مۇنبەرداشلارغا بىرنەچچە چاقچاق
1. بىر كۈنى
لوستبا ،
تاتلىق ئۇيغۇر ئۆل قاتارلىق بۇرادەرلەر دۇبەيگە ساياھەتكە بېرىپتۇ،ئۇلار دۇبەيدىكى مەلۇم مېھمانخانىنىڭ 45-قەۋىتىدىن ياتاق ئېلىپتۇ ۋە كەچتە قا يتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىقىپ كېتىپتۇ.كەچتە ئۇلار ھېرىپ چارچاپ قايتىپ كەلسە لېفىت بۇزۇلۇپ قاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن
دېرىكتور
زۇلەيخا خانىم مۇنبەرداشلىقنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ ئۇلارغا زالدىن ئورۇن ھازىرلاپ بەرمەكچى بوپتۇ،بىراق ئۇلار يەنىلا ياتاققا چىقىپ كەتمەكچى بوپتۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇلار جاپانى يىنىكلىتىش ئۈچۈن لوستبا يۇمۇر سۆزلىمەكچى،تاتلىق ئۇيغۇر ناخشا ئېيتماقچى،ئۆل ھېكايە سۆزلىمەكچى بوپتۇ.ھەمدە شۇبويىچە لوستبا 20-قەۋىتىگىچە يۇمۇر سۆزلەپ كۈلدۈرۈپتۇ،تاتلىق ئۇيغۇرمۇ يېقىندا مىسرانىمغا يوللىماقچى بولغان ناخشىلىرىنى ئېيتىپ40-قەۋەتكە چىقىپتۇ. نۆۋەت ئۆلگە كەلگەندە ئۇلار ئۆلگە قىسقا ئەمما تەسىرلىك ھېكايىدىن بىرنى ئېيتىشنى تەلەپ قىپتۇ. ئۆل ھېكايىسىنى باشلاپتۇ: ئۈچ بۇرادەر بىنانىڭ 40 - قەۋىتىگە چىققاندا ئاچقۇچىنى زالدا ئۇنتۇپ قالغانلىغىنى ئىسىگە ئالغۇدەك.
2. بىركۈنى ئەپەندىم گۈلبەشكەردىن سوراپتۇ: ئېيتىڭە چاشقاننىڭ ئۆمرى قانچىلىك بولىدۇ؟ گۈلبەشكەر جاۋابەن: مۈشۈكنىڭ ئىنسابىغا باغلىق دەپتۇ.
3.بىر كۈنى شېرخان ئوغلى سېمبانى ئەگەشتۈرۈپ كېتىۋاتسا بىر قېرى مۈشۈك ئالدىغا ئۇچراپ سالام بېرىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. سېمبا شېرخانغا :دادا ئۇكىم؟ شېرخان: ئۇ ئاپاڭنىڭ بىر نەۋرە تاغىسى دېگۈدەك،
4. بىر خەيرى ساخاۋەت ئورگىنى خادىمى مىليۇنىر ئەپەندىنى ئىزدەپ كېلىپ ئۇنىڭدىن ئازراق ئىئانە ئالماقچى بولۇپغاندا مېليونىر چۈشەندۈرۈپ: مېنىڭ كېسەلچان ئانام دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقىلى 3يىل بولدى. قىزىممۇ ئېرىدىن تۇل قېلىپ يالغۇز ئولتۇرىۋاتىدۇ،يەنە تېخى ئىككى ئىنىم بانكا - ھۆكۈمەتنىڭ قەرزىدىن قۇتۇلالماي يۈرىۋاتىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان ساخاۋەت ئورگىنىنىڭ خادىمى: كەچۈرۈڭ ئەپەندىم، سىزنىڭ بۇنچە كۆپ قىيىنچىلىغىڭىزنىڭ بارلىغىنى ئويلىماپتىمەن. مېليونىرمۇ دەرھال سۆز قايتۇرۇپ: سىز خاتا چۈشىنىپ قالماڭ، بۇلارغا بەرمىگەن پۇلنى سىزگە بەرسەم قانداق بولىدۇ؟
5. بىر كۈنى جەمشىت بىلەن رافىت قاسەمىنى ئىزلەپ كېلىپ بىللە قىمار ئويناشنى ئېيتىپتۇ، قاسەمى ئۇلارغا ئۆزىنىڭ قىمار ئوينىمايدىغانلىقىنى، ئوينىماسلىقنىڭ 40خىل سەۋەبىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپتىكەن رافىت سەۋەبىنى سوراپتۇ. قاسەمى چۈشەندۈرۈپ: بىرىنچىدىن مەندە پۇل يوق ، ئىككىنچىدىن.....جەمشىت بۇنى ئاڭلاپلا دەرھال : بولدى قالغان 39 نى دېمىسەڭمۇ چۈشەندىم دەپ كېتىپ قاپتۇ.
داۋامى ئەتە يوللىنىدۇ
(تورداشلارنىڭ كۆڭلىگە ئېلىپ كەتمەسلىگىنى سورايمەن)
مەنبە: تەرمىلەر