مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2232|ئىنكاس: 24

ئەركەكلىك غۇرۇر زادى نەدە ئىپادىلىنىدۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15847
يازما سانى: 1414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5214
تۆھپە نۇمۇرى: 899
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 10:23:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،مۇنبەردىكى ئاكا-ئېنى ،ھەدە-سىڭىللار بېھزاتتىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام !!!
يىقىندىن بۇيان خىزمەت ۋە ساۋاقداشلارنىڭ توي-تۆكۈن ئىشلىرى بىلەن نەچچە رەت ئۇيۇشتۇرۇلغان سورۇنلارغا داخىل بولۇپ قالدىم ...بۇ جەرياندا گەرچە كۆپ ئىشلار ۋە گەپ -سۆزلەر بولۇپ ئۆتكەن بولسىمۇ ، مىنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى ھازىرقى تەڭ دىمەتلىك ئەل-ئاغىنە ۋە سورۇنداش قىز-ئوغۇللاردىكى ئاتالمىش ئەركەكلىك غۇرۇرغا بولغان تەلەپلەر بولدى...
جۈرئەت ،ئاداش سەنمۇ ئوغۇلبالا بولغاندىكىن ،بىرەر رومكا قىقىپ قويە ،مانداق ،كەچكىچە قىزلاردەك  ئىزىلىپلا ئولتۇرماي ...
ئاداش،ئىچىشنىغۇ ئىچمىدىڭ، تاماكىدىن بىرەرەنى بولسىمۇ شوراپ قويە، بۇرتى خەت تارتقان ئوغۇلبالا بولغاندىكىن...بىكار ،ماۋۇ قىزلار تازا لۆشلۆش كىتاب خالتىسى ئوخشايدۇ،دەپ ياراتماي قالمىسۇن ،سىلەرنى... !؟
يەنە ،شۇ كونا سەھنە سۆزى، ئالىي مەكتەپتىن باشلاپ بۇنداق گەپلەرنى تولا ئاڭلاپ ،بىرەرىنىڭ يۈزىنىمۇ ئايىماي ،ئۆز خاھىشىمدا چىڭ تۇرۇپ كۆنگەچكە ئۇ گەپلەرنى قىلچە پىسەنتىمگە ئالماستىن ، لايىقىدا جاۋاپ قايتۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ يىقىن ئاغىنىسى قەيسەر بىلەن ئۆزىمىزنىڭ پارىڭىنى قىلىپ ئولتىرىۋەردۇق،مۇشۇ سورۇندا قەيسەر بىلەن مەنلا ھاراق ئىچمەيتتۇق ،ھەم،بۇنداق سورۇنلارغا قىز دوستىمىزنى ئەگەشتۈرۈپ كىلىشنى پەقەتلا ياقتۇرمايتتۇق،شۇڭا ،بالىلار ،يەنە تۈكى بار چاقچىقىنى باشلىۋەتتى :-ئاداش ،ھىلى تانسىغا قوپقاندا قەيسەر بىلەن ئىككىڭلار بىللە ئوينارسىلەر،ئەمدى ...سورۇنغا قىز ئەگەشتۈرۈپ كەلگۈدەك يۈزۈڭلار بولمىغاندىن كىيىن ... ›› سورۇندىكى قىز-ئوغۇللارنىڭ مەسخىرە ئارىلاش كۈلكىسىدىن قەيسەر تىرىككەندەك بولدىيۇ،بىراق،مىنىڭ ناھايىتى پەرۋاسىز،تەمكىن ھالەتتىكى باش لىڭشىتىپ قويۇشۇمدىن كىيىن يەنە ھىچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالدى...بۇ بالىلار بىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقداشلىرىمىز ئىدى ،مەن،قەيسەر ،ۋە يەنە ئىككى قىز ساۋاقدىشىمىزدىن باشقا بالىلارنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نۇمۇرى يەتمەي ۋە ياكى ئائىلە ئىقتىسادى تۈپەيلى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىگەن بالىلار ئىدى ،شۇ سەۋەبلىكمۇ قەيسەر ئىككىمىز سورۇنغا بارمايمىز دەپ چىڭ تۇرىۋالساقمۇ ئۆيگىچەكىلىپ بىزنى ئىلىپ باراتتى ،بەك چىڭ تۇرىۋالساق بىزنى ياراتمىدىڭلار ،دەپ رەنجىگەننى قىلاتتى ،شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ بىر نەچچە رەت مۇشۇلارنىڭ سورۇنىغا داخىل بولۇپ قالدۇق ،گەرچە بىر قانچە قېتىم ئۇلارغا نەچچە سائەتلەپ ھاراق-شاراپ توغرىسىدا ۋەز-نەسىھەت ئېيتقان بولساقمۇ ،دەسلىپىدە قايىل بولغاندەك قىلىشاتتىيۇ ،سورۇن ئوتتۇرىغا بارغاندا يەنە ئالدىن تەييارلاپ قويغان بوتۇلكىلار ئۈستەل ئاستىدىن ئۈستىگە يۆتكىلەتتى...مانا بۈگۈنكى سورۇن بىز ئۇلار بىلەن يىغىلغان تۆتىنچى قېتىملىق سورۇن ئىدى،ئۈچىنچى قىتىملىق سورۇن بىر ئاغىنىمىزنىڭ توي ئىشىنىڭ مەسلەھەت ئىشى بولغاچقا ھاراق ئىچىشلەر بولمىغانىدى ،ئەسلىدىمۇ ،قەيسەر ئىككىمىز سورۇنغا بارساق بارايلى ،ھىچ بولمىسا بىزدىن تەپ تارتىپ بولسىمۇ تاشلار دىگەننى ئويلىدۇق ،بىراق ئۇلار يەنە ئۆز سەنىمىگە دەسسەۋەردى...ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ،دەردى بەك كۆپمىش ،ھاراقتىن دەردىنى چىقارمىسا ياشىغاننىڭ ھىچ لەززىتى بولماسمىش،مانا مۇشۇنداق جىڭغا توختىماس باھانە-سەۋەبلەر بىلەن بۈگۈنكى سورۇنمۇ باشلىنىپ خىلى يەرگە بىرىپ قالدى ،توساتتىن بىزنىڭ قارشى تەرىپىمىزدە ئولتۇرغان بىزنىڭ ساۋاقدىشىمىز ئەزمەتنىڭ قىزدوستىنىڭ :‹‹ھەي ،ئەزمەت دىگەن ھەقىقى ئەركەك جۇمۇ ،ھاراق دىگەننى كۆتۈرۈپ قويىدۇ ...››دەپ پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا يىنىدىكى قىزلارغا دەۋاتقان سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى ،بىردە ئەزمەتگە بىردە ئۇ قىزغا قارايمەن ...
توۋا ،بىر قىز ئەرلەر سورۇنىدا سائەتنىڭ نەچچە بولغىنى بىلەن ھىسابلاشماي خۇددى ئۆز ئۆيىدە ئولتۇرغاندەك شۇنچە ئەركىن ھالەتتە ئولتۇرسا ،ئۇنى ئاز دەپ ئوغۇل دوستىغا ئىچمە دىمەستىن ، ھاراقكەشلىكىگە پەخىرلىنىپ ئولتۇرسا ،بۇنىڭغا نىمىمۇ دىيەلەيمەن !!!ئەسلى ،ئەزمەتنى ئەركەك قىلىۋاتقان مۇشۇ قىزكەندە ...دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە!!!
بۇنداق مىسال ئىلىپ ئولتۇرسام ،ھەجىمى بەكلا كىڭىيىپ كەتكۈدەك ،بۇ پەقەت شۇ تۇرمۇش كارتىنىسىنىڭ ئەڭ كىچىكلىتىلگەن بىر پارچىسى خالاس!!!
ئۇنداقتا ،ھازىرقى جەمئىيتىمىزدىكى قىز -ئوغۇللىرىمىزدىكى ھەقىقى ئەركەكلىك غۇرۇرغا بولغان ئۆلچىمى قانداق !؟
ھاراق-تاماكىغا بىرىلىپ ،ئاتا-ئانىسىنى،خوتۇ-بالىلىرىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرۈپ كوچا-كويلاردا ئالىتاغىل توۋلاپ ،قۇسۇپ ياتقان بىنۇمۇس ئەرلەرمۇ !؟ۋە ياكى ئەرلىك غۇرۇرىنى ساقلاپ ،تىرىشىپ جان-كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ ئائىلىسىنى گۈللەندۈرەلىگەن ،ئائىلىسىنىڭ ئۇلىنى ساقلاپ،ئانىسى ،ئاچا-سىڭىللىرى ۋە قىزلىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ دۇرۇس يولغا باشلىيالىغان ئۆينىڭ تۈۋرىكى بولىۋاتقان جەسۇر ئەركەكلەرمۇ !؟
مەن ئويلايمەن ،ئەرلەرنىڭ غۇرۇرى تاماكا چېكىپ ،رومكا سوقۇشتۇرۇپ كۆڭۈل ئىزھار قىلىشتا ئەمەس،بەلكىم بىلىم ئىگەللەپ روناق تېپىشتا ،سورۇن تۈزۈپ ئىچكۈۋازلىق بەيگىسىدە ماھىر بولۇشتا  ،سىرتتا ئاشنا تۇتۇپ ئۆزىنىڭ قانچە ئاشنىسى بارلىقىنى باشقىلار ئالدىدا كۆز-كۆز قىلىپ ئۆزىنىڭ ئەخلاقسىز ئەپتىدىن پەخىرلىنىپ يۈرۈشتە ئەمەس بەلكى،ئۆزىنىڭ جەمئىيەت ،ۋە ئائىلە ،پەرزەنت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى ،بۇرچىنى تونۇش ۋە ئادا قىلىشتا ئىت تالاشتۇرۇپ ،خوراز سوقۇشتۇرۇپ ۋە ياكى ئۆزىنىڭ ئوغۇل بالىلىقىنى نامايەن قىلىپ ،خوتۇنىنىڭ قۇلىقىدىن قاس چىقىرىشتا ئەمەس ،بەلكى،جەمئىيەتتە ،ئائىلىدە ئۈلگىلىك ئاتا ،نەمۇنىلىك ئەر بولۇپ پەرزەنتلىرىگە باشلامچى بولۇپ ئائىلىنى قوغدىيالايدىغان پاكىز روھىي كەيپىيات ۋە ئىرادىنىڭ بولۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ...
ئەركەك بىر ئائىلىگە بەرىكەت ،شۇنداقلا تۈۋرۈك ،شۇ ئائىلىدىكى ئەركەكلىك جىسمىدىكى ھەر-بىر تۇيغۇ ،ھەر-بىر نىيەت،ئىقبال پەرزەنتلەر ئۈچۈن گوياكى ،ۋۇجۇدىغا بىسىلىۋاتقان مۆھۈرگە ئوخشايدۇ !!!دىمەك ،ئاتا جىسمىدىن قۇۋۋەت ۋە مادار ئىلىپ بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان شۇ پەرزەنتىڭىز ئالدىدىكى ئوبرازىڭىزغا ،يۈرۈش-تۇرىشىڭىزغا ھەرگىز سەل قارىماڭ ،چۈنكى ،سىزنىڭ بۈگۈنگى ھالىتىڭىز پەرزەنتىڭىزنىڭ ئەتىسى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن !!!
خوش ،سۆزلىسەم گەپ جىق ،قالغىنىنى مۇنبەردىكىلەرگە قويۇپ قويدۇم ...ئۇنداقتا سىزنىڭچە ھەقىقى ئەركەكلىك زادى قەيەردە ئىپادىلىنىدۇ !؟ئەگەر سىز قىز ۋە ياكى ئايال بولسىڭىز سىزنىڭ ئەركەكلەرگە بولغان تەلپۈنىشىڭىز زادى قانداق !؟ئەگەر سىز بىر ئەر،يىگىت ھىساپلانسىڭىز ئۆزىڭىزنى مۇشۇ ئەركەكلىكنىڭ ساھىبى بولۇشقا تامامەن لايىق دەپ قارىيالامسىز ....!؟

ئالاھىدە ئەسكەرتمە:___بۇ تېمامدا پەقەت ئەركەكلىرىمىز توغرىسىدا توختالدىم ،شۇڭا قىز-ئاياللىرىمىزغا سۆرەپ ئاپىرىۋالماي ،مەقسەتنى تولۇق چۈشىنىپ مۇنازىرىدە بولۇشۇڭلارنى سورايمەن!!!
مەنبە:_ئۆزۈم

بىزگە ھەممىدىن زۆرۈر بولغىنى تۈنۈگۈنكى تاتلىق خاتىرە ياكى ئەتىكى شېرىن مەنزىرە ئەمەس،بەلكى،بىز ئىتراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزدۇر...

قانائەت--تۈگىمەس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47173
يازما سانى: 478
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3768
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 3376 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 11:47:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ بۇ ھەقلەردە ئارتۇق سۆزلىگىم يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67695
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3052
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2011-11-30
ئاخىرقى: 2011-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 11:52:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22679
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6666
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 3177 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2014-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 11:56:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى تېمىنى تاللاپسىز `
  ئەرلىرمىزنىڭ ئاشۇ نىجىس ھاراقنىقڭ قولى بوپ كەتمەسلىكىنى تەكىتلەپسىز `

ئاتاسى بارنى باي دەيمەن ، ئاناسى بارنى ئاي دەيمەن .
   ئۆزەمنى توختىتالمايمەن ، ئاتاسى يوقنى كۆرگەندە .

پــىــيــاز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9538
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 960 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 11:59:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى ھاراق ، تاماكا دىگەننى قىزلار خىلى كۆپ نىسبەتتە ئۆزىگە باغلىۋالدى . قىزلىرىمىزغا ئىنساپ تىلەيمىز !!
ئەركەكلىك غورۇر ھاراق ، تاماكا بىلەن ئىپادىلەنمەيدۇ ، دوسلىرىڭىز ئالجىپتۇ ، سىزنىڭ ئۇلارنى توسۇس ياخشى سۆزلەرنى قىلىشىڭىز بۇ ئەركەكلىك غورۇر ، ئەگەر ئۇلار ھاراقنى كۆپ ئىچىپ قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلسىا قانۇن بويىچە جازاغا ئۇچىرايدۇ ، جەمىيەتتە ئاتا-ئانا ، قىرىنداش ، دوسلار ئارىسىدىمۇ ئەتىۋارى ۋە قىممىتى بولمايدۇ .

پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!

مۇسۇلماننىڭ كۆز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54862
يازما سانى: 716
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6483
تۆھپە نۇمۇرى: 470
توردا: 2708 سائەت
تىزىم: 2011-9-5
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 12:10:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى مۇلاھىزە بوپتۇ .  ئۆز پىكىرىڭىزدە چىڭ تۇرۇڭ ، ھاراق - تاماكىنى غورور ، يۈز - ئابروي ھېسابلايدىغانلار  مېڭىۋەرسۇن ، مەستلىك - پەسلىك دەپ  ئاشۇ زابويلار ھامان بىر كۈنى ئۆزىنىڭ ئاتالمىش ‹ غورورى › نى ئۆزى يەرگە ئۇرىدۇ .  ئاڭلاپ تۇرۋاتىمىزغۇ ئەتراپىمىزدا ، مەستلىكىدە بىلمەي نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ قويۇپ ، ھەتتا نەچچە تىرىك ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ ئەتىسى ‹ ۋاي مەن نېمە بولدۇم › دەپ قالىدۇ .

مېنىڭچە ،  مۇشۇ جەمىئەتنىڭ بۇزۇلىشى ، قىز - ئاياللارنىڭ يولدىن چىقىشى ،  ئەرلىك غۇرورغا ئۇرۇلغان قاتتىق شاپىلاق .  (  بۇ مېنىڭ پىكىرىم ،  قارشى پىكىردىكىلەر ئېسىلۋالماڭلار بولدى )

مۇسۇلماننىڭ كۆزىدە ئاللاھ بەرگەن ئۈمۈدنىڭ نۇرى بۇلىدۇ !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25477
يازما سانى: 343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6105
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 12:11:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاراقتەك ھارامغا تەكلىپ قىلغان ئاتالمىش  ئاغىنىلەر كىشىگە دوس  ئەمەس بەلكى تونۇش دۈشمەن. ئاۋال بۇ نوختىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىش  لازىم دەپ قارىدىم.

ئەڭ ياخشىسى بۇ تىمىغا  ھازىرچە كۈزىتىش پوزىتسىيەسىدە  بولاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67671
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3081
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2011-11-30
ئاخىرقى: 2012-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 12:18:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:شەنبىلىك مۇشائىرە

بۇنى يىگىت-قىز .ئەر -ئاياللىق پەرىقى باھانە بولالمايدۇ . ئۆزىنى ئىنسان دەپ ھىسابلىغان ھەربىر ئادەم .ھاراق- تاماكىدىن ئىبارەت خاتىرجەم تۇرمۇشنى بۇزىدىغان ئامىل بولغان بۇنەرسىدىن ئۆزىنى تارتىشى كىرەك،

ئىشەنچ ئالدىماي

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10411
تۆھپە نۇمۇرى: 499
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2012-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 12:23:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاراقتىن چىقىدۇ مەسلىك،
مەسلىكتىن چىقىدۇ پەسلىك.
ھاراققا بولساڭ ئاشىق،
باسىدۇ سىنى نەسلىك.
دەپ يازغانمەن ھىكــــــــــــــــــــەت خاتىرەمگە!

ئادەم بۇ ئالەمگە،ئۇزى بىلەن بازارنى،ئۇلىگى بىلەن مازارنى ئاۋات قىلىش ئۇچۇنلا كەلگەن ئەمەس!  تور تۇرايىم:http://owqibiz.blogbus.com/

پــىــيــاز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9538
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 960 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 12:28:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مايمۇننىڭ ئادەم بولمىقى مىليۇن يىل يىراق ،

ئادەمنىڭ مايمۇن بولمىقى بىر بوتۇلكا ھاراق .

پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش