مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2811|ئىنكاس: 19

قوشنامنىڭ قىزى (سۇبات) ئاخىرى يوللىنىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىتقاد بارچە بار

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6587
يازما سانى: 1896
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11056
تۆھپە نۇمۇرى: 738
توردا: 2651 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 04:49:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قوشنامنىڭ قىزى
ھېكايە
ماھىرە مۇختەر

ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يۇرۇتقا كەلگەندىن بۇيان تۇلىمۇ زىرىكىشلىك ھېس قىلىۋاتىمەن، ئۆيدە ئاپامنڭ كوتۇلداشلىرىدىن بىزار بولسام قورو ئالدىدا سەھرا باللىرىنڭ مېنى قورشىۋېلىپ ئۇيۇن ئويناشلىرىدىن بىزار ئىدىم، چوڭلارغىمۇ سالام قىلغىم كەلمەيتى، تۇپا باسقان قوللىرى بىلەن قولۇمنى چىڭ سىقىمداپ كۈرۈشكەندە قىلچە ئىپادىسىز ھالدا قوللىرىمنى ئۇلاردىن تارتىۋېلىشقا ئۇرۇناتتىم. ئۇلارنىڭ كۆڭلى مەن ئۈچۈن ئەزەلدىن ھېچنىمە  ئەمەس ئىدى، مەن خۇددى  بۇ يېزىغا ماس ئەمەستەك،  تۇغۇلۇشۇمدىنلا شەھەردە ياشاشقا تۈرەلگەندەك ... ئۈزۈم تۇغۇلۇپ ئۈسۈپ چوڭ بولغان مۇشۇ يۇرۇتنىڭ تۇپراقلىرىدىن، تۇپۇلىرىدىن، كىشىلىرىدىن شۇنداق بىزار ئىدىم............  
بۈگۈن يەنە بۇ يۇرۇتقا بولغا بىزارلىقىم چىكىگە يەتتى، مەھەللىمىزنىڭ ئىمامى ئەدەپ - قائىدىنى بىلمەيدىغان ...دەپ مېنى بىر مۇنچە ئەدەپلىدى، تېخى مەن ياقتۇرۇپ كىيىدىغان كاستۇيۇمنىمۇ ياراتماي سۆز ئالدى، چاچ پاسۇنۇمغىمۇ شەك چىقاردى،  يۈزۈم بىراقلا تۈكۈلۈپ كەتكەندەك ھېسياتتا بۇلۇپ شەھەرنى، گۈلۈمنى سېغىمدىم : ___ گۈزەل سەن قانداقراق؟ مېنى سېغىنغانسەن؟ كۈتۈپ تۇر پاتلا بارىمەن...  
كەلگۈسىدىكى گۈزەل كۈنلىرىمنى ئويلاپ ئاستا ئاپامنىڭ بېشىنى يەنە ئازراق ئاغرىتىپ باقماقچى بولدۇم:  
ـ ئاپا، دادامغا دەپ باقسىڭىز مېنىڭ خىزمەت ئىشىمغا ئازراق يول مېڭىپ باقسا بوپتىكەن.
ئاپام بىر نەرسىدىن ئەنسىرىگەندەك مېنىڭ ئاغزىمنى ئىتىۋېلىپ ئىچىدىكى ئۆينى شەرەتلىدى:
ـ نىم دەيدىغانسەن بالام، ئەمدى بۇ گەپنى چوڭ قورودا دەپ سالما، داداڭ ئاڭلىسا مېنىمۇ قۇشۇپ بۇ ئۆيدىن قوغلىۋەتمىسۇن يەنە...  
ـ بۇ دادام نىمانداق قىلىدىغاندۇ؟ شۇنچە يىل ئۇقۇپ، ئەمدى ئازراق پۇل بىلەن ھالاۋىتىنى كۈرىدىغان چاغدا دادام يېنىنى چىڭداپ مېنىمۇ بۇ يېزىدا دېھقان بولسۇن دەمدىغاندۇ؟ ــ ئىچىم ئۆرلەپ ئولتۇرۇغۇممۇ كەلمىدى.  
ـ نىم دەيدىغانسەن بالام، داداڭ سېنى شەھەرگە كادىر بولسۇن دەپ ئەمەس، يېزىمىزنىڭ يۈزىنى يۇرۇق قىلىپ يېزىمىزدا ئىشلىسۇن، بىزدەك ساۋاتسىز قالمىسۇن دەپ ئۇقۇتقان،،، يەنە شەھەرگە كىتىمەن دىسەك داداڭ سېنى ئۆيگە سۇلاپ قۇيۇشتىن يانمايدۇ...  
ئاپامنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئارزۇلۇرۇم كۈپۈككە ئايلانغاندەك ئىچىم قاتتىق ئۆرتەندى، كۆزلىرىمگە لىغىرلاپ ياش كەلدى:  
ـ نىم بولدۇڭ بالام، بۇ سېنىڭ بەختىڭ، چوپ _ چوڭ ئوغۇل بالا تۇرۇپ كۈزۈڭگە ياش ئېلىپ يۈرگىنىڭنى قارا، ئەمەلىيەتتە داداڭمۇ سېنىڭ دېھقان بۇلۇپ جاپا تارتىشىڭنى خالىمايدۇ، بېشىڭنى ئوڭشاپ قويۇپ، ئۇماق نەۋرەم بىلەن بىرگە ياشىسام دەپ ئويلايدۇ...
ئاپامنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بىردە چىرايىمغا سۇس كۈلكە يۈگۈردى، گۈزەلنىڭ گىپىنى چىقىرىدىغان ۋاقتىم كەپتۇ دەپ ئويلىدىم.  
ـ ئاپا.. ـ گەپ ئاغزىمنىڭ ئۇچىدا قېلىۋىدى ئاپام يەنە سۆز قاتتى:  
ـ قوشنىمىزنىڭ قىزى سابا تۇلىمۇ چىرايلىق پاكىز ئىشچان قىز بولدى، داداڭ ئىككىڭلارنىڭ بېشىنى قۇشۇپ قويسام بۇلاتتى دەپ ئولتۇرۇدۇ. ئەتە ئۇلارنى ئۆيگە چاقىرىپ قويدۇق، سىرىتقا چىقماي تۇرارسەن، بولمىسا داداڭ خاپا بۇلىدۇ...
خىياللىرىم يەنە بىر قېتىم كۈپۈككە ئايلاندى، چىرايىمدىكى كۈلكىمۇ يۇقالدى...  
ـ ئاپا نىم دەيدىغانسەن؟ مېنىڭ...  
ـ نىمە شەھەردە قىز دوستۇم بار دىمەيدىغانسەن ئوغلۇم، بۈدرە چاچلىق، تار مايكىلىق قىزلارنىڭ گىپىنى قىلغۇچى بولما..  
ئاپامنىڭ بۇ گىپى بىلەن ئاغزىم بىراقلا تۇۋاقلاندى.  
بۈگۈن باشقا كۈنگە قارىغاندا سەھەرلا تۇرۇپ كەتتىم، ئاپامنىڭ قوشنىمىزنى چاقىرىپ قويغىنىنى بىلگەچكە ئۇلارغا كۈرۈنمەيلا سىرىتقا چىقىۋالاي دەپ ئويلىشىم ئىدى.  
- نەگە ماڭدىڭ كامران؟ ـ دادامنىڭ بوم ھەم قوپاللىقىدىن سەل چۈچىدىم:  
ـ باققا چىقىپ ئۈرۈك ئەپ كىرەي دىگەن.  
ـ ھە، سەۋزىدىن بەش ئالتە باش كولىغاچ كىر، ئاپاڭ پولو ئەتكىدەك...  
ـ ھە... ـ تۇپىغا مىلىنىپ سەۋزە كولامەنمۇ ئەمدى...  
ئىشىقىلىپ يېزىنىڭ قاينام تاشقىنلىقىنى ئۈيۈمنىڭ خېلى بەخىتلىك ئائىلە ئىكەنلىكىنى تاماققا قارىشىپ ئوتۇن قالاپ يۈرگەن بۈگۈنكى ھېس قىلىپ قالدىم:
ـ يەنە ئازراق ئۇتۇن ئەكىرەمسەن بالام، ئۇتۇن ئاز قاپتۇ، شورپا قايىماي قالمىسۇن؟
ئۇتۇن ئېلىپ قورۇغا چىقىشىم ئىدى، قوشنىمىزنىڭ ئىككى قىزىنى ئەگەشتۈرۈپ كىرىشى بىلەن بەلەكچە بىر خىل خىجىللىق يۈزۈمنى ئوت ئالدۇردى:  
ـ قاملاشمىغان، بۇ ئۇتۇننى ئەچىقمىساممۇ بوپتىكەن.  
ـ ھە مىھمانلار ...  
ئۇلارنىڭ قىزغىن پاراڭلىرىدىن بارغانسىرى بىزار بۇلۇشقا باشلىدىم...
ـ كامىران ـ دېدى دادام سۆز ئېلىپ: ـ بۇياق سابا ، رىشىت داداڭنىڭ كىچىك قىزى.  
قىزغا مۇنداقلا قاراپ قويدۇم، سىزىپ قويغاندەك بۇ قاشلار، گىلاستەك لەۋلەر چىرايلىق يۈزلەر ئادەمنىڭ ئىشقىنى قوزغايتى... شۇ زامانلا گۈزەل ئىسىمگە كەلدى، ئۇنىڭغا قاراپ قالغان كۆزلىرىمنىمۇ دەرھاللا ئەپ قاچتىم.
دادامنىڭ جاراڭلىق كۈلكىسىنى ئاڭلاش بىلەن باشقىچە خىجىللىق ھۇجۇدۇمنى قاپلىدى، مەن شۇندىلا گۈزەلنى ياخشى كۈرىدىغىنىمنى بۈگۈنلا بۇلارغا ئېيتىشنى تايىن تاپتىم.
..........
ـ قارىغاندا بالىلارمۇ قاملىشىپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ، سىلەرنىڭمۇ باشقا پىكرىڭلار بولمىسا توي ۋاقتىنى كىلىشىۋەتسەك...  
دادامنىڭ گىپىنىڭ ئاخىرى ئاغزىدىلا قالدى:
ـ ياق دادا..
ـ نى ...نىمە؟
ـ دادا.  
ـ نىمە، دە دەيمەن، تىلىڭنى چاينىماي
ـ سىز مېنىڭ توي ئىشىمنى دىيىشىۋاتامسىلەن؟  
ـ ھەئە بىلمەيۋاتامسەن؟ ـ دادامنىڭ قاپىقى تۈرۈلگەن ئىدى.
ـ دادا مېنىڭ سۆيگىنىم بار، بۇ قىز..
ـ نىمە؟ دادام مېنى ئۇرۇۋەتكىلى تاسلا قالدى،،، مەن يۈگۈرۈپ قېچىپ چىقمىغان بولسام تاياق يەر ئىدىم بەلكىم شۇ يەردە..
كوچىدا كىتىۋاتىمەن، قەدەملىرىم شۇنچىلىك ئېغىر... بالىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاتا ـ ئانىسى چۈشۈنىدۇ دەيدىكەن كونىلار مېنىڭ بۇ ئۆيدە بىرەر ئېغىز سۆز قىلىش ئەركىنلىكىممۇ بولمىسا ... ئەڭ ياخشىسى شەھەرگە كەتسەم بولغىدەك... كوچىغا چىقىپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان ئىش بولسىمۇ شەھەردە ياشايمەن... كامىران شۇ خىياللىرى بىلەن ئۆيدىكىلەرگە خوشمۇ دەپ قويماستىن شۇ ماڭغىنىچە شەھەرگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى............  
مانا قاينام تاشقىنلىققا تولغان شەھەر تۇرمۇشى، يانچۇقتا پۇل بولمىسا ھېچنىمىگە ئەسقاتمايدۇ بۇ شەھەردە كامىران دوسىلىرىن قەرىز ئالغان نەچچە يۈز يۈەن پۇلى گۈزەل ئىككىسىىگە ئاران نەچچە كۈنلۈكلا بولدى، ئۇ خىزمەت تېپىشىپ ئىشلىمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ئىش ئىزلىدى، ئۈزىنى ئەسلىنى ئۇنۇتۇپ ھاكاۋۇرلارچە ئۈگۈنۈپ قالغان بۇ كامىرانغا بۇ شەھەردە قىلىدىغانغا ئىش چىقمىدى، كىچىك ئورۇنلارنى ئۇ ياراتماي چوڭ ئۇرۇنلار ئۇنى ياراتماي ئۇ يەنىلا بىكارچىلىقنى تاللىۋالدى،،، بىكارچىلىق يوقسۇزلۇق ھاكاۋۇرلارچە ئۈگۈنۈپ قالغان كامىراننىڭ چىرايىنى سارغايىتتى، قەددىنى ئەگىدى غورۇرىنى سۇندۇردى...ئۇ شۇندىلا يۇرتىنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ قەدرىگە يەتكەندەك بولدى، يۇرۇتنىڭ توپىلىق يوللىرىنى سېنىغىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى... ئاتا ـ ئانا ھەمىگە چىدايدۇ، پەرزەنىتلىرىنڭ گۇناھلىرىنى بىردەمدىلا كەچۈرىدۇ، كامىران خاتالىقىنى تۇتۇپ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ئالدىغا كىلىۋىدى دادىسى بىرەر ھەپتە قاپىقىنى تۈرگەندەك قىلغان بىلەن يەنىلا ئۇنى كەچۈرىۋەتتى...
مانا يېزا تۇرمۇشى غورور، ئىپتىخار، ھۆرمەت ھەمىسى بار... ياپيېىشل ئوتلاقلارمۇ شۇ قەدەر گۈزەل ئېرىق بويىدا ئولتۇرۇپ خىيال قىلىش نىمىدىگەن شىرىن ھە ...
ـ كامىران ـ ئارقاندىنلا يىنىك زىل ئاۋازدا بىرى ئىسمىمنى توۋلىدى.
ـ ۋوي سابا، ياخشىمۇ سىز؟  
قىزچاق دىمىقىنى سۇقسقىنە قېقىپ قولىدىكى چىلەكنى يەرگە قويدى:  
ـ ھەئە مەن سابا، ياخشى تۇرۇدۇم ئۈزىڭىزچۇ كامىران ئاكا.  
قىزنىڭ بىر خىل مەسخىرە تەلەپپۇزىدا ئېيىتقان ئاكا دىگەن سۈزى مېنى بىر خىل ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى:  
ـ ھە، بۇ نىم دىگىنىڭىز؟ .
ـ نىم دەپتىمەن، مەن ھېچنىم دىمىدىم تېخى ـ قىزنىڭ چىرايلىق كۆزلىرىدە غەززەپ ئۇچقۇنى چاقنايتى، چىرايلىق لەۋلەر سۇس تىترەپ كۆزلەردىن ياش ئۈزۈندىلىرى تۈكۈلمەكچى بولغاندەكلا كۈرۈنەتتى:  
ـ ما سەت ساراڭنىڭ مېنى ئالمايمەن دەپ كەتكىنىنى تېخى، مەن ساڭا تىگىمەن دەپتىمەنمۇ؟ ـ دىگەندەكلا قىزنىڭ كۆزلىرىدىن نەچچە تامچە ياش سىيرىلىپ چۈشتى: ـ چوڭلارنىڭ ئالدىدا نىمە سەتچىلىك بۇ، شەھەردە ئۇقۇساڭ ئۈزۈڭنىڭ ئىشى، كىشنى ئۈيۈڭگە چاقىرىپ قۇيۇپ شۇنداق ھاقارەتلىسەڭ بۇلامدۇ؟ خېنىم چىراي لامزاللە بەڭگى...  
قىز كەتتى ھازىرغىچە قىزنىڭ چاراڭلىق گەپلىرى قۇلۇقۇم تۈۋىدە جاراڭلاۋاتاتتى
(ئىلگىرى يېزىلىپ بولغان مەزمۇنى يوللاندى)

ئاخىرى تېما تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئىنكاس شەكلدە يوللىنىدۇ.

ئۇنتۇشنىڭ تەس بۇلۇشىدىكى سەۋەپ ـــ سىزنىڭ ئۇنتۇشنى خالىمىغانلىقىزڭىزدا...

ئاللادىن قورقىم

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35032
يازما سانى: 950
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8660
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 3601 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 07:05:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەممە ئىشنى بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ باشلايمەن.

ھەر ئىشتا بىر خەيىر بار !

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11323
تۆھپە نۇمۇرى: 1449
توردا: 1102 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 07:17:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۋال ئورۇن ئېلىپ قويغاچ تۇراي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40223
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5023
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 2074 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2014-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 07:41:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىچۇ نىمانداق ئاز يازدىڭىز

مېنىڭ تېرەمنى سويسىمۇ ، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بىلەن دوسىت بۇلالمايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15847
يازما سانى: 1414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5204
تۆھپە نۇمۇرى: 899
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2014-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 08:30:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوش قىز ئەمەسكەن،جۇمۇ بۇ !!!كامرانغا ئۆزىنى تازا كۆرسىتىۋاپتۇ ...بىراق چوڭلارنىڭ پەرزەنتلەرنىڭ نىكاھ ئىشىغا بەكلا ئارلىشۋىلىشى پەقەت كاللامدىن ئۆتمەيدۇ !!! ئۇلارغۇ پەرزەنت بەختىنى كۆزلەيدۇ ،بىراق،مۇشۇ سەۋەبلىك پەرزەنتىنىڭ كىيىنكى كۈنلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەسلەش ،سىغىنىش ئىچىدە ئۆتىدىغىنىنى ئويلاپ كۆرمەيدۇ !!!يىگىت تاللىغان قىز ئىمانلىق ،ئەخلاقلىق قىز بولسا ئۇلارنىڭ بەختىگە دۇئا بەرسە توغرا بولاتتى...ھەي ...

بىزگە ھەممىدىن زۆرۈر بولغىنى تۈنۈگۈنكى تاتلىق خاتىرە ياكى ئەتىكى شېرىن مەنزىرە ئەمەس،بەلكى،بىز ئىتراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزدۇر...

گۈزەل ئەتىمىز ئۈ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13953
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8372
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 2408 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 08:33:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ ياخشى ئويلاپسىز... ......ئەمدى ساقلىتىپ يۈرمەسسىز ھە......

دوس دىگەن ئاددى سۆز گۆھەردىن قىممەت، قەدىرگە يېتىدۇ چۈشەنگەن كىشى. ھەققى دوسلۇققا خىيانەت قىلىش ،   پەسكەش ،ۋىجدانسىز ، نامەرتنىڭ ئىشى . .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68645
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3007
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 350 سائەت
تىزىم: 2011-12-5
ئاخىرقى: 2014-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 09:14:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامىز..

ئويغانغىن زىمىن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60891
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4343
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 655 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 09:39:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۈتىمەن...

ئويغانغىن زىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7021
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12890
تۆھپە نۇمۇرى: 1934
توردا: 626 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 10:08:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېزراق يوللاڭ سامىنى ئىلھامىم كېلۋاتىدۇ ئۆزۈم يېزۋاتىمەن بېكار

ئويلان ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر دېگەن ئىسمىڭ بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر  مەدىنيىتىڭ ، تىلىڭ  بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر يېزىقىڭ بىر  ،  دىنىڭ بىر  .
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60789
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3321
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2011-10-16
ئاخىرقى: 2012-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 12:58:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىغا  قىزقىپ  قالدىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش