ئانا باققۇچى
(ھېكايە)
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ساۋاقداش!
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!سىز…سىزنىڭ ئىسمىڭىز!؟
- قېنى ئىسمىمنى بىر تېپىپ بېقىڭە!
- كەچۈرۈڭ،ئىسمىڭىزنى يادىمغا ئالالمىدىم.
- مەن تۆت يىل ئارقىڭىزدىكى پارتىدا ئولتۇرغان كۇچارلىق پاتەم .
- پاتەم!!!نېمانداق ئۆزگىرىپ كەتتىڭىز!؟
- ھەدىڭىزدەكلا قېرىپ كېتىپتىمەنمۇ؟
- ياق،ياق! شۇ سەل سەمىرىپ كېتىپسىز.
- ئايال كىشى سەمىرسەكمۇ قېرىپ كەتكەندەك بولۇپ قالىدىكەنمىز شۇ.
- سىز ئۇنچە ئەمەس،شۇنداق ئوبدان تۇرۇپسىز.
- سىزنىڭ چىراي تۇرقىڭىز،گەپ سۆزىڭىز پەقەت ئۆزگەرمەپتۇ؛ئالىي مەكتەپنى ئۆتكەن يىل پۈتتۈرۈپ چىققاندەكلا.
- بايا يادىمغا ئالالماپتىمەن.سىزنىڭ سۆزىڭىزمۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردىكىدەكلا شۇنداق يېقىملىق ئىكەن.قىشلىق تەتىللىك تەربىيلىنىشكە كەلدىڭىزمۇ؟
-شۇنداق،سىزچۇ؟
- مەنمۇ شۇ،كاللامنى ئارام ئالدۇرغاچ تەربىيلىنىپ كېلەي دەپ كەلدىم. تويىڭىزغىمۇ ئېيتمىدىڭىز،بالىڭىز نەچچە بولۇپ كەتتى؟
- مەن تېخى ئۆيلەنمىدىم.
- ۋاي توۋا دەڭ،مەن ئۈچ قېتىم ياتلىق بولۇپ بولدۇم.سىز بىر قېتىممۇ ئۆيلەنمىدىڭىزما؟
- شۇنداق.
- ۋاي نېمىشقا ئەمدى؟!
- مەن ئوغۇللارنىڭ كىچىكى،سەكسان ياشقا يېقىنلاشقان ئاپام بار. ئاپامنى ئوبدان بىر بېقىۋالاي دەپ.
- بۇ نېمە دېگىنىڭىز،ئۆيلەنمىسىڭىز قانداق ئوبدان باقالايسىز؟
- بۇنى بىر ئېغىز گەپ بىلەن چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ.سىز ئۈچ قېتىم ياتلىق بولۇپسىز.بىرەر قېيىنىئانىڭىزنى ئېرىڭىزنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈپ خىزمىتىنى قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟
- قىزىق گەپ قىلىدىكەنسىز،قېيىنئانىسىنى قانداق ئېرىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرگىلى بولىدۇ!
- گەپ مۇشۇ يەردە،مەن ھازىرغىچە رىئال تۇرمۇشتا قېيىنىئانىسىنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىدىغان كېلىننى،كېلىنىنىڭ ياخشى گېپىنى قلىدىغان قېيىنئانىنى كۆرۈپ باقمىدىم.شۇڭا ئاپامنى تەڭلىكتە قالماي خاتىرىجەم باقاي دەپ ئۆيلەنمىدىم.بولمىسا ئاپام ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۆيلىنىۋېلىڭ بالام دەيدۇ.
- ئۆيدە ياتلىق بولمىغان ھەدە ياكى سېڭلىڭىز بار ئوخشىمامدۇ؟بولمىسا تاماقنى،كېيىم-كېچەكنى قانداق قىلىسىز؟
- سېڭلىم يوق،ھەدىلىرىم مەن مەكتەپكە كىرمەستە توي قىلىپ چىقىپ كېتىپتىكەن، تۆت-بەش يىلچە بولدى ئۆيدە ئانا باققۇچى خىزمەتكار قىز توختىتىۋاتىمەن.
- بەربىر ئۆزىڭىز بىۋاسىتە باقالمىغاندىن كېيىن ئاق كۆڭۈل قىزدىن بىرنى تېپىپ ئۆيلىنىۋالغان بولسىڭىز ئوبدان بولاركەن.
- ئاق كۆڭۈل قىزلارغۇ كۆپ، لېكىن شۇ يەنىلا كېلىن بولۇپ كىرگەندىن كېيىن ئۆيدىكى قېرى ئادەم،ئۇنىڭ گەپ-سۆزلىرى كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ،چوڭ كېلىنلەر بىلەن بەسلىشىدىغان،ئېرى بىلەن جىدەللىشىپ ئانىنىڭ كۆڭلىنى ئىزىدىغان گەپكەن.
- خىزمەتكار قىزلارنىڭ كۆزىگە قېرى ئادەم سەت كۆرۈنمەسمۇ؟
- بەلكىم سەت كۆرۈندىغاندۇ.لېكىن ئۇلار بىلەن توختاملاشقانلىقىمىز ئۈچۈن،ئايدا رازى بولغۇدەك ئىش ھەققى بەرگەنلىكىم ئۈچۈن كېلىندىن مىڭ ھەسسە ياخشى بولىدىكەن.
- شۇنداقتىمۇ ۋاقتىدا ئۆيلىنىۋالمىسىڭىز قانداق بولىدۇ؟
- ئۆيلىندىغاننى قاچانلا ئۆيلەنسەم بولىدۇ.ئەمما ئانامنى قاچانلا بولسا باقالمايمەن ئەمەسمۇ.
-...
مەنبە: ئۆز قەلەم