مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2336|ئىنكاس: 19

ئۇيغۇر سودىگەرلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەق-ناھەق،توغرا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66751
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4574
تۆھپە نۇمۇرى: 590
توردا: 937 سائەت
تىزىم: 2011-11-24
ئاخىرقى: 2014-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 10:00:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر سودىگەرلىرى

ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ ئادىمگەرچىلىك قارىشى ئۈستۈن. ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى قۇيۇق، راستچىل، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان خاراكتىرى ئۇلارنى باشقا مىللەتتىن بولغان سودىگەرلەردىن ئالاھىدە پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ خاراكتىرىدىكى مۇلايىملىق، كەمتەرلىك، نۇمۇسچان، باتۇرلۇق ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كەتكەن پىسخىك چۆكمە بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق سودا مەدەنىيىتىدە تارىخى خاراكتىرلىك ئىجابى رول ئوينىدى. ئۇزۇن يىللىق جاپا-مۇشەققەتنىڭ تەمى ئۇلارنىڭ تۇمۇر-تۇمۇرلىرىدا ئاقتى. ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى بولۇپمۇ ئەرەب ئەللىرى بىلەن تۇتاشقان «يىپەك يۇلى» سودا مەدەنىيىتىنىڭ مەرغۇلى ئىچىدە ئۇلارنىڭ سودا –سېتىق جەھەتتە ئېلىپ بارغان نۇرغۇن ئىزدىنىشلىرى، جاپالىق سىناقلىرى ئۇلارنىڭ روھىنى تەدرىجى تاۋلاش بىلەن بىرگە باشقا ئەل سودىگەرلىرىنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتىنى تەجىربە-ساۋاقلار بىلەن تەمىن ئەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زامانسىدىكى ئىلغار پەن-تېخنىكا كەشپىياتلىرى يىپەك يولى ئارقىلىق ئەرەبلەرگە تارقىلىپ، ئەرەبلەرنىڭ پەن- تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۆھپە قوشتى. گودۇنبورگ(مىلادى 1400-1468-يىللار)ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك ياغاچ ئويما مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسىنىڭ تەسىرى بىلەن مىلادى 1450-يىلىدىن كېيىن مىخ مەتبەئە تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ياۋرۇپا ناھايىتى تىزلا تاش مەتبەئەدىن مىخ مەتبەئەگە كۆچۈپ مەتبەئەچىلىك تارىخىدا يېڭى دەۋرىنى باشلىدى.

«قۇرئانى كەرىم» ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كالامى. «قۇرئان كەرىم» ئۆزىگە سىڭدۈرگەن مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە چەكسىزلىكى بىلەن 1400يىلدىن بىرى بۆيۈك قامۇس سۈپىتىدە كەڭ ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ قىزغىن ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان مۇقەددەس دەستۇر. ئۇيغۇر سودىگەرلىرى « قۇرئانى كەرىم» نى ئۆزلىرىنىڭ سودا قىلىش جەريانىدىكى ئەخلاقى مىزان دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىن سىرغىپ تۇرغان سەمىمىيلىك سودىنىڭ ھەربىر ھالقىلىرىغىچە سىڭگەن. ئۆز كۈچىگە تاينىپ مىھنەت قىلىش، پۇل تېپىش سودىدىكى ھالال يول دەپ تەرپلىنىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ئامانەتكە خىيانەت قىلىپ ھەرخىل جازانە قىلىش ۋاستىلىرى بىلەن پۇل تېپىش يولى سودىدىكى ھارام يول دېيىلىدۇ. ئۇيغۇر سودىگەرلىرى سودا-سېتىق جەريانىدا بۇ نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. ئىنسانىي پەزىلەتنىڭ ئۆلچىمى، پايدا ئۆلچىمى ئۇيغۇر سودىگەرلىرى دىققەت قىلىدىغان ئالھىدە سودا ئۆلچىمى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان1400يىلدىن بىرى رىئايە قىلىدىغان سودا ئەخلاق پەزىلىتىگە ئايلانغان. تارىختىن بىرى سودا تىجارەتكە ماھىرلىقى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا نام چىقارغان ئۇيغۇرلار ئىمانى كامىل، دىلىدا ھەرۋاقىت ئاللاھنى ياد ئېتىپ تۇرىدىغان خىسلەتلىرى بىلەن سودا-سېتىق ئەخلاقىنىڭ ئىزچىل ھىمايىچىلىرىگە ئايلانغان.

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن سودا ئىشلىرىغا پىششىق. ئۇزۇن يىللىق سودا ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىدە قىزىشقا بولىدىغان بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى قىزىپ چىقىپ دۇنيا بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن مۇكەممەل بىر سودا مەدەنىيىتىنى ياراتتى. گەرچە تارىخى ماتىرىياللاردا « قاشتېشى يولى» بىلەن «يىپەك يولى»نىڭ ئېچىلىش ۋاقتىغا نىسبەتەن ئىلگىرى- كېيىنلىكى توغرىسىدا مۇنازىرە بولىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ يوللارنىڭ ئېچىلىش مۇساپىسىدە ئۇيغۇرلار مەركىزى ئورۇندا تۇرىدۇ.

قاشتېشى سودا يولىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن خوتەن ۋە يەكەنلەر شىمالى جۇڭگۇ بىلەن تۇتاشتى(ت.ئا.شىركۇۋا:«ئۇيغۇرلار ۋە غەربى يۇرتتىكى باشقا تۈركى مىللەتلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى»). مىلادىدىن ئىلگىرىكى بىرىنچى 1000يىللىقتا كۆپ مىقداردىكى قاشتېشى ئىچكىرى رايۇنلارغا توشۇلدى. بۇ قاشتېشىدىن پادىشاھ ۋە پادىشاھ جەمەتىگە تۈرلۈك زىننەت بۇيۇملىرى ياسالدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ خېلى بۇرۇنلا سودا-سېتىق ئىشلرىدا رايۇن چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ بازار ئېچىش جەھەتتە ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈگىدىن پايدىلىنىپ سودىدىكى ئادىللىغى بىلەن ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنىڭ بازارلىرىنى مەلۇم تۈر بويىچە مونوپول قىلغانلىغىنى كۆرۈۋالالايمىز.

غەربى يۇرتتىن ئۆتكەن يىپەك يۇلىنىڭ مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ، ئەينى دەۋردىكى تارىخى مەلۇماتلاردا غەربى يۇرتتىن ئاساسەن ئىككى يول يەنى جەنۇبى يولۋە شىمالى يول كىسىپ ئۆتكەنلىگى قەيت قىلىنىدۇ. شۇنچە يىراق ۋە خەتەرلىك يوللاردىن ئۆتۈپ تۇرىۋاتقان تۆگگ كولدۇرمىلىرىنىڭ ئەنسىز ئاۋازى ئاستىدا تەبىئەت بىلەن قەيسىرانە جەڭ قىلىپ يىپەك يۆتكەۋاتقان قورقماس ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ جاسارىتى ئۇيغۇر روھىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ماھىيەتلىك ئىپادىسى. بۇ خىلدىكى تەۋەككۈلچىلىك ئاستىدا ئۇيغۇر روھىنىڭ پارلاق بىر جۇلاسى گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. س.ئى.رۇدېنكۇف ئەپەندى دېگەندەك «يىپەك يۇلى سودا مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇرلار ياراتقان» بۇ نەتىجە ئۇيغۇرلارغا تەئەللۇق.

ئۇيغۇر سودىگەرلىرى تەۋەككۇلچى، تىرىشچان، ئىقتىسادچىل بولۇش بىلەن بىرگە يەنە بىر ئىشنى ئالدىراپ بولدى قىلمايدىغان خاراكتېرگە ئىگە، سودا جەريانىدا ئەمەلگە ئېشىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان سودا تۈرلىرىمۇ ئۇيغۇر سودىگەرلىرنىڭ بىۋاستە قاتنىشىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ئۇزۇن يىللىق سودا ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئۇيغۇر سودىگەرلىرى سودىگەرچىلىك ئەخلاقىغا دائىر ئۇدۇم شەكىللىك سودا تەجىربىلىرىنى يەكۈنلىگەن. ئۇيغۇر سودىگەرلىرنىڭ قېنىدىن تېمىپ تۇرغان سودا گېنى سودىنىڭ ھەربىر ھالقىلىرىدا ئۆزىنى نامايەن قىلىپ تىنىقىدىن سودا پۇراپ تۇرىدىغان بىر مىللەتنىڭ شانلىق سودا تارىخىنى دۇنيادىكى بىردىن-بىر قىممەت ئۆلچىمى ھېسابلانغان ئالتۇندىن يېزىپ چىققان.

(.1.)ئى سودا قىلغۇچى زات تۇر، ئاگاھلاندۇر

زىيان تارتىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇر، كۆپ پايدا ئېلىش نىيتىدە بولما. قېرىندىشىڭ قىيىنچىلىقتا قالغاندا ئۇنىڭغا ياردەم قىل. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى سېنىڭ مال-مۈلكۈڭ خىيىم-خەتەرگە ئۇچىرىسا ساخاۋىتىڭ تۈپەيلى ئىلاھ سېنىڭ بېشىڭنى سىيلايدۇ، ساڭا ساخاۋەت كۆرسىتىدۇ. بىخىل بولما، بىخىللىغىڭ تۈپەيلى يىغقان مال-دۇنيايىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بوينۇڭغا تاقاق بولۇپ سېلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە ئىشەن، ئاللاھ كىشىلەرنى تۇپراقتىن بىنا قىلىپ زىمىنغا چۈشۈردى، قۇدرىتىڭ بېرىچە مال-دۇنيا يىغقىن،لېكىن ئۇنۇتمىغىنكى مېنىڭ قەۋمىم ئۈچۈن بىر سىناق بار، پۇل مال مېنىڭ ئۈممىتىم بىلەن سىناقتۇر.

ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ ئەقىلپاراسىتى –ئۇيغۇرلارنىڭ بىر دەۋرلىك جاپا مۇشەققىتىنىڭ جەۋھىرىدىن كەلگەن.

ئۇيغۇر سودىگەرلىرىدىكى قاراملىق-ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش جەريانلىرىدىكى تۆكۈلگەن قاننىڭ ئۇيغۇر روھىيىتىدىكى بىشارىتىدىن كەلگەن.

ئەقىل پاراسەت ئاستىدىكى قاراملىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىر خىل جاسارىتىنى نامايەن قىلىپ، ئاسىيانڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ئولتۇراقلاشقان بۇ مىللەتنىڭ سودا قىلىش جەھەتتىكى ھەرتەرەپلىمە تالانتىنى نامايەن قىلىپ تۇرماقتا.

ئۇيغۇرلارنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلغاندا ئۇلارنى بىردىن-بىر شۆھرەتكە ئىگە قىلغان نەرسە ئۇلاردىكى بايلىق توپلاش روھى. ئۇيغۇرلاردىكى بايلىق توپلاش روھى ئاللاھ بىلەن ئالتۇن ئوتتۇرىسىدىكى چەكسىزلىك ئىچىدە مەڭگۈ داۋاملىشىپ ئۇيغۇرنىڭ چەكسىزلىككە سوزۇلغان « سودا مەدەنىيىتى»نى مەيدانغا كەلتۈرگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ پۇل تېپىش جەھەتتىكى قۇدىرىتى ئۇلارنىڭ ئاسىيا رايۇنىدا زىمىنى ئىنىتايىن چوڭ بولغان «يەكەن خاندانلىغى»دىن ئىبارەت بىر خاندانلىقنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئەڭ يۈكسەك پەللىگە چىقىپ، ئۇلارنىڭ روھىدا چاپچىپ تۇرغان بىر خىل ئىلاھى قۇدىرەتنى نامايەن قىلغان. تارىخى ماتىرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە خانلىق تەۋەسىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەر سودا-سېتىق ئىشلىرىدا شۆھرەت تېپىپ قەدىمكى يىپەك يولى قايتىدىن جانلانغان. خانلىق تىرىتورىيىسىدە كارۋان سارىيى 1730غا، بازار198گە، سودا دۇكانلىرى 889غا يەتكەن. پۇلنىڭ ۋە ئىلاھنىڭ قۇدرىتى سېنى پادىشاھلىقتا سىنايدۇ. ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ كاللىسىدا بىردىن تەخت بار. بۇ ئىمتىياز ئۇلارنىڭ روھىنىڭ قارام، تەۋەكككۇلچى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا ئانا بولغان بۇ خىلدىكى ئۆز-ئۆزىنى قۇدىرەت تاپقۇزۇشقا بۆشۈكلۈك رول ئويناتقان مىللىي خاراكتىرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەرۋاقىت ھەمرا بولۇشى ئىلاھنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن شاپائىتى.

ئىلاھ ئۇيغۇرغا دەيدۇ:

-ئى سودىگەر مىللەت، يەر ۋە زىمىننى سېنىڭ پايدىلىنىشىڭ ئۈچۈن بەردىم، قۇدىرىتىڭ بىلەن زىمىندىكى بايلىقتىن ئۇزۇق ئال، نامراتلارنىڭ نېمە ئۈچۈن نامرات بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تاپ، ئاندىن ئۇلارغا شاپائەت قىل، ئايىغىڭ ئاستىدا مۆلچەرلىگۈسىز بايلىق تولۇپ يېتىپتۇ، تۇر...ئاگاھ بول ۋە ئاگاھلاندۇرغىن!!!

(.2. )ئىلاھ بىزگە ئوت بەردى

ئى سودا قىلغۇچى زات، تەقدىرىڭنى تۇنۇپ يەت. مەن ساڭا بىرخىل قۇدىرەتنى ئاتا قىلدىم، بۇ قۇدىرەتنىڭ ماھىيىتىنى پۇل دەپ چۈشەن. بايلىق ۋە پۇل سېنىڭ مەۋجۇتلىقىڭنى نامايەن قىلىدىغان زامان ئاللىقاچان يېتىپ كەلدى، بىراق ئۈممەتلىرىڭدىن ياردىمىڭنى ئايىما! بىراۋغا بىراۋ قىلچىلىك ياردەم قىلمايدىغان، ھىچكىشىنىڭ ئىدىيىسى قۇبۇل قىلىنمايدىغان، ھىچكىشنىڭ شاپائىتى پايدا كەلتۈرمەيدىغان، ھىچكىم-ھىچكىمگە ياردەم قىلمايدىغان كۈندىن قورق!!!

سودىغا بولغان ھىرىسمەنلىكىڭ ۋە ئىستىياقىڭنى روھىڭنىڭ ئاللاھقا بولغان سېغىنىشنىڭ تەنتەنىسى دەپ چۈشەن. بۇ بۈيۈك نىيتىڭنىڭ ئىقبالىغا ئاللاھ ھەمدەم بولىدۇ ۋە سېنىڭ روھىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ ئىشلىرىڭنىڭ نۇسىرەتلىك بولۇشى ئۈچۈن ئەقلىڭنى نۇرلۇق قىلىپ ياراتتى، بىراق شەيتاننىڭ ساڭا بولغان زىيانكەشلىگى تۈپەيلىدىن ئىشرەت ساڭا سايىدەك ئەگىشىپ يۈرىدۇ، شاراپنىڭ كەيپى سېنى ئەقىل ۋە نۇسىرەتتىن يىراق قىلىدۇ. ئۆز قۇدرىتىڭنىڭ چەكلىكلىكىگە ئىشىنىش بىلەن بىرگە ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيت! ئەزىز تۇپراقنىڭ ھەربىر زەرچە بايلىغىنى تېمىم-تېمىم قېنىڭدىنمۇ ئەزىز بىل! پۇل سېنىڭ قەلبىڭدە يانغان ئوت بولغىنىدا، تۇپراقنىڭ شۇ پۇلنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدىغان تۈگىمەس بۇلاق ئىكەنلىكىگە ئىشەن. بۇ توغۇرلۇق مەن ساڭا مۇنۇ ھېكايىنى سۆزلەپ بىرەي.

ئوت، تۇپراق، پۇل

ئوت دىدىلەر:

-ئى تۇپراق، مېنىڭ ھەيۋىتىم ۋە قۇدرىتىمنى بىلگىنكى مەن ناھايىتى روشەنلىكىم بىلەن كېچىنى كۈندۈز قىلىمەن، نۇر مەندىن تارقىلىدۇ.

-ئى ئوت، سېنىڭ بارلىق ھىيلە-مىكىردىن ئىبارەت ئالەمنى بۇزىۋەتكۈدەك تەكەببۇرسەن. مېنىڭ ئىشىم ئىززەتنىڭ تاجىنى خاك ئورنىغا تاشلاشتۇر-دېدى تۇپراق.

-ئى تۇپراق، مەن نۇر چېچىپ تۇرىدىغان بىر گۆھەر، ئەتە-ئاخشام قاراڭغۇ ئۆيلەرنى يورۇتىمەن، دوزاختا دۈشمەنلەردىن ئىنتىقام ئالىمەن-دېدى ئوت.

-ئى ئوت، بىلگىنكى ئۆزۈڭگە كۆپ تەمەننا قويما، بىلگىنكى ئىززەت ھۆرمەت خارلىقتىن، راھەت ساخاۋەتتىن تېپىلىدۇ. مېنىڭ ئەزىز بولۇشۇم خارلىقتىن كەلگەن. چۈنكى ھەممە ئالەمنىڭ ئېغىرلىقىنى مەن كۆتۈرىمەن. مەن كۆپ بالا-چاقىلىق، ئالەمنىڭ گۈزەللىكى مېنىڭ پەرزەنتلىرىم بىلەن بولىدۇ، ئاللاھ قەسىرىنىڭ ئاستانىسى روھ قۇشىنىڭ ئاشىيانىسى مەندىدۇر، ئاللاھنىڭ خەلىپىلىرىنىڭ تەختىگاھى، ھەزرىتى مۇھەممەد مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ جايى مەندىدۇر. مەن بارلىق دەل-دەرەخ ئۆسۈملۈكلەرگە مىھرى-مۇھەببەت ئەمچىگىدىن سۈت ئەمگۈزىمەن. ئالەمى غەيىپنى ئىپار-زەپەر، مۇشىك ئەنبەر ھىدى بىلەن خۇشبۇي قىلغۇچىمەن، بىھىشنىڭ ھۆر غىلمانلىرى مىنى كۆزلىرىگە سۈرمە قىلىپ تارتىدۇ، مەن بىلەن يېقىن تۇرۇپ سۆزلىشىدۇ، مەن بارلىق يۇشۇرۇن خەزىنىچىلەرنىڭ ئامبارچىسىمەن. ئى ئوت،ئازازۇل ئادەم ئەلەيھىسسالامغا شەجدە قىلىشتىن باش تارتتى، سەجدە قىلىشنى نۇمۇس دەپ بىلدى،«مەن ئوتتىن يارالغان تۇرسام، تۇپراقتىن يارالغان ئادەمگە باش ئۇرامدىمەن»دىدى، شۇنىڭ بىلەن پەرىشتىلىك مەرتىۋىسىدىن چۈشۈرۈلۈپ دىۋە سۈرىتىدە قىلىندى، ئازازۇللۇقتىن مەلئۇنلۇققا تايىن تاپتى، بىھىشتىن قوغلۇنۇپ زىمىنغا چۈشۈرۈلدى، تاج دۆلەتتىن مەھرۇم قىلىنىپ غەم مۇشەققەتكە مۇپتىلا بولدى، پىشۋالىقى ئېلىنىپ رەسۋاچىلىققا دۇچار بولدى.

-ئى ئوت، شەيتاندىكى ئۇلۇغلۇق ۋەسۋەسىسى ئۇنى ئىززەت ۋە ھۆرمەتتىن مەھرۇم قىلدى. بىزنىڭ چەكلىك قۇدىرىتىمىز ئاللاھنىڭ شاپائىتى بىلەن نۇسىرەت تاپقاندا ئۇنىڭ مىھنىتى ھەقىقەتەن ئۇلۇغ بولىدۇ، شۇ سەۋەبلىك پۇلنىڭ قۇدرىتىمۇ چەكلىك بولىدۇ.

ئۇيغۇرلار تۇپراقنى ئەزىز بىلىدۇ. شۇ سەۋەبلىك تۇپراققا سىڭگەن  مىھنەتنىڭ نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقلار داۋامىدا ۋايىغا يىتىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتىسىگە بولغان ئىشەنچىنى مۇكەممەللەشتۈردى، ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ چېھرىدە پارلىغان ئۈمىد كۆلەڭگىسى ئەتىگە بولغان مىھنەتنىڭ داۋامىدا پانى دۇنيانىڭ قەرزلىرىنى تۇلۇق ئادا قىلىپ باقى دۇنيانىڭ جەننىتىگە كىرىش ئۈچۈن تەييارلاندى. توپان بالاسىنىڭ دەھشىتى زىمىننى قاپلىغاندا ئاللاھ بىر ئۇيغۇر سودىگەرنى قۇتقۇزۇپ قالدى، زىمىننىڭ مەئشىتى ۋە ساخاۋىتىنى ئۇيغۇرلارغا بەردى، ئۇيغۇرنىڭ شاپائىتى بىلەن زىمىن نۇرلاندى.

(.3.)يارالمىشىڭ ئۆزۈڭدىن

ئى سودا قىلغۇچى زات، مەن سېنىڭ قېنىڭنى تېتىپ كۆرۈپ سەندىكى ئاجىزلىقنىڭ ئاساسىنى تېپىپ چىقتىم. سەن بۇنى يۈرۈگۈڭ بىلەن ئوقۇ،قاتتىق سىناق ئاستىدىكى ئەۋلادلىرىڭ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالسۇن!!!

بىز ئۇيغۇرلاردا «تاما-تاما كۆل بولار» دىگەن شۈكۈرگەرچىلىككە تولغان، خەلقىمىزنىڭ قانائەت پىسخىكىسىنى ئەڭ مۇپەسسەل ئىپادىلەپ تۇرغان بىر جۈملە ماقال-تەمسىل تۇرۇپتۇ. بۇ بىر جۈملە ھىكمەتنىڭ خاسىيىتى-ئۇيغۇر تىجارەتچىلرىمىزنىڭ ئېڭىغا شۇ قەدەر يىلتىز تارتىپ كەتكەن ئىكەنكى، ئۇلار مەلۇم مەنىدىن بىراقلا بېيىپ كېتىش ئىھتىماللىغىنى بىر شىرىن چۈش خىيالى بۇيىچە تەپەككۇر قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئۇيغۇرلاردا ھەممە ئىشنى كىچىگىدىن باشلاشتىن ئىبارەت بىر خىل مۇكەممەل سودا ئۇدۇمى بار. يەنە تىجارەتچىلىرىمىز بىر خىل تىجارەتكە كىرىشكەن ئىكەن بىر ئۆمۈر شۇ خىل تىجارەتنىڭ يولىنى تۇتىدىغان، شۇ خىل تىجارەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىپ مەيلى چوڭ ياكى كىچىك تىپتىكى تىجارەت بولسۇن شۇ خىل تىجارەتنىڭ نېنىنى يەيدىغان بىر پۈتۈن تىجارەت ئۇسۇلىمۇ بار. بۇ خىلدىكى سودا ئۇدۇمى شۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى تىجارەتچىلىرىمىز ئادەتتتە كۆزى ئۇلاشمىغان، پايدا زىينى ئېنىق بولمىغان تىجارەت تۈرلىرىگە ئالدىراپ مەبلەغ سالمايدۇ، شۇ سەۋەبلىك سودىدا تەدرىجى تەرەققىي قىلىش يۆلىنىشى بۇيىچە قاتلاممۇ-قاتلام ئەستايىدىل ئويلىنىش ئارقىلىق تىجارەت دائىرىسىنى مەلۇم نىسبەتتە كېڭەيتىشنى بىر خىل خەتەرسىز بولغان تىجارەت يولى دەپ قاراپ كەلگەن. بىراقلا كۆپ پايدا ئېلىشقا بولىدىغان سودا تۈرلىرىمۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خەتەرلىكتۇر. باققالچىلىقتىن تارتىپ توپ تارقىتىش شىركىتىنىڭ لىدىرىغىچە سېتىپ چىقىرىشنى ئەڭ مۇھىم ھالقا دەپ تونۇسمۇ، تىجارەت كىرىمىگە ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت بىر پۈتۈن جەرياننى تاماملىغىچە ئىنساپنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ قوللىرىدىكى ماللارنىڭ ئېھتىياجنى تەمىنلەش ۋە تەمىنلىيەلمەسلىگىدىن قەتئىينەزەر قىممەت قانۇنى بىلەن ئانچە ھېسابلىشىپ كەتمەيدۇ.

بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قانائەت پىسخىكىسىنڭ ئەڭ جانلىق ۋە ئەڭ پائالىيەتچان تەدبىقلىنىشى بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ سودا-سېتىق جەريانىدا ئوينىغان ئىجابى رۇلى ئەڭ ئۇتۇقلۇق ۋە ساخاۋەتلىك بولدى. تىجارەتچىلەر سودا بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ھاياتنىڭ مەنىسىگە بولغان ئىچكىرىلەپ كىرىش جەريانىدا بۇ نوقتىنى تونۇپ يېتىپ، پۇلغا كەلگەندە ئۆزىنى ئويلاش بىلەن ئىستىمالچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈردى.«ئالدىرىغان چۆلدە قاپتۇ» دېگەندەك ھەقىقىي قىممىتىدىن بىر قانچە ھەسسە كۆپتۈرۈپ مال سېتىشتەك ئۇسۇللار ئۇيغۇر سودىسىدا جازانىخورلۇق دەپ ئەيپلەندى. تۆۋەندىكى تۈلكىنىڭ ھېكايىسى بۇنىڭغا مىسال بۇلالايدۇ.

ئۈزۈمزارلىقتىكى ئۈزۈملەر تازا مەي باغلىغان چاغ ئىدى. باراڭدىكى سانجاق-سانجاق قىزىرىپ پىشقان ئۈزۈملەر كۈن نۇرىدا ئوتقاشتەك جىلۋىلىنىپ، كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلاتتى. بىراق ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىنى ئىگىز قاشا تاملار ئوراپ تۇرغاچقا، قېرى تۈلكە كىرىشكە زادى ئىلاج قىلالماي قالدى. بىراق ئۇ جان جەھلى بىلەن تىنىمسىز قاشا ئەتراپىنى چۆرگىلەۋىرىپ ئاخىرى بىر تۆشۈك تاپتى. ئەمما،بۇ تۆشۈك تولىمۇ كىچىك بولغانلىقتىن تۈلكە ئۇدا ئۈچ كۈن ھېچنىمە يېمەستىن ئۇرۇقلاپ، ئاندىن بۇ تۆشۈكتىن كىرىۋالالىدى.

ئزۈمزارلىقتىكى ئۈزۈملەرنى دۇنيادىكى ئەڭ تەملىك ئۈزۈملەر دېيىشكە بۇلاتتى. تۈلكە شۇ ئولتۇرىشىدىلا ئۈچ كۈن ئۈزۈم يىدى. توختىماي يەۋەرگەنلىكتىن تۈلكە سەمىرىپ تۆشۈكتىن چىقالماي قالدى. ئىلاج يوق، قېرى تۈلكە پەقەت يەنە ئۈچ كۈن تاماق يىمەي ،بۇرۇنقى ئورۇقلۇق ھالىتىگە قايتقاندىلا ئاندىن بۇ تۆشۈكتىن چىقىۋالالايتتى.

دەل مۇشۇ ئاساس ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنى باشقا مىللەتتىن بولغان سودىگەرلەردىن ئالاھىدە پەرىقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان بەلگە بولغانلىقى ئۈچۈن پۇل بىلەن ئاللاھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى خاسلىق ئۇيغۇر سودىسىنىڭ قاتلاملىرىدا باشتىن-ئاخىر«خەلقچىلىك»نى مۇھىم ئۇرۇنغا قويۇپ كەلدى.

21 –ئەسىر ھارپىسىدا بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز تەرەققىياتى خەلىقئارادا ئاللابۇرۇن بازار تەھلىلىدىن تارتىپ سېتىپ چىقىرىش ھالقىلىرىغىچە بولغان بىر پۈتۈن سودا ئانالىزلىرىنى كومپىيوتىر ئارقىلىق ئېلىپ بارىدىغان بولدى. بىز ئۇيغۇرلاردا تىجارەت يۆنىلىشى، تىجارەت ئۇسۇلى، تىجارەت تاكتىكىسى، ئۇچۇر توپلاش، ئىقتىسادى مەنپەئەت، پاي. . . قاتارلىق ئاتالغۇلار دەسلەپكى چۈشەنچە ھالىتىدە ئەمدىلا بىخ سۈرۈپ چىقىشقا باشلىدى. ئۆمۈر بويى ئاللانىڭ ئلتىپاتىغا ئېرىشىش پۇرسىتى بەك كۆپ بولمىسا كېرەك.ئى مۇھەممەد!! ئۆمۈر بويى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ باشقىلارغا ساخاۋەت يەتكۈزگۈچىلەرگە ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدىغانلىقى بىلەن خوش خەۋەر بەرگىن، (قۇرئانى كەرىم «سۈرە بەقىر»).ئۇيغۇرلار پۇل تېپىش جەريانىدا ئەتراپىدىكى كىشلەرگە قولىدىن كېلىدىغانلىكى ساخاۋەتلەرنى يەتكۈزدى. ئۆزلىرىنىڭ مۇلايىملىغى، سودىدىكى سەمىمىيىتى بىلەن دوست تاپتى. ئاللانىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتى. سودا-سېتىق جەريانلىرىدىكى قاتلاممۇ-قاتلام ئۇچۇر توپلاش تىجارەت يۆنىلىشىنى بەلگىلەش،قايسى خىل تىجارەتنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بۇلىدىغانلىغى قاتارلىق نازۇك مەسىللەر ئۇلارنىڭ ئەقىل-پاراسەتلىرىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە يىللاردىن بېرى داۋاملاشتى.

ئۇيغۇر سودىسىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزۈكچىلىك كۆپ. كۆپ قېتىم تالاپەتكە ئۇچرىغان. بۇ خىلدىكى مۆلچەرلىگۈسىز بوشلۇق ئاستىدىمۇ ئۇيغۇر سودىگەرلىرىمىز ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى، ئالماشتۇرۇش ،تەقسىم قىلىشنىڭ راۋان بۇلىشى، ئىستىمال ھالقىسىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىقلارغىچە ئەستايىدىل ئانالىز قىلىپ مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە. بىزنىڭ تىجارەتچىلىرىمىز پۇل، پاراسەت ۋە زېھنى كۈچىنى شۇ قەدەر ئەستايىدىل ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن بىر كېچىدىلا پۈتۈنلەي ۋەيران بۇلۇپ كېتىدىغانلار ئاساسەن يوق دىيەرلىك. ئىقتىسادى مەنپەئەتنى مەركەز قىلىپ رىقابەتنىڭ ئادىل بۇلۇش-بولماسلىقى بىلەن ھىسابلاشمايدىغان،ئۇچۇر تورلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بازارنى مونۇپۇل قىلىش، كەڭ ئىستىمالچىلارنى كەڭ تۈردە قاقتى-سوقتى قىلىش ھىسابىغا ئۆزىگە كۆپلەپ ئىقتىسادى كىرىم توپلاۋاتقان كاپىتالىستلار دۇنياسىدا بۈگۈنكى كاتتا مىليونىرنىڭ ئەتىكى گادايغا ئايلىنىشى، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش ئاساسىدا ئورتاق تەرەققى قىلىشتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن بولمايدىغان، ئادالەتسىزلىك،مەغلۇبىيەتلىك سودا كۆرۈنۈشلىرىنى كۈندە دىگۈدەك ئاڭلاپ تۇرۇپتىمىز. يۇقارقى چۈشەنچىلەر بىزگە2خىل چۈشەنچىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ، بىرى تاپقانغا شۈكۈر قىلىش، تىجارەتنىڭ مەلۇم يۆنىلىشى بۇيىچە ئىش كۆرۈپ مەبلەغ سېلىش داھىرلىرىگە قارىتا ئېھتىياتچان پوزىتسىيىدە بۇلۇش، يەنە بىرى قانائەتتىن ھالقىپ ئۆتۈپ مەلۇم تەۋەككۇلچىلىك قىلىش ئارقىلىق ۋاقىتنى ئالدىغا سۈرۈش، بۇخىل ئۇسۇلنىڭ خىيىم-خەتىرى كۆپرەك.

دۇنيانىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا كەلگۈسىدە زادى كىمنىڭ ئۈزۈپ چىقىشىغا نىسبەتەن چوڭ بىر سۇئال بەلگىسى تاشلاقلىق! بۇ سودا پۇرسىتىنى كىمنىڭ بۇرۇن بايقىۋېلىشىغا مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئامەت دەل ئۆزىمىزنىڭ قولىدا. شۇنى ئۇنۇتماڭكى-ئۆزىڭىزگە نىسىپ بولغان ئامەتنى قولدىن بېرىپ قويماڭ، يەنە شۇ ئىسىڭىزدە بولسۇن، بىزدە«يوتقانغا قاراپ پۇت سۇن»دىگەن ھېكمەت بار.

ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇئەييەن دائىرىدە ئۆزىنى چەكلەپ تۇرۇش يەنە ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈچۈن چىكىنىش. تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ ئاستا-ئاستا ئۆرلەش- بۇ سودىدىكى ئەڭ پايدىلىق مۇداپىئە ئۇسۇلى.

ئامرىكىدا ئوقۇۋاتقان بىر كومپىيوتىر كەسپى دوكتۇرى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن،ئامرىكىدا قېلىپ خىزمەت ئىزدەپتۇ. نەتىجىدە نۇرغۇن شىركەتلەر ئۇنى قۇبۇل قىلماپتۇ. ئويلىنا-ئويلىنا ئاخىرى

بارلىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلوملىرىنى يىغىشتۇرىۋېتىپ«ئەڭ تۆۋەن سالاھىيەتلىك كىشى»قاتارىدا قايتا خىزمەت ئىزدەپتۇ.

ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ بىر شىركەتنىڭ كومپىيوتىرخانىسىدا پىروگرامما كىرگۈزگۈچىلىككە تەكلىپ قىلىنىپتۇ. ئەلۋەتتە بۇ خىزمەت ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا خۇددى«زەمبىرەك بىلەن ئۆردەك ئاتقان»دەكلا ئىش بولسىمۇ، ئۇ قىلچە بىخەستىلىك قىلماي ئىشلەۋېرىپتۇ. خوجايىن ناھايىتى تىزلا ئۇنىڭ پىروگراممىلاردىكى خاتالىقلارنى تېپىش جەھەتتە تالانتى بارلىقىنى ئادەتتىكى خىزمەتچىلەردىن خېلى پەرقلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىپتۇ. بۇ چاغدا ئۇ باكلاۋېرلىق كېنىشكىسىنى چىقىرىپتىكەن، خوجايىن ئۇنى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر ئىشلەيدىغان كەسىپلەرنى ئىشلەشكە تەيىنلەپتۇ.

بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن خوجايىن يەنە ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلىتىلىش ۋە كېڭەيتىش قىممىتىگە ئىگە تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرەلەيدىغانلقىنى، بۇنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى بايقىغان چېغىدا ئۇ ماگىستىرلىق ئۇنۋان كېنىشكىسىنى كۆرسىتىپتىكەن،

خوجايىن ئۇنى يەنە ئۆستۈرۈپتۇ.

يەنە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، خوجايىن ئۇنى يەنىلا باشقىلار بىلەن بىر ئورۇندا قويۇپ سېلىشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۇنى «سوراق» قىپتۇ. ئۇ شۇندىلا ئاندىن دوكتۇرلۇق كېنىشكىسىنى چىقىرىپتۇ. خوجايىن ئۇنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ سەۋىيىسىگە قارىتا ئۇمۇميۈزلۈك تونۇش ھاسىل قىلىپ، ھېچقانچە ئىككىلەنمەستىنلا ئۇنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ مۇھىم خىزمەتكە قويۇپتۇ.

(.4.)مۇھەممەد،«قۇرئان» ۋە ئۇيغۇر

بىر شانلىق مۇساپىنى ساڭا تەقدىم ئەتتىم، سەن بۇ مەئىشەتنى دۇنيادا ئۆزۈڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان كىشلەرگە بەرگىن! ئاندىن ئۆزۈڭ نۇر بۇلۇپ مېنىڭ قېشىمغا كەلگىن! بىلسەڭكى مەن سېنىڭ قەلبىڭدە مەڭگۈ نۇر چېچىپ تۇرىمەن، شۇ سەۋەپتىن سېنىڭ قەلبىڭ ھەر ۋاقىت ئوچۇق، ئەقلى نۇرۇڭ ئۆتكۈر، يوللۇرۇڭ داغدام بۇلىدۇ.

مەن سېنى پاك دادا ۋە پاك ئانىدىن ئاپرىدە قىلدىم، سېنىڭ قەبىلەڭ قۇرەيىش، دۇنيادا سەندەك بىر پاك ئىنسان يوق،سەن دۇنيادا زۇلۇم تارتىۋاتقان بارلىق كىشلەرنى زۇلۇمدىن ئازات قىل!چۈنكى سەن زىمىندىكى ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر!

مىلادىيە571-يىلى4-ئاينىڭ21-كۈنى ھاشىم كوچىسىدا ئەبۇتالىپ ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ قوروسىدا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك بىر ۋۇجۇت دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يانغان نۇر يەتتە ئىقلىمنىڭ جىمىكى ۋەسىدلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ يىغلىدى. ئۇنىڭ يىغىسىدىن زىمىندىكى بارلىق مەۋجۇدات سىلكىنىپ ئويغاندى، بۇ بوۋاق ئاللاھ تەرىپىدىن پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلغان«تەۋرات»،«ئىنجىل»قاتارلىق مۇقەددەس كىتاپلاردا ئىسمى زىكرى قىلىنغان ئاللانىڭ زىمىنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىدى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنىكئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولدى. دەل مۇشۇ پەيتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆكرىكى يېرىلىپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى چىقىرىپ تاشلاندى. بۇ ۋەقەدىن قورقۇنۇش ئىچىدە قالغان ھەلىمە ئۇنى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ھەلىمە بۇ ۋەقەنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ:«ئۇ قېرىنداشلىرى بىلەن ئۆيىمىزنىڭ ئارقىسىدا قوزىلار ئارىسىدا ئويناۋاتاتتى، مېنىڭ بالام يۈگۈرۈپ كىرىپ ماڭا ۋە دادىسىغا( ھېلىقى قۇرەيىشلىك قېرىندىشىمنى ئاق كىيىملىك ئىككى كىشى تۇتىۋېلىپ ياتقۇزۇپ،قورسىقىنى يېرىپ قامچا بىلەن قوچۇۋاتىدۇ،)دېدى. ئاتىسى بىلەن ئىككىمىز چىقىپ قارىساق ئۇنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كېتىپتۇ، ئىككىمىز ئۇنى قۇچاقلاپ:-نىمە بولدۇڭ ئوغلۇم؟-دەپ سورىساق،ئۇ ئاق كىيىملىك ئىككى كىشى كېلىپ بىرى يەنە بىرىگە مۇشۇمۇ؟- دىۋىدى،بىرى شۇ!-دەپ جاۋاپ بەردى،شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماڭا ئېتىلدى ۋە مېنى ياتقۇزۇپ قورسىقىمنى يېرىپ بىر نەرسىنى ئاختۇرۇپ ئېلىپ تاشلىۋەتتى. ئۇنىڭ نېمىلىگىنى ئۇقمايمەن،-دېدى». ئاللاھنىڭ پەرىشتىلەر ئارقىلىق مۇھەممەدنىڭ قورسىقىدىكى شەيتان ۋەسۋەسىنى ئېلىۋېتىش ئارقىلىق ئۇنى مۇكەممەل بىر ئادەم قىلىپ يىتىشتۈرۈشكە باشلىغانلىغى مۇھەممەدنىڭ كىچىگىدىن باشلانغان.

مۇھەممەد پەيغەمبەر يەنە ئۆز نۆۋىتىدە پىشقان سودىگەر،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام25ياشقا كىرگەندە شامغا سەپەر قىلدى.ئەسەد جەمەتىدىن خۇۋەيلىدنىڭ قىزى خەدىچە ئېسىل،باي سودىگەر خېنىم ئىدى،كىشلەرنى ياللاپ تىجارەتكە سالاتتى،شېرىك تىجارەت قىلاتتى، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىچ كىشىنىڭ ھۇجۇدىدىن تېپىلمايدىغان سەمىمىي، راستچىل ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۇنى ياللاپ تىجارەت ئۈچۈن شامغا ئەۋەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شامغا سەپەر قىلغاندا، ئاللا ئۇنى ھۆرمەتلەپ بۇلۇتنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن، تومۇز كۈنلىرىدە بۇلۇت ئۇنىڭغا سايە تاشلاپ تۇراتتى، كارۋاندىكى ھىچ بىر كىشى بۇ سايىدىن بەھرىمان بولمايتتى، خەدىچەنىڭ بۇ سەپەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قېتىپ قويغان خىزمەتكارى مەيسەرە بۇنى خوجايىنغا سۆزلەپ بەردى. شۇنداقلا بۇ قېتىمقى سەپەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنتايىن كۆپ پايدا ياراتتى، بۇ سەپەردىن تۈرلۈك بەرىكەتلەر كۆرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن خەدىچە مۇھەممەد پەيغەمبەرنى ياقتۇرۇپ قالدى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى بۇ ھېكمەتتىن شۇنى بىلىۋالالايمىزكى ئۇنىڭدىكى سودىغا بولغان سەمىمىيلىك، چاققانلىق ئۇنى تۇنجى نىكاھقا مۇشەررەپ قىلغان. شۇ سەۋەپلىك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا بىر سودىگەر بۇلۇپ گەۋدىلىنىدۇ.

قۇرئانى كەرىم ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كالامى، ھەربىر كەسىپ، ھەربىر ھۈنەردە ھۈنەر ئۇستىلىرى ھەربىر كەسىپنىڭ پىر ئۇستازلىرى بۇلىدۇ دەپ قاراپ«قۇرئانى كەرىم»دىكى، سۈرە-ئايەتلەردىكى ئۆز كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك نوقتىلارغا ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قارايدۇ.«قۇرئانى كەرىم»دە سودىنى يىتەكلەيدىغان ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا پىشاڭلىق رول ئوينايدىغان نۇرغۇنلىغان مۇقەددەس ئايەتلەر بار. ئىسلام دىنى ماددى نەرسىلەرنى ئالماشتۇرۇشقا ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن سودىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، سودىنى تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ كۆۋرۈكى دەپ قارايدۇ، ھەم سودىنىڭ قىممىتنى تۇلۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. تىجارەت سەنئىتى جەھەتتە پىشقان، ئادىل سودا قىلىدىغان كىشلەر توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن ئىدى:-«ئاللا ئشقا پىشقان كىشلەرنى ياخشى كۆرىدۇ»،«ئاللا ئىشقا ماھىر مۆمىنلەرنى ياخشى كۆرىدۇ».

ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان1200يىلدىن بېرى ئۇيغۇر سودىسى ئىسلام دىنىنىڭ تەرەققىپەرۋەر ئىدىيىلىرىنىڭ تەسىرىنى ئەڭ ئاكتىپ قوبۇل قىلدى. ئۇيغۇر سودىگەرلىرى قەدىمقى يىپەك يولىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەرەپلەر بىلەن ئۇزۇن يىل باردى-كەلدى قىلىشتى. ئۇيغۇر سودىسىدا مۆجىزە خارەكتىرلىك ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. سودا-سېتىق ئىشلىرىدا ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئەرەپ تىلىغا پىششىق بولغاچقا ئەرەپلەر بىلەن بولغان سودا ئىشلىرىدا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تىجارەتكە ماھىرلىغى بىلەن ئەرەپ ئستىمالچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.

ئۇيغۇر سودىگەرلىرى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەرەپ سودىگەرلىرى تەرىپىدىن «ئەھىد»گە قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ دەپ تەرىپلەنگەن،«ئەھىد» ھازىر تىجارەت ئىشلىرىدا كەڭ-كۆلەمدە قوللىنىۋاتقان توختام بۇلۇپ بۇنىڭدا مال تاپشۇرۇش،قەرەلى ئىچىدە پۇل بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلار بىلەن بىرگە مالنىڭ ئۆلچىمى، سۈپىتى، سانى قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن، ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئەھىدكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ ئۆز ۋاقتىدىكى ئەرەپلەر بىلەن سودا قىلۋاتقان يەھۇدىلار ۋە ناسارالار بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرغان.
مەنبە:http://www.aldarbag.com/bbs/foru ... read&tid=24

ھەق-ناھەق،توغرا -خاتانى ئۆلچەيدىغان ئادىل تارازا،يەنىلا ئاللاھنىڭ قولىدا

يۇقىرغا قاراپ پى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18610
يازما سانى: 1541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3360
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 5970 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 11:38:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىز بەك ئېسىل ئىكەن.ھازىرقى سودا بىلەن شۇغۇللىنۋاتقان ۋە شۇغۇللىنىشنى خالايدىغانلار بىر قېتىم كۆرۈپ قويسا بولدىكەن.ئۆگىنشكە تېگىشلىك نۇرغۇن مەزمۇنلار بار ئىكەن.سودىگەرلەر راست گەپ قىلمايدۇ دەيدۇ.داۋاملىق راست گەپ قىلدىغان سودىگەردىن ھەممە ئادەم مال ئېلىشنى خالايدۇ.سودىگەر بىرنجىدىن سەمىمى بولۇش،ئىكككىنجىدىن ئىللىق چىراي بولۇش ۋە ئىمانلىق بولشى كىرەك.

ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28086
يازما سانى: 1580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11715
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4652 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2014-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 11:45:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئىسىل تىما يوللاپسىز ، سودىگەرچىلىككە ئاتۇشلۇق بەك يامان جۇما ،

قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7877
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1518 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 12:14:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆپىدىكى ئىنكاسنى كۆرۇپ تىلىقىپ قاتىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13162
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8261
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 2897 سائەت
تىزىم: 2010-10-8
ئاخىرقى: 2013-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 12:19:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلۋەتتە ھارام بولىدۇ~~

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5811
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4887
تۆھپە نۇمۇرى: 990
توردا: 15467 سائەت
تىزىم: 2010-8-7
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 12:45:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ساختا ئىشلار بەك جىق بۇلۇكەتتى
بەزئادەملەرگە راست گەپ قىلىپ 500 يۈەنگە ئالغان نەرسە پايدا قىلسا
ساتىمىز بولمىسا قالسۇن دىسە سودىگەردىگەن دەيدۇ دەپ  ئادەملەرگە
ئىشەنمەيدىغان ئىش جەمىيىتىمىزدە ئاۋۇپ قالدى
كىچىكىنەن پايدا مەنپەتنى دەپ ئاتا بۇۋىمىز دىن قالغان راستچىل، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان سەمىمى خاراكتىرىنى يۇقاتتۇق

ھەرتاڭنىڭ، بىر كېچىسى بار

ئۇيغۇر بۆرىسى،ب

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9922
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13022
تۆھپە نۇمۇرى: 404
توردا: 5741 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 12:53:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىدەك تېمىكەن ماۋۇ،مۇشۇنداق تېمىلارنى جىقراق يوللىمامسىلەر.نەدىكى كۆيدۇم-پىشتىم دىگەندەك قوشاقلارنى يوللاۋەرمەي

بارلىغىم مىللىتىم ئۇچۇن..ۋەتەن،مىللەت،دىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44697
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4537
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 3090 سائەت
تىزىم: 2011-6-17
ئاخىرقى: 2014-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 12:56:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر سۇدىگەرلىرىمىز يەنە بەك ئىنساپسىز ئەمەس بەك چۇڭ پايدىنى كۇزلىمەيدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7877
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1518 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 01:27:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:4قەۋەتتىكى(kaqmixlar) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قا

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 9قەۋەت  رافىت كە 2011-12-11 01:20 AMئەۋەتىلدى 4قەۋەتتىكى(kaqmixlar) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش :
سىلىنىڭكىنىمۇ كۆرۇپ يىقلىپ قالدىم كۇلمەي
خەت دگەننى يىرتىۋىتىدىكەنلا   
ۋاي پ چۇپقاپتىدە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44035
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3820
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 4351 سائەت
تىزىم: 2011-6-11
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 01:30:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل ئەسەركەن.بەلكىم ھەممىمىزگە ئايان، قېرىنداش سودىگەرلەر مال باھاسىنى ئىككى-ئۈچ ھەسسە يۇقىرى دەيدۇ،  بىزمۇ خىجىل بولماي يېرىم باھا دەپ تۇرىۋالىمىز. ئەمىليەتتە مالنىڭ باھاسى بىز دىگەندىن خېلىلا تۈۋەن.(بولۇپمۇ مەندەك باھا تالىشالمايدىغانلار دائىم زىيان تارتىدىغان گەپ) ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئۇنچە ئاشۇرۋەتمەيدۇ. بۇنىڭىدىنمۇ ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ سەمىمىلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش