دۆلىتىمىز ھېچقاچان بۆرەك قۇۋەتلەش دورىسى ياكى بۆرەك قۇۋەتلەش ساغلاملىق يىمەكلىكىگە تەستىق بېرىپ باقمىدى
(شىنخۇا تورى بېيجىڭ 9- دېكابىر تىلىگىراممىسى.)
بىر قىسىم يىمەكلىك ۋە ساغلاملىق يىمەكلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ، «بۆرەك قۇۋەتلەيدۇ، جىنسى ئىقتىدارنى ياخشىلايدۇ» دەپ ئىستىمالچىلارنى ئالداپ ۋە خاتا يولغا باشلايدىغان قانۇنسىز قىلمىشىغا قارىتا، دۆلەتلىك يىمەكلىك – دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسى 9- چېسلا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ قاتتىق زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلدى، شۇنداقلا كەڭ ئىستىمالچىلارغا مۇنۇلارنى ئاگاھلاندۇردى:«دۆلىتىمىز ھېچقاچان بۆرەك قۇۋەتلەش دورىسى ياكى بۆرەك قۇۋەتلەش، جىنسى ئىقتىدارنى ياخشىلاش تۈرىدىكى ساغلاملىق يىمەكلىكىگە تەستىق بېرىپ باقمىدى، ئىستىمالچىلارنىڭ ئەقىل – ئىدىراك بىلەن نەرسە سېتىۋىلىشىنى، ئالدىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. »
ئىگەنلىنىشچە، دۆلەتلىك يىمەكلىك – دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ « تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ساغلاملىق يىمەكلىرى چۈشەندۈرۈشلىرىدىكى قانۇنسىز داۋراڭلارغا قاتتىق زەربە بېرىش توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇش » تەلىپىگە ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك يىمەكلىك – دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش تارماقلىرى، ساغلاملىق يىمەكلىلىرى ئىشلەپ چىقىرىدىغان ياكى تىجارىتى قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ ساغلاملىق يىمەكللىرى چۈشەندۈرۈشلىرىدىكى قانۇنسىز داۋراڭلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش ئېلىپ بارىدىكەن، بولۇپمۇ بۆرەك قۇۋەتلەش تۈرىدىكى ھەمدە جىنسى ئىقتىدارنى ياخشىلاش ئۈنۈمىگە ئىگە ساغلاملىق يىمەكلىرىگە قارىتا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدىكەن. جەمىيەتكە پاش قىلىش تېلىفونى ۋە پاش قىلىش ئىمەيىل ئادىرىسىنى ئېلان قىلىپ، ئەرىز – شىكايەتنى ئۆز ۋاقتىدا قوبۇل قىلىپ، ئىگەنلىگەن يىپ ئۇچىغا قارىتا ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مەنبەنى تېپىپ چىقىدىكەن. قانۇنسىز قىلمىشلارنى ئاشكارىلاپ، «يىمەكلىك بىخەتەلىكى قانۇنى» «گوۋۇيۈەننىڭ يىمەكلىك قاتارلىك مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش بەلگىلىمىسى» گە ئاساسەن ئېغىر چارە كۆرىدىكەن، قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئىشلەپ چىقىرىش گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنىدىكەن، جىنايەت شەكىنلەندۈرگىنىنى ج خ تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن، جېرىمانىنى جىنايەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ۋە دىلو بولسىمۇ يوللىماسلىق قىلمىشلىرى قەتئى مەنئى قىلىدىكەن. ئادەتتىكى يىمەكلىكلەرگە قارىتا قانۇنسىز داۋراڭ قىلغان ۋە تەشۋىقات قىلغان تىجارەتچىلەرنىڭ ھەممىسى، تەستىق ۋە نازارەت قىلىدىغان تارماقلارنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىغا سۇنىلىدىكەن.
دۆلەتلىك يىمەكلىك – دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسى كەڭ ئىستىمالچىلارغا مۇنۇلارنى ئاگاھلاندۇردى:«دۆلىتىمىز ھېچقاچان بۆرەك قۇۋەتلەش دورىسى ياكى بۆرەك قۇۋەتلەش، جىنسى ئىقتىدارنى ياخشىلاش تۈرىدىكى ساغلاملىق يىمەكلىكىگە تەستىق بېرىپ باقمىدى، ئىستىمالچىلار دورا ياكى ساغلاملىق يىمەكلىكى سېتىۋالغاندا چوقۇم ئەقىل – ئىدىراك بىلەن ئىش كۆرۈشىنى، ئالدىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشىنى، بۆرەك قۇۋەتلەش ۋە جىنسى ئىقتىدارنى ياخشىلاش ئۈنۈمىدىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماسلىقىنى، دورا ۋە ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقارغان ۋە تىجارەت قىلغان قىلمىشلارنى بايقىغاندا شۇ يەردىكى يىمەكلىك – دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا پاش قىلىشىنى، ئالاقىدار كىسەللەر بىلەن ئاغرىغان بىمارلارنىڭ داۋالاش ئاپراتلىرىغا بېرىپ، دوختۇر ۋە دورىگەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ماس كىلىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. »
مەنبە:
http://news.ifeng.com/mainland/detail_2011_12/09/11224631_0.shtml
ئىزاھات: تېلىۋۇزۇر ئېكرانلىرىمىز يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك قانۇنسىز يىمەكلىك، قانۇنسىز ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىنىڭ قالايمىقان داۋراڭلىرى بىلەن توشۇپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مىللىتىمىز خەلقلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دىگۈدەك يۇقىرقى مەزمۇننى كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇڭا بۇ تەرجىمە ماتىرىيالنى «مىسرانىم تورىدىن ئېلىندى» دىگەن ئىزاھاتنى قوشۇپ تۇرۇپ بارلىق چوڭ – كىچىك تورلارغا كۆچۈرۈلۈپ تارقىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.