ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇرلار كىشىلەرنىڭ قېسقىچە تەرجىمھالىنى توردىن ئىزدەپ ، مۇنبەرداشلارغا سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم . بۇمۇ بىر توپلام بولۇپ قالغۇسى.قېنى دوستلار ، تەكلىپ پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىلەر!!!
ئىسىم-فامىلىسى: مەمتىلى ئەپەندى
باشقا ئىسمى: مەمتىلى توختاجى ئوغلى
يۇرتى: ئاتۇش
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1901-يىلى
قىسقىچە تەرجىمىھالى
مەمتىلى ئەپەندى 1901-يىلى ئاتۇشنىڭ بۇيامەت كەنتىدە توختاجى ئىسىملىك يېتىشكەن تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆز زامانىسىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەرىدىن بۇلۇپ ،ئائىلىسى مەرىپەتنى ،ئېلىم پەننى ھىمايە قىلغۇچى ئائىلە ئىدى. مەمتىلى ئەپەندى دۇنياغا كۆزئاچقان يىللار ھەممە يەرنى زۇلۇم قاپلىغان ،ئىستىېدات چەككە چىققان ،خەلىق نادانلىق ۋە قالاقلىق قوينىدا ئېغىر ھالسىراۋاتقان قاراڭغۇ دەۋىر بولغاچقا ،توختاجى تېۋىپ ئوغلىنىڭمۇ نادان، قالاق بۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن گۆدەك مەمتىلىنى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى پەننىي مەكتەپ <<ھۆسەينىيە مەكتىپى>>گە ئوقۇشقا بېرىدۇ. يېڭىچە پەننىي مەكتەپتە ئوقۇش ،ئۇستازلىرنىڭ ئەستايدىل تەربىيىسى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىلغار دۇنيا قاراش شەكىللەندۈرۈشىدەك تۈرتكىلىك رول ئوينىدى .مەمتىلى ئەپەندى <<ھۆسەينىيە>>مەكتىپىدىكى ئوقۇشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن 1920-1921- يىللىرى دادىسى توختاجى بىلەن بىرگە ئىلى، بورتالا ۋە چۆچەك قاتارلىق جايلارغا بارىدۇ.ئۇيەرلەردە كۈزى تېخىمۇ ئېچىلىپ جاھالەت ۋە نادانلىق ئىسكەنجىسىدىكى خەلىقنىڭ ھاياتى بىلەن كەڭ تۈردە ئۇچىرشىدۇ; تېخىمۇ تىرشىپ .ئۆگىنىپ ،كەڭ دائىرىدە ئېلىم تەھسىل قىلىپ ، خەلقنى بىلىم بىلەن ئويغىتىش ئېرادىسىنى تىكلەيدۇ، ئۇچۆچەكتە كۆپ تەرەپلىمە مەلۇمەتلىق دىنىي زات، مەرىپەت ئۈچۈن .ئۆزىنى ئاتىغان بۇ جاسارەتلىك يىگىتكە مېھرى چۈشۈپ قالىدۇ ھەم ئۇنى تەربىيلەيدۇ. .1924-يىلى ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ سۇيقەستكە ئۇچۇرغانلىقىنى ئاڭلىغان مەمتىلى ئەپەندى چەكسىز قايغۇ -ئەلەمدە <<ئوقۇدى،ئاشتى>> دىگەن شېئىرىنى يازىدۇ:
ئوقىدى-ئاشتى باشقىلاربىزدىن،ئەي قەدىردانلار،
كۆرگەچكە ئۇلارنىڭ ئىجتىھاتىنى قاينار ۋىجدانلار.
ھاۋادا لاچىندەك جەۋلان قىلۇر باشقا مىللەتلەر،
قالدۇق بىز ئۇلاردىن بەكمۇ ئارقىدا،ئويلا ئۆممەتلەر.
... ... ...
بۇشېئىر كىشلەرتەرپىدىن كۆچۈرلۈپ تام - تاملارغا چاپلىنىپ كىتىدۇ،خەلىق مەمتىلى ئەپەندىنى تېخىمۇ تۇنۇيدۇ . مەمتىلى ئەپەندى چۆچەك تەۋەسىدە تەسىرنىڭ كۈنسىرى كۆچىيۋاتقانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان ياڭ زېڭشىننىڭ ماراقچىسى ئۇنى كىچە - كۈندۈز نازارەت قىلىدۇ. تەقىپ ئېچىدە قالغان ياش شائىر ئۇستازى مۇرات ئەپەندىنىڭ سەمىمىي ئاتىدارچىلقى بىلەن 1926- يىلى بىر كىچىدىلا چېگىردىن چىقىپ كىتىدۇ. يات ئەللەردىكى سەرسانلىق-سەرگەردانلىق شۇنىڭدىن باشلىندۇ. مەمتىلى ئەپەندى 1928- يىلى بىر ئاق كۆڭۈل تۈرۈك قېرىدىشىنىڭ ياردىمى بىلەن قىرىم ئارىلى ئارقىلىق ئىستانبولغا بارىدۇ. مەمتىلى ئەپەندى 1920- يىلى ئاتۇشتىن چىقىپ كەتكەندىن تارتىپ تاكى ئىستانبولغا يىتىپ بارغۇچە بولغان ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ھاياتنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز جاپا-مۇشەىتىنى تارتىدۇ، ھەرخىل ئىدىيە-ئېقىملار بىلەن ئۇچىرشىدۇ . خىلمۇ خىل كىشلەر بىلەن ئۇچىرشىدۇ، دىمەك ئۇ ئوتتۇزياشقا قەدەم قويغۇچە پىشىپ يىتىلگەن بىر ئادەم بۇلۇپ چىقىدۇ.ئۇ تۈركىىيگە تىتىپ كەلگەن يىللىرى، تۈركىيىنىڭ قانۇن تۈزۈملىرى يېڭىلنىپ ،مەدىنيەت-مائارىپ ئىشلىرى گۈللىنىپ ،ئىقتسادى كۈچىيىپ ، تەرەققىيات سۈرئىتى تىزلىشىپ تەرەققىي تاپقان ئەلگە ئايلىنىۋاتقان مەزگىل ئىدى . مەمتىلى ئەپەندى 1929- يىلدىن 1932- يىلغىچە بولغان ئۈچ يىللىق ئوقۇش جەريانىدا، مەمتىلى ئەپەندى ھەققىي بىر لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىغا خاس سالاھىيەتنى ھازىرلايدۇ . ئۇ تۈركىيە گىزىتلىرىدە كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان ،شىنجاڭ ھەقىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرىدۇ، خەلىنىڭ تەقدىرى، يۇرتنىڭ ئىسىقبالىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقان مەمتىلى ئەپەندى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى قۇشۇنىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ تەۋەسىگە ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلاپ تۆۋەندىكى پارچىنى يازىدۇ: ئاڭلىدۇق ئەي ئانا دىيار سەندىن چۇقان، پارتىلىدى زالىمغا قارشى ۋولقان. پاچاقلاشقا قۇللۇق كىشەن - زەنجىرىنى، ئالغا،ئارتقا قايتما جەڭدىن باتۇر ئىنسان.
مەمتىلى ئەپەندى يۇررتىغا دەرھال قايتىش قارارىغا كېلىپ خەلىقنى نادانلىق، قاششاقلىق ۋە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاقارتىش ئېلىپ بېرىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلىدۇ ۋە يۇرتىغا ئاخىرقايتىپ كېلىدۇ. ئۇ بىر يىتىشكەن مەرىپەتچى سۈپىتىدە خەلق ئارزۇسىنى چىقىش قىلىپ مەرىپەت ۋە ئېلىم -ئېرپان ئىدىيسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىدى. يېڭى مائارىپ ھەركەتلىرى ۋە3-قېتىملىق مائارىپ دولقۇنى ئاتۇشتا يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. مەمتىلى ئەپەندى بۇ جەھەتتە ئاكتىپ تەشكىللىگۈچى ۋە پائالىيەتچى بولىدى. ئۇ تەشكىل قىلغان << ئىزچىلارئەتىرىتى >> زۇلمەت دۇنيانى يۇرۇتقۇچى مەشئەل بۇلۇپ ياندى. ئۇ مەشئەل دىنىي چەكلىمە،فېئودانلىق تەرتىپ ۋە زۇراۋان كۈچلەرنىڭ قاتتىق ئىسكەنجىسىگە ئېلېنغان بولسىمۇ ئۈچۈپ قالمىدى. مەمتىلى ئەپەندى بۇ جەھەتتە مۇنداق ياىدۇ: بىز مۇئەللىم يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز، خەلقىمىزگە يۇپيۇرۇق نۇرلار چاچىمىز. تالاي يىللار زۇلمەتتە تىنەپ خار بولدۇق، ئېلىم -ئىرپان يۇلىغا شۇنچەزار بولدۇق.
مەمتىلى ئەپەندى ئاتۇشنىڭ 24 كەنتىدە24 باشلانغۇچ مەكتەپ تەسىس قىلىپ ،ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى .ئۇ قىلىۋاتقان .ئىشنىڭ ھەق ئىكەنىكىگە چوڭقۇر ئىشەنگەن ھالدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ دەسلەپكى قەدەمدە ئون مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىپ ،ئاتۇشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭىلاش ،ئاقارتىش ۋەزىيتى شەكىللەندۈردى. مەمتىلى ئەپەندى 1935- يىلى يازدا ئوخشاش فورما كىيگەن يۇز نەپەر ئوقۇغۇچىنى تاللاپ يەنى << ئىزچىلار ئەترىتى >> تەشكىللەپ ئۆزى باش بۇلۇپ . مارش ۋە ناخشلارنى ئېيتىپ پەيزىۋات، توقۇزاق، ئوپال، تاشمىلىق، يېڭىسار، ۋە قەشقەر شەھەر ئەتىراپىنى ئايلىنىپ .يېڭى مائارىپ ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى تەشۋىق قىلىدۇ، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بۇ جەڭگىۋار ھەركىتى قەشقەردە تۇرۋاتقان قۇماندان ۋە مەرىپەت پەرۋەر مەھمۇت مۇھىتىىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئىرشىدۇ. تالانتلىق ،ئوتيۈرەك شائىر مەمتىلى ئەپەندى نۇرغۇن شېئىرلاربىلەن بىرگە << يانار تاغلار >> سەرلەۋھىلىك چوڭ ھەجىملىك داستاننى يېزىپ تاماملايدۇ. مائارىپ خىزمىتى مۇقەدەس خىزمەت دەپ چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھارماي - تالماي كۆيۈپ -پىشىپ، ئەجىر سىڭدۈرگەن مەمتىلى ئەپەندى ئۆزى تاللىۋالغان توغرا يول ئۈچۈن ياش ھاياتىندىن ئايرىلىدۇ--مەرىپەت دۈشمەنلىرى ئۇنى دەرىخانا مۇنبىردىن تۇتۇپ كىتىپ . 1937-يىلى30-ماي كۈنى ئۇ شېڭشىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ ژاندارمىلىرى تەرپىدىن ۋەھشىلەرچە قەتلە قىلىندۇ. مەمتىلى ئەپەندى تۈرمىگە ئېلىنغاندىن كىيىن ، تىزپۈكمەس ئېرادىسى ۋە قەيسەرانە روھىنى نامايان قىلىدۇ ۋە مۇنداق يازدۇ. ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدائىسيان ئىتەر، كۆندە مۇشتۇمدەك كىسەك خەت يېزىپ تۈگەپ كىتەر. مەمتىلى ئەپەندى ئۆزنىڭ تارىختا ئۆچمەس مائارىپ پائالىيەتلىرى ۋە ئەدبىي ئىجاىيىيى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتى ۋە مائارىپ تارىخىدا مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ.بىزئۇيغۇر دېموكراتىك ئەدىبىياتىنىڭ بۇ مەشھۇر ۋەكىلىنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىلكىدە ئەسلەيمىز،ئۇ خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ھايات.
سېغىنىش
(مەمتىلى تەۋپىق)
ئانا يۇرتتىن كەتتىم يىراققا ،يۈردۈم يىراقتا غەمدە مەن ،
يېگۈدەك ئاش-نان قېنى ،ئىسسىق -سوغۇقتا دەڭدىمەن .
قالدى ئەل -يۇرت ،قالدى تارىم ،قالدى ئىلى ،زەرەپشان .
ئۇشبۇ ۋەتەن غېمىدە كۆڭلۈم مېنىڭ پەرىشان .
نەگە بارسام كەمسىتىش ،((ۋەتەنسىز ))دەپ سانالدىم ،
تۇتقۈن بۇلۇپ ھەر جايدا تۇرمىلەرگە قامالدىم .
ۋىجدانى ھەم ئىمانى يوق بەگ،غۇجام ھەر جايدا بار ،
قاغا ،قۇزغۇن خان ۋدتەندە ،يازدىمۇ بولماس باھار .
كۆز يېشىم يامغۇر بۇلۇپ ئاقار كۈندە توختىماي ،
بۇلاڭ -تالاڭ بولغان ۋەتەنگە مەن تەۋپىق قانداق چىداي .
ئېھ،ۋەتىنم ،غەمگۇزارىم -مىېھرىبانىم ئانا يەر ،
ئالىمىمدە تەڭداشسىز شەرىقتىكى بىر گۆھەر .
ھەر كۆنۈڭ ئۆتتى بەخىتسىز بۇ قاراڭغۇ زۇلمەتتە ،
پەن -بىلىمنى تەرك ئېتىپ ياتتىڭ ئويقۇ غەپلەتتە .
ئىس -تۈتەك ئىچرە قالدى ،ئەل -ۋەتەن ھالى خاراب،
پەرز ئەمەس ناخشا -ساز بىزگە ،ساتار ،سۇناي ،دۇتتار ،راۋاپ .
ئېھ،ۋەتىنىم بايلىقىم ،كۆڭۈل شادى يايلىقىم ، .
سەن ئۈچۈن پىدا ئوغۇلمەن ،تەقدىم ساڭا بارلىغىم .
1930-يىل . مەمتىلى توختاجى
ئىسىم-فامىلىسى: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
باشقا ئىسمى: ئابدۇخالىق ئابدۇراخمان ئوغلى
يۇرتى: تۇرپان
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1901
|
ﺗﺎﻻﻧﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﻰ 1901 - ﻳﯩﻠﻰ 2 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺷﻪﮬﺮﯨﺪﻩ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻧﯧﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ 5 ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻼ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 12 ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺋﻪﺭﻩﭖ، ﭘﺎﺭﯨﺲ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﺌﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.
1916 - ﻳﯩﻠﻰ ﭼﻮﯓ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻣﯩﺠﯩﺖ ﮬﺎﺟﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻣﯘ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻣﻪﻱ(ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﻤﭙﯩﻼﺗﻨﯩﺴﻜﻰ) ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺷﯚﺗﺎﯕﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯜﻧﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﻪﻻ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺳﺎﯞﺍﺗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﺋﯘ ﺩﻭﺳﺖ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ " ﺳﯘ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ"، "ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﺍﯞﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﭼﯜﺵ" ﺭﻭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺳﯘﻥ ﺟﻮﯕﺸﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺩﯦﻤﯘﮔﯩﺮﺍﺗﯩﻴﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﮔﻪﻥ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﯨﻼ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﻓﯩﺌﻮﯞﺩﺍﻝ ﻛﻮﻧﯩﻠﯩﻘﻘﺎ، ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﻩ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﻨﻰ ﺋﻮﻣﻮﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ.
1923 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ 2 - ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻮﯞﯨﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻳﻪﻧﻪ 3 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﮬﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﭘﻮﺷﻜﯩﻦ، ﻟﯧﺮﻣﯘﻧﺘﻮﯞ، ﺗﻮﻟﻮﺳﺘﻮﻱ ﯞﻩ ﮔﻮﺭﻛﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺭﯗﺱ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﭖ، ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺪﯗ. 1926 - ﻳﯩﻠﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭙﻼ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﻨﻰ ﺗﻪﺭﻏﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮔﯧﺰﯨﺖ ﺟﯘﺭﻧﺎﻝ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﺳﻤﺎ ﺯﺍﯞﯗﺗﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﺎﺭﯨﺲ ﻳﺎﯓ ﺯﯨﺸﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﯧﺘﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺧﺴﯜﺕ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ، ﭘﯩﭽﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺧﯘﺟﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1927 - ﻳﯩﻠﻰ" ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ" ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﺗﻮﭘﻼﭖ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﺳﻪﻳﭙﯘﯓ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﻭﺳﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﻠﻰ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﻕ ﺳﺎﺭﺍﻳﺪﺍ "ﮬﯚﺭﯨﻴﻪﺕ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ"، ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﯘﯞﯗﻗﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ....
ﺑﯘ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺷﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ، ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﺩﺍﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﮬﺎﻛﯩﻤﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ. ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﯘﻧﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﯩﻦ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﭼﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯗ.
ﺋﯚﺯ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﯧﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ ﺭﻭﮬﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ 1932 - ﻳﯩﻠﻰ 11 - ﺋﺎﻳﺪﺍ"ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ"، "ﺋﺎﭼﯩﻞ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻕ ﺭﻩﺧﺘﻜﻪ ﭼﻮﯓ ﺧﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﭗ، ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﭼﺎﭘﻼﭖ، ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﯟﯨﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.
1932 - ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﺍ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ. ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ 1933 - ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺳﻪﺑﺪﯨﺸﯩﻨﻰ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺗﻪﺭﻏﯩﺒﺎﺗﭽﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺟﺎﻟﻼﺕ ﺷﯩﯖﺸﯩﺴﻪﻱ 1933 - ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 13 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﻪﺑﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻗﺎﺯﯨﺨﺎﻧﺎ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﻪﺗﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺗﻪﯕﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﻤﻪﻱ، ﺑﺎﺗﯘﺭﻻﺭﭼﻪ ﻛﯚﻛﺮﻩﻙ ﻛﯧﺮﯨﭗ، ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺋﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﺍ "ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ!"، "ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ!" ﺩﻩﭖ ﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ﺷﯘﺋﺎﺭ ﺗﻮﯞﻻﭖ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﭼﻪ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ
|
|
شائىر، يازغۇچى، تەتقىقاتچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر (ئۆتكۈر - ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى) 1923 - يىل 7 - ئايدا قۇمۇل شەھىرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئاتا - ئانىسىدىن كىچىك چېغىدىلا يېتىم قېلىپ، دادىسىنىڭ دوستى، مەرىپەتپەرۋەر سودىگەر ئوسمان ھاجى ئائىلىسىدە چوڭ بولغان، دەسلەپ قۇمۇلدا دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋاتىنى چىقارغان ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشقان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى تەپەيلىدىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە قۇمۇلدىن ئايرىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گەنسۇنىڭ جيۇچۈەن ۋىلايىتىگە ۋە ئاقسۇنىڭ ئۇپتۇرپان ناھىيسىگە كۆچۈپ بارغان، ئۇچتۇرپاندا پەننىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1936 - يىلى ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئۆلكىلىك 1 - گىمنازىيىگە ئوقۇشقا كىرگەن، 1939 - يىلى بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، سابىق ئۆلكىلىك ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا ئۆتكەن، 1942 - يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، ئۆلكىلىك قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1945 - يىلدىن 1949 - يىلغىچە مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەن.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئازادلىقتىن كېيىن، خېلى يىللارغىچە تەرجىمانلىق، تەتقىقات، ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇ، 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلگەن. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1995 - يىل 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىدە 72 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەدەبىيات ساھەسىگە 1940 - يىللىرى شېئىرىيەت ئارقىلىق كىرىپ كەلگەن. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ ساھەدە ناھايتى چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ھەم ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەكىللىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ <تاڭ شاماللىرى>، < ياخشى>، <مەن ئاق بايراق ئەمەس> قاتارلىق شېئىرلىرى؛ <ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك>، <قەشقەر كېچىسى> قاتارلىق داستانلىرى ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىمىزدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيە ناھايىتى چوڭقۇر، قوللىنىلغان بەدىئىي تىل ۋە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر پاساھەتلىك، ھېسايات بىلەن ئوبراز ناھايتى ياخشى ماسلاشتۇرۇلغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرىيەتتە كلاسسىك شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئارۇز ۋەزنىدە يازغان غەزەللىرى ھازىرقى زامان غەزەلچىلىكىمىزنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يەنە نەسر ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <دېڭىزدىن سادا>، <باش ئەگىم>، <شېئىر ۋە شائىر>، <قاشتېشىغا مەدھىيە> قاتارلىق ئېسىل نەسرلەرنى يازغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ كېيىنكى يىللاردىكى ئىجادىيىتىدە رومانچىلىق ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ، 80 - يىللاردىن تارتىپ بەدىئىي ئىجادىيەتتىكى يۈكسەڭ تالانتىنى تارىخىي رومان ئىجادىيىتىگە قارىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 20 -، 30 -، 40 - يىللاردىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى، ئىنقىلابىي كۈرەشلىرىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان <ئىز> ۋە <ئويغانغان زېمىن> رومانلىرىنى يازدى. بۇ رومانلار ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخىدا ئەڭ ياخشى تارىخىي رومانلار ھېسابلىنىدۇ.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يەنە داڭلىق، نوپۇزلۇق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى. ئۇ، <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە چوڭقۇر، سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ <ئۇيغۇر خەلقىنىڭ Ⅺ ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىرى - يۈسۈپ خاس ھاجىپ>، <يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى>، <ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىدىيۋى سىستېمىسى توغرىسىدا> قاتارلىق ماقالىلەرنى يازغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1986 - يىلى ئامېرىكىنىڭ لوس - ئانژېلېس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا <>قۇتادغۇبىلىك< تەتقىقاتى جۇڭگودا> ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ قىزغىن قارشى ئېلىنغان ۋە يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ <ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئارۇز ۋەزنى توغرىسىدا>، <ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە رۇبائىيچىلىق>، <ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن تاتار ئەدەبىياتىنىڭ ئۆز ئارا تەسىرى توغرىسىدا>، <ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنىڭ بەدىئىي ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى توغرىسىدا> قاتارلىق ماقالىلىرىنىڭمۇ ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يەنە <تۈركىي تىللار دىۋانى>، <قۇتادغۇبىلىك> قاتارلىق مۇھىم كلاسسىك ئەسەرلەرنى تۆھپە قوشقان.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <يۈرەك مۇڭلىرى> (1946 - يىل، لەنجۇ)، <تارىم بويلىرى> (1948 - يىل، تەڭرىتاغ نەشرىياتى) ناملىق شېئىر توپلاملىرى، <قەشقەر كېچىسى> (1980 - يىل، خەلق نەشرىياتى) ناملىق داستانى، <ئۆمۈر مەنزىللىرى> (1985 - يىل، ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار - نەسرلەر توپلىمى، <ئىز> (1985 - يىل، خەلق نەشرىياتى)، <ئويغانغان زېمىن> (ئىككى قىسىم، 1988 -، 1994 - يىل، خەلق نەشرىياتى) ناملىق رومانلىرى بار.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھايات ۋاقتىدا تەتقىقاتچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ۋە <قۇتادغۇبىلىك> ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ئىدى.
كۈچلىك رېئالىزملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر1985- يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن،كىتابخانلارنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، يىڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلغان چولپان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى-ئاخىر “قەشقەر كېچىسى”،”ئىز”،، ئۆمۈرمەنزىللىرى”، “ئويغانغان زېمىن” قاتارلىق كىتابلىرى نەشىرقىلىندى. ئۇنىڭ يەنە “شېئىر ۋە شائىر”،”تۇرپان تەسىراتلىرى”،”قەشقەر كېچىسى” ،”ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك” قاتارلىق شېئىر ۋە داستانلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ،”شېرىيەت”،”مىللەتلەر ئەدەبىياتى”،”غەربىي دىيار ئەدەبىياتى” قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. 1982-يىلى1-ئايدا خەلق گېزىتىدە ۋە” مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا دائىر ئوبزورلار مەجمۇئەسى”نىڭ 2- سانىدا “قەشقەر كېچىسى “ھەققىدە مەخسۇس ئوبزورلار ئېلان قىلىنىپ،بۇ نادىر ئەسەر ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۈلزارىدىكى ئاجايىپ ئېسىل گۈل دەپ مەدىھېلەندى. بۇ داستاننىڭ ياپون تىلىدىكى قىسقارتىلغان تەرجىمىسى 1985-يىلى ياپونىيىدە نەشر قىلىنغان جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى مەجمۇئەسى نىڭ2- توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. خەنزۇچە تەرجىمىسى 1988- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئايرىم كىتاب بولۇپ بېسىلىپ چىقتى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئۆزى بولسا،1983-يىلى” جۇڭگو ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ تەرجېمىھالى” دېگەن كىتابتا تونۇشتۇرۇلدى. ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلدى. مۇشۇنداق مول نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىستىداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923- يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇرا ھال تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئاتا- ئانىسىدىن كىچىكىدىلا ئايرىلىپ، يېتىم قالغان. دادىسى تىلەش بېگىم ئاتۇش تىجەنلىك كىشى بولۇپ،ئالەمدىن ئۆتەر چېغىدا، ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىمنى قۇمۇل مۆتىۋەرلىرىدىن بولغان دوستى ئوسمان ھاجىغا ئوغۇللۇققا بېرىۋەتكەن. ئوسمان ھاجىم كۆپنى كۆرگەن، ئوقۇمۇشلۇق، تەرەققىيپەرۋەر كىشى ئىدى.ئۇ ئۆمۈر بويى پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن بولغاچقا، ئابدۇرېھىمنى ئىنتايىن ئارزۇلاپ ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىگەن.ئۇنى ئۆزى ئوقۇتۇپ خەت-ساۋات چىقارغاندىن كېيىن،دىنىي مەكتەپكە بەرگەن. دىنىي مەكتەپتە دەرسلىك قىلىنغان كلاسسىك ئەسەرلەر ئىچىدە ” سوپى ئاللا يار” دېگەن كىتاب تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك، ئاممىباب، گۈزەل، تەسىرلىك بولۇشى ۋە ۋەزنىنىڭ جاراڭلىقلىقى بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىككى مىڭ مىسرادىن ئارتۇق شېئىردىن تۈزۈلگەن بۇ كىتابنىڭ كۆپ قىسمىنى يادىلاپ بولغان. 1934-يىلى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر باشلانغۇچ مەكتەپتە پەننىي بىلىم ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان ۋە 1936-يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ، ئۈرۈمچى بىرىنچى گىمنازىيىدە ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1939- يىلى شىنجاڭ دارىلفۇنىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن.1942- يىلى بۇ مەكتەپنىڭ پېداگوگىكا فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپ تۇرمۇشى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۈچۈن يىڭى ھايات دەۋرى بولغان.ئۇ ئوقۇش جەريانىدا لىن جىلۇ، لى زىلياڭ قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنىڭ، شۇنىڭدەك دۇجۇڭيۈئەن ئەپەندى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن ئايۇپ مەنسۇرى قاتارلىق ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەسىرىدە كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىگە ئىگە بولغان..ئۇ بۇ مەزگىلدە گاڭ قانات لاچىن،”دولقۇنلۇق ھايات ، يىڭى جۇڭگو گۈلىستانىغا ، تامچە قاندىن مىليون چېچەكلەر”،” چىن مودەن “(ل.مۇتەللىپ بىلەن بىرلىشىپ يازغان) قاتارلىق شېئىر،داستان، ۋە درامىلارنى “شىنجاڭ گېزىتى”،”يىڭى نۇر” قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات سېپىگە ئۈمىدلىك ياش كۈچ بولۇپ قوشۇلغان.
1943-يىلى باھاردا، مىللىتارسىت شىڭ شىسەي تەرەققىيپەرۋەر لىك نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆزىنى گومىنداڭ قوينىغا ئاتتى. چىن تىيەنچۇ، ماۋزىمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنى ۋە نۇرغۇن ئىلغار زاتلارنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارغا دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ياش شائىرمۇ بۇ بوراندىن ئامان قالماي1944-يىلى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى.ئۇ1945- يىلىنىڭ باشلىرىدا تۈرمىدىن چىقىپ، نەشرىيات ئورۇنلىرىدا تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى.1946-يىلى ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى “يۈرەك مۇڭلىرى” تاش مەتبەئەدە بېسىلىپ چىقتى.ئازاتلىقتىن كېيىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر خىلى بىر مەزگىل، ئاساسەن تەرجىمانلىق،كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن،جۈملىدىن چەت ئەل تىللىرى ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللانغا ن بولسىمۇ، ئەدەبىي ئىجادىيەتنى توختىتىپ قويمىغان ئىدى. لېكىن شۇ چاغلاردا ئۇ سول لۇشيەنىنىڭ كاساپىتى بىلەن مەتبۇئات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان.پەقەت پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىيى كومىتېتى 3-ئومۇم يىغىندىن كىيىنلا،قايتىدىن ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە ئېرىشكەن. ئۇ قىسقىغىنا بىرنەچچە يىل ئىچىدە “ياخشى” ،” كېرەك بولسا”، “ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس”، “بوغدا ئانام”،”مەن ئاق بايراق ئەمەس”،”قەشقەر كېچىسى”، “ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك”،”گۈل ۋە ئازغان” قاتارلىق شېئىر، داستان ۋە باللادىلارنى، “ئىز”، “ئويغانغان زېمىن “رومانلىرىنى ئېلان قىلىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى تولۇق نامايان قىلغان ئىدى. ئەپسۇسكى بۇ ھارماس قەلەمكەش،ئىستىداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم تىلەشوۋ ئۆتكۈر 1995-يىلى 10-ئايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خەيرىلەشتى.
دېھقان شائىرى – روزى سايىت
ئابلىمىت ئابدىراخمان
يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىكى بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكنى ئۇنىڭ خىلمۇ خىللىقىدا دەپ ئېيتىش مۇمكىن . يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يىگىرمە نەچچە يىللىق مۇساپىسىدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى ، ئەدەبى ئىجادىيەت ئىشلىرى مىسلىي كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە گۈللىنىپ ، كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى . ئەدەبىي ژانىرلار تولۇقلىنىپ ، مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن كۆپ خىللاشتى ، تېما دائىرىسى كېڭەيدى ، مەزمۇنى چۇڭقۇرلاشتى ، بەدىئي سەۋىيىسى ئۆستى . شۇ سەۋەپتىن بۇ دەۋر ئەدەبىياتى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى دەۋر ئەدەبىياتىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ چىقىپ ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى گۈللەنگەن ئەدەبىيات دەۋرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى . يازغۇچى ، شائىرلار ناھيىتى تېز سۈرئەتتە زورىيىپ ، تارىختىكى زور قوشۇنغا ئايلاندى . ئەسەرلەر نىڭ سانىمۇ زور دەرىجىدە كۆپەيدى . ئەسەرلەر ئىچىدە مۇھىم ، ياخشى ئەسەرلەرنىڭ سالمىقى ئاشتى . نۇرغۇنلىغان يازغۇچى ، شائىرلار تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ھەر خىل تېمىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەر لەرنى يازدى . ھەتتا بەزىلىرى تېما جەھەتتە خاسلىققا يۈزلىنىپ ، تېما خاسلىقى ئارقىلىق شۇ تېمىنى چۇڭقۇلۇققا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىپ، ئۆز ئىجادىيىتىدە زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى .
جۈملىدىن «دېھقان شائىرى» دەپ ئاتالغان مەرھۇم شائىر روزى سايىتنىڭ (1944 – 2001) يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى دەل بۇنىڭ بىر مىسالى . روزى سايىت 1944- يىلى 9- ئايدا گۇما ناھىيەسىنىڭ شەيدۇللا دېگەن يېرىدە تۇغۇلىدۇ . 1958- يىلىغىچە باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تاماملىغاندىن كېيىن يېزىغا چۈشۈپ دېھقان بولىدۇ . روزى سايىت 1973-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىدۇ . روزى سايىت مۇنداق دەيدۇ : «يېشىم 30 دىن ئاشقان ، ئالىقانلىرىم جىگدىدەك قېتىپ ، تال-تال يېرىلىپ قەلەم تۇتۇشقىمۇ قولاشمىغۇدەك بىر ھالغا كەلگەندە 1973- يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردىم . ئوقۇش مەزگىللىرىدە زور تىرىشچانلىق بىلەن شۇ مەزگىللەردە بار بولغان ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات ئەسەرلىرىنىڭ نەمۇنىلىرى ، كلاسسىك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئۆگەندىم . ئەپسۇس سىستېمىلىق نەزەريىۋىي بىلىم ئېلىش ، تەربىيىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدىم . شۇ يىللاردا بۇنداق ئىمكانىيەت يوق ئىدى . شۇ تۈپەيلىدىن قوشاقچى دېھقان روزى قوشاق بولۇپ قېلىۋەردىم». روزى سايىت 1973-يىلى «قەشقەر گېزىتى» دە «دېھقانمۇ بولدى داشۆسىڭ» ناملىق تۇنجى شېئىرىنى ئېلان قىلدۇرىدۇ . بۇ مەزگىلنى روزى سايىت شېئىر ئىجادىيىتىنىڭ باشلىنىش باسقۇچى دېيىشكە بولىدۇ (ئۇ ئوقۇشقا كىرىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغانلىقى مەلۇم . لېكىن بۇ مەزگىلدە يازغان شېئىرلىرى خاتىرلىنىپ ساقلانمىغان ) .
روزى سايىت ئىجادىيەتكە كىرىشىش جەريانى ھەققىدە توختالغاندا: «مەن يىراق ، تولىمۇ چەت بىر تاغدا ، ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسى ھەربى فورما كىيىپ ، مىلتىق بىلەن ھەپىلىشىپ كۈن ئۆتكۈزگەن كونا ئەسكەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . مېنىڭ باشقا تەلەيلىك قەلەمداشلىرىمدەك ناھايىتى كۆپ قوشاق يادلىغان ، نۇرغۇن چۆچەك ، لەتىپىلەرنى بىلىدىغان چوڭ ئاپام ، كۆزەينىكىنى تاقىۋېلىپ رۇستەم، ھاتەم ھەققىدىكى قىسسە ، جەڭنامىلەرنى ئوقۇپ بېرىدىغان بوۋاممۇ يوق ئىدى . ئون ئۈچ-ئون تۆت يېشىمدىلا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئايرىلىپ يېزىغا باردىم . ئۇدا يەتتە يىل دېھقانچىلىق بىلەن ھەپىلىشىپ دېھقانچىلىقتىن كېلىدىغان ئازغىنا دارامەت ھېسابىغا تىرىكچىلىكىمنى قامداپ تۇرمۇش ئۆتكۈزدۈم . 17 يىل كەتمەن بىلەن ئاشنا بولۇپ يەر تېرىدىم ، ئۆستەڭ قازدىم ، سۇ ئامبارلىرىنى ياسىدىم ، بوز يەر ئاچتىم » دەيدۇ . كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك روزى سايىتنىڭ باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش مەزگىلىدە خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ، ئۇنىڭغا كىچىكىدىن باشلاپ يىراق چەت جايلاردا ئاددىي دېھقانلار ئارىسىدا ، ئېتىز-قىرلاردا دېھقانلارنىڭ كۈلكىسى بىلەن كۈلۈپ ، قايغۇسى بىلەن يىغلاشنى ھېس قىلدۇرغان . كەڭ دالىلاردىكى مەيىن شاماللار نامراتلىق قاپلىغان يىراق يېزا تۇرمۇشى بىلەن سىڭىشىپ سەبىي قەلبىدە ساناقسىز سوئاللارنى پەيدا قىلغان . ئۇ تۇرمۇش ئېغىرلىقىنىڭ تەمىنى ئوبدانلا ھېس قىلىدۇ . ۋۇجۇدىدا توختاۋسىز دولقۇنلىغان ھېس-تۇيغۇلىرى ، دېھقانلار تىلىدىن ئوقۇلغان جاراڭلىق ئاۋازدىكى ناخشا-قوشاقلار ئۇنىڭ قەلب تارىسىغا سىڭىپ كېتىدۇ . ئاشۇ ئاپەتلىك يىللار، جاپا- مۇشەققەتلىك دېھقانلار تۇرمۇشى ، ئەمگەك قاينىغان ئېتىز-قىرلار ئۆسمۈر روزى سايىتنىڭ قەلبىدە چەكسىز ئارمانلارنى بىخلىتىدۇ . دېھقانلارنىڭ تىلىدىن ئېيتىلغان شۇ قەدەر ساپ ، شۇقەدەر چۇڭقۇر خەلق قوشاقلىرى روزى سايىتنى ئەدەبىياتنىڭ رەڭگا-رەڭ بەدىئىي دۇنياسىغا باشلاپ كىرىدۇ . شۇنداقلا روزى سايىتنى ھەر ۋاقىت ماگنىتتەك ئۆزىگە تارتىپ تۇرۇپ ئۆزى بىلەن ئايرىلماس بىر تەن بىر جانغا ئايلاندۇرىدۇ .
ئەدەبىياتقا زور ئىشتىياق باغلىغان روزى سايىت ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەر تولىمۇ چەكلىك بولغان ئاشۇ يىللاردا ئۆزىمىزنىڭ كلاسسىك نەمۇنىلىرىدىن باشقا ، شۇ دەۋردە يېڭى يېزىلغان ئەدەبى ئەسەرلەرنى زور ئىشتىياق بىلەن قىزىقىپ ئوقۇغان . بۇ ھەقتە شائىرنىڭ قەلەمداش ھەم سىرداش دوستى نۇرمەھەممەت توختى : بىز كۆرۈشكەن چاغلىرىمىزدا كۆپرەك ئەدەبىيات-سەنئەت ھەققىدە ، قەيەرلەردىدۇر ساقلىنىپ قالغان كىتابلار ۋە خاتىرىدىن خاتىرىگە كۆچۈرۈلۈپ مەخپى تارقىلىۋاتقان ، «پۇل» ،«گۈزەل نايادا جۇش ئۇرۇپ ئاقماقتا» ، «مۇقەددەس» ، «سۆيگۈ دىسسېرتاتسىيىسى » ، «تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر» ، «ئاخىرقى سىناق» ، «قىز قەلبى» دېگەن ئەسەرلەر قولدىن-قولغا ئۆتۈپ تۇراتتى . بىز ئۇلارنى بىرگە ئوقۇيتتۇق ، بىللە مۇلاھىزە قىلاتتۇق ، ھەتتا گېزىتلەرنىڭ قەرەلسىز ئەدەبىيات بەتلىرىدە چىققان ئوخشاش مەزمۇنلۇق مەدھىيىلەرنى قالدۇرماي ئوقۇپ چىقاتتۇق ، دەيدۇ .
1972- ، 1973- يىللاردا ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ قەلبىگە يوشۇرۇنغان ئارزۇنىڭ غۇۋا سىيماسى كۆرۈنگەندەك ، ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغان ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتى ئەراپتىكى قاراڭغۇلۇقنى يورۇتقاندەك بولىدۇ . روھىغا سىڭىپ كەتكەن تۈرلۈك ئاچچىق-چۈچۈك كەچمىشلەر ۋە ئېگىز- پەسلىكلەرگە تولغان بۇ دۇنيا ئۇنىڭ قەلبىدە ھاياتقا نىسبەتەن يېڭى بىر مەنزىرە پەيدا قىلغاندەك ھېس قىلىدۇ . ئۇ ئۆزى ئېرىشمەكچە بولغان بىلىم تەشنالىقىنى ئالىي مەكتەپ قوينىدا قاندۇرۇشنىڭ يولىنى ئىزدەيدۇ . لېكىم بۇ ۋاقىتتا كىچىكىدىن ئاتا-ئانىسىز قالغان ئېگە چاقىسىز روزى سايىت ئاللىقاچان 31 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان ئىدى . ئوقۇش ، ئالىي مەكتەپ ، ئەدەبىيات ۋە شېئىر ، ئائىلە ، ئەمدىلا ئايىغى چىقىۋاتقان قىزى ئۇنىڭ تەپەككۇر ئاسمىنىدا توختاۋسىز ئۆركەشلىگەن دېڭىز دولقۇنىدەك تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ . بۇ ۋاقىتتا روزى سايىت ئۈچۈن ئائىلە ياكى ئالىي مەكتەپتىن بىرىنىلا تاللاش پۇرسىتى بار ئىدى . چۈنكى بۇ مەزگىللەردە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلارنىڭ توي قىلىشىغا يول قويۇلمايتتى . بۇ خىل رېئاللىق روزى سايىتنىڭ ئالدىغا ئۆزى ۋە دۇنيا ھەققىدىكى ، ھايات ھەققىدىكى ، نۇرغۇن جاۋابسىز سوئاللارنى تاشلايدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن تۇرمۇش رېئاللىقىدىن ئۆزىگە ۋە ئەتراپتىكى مەۋجۇتلۇق ھالەتلەرگە جاۋاپ ئىزدەشكە باشلايدۇ . ئۇنىڭ تەپەككۇر ئاسمىنىدا توختاۋسىز ئەكس ئېتىۋاتقان ئوقۇش قىزغىنلىقى، شېئىر ، ئالىي مەكتەپ ئۇنىڭ رېئال تۇرمۇشى ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ .
ئون نەچچە يىللىق دېھقانچىلىق ھاياتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن روزى سايىتنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدىن قارىغاندا ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنى بىر قەدەر كېچىكىپ باشلانغان دېيىشكە بولىدۇ . ئۇ 1973- يىلدىن ئىلگىرى بىر پارچىمۇ ئەسەر ئېلان قىلمىغان . لېكىن بۇ ھەرگىز ئۇنىڭ ئىجادىيەتكە تاسادىپىيلا كىرىپ قالغانلىقىدىن ئەمەس ئىدى ، شائىرنىڭ ئىجادىيىتى رەسمىي باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇزاق مۇددەتلىك ئېنېرگىيە جۇغلاش ۋە تەپەككۇرىنى تاۋلاش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرگەن ، شائىر ئۆزى تەۋە بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە شەخسەن ئۆزى كىچىكىدىن باشلاپ مۇئەييەن تەسىرگە ئۇچراپ كەلگەن ئەنئەنىۋىي كۆز قاراشلار نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ ، شائىرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزدىنىش ، ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇرىنىڭ تاۋلىنىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقى ئېنىق . نەتىجىدە ، روزى سايىتتا ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ جەھەتتىن تېگىشلىك ھازىرلىقلار جۇغلانغان ، ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدىكى ئىجادىيەتكە بولغان ئۇزاق مەزگىللىك جۇغلانما ۋە يوشۇرۇن ئىجادىيەت كۈچى ئاخىرى پارتلاپ چىقىشقا قارار تاپتى . ئۇلار زورلاپ يېزىلغان بىردەملىك قىزغىن ھېسسىيات ئەمەس ئىدى ، ئۇلارنى يېڭى مەنزىلگە ئېيتىلغان مەدھىيە كۈيى دېگەندىن كۆرە ، شائىرنىڭ جۇغلانما ۋە يوشۇرۇن ئىجادىيەت كۈچىنىڭ بىر مەزگىللىك تېڭىرقاش ، ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىشلەردىن كېيىن قايناپ ، تېشىپ چىقىشى دېگىنىمىز تۈزۈك ، ئەلۋەتتە .
روزى سايىتنىڭ 1976- يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇشى ئۇنى بىر قېتىملىق چېنىقتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان بولسا ، 1980- يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت باشقارمىسىغا يۆتكىلىپ ، «يېڭى قاشتېش» ژۇرنىلىدا تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۇنى ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن تېخىمۇ مۇستەھكەم باغلايدۇ .
1980- يىللىرىدىن باشلاپ ئېلان قىلىنغان بىر يۈرۈش شېئىر توپلاملىرى ، روزى سايىتنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدىكى يېڭىچە بىر قەدەم بىلەن قولغا كەلتۈرگەن ئىجادىي ئەمگەكلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ مەزگىلنى روزى سايىت شېئىرىي ئىجادىيىتىنىڭ كېڭەيگەن باسقۇچى دېيىشكە بولىدۇ . روزى سايىت 1981- يىلى ۋەكىللىك ئەسىرىدىن بىرى بولغان «قاشتېشىنىڭ رىۋايىتى» (شېئىرىي چۆچەكلەر) نى ئېلان قىلدۇرىدۇ . شائىر بۇ شېئىرىي چۆچەكتە خەلق ئىچىگە كەڭ تارقالغان ، رىۋايەت تۈسىنى ئالغان خەلق چۆچىكىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ ، ئۇنى شېئىري شەكىلدە ، يېڭىچە بەدىئىي تۈس بىلەن ئىپادىلەپ بېرىدۇ . خەلق چۆچەكلىرىنى شېئىرىي چۆچەكلەرگە ئايلاندۇرۇش روزى سايىتنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتىدىكى تۇنجى سىناق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بېسىلغان يېڭى قەدەم . بۇنىڭدا ئۇ خەلقىمىز ئىچىگە كەڭ تارقالغان ، ئۇزاق ئۆتمۈشتىن بۇيان ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان گۈزەل ئەپسانە-رىۋايەت ۋە قىسسە-چۆچەكلەرنىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە دېتاللىرىنى بۈگۈنكى ئەدەبىياتىمىزغا ئېلىپ كىرىشنى مەقسەت قىلغان . روزى سايىت «ئاي قوشىقى» (1981) «بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن» (1978-1982) «بەختى دېھقان بەختلىك دېھقان» (1982) «دوستلۇق ناخشىسى» (1983) «مەرھابا» ، «خىيالدىن تۆرەلگەن خىياللار» (1988) «مۇھەببەتتىن پۈتۈلگەن ناخشىلار» (1982-1988) «رۇبائىي ۋە تۇيۇقلار» (1990-1996) ... قاتارلىق شېئىر-داستانلىرىنى ئېلان قىلىش بىلەن شېئىرىيەت ئاسمىنىدا ھەقىقىي چاقناشقا باشلىدى . ئۇنىڭ توپلاملىرىنىڭ كەينى-كەينىدىن نەشر قىلىنىپ كەڭ كىتابخانلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولىشى ۋە ياخشى باھاغا ئېرىشىشى بىلەن روزى سايىت ئۇيغۇر شېئىرىيەت سەھنىسىدە يېڭىچە بىر تۈس بىلەن نامايان بولدى .
ئوتتۇز نەچچە ياشتىن ھالقىغان بىر دېھقان قانداق قىلىپ ئازغىنە ئوقۇش پۇرسىتى ئارقىلىق قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ، شېئىرىي ئىجادىيىتىدە بۇنداق مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، كەڭ خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلىدى ؟
روزى سايىت بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ : «شۇمەزگىللەردە مەمتېلى زۇنۇن ، قۇربان ئىمىن ، مۇھەممەت سىدىق تۆمۈرىلەر بىلەن ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى توغرىسىدا نۇرغۇن قېتىم ئۆگىنىش ھەم سۆھبەت مۇلاھىزىلەردە بولدۇم . بۇ مېنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتىنى چۈشىنىشىمدە مۇھىم رول ئوينىدى . شۇنداق قىلىپ مەن كىتاب ئوقۇشتىن ، شېئىر ئوقۇشتىن بىردەممۇ ئايرىلىپ باقمىدىم ...» ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ : «ئۆز زامانىسىنىڭ شېئىرىيىتىنى ئەڭ ئاداققى پەللىگە ئېلىپ چىققان » دانتې ئەسەرلىرىدىن ، «قاراڭغۇلۇق ئىچىدە خۇددى سۈنئىي ھەمراھتەك نۇر تاراتقان شائىر» ھورمان ماندىك شېئىرلىرىدىن ، «تالانتى قورقۇنچلۇق» ھىيوگو ۋە ياكى «ئوت-چۆپلەر قويۇق ئۆسكەن شېئىرىيەت چىملىقىغا قوپاللىق بىلەن بۆسۈپ كىرىپ ، شېئىرىيەتنى ماشىنا ئىسكىلاتىغا ئايلاندۇرۇرۋەتكەن شائىر» ماياكوۋىسكى... لاردىن خەۋەرسىز قالدىم . ئەمما ، مەن بەختىمگە يارىشا ، كىتابخۇمار كىشىلەر ئاپەتتىن ساقلاپ قالغان ناھايىتى ئاز تاش باسما ۋاراقلار ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ ئەلىشىر ناۋائىيسىدىن ، شاھ مەشرىپىدىن ، ئەخمەتشاھ قارىقاشىدىن شېئىرىيەتنىڭ تۇنجى ساۋىقىنى ئېلىشقا ئۈلگۈردۈم . يەنە مەن ئۆزۈمنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپى ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى ، نىمشېھىد ئارمىيىسى ... بارلىقىنىمۇ بىلىۋالدىم ...
كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك روزى سايىت مەيلى قانداق شارائىتتا بولسۇن بىر كۈنمۇ ئەدەبىياتتىن ، شېئىرىيەتتىن ئايرىلمىغان . دېھقانچىلىق جەريانىدا تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرى ۋە ھايات ھادىسىلىرىگە نىسبەتەن ئەتراپلىق مول چۈشەنچىگە ، مول تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان بولسا ، كىتابقا بولغان مۇھەببەت ، ئۈزلۈكسىز كىتاب ئوقۇش ئۇنى تۇرمۇش ۋە ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تېخىمۇ چۇڭقۇر چۈشىنىش ، ئەتراپلىق كۆزىتىش ، ھادىسىلەرگە نىسبەتەن ھېسسىي كۆز بىلەن قاراشتىن ئەقلىي تەپەككۇر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلغان . شۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرمۇش رېئاللىقى روزى سايىتنىڭ ئالدىغا ئۆزى ۋە دۇنيا ھەققىدىكى ، ھايات ھەققىدىكى نۇرغۇن جاۋابسىز سوئاللارنى تاشلىغان . مېنىڭچە ، ئۇ ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن تۇرمۇش رېئاللىقىدىن ئۆزىگە ۋە ئەتراپتىكى مەۋجۇتلۇق ھالەتلىرىگە جاۋاب ئىزدىگەن شائىر . كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى روزى سايىتتىكى ئەدەبىياتقا بولغان كۈچلۈك ھېسسىيات ئۇنى ئەدەبىيات بىلەن چەمبەرچاس باغلىدى . بۇ خىل ھېسسىيات شۇقەدەر ساپ ، شۇ قەدەر چۇڭقۇر بولۇپ، قىلچە شەخسىي غەرەز ۋە ساختىلىق ئارىلاشمىغان . شۇڭا شېئىرىيەتتىكى بەدىئىي دۇنيا روزى سايىتنى ھەر ۋاقىت ئۆزىگە تارتىپ كەلگەن . بۇ مەزگىل روزى سايىتنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان تونۇشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەزگىللەر ئىدى . ئۇنىڭ شېئىرىيەتنى چۈشىنىشىگە كلاسسىك ئەدەبىيات ۋە شۇ مەزگىللەردىكى شائىر ئۇستازلارنىڭ شېئىرىيەت قارىشى زور تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە كلاسسىك ئەدەبىياتنى روزى سايىت ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ يىلتىز تۇتۇپ بىخلىنىشىدىكى ئانا تۇپراق ، مەۋۇپ بولۇپ شەكىللىنىشىنىڭ بىردىنبىر ھاياتلىق مەنبەسى دەپ خۇلاسىلاشقا بولىدۇ .
روزى سايىت 1990- يىللاردىن كېيىن ئىجادىيەت نۇقتىسى كېڭەيگەن ، تېما دائىرىسى رەڭدارلاشقان ۋە تېما خاسلىقىغا يۈزلىنىپ ئۆز ئىجادىيىتىدە زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن يېڭى بىر ئىجادىيەت دەۋرىنى كۈتۈۋالدى . بولۇپمۇ دېھقانلار تېمىسىدا يېزىلغان «پاھ ، دېھقاننىڭ ھەيكىلى» (1992-يىلى) «دېھقاننى ئالدىغا سېلىۋالدى ئىش» (1993- يىلى) «دېھقان دەيدۇ...» (1994-يىلى) «دېھقان بولماق تەس» (1995-يىلى) «دېھقان كۈلكىسى» (1998-يىلى) قاتارلىق بىر يۈرۈش شېئىرلىرىنىڭ كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنىشى روزى سايىتنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىنى يېڭى بىر مۇۋەپپەقىيەت پەللىسىگە ئېلىپ چىقتى . «دېھقان بولماق تەس» ، «خوتەندە راۋان يوللار» ، «ئاھ ، ئۇزاققا سوزۇلغان چۈش» ، قاتارلىق دېكلاماتسىيە قىلىنغان مۇزىكىلىق شېئىرلاردىن تەركىب تاپقان ئۈچ دانە قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى نەشر قىلىنىپ شەھەر ۋە يېزا-قىشلاقلارغىچە تارقىلىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى . «پاھ، دېھقان ھەيكىلى» قاتارلىق بىر يۈرۈش شېئىرلىرىدا دېھقانلارنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتىگە مەدھىيە ئوقۇلدى . بولۇپمۇ ئۇنىڭ «دېھقاننى ئالدىغا سېلىۋالدى ئىش» ناملىق شېئىرىدا ئىجتىمائىي رېئاللىق دادىل ھەم يۈرەكلىك ھالدا سەمىمىي ئەكس ئەتتۈرۈلدى . دېھقانلارغا كۆيۈنۈش ، ئۇلارنى ، ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى ، ئەمگەك مېۋىسىنى ھۆرمەتلەش ، قوغداش ، شۇ ئارقىلىق دېھقاننىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئىپادىلەشكە چاقىرىق قىلىندى . يېزا تۇرمۇشىدىكى رېئال مەسىلىلەر ئارقىلىق دېھقانلار ئاممىسىنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى ئارزۇ- ئارمانلىرىنى بەدىئىي يول بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈلدى .
پرافېسسور ئازاد سۇلتان ئېيتقاندەك : «دېھقانلار تېمىسى ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنى روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرغان . ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا ، ئۇلارنىڭ خۇشاللىق قايغۇسىنى ئىپادىلەشكە بېغىشلانغان . دېھقانلار ھەققىدە يېزىش ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۇ ئىجادىيەتتە دېھقانلارنى ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ، ئۇلارنىڭ ئىدىيە-ھېسسىياتىنى ، بولۇپمۇ ياشاش شارائىتىنى ، خۇشاللىقىنى ، دەرد-ھالىنى ، ئەكس ئەتتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ ، ئۇنىڭ شېئىرى ئەمەلىيەتتە دېھقانلارنىڭ قەلب ئىزھارى ، دېھقانلارنىڭ قەلب سۆزلىرىنى قوشاققا قاتقان بولغاچقا ، كىشىلەر ئۇنى «دېھقان شائىرى» ، «روزى قوشاق» دەپ ئاتىشىدۇ . «ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما ، شىر چورۇقۇڭنى قۇرۇتما» دېگەندەك – ئۇ ئۆتكەن كۈنىنى ئۇنتۇمىغان شائىر . تۇرگېنېۋنىڭ : «ئۆزى پىششىق بىلمەيدىغان تۇرمۇشنى زورمۇ زور يازغان يازغۇچىدىن ئونى بولسا ، توققۇزى مەغلۇپ بولماي قالمايدۇ» دەپ ئېيتقىنىدەك روزى سايىتنىڭ 17 يىللىق دېھقانچىلىق ھاياتى ئۇنى رېئال ماتېرىيال مەنبەسىگە ئىگە قىلغاندىن باشقا ، دېھقانلار تېمىسىدىكى شېئىرلىرىنىڭ چىنلىق تۇيغۇسى ۋە خاسلىق تۇيغۇسىنىڭ چۇڭقۇرلۇق كۈچىنى ئاشۇرغان .
شائىر ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ چۇڭقۇر ئوي-پىكرىنى قۇرۇق سۆز- ئىبارىلەر بىلەن ئەمەس ، بەلكى ئېنىق كۆز قاراش ، يارقىن ھېسسىيات، ساغلام ۋە تېرەن پىكىرلەر ئاساسىدا پەرۋاز قىلدۇرىدۇ . مەسىلەن ، ئۇ جۇمھۇريىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 43 يىللىق مەرىكىسىگە بېغىشلاپ يازغان «ساناقلا تىلغا كىرگەندە...» ناملىق نەسىرىدە ئېلىمىز ئازادلىقتىن كېيىنكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئىستىقباللىق قەدەملىرىنى ئەنئەنىۋىلىشىپ كەتكەن ئادەت بويىچە قۇرۇقتىن قۇرۇق ئابستراكت مەدھىيىلەر بىلەن بولدى قىلىشتىن چەتنەپ ، ئۇنى ئۇزاق تارىخىي جەريان تەسۋىرى ئىچىگە قويۇپ جانلىق ۋە ئىنچىكە سۈرەتلەش ئارقىلىق ۋەتەننىڭ تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىشلىرىدىن چەكسىز سۆيۈنىشىنى ئىپادىلىسە ، «دىلىم ياش-سۆيگۈ ياش...» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە «يار» ، «جانان» غا كۈچلۈك تەلپۈنۈش ۋاستىسى بىلەن يېڭى دەۋر كىشىلىرىنىڭ غايە كۆز قارىشىنى سۈرەتلىدى . «بالىلار پۇلغا زار ، چىرىكلەر بەتخەج...» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە جەمئىيىتىمىزدىكى چىرىكلەشكەن بىر ئۇچۇم كىشىلەرنىڭ يامان ئىللەتلىرىنى رەھىمسىز تۈردە قامچىلىغان .
روزى سايىت شېئىرى ئىجادىيەت نۇقتىسىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى – ئىجتىمائىي ئەخلاق تېمىسى بولدى . شائىرنىڭ بۇ تېما ئۈستىدە ھەر تەرەپلىمە قەلەم تەۋرەتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەس . مەسىلەن: «ئارزۇنىڭ ئاقىۋىتى»، «ھەسەتنامە»، «باشلىقىمغا تېلېفون» قاتارلىق ساتېرىك ئەسەرلىرىدە ئىجتىمائىي ئەخلاققا زىت بولغان شەخسىيەتچىلىك ، نەپسانىيەتچىلىك ، ھەسەتخورلۇق ، خۇشامەتچىلىك ، مەزھەپچىلىك ... قاتارلىق يامان ئىللەتلەرگە قامچا ئۇرسا ، «نەسىھەت دۇردانىلىرى» ، «غۇم ساقلىماڭ» ، «غېلىم» ، «مۇت يىمەڭ» ، «بارمۇ شۇنداق بىر ئەيىب»... قاتارلىق غەزەل ۋە مۇخەممەسلىرىدە ساپ ئەخلاقنى قەدىرلەش ، يامان ئىللەتلەرنى ، بولمىغۇر قىلمىش قاتارلىق ئەخلاق مەسىلىلىرىنى ھېكمەت ۋە ئىبارىلىك شېئىرىي تىل ۋاستىلىرى بىلەن قايىل قىلارلىق ئېچىپ بەرگەن .
ئىلىمنى ئۇلۇغلاش ، ئىلىم ئەھلىنى قەدىرلەش ، ئىلىملىك بولۇشنى تەكىتلەش شائىر ئىجادىيەت نۇقتىسىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى- شائىر بىر قىسىم ئەسەرلىرىدە ئىلىم بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك مۇناسىۋېتىنى مەنتىقىلىق ھالدا بايان قىلىپ ، ئىلىم- مەرىپەتكە سەل قارالسا ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ يۈكسىلىشى ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىلمىي ھەقىقەتنى يورۇتۇشقا تىرىشقان . مەسىلەن ، «دېمىدىم بۇ سۆزنى قارىسىغا» ، «ئۇلۇغ كەسىپ» ، «ناداننىڭ راھىتى داناغا كۈلپەت» ، «بىلمەسلىك باشقا ، نادانلىق باشقا»... قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلىرى بۇنىڭ مىسالىدىن دېيىشكە بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ مىللەتنىڭ ساپاسىغا داغ تەگكۈزىۋاتقان نېگىزلىك ئىللەتلەرنى ئېچىپ بېرىپ ، ئۆز مىللىتىنى ماختاشقا ئەھمىيەت بېرىپ ئىللىتىنى پاش قىلىشقا سەل قاراش ياكى جۈرئەت قىلالماسلىقتەك بىر تەرەپلىمىلىكلەرگە نىسبەتەن بىر خىل ئۆزگىچە پىكىر ۋە يېڭىچە روھ بىلەن نەزەر دائىرىسىنى ئېچىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەيدۇ . مەسىلەن ، «ئاھ ، مېنىڭ مىللىتىم...» قاتارلىق شېئىرلىرى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە . ئومۇمەن شائىر ئۆزىنىڭ توغرا ئەدەبىيات كۆز قارىشى ، ساغلام ئىجاديەت ئىدىيىسى ، كۆزىتىش، تەسەۋۋۇر قىلىش ، ئىپادىلەش ، ئەكس ئەتتۈرۈش ماھارىتىنى پۈتكۈل ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى ھەر تەرەپلىمە يورۇتۇپ بېرىش ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن شېرىن مېۋىلەرنى تەقدىم قىلدى .
1973- يىلدىن ئىتىبارەن شائىر روزى سايىت ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىغىچە بولغان ئىجادىيەت مۇساپىسىدە كۆپلىگەن بەدىئىي ۋە ئىلمىي ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى . قەدىمقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان خېلىلا زور ھەجىملىك كلاسسىك داستاننى مەزمۇن ئەينەنلىكى ۋە بەدىئىي يۈكسەكلىكىگە تولۇق سادىق بولۇش ئاساسىدا ئۆز بەھرى بويىچە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا شېئىرىي يول بىلەن تەرجىمە قىلدى . تېلېۋىزىيە بەدىئىي سەنئەت فىلىمى ئۈستىدە قەلەم تەۋرەتتى . ئومۇمەن تىل ۋە بەدىئىي ئەدەبىيات تەتقىقاتى ھەمدە بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ ھەر قايسى تۈر ژانىلىرىدا ئىزدەندى . شائىرنىڭ شېئىر ئىجادىيەت يولى ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ ئارزۇ ۋەزنى ھەم بارماق ۋەزنىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارماقنىڭ ھەر ئىككىسى بىلەن خاراكتېرلەندى . مەسىلەن ، غەزەل ، مۇخەممەس ، مۇۋەششەھ ، مۇستەھزاد ، مۇسەممەن ، مەسنەۋىي ، روبائىي قاتارلىق شەكىللەر ئۈستىدىمۇ قەلەم تەۋرىتىپ ، ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى يېتىشتۈرۈش بىلەنلا قالماي ، ئەڭ قەدىمقى شەكىللەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ھاياتى كۈچىنى نامايان قىلىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىمۇ روزى سايىت ئىجادىيىتىدىكى گەۋدىلىك بىر تەرەپ دەپ قاراشقا بولىدۇ . ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە بۇلار باشقا ژانىرلارغا ئوخشاش خېلى زور سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ رۇبائىيلىرى مەنتىقىلىق ھەم ئوبرازلىق تەپەككۇر ، ئىخچام شېرىن تىل ، باي تەسەۋۋۇر ۋە پەلسەپىۋىي پىكىرلەرنىڭ ياردىمىدە تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىي ھايات ھادىسىلەرنى كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىنى روشەن ھەم تەسىرلىك ئىپادىلەپ بېرەلىگەنلىكى بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر .
روزى سايىتنىڭ ھازىرغىچە «قاشتېشىنىڭ رېۋايىتى» قاتارلىق 11 پارچە شېئىر-داستانلار توپلىمى ، 9 پارچە ھېكايىسى ، 10 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى ، قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ، چاغاتاي تىلى ۋە ئۆزبېك تىلىدىن نەشرگە تەييارلىغان 6 پارچە كىتابى ، مۇزىكىلىق شېئىرلاردىن تەركىپ تاپقان 3 دانە قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن . ئۇيەنە 8 پارچە بەدىئىي سەنئەت فىلىمىنىڭ سېنارىيىسىنى يېزىپ چىققان . خوتەن رايونىغا مۇناسىۋەتلىك 8 ئەدەبىي كىتابنى تۈزۈش ۋە تەھرىرلەشكە قاتناشقان . 200 پارچىدىن ئارتۇق ناخشا تېكىستلىرىگە ئاھاڭ ئىشلەنگەن . 100 پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل تېما ، ھەر خىل ژانىردىكى سەنئەت نومۇرلىرىنى يازغان . 1983-يىلى «بارات يازغان ھېكايە» ناملىق ھېكايىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى باھالاشتا مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن تارتىپ ھازىرغىچە 53 پارچە ئەسىرى مەملىكەتلىك ، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە ۋىلايەتنىڭ ھەر خىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . 2001- يىلى 9-ئايدا «روزى سايىت شېئىرلىرىدىن» ناملىق ئىككى پارچە شېئىرلار توپلىمى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان . روزى سايىت قىسقىغىنا 28 يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا 25 پارچە داستان (13 مىڭ مىسرا) ، 1000 پارچىدىن ئارتۇق غەزەل (22 مىڭ مىسرا) ، 80 پارچىدىن ئارتۇق مۇخەممەس ، مۇسەممەن ، مۇسەددەس ، (700 مىسرا) 1200 كۇپلىتقا يېقىن رۇبائىي ، تۇيۇق ، (4500 مىسرادىن ئارتۇق) ، 500 پارچىدىن ئارتۇق ناخشا تېكىستى (4500 مىسرا) يازدى . روزى سايىت ئەسەرلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى ئۇنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىدە ئەمەس ، بەلكى كىشىلەر قەلبىگە يارىغانلىقىدا ، يەنە كېلىپ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋىي ھاياتىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىپ ، مۇئەييەن ھەسسە قوشقانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ .
«شىنجاڭ يازغۇچىلىرى» ژۇرنىلى ، 2009 –يىل ، 1 – سان .
ئاپتۇر: روزى سايىت
« شائىر ئىنىم ، بۇ شېئىرلار قېپقالىدۇ ،
مەن يوللىسام باش مۇھەررىر ئېپقالىدۇ.
ئۇنىڭغىمۇ ئامال قىلىپ ئېلان قىلساق ،
ئوقۇغانلار ئىسىت شائىر ، دەپ قالىدۇ .
كالېندارغا قاراپ ئەسەر يازغانلاردىن ،
شېئىر ئەمەس ، بىر تاغاردا گەپ قالىدۇ .
بىزگە ئوخشاش قېرىلارنى سىز دورىماڭ ،
ئۇنداقلاردىن ئىچىنىشلىق «خەپ!» قالىدۇ.
شېئىر يېزىڭ، باستۇرۇشقا باش قاتۇرماڭ ، )
شۇندا خەلقىم ئارمىنىڭىزنى يەپ قالىدۇ .»
تۆگىلەر ئاغزى قامقاقتا،
بىر ئاكام بار قالماقتا.
قالماقنىڭ شۇم نىيىتى،
مەن نوزۇكنى ئالماقتا.
تۆگىلەر بېشى تاغ بېشى،
بولجارىمىز يار قېشى.
شۇ بولجارغا يەتكەندە،
توختىمايدۇ كۆز يېشى.
يالاڭ ئاياغ سۇ كەچتىم،
تاغنىڭ سۈيىنى ئىچتىم.
چىدالماي قالماق زۇلۇمىغا،
ئەزىز جېنىمدىن كەچتىم.
تاغدىن چۈشكەن تۆت ئاتلىق،
تۆتىلىسى بوز ئاتلىق
تۆتەيلەننىڭ ئىچىدە،
مېنىڭ دادام سۇمباتلىق.
دۇردۇن كىيگەن ئاياغقا،
تۆمۈر كىشەن بوش كەلدى.
جېنىم دادام قېشىدىن،
بۇ يىللاردا كىم كەلدى.
قۇمۇچ ئارىلاپ كۈن چۈشتى،
يالغۇز باشقا مۇڭ چۈشتى.
مەن نوزۇكنى تۇتقىلى،
سولان چېرىكلەر چىقتى.
خۇدا سالدى بۇ ئىشقا،
مېنى تۇغمىشى بۇ ئىشقا.
سولان چېرىكلەر يامان،
ئوت قويمۇسۇن قومۇشقا.
كىرسەم قەشقەر يولىغا،
قەشقەر يولى يول بولغاي.
نوزۇك ئاجىز بەندىنى،
بىر خۇدايىم ساقلىغاي.
قۇمۇچلارغا ئوت قويماس،
مەن نوزۇكنى تاپالماس.
مەن نوزۇكنى تۇتقاندا،
خۇدا ساقلار، ئالالماس.
قومۇشلۇققا ئوت قويسا،
قېچىپ كىرەي دەرياغا.
ھەرگىز خوتۇن بولماسمەن،
سولان يۈزى قاراغا.
مەن قەشقەردىن چىققىلى،
تۆشەك سېلىپ ياتقان يوق.
ئاتام قويغان چېچىمغا،
تاغاق سېلىپ تارتقان يوق.
جېنىم ئاتامنى كۆرمەي،
جاڭگالدا ئۆلەر بولدۇق.
مەن نوزۇكتەك قىز بالا،
يالغۇز چۆلدە ياتقان يوق
ئاخىر ئاشكارە بولدۇم.
يوشۇرۇنغىلى يەر بارمۇ؟
ماڭا قاتتىق كۈن چۈشتى،
ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ؟
تاغدىن چۈشكەن لاي سۈنى، .
سۈزۈپ ئىچەر يەر قېنى.
مېنى قەشقەر شەھرىگە،
ئېلىپ قاچار ئەر قېنى؟
كەپە قىلدىم ياۋانغا،
چېرىك كەلدى داۋانغا.
ئون ئىككى كۈن بولغاندا،
تۇتۇلدۇم بۇ نادانغا.
شىسەن مازا باخشىغا،
ئاغىچىسى ياخشىغا.
دەردنى ئېيتىپ يىغلارمىز،
دالۇيى كەتسە ئالۋاڭغا.
ئاتامنى مەن سېغىندىم،
ئاكامنى مەن سېغىندىم
تىرىكمىكىن شۇ دادام،
خەۋىرىنى بىلمىدىم.
ئاغامغا يېتەلمەسمەن،
ئاتامنى كۆرەلمەسمەن.
ئاتامنى كۆرۈپ قالسام،
ھەرگىز ئارمان قىلماسمەن.
ئاتام مۇندا كېلەرمۇ؟
مېنى ئېلىپ كېتەرمۇ؟
تىنچ قەشقەرگە يېتەرمۇ؟
تىنىچ بارارنى بىلمەسمەن.
ئالتاي ياتتىم خاماندا،
نان پىشۇردۇم ساماندا.
ئاجىز نوزۇك جاڭگالدا،
ئاتام يۈرەر قاياندا؟
سولان بېرىپ يامۇلغا،
ئەرز قىپتۇ جاڭجۈنغا.
جاڭجۇن يايى ئەۋەتتى،
مەندەك ئاجىز خوتۇنغا.
يايى چىقتى تۇتقىلى،
ئەجدىھار بولۇپ يۇتقىلى.
ئون بەش يايى كېلىپتۇ،
نۇزۇگۈمنى تۇتقىلى.
ھېچكىم مەندەك بولمىسۇن،
بالالارغا قالمىسۇن.
بىزگە كەلگەن بالالار،
ھېچ بەندىگە كەلمىسۇن.
ئالتاي بولدى يالغۇزمەن،
قەشقەر يولىن بىلمەسمەن.
خۇدا مېنى ساقلىسا،
سولانلارنى كۆرمەسمەن.
ئالمۇتۇ بولدى جايىم،
بۆرە، تۈلكە ھەمرايىم.
خۇدانىڭ ھۆكمى بىلەن،
جاڭگال بولدى ماكانىم.
ئامباللارنىڭ ياڭزىسى،
غۇلاچچە بار غاڭزىسى.
چاقاي دېسەم چېقىلماس،
قولۇمدىكى كويزىسى.
خۇدا بەرگەن غۇنچەمنى،
سولان ياۋۇز ئۈزەلمەس.
سولان ياۋۇز ئۆيىگە،
نوزۇك جۇگان تۆزەلمەس.
ئايىغىمدا ئىشكەل بار،
بوينىمىزدا تىڭگاڭزا.
ئېلىپ قاچسا نوزۇكنى،
بولسا ياخشى خوخەنزە.
يامۇلنىڭ بار ئۆگزىسى،
ئون بەش غۇلاچ توغرىسى.
كۆرسەم ئىككى كىگىزدۇر،
سولانلارنىڭ موزىسى.
ئەپيۇن تەرگەن سولاننىڭ،
توڭغۇز يېغى جوزىسى.
ئوڭ قولىدا دوزىسى،
سول قولىدا خوۋزىسى،
ئەپيۇن تەرگەن جاللاتلار،
دۆڭ يامۇلدا تارتىدۇ.
چۈچۈنلۈك–پەنلىك ئۆيدە،
نوزۇك جۇگان ياتىدۇ.
دوۋانخاندىن خەت كەلسە،
نوزۇگۇمنى «چېپىڭ» دەپ.
مۇسۇلمانلار ئېيتىدۇ،
شېھىتلىقنى تېپىڭ، دەپ.
مويتوڭزىدا چاپقاندا،
مەن نۇزۇگۇم ئۆلۈرمەن.
موللىلارنىڭ سۆزىچە،
ئالىي شىھىت بولۇرمەن.
نوزۇك بېلىڭ باغلاندى،
ئۆلتۈرگىلى چاغلاندى.
يالغۇز غېرىپ نوزۇگۇم ،
شى يامۇلغا سولاندى.
ئاتام قەشقەردە قالدى،
نوزۇگۇم دەپ يىغلايدۇ.
يالغۇز مېھرىبان ئاكام،
قالماق ئىچىدە قالدى.
يامۇل ماڭا قىيىندۇر،
ئۆلۈم ۋاقتى يېقىندۇر.
نوزۇگۇم يەككە–يالغۇز ،
شى يامۇلغا سولاندى.
كاشكى كۆرسەم ئاتامنى،
قالماقتىكى ئاغامنى.
كۆرمەي ئۆلۈپ كېتەرمەن،
قەشقەردىكى ئاكامنى.
مەن كۆرمىگەن مومامنى،
مېنى تۇغقان ئانامنى.
چەنفەن بېرىپ ئۆلتۈرگەن،
ئۈچ ياشتىكى بالامنى.
ئالدىمىزدا جاللاتلار،
قىلىچىنى ئوينىتار،
مېنى ئۇشبۇ ئۆلۈمدىن،
قانداق كىشى ئاجرىتار!؟
يوللارنى تولا مېڭىپ،
ھالسىزلىنىپ تېلىقتىم.
مەن بۇ يەرگە كېلىپلا،
يامان كۆزگە چېلىقتىم.
ئاسماندىكى سا بولدۇم،
يوللار يۈرۈپ خار بولدۇم.
ئاكام قالدى قالماقتا،
بىر كۆرمەككە زار بولدۇم.
ئالتە ئاي ياتتىم قومۇچتا،
قومۇچ ئارىلاپ كۈن چۈشتى.
مەن نوزۇكنىڭ بېشىغا،
تاغدىن ئېغىر مۇڭ چۈشتى.
ئۇنتالمايمەن باقەمنى،
قۇمۇچلۇقتا ياتساممۇ.
كۆڭلۈم ئۇندىن ئايرىلماس،
ئەلەم–كۈلپەت تارتساممۇ.
تۆگىلەر ياتۇر ئويماندا،
باش بويلىسى بوينىدا.
تۇتسا قالماق نوزۇكنى،
پىچىقى بار قوينىدا.
جان ئاتامنى كۆرەلمەي،
ئۆلۈپ كېتەر بولدۇم مەن.
قالماقلارغا تۇتۇلۇپ،
سۇلۇپ كېتەر بولدۇم مەن.
ماڭسام قەشقەر يولىغا،
يولدا پۇتۇم توڭلىغاي.
نوزۇك ئاجىز بەندىنى،
بىر خۇدايىم ئوڭلىغاي.
ھاۋانى بۇلۇت باستى،
قار–يامغۇرلار ياققىلى.
قانداق چاغدا تۆرەلدىم،
دەرد–ئەلەملەر تارتقىلى؟
خەيىر ئاتا مېھرىبانىم، _
غەمگۈزارىم ياخشى قال.
كۆزلۈرۈم ئاقۇ–قاراسى،
تەندە جانىم ياخشى قال.
بىللە ئويناپ، بىللەن ئۆسكەن،
يارى دوستلار ياخشى قال.
كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن،
قەشقەر شەھىرىم ياخشى قال!
نوزۇگۇمنىڭ دادىسىنىڭ قوشىقى
خەير قىزىم نوزۇگۇم،
ئەقلى تازا قۇندۇزۇم.
كۈلپەت چۈشتى بېشىڭغا،
تۇتقۇن بولدۇڭ شورلۇغۇم.
كۆيدۈرسەم كۆيمەس ئىدىم.
ئەمدى كۆيدۈم كۈل بولدۇم.
غازاڭ بولغان باغلاردەك،
سارغىيىپ سامان بولدۇم.
شېرىن قىزىم نوزۇكئاي،
ئاكاڭدىنمۇ ئايرىلدىم.
ھېچكىم مەندەك بولمىغاي،
قاناتىمدىن قايرىلدىم. ––– تولۇقلاپ رەتلىگۈچى : ئا. ناسىرى (①چىڭ ھۆكۈمرانلىرى دېھقانلار قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 19–ئەسرنىڭ 30–يىللىرىدا بۇ قوزغىلاڭغا قاتناشقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى جەنۇبى شىنجاڭدىن ئىلىغا سۈرگۈن قىلىدۇ، ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدە يۇرت–ماكانىدىن، ئاتا–ئانىسىدىن ئايرىلغان نوزۇگۇممۇ بارئىدى. چىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ نوزۇگۇمغا كۆزى چۈشۈپ ئۇنى مەجبۇرلاپ ئالماقچى بولىدۇ. نوزۇگۇم ئەمەلدارغا يالغاندىن ماقۇل بولۇپ، توي كۈنى ئاخشىمى ئەمەلدارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزى يالغۇز قومۇشلۇققا قېچىپ كېتىدۇ، شۇ چاغدىكى ئەكىسيەتچى ھۆكۈمەت چېرىك چىقىرپ تىنتىپ، نوزۇگۇمنى تۇتۇپ كېلىدۇ. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ چېپىپ ئۆلتۈرىدۇ. بۇقىرىقى قوشاقلارنى نوزۇگۇم ئەنە شۇ ئىچىنىشلىق كۈنلەردە ئۆزى توقىغان.)
مەنبە:ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى