ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ،
ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق خەلق شائىرى مەرھۇم روزى سايىت ئاكىمىز « دېھقان بولماق تەس» دېگەن شېئىرنى يازغان. ئۇ شېئىر دېھقانلارنىڭ جاپالىق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي سۈرەتلەپ بەرگەن ئىدى.
دېھقان بولماق تەس
( رۇزى سايىت )
شائىرمەن قىلمىغاچ يالغانغا ھەۋەس ،
سۆزلەيمەن ھەق گەپنى ، يالغاننى ئەمەس ،
بىر ئوت بار يالقۇنى قەلبىمدە پەۋەس ،
شۇ ئوتنىڭ ئۆرتىشى ئەتتى مىنى مە س ،
مەستلىكتە دەۋالاي ، لېكىن مەن پەخەس ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
ئالەمنىڭ ئابادى دىھقان تەرىدىن ،
چۆللەرنىڭ گۈللىشى ئۇنىڭ بەھرىدىن ،
ئۇ باقار شەھەرنى ، كىچىپ مەرىدىن ،
ئۇنىڭ يوق تاماسى ،تاختا-پەرىدىن ،
پەرقى يوق تۆھپىدە ھەسەل ھەرىدىن ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
ئۇ مۆمىن ، بەك يۇۋاش ،ساددا- مۇلايىم ،
بوشىماس ئالقىنى كەتمەندىن دائىم ،
دەر: ئىشلەي بولسا ساق يەتتە ئەزايىم ،
تەقدىردە : ئېتىزدىن ئېلىنمىشلايىم ،
رىسقىمنى، ئەجرىمنى بەرسۇن خۇدايىم ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
پاراغەت دىلبىرى ئاچقىچە قۇيۇن ،
تۆت پەسىل توختىماي كۆرسىتەر ئۇيۇن ،
قىشتا سۇغ ، يازدا ئۇپ ،باھاردا قۇيۇن ،
گاھ كەلكۈن،گاھ تۇمۇ قىسقۇزار بۇيۇن ،
دەر قىسمەت : جاپاغا خام كىكىر- تۇيۇن ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
قاراشلىق كارا بار ئۇنىڭ بېشىغا ،
يۈگرەيدۇ ئۆستەڭگە - دامبا قېشىغا،
ۋاقىتنىڭ ئاشقىنى ئېتىز ئىشىغا،
قورۇقلار ماس كەلمەس ھەرگىز يېشىغا،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
ئۇ- ئۆكۈز تىنىمسىز تارتىدۇ ساپان ،
شاكراپ تەر دەستىدىن شورلايدۇ چاپان ،
كۆيۈدۇ چۇققىسى ، كۆيۈدۇ تاپان ،
چاك-چاك يېرىلىپ قانايدۇ ئالقان ،
ئەمما ئۇ ۋايجانلاپ كۆتەرمەس چوقان ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
تېرىمنىڭ كەينىدىن مايسا پەرۋىشى ،
ھە - دىمەي بۇلىدۇ يىغىم تەۋرىشى ،
ئېتىزدىن بوشىسا ئۆينىڭ تەشۋىشى ،
ئىشەكنىڭ ھاڭرىشى ، قوينىڭ مەرىشى ،
يىل بۇيى ئۆكسمەي پىشىپ تەرلىشى
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
كىتىمەن دەۋاتقان ئوسىنىڭ نېمى ،
مېنى تاپ دەۋاتقان ئوغۇتنىڭ كېمى ،
ئۈششۈيمەن دەۋاتقان قوناقنىڭ خېمى ،
تۇرسا سىرت ئالۋىڭى ، ئۆزىنىڭ غېمى ،
تالجىقسا- ھېرىقسا كېسىلىپ دېمى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
كېلىدۇ بايراملار ئايەمگە تۇتاش ،
دىھقاننىڭ بايرىمى ئوتاش ھەم پۇتاش ،
ئوي- پىكرى ھېيت ئەمەس ھوسۇلنى بوداش،
ئايەم شۇ قازناققا كىرسە كۆپرەك ئاش ،
مەشربى- ماتېمى خاماندا ئاداش ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
ئۇ ئەمەس ئۇنۋاندار تەلەيلىك كىشى ،
توشمايدۇ بىر ئۆمۈر پىنسىيە يېشى ،
يوق تۆمۈر تاۋاقتا ئۆزۈلمەس ئېشى ،
يوق مائاش - دەرىجە ئۆستۈرۈش ئىشى ،
ئايدا ساق ئوتتۇزكۈن ئىشلەر ياز- قىشى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
چوڭ- كىچىك شىنچىلەر يۇقلىماس ئۇنى ،
تەنجىيامۇ شۇيجىيامۇ ياقلىماس ئۇنى ،
كانىكول تەتىللەر ساقلىماس ئۇنى ،
يوقلايدۇ ، ساقلايدۇ جاپا خاس ئۇنى ،
شۇ خاسلىق باغاشلاپ سۆيەر راس ئۇنى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
ئۇ تەرگەن پاختىدىن بىزنىڭ ئۈستى باش ،
ئۇ چەشلەپ يىغقان دان بىزنىڭ يىگەن ئاش ،
ھەم شۇنىڭ تەخسىگە چىققان گۆش- ئوتياش ،
ئۇباققان پىلىدىن بىزنىڭ يوتقان تاش ،
ئۇ بولغاچ مەرت ھاتەم بىز مۇشۇنداق شاش ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
مەن ،سەن ، ئۇ سەھرالىق يېزىدىن ئەسلى ،
دىمەك بىز ئەسلىدىن دىھقاننىڭ نەسلى ،
نىسلىدىن ياتلاشقان كۆرمەس بەخت پەسلى ،
قەدرىنى بىلگەنگە ئۇ ئىللىق يەسلى ،
يەسلىگە سۆزمسۇن قول ، ئاياز پەسلى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
بەزىلەر دىھقاننى ساغار كالىدەك ،
ساغقانچە بىلىنەر سۈتى چالىدەك ،
ئۆزىلا ئاق ،دىھقان كۆڭلى ئالىدەك ،
مۇڭلانسا تۇيىلار تۆھمەت- يالىدەك ،
رىسقىغا چاڭ سالار ئۆگەي بالىدەك ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
بەزىلەر كەتتىغۇ ئەجەپ سوللىشىپ ،
ھىلىسى يىلسىرى باردى موللىشىپ ،
سەھنىدە تۈزىشىپ توختام قوللىشىپ ،
"قاتلىنىپ ئاشتى" دەپ دوكلات يوللىشىپ
مۇكاپات ئېلىشتى تۆرنى گوللىشىپ ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
ئەللىك كۈن تۇرۇقلۇق تۆھپە ئەمگىكى ،
يىل بۇيى ئىشلەتتى ھاشار بەگلىكى ،
رەت قىلسا تۆلەم بار ، قالتىس دەللىكى ،
ئەرز قىلسا چاقۇندا قالار پەللىكى ،
دىھقانغا مۇشۇنداق ياشاش تەڭلىكى
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
ئۆزىلەي دىگەندە ماغدۇر يىلىگى ،
يۇقۇرغا ئاڭلىنار ئەرز- تىلىگى ،
ھال سۇراپ كىلىشەر خىزمەت ئۈمىگى ،
يىتەمدۇ يىلغا دەپ ئوزۇق - يىمىگى ،
بارى بار نەھاجەت ،ئۇ-بۇ دىمىگى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
دىھقان دەر تەكشۈرۈپ كەلگەن ئۈمەككە ،
ئوخشايدۇ ھالىمىز ئەتسىز مۇنەككە ،
بىز گويا قارچۇغا ؛ چۈشكەن تۈنەككە ،
مۇھتاج بىز يورۇققا ،بىر يار - يۈلەككە ،
دىمەيمىز بۇگەپنى سىزدىن بۇلەككە ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
ساق تۇرۇپ ئىككى قول - ئىككى پۇتىمىز ،
دەپ تۇرۇپ پايدىلىق پەيتنى تۇتىمىز ،
تۇتقانچە بوشىشىپ ھەسرەت يۇتىمىز ،
كىملەرنىڭ پەيلىدىن نابۇت پۇتىمىز ،
قاچانمۇ ئۇتۇلماي ، يىڭىپ ئۇتىمىز ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
جەدىۋەللەر ئاشتىغا يوللايدۇ ساننى ،
ئالىدۇ سۈپۈرۈپ ئاخىرقى داننى ،
ئالدايدۇ دۆلەتنى ، سېلىپ زىياننى ،
پوچىلىق ، نوچىلىق ، قىينايدۇ جاننى ،
جەرىمان توختىماي كولايدۇ ياننى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
يۇرت- يۇرتتىن تەڭلەيدۇ ، كۆڭلەك ،چاپان-كەش،
ھەشقاللا ئېيتىمىز بولسىمۇ نىمكەش ،
بىزشۇنداق تىلەمچى ، گاداي كۆڭلى غەش ،
قىززىق ئىش يەر مۇنبەت ، ھەر خاماندا چەش ،
بىلمىدۇق كىم جەمشىت، كىملەر لەيلىۋەش ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
كۆردۈڭلار ھالىمىز شۇقەدەر ناچار ،
قازناقلار قۇپ- قۇرۇق ،چاشقانمۇ قاچار ،
يەي دسە تۈگىدى ، يىمىسە ئاچار ،
بىز نىچۈن بۇپ قالدۇق بۇ ھالغا دۇچار ،
كەتسەڭلار " چاقتىڭ " دەپ قەھرىنى چاچار ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
ئوغۇتمۇ پۇل دەيدۇ ، يالتىراقمۇ ھەم ،
تۈگمەنمۇ پۇل دەيدۇ ، جىنچىراقمۇ ھەم ،
پۇل دەيدۇ تاغارمۇ ، تۇخىناقمۇ ھەم ،
پۇل دەيدۇ يولدىكى بوغىناقمۇ ھەم ،
پۇل قېنى ؟ پۇل نەدە؟ غەم ئۈستىگە غەم ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
دىسىمۇ مەركەزدىن باي بولسۇن دىھقان ،
كىمگىدۇر ياقمىغاچ دىھقانغا ياققان ،
ھەددىدىن ئاشماقتا " ئۈچ قالايمىقان "،
بەس ئەمدى كۈتەرمەي بولمايدۇ چوقان ،
چاچمىغىن سېلىقكەش ، يۈز- كۆزگە قۇقان ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
دىھقاننىڭ بەختىگە سانىما قارا ،
دىھقاننىڭ قەلبىنى ئەيلىمە يارا ،
دىھقاننىڭ يولىغا قازمىغىن ئورا ،
كىم دىدى "دىھقاننىڭ قېنىنى شورا " ؟
دىھقاننىڭ بېشىنى سىلا ھال سورا
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
دىھقانمۇ ياشىسۇن ، كۈلسۇن ،يايرىسۇن ،
دىھقانمۇ جاراڭلىق ئۈندە سايرىسۇن ،
دىھقانمۇ كۆكلىسۇن ، ئۆسسۇن- ئاينىسۇن ،
قازىنى ماي كۆرسۇن ، پات-پات قاينىسۇن ،
ئۇ....ھ دىسۇن ،ھېيت - بايرام مەشرەپ ئوينىسۇن ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
سەن بىزدەك گەدىنى قاتقان نەدە بار ؟
مىۋە يەپ شاخقا تىغ چاپقان نەدە بار؟
تۇز بەرگەن تۇزلۇقنى چاققان نەدە بار ؟
دىھقاندەك ئەل - يۇرتنى باققان نەدە بار ؟
ئېيتمىساق بولمايدۇ ئۇنىڭ دەردى بار ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
شائىرمەن دىھقاننىڭ باغرىدا ئۆسكەن ،
شائىرمەن ئۇ بەرگەن زاغرىدا ئۆسكەن ،
شائىرمەن ئۇنىڭ ئاش تاغرىدا ئۆسكەن ،
شائىرمەن توي كۆرگەن ناغرىدا ئۆسكەن ،
يالغاننى يازماقتىن راست سۆزلەش تەسكەن ،
تەس دىسە ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس .
بىراق مىسرانىم مۇنبىرىدە «ھاراق ئىچمەك تەس» دېگەن بىر تېما يوللىنىپ قاپتۇ. ھاراق ئىچمەك تەس بولسا ئىچمىسىلا بولمامدۇ ،نىمە قىلىدۇ «ھاراق ئىچمەك تەس» دېگەن تېمىدا شېئىر يېزىپ مۇنبەرگە يوللاپ، بۇنىڭ ھاجىتى بار ؟ ھاراقنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا كۆپلىگەن ئايەتلەر ۋە ھەدىسلەر بارغۇ ؟ ھاراق ئىچمەك تەس دەپ شېئىر يېزىپ نېمە قىلىدۇ ھاراق ئىچىش شۇنچىلىك تەس ئىشمۇ ؟
https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=65997
بەلكىم ئوقۇپ ياخشى ساتىرا بوپتۇ دېيىشىڭلار مۇمكىن، بىراق شۇنداقتىمۇ ھاراقنى ئىچمە دەپ توسۇپ بولالمايۋاتساق قانداق گەپ بولۇپ كەتتى بۇ ! شۇنچىلىك تەس ئىش بولسا توسۇشنىڭ نىمە ھاجىتى ؟ ۋەز نەسىھەت قىلىپ سۆزلەشنىڭ نىمە ھاجىتى ؟ شئېر دېگەننى ئەمەليەتكە ئۇيغۇن بولسا يېزىش كېرەك بولمىسا يازماسلىق كېرەك دېھقان بولماق تەس دېگەن شئېرنى ئېلىپ ئۆتسەك ھەقىقىي ،ئەمىليەتكە ئۇيغۇن ، قايىل قىلارلىق يېزىلغان بۇ ھاراق ئىچمەك تەس دېگەنگە كەلسەك .......سۆزلەشنىڭ نىمە ھاجىتى بىمەنە ئادەمنىڭ زەدىسىنى قاينىتىدىغان ئەسەر بوپتۇ .
ھاراقنى ئچمىگىن ئەمدى مەست بولۇپ ،
جامائەت ئالدىدا يۈرمە پەس بولۇپ.
مەنبە: مىلىيونىر