مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 760|ئىنكاس: 9

تەقدىرنىڭ چاقچىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش] تەلەي +1

بىلمىگەننى سورا

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 207
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9000
تۆھپە نۇمۇرى: 773
توردا: 2218 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2012-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 07:25:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزكۇر ئەسەر ئىلگىرى مۇشۇ مۇنبەردە تارقىلىغان «ئازاپىق ئەسلىمە» ۋە «كۈتۈلمىگەن نىكاھ، ئويلىمىغان بەخىت» ناملىق ئەسەر بولۇپ، بىر قىسىم تورداشلىرىمىزنىڭ تەلىپى بويىچە قايتا تەھرىرلەپ، مەزمۇنىنى بىرلەشتۈرىۋەتتىم، ھەم ئايرىم تېمىلارغا ئايرىپ قويدۇم. بىر قىسىم جايلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئازراق مەزمۇن قوشۇپ قويدۇم، قېنى نەزىرىڭلار ھىكايەمدە بولسۇن.

تەقدىرنىڭ چاقچىقى




ئاپتورى: ئىمكان (شاھنىياز تۇنياز)



ئازاپلىق ئەسلىمە



تاسادىبى ئۇچىرشىش




ھېيت نامىزىدىن قايتىشىپ ماڭغانلارنىڭ ئارىسىدا ئۇدۇل ئۆيىگە ماڭغانلارمۇ، قەبرە بېشىغا ماڭغانلارمۇ، دوست- بۇرادەرلەرنىڭ ياكى ساۋاقداشلىرىنىڭ، ئىشلەمچىلەر بولسا خوجايىنلىرىنىڭ ياكى خوجايىنلىرى يېتىپ قۇپۇش ئۈچۈن بەرگەن ئۆيلەرگە ماڭغانلارمۇ بار ئىدى، قەبرە بېشىغا ماڭغانلاردىن ھېلىمكا قەبرە بېشىدا يىغلاۋاتقان بىر تۆۋەن ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدى، ھېلىمكامنى بۇ ئاۋاز ئۆزى تەرەپكە تارتىپ ئېلىپ ماڭدى، چۈنكى بۇ ئاۋاز ئەر تەرىپىدىن چىقىۋاتقان ئاۋاز ئەمەس ئىدى. ئۇ ئاۋاز چىققان تەرەپكە يىقىنلاپ كېلىپ ئاۋاز ئىگىسىنىڭ كىملىكىنى تۇنىۋالدى، ئۇدۇل مېڭىپ دادىسىنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كېلىپ دۇئا قىلىۋېتىپ يانچۇقىغا سېلىپ قويغان قۇناقلىرىنى قەبرە ئەتىراپىغا چېچىۋېتىپ قايتىپ ماڭدى، ئەمما بايا چىقىۋاتقان بۇ يىغا ئاۋازى تېخىچە داۋاملاشماقتا ئىدى. ئۇ يىغا ئاۋازىنىڭ ئىگىسى باشقا بىرى ئەمەس دەل ئۆزىنىڭ ئارزۇلۇق قىزى چىمەن ئىدى. ئۇ چىمەننىڭ ئارقا تەرىپىدىن يىقىنلىشىپ ئۈچ تۆت قەدەم ئارلىق قويۇپ توختىدى. چىمەنگە بىردەم قاراپ تۇرۇپ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتىپ ماڭدى. ئۆيىگە بارغاچ ئويلاپ قالدى. بۇ قىز بۇ يەردە نىمە قىلىدىغاندۇ؟ بۇ كىمنىڭ قەبرىسى بولغىيتى؟ ئۇ ئويلىماي دىسىمۇ كۆڭلى قويمايتى، بوپتۇلا دەپ ئويلىدى ئۇ. چىمەنمۇ 20 ياشتىن ئاشقان تۇرسا ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق مەخپىيەتلىكى بولىدۇ. ئۇنىڭغىمۇ يول قوياي دەپ ئۆز- ئۆزىگە پىچىرلىغاچ ئۇدۇل ئۆيىگە قايتىپ قۇربانلىق قوينى سويدى...
چىمەن شۇ ئولتۇرغان ئىزىدا خېلىغىچە ئولتۇرۇپ يىغىدىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى سۈرتىۋەتتى. ئاندىن ئۈنسىز سۈكۈت ئىچىدە خىيالغا پاتتى...
نەچچە يىل ئىلگىرىكى دەل بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ئالىي مەكتەپكە بارغان ئىدى، ھاۋا ئىسسىق ھەم تىنجىق بولۇپ چىقىۋاتقان بوش شامالمۇ ئادەمنىڭ يۈزىگە ئوتتەك قىززىق ھارارەتتە ئۇرىلاتتى.
چىمەن چامادان سومكىلىرىنى كۆتۈرۈپ بولالماي چامداننى بىر يەرگە قويۇپ دىگەندەك كۆتۈرۈپ كىتىپ باراتتى. ئالدى تەرەپتىن كېلىۋاتقان دوستلىرى بىلەن بىللە كېلىۋاتقان دولقۇن چىمەننى كۆرۈپ توپتىن ئايرىلىپ ئۇدۇل چىمەننىڭ قېشىغا كەلدى.
-تىشلىقمۇ؟
-تىشلىقمۇ؟ چىمەن مۇنداقلا سالام بېرىپ قويۇپ يەردىكى چاماداننى سۆرەپ مېڭىشقا تەمشەلدى.
-ياردىمىم كېرەكمۇ؟ سورىدى دولقۇن چىمەننىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ
-رەھمەت. ئۇ شۇنداق دەپلا دولقۇننى يانداپ ئۆتۈپ كەتتى
-چىمەنگۈل، توختاپ تۇرۇڭ. دىدى دولقۇن ئۇنىڭ ئالدىنى قايتا توسۇپ.
-سىز.... ؟دىدى چىمەنگۈل دولقۇننى تازا ئىسىگە ئالالماي.
-سىز مىنى بەلكى تۇنىمايسىز. مەن سىزدىن بىر يىل ئىلگىرى ئوقۇغان مەكتەپدىشىڭىز. سىز مەكتەپتىكى ئەلاچى ئوقۇغۇچى چىمەنگۈل ھېلىم شۇغۇ؟
- ھەئە، لىكىن مەن سىزنى زادىلا ئىسىمگە ئالالمىدىم.
-ئۇنىسى تەبئىي ئىش بىز دىگەن سىزدەك نام شۆھرەتكە ئېرىشەلمىگەن يالاڭتۆش بالىلار تۇرساق. ھې ھې ھې ....
-ئۇنداقمۇ ئەمەس، مەن نەرسىلىرىمنى يىغۇشتۇرىشىم كېرەك. كېيىن كۆرىشەيلى.
-مەن سىزگە ياردەملىشىپ ئەكىرىشىپ بېرەي بىللە تاماق يىسەك قانداق؟
-بۇنداق قىلساق قانداق بولىدۇ. دىدى چىمەنگۈل سەل ئىككىلىنىپ، سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويارمەنمۇ؟
- ۋاي ياقەي، نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسىز، يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى كۈتىۋالمىساق بولمايدۇ، دىدى دولقۇن جاۋاپ كۈتمەستىنلا چىمەنگۈلنىڭ يېنىدىكى چاماداننىڭ تۇتقىچىنى سۆرىگىنىچە ياتاق بىناسى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى...

مەكتەپتىكى دوستلۇق



قوينى بۇغۇزلاپ بولغان ھېلىمكا ئۆيدە تېلىۋۇزۇر كۆرۈپ چايدىن بىرئىستاكان ئوتلىۋەتتى دە ئالدىدىكى تەخسىگە چىرايلىق تىزىلىپ قويۇلغان ساڭزىدىن بىر چوكا ئوشتىۋېلىپ ئاغىزىغا سېلىپ بولۇپ ئوغلى سەمەردىن سورىدى.
-ئوغلۇم، چىمەن كۆرۈنمەيدىغۇ؟
-بىلمىدىم، ئەتىگەن يۈزىنى يۇيۇپ بولۇپلا چىقىپ كەتكەن. بەلكىم بىرەر دوستىنىڭ ئۆيىگە كەتتىمىكىن؟
-ھە... بوپتۇ، نەچچە كۈندىن بېرى ئاچاڭمۇ چارچاپ قالدى. ھېلىمكا شۇنداق دىدى يۇ لىكىن ئىچىنى بىر نەرسە چېقىۋاتقاندەك بىئارامسىزلىنىپ كەتتى. - ھېلىراقتا كىرىپمۇ قالار. دېدى.
چىمەن ئورنىدا خېلى ئولتۇرغاندىن كېيىن دۇئا قىلىۋېتىپ ئۆيى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى. كۈزنىڭ سالقىن شامىلى ئونىڭ ياغلىققا بويسۇنماي چىقىپ قالغان چېچىنى ئويناپ، كىچىك يوللاردىكى بوشاپ كەتكەن توپىنى ئۇچۇرۇپ، دەل-دەرەخلەرنى لىڭىشتقانچە كىشىگە شىرىن تۇيغۇ بېغىشلىماقتا ئىدى. ئەمما شۇ تاپ چىمەننىڭ كۆڭلى شۇنچىلىك يېرىم ئىدى. ئۇ يول بويى بايىقى ئاچچىق ئەسلىمىلەرنى خىيال قىلغىنىچە ھېچنىمىگە پەرۋاسىز ھالدا غەمكىن ئېغىر قەدەم تاشلاپ كىتىپ باراتتى...
كېيىنكى كۈنلەردە دولقۇن دائىملا چىمەننى ئىزلەيدىغان، ئۇقىمىسىمۇ دائىم ئۇنىڭدىن كىتاپ سورايدىغان بولىۋالدى. چىمەن ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىنمۇ تىرىشىپ سىنىپ بويىچىلا ئەمەس ، مەكتەپ بويىچە ياخشى ئوقۇغۇچى نامىنى ئېلىپ كېتىپ بارماقتا ئىدى. شۇ سەۋەپلىك ئۇنى تۇنىمايدىغانلار ئىنتايىن ئاز ئىدى. مەۋسۇملۇك ئىمتىھاندا ئۇ «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى» بولۇپ باھالىنىپ نامى پۈتۈن مەكتەپكە پۇر كەتتى. ئۆزىنى كۆرمىسىمۇ ئىسمىنى ئاڭلىسا مەكتەپ بويىچە ئۇنى تۇنىمايدىغان ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىلار ئىنتايىن ئاز دىيەرلىك ئىدى. دولقۇن چىمەننىڭ دائىملا كۇتۇپخانىغا ياكى كىتاپخانىغا بارىدىغانلىقىنى بىلىۋالدى. شۇڭا ئۇمۇ ئىلگىرىكى ئىچەرمەن چىكەرمەن ئاغىينىلىرىغا مىنىڭ ئىشىم بار دەپ قويۇپ ئۇدۇل كىتاپخانا ياكى كۇتۇپخانىغا بېرىپ چىمەننى ئىزلەيتى ھەمىشە چىمەننىڭ ئالدى تەرىپىدە ياكى ئارقا تەرىپىدە، يا بولمىسا يان تەرىپىدە ئولتۇرۇپ، ئۇنى كۈزىتىپ ئولتۇراتتى. ياكى ئۇنىڭدىن بىر نىمىلەرنى سوراپ زىرىكمەيتى. چىمەنمۇ ئۇنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ ھارمايتى....
-قىزىم نەگە باردىڭ؟ خەلچىخان ئانىنىڭ سۇئالى ئۇنى خىيالدىن بۆلدى .
-ھېچ... ھېچنەگە چىمەن دۇدۇقلىغىنىچە ئاپىسىغا جاۋاپ بەردى.
-كۆزلىرىڭ نىمە بولدى؟ ئەجەپ قىزىرىپ كىتىپتىغۇ؟
-ھە؟ ھە... راس يولدا كەلگۈچە كۆزۈمگە پاشا كىرىپ كېتىپ...
-مۇشۇ ۋاقىتتا پاشا نىمە قىلىدۇ؟ بول قىزىم ھېلىراقتا ئاكاڭ يەڭگەڭنى ئەكىلىپ قېلىشى مۇمكىن. تېزرەك تەييارلىق قىلمىساق ئۈلگۈرەلمەي قالىمىز.
-بولىدۇ. چىمەن دادىسى پارچىلاپ تەييارلاپ قويغان گۆشنى قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ قويۇپ ئۆيگە كىرىپ خېمىرغا تۇتۇش قىلىپ كەتتى.
خېلى ۋاقىتقىچە ئاكىسى كەلمىگەندىن كېيىن خەلچىخان ئانا ھېلىم ئاكىنىڭ ئاغا - ئىنىلىرىنىڭ ئۆيگە مىھمانغا چاقىرىشقا سەمەرنى چىقىرۋەتتى. ئۆز بولسا بايا قۇربانلىق قىلىنغان قوينىڭ ئۈچەي قورساقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن خوشنىسىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كەتتى. ئەمدى ھېلىم ئاكا بىلەن چىمەن ئۆيدە يالغۇز قالدى.
-قىزىم بايا نەگە باردىڭىز؟
-ھېچنەگە دادا، مەن نەگىمۇ باراتتىم؟ چىمەن كۆزلىرىنى دادىسىنىڭ كۆزىدىن ئېلىپ قېچىپ جاۋاپ بەردى
-يالغان سۆزلىسىڭىز مەن بىردەمدىلا بىلىپ قالىمەن، راست گەپ قىلىڭ قىزىم بايا نەگە بارغان ئىدىڭىز؟-يالغان سۆزلىمىدىم دادا، مەن گۆھەرنىسانىڭ ئۆيىگە چىققان ئىدىم.
-قىزىم، دىدى ھېلىمكام چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ. - گۈھەرنىسانىڭ ئۆيى قەبرىستانلىقتىمىكەن؟ قايسى گۆھەرنىسا ئۇ؟
«ئاپلا دادام بىلپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟» دەپ ئويلىدى چىمەن ۋە جاۋابىنى ئۆزگەرتىپ:- قەبرىستانلىققا بىر دوستۇمنىڭ تۇپراق بېشىغا چىققان ئىدىم.
-قانداق دوستىڭىز ئىدى ئۇ بىزدىن شۇنچە يۇشۇرغىدەك؟
-بۇ مۇنداق ئىش دادا. ئالدىنقى يىلى دەل مۇشۇ كۈندە بىر دوستۇم تۈگەپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭ قەبرىسىگە باردىم.
-گەپنى ئەگىتمەڭ تۈزلا دەڭ قايسى دوستىڭىز ئۇ؟
- دادا... بولدى سورىمىسىڭىزچۇ؟ ... ئادەمنى خىجىل قىلىپ.. دېدى چىمەن خىجىللىقتىن قىزارغىنىچە دادىسىغا ئەركىلەپ.
- ھې ھې ھې ... ماقۇل سورىماي. قىزىم چوڭ بولدى راس.
-ھە.. شۇ ئەمەسمۇ؟ مەنمۇ چوڭ بولدۇم. بۇ يىل 24 ياشقا كىرىدىم جۇمۇ مەن؟
- ھەر قانچە قېرىپ كەتسىڭىزمۇ سىز مىنىڭ ئالدىمدا يەنىلا بالا.
-ئۇغۇ شۇنداق دادا مەن چىقىپ ئۇچاققا قاراپ باقاي، ئوت ئۆچۈپ قالمىسۇن يەنە.
- ھە... چىقىڭ ئەمسە.
ئىشنىڭ تىگىگە ئانچە مۇنچە يەتكەن ھېلىمكا ئەمدى خېلى خاتىرجەم بولۇپ قالدى.
چىمەن ئوچاققا ئوتۇننى سېلىۋېتىپ كۈيۈۋاتقان ئوتقا قارىغىنىچە خىيالغا غەرىق بولۇپ كەتتى...
ئوقۇش 2- مەۋسۇمغا قەدەم قويغان چاغ ئىدى ھاۋا ئاستا-ئاستا ئىسىپ يەر ئاستىدا قارغا كۈمۈلۈپ سارغىيىپ كەتكەن چىم ئۇچ تارتىشقا باشلىدى. ئەتىگەنلىك ئۆگىنىشتىن چۈشكەن چىمەن تاماق يىيىش ئۈچۈن ئاشخانىغا كىردى. ئۇنىڭ كەينىدىن تاپ بېسىپ كىرگەن دولقۇن ئۇدۇل كەلگىنىچە تاماقنى ئاغىزىغا ئەكىلىشىگە دولقۇن كەينىدىن كېلىپ ئۇنى چۆچۈتۈپ قويدى.
-تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن.
-ھە؟ مەن... ماڭا دەۋاتامسىز؟
-ھەئە سىزگە دىدىم. بۈگۈن سىزدىن بۆلەك يەنە كىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى؟
-ھە.. راست بۈگۈن مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىكەن. قاراڭە سىزنى ، ئادەمنى شۇنچىۋالامۇ قورقىتامسىز؟
- سىزنى بىر چۈچۈتۈپ قوياي دىۋىدىم. بۇنچىۋالا قورقۇپ كىتەرمىكىن دەپ ئويلىماپتىمەن. ئۇ چىمەننڭ يەۋاتقان تامىقىغا قاراپ تاڭلىيىنى چاكىشتىپ قويدى.
-نىمە بولدى؟
-قاراڭ سىزنى مۇشۇنى يەمسىز؟ ئاران بىر قاچا چىللىغان كۆكتات، ئىككى تال مانتا؟ بۇلارغا مىنىڭ چىشىممۇ تويمىغۇدەك.
-ھاھاھا... سىز دىگەن ئوغۇل بالا تۇرسىڭىز. بىر چەتتە ئىككىسىگە قاراپ تۇرغان تۇرغۇن كەلدى.
- ۋاي.... ۋۇي..... قىززىتىۋېتىپسىلەرغۇ؟ دىدى ئۇ قولىنى چىمەننىڭ يۈزىگە ئاپىرىپ.
-تارت قولۇڭنى ۋۇ ھايۋان. دولقۇن شۇنداق دەپلا تۇرغۇننىڭ قولىنى سىلكىۋەتتى.
-ۋاي... ۋاي... ۋاي... قەھرىمان يىگىت بىلەن ساھىبجامال قىز، تازا ماسلىشىپسىلەر ھاھاھا... ئۇ دولقۇننى مازاق قىلىۋاتاتتى.
- مەن ساڭا قەھرىمانلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قوياي. ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ تۇرغۇنغا دىلىيىپ كەلدى.
-بولدى قىلىڭ. بۇ دىگەن ئاشخانا. دىدى چىمەن دولقۇننىڭ قولىدىن تارتىپ، ئەمما يىقىملىق بىر ئېقىم دولقۇندىن چىمەننىڭ بەدىنىگە تاراپ بولدى.
-خەپ سىنى ئەگەر ئاشخانا بولمىغان بولسا... دىدى دولقۇن ئورنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ
- ھە قانداق قىلىتىڭ؟ سەندەك شۇملاردىن قورقۇپ قالمايمىز بىلىپ قوي.
-ماڭقاڭنى قىرىپ كەل. توخىنىڭ پوقى.
ئىككىسى تېخىمۇ دىيىشىپ قېلىۋاتقاندا مەكتەپنىڭ ئامانلىق مۇدىرى تاماققا كىرىپ قالدى. تۇرغۇن ئۆزىنى بىلىپ چىقىپ كەتتى. جىدەلمۇ ھازىرچە مۇشۇ يەردە بېسىقىپ قالدى. دولقۇن تامىقىنى ئەڭ ئاستا سۈرئەتتە يىمەكتە ئىدى چۈنكى چىمەندىن بۇرۇن يەپ بولسا بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرى بولاتتى. تاماق يەپ بولۇنغاندىن كېيىن سىرتقا چىققاندا دولقۇن چىمەننى توختىتىۋالدى.
-چىمەنگۈل دىدى دولقۇن چىمەن ئاڭلىيالىغۇدەكلا. - بۇ مەرەزنىڭ سىزنى پايلاپ يۈرگىنىگە خېلى بولغان بۇنى مەكتەپتىكى ئوغۇللار ئاساسەن دىگۈدەك بىلىدۇ. ئۇ لالمىدىن ھەزەر ئەيلەڭ. سىرتقا چىقماقچى بولسىڭىز ھەرگىز يالغۇز چىقماڭ ،ماڭا خەۋەر قىلىڭ ھېچ بولمىسا بىر نەچچە دوستلىرىڭىزنى بولسىمۇ ئېلىۋېلىڭ.
- دوستۇمنى تاپماققۇ ئاسان ئىش. لىكىن سىزنى تاپماق خېلى قىيىن . سىز تۇرۇپلا پەيدا بولۇپ تۇرۇپلا يوقاپ كىتىدىكەنسىز.
- مەن سىزگە نەق مۇشۇ ئىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر سوۋغا بەرمەكچى خالامسىز؟
- قانداق سوۋغا ئۇ؟
- ئاۋال خالايدىغان خالىمايدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ.
- ھە بوپتۇ خالاي ئەمسە،
- ئۇنداقتا ياخشى. دولقۇن شۇنداق دىگىنىچە يانچۇقىدىن بىر دانە كىچىك زىرەك تېلىفۇنىنى ئېلىپ چىمەننىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى.
- بۇ سوۋغىڭىز ئېشىپ كەتتى، مەن قۇبۇل قىلالمايمەن.
- بولىدۇ قۇبۇل قىلمىسىڭىز چېقىۋىتىڭ.
-ياق.
- تاشلىۋەتسىڭىزمۇ، باشقىلارغا بىرىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
- ئەڭ ياخشىسى سىزدە قالسۇن. چىمەن شۇنداق دىگىنىچە تېلىفۇننى دولقۇنغا قايتۇرۇپ بەردى.
- مىنىڭ قولۇمدا تۇرسىمۇ چوقۇم چېقىلىپ كىتىشى مۇمكىن. ئەڭ ياخشىسى سىزدە قالسۇن. بۇ دىگەن ئەرزان باھالىق. قىممىتىنى ئېلىپ بىرەيمۇ دىگەن سىزنىڭ مۇشۇنداقلىقىڭىزنى بىلىپ ئەرزىنىنى ئالغان ئىدىم. ئەگەر ئەمدى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز كۆز ئالدىڭىزدىلا چېقىپ تاشلايمەن.
-ھە.. بولدى بولدى سىز بىلەن تالاشماي مەندە قالسۇن.
-ھىم.. مانا ياخشى بولدى، دولقۇن يېنىدىن تېلىفۇنىنى چىقىرىپ تاكىسلىتىپ بىر نىمىلەرنى باستى دە قۇلىقىغا چاپلاپ تۇردى. چىمەننىڭ يېنىدىكى تېلىفۇن يىنىك سايرىدى... -قېنى تېلىفۇننى ئېلىڭ- دىدى دولقۇن چىمەنگە قاراپ.
- ھە مانا چىمەن تېلىفۇننى ئالدى.
- قېنى گەپ قىلىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاپ باقاي.
-ھاھاھا... ھازىر ئاڭلىمايۋاتامسىز؟
-تېلىفۇندا دەڭ تېلىفۇندا ئاڭلاي.
- ئەمدى بولدىمۇ؟
-ياخشى ئەمدى تېلىفۇننى قويىۋەتمەي ياتىقىڭىزغا كىرىپ كىتىڭ.
-ھە ماقۇل.
ئىككىسىنىڭ ئارلىقى يىراقلاشقاندىن كېيىن دولقۇن سورىدى.
- سىزگە بۇ سوۋغام يارىدىمۇ؟
- يارىدى ئىنتايىن خۇش بولدۇم.
- رەھمەت.
- رەھمەتنى مەن سىزگە ئېيتسام توغرا بولاتتى،
- ھاھاھا... ئىككىلىسى تەڭلا كۈلۈپ كەتتى.
....

-ۋاي چىمەنگۈل كۈن چۈش بولغاندا توڭلاپ كەتتىڭىزمۇ نىمە؟ ئوچاقنىڭ ئالىدا ئولتۇرىۋېرىپ بىر قارا ئىككى قارا بولۇپ كەتمەڭ يەنە. دەرۋازىدىن كىرگەن مۇنىرە چىمەنگە چاقچاق قىلدى. ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. ئۆيىڭىزنى ئوغرى ئالسمۇ بىلمەي ئولتۇرامسىز؟
- ھاھاھا... قاراڭ سىزنى ئوغىردەك كىرىپ، بىرگە بولسۇن. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى ئوقۇشىڭىز قانداقراق؟
-ياخشى مەن ئەتە كىتىمەن.
-نىمىشقا ئەمدى؟
-تەتىل توشقان تۇرسا. ھېيت بولمىسىغۇ ھەپتە بۇرۇن قايتاتتۇق.
- ھە راست
چاقىرىلغان مىھمانلار بىردىن ئىككىدىن كىرىپ كەلدى. ئۆي ئىچى بىردەمدە قاينام تاشقىنلىققا تولۇپ كەتتى. ئۆيگە داسىتىخانلار سېلىنىپ، مىھمانلارنىڭ ئالدىغا ھۆل قۇرۇق يىمىشلەر، ساڭزا مەزانلار تىزىلدى. خەلچىخان ئانا كىرىپ گۆشنى لىگەنلەرگە ئۇسۇپ بولۇپ شورپىسىغا سۇيۇق قىلىپ ئۈگرە ئەتتى. گۆشلەر يىيىلىپ تۈگىگەندىن كېيىن سۇيۇقئاش كەلتۈرۈلۈپ، مىھمانلارنىڭ ھاردۇقى چىقتى ھەممە ئادەم خۇشال كەيپىياتتا ئولتۇردى كەچتە ئەرلىرى قېلىپ شاراپقا تۇتۇش قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى چىمەن بىلەن خەلچىخان ئانا داستىخانلارنى يىغىشتۇرۇپ كەچكى سورۇنغا تەييارلىقنى باشلىۋەتتى.
ئاۋۇ چەتتە ئولتۇرغان سىمىز ئادەم مۇشۇ كەنىتنىڭ كەنىت مۇدىرى بولۇپ قورسىقى بىر يان ئۆزى بىر يان يانپاشلاپ ئولتۇرغىنىچە چىشىنى كوچىلاۋاتاتتى. جىم ئولتۇرۇپ باشقىلارغا نەزەر سالماقتا ئىدى. يېنىدىكى ئېگىز بوي تەمبەل ئادەم مۇشۇ كەنىتنىڭ سۈيىنى باشقۇردىغان سۇ كادىرى بولۇپ كۆرۈنمەككە كەنىت مۇدىرىدىنمۇ سالاپەتلىك كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئادەم ھېلىم ئاكا ئىدى. ئىلگىرى كەنىتنىڭ سىياسى شۇجىسى ئىدى شۇڭا كەنىتتە خېلى ئابرويلۇق سانىلاتتى. ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغىنى ھېلىم ئاكىنىڭ كىچىك ئىنىسى غالىپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى ساقاللىق كەلگەن كىشى ھېلىم ئاكىنىڭ بىر نەۋرە ئاكىسى سايىت چوڭ بولۇپ كەنىت مۇدىرى بىلەنمۇ ئازراق ئۇرۇق تۇغقاندارچىلىقى بار ئىدى. بۇ كىشىنى نىمىشقىكىن يېزىدىكىلەرمۇ خېلى ھۆرمەتلەيتى . ئىشقىلىپ بۈگۈن بۇ ئۆيگە جەم بولغانلار ئاساسەن كەنىتنىڭ چوڭئاملىرى بولۇپ، كەنىتتە يۈزى سۆزى باردىن ئىدى. كەنىت مۇدىرى ئۆيدىكى تىنجىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن سىرتقا قاراپ ماڭدى . مۇدىر ئىشىك تۈۋىدە كۆكتات يۇيىۋاتقان چىمەننىڭ ئۆرۈم ئۆرۈم چاچلىرىغا ھەۋەس بىلەن قاراپ تۇرغان سايىت چوڭنىڭ قېشىغا كەلدى. ئاستا پىچىرلاپ ئۆزلىرىنىڭ قىززىدەك قىز بالا جۇمۇ بۇ ھەۋەس قىلمىغانلىرى تۈزۈك. دىدى.
-ھا ھا ھا ھا... ماۋۇ ئادەمنىڭ قىلغان گىپىنى ھەي مىنىڭ ئوغلۇم ئابدۇرھىمنى بىلىدىلىغۇ؟
- ھە.... ئەسلى ئىش مۇنداق دىسىلە؟
- ھاھاھا.... قاقاقلاپ كۈلۈشكەن يەرگە ھېلىم ئاكا كېلىپ قالدى. ۋاي قىززىپ كىتىپتىغۇ قېنى ئۆيگە كىرەيلى «چاي»لارنىمۇ ئېلىپ كەلدىم.
ئىچىشىش باشلاندى. سىرىتتا قورۇما قورىۋاتقان خەلچەم ئانا ئاناردەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى، چىمەن ئۇنىڭ قولىدىكى چۈمۈچنى ئېلىپ قورىمىنىڭ داۋامىنى قورۇشقا باشلىدى. قورۇما قورۇلۇپ بولۇندى، تەخسىلەرگە بۆلۈنۈپ مىھمان بار ئۆيگە ئېلىپ كىرىلىپ داستىخاننى مول قىلىۋەتتى. داستىخان ئۈستىدە يىمەكنىڭ ئەڭ ئۇششىقى گازىر،كەمپۈتلەردىن تارتىپ چوڭى قوۋرۇغا كاۋاپقىچە تىزىلىپ كەتتى. ھە قېنى ئېلىشسىلا بىلەن سورۇن مۇڭ غەزەل بىلەن باشلىنىپ كەتتى. كەچمۇ كىرىپ قالدى، چىمەن سەمەرنى باشلاپ چارۋىلارنى بېسىقتۇرۋېتىپ كومپىيوتېر ئالدىغا كېلىپ بىر نىمىلەرنى ئۇرۇشقا باشلىدى. يەنە شۇ كۈندىلىك خاتىرىلەردىن باشلانغان سۆز ھىكايىلەرگە ئۆتۈپ كەتتى....

بىخلانغان مۇھاببەت



ئىككىسى مۇشۇ تەرىقىدە كۈندە دىگۈدەك تېلىفۇن ئالاقىسى قىلىشىپ يۈردى، بىر شەنبە كۈنى ئەتىگەن دولقۇنغا كەلگەن تېلىفۇن ئۇنى ئۇيقۇدىن چۈچۈتۈپ ئويغىتىۋەتتى.

دولقۇن ئۇيقۇچىلىقتا نۇمۇرىغىمۇ قارىماي تېلىفۇننى ئالدى.
-تىشلىقمۇ؟
- تىشلىقمۇ؟ ئاۋازىڭىز ئەجەپ بىر قىسىمىلا چىقىدىغۇ؟ نىمە ئىش قىلىۋاتقان ئىدىڭىز؟
-ئۇخلاۋاتاتتىم. سىزچۇ ئەتىگەن تېلىفۇن ئۇرۇپ قاپسىزغۇ؟
- ۋاي ھۇرۇن، تۇرىڭە قار تاماشاسى قىلىمىز.
-قار تاماشاسى؟ قار يېغىپتۇما؟
- ھەئە، تېز تۇرىڭە.
-سەل تۇرۇپ تۇرۇڭ مەن كىيمىمنى ئالماشتۇرۇپلا چۈشىمەن.
-قېلىنراق كىيىنىۋېلىڭ سىرت سەل سوغاق.
- بىلدىم.
-يۈزىڭىزنى يۇيۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ھە؟
- ھا ھا ھا ... ماقۇل
دولقۇن قايسى كۈنى يېڭىدىن سېتىۋالغان كىيمىنى كىيىۋالدى. ئايىقىنى مايلاپ پاقىرتىپ يەرگە تاكاس تاكاس قىلىپ دەسسىۋېتىپ بالىلاردىن سورىدى.
-ھە ئاغىينىلەر قانداقراق؟
- ۋاي بۈگۈن بىزنىڭ دولقۇن پىچەتقۇ؟ ھەر ئاداش توي قىلغىلى بارامسەن نىمە؟ دىدى ئاقپىشماق كەلگەن ئالىم ئىسىملىك دوستى.
- ئۇسساپ قالغان بولساڭ سۇ ئىچمەي نىمە قالايمىقان جۆيلۈپ يۈرىسەن؟
- شۇ سۇ ئىچىشنىغۇ ئويلىغان ئىدىم، سىنىڭ ماۋۇ ھالىغا قاراپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن دىگىنە.
-چاقچىقىڭنى قويە، ماۋۇ كىيمىم قانداق يارىشىپتىمۇ؟
- بەك يارىشىپتۇ. ئاداش مۇشۇ ھالىڭ بىلەن بىرەر قىزغا توي تەكلىپى قويساڭ چۇقۇم ھازىرلا ماقۇل دەۋىتىدۇ.
ياتاقتىكى ھەممەيلەن دولقۇننى بىرەر قۇردىن ماختاپ ئۇچۇرۋەتتى.
دولقۇن تېزلا پەسكە چۈشتى دىگەندەك قار يېغىپ پۈتۈن ئەتىراپ ئاق تون كەيگەن ئىدى، يۇپۇرماقلىرى يىتىلىپ قالغان دەل دەرەخلەر ئۈستىدىكى قارنى كۆتۈرەلمەي ساڭگىلىشىپ قېلىشقان ئىدى. ئەمدىلا خېلى كۆكىرىپ يىشىلىققا تولغان مەكتەپ قايتىدىن تۈسكە كىرىپ كۆزنى قاماشتۇراتتى. ئىككىسى ئەتىگەنلىك تاماقنى يىيىشىپ بولغاندىن كېيىن باشقىلار دەسسىمىگەن قارلارنى غاچىلدىتىپ دەسسەپ ماڭدى. چىمەنگۈل دىدى دولقۇن جىمجىتلىقنى بۇزۇپ.- سەل ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن بېرىپلا كىلەي.
-نەگە بارىسىز؟
- 30 مىنۇت ساقلاپ تۇرۇڭ مەن سرتقا چىقىپ كىرەي، مۇشۇ يەردىلا ساقلاپ تۇرۇڭ ھە.
-ھە ماقۇل.تېزرەك كىلىڭ ئەمسە.
دولقۇن چىقىپلا دادىسى تاماق ئۈچۈن ئەۋەتكەن پۇللىرىدىن تىجەپ يىغىپ قويغان پۇلىنى ئېلىپ چىقىپ 2 گىرام ئالتۇن ئۈزۈك سېتىۋالدى ۋە چىرايلىق قاپلىتىپ. تېزلا قايتىپ كەلدى.
چىمەن بايىقى جايدا ئولتۇاتتى ئۇ ئاستا باردى. ئەمما يىقىن بارماي توختاپ قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغۇن تۇراتتى. قېنى نىمىلەرنى دەيدىكىن ئاڭلاپ باقاي دىگەن نىيەت بىلەن ئۇلار دىققەت قىلمىسا كۆرمەيدىغان ئەمما يىقىن بىر جايغا مۈكۈپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ گىپىنى مەخپى ئاڭلىدى.
-نېرى كېتىڭ ھېلى ئادەم چاقىرىمەن.
-ھە چاقىرىڭ، مەن كىمدىن قورققان؟ توۋلاپ بېقىڭ بۇ يەردە مىنىڭ ئاغىينىلىرىمدىن باشقا يەنە كىم سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلايدىكەن؟
- ياخشىغۇ. ئۇ تېلىفۇنىنى قولغا ئالدى. ئەپسۇس تېلىفۇننى تۇرغۇن تارتىۋالدىدە چۆرىۋەتتى. دولقۇن غەززەپكە كەلگەن بولسىمۇ ئاچچىقىنى بېسىپ تۇرۇپ داۋاملىق كۈزەتتى.
-يەنە قانداق ھۈنەرلىرىڭىز بار؟
- بۇ يەردىن يوقىلىڭ.
- ئاڭلاڭ. تۇرغۇن ئۆزى كېلىپ ئۆزى كىتىدىغانلاردىن ئەمەس.
- خىڭ. ئاڭلاڭ چىمەنمۇ مەن نوچى دىگەنلەرگە باش ئىگىدىغانلاردىن ئەمەس.
- ئوھوي... ئۇنداقتا تازا ماسلىشىپتىمىز ھە؟ ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز دىگەندەكلا.
-سىزدەكلەرگە كوچىدىكى قىزلارلا ماس كىلىدۇ، بېشىمنى ئاغىرىتماڭ.
-مۇنداق دەڭ، سىزنىڭ ئاشۇ كوچىدىكى قىزلاردىن قېلىشقۇدەك نەرىڭىز بار ئىدى. مەن دولقۇندەك شىرىن گەپ قىلالمايمەن ئەپسۇس، ئاشۇ لاتىنىڭ مەندىن ئارتۇق نىمىسى بار دەيمىنا؟
-ئاغزىڭىزغا بېقىپراق سۆزلەڭ. ئۇنداق قىزلارنىڭ نەزىرىدە پۇل بولسىلا بولدى، ماڭا يۈز ئابروي، ئىززەت ھۆرمەت بەكرەك مۇھىم.
- بىلىپ قېلىڭ، مەن ئانچىكى ئىشلاردىن قورقۇپ قالمايمەن. مەكتەپ ئىچى بولۇپ قالدى بولمىسا... ھې ھې ھې.... ماقۇل بېشىڭىزنى ئاغىرىتماي. كۆرىشەرمىز.
تۇرغۇن ئالچاڭىشىغىنىچە دوستلىرى بىلەن كەتتى. ئۇنىڭغىچە مۈكۈپ ئولتۇرغان دولقۇن ئورنىدىن چىقتى ھېچنىمىنى بىلمىگەنگە سېلىپ چىمەننىڭ قېشىغا كەلدى. چىقىۋاتقان ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ چىمەن چۈچۈپ ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ قارىدى. دولقۇننى كۆرۈپ كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى.
-سىزگە بىرەر ئىش بولدىمۇ؟
- ياقەي. نىمە ئىش بولاتتى. تېلىفۇنىڭىزنى بىرىپ تۇرامسىز؟
- ھېچ ئىش بولمىسا ياخشى. مەڭ. نىمىگە ئىشىلتىسىز؟
- تەكشۈرۈپ باقاي نىمىلەر باركىن؟
- ھې ھې ھې ... نىمە بولاتتى. ئانچە مۇنچە يېزىشقان ئۇچۇرلار بار شۇ.
چىمەن تېلىفۇننى ئېلىپ ئۆزىنىڭ نۇمۇرىغا ئۇرغىنىچە بايا تېلىفۇننى ئېتىۋەتكەن تەرەپكە قاراپ ماڭدى. تېلىفۇننى تېپىۋېلىپ قايتىپ كەلدى.
-بىرەر نەرسە تاپالىدىڭىزمۇ يا؟
- قانداق دەيسىز؟
-تەكشۈرۈپ باقاي دەۋەتاتتىڭىز.
- چاقچاق قىلىپ قويدۇم، سىزنىڭ تېلىفۇنىڭىزنى تەكشۈردىغان نىمە ئاساسىم بار مىنىڭ؟
- دەيمىنا ئەمدى.
ئىككىسى بىردەم قار تاماشاسى قىلغاندىن كېيىن قايتىپ كېتىش ئۈچۈن ئارقىغا ياندى. دولقۇن غەيرەتكە كېلىپ دىدى: -چىمەنگۈل
- نىمە؟
-سىزگە دەيدىغان بىر ئېغىز گىپىم بار ئىدى.
- قېنى دەڭ.
-قولىڭىزنى ئېچىڭ.
- نىمە قىلىسىز؟
-ئاۋال ئېچىڭ.
- ماقۇل. چىمەن قولىنى ئېچىپ ئالدىغا چىقاردى دولقۇن يانچۇقىدىكى يۈرەك شەكىلىدىكى قاپنى ئېلىپ چىمەننىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى.
- بۇ...؟ دىدى چىمەن خىجىللىقتىن قۇلىقىغىچە قىزىرىپ.
- خالىسىڭىز ئىككىمىز توي قىلايلى.
- قۇشۇلمىسامچۇ؟
- ئىختىيارىڭىز. ئەگەر قوشۇلمىسىڭىز مەنمۇ زورلىمايمەن. بۇنى پەقەت دوستلۇق خاتىرىسى سۈپىتىدە ساقلاپ قويۇڭ. خالىسىڭىز تاقىۋېلىڭ.
- سىز تاقاپ قويۇشنى خالىسىڭىزلا. دىدى چىمەن ئەڭ تۆۋەن ئاۋازدا.
- شەرەپ بىلەن. دېدى دولقۇن خۇشاللىقتىن ئېغىزىنى يۇمالماي. ۋە تېزلا قۇتىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ ئۈزۈكنى چىمەننىڭ قولىغا سېلىپ قويدى...

ئۇ يەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن چىمەن كارۋىتىغا ئۆزىنى ئېتىپلا ئاللىقانداق شىرىن خىياللارغا مەستانە بولۇپ ئۆزىچىلا كۈلۈپ سالاتتى. تۇرۇپ تۇرۇپ يۈزىنى قولى بىلەن توسىۋالاتتى، دولقۇنمۇ ئاجايىپ ھاياجان ئىلكىدە ياتىقىغا قايتىپ كەلدى. ياتىقىغا قايتىشى بىلەن ياتاقداشلىرى ئۇنى ئورىۋېلىشتى، ھەر تۈرلۈك سۇئاللارنى ياغدۇرۋەتتى، ئەلۋەتتە چىمەن بىلەن دولقۇننىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولغان بۇ بالىلار چىمەننى ئېغىزىغا ئېلىشنى ئۇنۇتمىغان ئىدى.

جاھاننىڭ ئىشلىرى تولىمۇ مۇرەككەپ.... تىگىگىگە يەتمەك بەكلا تەس...

ئۇلارنى ئاشۇ شىرىن كۈنلەردىن كېيىن ئاللىقانداق بىر قىسمەتلەر ساقلاپ تۇرغانلىقىنى ھېچكىم پەرەز قىلىپ بولالمايتى.

مۇھاببەت



ئالدىنقى ھەپتە ياغقان قار شۇ ياغقىنىچە ئۈچ كۈن ياغقان بولغاچقا تېخى ئەتىراپ ئاپپاق تۈسنى يوقاتمىغان ئىدى. پەقەت توپ مەيدانى تولاراق ماڭىدىغان ئورۇندىكى قارلارنى بالىلار تازىلاپ قويۇشقان ئىدى. مەكتەپنىڭ بەزى كۈنگەي جايلىرىغا ياساپ قويۇلغان قار بوۋايلار شۇ پېتىچە تۇراتتى. ھاۋا ئوچۇق ئىدى. قۇياش بارچە نۇرىنى زىمىنغا سېخيلىق بىلەن تارقىتىۋاتاتتى. ئەتىگەنلىك تاماقنى بىرگە يىيىش ئۈچۈن دولقۇن چىمەننى چاقىرۋالدى. ئىككىسى تامىقىنى خۇشال كەيپىياتتا يەپ بولغاندىن كېيىن مەكتەپكە پىيادە ماڭدى. ئالدى تەرەپتىن دوستلىرى بىلەن كېلىۋاتقان تۇرغۇن ئۇدۇل كەلگىنىچە دولقۇنلارنىڭ ئالدىنى توستى.
-ۋاي ۋاي ۋاي ... بالاڭزا تىشلىقمۇ؟ دېدى تۇرغۇن سەت ھىجايغىنىچە
- تىشلىققۇ. دىدى دولقۇنمۇ جاۋابەن.
- ئۇنداق بولسا ياخشى بولماپتۇ. سەن تىشلىق بولساڭ مەن تىشلىق بولالمايمەن.
- قانداق قىلماقچى ئىدىڭ؟
- مانا مۇنداق قىلماقچى. تۇرغۇن شۇنداق دەپلا دولقۇننىڭ يۈزىگە كىلىشتۈرۈپ بىر شاپىلاق سېلىۋەتتى. دولقۇنمۇ تىزلىك بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ تۇرغۇنغا مۇش ئاتتى. تۇرغۇن كەينىگە چۈشتى. يېنىدا تۇرغان چۇماقچىلىرى كېلىپ دولقۇننى ئۇرۇشقا باشلىدى. چىمەن ئىشنىڭ يامانلىقىنى كۆرۈپ تاكسى توسۇپ ماڭدى. ۋە 110غا تېلىفۇن قىلىپ ئورنىنى دەپ بەردى. ساقچىلار كېلىپ بولغىچە ئۇلار ئاللىقاچان دولقۇننى ئۇرۇپ بولۇپ كىتىشىپ بولۇشقان ئىدى. دولقۇن سۆرەلگىنىچە يول تەرەپكە چىقىپ ئاران دىگەندە تاكسىغا چىقىۋالدى. مەكتەپ ئالدىدا دولقۇننىڭ كېلىشىنى ساقلاپ تۇرغان چىمەن دولقۇننى كۆرۈپلا كۆزلىرىگە ئاچچىق ياش ئۈسۈپ كەتتى. بايا ئۇنى تاشلاپ كەتكىنىگە پۇشايمانمۇ قىلدى. دولقۇننى يۈلەشتۈرۈپ ئاران دىگەندە مەكتەپنىڭ دوختۇرخانىسىغا ئەكىلىپ قويدى. دوختۇر ئۇنىڭ تاياق زەربىسىدىن ئىششىپ كۆكىرىپ كەتكەن يۈزىگە دورا سۈرۈپ، يېرىلىپ كەتكەن جايلىرىدىكى قاننى توختىتىپ تېڭىپ قويغاندىن كېيىن ئۇكۇل ئېسىپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى. چىمەن بىلەن دولقۇن يالغۇزلا قالدى. چىمەن ئەمدى گەپ قىلاي دىيىشىگە دولقۇن ئۇنىڭ ئېغىزىنى قولى بىلەن توسىۋالدى. مەڭزىدىنى بويلاپ ئېقىۋاتقان ياشنى سۈرتىۋېتىپ دىدى.
- بولدى يىغلىماڭ، تېزلا ساقىيىپ كىتىمەن.
- مىنى دەپ....
- شۈ.... سىزنى دەپ ئەمەس ئۇنىڭغا ئەزەلدىن ئاچچىقىم بار ئىدى مىنىڭ.
- ئەسلى مەن كەتمىگەن بولسام بۇلاركەن.
- كەتكىنىڭىز ياخىشى بولدى ئەگەر كەتمىگەن بولسىڭىز يىغلايدىغان ئادەم يالغۇز سىزلا بولۇپ قالمايتىڭىز. يەنە يىغلىسىڭىز ئاچچىقىم كىلىپ قالىدۇ.
- ماقۇل يىغلىماي.
- مەن ئاغىينە بالىلارغا تېلىفۇن قىلىۋىتەي.
- نىمە قىلىسىز؟ بولدى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولماڭ.
- ئۇنىڭ بىلەن تەك بولمايمەن، ئۇقۇغۇچىلار باشقارمىسىغا خەۋەر قىلىپ قويسۇن دىدىم
- ھە... بوپتۇ ئەمسە.
دولقۇن شۇ ياتقىنىچە ئۈچكۈن سىرتقىمۇ چىقماي يېتىپ قالدى. چىمەن بىكار بولسىلا ئۇنىڭغا ھەمرا بولاتتى. تامىقىنىمۇ چىمەن ئەكىرىپ بېرەتتى.
- بالدۇرراق تاياق يىسەم بوپتىكەن.
- نىمىشقا ئەمدى؟
- مىنى كۈندە ياخشى باقاركەنسىز.
- ساراڭ. ئەگەر مۇشۇنداق يېتىۋەرسىڭىز سىزگە قارىمايمەن جۇمۇ؟
- ۋاي بولدى تۇرۇپلا كىتەي ئەمسە. دولقۇن شۇنداق دىگىنىچە قولى بىلەن بەدىنىنى تىرەپ ئۆرە بولدى.
- بولدى يېتىۋېرىڭ. مەن سىزنى ھازىرلا تۇرۇپ كىتىڭ دىمىدىم.
- ھى ھى ھى ... مەن تېخى...
دولقۇن تۆتىنجى كۈنى سۆرىلىپ دىگەندەك دەرسكە چىقتى، كەم قالغان دەرسلىرىنى تۇللۇقلىۋالدى. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە داۋام قىلىپ ئىمتىھان ۋاقتىمۇ يىقىنلىشىپ قالدى. ئوقۇغۇچىلار بىر تەرەپتىپ ئىمتىھاننى ئويلاپ بېشى ئاغىرسا يەنە بىر تەرەپتىن تەتىلنىڭ بالدۇرراق كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتماقتا ئىدى، دولقۇن بىلەن چىمەنمۇ ئىمتىھاننىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئانچە ئىزدەشمەيدىغان بولدى، مەكتەپنىڭ ھەممىلا يېرىدە قولىغا كىتاپ ئېلىپ يالغۇز يۈرۈپ، ياكى ئۈچ تۆتى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۆگىنىش قىلغان مەنزىرىنى كۆرگىلى بولاتتى. مەكتەپنىڭ چىملىقىدا مەيداندا، سىنىپ، ئاشخانا دىگەندەك ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆگىنىش جانلىنىپ كەتتى. پەقەت ئاز ساندىكى بالىلارلا بىپەرۋالىق بىلەن ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلماي ئوينىشىپ يۈرۈشمەكتە ئىدى. ئىمتىھانلارمۇ بىر بىرلەپ بىرىلىپ تۈگەپ بولدى. بالىلار ئۆيلىرىگە قايتىش ئۈچۈن نەرىسىلىرىنى يىغىشتۇرماقتا ئىدى. چىمەن بىلەن دولقۇن ئىككىسىمۇ خوشلىشىش ئالدىدا تۇرىۋاتاتتى. ھەر ھالدا ئىككىسى بىر يېزىلىق بولغاچقا ئالاقىسمۇ ئۈزۈلۈپ قالمايتى شۇنداقتىمۇ بىر بىرىگە قىيالماسلىق بىلەن مەجبۇرى ئايرىلىش ھەر ئىككىلىسىنى قىينىماقتا ئىدى....

تېلىفۇننىڭ سائىتىنىڭ جىرىڭىشىشىدىن چۈچۈپ ئويغانغان چىمەن كىچىچە ئوچۇق تۇرغان كومپىيوتېرىنى ئىتىۋېتىپ، يۈزىنى يۇيۇپ بولۇپ سىرتقا چىقتى، بۈگۈن ھاۋا سالقىن ئىدى. كىچىدە ئازراق يامغۇچ ياغقاندەكمۇ قىلاتتى. ئاندىن باغقا كىرىپ مەي باغلاپ پىششىپ كەتكەن نەشپۈتتىن بىر نەچچە تال، قىزىرىپ پىشقان ئالمىدىن بىر نەچچە تالىنى ئېلىپ يۇيۇپ تەخسىگە تىزىپ قويۇپ تېخىچە خوقىراپ ئۇخلاۋاتقان سەمەرنى تۈرتۈپ ئويغىتىپ مال چىقىرىشقا بۇيرىۋېتىپ. ئەتىگەنلىك تاماققا تۇتۇش قىلدى، خەلچەم ئانا تاراق-تۇرۇق ئاۋازدىن ئويغىنىپ چىمەنگە ياردەملىشىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتى. تاماقنى تېزلا ئىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۆيدە ئۇخلاۋاتقان دادىسى ۋە باشقا مىھمانلارنى تاماققا چاقىرىپ قويدى. ئېغىلدىكى كالىلارغا ئوت تاشلاپ بېرىپ باغدىكى ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا ئولتۇرۇپ خىيالغا چۆكتى...
ئۇلار تەتىل مەزگىلىدە ئانچە مۇنچە تېلىفۇندا كۆرۈشكەندىن سىرت ئەپ تېپىۋالسىلا ئۇچىرىشىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىدى. دولقۇن موتىسىكىلتىنى ئېلىپ چىقىپ ئۇنى مۇشۇ يېزىنىڭ مىۋىلىك بېغىغا ئەكىرىپ تۇراتتى. ھەش پەش دىگۈچە تەتىلمۇ توشۇپ مەكتەپكە قايتىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى. چىمەن ئۆيىدىكىلەرگە قىيالماسلىق بىلەن مەكتەپكە كەلدى. بۇ يىل ئۇ كەسىپكە چۈشۈپ ئوقۇيدىغان بولغاچقا دەرسلىرى ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا خېلىلا تەس ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ دەرىسلىرىنى ئۆگىنىپ بولۇپ قۇشۇمچە ئىنگىلىز تىلىنىمۇ ئۆگىنىۋاتاتتى. چىمەننىڭ بىر ياتاقدىشى سوراپ قالدى.
- چىمەن ئاداش ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىۋاتامسەن؟
- ھەئە بولماپتۇما؟
-ياق، بوپتۇ، سەن مۇشۇ ئۈرۈمچىدە قېلىشنى ئويلىشىپ قالدىڭمۇ نىمە؟
- ئۇنداق ئەمەس، يېزامغا كېتىپ شۇ يەردە ئىشلەيمەن.
- ئۇنداق بولسا ئىنگىلىز تىلىنى ئۆگىنىپ نىمىمۇ قىلارسەن؟ يېزىغا كەتسەڭ ئۇ يەردە ھېچكىم ئىنگىلىز تىلىنى ئىشلەتمەيدىغان تۇرسا. كېيىن ئۇنتۇپ قالارسەنمىكىن؟
- ئۇغۇ شۇنداق. لىكىن بىكار بولغاندىن كېيىنن ئۆگنىپ قوياي بەلكىم كېيىن ئەسقېتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
- ھە...ي مەن مۇشۇ دەرسلىرىمگىمۇ يىتىشىپ بولالماي يۈرىۋاتىمەن دىسە.
- تىرىشساڭ يىتىشىپ بولالايسەن. ھەممە غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ.
- ئۇغۇ شۇ ئاداش. بوپتۇ ئۆگىنىشىڭنى قىلۋەرگىن مەنمۇ ئىشىمنى قىلىۋالاي.
-ئىم
ئۇلارنىڭ پارىڭى تۈگەپ تۇرىشىغا دولقۇن تېلىفۇن قىلدى.
- تىشلىقمۇ؟
- تىشلىقمۇ؟ نىمە قىلىۋاتىسىز؟
- ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىۋاتىمەن.
- سىزنىڭ تۇنجى قارنى كۆرگىڭىز بارمۇ؟
- نىمە؟ قار يېغىپتۇما؟ دىدى چىمەن بوينىنى دەرىزىگە سۇزۇپ. ۋا... قار يېغىۋېتىپتىغۇ.
- ھەئە، يېغىۋاتىدۇ. خالىسىڭىز ئايلىنىپ كىرەيلى. كىتاپقا قاراۋىرىپ چارچاپمۇ قالغانسىز.
- مەن سەل تۇرۇپ چىقاي ئەمسە، تاماق يىدىڭىزمۇ؟
- ياق تېخى سىز چىقىڭ بىللەن يەيلى.
- ئىم، سەل تۇرۇپ كۆرىشىلى.
- سىرت سوغۇق قېلىنراق كىيىنىۋېلىڭ، توڭلاپ قالىسىز.
- مەن توڭلاپ قالسام سىزنىڭ كارىڭىز يوقما؟
- ئۇنداق بولامدىغان؟ سىز توڭلىسىڭىز مىنىڭ يۈرۈگۈم توڭلايدۇ.
- بولدى قىلىڭە مىنى ئالدىماي.
-راست دەۋاتىمەن.
- بىلىمەن، بولدى مەن ھازىرلا چۈشىمەن، تېلىفۇننى قويىۋەتتىم.
- ماقۇل
سىرىت خېلىلا سوغاق بولۇپ كەتكەن ئىدى. دولقۇن چىمەننىڭ ياتاق بىناسى ئالدىدا چىمەننىڭ چىقىشنى ساقلاپ توڭلاپ تىتىرەپ تۇراتتى. خېلى ۋاقىتتىن كېيىن چىمەن دولقۇننى ئېسىگە ئېلىپ كىتاپنى كەلگەن يېرىدىن قاتلاپ يېپىپ قويۇپ، پەسكە چۈشتى.
- ۋاي خۇدايىم، بەك ساقلىتىۋەتتىممۇ نىمە؟
- شۇنى دەيمەن، سوغۇق جېنىمدىن ئۆتتى جۇمۇ. ھازىرلا چىقىمەن دىگەن ئادەم شۇنچە ساقلىتامسىز؟
- ئۆگىنىشنى يېرىم تاشلاپ قويغۇم كەلمىدى، سىز ئىسىمدىن چىقىپ قاپسىز. چىدىمىغان ئادەم كىرىپ كەتمەي. دىدى چىمەن تەنە قىلىپ.
- چىدىدىم. سىز ئۈچۈن سوغاققا، ئىسىققا ھەممىگە چىدايمەن مەن.
- مەنمۇ ھەم. دىدى چىمەن، شۇنداق دىدىيۇ يۈزلىرى شەلپەردەك قىززىرىپ كەتتى.
قار بىردەمدىلا يەرنى ئاپپاق قىلىۋەتتى. ئىككىسى كەچلىك تامىقىنى يەپ بولۇپ شەھەرنىڭ كەچكى مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىشتى.يول ياقىسىدا كىتىۋېتىپ ئويلىمىغان يەردىن چىمەن تېيىلىپ كەتتى، دولقۇنمۇ ئۇنى تۇتىۋالىمەن دەپ ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشتى. چىمەن دولقۇننىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ يۈزى دولقۇننىڭ لىۋىگە تىگىپ كەتتى. دولقۇن مۇشۇ تەرىقىدە يېتىۋېرىشنى ئۇنىڭ تۇرۇپ كەتمەسلىكىنى ۋاقىتنىڭ مۇشۇ ئىزىدا توختاپ قېلىشىنى نەقەدەر ئۈمىد قىلاتتى، بىر نەچچە سىكونىتلىق ھاڭۋېقىشتىن ئېسىنى تاپقان چىمەن دەرھاللا ئورنىدىن تۇرۇپ دولقۇننىڭ قولىدىن تارتىپ تۇرغۇزۇپ قويدى. ۋە جىددىيلىشىپ سورىدى.
- بىر يېرىڭىز ئاغىرمىغاندۇ. دىدى چىمەن دولقۇننىڭ دۈمبىسدىكى قار تۇزانلىرىنى قېقىۋېتىپ.
- ئىنتايىن ئاغىردى. دىدى دولقۇن قاتتىق ئاغىرىق ئازابى تارتىۋاتقان قىياپەتتە.
- نەرىڭىز ئاغىرىۋاتىدۇ؟ دىدى چىمەن جىددىيلىشىپ، بىرەر يىرىڭىز زەخمىلەنمىگەندۇ؟
- زەخمىلەندى. بەكلا ئاغىرىپ كىتىۋاتىدۇ. دىدى دولقۇن چىرايىنى ئۆزگەرتمەي.
- نەرىڭىز ئاغىردى؟ دىدى چىمەن تېخىمۇ جىددىيلىشىپ.
- مانا بۇ يېرىم دەپ لىۋىنى كۆرسەتتى.
- ساراڭ، ئادەمنى شۇنداقمۇ قورقىتامسىز؟ ئەسكى.
- مەن ئەسكى بولمىسام سىز مىنى ياخشى كۆرەمتىڭىز؟
- ساراڭ چوشقا. ئىككىسى بىردەم چاقچاقلاشقاندىن كېيىن ياتىقىغا قايتىپ كېتىشتى...

خەلچەم ئانىنىڭ چاقىرىشىدىن ئېسىنى تاپقان چىمەن يۈگۈرۈپ ھويلىغا كەلدى.
- نىمە ئىش ئاپا؟
- بىزنى يۇقارقى مەھەللىدىكى ئەنۋەرلەر ھېيتلىققا چاقىرىپتۇ. يولدا ماڭغاچ ئاكاڭنىڭ ئۆيىگىمۇ كىرىپ ئۆتەرمىز. تېزرەك ياسانغىن.
-ئۆيدە مىھمانلار تۇرسا.
-ئۇلارنى داداڭ ئۇزىتىپ قويۇپ كەينىمىزدىن بارىدۇ. سەمەرمۇ كىلىپ تامىقىنى يەپ بولدى، ئۇ ئات ھارۋىسى بىلەن بىزنى ئاپىرىدۇ.
- ماقۇل. چىمەن كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ چېچىنى تاراپ تۈگىۋالدى. ئاندىن سۇسلا گىرىم قىلىپ چىقتى.
-ۋا..ي ۋۇ...ي قىزىم شۇنداق چىرايلىق ياسىنىپ كېتىپسەن. مەن يىگىت بولغان بولسام سىنىلا ئالاتتىم.
- ئۇنداق ئاسان ئىش يوق ئاپا، مەنمۇ ساڭا ئۇنداق ئاسان تەگمەيتىم.
- قارا بۇ شەيتاننى. قېنى ماڭ ئەمسە. ئۇكاڭ ئاتنى ھارۋىغا قوشۇپ بولدى.
ئۇلار شۇنداق چاقچاقلىشىپ يولغا چىقتى.
- ئاچا، بەكلا چىرايلىق بولۇپ كىتىسەن جۇمۇ؟ دىدى سەمەر ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ئاچىسىغا بىر قاراپ. - مەن توي قىلسام چوقۇم سەندەك چىرايلىق، مىجەزى ئېسىل قىزغا ئۆيلىنىمەن.
-نىمىلەرنى دەپ كەتتىڭ؟ ئاچاڭ توي قىلمىسا ساڭا نىمە قويۇپتۇ؟ ھارۋاڭنى ھەيدىگىنە. چىمەنگۈل قىزىم، سەنمۇ چوڭ بولۇپ قالدىڭ، قىز چوڭ بولسا سۆز چۆچەكمۇ جېق بولىدىغان گەپكەن، خېلى ئېسىل يەرلەردىن ئەلچىلەر كەلسە قايتۇرۋەتتۇق. ئەمدى سەنمۇ ئۆز ئىشىڭنى ئويلاشمىساڭ بولمايدۇ. خىزمىتىڭمۇ مۇقىم بولدى، يەنە نىمىگە ساقلاپ تۇرىسەن؟
- ئاپا، مىنىڭ زادىلا توي قىلغۇم يوق.
- ئاچا سەن توي قىلمىساڭ مەن قىلىۋالىمەن جۇمۇ؟ ھى ھى ھى ...
- ئاۋال ئوقۇشۇڭنى پۈتكۈز، ئاندىن مەن ساڭا چىرايلىق قىزدىن بىرنى تۇنۇشتۇرۇپ قويىمەن، مەكتەپتە يۈرىۋاتقان لايىقىڭ بارمۇ يا؟
- مۇنداقلا دەپ قويسام، گىپىنى بۇنىڭ. دىدى سەمەر قىزىرىپ پەس ئاۋازدا.
- ھە بالام، سەنمۇ ئاچاڭدەك ياخشى ئوقىساڭ قىزلار دىگەن ساماندەك. شۇ چاغدا سەن كىمنى ئالىمەن دىسەڭ شۇنى ئېلىپ بېرىمىز. ئۇنداق قىلمىساڭ ئۆزەڭ توي قىلىسەن.
- ئاپا... بولدى قىلىڭە ئادەمنى خىجىل قىلىپ.
- ۋوي.. سەنمۇ خىجىل بولامسەن؟ دىدى چىمەن كۈلۈپ.
- قىزىم ئۇ گەپنى قوي قاچان توي قىلىسەن؟ مىنىڭ سىنىڭ بالاڭنى بەكمۇ باققۇم بار.
- بولدىلا ئاپا، كېيىن بىر گەپ بولار.
- كىيىن دەپ مانا. 2 يىل بولدى قىزىم. ھېلىمۇ چوڭ بولۇپ كەتتىڭ.
- ماقۇل. ماقۇل ئەمسە بۇ قېتىم كەلگەن ئەلچىلەر كىم بولسا مەيلى ياندۇرۋەتمەي قوشۇلۇڭلار. مىنىڭ باشقا پىكىرىم يوق.
- راس دەۋاتامسەن يا؟
- ھەئە سىلەرنىڭ قېشىڭلاردا تۇرسام يۈك بولۇپ قالغاندىن كېيىن شۇنداق قىلاي. دىدى چىمەن نارازى بولغاندەك.
- ماقۇل شۇنداق بولسۇن ئەمسە. دىدى خەلچەم ئانىمۇ چىرايىنى ئۆزگەرتىپ. كىم كەلسە شۇنىڭغا ماقۇل دەپلا باش ئاغىرىقىدىن بىراقلا قۇتۇلاي.
چىمەن ئەمدى ئۈندىمىدى. ئارىنى سۈكۈت قاپلىدى، يولدا پەقەت ئاندا ساندا ئۇيان بۇيان مېڭىشىپ يۈرگەن موتوسىكىلىتلارنىڭ ۋۇڭڭىدە ئۈتۈپ كەتكەن ئاۋازى، ئاسماندا لەيلىشىپ يۈرگەن قاغىنىڭ قاقىلدىشى ۋە ئاتنىڭ تۇيىقىدىن چىقىۋاتقان تاكاس تاكاس ئاۋازلارلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. چىمەن جىمجىت ئولتۇرۇپ يەنە خىيالغا پاتتى....

مەلۇم بىر شەنبە كۈنى؛
ھاۋا سوغاق، لىكىن ئاسمان ئوچۇق ئىدى. قۇياش زىمىنغا كۈلۈپ تۇراتتى. پۈتۈن ئەتىراپ ئاق توندىن لىباس كىيىپ كۆزنى قاماشتۇراتتى. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى قاتار تىكىلگەن ئارچا دەرەخلىرىنىڭ ئانچە مۇنچە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان يىڭنە يۇپۇرمىقىنى ھېساپقا ئالمىغاندا قار بوۋايقىلا ئوخشاپ قالغان بولۇپ كىشىگە گويا قار دۇنياسىغا كىلىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. چىمەن كۇتۇپخانىدا ئولتۇرۇپ دولقۇننى ساقلىدى، ئەمما ئۇ ھېچ كىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ ئۆزىگە لازىملىق ماتىرىياللارنى كۆرىۋېلىپ خاتىرلەشكە تىگىشلىك بولغانلىرىنى خاتىرلىۋېلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كۇتۇپخانىدىكى ئۈستەلگە تەپسىلى قارەۋەتكەندىن كېيىن لاسسىدە بولۇپ قالدى. نىمىشقىدۇ دولقۇنغا تېلىفۇن قىلغۇسى كەلسىمۇ ئۇنداق قىلىشنى خالىمىدى. ئۇ كۇتۇپخانىدىن چىقىپ ئاشخانا تەرەپكە كىتىۋاتقاندا تېلىفۇنى سايراپ كەتتى. قارىماققا تۇنۇشتەك قىلسىمۇ دەمالىققا نۇمۇرنىڭ ئىگىسىنىڭ كىملىكىنى بىلەلمەي دەقىقە ئويلىنىپ تۇرۇپ تېلىفۇننى ئالدى.
- تىشلىقمۇ؟
- تىشلىقمۇ؟ سىز چىمەنگۈل ھېلىم بولامسىز؟
- شۇنداق، سىز...؟
- مەن دولقۇننىڭ ئاچىسى گۈلئاي بولىمەن.
- ھە.. تىشلىقمۇ ھەدە؟
- دولقۇن بولالمايلا قالدى، XXX دوختۇرخانىسىغا تېز كەلسىڭىز، ئۇ توختىماستىن سىزنى سوراۋاتىدۇ.
- ئۇنىڭغا نىمە بولدى؟
- باشقىلار ئۇنى ئۇرغان ئوخشايدۇ.
چىمەننىڭ بېشىدىن بىر چىلەك سۇ تۆكىۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتى، تېلىفۇندا نىمە چىقىۋاتقىنىنى بىلەلمەي گاڭگىراپلا قالدى. گۈلئاي ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان ئىدى. ئۇنىڭ ئوقۇشى ياخشى بولغاچقا مەكتەپ ئۇنى ئېلىپ قالغان بولۇپ ئۈرۈمچىدە تۇرىۋاتقىنىغا خېلى بولغان ئىدى. دولقۇن ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم دىگۈدەك ئاچىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ تۇراتتى. ئۇ بەزىدە ئاچىسىنىڭ تېلىفۇنىنى ئېلىپ چىمەنگە تېلىفۇن قىلاتتى. ئاچىسىمۇ ئىككىسىنىڭ ئىشلىرىغا ئانچە ئارلىشىپ كەتمەيتى، پەقەت دولقۇننى قوللايدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا ئەسكەرتىپ قويغان ئىدى. چىمەن گۈلئاي دىگەن دوختۇرخانا تەرەپكە ماڭدى. ئۇ دوختۇرخانا مەكتەپتىن ئانچە يىراق بولمىغاچقا چىمەن تېزلا كەلدى. دولقۇنغا قاراپ قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى. ئۇنىڭ بېشىنىڭ ساق يىرى قالمىغاندەك قىلاتتى. بىر پۇتىنى گىپىسقا ئېسىپ قويغان ئىدى. ئۇ كۆز يېشىنى توختىتىۋېلىشقا ئامالسىز قالدى، دولقۇننىڭ يېنىدا ئاچىسى قاراپ تۇراتتى، سېستىرا قىز ئۇنىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچەپ تۇرماقتا ئىدى، بەدىنىگە ئىلىكتىركاردىئوگىرامما «心电图» ئاپپاراتىنىڭ مۇنچاق مۇنچاق توپچەكلىرىنى چاپلاپ قويغان بولۇپ قارىماققا ئۇنىڭ بەدىنىمۇ خېلى يارىلانغان ئىدى. بىرەر سائەتتەك جىددى قۇتقۇزۇشتىن كېيىن دولقۇن كۆزىنى خىرە ئاچتى، ئاچتىيۇ يەنە يۇمۇلۇپ قالدى.
- ھەدە، ئۇنىڭغا نىمە ئىش بوپتۇ؟
- مەنمۇ بىلمىدىم، ماڭىمۇ مۇشۇ دوختۇرخانىغا ئەكىلىپ بولۇپ خەۋەر قىلغان ئىكەن، دوستلىرىنىڭ دىيىشىچە ئۇنى تاشلاندۇق بىر ئۆيدىن تېپىپتىمىش، مەن كەلسەم ئۇنىڭ كىيىملىرى قانغا مىلىنىپ كىتىپتىكەن، دىدى گۈلئاي بىر چەتكە تاشلاپ قويۇلغان كىيىملەرنى كۆرسىتىپ. دوستلىرىنىڭ دىيىشىچە قاۋۇل ئىسىملىك بىرى باشقىلار مىنى بوزەك قىلدى، ماڭا ياردەم قىل دەپ ئەچىقىپ كىتىپتىكەنمىش. ئۇلار ھازىر ئاشۇ قاۋۇلنى ئىزدەپ كەتتى.
- چوقۇم ئاشۇ تۇرغۇننىڭ ئىشى دىدى چىمەن كۆزلىرىنى غەزەپ بىلەن نۇقتىغا تىكىپ.
- ئۇ تۇرغۇن دىگەن كىم؟
چىمەن تۇرغۇن توغىرلىق بىلىدىغانلىرىنى گۈلئايغا دەپ بەردى. شۇ چاغدا چىمەننىڭ تېلىفۇنى سايراپ قالدى. تېلىفۇننى تۇرغۇن ئۇرغان ئىدى. چىمەن تېلىفۇننى ئېلىپلا ۋارقىراپ كەتتى.
- ئىپلاس، سىنىمۇ ئادەم دىگىلى بولامدۇ؟
- ساراڭ بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ نىمە ئادەم تىللايسىز؟
- ھايۋان، نىمە بولسام بولغاندىمەن، دولقۇننى نىمە قىلدىڭ؟
- مەن ھېچنىمە قىلمىدىم، مۇشۇ ئىشلاردىن خەۋەردار قىلىپ قوياي دىگەن دىدى تۇرغۇن چۈشەندۈرۈپ.
- نىمىدىن خەۋەردار قىلاتتىڭ؟ ئۇنى ئۆلەر ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغىنىڭنىما؟
- بۇ مۇنداق ئىش.
دەل شۇ چاغدا سېستىرا چىقىپ بۇ يەرنىڭ دوختۇرخانا ئىكەنلىكىنى مۇمكىن بولسا تېلىفۇننى ئالماسلىقىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى. چىمەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلىشنى خالىماي تېلىفۇننى قويدى ۋە ئىتىۋەتتى.
چىمەن ئۈچ كۈنگىچە دەرسكىمۇ چىقماي گۈلئاي بىلەن دولقۇنغا قارىدى، ئاتا ئانىسى ئەنسىرەپ قالمىسۇن دەپ ئۇلارغا خەۋەر قىلمىدى. دولقۇن تېخىچە بىھۇش يېتىۋەردى. دوختۇرلار دولقۇننىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن گۈلئاي چىمەننى دەرستىن قالمىسۇن دەپ مەكتەپكە ماڭدۇرۋەتتى. ئۇ مەكتەپ ئالدىغا كەلگەندە قەدەملىرى توختاپ قالدى. چۈنكى مەكتەپنىڭ ئالدىدا ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقان تۇرغۇننى كۆردى. تۇرغۇن ئۇدۇل چىمەننىڭ قېشىغا كەلدى.
- تىشلىقمۇ؟
- سىنىڭ مەندىن ئەھۋال سوراشقا سالاھىيىتىڭ يوق، كۆزۈمدىن يوقال. دىدى تۇرغۇنغا تەتۈر قاراپ.
- ئاۋال گىپىمنى دەۋالاي ئاندىن نىمە دىسىڭىز مەيلى.
چىمەنمۇ ھەر ھالدا ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ باققاندىن كېيىن باھا بىرەيچۇ دىگەن ئويغا كىلىپ ئۈنسىز تۇردى.
-بۇ ئەسلى مۇنداق ئىش –دىدى تۇرغۇن سۆز باشلاپ:- شەنبە كۈنى مەن ئاغىينە بالىلار بىلەن ھېلىقى ئەسكى ئۆيگە «تاماكا» (نەشىنى دىمەكچى) چەككىلى بارغان ئىدىم. ئۇ يەردە بىر مۇنچە بالىلارنىڭ توپلىشىپ بىرىنى ئۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىر نەرسە ئۈندۈرۋېلىش نىيىتىدە ئېتىلىپ باردۇق. بىراق ھېلىقى كاساپەتلەر بىزنى كۆرۈپلا بەدەر تىكىۋەتتى. بىز ھېچ بولمىسا تاياق يىگەن ئادەمنى قۇتقۇزۇپ ئۇنىڭ تۇغقانلىرىدىن سۈيۈنچە ئالارمىز دىگەن نىيەت بىلەن بېرىپ قارىساق ئۇ باشقا بىرى ئەمەس دەل دولقۇن ئىكەن. سىزنى ماڭا ئىشەنمەيدۇ دەپ قاراپ ياتاق بىناسىغا تېلىفۇن ئۇرۇپ ياتىقىدىكى بالىلارنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇپ چىقىپ كەتتۇق، ئىللا بۇللا بىز ھېلىقى ناكەسلەرنى تۇنىمايمىز، ھەم ئۇلار بىلەن قەتئىي تۇنۇشلىقىمىز يوق. بىز بۇنداق پەسكەش ئىشنى ھەم قىلمايمىز. ئەمدى نىمە دىسىڭىز مەيلى بىراق يەنە مىنىڭ غورۇرۇمغا تىگىدىغان بولسىڭىز بۇ مەكتەپ ئەمەس پەسكەشلىك قىلىش دىگەن ماڭا تەس ئىش ئەمەس. ھە... راس دىدى ئۇ بىر نەرسىنى ئېسىگە ئالغاندەك قىلىپ، بىز قېچىپ ماڭغانلارنىڭ ئارىسىدا باشقىلارغا ھەييارلىق قىلىپ يۈرىدىغان ھېلىقى قاۋۇل دىگەننى تونىۋالغان ئىدۇق، بىراق نەچچە كۈندىن بېرى ئۇنى ئۇچىراتمىدىم.
- گىپىڭ تۈگىدىمۇ؟
- يەنە ماڭا ئىشەنمەيۋاتامسىز؟ مەن ئىلگىرى دولقۇن بىلەن بىر مەزگىل خېلى يىقىنلاردىن بولۇپ ئۆتكەن. كېيىن بىزنى نەشە چىكىدىكەنسىلەر دەپ ئۆزى يالغۇز يۈرىدىغان بولىۋالدى. ئۇنىڭغا ئاچچىقىمنىڭ بارلىقى راست لىكىن مەن ئۇنداق ئادەم توپلاپ ئادەم ئۇرىدىغان سورۇندا يوق، يازدا ئۇنى ئۇرغان ۋاقىتتا سىز قېچىپ كەتتىڭىز بولمىسا ھەممىنى كۆرەتتىڭىز. مەن ئۇلارنى ئۇرۇشتىن توختىتىپ قويمىغان بولسام دولقۇن بۇنىڭدىنمۇ بەتتەر كۈنگە قالاتتى. مەن ئۆزۈمنى ئوڭشاپ تۇرۇپ بولغىچە ئاغىينە بالىلار ئۇنى ئۇرۇپ شۇنداق قىلىپ قويۇپتىكەن. كېيىن ئۇلارنىمۇ خېلى ئۇچۇقداپ قويغان ئىدىم. قارىماققا تۇرغۇننىڭ سۆزى يالغاندەك قىلمايتى.
- ھە... مۇنداق دەڭ. سىز دولقۇننى قۇتۇلدۇرۇپ قالدىڭىزما؟ ئادەم ئۆلمىسە ئاڭلىمايدىغىنى يوقمۇ نىمە؟
- راست دەۋاتىمەن. ئەگەر مەن ئاشۇنداق پەسكەش بولىدىغان بولسام ھېلىغىچە سىزنىمۇ....
- مۇشۇ قىلغىنىڭ يەتمىگەن بولسا نىمە قىلساڭ قىل. ساڭا دەيدىغان گىپىم يوق مىنىڭ، ئاۋال ھەقىقىي ئىش ئاشكارلانسۇن، يا سەندىن ئەپۇ سورايمەن، يا بولمىسا سوتتا سىنىڭ ھالىڭغا قاراپ يەتكۈچە كۈلىۋالىمەن. چىمەن شۇلارنى دەپ بولۇپ تۇرغۇنغا قاراپمۇ قويماستىن تېز تېز قەدەملەر بىلەن مەكتەپكە كىرىپ كەتتى...
بىر ھەپتىدىن بېرى قاۋۇلنىڭ ھېچ ئىزدىرىكى بولمىغاندىن كېيىن بالىلار مەسلىھەتلىشىپ ئۇنىڭ ئوقۇتقىچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئادىرسىنى تاپتى ۋە ياسىن ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ يا ئۆزىنى يا ئاتا-ئانىسىنى باشلاپ كەلمەكچى بولدى. مانا ياسىنمۇ قاۋۇلنىڭ دادىسىنى باشلاپ قايتىپ كەلدى. قاۋۇلنىڭ ئىز دىرىكىنى قىلىش ئۈچۈن قاۋۇل تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ ساقچىخانىسى ئۇختۇرۇش تارقىتىپ قاۋۇلنى تۇتۇشقا كۈچ چىقىردىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى. دىگەندەك بىر ھەپتىدىن كېيىن قاۋۇل ئەكىلىپ بېرىلدى. قاۋۇل سوراق جەريانىدا تۆۋەندىكىلەرنى دىدى.
مىنىڭ بۇرۇندىن دولقۇنغا ئاچچىقىم بار ئىدى. شۇڭا دولقۇندىن ئاچچىقىمنى چىقىرىش كويىدا يۈرسەم بىر كۈنى بازار ئوينايدىغان ئاغىينىلرىم ماڭا دولقۇننى تېپىپ بەرسەم ماڭا 300 يۈەن بىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى شۇنىڭ بىلەن مەن دولقۇننى باشلاپ ھېلىقى يەرگە ئېلىپ چىققان ئىدىم. ھېلىقى بازار ئوينايدىغان ئاغىينىلىرىمنىڭ دىيىشىچە ئۇلار بازار ئويناۋاتقاندا دولقۇن كۆرۈپ قېلىپ مال ئىگىسىدىن ئەپۇ سورىتىپتىكەن، شۇڭا ئۇلار ئاچچىقىنى چىقىرۋالماقچى بوپتىكەن، مەن ھەم ئاچچىقىمنى چىقىرۋالدىغان ھەم نەپكە ئىرىشىدىغان بۇنداق پايدىدىن قۇرۇق قېلىشنى خالىماي ئەنە شۇنداق ئېزىپتىمەن دىدى.
ئىشنىڭ تىگى ئېنىق ئايرىلىپ، ئۇنى ئۇرغانلار قانۇن بويىچە سوراق قىلىنىپ جازالاندى، دولقۇننىڭ بارلىق داۋالىنىش چىقىملىرىنى ئۈستىگە ئالغاندىن سىرىت ئۇنىڭ روھى ۋە جىسمانى زىيىنى ئۈچۈن 15 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلەپ بەردى....
ئات تۇيۇقسىز چاپچىپ يۈگۈرەپ ھارۋا قاراماي ياتقۇزۇلغان يولغا چىقىپ قالغان تاشتىن قاڭقىپ كېتىپ چىمەننىڭ خىيالىنى ئۈزۈپ قويدى.
ھارۋا مېڭىپ تۆت ئەتىراپىدا گىياھ يوق جاڭگال يولىدىن بازار ئىچىگە كىرىپ بولغان ئىدى. خەلچەم ئانا چىمەننىڭ تېلىفۇنىدا قەمەرگە تېلىفۇن قىلدى. قەمەر قېيىن ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە ھيتلاپ كەتكەنچە تېخىچە قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى، كەچكىچە بېرىپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن ئۇلار خەلچەم ئانىنىڭ ئىنىسى بولغان ئەنۋەرنىڭ ئۆيىگە يولىنى داۋام قىلدى. ئۇلارنىڭ ئۆيى يېزا بازىرىدىن ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى، ئاتنى سەل قامچىلاپ قويسا 15 مىنۇتتا، قويۇپ بەرسە يېرىم سائەتلەردە بېرىپ بولاتتى، ھارۋىدىكى ئۈچەيلەن ھەممىسى ئۆزىنىڭ خىيالى بىلەن ئىدى. خەلچەم ئانا چىمەننىڭ لايىقى بارمىدۇ؟ ئەجەپ ئۇنىڭ لايىقى بولسا بىز بىلەن كۆرۈشتۈرمەيدىغاندۇ؟ نىمىشقا توينىڭ ئېتىنى ئاڭلىسىلا بۇ بالىنىڭ قۇيقا چېچى تىك تۇرۇپ كېتىدىغاندۇ؟ زادى قاچان توي قىلار؟ دىگەندەك چىگىش سۇئاللارغا جاۋاپ تاپالماي يۈرەتتى. خەلچەم ئانىنىڭ بۇ خىيالنى قىلىۋاتقىنىغىمۇ خېلى زامانلار بولغان ئىدى. ئۆيىگە ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ئەلچىلەرنى چىمەننىڭ كۆڭلى ئۈچۈنلا قايتۇرىۋاتاتتى. سەمەر بولسا ئوقۇشنى ياخشى ئوقۇشنىڭ ئەمەس، تويى ئۈچۈن ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن قىزلىرىنى تاللاپ ئاۋارە ئىدى. «ئاۋۇ گۈل چىھرەغۇ مىجەزى ئېسىل. ئۆزىمۇ ئاددى ساددا يۈرىدىغان قىز، لىكىن زە... سەل سىمىز كاساپەت بولمىغان بولسا... بولمىسا ئايگۈلچۇ؟ ئۇغۇ ھەر جەھەتتە ماڭا يارايتى. لىكىن ئائىلە شارائىتى سەل يۇقىرىراق، بۇنداق يۇقىرى تەبىقىدىن توي قىلىپ قالسام ماڭا جاپا، توغرا مىھرىبان، ھىم... بۇ بولىدىغان قىز بالا. ھەر جەھەتتىن ئىككىمىز ماسلىشالايمىز. شۇغىنىسى ئىككىمىز ئىككى شەھەردە، ‹سەۋەپ قىلساڭ سىۋەتتە سۇ توختايدۇ› دىگەن گەپ بار. ئۆيدىكىلەرنىمۇ بىر ئامال قىلىپ قايىل قىلارمەن، بۇنىڭلىق بىلەن ئوقۇشنى ياخشى ئوقىمىسام ئۆيدىكىلەر مىنىڭ ھەر قانداق تەلىپىمگە قوشۇلماسلىقى ئېنىق، بولدىلا بۇلارنى ھازىرچە ئويلىماي، ئۇلارغا مىنىڭ نەتىجەم لازىم بولغاندىن كېيىن ئۇ ئىشتىنمۇ غەم يىمىسەم بولىدۇ، لىكىن مىھرىباننىڭ ئۆيىدىكىلەر بۇنىڭغا نىمە دەپ قالار؟» سەمەر قاچانلا قارىسا مۇشۇنداق تىگى يوق، مەنىسىز خىيالغا چۆكۈپ كېيىنكى «بەخىت»ىنى بەكرەك ئويلايتى. چىمەن بولسا شۇ بۇرۇنقى ئەسلىمىلەر ئچىدىلا ئۆتەتتى. ھارۋا تېزلا ئەنۋەرنىڭ ئۆيىگە كېلىپ بولدى، قۇربانلىق قوينىڭ گۆشى ئۇلارنىڭ يىيىشىنى ساقلاپ قازاندا قايناۋىرىپ ئېرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار كېلىپلا ئۆينىڭ جىمجىتلىقى ئاۋاتلىققا ئايلاندى. ئەنۋەرنىڭ چوڭ قىزى ھە دەپ چىمەنگە يېپىشىۋېلىپ ماڭا ئوينىشىپ بەر دەپ غەلۋە قىلغىلى تۇردى. كىچىك قىزى بولسا نەچچە كۈندىن بېرى تازا مىجەزى بولمىغاچقا يىغلاپ تولا خاپا سالدى، ئوغلى بولسا تېخى يېشىغا توشمىغان ئىدى. نىمىشقىكىن بۇ بالا سەل كۆپرەك ئادەمنى كۆرسىلا توختىماي يىغلايتى. ئۆينىڭ ئىچىنى بۇ ئۈچ بالا بېشىغا بىر كەيگەن ئىدى. ئەنۋەر بىلەن خەلچەم ئانا بىر دەم ھال مۇڭ بولۇشقاندىن كېيىن گەپنىڭ تېمىسى يەنە چىمەنگە يۆتكەلدى. ئۇنىڭغىچە ھېلىم ئاكىمۇ كېلىپ بولدى. بالىلارمۇ يىغلاپ ھاردى بولغاي بىرى ئۇخلاپ ئارام تاپتى، يەنە بىرى سىرتقا ئوينىغىلى چىقىپ كەتتى، كىچىك بالىسى بولسا ئۇيۇنچۇق ماشىنىسىنى ھېلى ئۇياندىن بۇيانغا ئېتىپ تۇرۇپ تۇرۇپ چىرقىراپ ئۇيۇن ھەلەكچىلىكىدە ئىدى. گەپنىڭ قىززىق نۇقتىسى چىمەننىڭ توي ئىشىغا كېلىپ تاقاشتى. چىمەن بولسا بىر ئېغىز گەپمۇ قىلماستىن ئولتۇراتتى. چۈشتىن كېيىن يامغۇر يېغىپ كەتتى. چىمەن بىلەن سەمەر دادىسى بىلەن ماشىنىدا ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. خەلچەم ئانا ئەنۋەر بىلەن ھال مۇڭ بولىمەن دەپ تۇرۇپ قالدى. قەمەر (چىمەننىڭ ئاكىسى)مۇ يامغۇردا ماڭالماي يەنە قېيىن ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى. چىمەن ئۆيىگە كېلىپلا كومپىيوتېرنى قوزغىتىپ كۈندىلىك خاتىرىسىنى يازدى ئاندىن كۆزىنى يۇمۇپ ياتتى، ئەمما كۆزىگە ھېچ ئۇيقۇ كىلەي دىمەيتى. گاھ ئۇيان گاھ بۇيان ئۆرۈلۈپ كۆزى ئاران ئۇيقۇغا بارغاندا شىرىن چۈشى بۇزۇلۇپ كېتىپ يەنە ئويغىنىپ كەتتى...

چىمەن ئاسماندا پەرى بولۇپ ئۇچىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بىر قولىدا كىتاپ بار بولۇپ كىتاپتىكى بىلىملەرنى يەنە بىر قولىدا يەرگە چېچىۋاتاتتى. بىر ئازدىن كېيىن بىر ئۇچار ئاتلىق شاھزادە كەلدى، ھېلىقى شاھزادە پەرىگە يىقىنلىشىپ كەلدى، قارىماققا سالاپەتلىك كۆرۈنگەن بۇ شاھزادە نەق دولقۇننىڭ ئۆزى ئىدى. ئۇ پەرىنى ئۇچار ئېتىغا مىندۈرۈپ بۇلۇتلار ئارىسىدىن شۇڭغۇپ ئۇچۇپ نە ئاسمان، نە زىمىن ئارىسىدا پەرۋاز قىلىۋاتاتتى. بىر ئازدىن كېيىن ئات ئۈستىدىكى شاھزادىنىڭ گەۋدىسى ئاستا ئاستا سۇسلىشىپ يوقاپ كەتتى، پەرى ئاتنىڭ ئۈستىدە يالغۇزلا قالدى. ئۇ تۆت ئەتىراپىغا تېز تېز نەزەر سېلىپ دولقۇندەپ ۋارقىرايتى، ئەمما دولقۇن ھېچ نەدە كۆرۈنمەيتى. ئۇ دولقۇن دىگىنىچە چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتى....

دەزلەنگەن مۇھاببەت



بۇ يىل قىشتا قار ياغقاندىمۇ قېلىن يېغىۋەتتى. يوللارنى ۋە پيادىلەر يولىنى تازلىق ئىشچىلىرى تازىلاپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ يەر يۈزىدە بىر قەۋەت مۇز ھاسىل بولۇپ قالغان ئىدى. يەكشەنبە كۈنى دولقۇن كەچلىك مۇزاكىرىگە ئالدىراپ تېز كىتىپ باراتتى. ئالدى تەرەپتىكى ئۆزى ماڭغان يۆلىنىشتە توختىتىپ قويغان ماشىنىنىڭ ئىشىكى ئۇ ماشىنىنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئېچىلىپ قالدى، دولقۇن تېز ماڭغان بولغاچقا قەدىمىنى توختىتىپ بولغىچە تېيىلىپ كېتىپ ئۇدۇل ماشىنىنىڭ ئالدى ئىشىكىنىڭ ئۇدۇلغا يىقىلىپ چۈشتى. رازىيە ماشىنىدىن ئاچقۇچنى ئالغاچ يەرگە دەسسەپ چۈچۈپ كەتتى، چۈنكى ئۇ يەرگە ئەمەس دولقۇننىڭ قۇرسىقىغا دەسسىۋالغان ئىدى. دولقۇننىڭ بېشى يەردىن چىقىپ قالغان 2 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتىقى تۈمۈرگە تىگىپ كېتىپ بېشى يېرىلىپ ھوشىدىن كەتكەن ئىدى. رازىيە باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن دولقۇننى ماشىنىغا چىقىرىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدى. دولقۇننىڭ تېلىفۇنىنى ئېلىپ نۇمۇرغا قارىماستىن ئەڭ ئاخىرىدا سۆزلەشكەن بىر نۇمۇرغا تېلىفۇن قىلدى، بۇ نۇمۇر دەل چىمەننىڭ نۇمۇرى ئىدى.
- تىشلىقمۇ؟ مەكتەپكە كېلىپ بولدىڭىزمۇ؟ دىدى چىمەن قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىماستىن،
- تىشلىقمۇ؟ رازىيە نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمايلا تېلىفۇن ئۈزۈلۈپ قالدى. رازىيە ئۇنىڭ تېلىفۇن خاتىرىسىدىن ئاختۇرۇپ ئاچىسىنىڭ نۇمۇرىنى ئىزدەپ تاپتى. ھەممە ئەھۋالنى گۈلئايغا تۇللۇق چۈشەندۈرگەندىن كېيىن دوختۇرخانىنى ئېيتىپ بەردى. رازىيە مىنىڭمۇ مەسئۇليىتىم بار دەپ قارىغاچقا ھەر كۈنى بىر قېتىم كېلىپ دولقۇنغا تاماق توشۇپ بىرىۋاتاتتى. دولقۇن قانچە قىلسىمۇ چىمەننىڭ تېلىفۇننى نىمىشقا ئالمىغىنىنى زادىلا چۈشىنەلمىدى. ئالدىنقى قېتىمقى يارىسى تېخى تۇللۇق ساقىيىپ كەتمىگەچكە دولقۇن بۇ قېتىم سەل ئۇزۇن داۋالىنىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى. يېرىم ئايدەك داۋالىنىشتىن كېيىن ياتاقتىن چىقىش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ ئارام ئېلىش كۈنى بولىشىغا قارىماي چىمەننى ئىزدەپ ماڭدى. لىكىن چىمەننىڭ دوستلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى ئېيتىپ بەرمىدى، دولقۇن كۇتۇپخانا، مەكتەپنىڭ ئارقا گۈللۈكى، مەكتەپ بېغى، توپ مەيدانى ئاشخانا... ئىشقىلىپ ئىزدىگۈدەك يەرنىڭ ھەممىسىنى ئىزدەپ چىقتى، ئەمما چىمەننىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتى. ئۆزىنى تاماققا زورلاپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتاتتى. ئۇ خېلى ۋاقىت دەرستىن ئايرىلىپ قالغاننى ئاز دەپ ئەمدى كاللىسىغا بىر نەرسە چۈشىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئىمتىھاننىڭ ۋاقتى يىقىنلىشىپ مەكتەپ بۇ قېتىم ئۇنى ھەر تەرەپتىن ھەر خىل بېسىملار بىلەن كۈتىۋالدى. رازىيە ئۇنىڭغا كۈندە تەسەللى بېرىپ تۇرسىمۇ ئۇ يەنىلا بېسىم ھېس قىلاتتى. چىمەنمۇ دەرىستىن كۆرۈنەرلىك چىكىنگەن ئىدى. ئۇنىڭغىمۇ خېلى بېسىم بولغان ئىدى. ئۇلار ئاخىرى دولقۇننىڭ دوستلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن يارىشىۋالغانمۇ بولدى، ئەمما رازىيەدىن توختىماي كىلىۋاتقان ئۇچۇر ۋە تېلىفۇنلار ئىككىسنىڭ ئارازلىشىپ قېلىش سەۋەپچىسى ئىدى. دولقۇن رازىيەگە كۆپ قېتىم تېلىفۇن قىلماسلىق توغرىسىدا گەپ قىلغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمايۋاتاتتى. شۇنداق قىلىپ قىشلىق تەتىل قويۇپ بېرىش ئالدىدا ئىككىسى رەسمى ئايرىلىپ كەتتى.
قىشلىق تەتىل قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن رازىيە ھەتتا دولقۇننى ئىزدەپ ئۇنىڭ يېزىسىغىچە كەلدى. رازىيەنى ئاتا ئانىسى بىرلا بالا دەپ نىمە دىسە شۇنى قىلىپ بېرىپ ئەركە ئۆگىتىپ قويغاچقا دولقۇن ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇنى توسۇپ قالالمايۋاتاتتى. رازىيە بولسا دولقۇندىن بىر ياش ئەتىراپىدا چوڭ ئىدى ئۇ ھەتتا دولقۇنغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىپمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدى. ئەمما دولقۇن ئۇنى كەسكىنلا رەت قىلىۋەتكەن ئىدى. ئۇنىڭغا پەقەت دوست بولۇپ ئۆتۈشنى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تېمىدىن سۆز ئېچىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرىمۇ دىگەن ئىدى. ھەم ھەر كۈنى دىگۈدەك ئەسكەرتىپ كىلىۋاتاتتى. لىكىن رازىيە ئۆز ھېسىياتىنى پەقەتلا تۇتىۋالالمايۋاتاتتى. چىمەنگە ئۆچلىكى، ھەۋىسى، ھەسىتى كېلەتتى. دولقۇننى بۇغۇپ قويغۇسى كېلەتتى. ئەمما ئۇنداق قىلالمايتى. پەقەت ھەر قېتىم ئىنكار قىلىشقا ئۇچىرىغاندا ئۈنسىز ياش تۆكەتتى. ئۇنىڭغا دولقۇننىڭ پۇل ئۈچۈن ئۆزى ئاتمايدىغان، گۈزەللىككە ئەمەس ھەقىقىي مۇھاببەتكە ئىنتىلىدىغان تىرىشچان ئاليجاناپ خىسلىتى زور تەسىر قىلغان ئىدى، رازىيە دولقۇننىڭ تەسىرىدە كۆپ ئۆزگەردى ئەمما يەنىلا ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. ساراڭلارچە ئىنتىلەتتى. ئۇ دولقۇن ئۈچۈن ئاتا ئانىسىدىن، دوستلىرىدىن، يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئۇنىڭ يېزىسىغا كىلىشكە رازى ئىكەنلىكىنى قانچە قېتىملاپ دىگەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتى. ئەمما دولقۇننى زادىلا ئۆزىگە قارىتالمىىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا ئۆچلىكى كىلەتتى، ھەر قېتىم تېلىفۇن قىلماسلىقنى ئويلاپ تۇرسىمۇ قوللىرى ئىختىيارسىز دولقۇننىڭ نۇمۇرىغا كىتىپ قالاتتى. ئۇ ھەتتا دولقۇننىڭ ئاتا ئانىسىنى ئىزلەپمۇ بولغان ئىدى. شۇنداق قىلسىمۇ دولقۇننىڭ ئىرىمەيدىغان بۇ تاش يۈرىكىگە ھەيرانلا قالاتتى.....
چىچەكلەرنىڭ خۇش بۇي ھىدى ئەتىراپنى بىر قاپلاپ يەنە بىر ئەتىيازنىڭ كەلگەنلىكىدىن دىرەك بىرىۋاتماقتا ئىدى. چىمەن دولقۇندىن ئايرىلىپ كەتكەندىن تارتىپ ئۆگىنىشكە قاتتتىق ئىشتىياقى بىلەن كىرىشىپ كەتتى. دەرس ئۈستىگە دەرس يۈكلەپ ئۆزىدىكى ئازاپلارنى شۇ ئارقىلىق يەڭگىللەتمەكچى بولدى. شۇنداق يۈرگەن بىر كۈنلىرى رازىيە چىمەننى ئىزدەپ كىلىپ ئۇنىڭغا ھەممە ئىشنى تۇللۇقى بىلەن چۈشەندۈرۈپ قويدى. ئاندىن چىمەننىڭ ئۇنمىغىنىغا قويماي زورلاپ يۈرۈپ دولقۇننى چاقىرغۇزۇپ كەلدى. دولقۇن كەلگەندىن كېيىن ئىككىسىنى ياراشتۇرۇپ قويۇپ، دولقۇنغا بەخىت تىلەپ ئەمدى بۇ يەردە تۇرمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ نەلەرگە كىتىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بولۇپ كۆزىگە ياش ئالغىنىچە قىيالماسلىق ئىلكىدە ئۇلاردىن ئايرىلدى. دولقۇننىڭ ئۇنىڭغا شۇنچە نەسىھەت قىلغۇسى، توسۇپ قالغۇسى كەلسىمۇ ئۇنداق قىلمىدى، ھەم خالىمىدى، ئەگەر تۇسۇپ قالسا يەنە ئارلىققا قىسىلىۋېلىپ، چىمەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر يىتىشىنى خالىمىغان ئىدى...

چىمەن ئەتىگەن تېلىفۇنىنىڭ سايرىشىدىن ئويغىنىپ كېتىپ تاماققا تۇتۇش قىلدى. چىمەننىڭ مەنىسىز كۈنلىرى داۋاملىشىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا پەقەت خىزمەت جەريانىدىكى ئانچە مۇنچە يۈز بېرىپ تۇرىدىغان خۇشاللىقلارلا ئۇنىڭغا ھاياتنىڭ قەدىر قىممىتىنى ھېس قىلدۇراتتى. ئۇ ئۆزىگە قاراشلىق بولغان نەچچە ئۇنلىغان گۆدەك قەلىبلەرنىڭ دىلىغا بىلىم ئۇرۇقىنى چېچىشنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان بولۇپ قالدى. ھېيتمۇ بىرەر قۇر ئاياغلىشىپ قالدى. چىمەن ئەنۋەرلەرنىڭ ئۆيىدىن قايتقاندىن كېيىن ھېچقانداق يەرگە ھېيتلاپ بارمىدى. سەۋەبى پەقەت ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرلا ئەمەس ئۇرۇق تۇغقان دوسستلىرىنىڭ ھەممىسى چىمەننىڭ توي ئىشىنى سوراپ ئۇنىڭ رايىنى قايتۇرۋەتكەن ئىدى. شۇ تەرىقىدە ھېيت ئېيىمۇ ئۆتۈپ كەتتى. چىمەنگە ئارقا ئارقىدىن ئەلچىلەر كىلىشكە باشلىدى. ئەمما چىمەن قوشۇلمىغاچقا ئۆيىدىكىلەرمۇ ئەلچىلەرنى چىرايلىق گەپلەر بىلەن يولغا سېلىپ قويىۋاتاتتى. ئايىغى ئۈزۈلمەي كىلىۋاتقان ئىشلار چىمەننى ھالسىرىتىپ ئاخىرى ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. بىر نەچچە كۈنلۈك ياخشى كۈتۈنۈشتىن كېيىن چىمەن خېلى ياخشىلىنىپ قالدى، مەكتەپتە ئۇنى ساقلاپ تۇرغان بىر تالاي ئىش بار ئىدى. ئۇ ئىشلىرىنى تۈگىتىۋېلىش ئۈچۈن تۇللۇق ياخشىلىنىشىنى كۈتمەستىن مەكتەپكە قاراپ يولغا چىقتى.
ھاۋا بارغانسىرى سوۋۇشقا باشلىدى. دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى سارغىيىپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى. دېھقانلار بولسا پاختا تىرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئەمدى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى پاختا تىرىش ئەمگىكىگە ئېلىپ چىقىش كېرەك ئىدى. بۇنداق ۋاقىتتا مەكتەپ ئالدىغا تىراكتورلار رەت-رەت بىلەن تىزىلىپ ئوقۇغۇچىلارنى توشۇشقا ئالدىرايتى. مانا بۈگۈن دەل شۇ كۈن.
چىمەن ئەتىگەنلىك تاماقنى يەپ بولۇپلا ئالدىراپ مەكتەپكە كەلدى. يول مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى يولنىڭ ئىككى تەرىپىنى تىراكتورلار ئىگەللەپ، يول تارىيىپ كىچىكلا بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يولدا ماڭىدىغان قاتناش كۆپ بولغاچقا قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بەرگەن ئىدى. ئۇ قانچە ئالدىرىسىمۇ موتىسىكىلىتىنى ئۆتكۈزەلمەي كىچىكىپ قالدى، مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئەمدى كىرگەندە بولسا ئىش تەقسىملىنىپ بولۇپ ئوقۇتقۇچىلار ئۆز سىنىپىغا كىرىپ كىتىۋاتماقتا ئىدى.
- سىزنىڭ سىنىپىڭىزنى دۆڭباغ كەنىتىدىكى ئالىم باينىڭ پاختىسىنى تىرىشكە ئورۇنلاشتۇردى، دىدى بۇ مەكتەپكە يېڭىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى گۈلشەن.
- رەھمەت، مەن ئۇ ئادەمنىڭ باي ئىكەنلىكىنىغۇ تولا ئاڭلىغان ئىدىم، ئاڭلىشىمچە ئۇ كىشى مەكتىپىمىزگە ياردەم قىلىپتىكەن.
- مەنمۇ شۇنداق ئاڭلىغان ئىدىم. سىزنىڭ تەلىيىڭىز بار جۇمۇ. بۇ باي غۇجامنىڭكىدە يەپ ئىچىپ سەمىرىپ كىتىدىغان بولدىڭىز.
- ھې ھې ھې ... ئۇلار پاراڭلاشقاچ ئۆز سىنىپلىرىغا كىرىپ كەتتى. چىمەن سىنىپقا كىرىپ بالىلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەك مەيدانىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن مەكتەپ مۇدىرىنى ئىزدەپ ئالىم باينى تېپىپ بالىلارنى ماشىنىغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزى موتوسىكىلىتى بىلەن يۈرۈپ كەتتى. كۈن چۈش بولغاندا ئاران ئەمگەك مەيدانىغا كەلگەن بالىلار، پاختىسى بەكرەك ئېچىلغان قۇرنى تالىشىپ يۈرۈپ پاختا تىرىشكە چۈشۈپ كەتتى. بىر كۈنلۈك ئەمگەكمۇ ئاخىرلىشىپ بالىلار باينىڭ ئۆيلىرىگە بۆلۈنۈپ كىرىپ ئۇخلاشتى، چىمەن بولسا باينىڭ قىزى بىلەن بىر ئۆيگە كىرىپ ياتتى، قىز ئۇخلاپ قېتىپ كەتكەن بولسىمۇ چىمەن زادىلا ئۇخلىيالمىدى. كاللىسىدا يەنىلا شۇ تۈگىمەس خىيال....
ياز ئايلىرى كىرىپ ھاۋا كۈندىن كۈنگە ئىسسىپ كەتتى، دىمىق كۈنلەردە چىمەن دائىم مەكتەپنىڭ چىملىق مەيدانىغا كىلىپ سۈگەت سايىسىدا ئۆگىنىش قىلاتتى. يىراقتىن تۇرغۇن ئۇنىڭ يالغۇز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئاستا ئۇنىڭغا يىقىنلاشتى.
- تىشلىقمۇ؟ يالغۇز كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇرۇپسىزغۇ؟
- ھەئە. چىمەن تۇرغۇنغا قاراپ قويۇپ قىسقىلار جاۋاپ بەرگەندىن كېيىن يەنە كىتاپقا قارىدى.
- سىز دائىم مۇشۇنداق يالغۇز يۈرۈپ زىرىكمەمسىز؟
- ياق، ئادەم كۆپ يەردە ئىچىم سىقىلىپ قالىدۇ.
- ھە.... مۇنداق دەڭ، بۇ يەردە ئادەممۇ كۆپ ئەمەسكەن، خالىسىڭىز سىزگە بىردەم ھەمرا بولايمۇ؟
- ئىختىيارىڭ (چىمەن ھېلىقى ئىش بولغاندىن تارتىپلا تۇرغۇننى سەنلەيدىغان بولىۋالدى، تۇرغۇنمۇ كۈنۈپ قالغان ئىدى) مەن ئۆگىنىش قىلىمەن، ماڭا دەخلى قىلمىساڭلا بولدى، خالىساڭ، بىرگە ئۆگىنىش قىلساقمۇ بولىدۇ.
- دولقۇننىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقمامسىز؟
- ياق.
- مىنىڭ سىزگە دەيدىغان گىپىم بار ئىدى. خالىسىڭىز ئۆگىنىشىڭىزنى بىر مىنۇت توختىتىپ قويامسىز؟
- قېنى گەپ قىل، ئاڭلاۋاتىمەن.
- ئىككىڭلار ئايرىلىپ كىتىپسىلەر ھە؟
- ھەئە. لىكىن يەنە يارىشىۋالدۇق.
- مۇنداق دىسەم ئاچچىقىڭىز كىلىدىغىنىنى بىلىمەن. مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن.
- ھا ھا ھا... مەن بۇ گەپنىڭ ئاڭلىغان قانچىنچى ئادەم؟
- بىلمەيمەن، لىكىن سىزگە شۇنداق دىيەلەيمەن، مەن ھەقىقى ياخشى كۆرگەن تۇنجى قىز سىز.
- ھە... مۇنداق دە. لىكىن كەچۈر، مەن سىنى ياخشى كۆرەلمەيمەن.
- بۇنى بىلىمەن، مەن پەقەت سىزنىڭ مىنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى بىلسىكەن دەيمەن.
- چۈشەندىم. ئەمما سەنمۇ ماڭا تارتىشماي باشقا بىرسى بىلەن ئارلاشقىن، ئىككىمىز پەقەت ماس كەلمەيمىز.
- بىلىمەن، سىز مىنى ياراتمايسىز، ئەمما ئاڭلاڭ. سىز تاكى دولقۇن بىلەن توي قىلغانغا قەدەر مەن سىزنى قوغلىشىمەن.
- ئىختىيارىڭ، ئەمما ئاخرىدا ئازاپ تارتىۋالىدىغىنى يەنىلا سەن.
- مەيلى، بۇنچىلىك ئازاپ تارتقانغا ئۆلۈپ قالمايمەن.
- مىنى بىردەم ئارامىمدا قويامسەن؟
- ماقۇل. سىزنى يەنە ئىزدەيمەن. تۇرغۇن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ كىتىپ قالدى.
دولقۇن چىمەننىڭ مۇشۇ يەردە ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئىزدەپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ تۇرغۇن بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم كۆرۈشى ئەمەس ئىدى. ئوقۇتۇش بىناسى ئىچىدىمۇ ئىككىسىنىڭ بىللە تۇرغىنىنى بىر نەچچە قېتىم كۆرۈپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭدىكى چىمەنگە بولغان ئىشەنچىسى ھەر قېتىم تۇرغۇن بىلەن پاراڭلىشىۋاتقىنىنى كۆرگەندە بىر ئاز سۇسۇلاشقاندەك بولاتتى. لىكىن تېزلا ئۆزنى ئوڭشىۋالاتتى. تەتىل قويۇپ بېرىشكە ئاز قالغاندا دولقۇن بىلەن چىمەن يەنە ئارازلىشىپ قالدى، جېدەلنىڭ تېمىسى تۇرغۇن ئىدى. يازلىق تەتىل قويۇپ بېرىش ئالدىدا ئارىدىكى ئۇقۇشماسلىقنى تۈگەتكەن بولدى ئەمما ھەر ئىككىسى گۇمان ئىچىدىلا ئۆتىۋاتاتتى...

سىرتتىكى خورازنىڭ تولا چىللىشى بىلەن چىمەن ئويغىنىپ كەتتى...
بىر ھەپتىلىك پاختا تېرىش ئەمگىكىمۇ ئارخىرلاشقان بولدى. ھاۋا بارا بارا سوۋۇپ قىشنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىدىن دىرەك بەرمەكتە، دەرەخلەرنىڭ ئۇچىدا پەقەت ساناقلىق بىر قانچە تاللا يۇپۇرماقلار سارغايغىنىچە ساڭگىلىشىپ تۇرىشاتتى. بۈگۈن ھاۋا جاندىن ئۆتكىدەك دەرىجىدە سوغاق بولۇپ كەتتى. تېمپۇراتۇرىنىڭ چۈشىشى بىلەن توك سىملىرىنى ھۇقىرىتىپ چىقىۋاتقان شىۋىرغان ئادەمنىڭ يۈزىگە نەشتەردەك سانجىلماقتا ئىدى. چىمەن نەچچە كۈندىن بېرى مەكتەپكە چىقماي ئۆيىدە ياتتى، مۇشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ كىچىككىنە ھوجرىسىنىڭ ئىشىكىنىڭ يېنىدا كومپىيوتېر ئۈستىلى قويۇلغان ئىدى، ھوجرىنىڭ شىمالى تېمىغا ئۇنىڭ كىچىككىنە كىتاپ جازىسى شەرقى تامغا چاپلاپ قويۇلغان ئۇنىڭ يېنىدا كىيىم ئىشكابى، بار ئىدى. غەرىپتىكى تام تەرەپتە كىيىم ئىشكابىنىڭ سول تەرىپىگە چاپلاپ قويۇلغان كارۋىتى بار ئىدى كارىۋاتنىڭ باش تەرىپىدە كومپىيوتېر ئۈستىلى ئارلىقىدا بىر كىچىك ئۈستەل بولۇپ ئۈستىگە چىمەن دائىم ئىشىلتىدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ۋە گىرىم بۇيۇملىرى تىزىقلىق ئىدى. كومپىيوتېرغا 1 مىتىر كىلىدىغان ئورۇندا بىر مەشتە ئوت گۈلدۈرلەپ كۈيىۋاتاتتى. ئوت مەشتىلا ئەمەس چىمەننىڭ يۈرىكىدىمۇ كۆيمەكتە ئىدى. چىمەن قولىدىكى كىتابىنى ئوقۇشتىن يالتىيىپ كىتاپنى جازىسىغا تىزىپ قويۇپ كارۋىتىغا چىقىپ تۇرۇسقا قاراپ ياتقىنىچانچە خىيالغا پاتتى....

مۇھاببەتنىڭ شەيتىنى، ئازاپلىق قىسمەت



ياز كۈنلىرى ھاۋانىڭ ئىسسىقلىق تەپتىدىن يەردىكى قۇم تۇنۇردەك قىززىپ كەتكەن ئىدى. ئېتىزدىن يالاڭ ئاياق قايتىپ كىلىۋاتقان بالىلارنىڭ پۇتى كۈيۈپ ئارقىسىدىن ئىت قوغلىغاندەك يۈگۈرۈشۈپ كىلىۋاتاتتى. چىمەن كىۋەز ئېتىزىنى ئوتاپ چىققان ئوتلارنى خالتىغا ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ كىلىۋاتقاندا ئالدى تەرەپتىن بىر تۇنۇش گەۋدىنى كۆرۈپ چۈچۈپ كەتتى.
- تىشلىقمۇ؟ دىدى دولقۇن
- تىشلىقمۇ؟ سىز بۇ يەردە نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟
- سىزنى ئىزدەپ كەلمەمدىم؟
- لىكىن... مىنىڭ ئىشىم بار تۇرسا.
- ھازىرچە بۇ ئىشىڭىز تۇرۇپ تۇرسۇن، يۈرۈڭ ئويناپ كىلەيلى.
- مەن بارالمايمەن، سىزنىزە... باشقىلار كۆرۈپ قالسا نىمە دەيدۇ؟
- بىر نەرسە دىمەس، دىسىمۇ مىنىڭ ئاكام ئىدى دەپ گەپنى تۈگەتمەمسىز؟
- ئۇنداق بولسا سىز ئاۋۇ ئۆستەڭ بويىدىكى ئادەم كۆرمەيدىغان يەرگە بېرىپ تۇرۇپ تۇرۇڭ، مەن ئوتنى قويلارغا سېلىپ بېرىپلا چىقىمەن. ئىككىسى شۇنداق خوشلىشىپ چىمەن كىرىپ كەتتى. دولقۇن چىمەن كۆرسىتىپ بەرگەن ئۆستەڭ تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.
- بىكار بولدىڭىزمۇيا؟
- نەدىكىنى دەيسىز شۇ تاپتا ماتىرىيال كۆرگىدەك ۋاقىتمۇ چىقمايۋاتسا.
- بوپتۇ، كىم سىزنى دېھقاننىڭ قىزى بولۇپ قالسۇن دەپتىكەن؟
- ئەسكى.
- مەن ئەسكى بولمىسام مىنى ياخشى كۆرەتتىڭىزمۇ؟
- خىڭ، كىم سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەپتۇ؟
- ئۇنداق بولغانىكەن مەنمۇ قايتاي ئەمسە. كۆرىشەرمىز. دولقۇن شۇنداق دەپلا ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ موتىسىكىلىت تەرەپكە ماڭدى. چىمەن ئارقىسىدىن كېلىپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋالدى.
- ئاران كەلگەندە مۇشۇنداقلا قايتامسىز؟
- سىز مىنى ياخشى كۆرمەيدىغان تۇرسىڭىز.
- ئۇ دىگەن مۇنداقلا دەپ قويغان گەپ. دىدى چىمەننىڭ يۈزى ئوت ئالغاندەك قىزىپ.
- ھى ھى ھى.. مەن بىلەتتىم. ئەمسە دەڭە مىنى راستىنلا ياخشى كۆرەمسىز؟
- ...
- گەپ قىلمايسىزغۇ؟
- ياخشى كۆرىمەن. چىمەن ئاۋازىنى ئۆزى ئاڭلىغۇدەك قىلىپ پەس ئاۋازدا دىدى.
- سىزنى بەكلا كۆرگۈم كەلدى.
- مەنمۇ شۇ.
دولقۇن چىمەننىڭ قولىنى تۇتتى. چىمەن شۇ تاپتا خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ قولىنى تارتىۋالمىدى. دولقۇن ئۇنى ئۆزى تەرەپكە تارتتى. چىمەن كۆزىنى يۇمغىنىچە ئۈنسىز تۇراتتى. ئىككى جۈپ لەۋ بىر بىرىگە يېقىشتى، شۇ تاپتا ئىككىسى بىر بىرىنى يەۋالغۇدەك دەرىجىدە سېغىنغان ئىدى. بىر ئازدىن كېيىن چىمەن قولى بىلەن دولقۇننى ئاستا ئىتتىرىۋەتتى.
- ئەمدى مەن كىرىپ كەتمىسەم بولمايدۇ.
- مۇشۇنداقلا كىرىپ كىتەمسىز؟
- ئۆيدىكىلەر ئەنسىرەپ قالىدۇ.
- مەن سىزنى بىر يەرگە باشلاپ باراي بىر دەمدىلا كىلىپ بولىمىز.
- نەگە بارىمىز؟
- بارغاندا بىلىپ قالىسىز.
- بەك ئۇزۇن تۇرۇپ كەتسەك ئەڭ ياخشىسى مەن بارمايلا قوياي.
- ئۇنداق بولمايدۇ. سىزنى بىر ھەيران قالدۇرۋىتەي.
- ھە ماقۇل قېنى شوپۇر ئۇستام ماڭسىلا دىدى چىمەن دولقۇننى يىنىك نۇقۇپ.
- مانا خېنىم، مىنى چىڭراق تۇتىۋالسىلا، يىقىلىپ كەتسىلە مەنمۇ ياشىمايمەن جۇمۇ.
- ھى ھى ھى.. ماقۇل. چىمەن ئىككى قولىنى ئاستا ئاپىرىپ دولقۇننى چىڭ قۇچاقلاپ تۇتىۋالدى.
- مانا كەتتۇق.
تەخمىنەن 5 مىنۇتتەك ماڭغاندىن كېيىن دولقۇن كەڭرى كەتكەن بىر قۇملۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ توختىدى، يولنىڭ بىر تەرىپىدە كۆز يەتكۈسىز قۇملۇق، يەنە بىر تەرىپىدە بۈك باراخسان ئۆسۈپ كەتكەن يۇلغۇنلۇق بار ئىدى.
- ۋاي خۇدايىم. دىدى چىمەن ھەيران بولۇپ.
- قانداق مەن دىمىدىممۇ سىزنى ھەيران قالدۇرۋىتىمەن دەپ.
- مەن ئۆزۈمنىڭ كەنىتىدىمۇ مۇنچىۋالا چوڭ قۇملۇق، مۇنچىۋالا كەڭ يۇلغۇنلۇقنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، بۇلارنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەپتىمەن دىسە.
- قېنى يۈرۈڭ، ئاۋۇ تەرەپتە بىزنىڭ قوتان بار. دىدى دولقۇن يولغۇنلۇق تەرەپنى ئىما قىلىپ.
- موتىسىكىلىپ بىلەن بارامدۇق يا؟
- ئەلۋەتتە. ئازراق ماڭساقلا ياخشى بىر يول بار شۇ يول بىزنىڭ قوتانغا تۇتىشىدۇ.
- ھەي، سىزنىڭ ئۆيىڭىز دۆڭباغ كەنىتىدە تۇرسا قانداق قىلىپ بىزنىڭ كەنىتنىڭ جاڭگىلىدا قوتىنىڭىز بار بولىدۇ؟
- ماۋۇ جاڭگال سىلەرنىڭ كەنىتنىڭ بولغىنى بىلەن قوتان بىزنىڭ جاڭگالدا، بولدى سەل تۇرۇپ مەن ئىككى كەنىتنىڭ پاسىلىنى كۆرسىتىپ قوياي. قېنى يۈرۈڭ
- ئىككى كەنىت خوشنا بولمىسا قانداقلارچە پاسىلداش بولۇپ قالىدۇ؟
- تۈز يول بىلەن ماڭسىڭىز ئارلىقتا بىر مۇنچە كەنىتتىن ئۆتكەندەك قىلغان بىلەن، ئايلىنىپ كەلسىڭىز بىزنىڭ كەنىت بىلەن سىزنىڭ كەنىتنىڭ ئارلىقى بەش كىلومىتىرمۇ چىقمايدۇ. ئىشەنمىسىڭىز مەن سىزنى مۇشۇ يول بىلەن بىزنىڭ كەنىتكە ئېلىپ باراي.
- بولدى بارمايلى، قوتىنىڭىز قەيەردە؟
- مانا كىلەي دىدۇق. ئالدىمىزدىكى ئاۋۇ جىگدىلىكنى كۆردىڭىزمۇ؟
- ھە
- ئاشۇ جىگدىلىك ئويباغ كەنىتى بىلەن دۆڭباغ كەنىتىنىڭ پاسىلى. ئىلگىرى مۇشۇ ئىككى كەنىتنىڭ زىمىنى بىر تۇتاش ئىكەن، بىرلا ئادەمگە قارايدىكەنتۇق. ئارلىقتا چوڭ بىر ئۆستەڭ بولغانلىقى ئۈچۈن سىلەرنىڭ كەنىتنى ئويباغ، بىزنىڭ كەنىتنى دۆڭباغ دەيدىكەن، كېيىنچە مۇشۇنداق ئىككى كەنىتكە بۆلۈنۈپ كىتىپتىكەنمىش.
- سىزنىڭ بىلىدىغىنىڭ ئەجەپ كۆپكەن ھە؟
- بۇلارنى ماڭا چوڭ دادام دەپ بەرگەن ئىدى.
-ھە...
- مانا كەلدۇق. دىدى دولقۇن موتىسىكىلىتىنى توختىتىپ، قېنى ئۆيگە كىرىڭ.
دولقۇن باشلاپ كەلگەن ئۆي خىشتىن ئاددىيلا ئىككى ئېغىز قىلىپ سېلىنغان ئۆي ئىدى. ياز ۋاقتى مۇشۇ ئۆيدا تۇرۇپ مال باقاتتى. قىش ۋاقتى ئۆينىڭ ئەتىراپىغا ئوت دۆۋلەپ قوياتتى. ئىككى ئېغىز ئۆيدىن سەل نېرىراقتا كېسەكتىن سېلىنغان چوڭ ئۈچ ئېغىز ئېغىل بار ئىدى. ئېغىلنىڭ ئۈستى سۇلىياۋ يۇپۇق بىلەن يېپىپ قويۇلغان ئىدى.
- قېنى كىرسىلە، دىدى دولقۇن ئۇنى ئۆي ئىچىگە تەكلىپ قىلىپ.
- بۇ ئۆيىڭىز ئەجەپ سالقىنكەن ھە؟
- ئۈستىنى ئۈجمە دەرىخى تۇسۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا سالقىن. بۇ ئۈجمىلەرنى چوڭ دادام مەن كىچىك ۋاقتىمدا تىكىپ قويۇپتىكەن، مانا ھازىر سايە تاشلاپ چوڭ بوپ كەتتى. سەل تۇرۇپ تۇرۇڭ مەن ھازىرلا كىلىمەن. دولقۇن چىقىپ كەتتى. ئەتىراپتىن قۇرۇپ قالغان يۇلقۇن ياغاچلىرىنى تىرىپ ئەكىلىپ لايدىن ياسىۋالغان ئۇچاققا سۇندۇرۇپ ئەپچىللك بىلەن ئۇرۇنلاشتۇردى ئاندىن ئۆينىڭ ئارقا تەرىپىدىكى كەسلەپ قويۇلغان جىگدە كۆتىكىدىن بىر قانچە تال ئېلىپ كىلىپ يۇلغۇننىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئوت يېقىۋەتتى. ئالدىن پارچىلاپ زىققا ئۆتكۈزۈپ تەييارلاپ قويۇلغان توشقان گۆشىنى ئېلىپ چىقىپ كاۋاپ سالدى. مانا توشقان كاۋىپىمۇ پىشىپ كەتتى قارىماققا ئاشخانىدىكى كاۋاپچىلار پىشۇرغان كاۋاپتىن قېلىشمايتى. ئۇلار كاۋاپنى يىيىشىپ بولغاندىن كېيىن قايتىپ كەتتى.
- رەھمەت. دىدى چىمەن كىرىپ كىتىش ئالدىدا.
- نىمىگە رەھمەت دەيسىز؟ بۇ دىگەن ئەرزىمەس ئىشقۇ؟
- شۇنداق بولسىمۇ رەھمەت.
- ئەرزىيدۇ،
- مەن كىرىپ كىتەي كېىين كۆرىشىلى.
- ئەمدى قاچانمۇ كۆرىشەرمىز؟
- سىز مىنى ئىزدەپ كەلگەندە.
چىمەن كىرىپ كەتتى. دولقۇن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چىمەن كىرىپ كەتكىچە قاراپ تۇرۇپ ئاندىن قايتىپ كەتتى...
كۆزى ئەمدىلا ئۇيقۇغا بارغاندا كەلگەن تېلىفۇن چىمەننى ئويغىتىۋەتتى.
... ... ...
تېلىفۇن ئۇنىڭ بىر خىزمەتدىشىدىن كەلگەن ئىدى. خىزمەتدىشى بىلەن بىرەر قۇر ئەھۋال سورىشىپ سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇش خۇشياقماي يەنە كارىۋاتقا يىقىلدى....

شۇ ئىش بولۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن دولقۇن يەنە چىمەننى ئىزدەپ كەلدى، بىراق بۇ قېتىم كۈندۈزى ئەمەس ئاخشىمى كەلگەن ئىدى. چىمەن كەچلىك تامىقىنى يەپ بولغاندىن كېيىن دولقۇن بىلەن بىللە ھېلىقى قوتانغا باردى بۇ يەرنىڭ كۈندۇزلۈك تېمپۇراتۇرىسى بىلەن كىچىلىك تېمپۇراتۇرىسى روشەن پەرىقلىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يىنىك چىقىۋاتقان شامالدا چىمەن ئازراق تۇڭلىغاندەك بولدى. ئاسماندا بىرەر تال يۇلتۇزمۇ كۆرۈنمەيتى، قارىغاندا يامغۇر ياغىدىغاندەكلا قىلىپ تۇراتتى. چىمەن تۇيۇقسىز ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئەندىكىپ كەتتى.
- توڭۇپ كەتتىڭىزمۇ نىمە؟ دىدى دولقۇن ئۇنىڭغا يىقىن كېلىپ.
- چاپان ئېلىۋالسام بۇلۇپتىكەن يامغۇر ياغىدىغاندەكلا قىلىدۇ. دىدى چىمەن
- ھېچقىسى يوق مىنىڭ چاپىنىم بار ئىدى ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ تۇرۇڭ. مەن كارىۋاتنىڭ ئاستىغا قاراپ باقاي. چىمەن گەپ قىلماي ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا يول بەردى. دولقۇن خېلى ئىزدىگەن بولسىمۇ چاپىنىنى تاپالمىدى.
- تاپالمىغان بولسىڭىز بوپتۇ ئولتۇرىۋېرەي.
- يەنە قاراپ باقاي دىدى دولقۇن بېشىنى كۆتۈرمەي.
- بولدى قىلىڭ. ھازىر خېلى ئىسسىپ قالدىم. بولمىسا ئوت قالاپ ئولتۇرايلى.
- بۇ يەردەم مەش يا ئۇچاق بولمىسا قانداق قالايمىز؟
- ئۇنداق بولسا بولدى قىلىڭ مۇشۇنداق ئولتىرىۋىرەي. چىمەن شۇنداق دەپ دولقۇنغا قولىنى ئۇزاتتى، ئويلىمىغاندا دولقۇنمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، چىمەننىڭ سۇنغان قولى دولقۇننىڭ بوينىدا قالدى. چىمەن قولىنى تارتىۋالمىدى. دولقۇنمۇ ئۇنىڭ مەڭزىدىن تۇتۇپ ئۆزى تەرەپكە قاراتتى. ئىككى لەۋلەر ئۆز ئارا تىگىشىپ قوللار گىرەلەشتى. نەپەسلەر تېزلىشىپ، ئىككى تەن بىرىكىپ بىر گەۋدە بولۇپ كەتتى...

ھەر ئىككىلىسى ئۆزىنىڭ ياشلىقتىكى قىلىپ قويغان ئەخمىقانە ئىشى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىۋاتاتتى. چىمەن ئىچىدە ئۆزىنى ئەيبپلەيتى. «مەن نىمە قىلىپ قويدۇم؟ ئەمدى چوڭلارغا قانداق قارايمەن؟ مىنى ئاللاھمۇ ئۆز بەندىسى قاتارىدا كۆرمەس؟ ھە...ي» دىگىنىچە جىم ئولتۇرۇپ كەتتى. دولقۇنمۇ ئۆزنى تۇتىۋالالماي قىلىپ قويغان ئىشى ئۈچۈن پۇشانمان قىلىۋاتاتتى. چىمەنگە قاراپ ئېچىنىۋاتاتتى. ئارىنى بىر ئاز سۈكۈت قاپلىغاندىن كېيىن چىمەن ئېغىز ئاچتى.
- سىز مەن بىلەن توي قىلامسىز؟
- ئەلۋەتتە. قىلغان ئىشىمغا مەسئۇل بولۇشۇم كېرەك. بۇنىمۇ سوراش كىتەمدۇ؟ ئەنسىرىمەڭ.
چىمەن ئۈن تىنسىز ئولتۇرۇپ كەتتى. بىر ئازدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولدى. ئەمما سىرتتا يامغۇر قاتتىق يېغىۋاتقاچقا ماڭالماي تۇرۇپ قالدى. يامغۇرنىڭ توختىشىنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالدى. خېلى بىر چاغلاردا ئويغىنىپ سائىتىگە قارىدى. بۇ چاغدا كىچە سائەت 2 بولغان ئىدى، يامغۇرمۇ توختاپ قالغان ئىدى.

ئۇ دولقۇننى ئويغىتىپ ئۆزىنى ئاپىرىپ قۇيۇشىنى ئېيتتى. دولقۇنمۇ ئارتۇق بىر نىمە دىمەيلا چىمەننى ئويىگە ئاپىرىپ قويدى. ھاۋا سۈزۈلۈپ يۇلتۇزلار چىمەنگە بىرنىمىلەرنى دىمەكچى بولغاندەك كەڭ ئاسماندا پارقىرىشىپ تۇرۇشماقتا ئىدى. نەچچە كۈنلۈك بولغان ئورغاق ئايمۇ ئۇنىڭغا كۈلۈپ قاراۋاتماقتا ئىدى. چىمەن شۇ تاپتا ئۇلارغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك، ئۇلارنىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قلدى، ئۇلارغا قاراشتىنمۇ ئەيمىنىپ ئۈن- تىنسىزلا ھوجرىسىغا كىرىپ كەتتى. ئارىدىن بىر نەچچە ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى. بۇ جەرياندا چىمەن ئىنتايىن كەم سۆز بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ شوخلىقى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى. ھەمىشە ئۆزى يالغۇزلا ياتاق ئۆيىگە بېكىنىۋېلىپ نىمىلەرنىدۇ خىيال قىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئاتا- ئانىسى ھەر قانچە قىلىپمۇ چىمەندىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدى. تەتىلمۇ توشۇپ مەكتەپكە قايتىدىغان ۋاقىتمۇ كەلدى. چىمەن نەرسىلىرىنى يىغۇشتۇرۇپ ۋوگزالغا ئاتا ئانىسىدىن ئايىرىلىشقا قىيالمىغىنىچە ئۆيدىن ئايرىلىپ مەكتەپكە كەلدى. دولقۇن بىلەن چىمەننىڭ فاكۇلتىتى ئوخشىمىغاچقا دولقۇننى ئىككى كۈن بۇرۇن مەكتەپكە يىغىۋالغان ئىدى. ئۇ چىمەننىڭ كىلىدىغىنىدىن خەۋەردار ئىدى. شۇڭا ئۇ چىمەننى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىراپ كېتىپ باراتتى، دولقۇن چىمەننى كۆردى، چىمەنمۇ دولقۇننى كۆرۈپ ئۈلگۈردى. دولقۇن چىمەن بىلەن تېزرەك كۆرۈشۈش ئۈچۈن يولدىن كىسىپ ئۈتۈپ كىتىپ بارغاندا چىمەننىڭ شۇنچە قاتتىق ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلىيالماي قالدى. يولدا ساقچىدىن قېچىپ تېز كىتىپ بارغان بىر كىچىك ماشىنا توختاشقا ئۈلگۈرمەي دولقۇننى سوقىۋېتىپ قېچىپ كەتتى. چىمەن ئورنىدا داڭ قېتىپلا تۇرۇپ قالدى. ئەتىراپتىكى كىشىلەر دولقۇننىڭ ئەتىراپىغا ئولىشىۋېلىپ يولنى توسۇپ قويدى.نەچچە مىنىۇتلۇۇق ھاڭۋېقىشتىن ئېسىنى تاپقان چىمەن ئۆكسۈپ يىغلىغىنىچە ئادەم توپى توپى ئارىسىدىن قىسىلىپ يۈرۈپ دولقۇن تەرەپكە ئۆزىنى ئۇرىۋاتاتتى. ئۇ باشقىلارنىڭ «ئۆلۈپتۇ» دىگەن گپىنى ئاڭلاپ ھۆكىرەپ يىغلىۋەتتى. دولقۇننى سىلكىپ باقتى ئەمما دولقۇن ھامان كۆزى يېرىم ئۇچۇق ھالەتتە يېتىۋاتاتتى. چىمەن دولقۇننىڭ ئۆزىنى تاشلاپ كەتكىنىنى تەن ئالغۇسى كەلمىسىمۇ ئامالى يوق ئىدى. دولقۇن ئۇنى. يۇرۇق دۇنيانى ئاتا- ئانىسىنى، مەكتىپىنى ساۋاقداشلىرى. ئورۇق تۇغقانلىرىنى... ئىشقىلىپ ھاياتىدىكى جىمىكى نەرسىلىرىنى تاشلاپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىپ كەتتى. چىمەننىڭ يىغلاپ تۇرۇپ تۈرىتىشىمۇ، دوختۇرخانىدىن كەلگەن جىددى قۇتقۇزۇش ئەتىرتىمۇ ئۇنى ئويغىتالمىدى...
دولقۇننىڭ ئاتا ئانىسى ئۇنى ئالغىلى ئەتىسى كەلدى. بۇ چاغقىچە دولقۇننىڭ جەسسىتنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ جەسسەت ساقلاش ئۆيىدە تۇرغۇزدى، چىمەن مەكتەپكىمۇ بارماي دولقۇننىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى تۈگىتىشىپ بېرىش ئۈچۈن دولقۇننىڭ ئاتا- ئانىسى بىلەن يۇرتىغا قايتىپ كەلدى. يەتتە نەزىرىسىدىن كېيىن چىمەن ئوقۇشقا كەلدى. بىراق بىر نەچچە كۈندىن بېرى چىمەننىڭ كۆڭلى بىر نەرسىنى تارتىدىغان، تاماق سىڭمەيدىغان، كۆڭلى ئېلىشىپ، ھۆ بولىدىغان بولۇپ قالدى. چىمەن ئۆزىدىكى بۇ ئۆزىگىرىشلەرنى ئاشقازىنىنىڭ ئىشى دەپ سەل قاراپ يۈرىۋەردى، بىراق خېلى ۋاقىتقىچە بۇ ھال  داۋاملىشىۋەردى، كېيىن دوستلىرىنىڭ زورلىشى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ باقتى. نەتىجىنى ئېلىپ چىمەن ھوشىدىن كېتەيلا دەپ قالدى، چۈنكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئۈستىدە «ھامىلدار» دىگەن خەت بار ئىدى. نەچچە كۈن ئويلىنىپ ئۆزنىڭ ئوقۇشى، كېيىنكى كۈنلىرىنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە ئاتا ئانىسىنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن خالىمىسىمۇ بالىنى ئالدۇرىۋەتتى...

ئاپىسى شۇنچە ئاۋايلاپ كىرگەن بولسىمۇ مەشتىن چىققان تارا تۇرۇق ئاۋازدا ئۇ ئويغىنىپ كەتتى....

كۈتۈلمىگەن نىكاھ، ئويلىمىغان بەخىت



مەنىسىز كۈنلەر

دولقۇن ئۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن چىمەن ئۆزىنى تاشلىۋەتمىگەن بولسىمۇ روھى جەھەتتىن بەكلا تۈگىشىپ كەتتى. ئۇ ئوقۇش بېسىمى ئۈستىگە روھى بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي قېلىۋاتقان بولسىمۇ ئۆزىنى قەتئىي تاشلىۋەتمەسلىك قارارىغا كەلگەن ئىدى . ئۇ دولقۇن بىلەن ئۆتكەن ئەسلىمىلىرىنى ئۇنتۇش، قايتا ئېسىگە ئالماسلىق ئۈچۈن تىل ۋە كومپىيوتېر ئۆگىنىشنى كۈچەيتتى.
ھاۋا بارا-بارا سوۋۇشقا باشلىدى. چىمەن ئۆزىنى ئالدۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا ئاغىرىپ يېتىپ قالدى. ئەمما ئۇنچىۋالا ئېغىر دەپ كېتىشكىمۇ بولمايتى. ئۇنى يوقلاپ كىرىپ چىقىدىغانلار ئاز ئەمەس ئىدى. ئەمما ئۇ نىمىشقىدۇر بىرسىنى سېغىناتتى. بىر گەۋدىنىڭ ھىدىنى ھىدلىغۇسى، باغرىغا چۆككۈسى كېلەتتى. ئەمما ئۇ سېغىنغان گەۋدە ئەمدى كەلمەسكە كەتكەن ئىدى. ئۇ شۇلارنى خىيال قىلىپ ئىخىتىيارسىز كۆزىگە ياش توشۇپ، بىر يىغا ئۇنى قىستاۋاتقاندا ئىشىكتىن يەنە بىر سىما كىرىپ كەلدى. چىمەن ئۇنى كۆرۈپ بىر غەزىپى كەلگەن بولسىمۇ ئۆزىنى زورىغا بېسىۋېلىپ جىم ياتتى.
- تىشلىقمۇ؟
- نىمە؟ تىشلىقمۇ؟ قىززىق گەپ بولدىدە بۇ؟
-ۋاي كەچۈرۈڭ، ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟
- خېلى ياخشى. قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى بۇ يەرگە سەرىپ قىلىپ كەلگىنىڭىزگە رەھمەت.
- ئەسلى كەلمەي دىگەن ئىدىم. لىكىن...
- ئەمدى مىنى كۆرۈپ بولدىڭىز ھە قاچان؟ مىنى بىر دەم يالغۇز قويسىڭىز بولارمۇ؟
- مىنى خاتا چۈشىنىپ قالدىڭىز، مەن ئەسلى...
- سىز بۇنداق ئەمەستىڭىزغۇ تۇرغۇن، نىمە بۈگۈن تىلىڭىزنى چاينايسىز؟
- سىزگە بىر ھاجىتىم چۈشۈپ قېلىپ كىرگەن ئىدىم. قارىماققا تۇرغۇن باشقا باھانە تاپالمايۋاتقاندەكلا قىلاتتى. ئۇنىڭ «ھاجىتىم چۈشۈپ قالدى» دىگىنىنى ئاڭلاپ چىمەن ئانچە ھەيران قالمىدى.
- قېنى دەڭ، ھە قاچان يەنە شۇ ئېنگىلىز تىلى لۇغىتىنى سوراپ كەلدىڭىز؟ ...
- ھە... شۇ، لۇغىتىڭىزنى بىر نەچچە كۈن بىرىپ تۇرغان بولسىڭىز.
- لىكىن... لۇغەت مەندە يوق ئىدى. تۆنۈگۈن ئالىيە سوراپ ئەكەتكەن ئۇمۇ بىر نەچچە كۈن ئىشلىتىپ تۇراي دىگەن ئىدى.
- ھە... ئۇنداق بولسا سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇم، مەنمۇ چىقىپ كېتەي.
تۇرغۇن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن چىمەن تۇرغۇننىڭ ئىلگىركى ھالىتى بىلەن ھازىرقى ھالىتىنى بىر سېلىشتۇرۇپ چىقتى. ئىلگىرى خېلى ئادەمگە باش ئەگمەيدىغان تۇرغۇن ئەمدى سىلىق سىپايە بولۇپ قالغان ئىدى. بولۇپمۇ چىمەننىڭ يېنىغا كەلگەندە گەپ سۆزىگە بەكلا ئېتىبار بىرىدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى. بۇرۇنقىدەك جىدەللىشىپ يۈرىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ، بىكار ۋاقتىنى كىتاپ ئوقۇش ياكى توپ ئويناش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ قالدى. چىمەن تۇرغۇندىن ھازىر خېلى سۈيۈنۈپ قالغان بولسىمۇ ئۇنىڭغا يەنە بىر تەرەپتىن ئۆچلىكى كېلەتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ چىمەن تۇرغۇننىڭ ئىزدەپ كېلىشىگىمۇ كۈنۈپ كەتكەن ئىدى. تۇرغۇننىڭ ئىزدەپ كەلگىنىگە ئانچە پەرۋامۇ قىلىپ كەتمەيدىغان بولدى. ساۋاقداش ھەم ياتاقداشلىرى چىمەننى مازاق قىلىشىپمۇ قوياتتى.
- بىزنىڭ چىمەنگۈل قالتىس جۇمۇ بالىلار.
-راس راس، مەكتەپنىڭ لاۋدا (خوجايىن)سىنىمۇ باش ئەگكۈزىۋەتتى.
- شۇنى دىمەمسىلەر.
- ھە.... راس چىمەنگۈل ئاڭلىسام تۇرغۇن بىلەن يۈرىۋېتىپسىلەر ھە؟
- بىرىڭلار مەكتەپ گۈزىلى، يەنە بىرىڭلار مەكتەپ لاۋداسى تازا ماسلاشقان جۇمۇ ئىككىڭلار.
چىمەن دەسلەپ بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىسا بۇغۇلۇپ قالاتتى.چىمەن بار يەردە بىرەرىنىڭ تۇرغۇن ئىسىملىك بىرسىنى تىلغا ئېلىشىمۇ بىر گەپ ئىدى. ئەمما ھازىر چىمەن بۇلارغىمۇ ئېرەن قىلىپ كەتمەيدىغان بولدى. قىسقىسى چىمەن ئېغىر بېسىق بولۇپ قالدى.
كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ ئوقۇشنىمۇ تاماملىدى، چىمەننىڭ ئوقۇشى ياخشى بولغاچقا مەكتەپتىن ئۇنى ئېلىپ قالماقچى بولدى ئەمما چىمەن قوشۇلماي ئۆزىنىڭ يېزىسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلىدى. .....

ناھىيدىن كەلگەن باشلىق



قارلىغاچلار ۋىچىرلىشىپ ئەتىيازنىڭ كەلگەنلىكىدىن بىشارەت بەرمەكتە ئىدى. دېھقانلار ئەتىيازنىڭ تېرىلغۇ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرۈشمەكتە. چىمەنمۇ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىغا يېڭى بىر قىياپەت بىلەن كىرىپ كەلدى. ئۇ بالىلارغا دەرسنى ياخشى ئۆتەتتى. شۇڭا ئوقۇغۇچى بالىلارمۇ ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى. ھەم ئۇنى بەكلا ھۆرمەتلەيتى. چىمەن ئۆگىنىشنى خالايدىغان ئوقۇغۇچىلارغا دەرستىن سىرىت ئېنگىلىز تىلىنىمۇ قۇشۇمچە قىلىپ سۆزلەپ بېرەتتى. مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىلەچىكى ئۈچۈن مەخسۇس بىر سىنىپنى چىمەنگە ئېچىپ بەردى. شەنبە- يەكشەنبە كۈنلىرى، مەكتەپنىڭ بۇ ئايرىم سىنىپىدا 10 نەچچە ئوقۇغۇچى چىمەننىڭ ئېنگىلىز تىلى دەرسىنى ئاڭلايتى. ئىككى ئۈچ ئايدىن كېيىن بۇ سىنىپتا ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى بارا- بارا ئېشىپ 20دىن ئېشىپ كەتتى. ناھىيدىن خىزمەت تەكشۈرۈشكە چىققان مائارىپ ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ چىمەننىڭ قابىلىيىتىگە ۋە ئىرادىسىگە قايىل بولۇپ كىتەتتى. مائارىپ ئىدارىسىدىن يېزىغا تەكشۈرۈشكە چۈشكەن رەھبەرلەر مۇشۇ كەنىتنىڭ مەكتىپىگە كىرمەي قايتمايدىغان بولدى. مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەكتەپ مۇدىرىدىن چىمەننىڭ ئەھۋالىنى پات-پاتلا سۈرۈشتۈردىغان بولدى، ئۇنىڭ سۈرۈشتۈرگىنى پەقەت چىمەننىڭ خىزمەت ئىشى بولماستىن شەخسى ئىشلىرىنىمۇ بەكرەك سۈرۈشتۈرىدىغان بولۇپ قالدى. مەكتەپ مۇدىرىمۇ بۇنىڭغا ھەيران ئىدى. يازلىق تەتىلمۇ قويۇپ بېرىلدى، چىمەن خاماندىن سامان ئەكىرىش ئۈچۈن دەرۋازنىڭ ئالدىغا چىقىپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. دەرۋاز ئالدىدا مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر جۈجاڭ (بىز بۇنى ئىدارە باشلىقى دەپلا داۋاملاشتۇرىۋىرەيلى ھە؟) بىلەن مەكتەپ مۇدىرى تۇراتتى. چىمەن بىردەم تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن مىھمانلارنى ئۆيگە باشلىدى، باغقا كىرىپ چىلگە شاپتۇل، يازلىق ئالما، قوغۇن تاۋۇز دىگەندەكلەرنى ئۈستەلگە تىزىپ تاماققا تۇتۇش قىلدى، ئاندىن ھېلىم ئاكىغا تېلىفۇن قىلىپ چاقىرتتى.
- ھېلىم ئاكا كۆرۈنمەيدىغۇ؟ دىدى ئىدارە باشلىقى چىمەنگە
- ھە... دادامغا تېلىفۇن قىلىپ قويدۇم، دادام قوناقلىققا سۇ قويغىلى چىقىپ كەتكەن سەل تۇرۇپلا كىرىدۇ.
- خەلچىخان ئاچىمىزچۇ؟
- ئاپام قويلارغا ئوت ئالغىلى چىقىپ كەتكەن، كىردىغان ۋاقتىمۇ بۇلۇپ قالدى. قېنى سىلى ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرغاچ تۇرسىلا، تاماقمۇ پىشىپ قالدى.
ئىدارە باشلىقى چىمەنگە ھەۋەسلىنىپ بىردەم قارىۋەتكەندىن كېيىن كىرىپ كەتتى
خەلچىخان ئانا ئۇزۇن قالماي كىرىپ كەلدى ۋە تالادا تاماق ئىتىۋاتقان چىمەندىن سورىدى.
- دەرۋازىنىڭ ئالدىدا تۇرغان ماشىنا كىمنىڭ ماشىنىسىكەن؟
- ئىدارە باشلىقىنىڭ ماشىنىسى مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئىككىسى ھازىر بىزنىڭ ئۆيدە سىلەرنى ساقلاپ ئولتۇرىدۇ.
- نىمە؟ ئىدارە باشلىقى كەپتۇما؟ دىدى خەلچىخان ئانا كۆزىنى چۆچەكتەك كېرىپ.
- ھەئە ئاپا، ئۇلار دادام ئىككىڭلارنى ساقلاپ ئولتۇرىدۇ.
- ئۇنداق بولسا مەن چىقىپ داداڭنى چاقىرىپ كېلەي.
- بولدى چىقماڭ مەن دادامغا تېلىفۇن قىلىۋەتتىم. ئۇمۇ ئۇزۇن قالماي كىرىپ قالار.
- بوپتۇ ئەمسە. بۈگۈن ئىدارە باشلىقىنى ياخشىراق كۈتىۋالايلى.
- ماقۇل.
ھېلىم ئاكىمۇ ئۇزاق ئۆتمەي كىرىپ كەلدى. خەلچىخان ئانا بىلەن ھېلىم ئاكا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئەمما ئىدارە باشلىقى چىقىپ كەتتى. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن بىر خالتىنى ئېلىپ كىرىپ كەتتى. ئۇلار ئۆيدە سالام ساھەتتىن كېيىن ئىدارە باشلىقى كىلىش مەخسىدىنى ئۇدۇللا ئېيتتى.
- گەپنى ئۇزارتىپ ئولتۇرماي، بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەخسىدىمىز مۇنداق ئىدى. قىزىڭلار چىمەنگۈلنى سوراپ كىلىشىم ئىدى.
ھېلىم ئاكا ھەيرانلىقتا سورىدى. - سىلى چىمەنگۈلنى كىلىن قىلىۋالاي دىمەيدىغانلا؟
- ھا ھا ھا ھا .... ئىدارە باشلىقى يىنىك بىر كۈلىۋەتكەندىن كېيىن - ھەئە. مەن قىزلىرىنى ئوغلۇمغا سوراپ كىلىشىم ئىدى.
- مۇنداق ئىش دىدى خەلچىخان ئانا - چىمەنگۈلنىڭ يېشى ھەقىقەتەن توي قىلىش يېشىغا يىتىپ قالدى، لىكىن ئۇ كەلگەن ئەلچىلەرنىڭ بىرىگىمۇ قۇشۇلماي تۇرىۋېلىپ بارىدۇ. بىزمۇ ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ ئاندىن بىر نەرسە دېسەك توغرا بولىدۇ.
- ئاپىسى توغرا دىدى. دىدى ھېلىم ئاكا شاپتۇلدىن بىرنى ئاغىزىغا سېلىۋېتىپ، - چىمەنمۇ كىرسۇن ئاندىن ئۆزى بىر نەرسە دىسۇن.
- بولدى ئۇ كىرمىسۇن. ئەگەر ئۇ كىرسە ئۇ يەنىلا مەجبۇرى بولۇپ قالىدۇ
- چىمەنگۈل ئۇنداق قىلمايدۇ دىدى، ھېلىم ئاكا - ئۇ نىمىنى خالىسا ھەرقانداق ئادەمگە يۈز خاتىرە قىلمايدۇ.
- ئۇنداق بولسا مەيلى، چىمەنگۈلنىڭ قولى بىكار بولسۇن ئاندىن كىرىپ ئۆزى بىرنىمە دەپ باقسۇن دىدى ئىدارە باشلىقى.
- ئۇلار تاغدىن باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇردى، چىمەن تامىقىنى ئىتىپ بولغاندىن كېيىن ئىدارە باشلىقىغا يۈز كىلەلمەي ئۇنىڭغا ماقۇل بولدى. ئەمما ئۇ ماقۇل بولغان بىلەن ئىدارە باشلىقىنىڭ ئوغلىنىڭ قانداق بالا ئىكەنلىكىنى زادىلا بىلمەيتى. شۇڭا ئۇمۇ ئىككىلىنىپ تۇراتتى. ئىدارە باشلىقى چىمەننىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ قالدى. شۇڭا بالىسى بىلەن يۈز كۆرۈشۈرۈشنى مۇۋاپىق تاپتى.
- مەن ئاۋال ماڭغاچ تۇراي ئوغلۇمنىڭ قولى ئارا بولغاندا ئۆزى كىلىپ كەتسۇن. دىدى ئىدارە باشلىقى تاماقتىن كېيىن.
- بىردەم ئولتۇرۇپ ئاندىن ماڭسىلا. ئاران بىر كەلگەندە سىلىنى ياخشىراق بىر كۈتىۋالايلى. مەن بىر ئوغلاقنىڭ بېشىنى كىسەي. دىدى ھېلىم ئاكا
- مىنىڭ ئىدارىدە يەنە ئىشىم بار ئىدى. كېيىن بىر گەپ بولسۇن.
- ئۇنداق بولسا سىلىنىمۇ تۇتۇپ قالماي كىلىپ تۇرالا.
- ماقۇل ئەمسە شۇنداق بولسۇن مەن ئۇنى ماڭغۇزىۋىتەي.
ئىدارە باشلىقى كېتىپ قالدى. ئىش ھېلىم ئاكىنىڭ ئويلىغان يىرىدىن چىقتى. ھېلىم ئاكا چىمەننىڭ ئىدارە باشلىقىغا يۈز كىلەلمەيدىغانلىقىنى پەملەپ ئۇنىڭ تويىنى بالدۇرراق قىلىۋېتىش ئۈچۈن چىمەننى قەستەن چاقىرىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ بىلىندۈرمىگىنى بىلەن ئىچىدىكى خۇشاللىقىنى سىغدۇرۇپ بولالماي قالغان ئىدى.
...

تەقدىرنىڭ قىسمىتى ئاجايىپ



يازلىق تەتىلنىڭ توشىشىغا يەنە بىر ئىككى ھەپتىلا ۋاقىت قالغان ئىدى، ئىدارە باشلىقىمۇ شۇ قېتىم كەتكەنچە بىرەر ئېغىز تىنىپ قويمىدى، بۇ ھال چىمەننى خېلى خاتىرجەم قىلىپ قويغان بولسىمۇ ھېلىم ئاكا بىلەن خەلچىخان ئانىنى بىسەرەمجان قىلىپ قويىۋاتاتتى. ئېتىزدىن ھېرىپ ئېچىپ كىرگەن ھېلىم ئاكا قازاننىڭ تۇۋىقىنى ئېچىپلا زەردىسى قىررىق گەز ئۆرلەپ كەتتى. مەكتەپنىڭ ئىشلىرىنى تۈگىتىپ چىمەنمۇ ھېرىپ كىرگەندە ھېلىم ئاكىنىڭ قىلغان سۆزى ئۇنىڭ جان جېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى.
- تېخىچە تاماق ئەتمەي نەلەردە لاغايلاپ يۈردۈڭ؟
- مەكتەپكە چاقىرتىپتىكەن، ئىش تۈگىمەي....
- ھازىر دىگەن تەتىل ۋاقتى تۇرسا مەكتەپتە ساڭا پوق سوۋىتىپ قويۇپتىكەنمۇ؟
- دادا... بولدى قىلىڭ، شۇ تاپ كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس.
- تېز بول قورساق ئېچىپ ئۆلەي دەپ قالدىم.
ھېلىم ئاكا دائىم بولسا چىمەننى ئەنە شۇنداق تاينى يوق ئىشلار ئۈچۈن تىللاپ كېتەتتى. بۇ چىمەنگە ئېغىر كەلسىمۇ چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ باقاتتى. چۈنكى ئۇ دادىسىنىڭ نىمىگە شۇنچە ئاچچىقلىدىغىنىنى، سىقىلدىغىنىنى ئېنىق بىلەتتى. شۇ كۈنى كەچلىك تاماق ۋاقتىدا مەكتەپ مۇدىرى كېلىپ قالدى...
مەكتەپ مۇدىرىدىن ئۇنىڭ بىر نەرسىدىن خاپا ئىكەنلىكى چىقىپلا تۇراتتى. ئارتۇق بىلىندۈرمەسلىككە تىرىشۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ ھېلىم ئاكىنىڭ زورلىشىغىمۇ قارىماستىن بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە قاراپ ئولتۇراتتى.ھېلىدىن ھېلىغا ئۇھسىنىپ قوياتتى. يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ تاماكىدىن بىرنى چىشلىۋېتىپ سەل تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن تاماكىسىنىمۇ چەكمەستىن گەپ سۆز قىلماي ئولتۇردى. تاماقمۇ يىيىلىپ بولدى. مەكتەپ مۇدىرى چىمەننى سىرتقا چاقىرىپ چىقىپ كەتتى.
- بۈگۈن نىمىدەپ كۇتۇپخانىنى ئوچۇق قويدىڭىز؟
- كۇتۇپخانىنى مەن ئاچمىغان.
- ئەمسە كىم ئېچىپتىكەن؟
- بىلمىدىم. مەن قايتاي دىگەن چاغدىمۇ تېخى چىقىقى يۇرۇق تۇرىدىكەن، شۇڭلاشقا مەنمۇ ئىچىدە ئادەم بار ئوخشايدۇ دەپ كارىم بولماپتۇ؟
- سىز كۇتۇپخانىغا كىردىڭىزمۇ؟
- ياق.
- ئەتە مەكتەپنىڭ يىغىن زالىدا يىغىن ئاچىمىز. سائەت 8:00گە ئۈلگۈرۈپ بېرىڭ. ھە.. راست تېلىفۇنىڭىزنى بۇنىڭدىن كېيىن ئىتىپ قويماڭ ھېچ بولمىغاندا سەھەر سائەت 6:00دىن كەچ سائەت 9:30گىچە ئوچۇق تۇرسۇن.
مەكتەپ مۇدىرى شۇنداق دەپ چىقىپ كەتتى. ئەسلى مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانىسىدىكى خاتىرە كومپىيوتېر شۇ كۈنىدىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيەسىزلىكى سەۋەبىدىن يوقاپ كەتكەت ئىدى. كومپىيوتېرنى ئىزلەپ تاپالمىغاندىن كېيىن كۇتۇپخانا باشقۇردىغان ئوقۇتقۇچى كومپىيوتېرنى تۆلەيدىغان بولدى. ئىدارە باشلىقىدىن نەچچە كۈنگىچە ھېچ خەۋەر كەلمىدى. ھېلىم ئاكا ئىدارە باشلىقىغا ئاتاپ بىر قوشقارنى بېقىۋاتاتتى. ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن تۇيۇقسىز مەكتەپ مۇدىرى، ئىدارە باشلىقى يەنە مائارىپ ئىدارىسىدىكى بىر قانچە يۈزلۈك كىشىلەر ئۈچ ماشىنىدا ھېلىم ئاكىنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلدى. چىمەن مىھمانلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ماشىنىدىن چۈشىۋاتقان بىرىنى كۆرۈپ چۈچۈپ كەتتى. ئۇ باشقا بىرى ئەمەس دەل تۇرغۇن ئىدى. تۇرغۇنمۇ چىمەننى كۆرۈپ ھەيرانلىقتا ئېغىزى ئېچىلىپلا قالدى. چىمەن مىھمانلار قاتارىدا تۇرغۇن بىلەنمۇ ئادەتتىكىدەك سالاملىشىپ ئۆتۈپ كەتتى. ھېلىم ئاكا نەچچە ۋاقىتتىن بېقىۋاتقان قوشقارنى سويۇپ بولۇپ ئىككى پۇتنى ئېلىپ قويدى، گۆشنى پارچىلاپ قازانغا سېلىپ بولغاندىن كېيىن خەلچىخان ئانا بىلەن چىمەن پولوغا تۇتۇش قىلدى. بۇمۇ ئەلۋەتتە ئىدارە باشلىقىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئىدى. ئىدارە باشلىقى ھېلىم ئاكىنىڭ بۇنچىۋالا خۇش بۇلۇپ كەتكىنىدىن ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى تويغا قوشۇلىدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى. « ھېلىم ئاكىمۇ بۇ تويغا قوشۇلىغاندەك قىلىدۇ، لىكىن چىمەنگۈل قانداق بولار؟ ئۇ تۇرغۇن بىلەن كىلىشىپ قالسىلا بولاتتىغۇ؟ بايا ئىشىك ئالدىدا ئۇلار بىر بىرىگە قاراپ تۇرۇپلا قالدى. تۇرغۇنغا قارسامغۇ ياق دىمەيدىغاندەك لىكىن... ۋاقتى كەلگەندە ھېلىم ئاكا بولغاندىن كېيىن بۇمۇ تەسكە چۈشۈپ قالماس» دەپ ئويلاپ گېلىنى قىرىپ قويۇپ چوڭ سۈپەت بىلەن ئولتۇردى. بىر پەس ئۆتكەندىن كېيىن ھېلىم ئاكىنىڭ قۇلىقىغا بىر نىملەرنى پىچىرلاپ قويۇپ يەنە شۇ قىياپىتىدە بىر پەس ئولتۇردى، ئارقىدىن تۇرغۇننى چاقىرىپ سىرتقا چىقىپ چىمەن بىلەن سۆزلىشىپ بېقىشنى ئېيتتى.
ھېلىم ئاكا سىرتقا چىقىپ چىمەننى چاقىرىپ دېدى.
- بۈگۈن سەن ئىدارە باشلقىنىڭ ئوغلى بىلەن پۈتۈشۈپ كىر.
- دادا، مەن...
- مەن پېنىڭنى قوي. بۈگۈن مىنىڭ دىگىنىم ھېساپ، قوشۇلساڭمۇ قوشۇلىسەن، قۇشۇلمىساڭمۇ قۇشۇلىسەن.
- لىكىن...
- مەن دىدىمغۇ، مىنىڭ دىگىنىم ھېساپ، سەل تۇرۇپ كۈيئوغلىمىز چىقىدۇ. سەن ئۇنى باشلاپ ئۆستەڭ بويىدا پۈتۈشۈپ كېلىڭلار.
- ماقۇل.
دىگەندەك نەچچە مىنۇتتىن كېيىن تۇرغۇن چىقتى. ئۇ چىمەننىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنى «قېنى يۈرۈڭ» دىگەندەك ئىما قىلدى. تۇرغۇن چىمەن بىلەن تەڭ مېڭىپ زىرىكتى. شۇ تاپ چىمەننىڭ نىمە ئويلاۋاتقىنىنىڭ تىگىگە يەتتى.
- بىلسەم بىلمىسەم سىز مىنى دادامنىڭ يۈزى بىلەن سىزنى مەجبۇرلاۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭىز.
- ئۇنداق بولسا قېنى سىز دەڭە، ئۇنداق ئەمەسما؟
- قەتئىي ئۇنداق ئەمەس.
- ھە... مۇنداق دەڭ. ما ئىشنى. مۇشۇنداقمۇ دەل كەپ قاپتۇدە؟ چىمەن تەنە ئارىلاش دىدى.
- ۋاي ئاللا. قانداق دىسەم ئىشىنىسىز؟ مەن تەپسىلى دەپ بېرەي. ئىشەنمىسىڭىز مىنىڭمۇ ئامالىم يوق. ئاۋال ئاڭلاپ بېقىڭ.
- قېنى قۇلىقىم سىزدە.
- مەن مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن سىز بىلەن ئالاقە قىلىشنى ئويلىغان بولساممۇ سىزنى تاپالمىدىم. نەچچە ئايدىن بېرى دادام سىزنى ماڭا ياق ياق ياق ... سىز ئەمەس چىمەنگۈل ئىسىملىك بىر قىزنى ماڭا ماختاپ بېرىۋەردى. دادام سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە ئالدىنقى قېتىم كەلگەن چاغدا مەنمۇ كەلگەن ئىدىم. يىقىن كەلگەن چاغدا باھانە كۆرسىتىپ قېچىپ كەتكەن ئىدىم، سەۋەبى سىزنى چوقۇم تاپىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. شۇ كۈنى دادام يالغۇز كىرىپ كەتتى. مەن كەتتىم. تەتىل جەريانىدا دادام مىنى سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە كېلىسەن دەپ تولا بېشىمنى ئاغىرتتى، مەن ھېلى ئۇنىڭغا ھېلى بۇنىڭغا باھانە قىلىپ كەلگىلى ئۇنمىغان ئىدىم. لىكىن بۈگۈن دادام مىنى زورلاپ ئېلىپ كەلدى. ئەسلى دادام نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ماڭا ماختاپ بېرىۋاتقان چىمەنگۈل سىز ئىكەنسىز ئەمەسمۇ؟ دادامدىن قاتتىق خۇش بولدۇم.
- ھىكايىڭىزگە قىزىقىپ قالدىم.
- تېخى ئىشەنمەيۋاتامسىز؟
- سىزنىڭچە ئىشەنسەم توغرا بولامدۇ؟
- مەن مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن سىزنى ئىزدەپ باقتىممۇ؟
- ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى.
- ئاڭلاپ قويۇڭ. ئىشەنمىسڭىز مەيلى. ئىشىنىڭ مەيلى ئىشەنمەڭ مىنىڭ كارىم يوق، بۇ توي ئىشى مىنىڭ ياكى سىزنىڭ قۇشۇلماسلىقىڭىز سەۋەبىدىن بۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ. ھامان بىر كۈنى ئىككىمىزنىڭ تويى بولىدۇ.
- ئىشقىلىپ مەن ئەزەلدىن بۇ تويغا قارشى.
- ئۇنداق بولسا سىز نىمىشقا دادامغا ماقۇللۇق بىلدۈرگەن؟
- ئۇ ئۆزۈمنىڭ ئىشى. سىزنىڭ نىمە كارىڭىز؟
- چىمەنگۈل، جاھىللىق قىلماڭ.
- ھە؟ مەن جاھىللىق قىلىۋاتامدىم؟
تۇرغۇن شۇ تاپ ئاچچىقىنى ئاران بېسىپ تۇراتتى. ئەگەر چىمەن بولماي باشقا بىرى بولۇپ قالغان بولسا ھېلىغىچە يۈزىنى ئاياپ ئولتۇرماستىن تەستىكىگە بىرنى سالغان بولاتتى. ئۇ تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ ئاچچىق ئاچچىق شورىۋېتىپ، ئۆزىنى بېسىۋېلىپ سورىدى.
- دەڭە سىزنىڭ مىنى ياراتماسلىقىڭىزدا نىمە سەۋەپ بار؟
- كىم سىزگە مىنى سىزنى ياراتمايدۇ دىدى؟
- ئەمسە نىمىشقا مەن بىلەن توي قىلالمايسىز؟
- سىز مەن بىلەن توي قىلىشنى شۇنچە خالامسىز؟
- مۇشۇمۇ گەپ بولدىمۇ؟ ئەگەر مەن خالىمىغان بولسام مۇشۇنداق ۋاقىتتا سىزنىڭ قېشىڭىزدا يەنە نىمە ئىش قىلمەن؟
- ئەگەر سىز شۇنچە خالىسىڭىز ماڭىمۇ باشقا ئامال يوق دىدى چىمەن پەرۋاسىزلا ئۇنىڭ بۇ گىپى تۇرغۇنغا بىلىنەر بىلىىمەس ئاڭلاندى «ھېلىغىچە دادام مىنىڭ تويلۇقىمنىمۇ سېلىپ بولدى ھەقاچان» دەپ ئويلىدى چىمەن.
- بىز بۇ يەردە گەپ تالىشىپ ئولتۇرمايلى، باشقا گەپ بولسا كېيىن پۇرسەت دىگەن كۆپ. كىرىپ چوڭلارغا دەپ باقايلى نىمە دەيدىكىن قېنى؟ تۇرغۇن شۇنداق دەپلا چىمەننىڭ ئالدىدا يۈرۈپ كەتتى. چىمەن ئەگەر بۇ گەپنى دادىسىغا دىسە ئاچچىقىدا ئۇنى بۇغۇپ قويۇشتىن يانمايتى. شۇڭا «بەرىبىر بولىدىغان ئىش بولغاندىن كېيىن، ھەممىنى دەۋىتەي.» دەپ ئويلىدى
- توختاپ تۇرۇڭ.
- ئەگەر سىز مىنى شۇنچىۋالا ياخشى كۆرسىڭىز مەنمۇ سىزنى ئالدىماي.
- قېنى دەڭ ئەگەر سىز مەن بىلەن توي قىلىشقا قۇشۇلسىڭىزلا ھەر قانداق گىپىڭىزنى مەن ئاڭلايمەن.
- مەن پاكلىقىمدىن ئايرىلغان.
- نىمە؟ سىز نىمە دەۋاتىسىز؟ مۇشۇنداق دىسەم مىنى ۋاز كىچىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭىزمۇ نىمە؟ سىز ئۇنداق قىلىدىغان قىز بالا ئەمەس.
- ئىشەنمىسىڭىز ئىختىيارىڭىز، مەن سىزگە دەيدىغىنىمنى دەپ بولدۇم كېيىن پۇشايمان قىلسىڭىز ماڭىمۇ ئامال يوق.
- راس دەۋاتامسىز؟
- مىنىڭ ھازىر چاقچاق قىلغۇدەك ھالىم بارمىكەن؟ چىمەننىڭ ئاۋازى تىتىرەپ چىقىۋاتاتتى.
- ھەي.... بوپتۇلا. ئەگەر سىز توي قىلىشنى خالىسىڭىزلا مەن ھەممىگە رازى. ئۆز ۋاقتىدا مەنمۇ خېلى ئويناپ يۈرگەن. ئۆتكەن ئىش ئۆتۈپ كەتتى. ئىلگىرىكى ئىشلارنى تىلغا ئالغۇم يوق. كېيىن ياخشى ئۆتۈپ كەتسەكلا بولدى.
- ھەي... ئەخمەق، سىزنىڭ مىنىڭ قىزلىقىم بىلەنمۇ كارىڭىز يوقما؟
- نىمە بولاتتى. ھازىرقى زاماندا ھەممىلا ئادەم پىچىتى بۇزۇلمىغاننى ئالىمەن دىسە بىر ئۆمۈر بويتاق ئۆتۈپ كېتىدىغانلار بەك كۆپىيىپ كېتەر؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ماڭا راست گەپ قىلغان تۇرسىڭىز، سىز ماڭا ئشەنمىگەن بولسىڭىز بۇلارنى ماڭا دىمەيتىڭىز. مەنمۇ سىزگە ئىشىنىمەن. سىز مىنى ئالدىمىسىڭىزلا بىز بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتۈپ كىتەلەيمىز. ئەمدىغۇ قۇشۇلارسىز؟ تۇرغۇن شۇنداق دەپ بولۇپ يانچۇقىدىن دادىسى زورلاپ ئېلىپ يانچۇقىغا سېلىپ قويغان ئۈزۈكنى چىقاردى.
- ئەگەر سىز مۇشۇ قىززىققانلىقىڭىزنى تاشلىسىڭىزلا بوپتۇ قوشۇلاي. چىمەن ئۇنى قۇشۇلمايدۇ دەپ ئويلاپ سىرىنى ئالدىراپ ئېچىپ قويغىنىغا پۇشايمان قىلىپ قالدى.
- خاتىرجەم بولۇڭ. سىزنى كۆرگەن چاغدا قاننىڭ قىززىقلىقى يۈرەككە كېتىپ قالىدۇ. چىمەن پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويدى. - قۇشۇلدىڭىز ھە؟
- ھەئە. چىمەن قۇشۇلغىنى بىلەن تۇرغۇننى بىرئازمۇ ياخشى كۆرمەيتى. ئۇلار قايتىپ كىرگەندە چوڭلار ئىككىسىنىڭ توي ۋاقتىنىمۇ بېكىتىپ بولۇشقان ئىدى. ئىككىسىنىڭ تەڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ ھېلىم ئاكا چىمەننىڭمۇ قۇشۇلغانلىقىنى بىلدى.
... شۇ كۈنى تۇرغۇن ئۇخلىيالمىدى. بىر تەرەپتىن چىمەننىڭ قۇشۇلغانلىقىدىن خوش بولسا يەنە بىر تەرەپتىن چىمەننىڭ ناپاك ئىكەنلىكىنى ئويلاپ چىۋىن يەۋالغاندەك بولۇپ قالدى. ئەمما چىمەننىڭ پاك ئەمەسلىكىگە تۇرغۇن تېخى تۇللۇق ئىشەنمەيتى. چۈنكى چىمەن ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇنداق قىزلاردىن ئەمەس ئىدى. چىمەن ئۇنىڭ نەزىرىدە ئېسىل خىلسەتلىك پەرىزات ئىدى. شۇڭا تۇرغۇن چىمەننىڭ كەمچىلىكى يوق دەپ قارايتى. بۇ قارىشىدىن ھېلىھەم چىمەنگە تۇللۇق ئىشىنەتتى. «ئەمما ئۇ راستلا شۇنداق بولسىچۇ؟» دەپ ئويلىدى تۇرغۇن بىر نەرسىنى ئېسىگە ئالغاندەك كۆزىنى لاپپىدە ئېچىپ. « ئەگەر ئۇ راستلا شۇنداق بولۇپ قالغان بولسا مەن يۇمشاق باش بولۇپ قالمامدىم؟ ياق.... بۇنىڭغا مىنىڭ غورورۇم ھەرگىز يول قويمايدۇ. ئەتىسىلا ئۇنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە يولغا سېلىپ قويارمەن؟ توختا توختا... ئۇنداق قىلسام بولمىغۇدەك، مەنمۇ قانچىلىغان قىزلارنى زورلاپ دىگۈدەك يولدىن چىقاردىم، ئۆزۈمگىمۇ ئاز ئەگەر مەن يولدىن چىقارغان ئاشۇ قىزلارمۇ توي قىلغاندا ئېرى تەرىپىدىن ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە ھەيدىۋىتىلسە، ھازىر بۇ دەرىمىزدە نىكاھ دىگەن نەرسە بولمىغۇدەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە چىمەنگۈل ئۇنداق شاللاق قىزلاردىن ئەمەس ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالغان بولسىمۇ ئۇنىڭ مەلۇم بىر سەۋەبى بولىدۇ. لىكىن... ۋاي بولدىلا نىمە سەۋەپ بولسا بولمامدۇ؟ ئىشقىلىپ ئۇ ئەمدى مىنىڭ ئايالىم بولدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ماڭا سادىق بولۇپ ئۆتسىلا كۇپايە ئەمەسمۇ» دەپ تىگى يوق خىياللار بىلەن قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدى. شۇ تاپ چىمەنمۇ ئۇيقۇدىن بىدار ئىدى. « بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭغا دەپ نىمىمۇ قىلار بولغىيتىم؟ ئۇ مىنى قانداق چۈشىنىپ قالار؟ ناۋادا بىز راستلا توي قىلىپ قالساق كېيىن يۈزۈمگە سالسا بۇ ئەلەمگە قانداق چىمدارمەن؟» ئۇ شۇلارنى خىيال قىلىۋېتىپ شۇ كۈنىدىكى يۈز بەرگەن ئىشلار ئېسىگە كېلىپ قالدى. تۇيۇقسىز خېلى ۋاقىتتىن ئىسىگە ئالمىغان دولقۇننى ئېسىگە ئېلىپ قالدى. «سىز بەك رەھىمسىز ئىكەنسىز، مىنى مۇشۇنداقلا تاشلاپ كەتتىڭىز، مىنى كېيىن قانداق قىلار دەپمۇ ئويلىماپسىز. ھەي دولقۇن... ھەي دولقۇن... ئېيتىڭە ئەمدى قانداق قىلاي؟ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش پىشانەمگە پۈتۈلدىمۇ؟ ھەي.... » چىمەن باش ئاخىرى يوق گادىرىماچ خىياللار بىلەن تاڭغا يىقىن ئۇخلاپ قالدى. ئاشۇ كۈندىن كېيىن تۇرغۇن ئۈچ تۆت كۈندە بىر چىمەننى ئىزلەپ كېلىدىغان بولدى، چىمەن تۇرغۇننىڭ ھازىرقى ھالىتى بىلەن ئىلگىرىكى ھالىتىنى سېلىشتۇرۇپ باقتى. ئۇ ھەقىقەتەن كۆپ ئۆزگەرگەن ئىدى، قارىماققا تۇرغۇن خېلى ئىشلارنى بېشدىن ئۆتكۈزگەندەك قىلاتتى. گەپ سۆزلىرىمۇ خېلى ئورۇنلۇق چىقاتتى.

كۈتۈلمىگەن ۋەقە، كېيىنكى مۇھاببەت



يازلىق تەتىلمۇ ئاخىرلاشتى، چىمەننىڭ ئالدىراش كۈنلىرى داۋاملاشماقتا يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ توي ئىشىمۇ بار ئىدى. ئالدىراشچىلىقنىڭ ئۈستىگە ئالدىراشچىلىق قوشۇلدى، مەكتەپكە يەسلى سىنىپى ئېچىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. سىنىپقۇ مەكتەپتە بار ئىدى. لىكىن بەزى رەسمىيەتلەرنى بىجىرىشكە توغرا كەلدى. مەكتەپ مۇدىرىمۇ قېرىشقاندەك چىمەننى بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلىپ قويدى. چىمەننىڭ تالانتىدىن بەزى ئوقۇتقىچىلار ئۇنى ھۆرمەتلىسە قىسمەن ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭغا ھەسەت قىلاتتى. مەكتەپ ئىچىدە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ھەر خىل ياخشى يامان گەپلەر تارقىلاتتى. مەكتەپتە 10 ئېغىر سۆز چۆچەك تارقالسا سەككىز توققۇز ئېغىز گەپتە چىمەن تىلغا ئېلىنماي قالمايتى. يەسلى سىنىپىنىڭ رەسمىيىتىنى بىجىرىش ئۈچۈن چىمەن ناھىيدە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ قالدى. بىر كۈنى باشقا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار چىمەننى زورلاپ كەچلىك بازارغا ئېلىپ باردى. بىر ئاز ئولتۇرغاندىن كېيىن چىمەننىڭ ئىچى سىقىلىپ ئايلىنىپ كېلىش ئۈچۈن يالغۇز ماڭدى. لىكىن ئازراق مېڭىپلا كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ نىمە قىلارىنى بىلمەي قاراپ تۇرۇپلا قالدى. ئالدىدا بىر نەچچە ئوغۇل بالا بىر بولۇپ ئۈچ قىزنى ئورىۋالغان ئىدى.
- ئۇنداق قىلماڭلار، سىلەرنىڭمۇ ئاچا-سىڭىللىرىڭلار بار.
- نىمىنى ئۇنداق قىلمايدۇ؟
- بىزنى ماڭغىلى قويۇڭلار.
- ماڭغىلى؟ ھاھاھا... نەگە بېرىشاتتىڭ؟ چىرايلىق گەپكە ئۇناشمىساڭ كۆرىدىغىنىڭ بار.
- بىز سىلەر ئويلىغاندەك ئۇنداق قىزلاردىن ئەمەس.
- خىڭ، ھەر قايسىڭنىڭ قانداق نىمىلىكىنى بىلمەيدۇ دەپ قېلىشما، تۈزۈك نىمىلەر بولۇشساق بۇ كەچتە ئۈيۈڭدە ئۇيقۇڭنى ئۇخلاشماي كوچىدا پوق بارمۇ؟
ئۇلار شۇنداق گەپ تالىشىۋاتقاندا سىمىزرەك كەلگەن بىر بالا ئۇلارنىڭ ئىشىغا ئارلىشىپ قالدى.
- ھېي، ھەر قايسىڭ ئادەممۇ نىمە؟ قىز بالىنى بوزەك قىلىشقۇچە ئانناڭنىڭ ئوچىقىغا ئوت قالاشساڭ بولمامدۇ.
- سىنىڭ نىمە كارىڭ؟
- سەن ئاكاڭنى تونىمايدىغان ئوخشىمامسەن؟ كۆپ گەپ قىلماي ئاۋۇ قىزنى قويىۋەت.
- سەن كىمتىڭ ماڭا گەپ قىلدىغانغا؟
- ھېي چىششىمغا تەگمە ھېلى بىكاردىن تۇمشۇقىڭىنى چۇۋۇۋىتىمەن.
- يې ئاغىينىلەر ماۋۇنىڭغا ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى ياخشىراق بىر تونۇتۇپ قويمايلىمىۇ؟ دىدى ئارىدىن بىرى. ھەممىسى ھە شۇنداق قىلايلى دەۋاتقان چاغدا تاكسى ماشىنىدىن تۇرغۇن چۈشۈپ كەلدى.
- ھە ئاكا، قارا ماۋۇ بىرسى بىزدىن ماۋۇلارنى تالىشىمىز دەيدۇ.
- سەنمىدىڭ؟ تۇرغۇن ماۋۇ قىز بالىغا قاراپ ۋىجدانىم پەقەت چىدىمىدى مىنىڭ. دىدى قىزلارنى قۇتقۇزۇشقا چىققان بالا
- سەن كىتىۋەر بۇ ئىشنى ئۆزۈم ئوڭشاي.
- لىكىن....
- ماڭامسەن يا؟
- ماقۇل ھېلىقى يىگىت كېتىپ قالدى، ئەمدى تۇرغۇن بىلەن ھېلىقى بىر نەچچە ناكەسلەر قالغان ئىدى.
- ھېي ھارىمىلار ھەر قايسىڭغا چاقچاق قىلغۇدەك ئادەم چىقمىدىما؟ بېرىپ ئانناڭغا چاقچاق قىلىشساڭ بولمامدۇ؟
- ئاكا بۇ... دىدى بايا كەتكەن بالا بىلەن گەپ تالاشقان يىگىت.
- ھەر قايسىڭ مۇشۇ قىزلارنى يولىدىن توسقىچە بېرىپ ئاچاڭ بىلەن سىڭلىڭنى قوغداشساڭ بولمامدۇ؟ تۇرغۇننىڭ گىپى ئۇلارغا ئېغىر كەلدى بولغاي تۇرغۇننىڭ قېشىغا يىقىن كەلدى. تۇرغۇنغا نىسبەتەن بۇلارغا تەڭ كېلىش تەس ئەمەس ئىدى. ئۇلار شۇڭلاشقىمۇ ئۆزلىرىنى بېسىۋېلىپ ئولتۇراتتى. ئەگەر تۇرغۇننىڭ چىشىغا تىگىپ قويسا ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىشەتتى. ھەر قايسىڭغىمۇ بۇ كەچتە كوچىدا نىمە بار؟ قايتىشساڭ بولمامدۇ؟ دىدى قىزلارغا قاراپ
- بولدى ئاكا سەن بىلەن گەپ تەگىشىپ ئولتۇرمايلى. بۇ قىزلار ساڭا قالسۇن، بىزمۇ يولىمىزغا مېڭىۋىرەيلى.
- ھېي توختىيە. بايا نىمە دىدىڭ؟
- ھېچنىمە دىمىدىم.
- بۇ قىزلار ساڭا قالسۇن دەۋاتىسەنيا؟ كىم ماڭا قالىدىكەن؟ ھېي ھارىمىلار، مەن قاچان ھەر قايسىڭدىن قىز بالا تالىشىپ باقتىم؟ گەپ قىلىشە.
- ئۇنداق ئەمەس ئاكا. ماۋۇ... تۇرغۇن ئۇنىڭ كاچىتىغا شاپلاق بىلەن بىرنى سېلىۋەتتى.
- ياخشىراق ئاڭلىۋېلىش، بۇنىڭدىن كېيىن قىز بالىنى بوزەك قىلىشىدىغان بولۇشساڭ مەندىن ياخشى كۈن كۆرۈشمەيسەن. يوقىلىش. ئۇ قىزلارغا بىر قارىۋېتىپ دىدى، توختاپ تۇرىشە. ئۇ قىزلارغا تېلىفۇن نۇمۇرىنى بىرىپ بولۇپ ئاۋۇ ناكەسلەرگە دىدى، ماۋۇ قىزلارنى بارىدىغان يېرىگە ئاپىرىپ قويۇش، بۇلارغا بىر ئىش بولۇپ قالمىسۇن، بىلىشتىڭمۇ؟ ئارقىدىن قىزلارغا قاراپ دىدى – بىرەر ئىش بوپ قالسا ماڭا تېلىفۇن قىلىڭلار. ئىزدەك سورىقى بولمايدىغان ئىش يوق.
- رەھمەت سىزگە
- ماڭا رەھمەت دىمىسەڭلارمۇ بولىدۇ. ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن ماۋۇلارغا رەھمەت دەپ قويۇڭلار.
تۇرغۇن ئۇلارنى كەتكۈزىۋېتىپ تاكسى ماشىنىغا قايتىش ئۈچۈن كەينىگە يېنىپ مېڭىپ چىمەننى كۆرۈپ قالدى ۋە تاكسىنى ماڭغۇزۋېتىپ چىمەننىڭ يېنىغا كەلدى.
- بۇ يەردە نىمە ئىش قىلىسىز؟
- خىزمەتداشلار بىلەن تاماققا چىققان ئۇلار بىلەن ئولتۇرۇشقا رايىم بارماي ئايلىنىپ كىرەي دەپ چىقىشىم ئىدى.چىمەن تورغۇنغا قايىل بولدى.
- سىزگە بىرەر ئىش بولۇپ قالسا قانداق قىلىسىز؟
- خۇدايىم ساقلا.
- خۇدايىم ساقلىسۇن، ئەگەر سىزگە بىرى شۇنداق قىلغىنىنى كۆرۈپ قالسام چانىۋىتەرمىنا
- سىز بۇ يەردە نىمە ئىش قىلىسىز؟
- ئەمدى ئىشتىن چۈشۈشۈم. ئۆيگە يېنىپ ماڭغان. ماۋۇلارنى كۆرۈپ كەيپىم ئۇچۇپ قالدى قايتامدۇق؟
- بايۋەتچە، ماشىنىڭىز قېنى؟
- بۈگۈن ئاپىرىپ سېتىۋەتتىم، كىلەر ھەپتە يېڭىدىن ئالىمەن.
- ھە... باي بولسا بۆلەكچە ھە؟
- مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي.
- مەن ئۇلارغا خوش دەپ قويمىسام بولماس؟
- تېلىفۇن ئۇرۇپ دەپ قويۇڭ مېڭىۋىرەيلى.
- ماقۇل. بۈگۈن سىزگە قايىل بولدۇم جۇمۇ؟
- ياقەي، بۇ دىگەن ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر ئوغلىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى. مەن باشقىلارنىڭ قىز بالىلارنى بوزەك قىلغىنىغا بەكلا ئۆچ. چىمەن ئۇنىڭ گىپىگە كۈلۈپ كەتتى. نىمىگە كۈلىسىز؟ ئىشەنمەيۋاتامسىز؟
- ياقەي، سىزنىڭ ئۆزگەرگىنىڭىزگە دەيمىنا؟ ئۆز ۋاقتىدا سىزمۇ قانچىلىغان قىزلارنى بوزەك قىلغان بولغىيتىڭىز؟
- بولدىلا ئۇ ئىشلارنى دىيىشمەيلى، ئۇ دىگەن ئۆتكەن ئىشلار، ئەمدى ئالدىمىزغا قارايلى.
چىمەن بىلەن ئىككىسى پاراڭلاشقاچ مېڭىپ مائارىپ ئىدارىسىدىن ئۇلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بېرىلگەن ياتاق بىناسى ئالدىغىچە بىللە كەلدى. چىمەن كىرىپ كەتمەكچى بولۇپ بىنا تەرەپكە قاراپ ماڭدى. تۇرغۇن ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋالدى. چىمەن قولىنى ئىتتىك تارتىۋالماقچى بولدىيۇ تارتىۋالالمىدى. تۇرغۇننىڭ ئامبۇردەك قوللىرى چىمەننىڭ نازۇك قولىنى چىڭ قىسىۋالغان ئىدى.
- مىنى قويىۋىتىڭ دىدى چىمەن بوش ئاۋازدا.
- سىزنى قويىۋەتسەم ھازىرلا سىزدىن ئايرىلىپ قالدىغاندەك قىلىمەن.
- ئۇنداق بولمايدۇ، باشقىلار كۆرۈپ قالسا سەت بولىدۇ.
- نىمە بولاتتى؟ بىز بەرىبىر ئىككى ھەپتىدىن كېيىن توي قىلىدىغان تۇرساق.
- شۇنداقتىمۇ... تۇرغۇن چىمەننى ئالدىغا تارتتى. ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋېلىپ لېۋىنى لېۋىگە باستى. چىمەن ئۇنىڭ قولىدىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن خېلى كۈچەپ باقتى ئەمما ئۇنىڭ ئاجىز بەدىنى تۇرغۇنغا كۈچى يەتمىدى. چىمەن شۇ تاپ يەنە بىر قېتىم ئوتتا كۆيگەندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدى.
شۇ كۈندىن باشلاپ تۇرغۇن ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى خېلى ياخشىلىنىپ قالدى. چىمەن ئۆزىمۇ بىلىپ بىلمەي تۇرغۇننى كۆرگۈسى كېلىدىغان بولۇپ قالدى. قىسقىسى چىمەن ئۆزىنىڭ تۇرغۇننى ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى،تۇرغۇنمۇ بوش ۋاقتى بولسىلا چىمەننى ئىزلەپ كېلىدىغان بولدى. چىمەنمۇ ھەر خىل باھانە بىلەن تۇرغۇننى ئىزدەشنى ئۇنۇتمايتى. ....

بەخىت گۈلى



مانا بۈگۈن چىمەننىڭ قۇتلۇق كۈنى بولدى. نىمىلا دىمىگەن بىلەن ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلىم ئاكىنىڭمۇ شۇ يۇرتتا خېلى ئابرويى بولغاچقا بۇ تويغا كەلگەن مىھمانلار ئالاھىدە كۆپ ئىدى. توي كۈنى ھېلىم ئاكىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ناغرا سۇنايلار چېلىنىپ تويغا ئالاھىدە تۈس قوشقان ئىدى. تويغا كىرىپ چىقىپ كېتىپ بارغان ھېلىم ئاكىنىڭ يۇرتداشلىرى ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرى توينى مۇشۇنداق قىلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەنغۇ دىيىشىپ قالدى. قىزنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ ماڭىدىغانغا تۇرغۇن مەخسۇس 10 نەچچە مېتىرلىق لىڭكۇلىن ماشىنىدىن بىرنى ئىجارىگە ئالغانئىدى. ئۇزۇن بىر ماشىنا توپى شەكىللىنىپ چىمەننى داغدۇغا ئىچىدە ئېلىپ ماڭدى.
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن تۇرغۇن چىمەندىن سورىدى
-سىز تا ھازىرغا قەدەر بىر قېتىم «سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دەپ باقمىدىڭىزغۇ؟
- بۇ شۇنچە مۇھىمما؟
- ئەلۋەتتە. بۇ دىگەن مۇھاببەتنىڭ سىمۋولى تۇرسا
- ئەمدى بۇنى دىيىشنىڭ ئورنى يوق، بىز يا كىچىك بالا بولمىساق.
- بىر ئاڭلىغۇم بار ئىدى.
- ئەمسە كېيىن دەپ بىرەي.
- سىزنىڭ ناپاكلىقىڭىزنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ باقسام بولامدۇ؟
- ئادەمنى جىلە قىلمىسىڭىز قانداق؟
- خاتىرجەم بولۇڭ مەن ھەرگىز سىزدىن ئاغرىنمايمەن، ھەم ئىككىنچى بۇ ئىشنى تىلغا ئالمايمەن، ئەمما سەۋەبىنى دىمىسىڭىز مەن بۇنىڭغا بىر نەرسە دەپ بولالمايمەن جۇمۇ؟
- ھا ھا ھا ... شۇنداقمۇ قىلارسىزمۇ؟ بۇ شۇنچە مۇھىممۇ؟
- سىزنىڭچە ئۇنداق ئەمەسما؟
- راست ئاڭلىغۇڭىز بارمۇ؟ ئەمسە پۇشايمان قىلمايسىز ھە؟
- مەن ئەزەلدىن قىلغان ئىشىمغا پۇشايمان قىلغان ئەمەسمەن.
چىمەن دولقۇن بىلەن بولغان ئىشلىرىنى بىر-بىرلەپ دەپ بەردى، ھەتتا دولقۇننىڭ بالىسىنى ئالدۇرۋەتكەننىمۇ قوشۇپ قويدى، تۇرغۇن بۇلارنى ئاڭلاپ قۇشۇمىسى سەل تۈرۈلۈپ قالدى.
- بولدى قىلىڭە، دىمەي دىسەم زورلاپ تۇرىۋالدىڭىز؟ ئاچچىقىڭىز كېلىدىغىنىنى بىلەتتىم مەن.
- ئاچچىقىم كەلمىدى، ئاشۇ چاغلارغا قايتىپ قاپتىمەن.
- ئەمدى بۇ ئىشنى تىلغا ئالماسلىقىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.
- بۇنىڭغا بىرنىمە دىمەك تەس.
- خىڭ!!! چىمەننىڭ قاپىقى تۈرۈلۈپ قالدى.
- ھى ھى ھى ... چاقچاق قىلىپ قويدۇم خوتۇن، قارىڭە قاپىقىڭىزنى بۇنداق تۈرىۋالسىڭىز يۈزىڭىزگە قورۇق چۈشۈپ قالىدىكەن.
- مەن بۇنداق چاقچاقنى كۆتۈرەلمەيمەن تۇرغۇن، مىنى مەڭگۈ مۇشۇنداق سۆيەمسىز؟
- سىز دەپ بېرىڭ، مىنى ياخشى كۆرەمسىز؟
- دەسلەپ سىزگە شۇنچىلىك ئۆچ ئىدىم، تەقدىر دىگەن ئاجايىپ بولىدىكەن، سىز ئاشۇ قىزلارنى قۇتۇلدۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ سىزگە بولغان قارىشىم ئۆزگەردى. سىزگە شۇ كۈنى ھەقىقى قايىل بولغان ئىدىم، جەمىيەت ئوينايدىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەسكى ئەمەسلىكىنى شۇ كۈنى تۇنۇپ يەتتىم. ھەم شۇ كۈنىدىن باشلاپ سىزنى بىلىپ بىلمەي ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن.
- مۇشۇ سۆزىڭىز ئۈچۈن مەن سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن، كىلىڭە بىرنى سۆيۈپ قوياي.
- چاقچاق قىلمىڭە. قورسىقىڭىز ئاچمىدىمۇ؟ مەن چىقىپ تاماق قىلاي. سىز تېلېۇزۇر كۆرۈپ تۇرۇڭ
- سىز بولسىڭىزلا ماڭا تاماقنىڭ كېرىكى يوق. تۇرغۇن شۇنداق دەپلا چىمەننىڭ قولىدىن تارتىپ قۇچىقىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى....
....

- تۇرىڭە بۈگۈن مەكتەپتە يىغىن ئاچىمەن دەۋاتمامتىڭىز؟ ئۆزىڭىز كېچىكىپ قالماڭ يەنە. تامىقىڭىزمۇ سوۋۇپ قالاي دىدى.
- ۋايۋۇي... تېخى بالدۇرغۇ؟ بىردەم ئۇخلىغىلى قويىڭە.
- قاراڭ قىزمىزمۇ قورسقىنى تويغۇزۇپ بولدى.
- دادا دادا، قارا تۆنۈگۈن ئاپام ماڭا بۇ كۆينەكنى ئېلىپ بەردى. چىرايلىقمىكەن؟
- ۋوي راست قىزىم بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىز، ئاپىڭىزغا رەھمەت دىدىڭىزمۇ؟
- ھەئە دىدىم.
- كىلە بىرنى سۆيۈپ قوياي.
- مەن كىرىپ ئىھسانغا قاراپ باقاي ئورنىغا سىيىپ قويمىسۇن يەنە. سىزمۇ تېزرەك ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ.
- ھە. تېزرەك بولۇڭ ھېلى يىغلىغىلى تۇرىدۇ ئۇ. چۈشتىن كېيىن نىمە ئىش قىلسىز؟
- مەكتەپتىمۇ باشقا ئىشىم يوق. يېرىم كۈن سوراپ ئۆينى يىغىشتۇرىۋىتەيمىكىن.
- ھە ئەمسە شۇنداق قىلىڭ، ئەتە شەنبە بولغاندىن كېيىن بىرگە بازار ئايلىنىپ بالىلارنى باغچىغا ئەكىرىپ ئوينىتىپ چىقايلى.
- دادا، باغچىغا كىرەمدۇق؟
- ھە... قىزىم سوقما ماشىنا ھەيدىگۈڭىز بارمۇ؟
- ئۇنداق بولسا ئۇكامنىمۇ يېنىمغا چىقىرۋالاي.
- ياق بولمايدۇ قىزىم، ئۇكىڭىزمۇ سىزدەك چوڭ بولسا ئاندىن چىقسا بولىدۇ. ئۇ ھازىر تېخى ئولتۇرالمايدۇ.
- ھە.... ئۇكام يىقىلىپ كىتىدۇ ھە؟
- توغرا دىدىڭىز. بولدى چۈشۈپ كېتىڭ. مەن كىيىملىرىمنى كىيىۋالاي

2011-يىلى 10-دېكابىر
ئاقسۇدا يېزىلدى.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر پۈتۈنلەي تۇقۇلما ۋەقەلىك، بىرەر ئىش بىلەن چېتىشلىق بولسا مەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئالالمايمەن.

مەزكۇر ئەسەر مىنىڭ ئەسىرىم بولۇپ باشقا مۇنبەرلەرگە كۈچۈرمەڭ دىمەيمەن، ئەمما كۈچۈرسىڭىز ئەسەر مەنبەئەسى يەنى «مەن»نى ئەسكەرتىپ قويىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئاخىرىدا كەڭ تورداشلارنىڭ ئەسىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن.

مەنبە: مەن

ياخشى كۆرگەن گۇناھ ئەمەس، ئەمما شاللاقلىق گۇناھ؛ ياخشى كۆرمەسلىك گۇناھ ئەمەس، ئەمما ئالداش گۇناھ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7021
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11094
تۆھپە نۇمۇرى: 1844
توردا: 565 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 09:06:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋالاي

ئويلان ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر دېگەن ئىسمىڭ بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر  مەدىنيىتىڭ ، تىلىڭ  بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر يېزىقىڭ بىر  ،  دىنىڭ بىر  .
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .

گۈلۈم~قايدا سەن؟

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41613
يازما سانى: 401
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 600
تۆھپە نۇمۇرى: 258
توردا: 1709 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 09:33:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەردەك تۇرىدۇ~..ساقلىۋېلىپ بىراقلا ئوقۇي!@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2119
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1086 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2012-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 09:57:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ چاقچاقمۇ؟ ئەجەپمۇ مەسىتلىگىم كەلدې،چىمەنگە.
بېر بېر ھەقىقىي ياخشى كۆرۈشكەنلەرنىڭ ،سۆيگۈ ۋىسالغا يىتىشىگە تىلەكداشمەن.

فىلىم ئشلەش ھەۋە

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4560
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4221 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 10:25:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي نىمىنداق جىق بۇ ئەسەر  ساقلىۋېلىپ كىيىن ئوقۇي ھە

فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3200
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7137
تۆھپە نۇمۇرى: 258
توردا: 389 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2012-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 10:42:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
...بېشىنى ئوقۇپ كۆڭلۈم يېرىم بولغانتى ....
                         ئەمما كەينى ياخشى ئاخىرلىشىپتۇ ...

ئاللاھتىن بەختى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28786
يازما سانى: 634
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7447
تۆھپە نۇمۇرى: 1060
توردا: 7048 سائەت
تىزىم: 2011-2-2
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 11:29:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن.....ئۇلارغا بەكلا ھەۋەس قىلىۋاتىمەن...
ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ ھەممىسى مۇرادىغا يېتەلىسە نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە!......

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتدۇ

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28086
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11349
تۆھپە نۇمۇرى: 1357
توردا: 4499 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 12:52:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋالدىم

قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .

ئۈلۈم قاش بىلەن

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68200
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 229
تۆھپە نۇمۇرى: 98
توردا: 204 سائەت
تىزىم: 2011-12-3
ئاخىرقى: 2012-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 11:03:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ كۈنلەردە مىسرانىمدا ئاقسۇلۇق يازغۇچىلىرىمىزنىڭ نادىر ئەسەرلىرى كۆپىيىپ قالدى-جۇمۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57411
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 212
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 490 سائەت
تىزىم: 2011-9-21
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 06:08:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىمەنگە ئوڭ كەپتۇ لىكىن تۇرغۇن بوزەك قىلغان قىزلاغا ئۇۋال

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش