، ئەڭ ئەقىللىق بالىلار سىلەر .
دۇنيادا ، خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئىنسان قۇرقۇنچلىق ئىنسان ئەمەس ، بەلكى ، خاتالىقىنى تۇنمىغان ۋە تۇنسىمۇ ئۆزگەرتمىگەن ئىنسان – ئەڭ قورقۇنچلىق ئىنساندۇر .
سىلەرگە ئوخشاش خاتالىقىنى تۇنىيالغان ھەم ئۇنى ئۆزگەرتىشكە جۈرئەت قىلالىغان ۋە ئاتلانغان بالىلارلا ، يېقىن كەلگۈسىدە ئالەمشۇمۇل ئىشلارنى ۋۇجوتقا چىقىرالايدۇ .
ساۋاقداشلار ، مەن سىلەرگە ئىشىنمەن .
مۇئەللىم ئوتتۇردا ، سەۋەنلىكى بار ئىككى بالا ئىككى تەرىپىدە ، ياخشى بالىلار ئۇلارنىڭ ئىككى تەرىپىدە ، بىر – بىرىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇشقان ھالەتتە تۇردۇ .
مۇئەللىم : قېنى كىچىك دوستلار ! بىز قولنى – قولغا تۇتۇشۇپ ، ئۆز – ئارا ئۆگۈنۈپ ، ئىتتپاقلىشىپ ، قائىدە – يوسۇنلۇق بالىلاردىن بۇلۇپ چىقىش ئۈچۈن بىرلىكتە ئالغا باسايلى ... !!!
ئاخىردا ھەممىسى بىرگە دەيدۇ .
دۇنيا گۈزەللىككە ، ئىنسانلار ئىناقللىققا ، قەلىبلەر مۇھەببەتكە چۆمۈلسۇن !!!
ئانا -تىلىمىزنى قەدىرلەيلى !
2011.12.10
بىر سىنىپتا ئىككى قىز ، ئىككى ئوغۇل تۆت ئوقۇغۇچى بۇلۇپ ، ئۇلار بىر قىز ، بىر ئوغۇل ئىككى – ئىككىدىن قېرىنداش . ئۇلار مەكتەپ فورمىسى ، گالاستۇك ، ئىزنەك تاقىغان بۇلۇپ ، شۇنداق رەتلىك كېيىنگەن .
كامىرا بىلەن يۇلتۇز ئاي : بۇ ئىككى قېرىنداشلار داۋاملىق مەكتەپتە ، دەرىس ئارلىقىلېرىدا ، يولدا ، ئائىلىدە پۈتۈنلەي خەنزۇچە پاراڭلىشىدۇ . ھەتتاكى ، ئائىلىسىدە بىر – بىرى بىلەن ، ئاتا – ئانىسى بىلەنمۇ خەنزۇچە پىكىرلىشىدۇ . پەقەت ئۇيغۇرچە پارڭلاشمايدۇ .
ئادىل بىلەن ئايگۈل : بۇ ئىككى قېرىنداش مەكتەپتە ، دەرىس ئارلىقلېرىدا ، يوللاردا ، ئائىلىدە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىدۇ . دەرىستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا پەقەت خەنزۇچە پىكىرلەشمەيدۇ .
بىر كۈنى بۇ تۆت نەپەر ئوقۇغۇچى دەرىستىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىپ بارىدۇ .
كامىرا بىلەن يۇلتۇزئاي : ئۆيلېرىگە كىرىپلا بوخچىلېرىنى پىرقىرتىپ سافا ئۈستىگە تاشلىۋىتىدۇ .
كامىرا : تېلىۋېزورنى ئېچىپ ، پۇتپۇل پىروگىرامىسىنى كۆرۈپ ئولتۇردۇ .
يۇلتۇزئاي : قۇلىقىغا mp3 نى تىقىپ ، ناخشا ئاڭلاپ غىڭشىپ ئولتۇردۇ .
يۇلتۇزئاي : 卡米拉你看什么呢?
كامىرا :我看足球比赛呢
كامىرا : 你听什么歌呢?
يۇلتۇزئاي :听印度的流行歌曲呢
ئاپىسى :你们没有作业吗?
كامىرا :我们把作业都在学校做完了
ئارقىدىن ئاپىسى ئۇلار ئىككىسىگە بىر ئىستاكاندىن چاي ئەكىلىپ بېردۇ .
ئادىل بىلەن ئايگۈل بىللە خوشال – خورال ھالدا ئۆيگە كىرىپ كېلىدۇ .
ئادىل بىلەن ئايگۈل : ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ئاپا ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟
ئاپىسى : ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام بالىلېرىم ، تېچ – ئامان قايتىپ كەلدىڭلارمۇ ؟ تامىقىڭلارنى يەۋىلىپ ، تاپشۇرۇقىڭلارنى ئشلەڭلار .
ئادىل بىلەن ئايگۈل : بۇلىدۇ ئاپا .
ئايگۈل : ئاپا قارىشىپ بېرىدىغان ئىشلار بارمۇ ؟
ئاپىسى : سىلەر ياخشى ئوقۇساڭلارلا مەن رازى .
ئۇلار ئىككىسى بوخچىلېرىدىن كىتاب ، دەپتەرلېرىنى چىقىرىپ تاپشۇرۇق ئىشلەيدۇ . تاپشۇرۇق ئىشلەش جەريانىدا بىر – بىرىگە ياردەملىشىپ بىرگە ئىشلەيدۇ . ئۇلار تاپشۇرۇقلېرىنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن ، ئادىل كىتاب ئوقۇيدۇ . ئايگۈل بولسا ، ماقالە يازدۇ .
ئايگۈل : ئادىل سەن نېمە كىتاب ئوقۇۋاتىسەن ؟
ئادىل : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئاكىمىزنىڭ " ئىز " – دىگەن رومانىنى ئوقۇۋاتىمەن .
ئادىل : سەن نېمە يېزىۋاتىسەن ؟
ئايگۈل : مەن " مېنىڭ – غايەم " – دىگەن تېمىدا ماقالە يېزۋاتىمەن .
ئۇلار ئەتىسى مەكتەپكە كېلىدۇ .
كامىرا بىلەن يۇلتۇزئاي : لاۋشى خاۋ ؟
ئادىل بىلەن ئايگۈل : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ، ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن !
مۇئەللىم : ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ساۋاقداشلار ، سىلەرنىڭمۇ ئەتىگەنلىكىڭلار خەيرىلىك بولسۇن !
مۇئەللىم : مەن سىلەرگە تېكىستنى ئالدىن ئوقۇپ كېلىشنى ھەم بىر پارچە ماقەلە يېزىپ كېلىشنىمۇ تاپشۇرغان .
مۇئەللىم : ساۋاقداش كامىرا سىز تېكىستنى ئوقۇپ بېقىڭ ؟
كامىرا : ئا ... ئالدىن ... ئالدىنئا ... لا ... تە .. تەييا .. ر ..لىق ...
ھىجىلەپ ، دۇدۇقلاپ شۇنداق تەستە ئوقۇيدۇ . ئۆزىمۇ شۇنداق خىجىل بۇلدۇ . مۇئەللىم بىر ئاز خاپا بولغان ھالەتتە ئولتۇرۇشقا بويرۇيدۇ .
مۇئەللىم : ساۋاقداش يۇلتۇزئاي سىز يېزىپ كەلگەن ماقالىڭىزنى ئوقۇپ بەرمەمسىز ؟
يۇلتۇزئاي : مېنىڭ .. مېنىڭ غا ... غايەم چوڭ بولغاندا ، بىر ناخ ... شىچى بۇلۇش . ناخ .. شىچى بۇلۇپ ، داڭ .. لىق بىر چول .. پان بۇلۇپ چىقىش .
بۇ چاغدا مۇئەللىمنىڭ تېخىمۇ ئاچىغى كېلىدۇ . ئىنتايىن قوپال ھالدا ئولتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ .
مۇئەللىم : ئادىل سىز ئوقۇپ بېقىڭ ؟
ئادىل : تېكىستنى شۇنچە راۋان ، شۇنچە ئۇچۇق ، ھېسىياتلىق ، دان – دان ئوقۇپ بېردۇ . مۇئەللىم ئىنتايىن خۇرسەن بۇلدۇ .
مۇئەللىم : ئايگۈل سىز يېزىپ كەلگەن ماقالىڭىزنى ئوقۇپ بەرمەمسىز ؟
ئايگۈل : " مېنىڭ – غايەم " – دىگەن تېمىدا شۇنداق ياخشى يېزىلغان ماقالىنى شۇنداق راۋان ، ھېسىياتلىق ئوقۇپ بېرىدۇ . مۇئەللىم بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىدىن شۇنداق رازى بۇلدۇ .
مۇئەللىم : ساۋاقداشلار ، بىز ھازىر باشلانغۇچ 6 – يىللىقنى پۈتتۈرۈپ ، پات ئارىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرماقتىمىز .
دوستلار ، بىز توغۇلۇپلا ئۆز ئانا تىلىمىز بىلەن تىلىمىز چىققان . بىز ، ئۆز ئاتا – ئانىلېرىمىز بىلەن بىرگە ياشاپ تۇرۇپتىمىز . بىز ، ئۆز مىللىتمىز ئارسىدا ، ئۆز ئانا دىيارىمىزدا بىرگە ئۆسۈپ – چوڭ بولدۇق . بىز مانا مۇشۇنداق شارائىتتا توغۇلۇپ ، ئۆسۈپ – چوڭ بۇلۇپ تۇرۇقلۇقمۇ ، باشلانغۇچنىڭ 6 – يىللىقىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان مانا سىلەرگە ئوخشاش ، مانا مۇشۇنداق چىرايلىق ، ئەقىللىق ئاز ساندىكى بالىلېرىمىزنىڭ تاكى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئۆز ئانا تىلىدا ساۋادى چىقمايۋاتىدۇ .
بۇ نېمە ئۈچۈن ؟
بۇ زادى نېمە ئۈچۈن ؟
بۇ – ئاتا – ئانىلېرىمىز ، ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلېرىمىز ، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىمىز ئۈچۈن بىر نومۇس ئەمەسمۇ ؟؟؟
بىز مانا مۇشۇندا تۇرۇقلۇق ، بىزنىڭ ئەجداتلېرمىزنى ، مەدەنيىتىمىزنى ، تارىخىمىزنى ، جۈمۈلىدىن ئۆزىمىزنى قانداق چۈشۈنمىز ؟ نېمە ئارقىلىق ، نېمە بىلەن چۈشۈنمىز ساۋاقداشلار ؟
توغرا ، بىز قۇددىرەتلىك دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇ تىلىنىمۇ ياخشى ئۆگۈنىشىمىز كېرەك . بەلكى ئەڭ ياخشى ئۆگۈنىشىمىز كېرەك . ساۋاقداش كامىرا بىلەن يۇلتۇزئايغا ئوخشاش . چۈنكى بىز دۆلەت تىلىمىزنى ياخشى ئۆگەنگەندىلا ، ئاندىن بىز دۆلىتىمىزنى چۈشۈنەلەيمىز . دۆلىتىمىزگە تېخىمۇ كۆپ تۆھپىلەرنى قوشالايمىز . دۇنياغا يۈزلىنەلەيمىز ... چۈنكى ، بىزنىڭ دۆلىتىمىز 56 مىللەتتىن تەشكىل تاپقان چوڭ دۆلەت . 56 مىللەت ، خۇددى 56 پۈرەكلەپ ئېچىلغان ، خۇش پۇراق چاچقان گۈلگە ئوخشايدۇ . ھەر گۈلنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق خۇش پۇرىقى ، گۈزەللگى بۇلىدۇ . بىز پەقەت دۆلەت تىلىمىز بىلەنلا ، شۇ 56 مىللەتنىڭ خۇش پۇرىقىنى ، گۈزەللىگىنى ئۇلارنىڭ مەدەنيىتىنى چۈشۈنەلەيمىز . بىرلىكتە ئىتتپاقلىشىپ ، بىرلىكتە گۈللىنىپ ، بىرلىكتە ئالغا باسالايمىز .
لېكىن ، بىز دۆلەت تىلىنى ئەڭ ياخشى ئۆگۈنۈش بىلەن بىرگە ، ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزغا سەل قارساق ، تاشلىۋاتساق ، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىسەك بۇلامدۇ ؟ بۇ خىل قىلمىش – مېنىڭچە بولغاندا ئەڭ ئېغىر جىنايەت . كەچۈرگۈسىز جىنايەت .
بىز بولساق ، 21 – ئەسىردىن ئىبارەت باشقا ئەللەر ئايغا ، مارىسقا يۈرۈش قىلۋاتقان ، يەر شارى ۋە ئالەمنىڭ سىرى ئېچىپ تاشلانغان ، ماكان ۋە زاماندىن ئالقىغان ، ئېلىكتىرون ، ئۇچۇر ۋە ئېلىم – پەن دەۋرىدىن ئىبارەت مۇشۇنداق بىر يۈكسەك دەرىجىدە تەررەققىي قىلغان دەۋىردە توغۇلۇپ ، ئۆسۈپ – چوڭ بولغان مىللەتنىڭ ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى ئوغلانلېرىمىز ... قۇرغۇچىلېرىمىز ... شۇڭا بىز ، دۆلەت تىلىمىزنى ، دۇنيا تىلىنى ، ئۆز ئانا تىلىمىزنى ئەڭ مۇكەممەل دەرىجىدە ياخشى ئۆگۈنۈشىمىز كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ، دەرىس ئارلىقلېرىدا ، يوللاردا ، ئائىلىمىزدە ، ئۆزمىزنىڭ ساپ ئانا – تىلىمىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشىمىز كېرەك .
چۈنكى ، ئانا – تىل ، بىر مىللەتنىڭ بەلگىسى ، ماركىسى .
چۈنكى ، ئانا- تىل ، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى .
چۈنكى ، ئانا – تىل ، بىر مىللەتىنىڭ قانچە ئون مىڭ يىللىق مەدەنيىتنىڭ جەۋھىرى .
چۈنكى ، ئانا – تىل ، بىر مىللەتنىڭ ئەقىل – تەپەككۈرىنىڭ جېنى ھەم بۇلىقى .
شۇ ئۇلۇغ ئانا تىلمىز بولغانلىقى ئۈچۈنلا ، بىز ئۆزىمىزنى ، ئۇلۇغ ئەجداتلېرىمىزنى ، شانلىق تارىخىمىزنى چۈشۈنەلدۇق . ئۆزىمىزنىڭ بۈگۈنى ، گۈزەل ئەتىسىنى ، پارلاق بولغان كەلگۈسىنى يارىتالدۇق .
كېلىڭلار ، دوستلار ، بىز ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى !!!
شۇ ئارقىلىق ، ئەتىگە ، كەلگۈسىگە ، دۇنياغا يۈزلىنەيلى !!!
بىز ، ساۋاتسىزلىقنى قايتا ئوتتۇرغا چىقارغۇچى ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرغۇچىلار بولماستىن ، بەلكى ئۇنىڭغا خاتىمە بەرگۈچىلەردىن بولايلى !!!
چۈنكى ، دۆلىتىمىز ، مىللىتىمىز ساۋاتسىزلارغا ئەمەس ، بەلكى ، بىلىملىكلەرگە ، قابىليەت ، ئىختىساس ئېگىلىرىگە مۇھتاج ... !!!