قەدىرلىك تورداشلار ، ئۇزاق بوپتۇ تىما يوللاپ باقمىغىلى . يەنە شۇ ئويلاپ ئائىلىدە دائىم مەشخۇل بۇلىدىغان كىر قات يۇيۇش توغرىلىق تىما يوللىغىم كىلىپ قالدى . ئادەتتە كىر يۇيۇشتا كىر سۇپۇنى肥皂 ، كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى 洗衣液، سۇپۇن پاراشوكى洗衣粉، كىر سۇپۇن پاراشوكى 天然皂粉قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمىز . بۇنداق دىسەم بەزىلەر بۇ بىر ئەقەللى ساۋاتقۇ دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن . شۇنداقتىمۇ مۇشۇ باھانىدا مۇشۇ تىمىدا ئىنكاس ئارقىلىق داۋاملىق ئورتاقلاشساق دىگەن ئۈمىدتىمەن .
تۆۋەندە مۇشۇ بىر نەچچە خىل تازىلاش بۇيۇمىنىڭ پەرقىنى كۆرۈپ باقايلى ! |
كىر سۇپۇنى ، كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ، سۇپۇن پاراشوكى بولسا يۇيۇش بۇيۇملىرىنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم تەركىب . زادى قايسىسىنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى ؟ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ئەڭ ئاز ؟ دىگەندەك مەسىلىلەر ھەممىمىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىمىزگە تىگىشلىك مەسىلە .
كىر سۇپۇن肥皂 نىڭ ئىشلىتىلىش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن . ئۇ ھايۋان ياكى ئۈسۈملۈكلەرنىڭ مايلىرىنى خام ئەشيا قىلىپ ياسىلىدىغان ، خىمىيىۋىلىك رىئاكسىيە ئارقىلىق ئېرىشىلگەن يۇقىرى ماي ، كىسلاتالىق تۇز بۇلۇپ ، كىر چىقىرىش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى . ئۇنىڭدىن باشقا كىر سۇپۇنى تەبىئى ماتىرىياللاردىن ياسالغاچقا ، تېرىگە غىدىقلاش ، رىئاكسىيە قىلىش تەسىرى بىر قەدەر ئاز .
سۇپۇن پاراشوكى洗衣粉 تېرىگە بىۋاستە تەگمەسلىكى كېرەك .سۇپۇن پاراشوكى نىفىت خىمىيەمەھسۇلاتلىرىنى خام ئەشيا قىلىپ ياسالغان ئاجىز ئىشقارلىق سۇپۇن بۇلۇپ ، كىر چىقىرىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى . لېكىن كىيىمگە بولغان زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بۇلۇپ ، كىيىم تالالىرىنى بۇزىۋاتىدۇ .
كىر يۇيۇش سۇيۇقلىقى洗衣液 نىڭ رولى سۇپۇن پاراشوكىغا ئوخشاش . لېكىن سۇپۇن پاراشوكىغا قارىغاندا سۇدا تۇلۇق ئېرىيدۇ . كىر چىقىرىش ئىقتىدارى سۇپۇن پاراشوكىغا قارىغاندا تۈۋەن . لېكىن كىيىمنى ئۆڭدۈرمەيدۇ ھەم سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ .
كىر سۇپۇن پاراشوكى 天然皂粉تېرىگە بىۋاستە تىگىشىدىغان كىيىملەرنى يۇيۇشقا ماس كىلىدۇ . يۇيۇش ۋە ئاسراشنى بىرلەشتۈرگەن يۇيۇش مەھسۇلاتى . تەبىئى ، كۈچلۈك كىر چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ، مازغىپى ئاز ، ئاسان چايقىغىلى بۇلۇش ئىقتىدارىغا ئىگە . ئۇنىڭ خام ئەشياسىنىڭ %90 تىن يۇقىرى ئۈسۈملۈك مېيى بۇلۇپ ، تېرىگە بولغان تەسىرى ئاز ، كىيىمنى ئاسراش رولى بار بۇلۇپ ، يۇيغاندىن كىيىن يۇمشىتىش سۇيۇقلىقىنى ئىشلىتىش ھاجەتسىز .
يۇيۇش سۇپۇنلىرىنى ئىشلەتكەندە كىيىمنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ تاللايمىز . كىيىمنىڭ مەينەت بۇلۇش دەرىجىسىگە قارىتا ئىشلىتىش مىقتارىنى تەڭشەيمىز . كىر يۇيۇش سۇيۇقلىقى يىنىك كىيىملەرنى يۇيۇشقا ماس كىلىدۇ . سۇپۇن پاراشوكى پادىچىلار كىيىملىرى ، قېلىن كىيىملەر ھەم پەردە ، كىرىسلو قاپلىرىنى يۇيۇشقا ماس كىلىدۇ . تەبىئى سۇپۇن پاراشوكى ئىچ كىيىملەر ، بوۋاقلار كىيىملىرىگە ھەم بوۋاق زاكىلىرىنى يۇيۇشقا ماس كىلىدۇ .
كىرنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن ، چوقۇم پاكىزە چايقاش ، ھىچقانداق مازغاپ قالمىغۇچە چايقاشنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك . مۇشۇنداق قىلغاندىلا كىيىمنى ئاسرىغىلى ، خىمىيىۋىلىك تەركىبلەرنىڭ كىيىمدە تۇرۇپ قالماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يۇيۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەندە سۇپۇن مازغىپىنىڭ كۆپ ئازلىقى كىيىمنىڭ پاكىزە يۇيۇلۇش ، يۇيۇلماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز . مازغاپنىڭ جىق بۇلۇشى بىر سۇپۇن ئىسراپچىلىقىدىنلا ئىبارەت . شۇڭلاشقا مۇۋاپىق ئىشلىتىشىمىز كېرەك .
مەنبە : ئۆزەمنىڭ كىر يۇيۇش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىم