قىزچاق ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ
مەن بۇ تېمىنى يېزىشنى ئويلاۋاتقىلى خېلى بولغان بولسىمۇ ئەمما ۋاقىت چىقىرالماي يۈرەتتىم . ئەمما تۈنۈگۈن كەچ سائەت 5 دىن ئازراق ئۆتكەن ۋاقىتتا مەكتەپنىڭ ئائىللىكلەر قوروسىنىڭ مەكتەپكە تۇتىشىدىغان ئارقا ئىشىكىدىن مەكتەپكە ئالدىراش كىرىپ كىتىۋاتسام يىڭى ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى چىملىقتا بىر قىز ئوقۇغۇچى بىلەن بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ قاملاشمىغان قىلىق قىلىشىپ ئولتۇرغىننى كۆرۈپ قالدىم . بۇلارنىڭ ئەلپازىدىن قارىغاندا ئولار بىنانڭ ئارقىسىغا ئۆتىۋالغاچقا يەنە كىلىپ بىزنىڭ ئائىللىك بىناسىغا كەينىنى قىلىشىپ ئولتۇرغان بولغاچقا بىزنى ھىچ كىشى كۆرمەيدۇ دەپ ئويلاپ قالغان چېغى ، قىز ئوغغۇل بالىنىڭ قوينىغا كىرىپ كىتىپتۇ....بولدى داۋامىنى يازمايلا قوياي، قىسقىسى سىز كۆرسىڭىزمۇ ئاچچىقىڭىز كىلىدۇ . دەماللىققا مەن ئۆزۈممۇ خاتا كىلىپ قالغاندەك كەينىمگە ئىختىيارسىز داجىپ سالدىم ، ئۇلارغا شەپە بىرىپ قويۇش مەخسىتىدە ئىشىكنى قاتىقراق ياپتىم ، نەچچىنى يۆتۈلۈپمۇ قويدۇم ، ئۇلارنىڭ ھەركىتىدىن سىرتقى دۇنيانىڭ ھەر قانداق شەپىسى ئۇلارنىڭ قولىقىغا كىرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . ئۇلار بارغانسىرى مولەكلىشىپ يوقاپ كىىتىۋاتاتتى. ئاخىرى بولماي قاتتىقراق ئاۋازدا :
- ئىككىڭلار نىمە قىلىۋاتىسىلەر ؟ دەپ ۋاقىردىم . ئوغۇل بالا دەرھال قىز بالىنى قۇچۇقىدىن چۈشۈرۋېتىپ ئورنىدىن تۇرۇپلا نەچچە قەدەم يىراقلاپ بىر نىمىلەرنى تاپىلىغان بولۇپ مەندىن خىجىل بولۇپ دەرھال يوقالدى . ئەپسۇس ، مېنىڭ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلغىنى قىز بالا ئالدىرماي ئورنىدىن تۇرۇپ چاچلىرىنى ، كىيىملىرىنى بىر قۇر تۈزەشتۈرىۋەتكەندىن كىيىن سالماقلىق بىلەن كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭا قارىدى ، قارىغاندىمۇ شۇنچىلىك گۈلىيىپ قارىدىكى كۆزىدىن مەن ئۇنىڭ ئالدىدا جىنايەت سادىر قىلىپ قويغاندەك قارىدى ، ھەتتا ماڭا گۈلىيىپ قارىغاچ ئالدىغا ماڭغاچقا دەلدۈگىنىپ كەتمگەن بولسا قانچە ئۇزۇن قارايدىغانلىقىنىمۇ بىلمىدىم. توۋا مەن خاتا قىلدىممۇ نىمە ، ئەسلى بۇلارنى كۆرمەسكە سېلىپ كىتىشىم كىرەكمىدۇ قانداق دەپ ، ئۆزەمنى تەكشۈرۈپمۇ كۆردۈم . ياق مەن خاتا قىلمىغان ئىدىم. چۈنكى بۇ بالىلار تېخى ئەمدى 15 ياشلارنى پۈتتۈرگەن مۇستەقىل دۇنيا قارىشىمۇ پىشىپ يىتىلمىگەن بالىلار ئەمەسمۇ . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شۇ تاپتا بىرخىل لەززەتلىك تۇيغۇنىڭ راھىتىنى سۈرۈشنىلا بىلىدۇ ، ئاشۇ لەززەتنىڭ ئارقىسىغا قانچىلىك بەخىتىزلىكنىڭ يۇشۇرۇنغىننى بىلىپ يىتەلمەيدۇ ئەمەسمۇ. بىز تەربىيلىگۈچى بولۇش سۈپۈتىمىز بىلەن ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بىرىش مەجبۇرىيتىمىز بار ئەمەسمۇ . ئورنۇمدا تۇرۇپ شۇلارنى خىيال قىلىپ قارىسام ئۇلارمۇ يوقاپ كىتىپ بوپتۇ. ئويلاپ قالدىم ، مەن بۇلارنى ناھايتىلا شۇ بۇ يەردىن قوغلىۋەتتىم خالاس، ئۇلارغا تەربىيە قىلىش ئىمكانىيتى بولمىدى. مەن بۇلارغا دەرىسكە كىرىپ باقمىغاچقا ھەم تونىمايتتىم . دىمەك بۇلارنىڭ نەزىردە مەن ئۇلارغا دەخلى قىلدىم خالاس ، ئەمدى ئۇلار تېخىمۇ خالى يەرگە بېرىپ خالىغىننى قىلىشىدۇ............
مەن بۇ ئىششقا يولۇققاندىن كىيىن ئاخىرى بۈگۈن ماشىننىڭ ئادىدا ئولتۇرۇپ بۇ تىمىنى يېزىۋاتىمەن.
قىزچاق ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ ! شۇ تاپتا سىز بالاغەت يېشىغا يەتكەنسىز ، بەدىنىڭىزدىكى پىزىلوگىيەلىك ئۆزگۈرۈشلەرگە قاراپ يىتىلگەنلىكىڭىزنى ھىس قىلغانسىز، ئەتىراپىڭىزدىكى يىگىتلەرگە قاراپ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزىڭىزنىڭ مەڭگۈلۈك ھەمرايىڭىزنى ئىزدەۋاتقانسىز ، باشقىلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئىللىق مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ يۈرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگنىڭىزدە بەدىنىڭىزنى بىر خىل تاتلىق سىزىم قاپلاپ ئۆزىڭىزنىڭمۇ شۇنداق بەخىتلىك دەقىقىلەرنىڭ پەيزىنى سۈرگىڭىز كەلگەن بلىشى مۇمكىن ، ھىكايە رومانلاردىكى ، رادىيو تېلىۋىزورلاردىكى قىز يىگىتلەرنىڭ مۇھەبىتى تەسۋىرلىرىدىكى نازۇك تەسۋىرى بايانلارنى كۆرگىنىڭىزدە بەدىنىڭىزدە ئۆزىڭىزمۇ كونترول قىلىپ بولالمايدىغان بىر خىل سىزىم پەيدا بولغان بولىشى مۇمكىن . يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى سىزدە يۈز بەرگەن بولىشى مۇمكىن ، ئەگەر شۇخىل مۇھىتتا سىزدە ئۇنداق سىزىم بولمىسا ئۇنداقتا سىزنى تېخى يىتىلمىگەن ياكى بىرخىل فىزىلوگىيەلىك نورمالسىزلىق بار دەيمىز. ئەمما شۇنى سورىغۇم كىلىدۇ ، سىزگە ئاشۇ بىردەملىك ھوزۇر لەززەت لازىممۇ ياكى مەڭگۈلۈك بەخىت لازىممۇ؟ ئېنىقكى ھەممە ئادەم بىردەك مەڭگۈلۈك بەخىت لازىم دەپ جاۋاپ بىرىدۇ.
ئەپۇسۇس ، بىز ئىنسانلار ئازغۇنلارمىز ، نىمە ئۈچۈن ئازغۇن سانىلىمىز ؟ چۈنكى بىزنىڭ قەلبىمىزدە شۇنداق بىر شەيتان باركى ئۇ بىزنى ھەر ۋاقىت ئەتىكى دۈمبىدىن بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى، بۈگۈن ياشىۋال ئەتە ئاللانىڭ ئۆزىگە ئامانەت دەپ بىزنى كۆز ئلدىمىزدىكى ھوزۇرنىڭ پەيزىنى سۈرۈشكە ئۈندەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ كۆزىمىز تورلىشىدۇ ، ھەقىقەتنى كۆرەلمەيمىز، باشقىلارنىڭ نەسىھىتىنى بولسا كۆرەلمەسلىك دەپ بىلىمىز. ئاخىردا تارتىدىغان زىياننى تارتىپ بۇرنىمىزغا يىگەندىن كىيىن خاتالاشقانلىقىمىزنى ناھايىتى كىچىكىپ ھىس قىلىمىز. ئەمما بۇ چاغدا بولسا ھەممىدىن قۇرۇق قالغان بولىمىز. بۇ يەردىكى قۇرۇق قېلىشنى شۇ تاپتا نىمە دەپ چۈشۈنىۋاتىسىز سىڭلىم؟ ئۆزىڭىزنىڭ ساقلاپ كېلىۋاتقان ، كەلگۈسىدىكى ھالال جۈپتىڭىزنىڭ ئامانىتىنى ساقلىيالماسلىق دەپ چۈشۈنەمسىز؟ ياق بۇ ئامانەتنى ساقلىيالمىغان بولسىڭىز بۇ بىر پاجىيە . سىز مەڭگۈ بىر لەنەت گەردى ، چۈنكى سىز كەلگۈسىدىكى جۈپتىڭىزنىمۇ پاسىق تىنىڭىز بىلەن بۇلغايسىز، پەرزەنتلىرىڭىزمۇ بىر ئىپپەتسىز ئايالنىڭ باللىرى بولىدۇ، بۇنداق بالىلاردىن ياخشىلىرى تەس چىقىدۇ. شۇڭا سىز مەڭگۈلۈك لەنەت گەردى. ئۇنداقتا سىزنىڭ يوقاتقىنىڭىز نىمە؟
سىز ئاشۇ شەيتاننىڭ ۋەس ۋەسىسى بىلەن بىر قىز ئۆزى ساقلاشقا تىگىشلىك ئىپپەتتىنمۇ مۇھىم بولغان پاك قەلىپنى ، پاك بىر روھنى تىنىڭىزدىن قوغلاپ چىقىرىسىز ، سىزدە پاك روھ بولمايدىكەن سىزدىكى ئىپپەتنىڭ يوقالمىقى بىردەملىكلا. ئۇنداقتا بۇ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن قانداق قۇتۇلىمىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن بىزدە كۈچلۈك ئىرادە ، غورۇر ، كۈچلۈك ئەخلاق ئېڭى ، سەمىمى ساداقەت بولىشى كىرەك . ئاشۇنداق شەيتاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغىنىڭىزدا ئۆز ئىززىتىڭىزنى قانداق قوغداشنى بىلسىڭىزلا بۇ شەيتاننىڭ ئۈستىدىن غالىپ كىلەلەيسىز.
قىزچاق قىز بالا جاڭگالدىكى بىر باغلام سۆك سۆك ئوتۇنغىلا ئوخشايدۇ . قارىسىڭىز شۇنداق چۈرۈك ، ئەۋرىشىم ، مەشكە قالامسىز ئوچاققىمۇ ھەممىگە باپ كىلىدۇ . ئەمما سەللا دىققەت قىلمىسىڭىز بىرلا ئوت تۇتۇشۇپ كەتتىما كۆزنى يومۇپ ئاچقۇچە بىر دۈۋە كۈلگە ئايلىنىدۇ . دىمەكچىمەنكى قىز بالىنىڭ نامى ئۇلۇق بۇلۇپ سەللا دىققەت قىلمىسىڭىز سىزنىڭ يامان نامىڭىز خەلقى ئالەمنىڭ ئېغىزىغا بىر چىقىپ قالسىلا ، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە سىز مەيلى قانچىلىك پاك بولۇڭ ، ئامانەتنى مەيلى قانچىلىك چىڭ ساقلىشىڭىزدىن قەتئى نەزەر ، سىز بىر ئىپپەتسىز قىز گۇماندارى ھىساپلىنىسىز.
قىزچاق بۇ دىگىنىم ، سىز ئوغۇللار بىلەن ئارلاشماڭ ئەمەس ، ئارلاشىڭىز بولىدۇ ، بەزىسى بىلەن دوست بولۇش مەقسىتىدە ئارلىشىسىز ، بەزىسى بىلەن ئۆز بەختىڭىزنى ئىزدەپ سىناپ بېقىش مەخسىتىدە ئارلىشىسىز، مەيلى قانداق مەخسەتتە ئارلاشماڭ مۇناسىۋىتىڭلارنىڭ مەلۇم باسقۇچقا چوڭقۇرلىشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئوتتۇراڭلاردىكى پەدشەپ بارغانسىرى نىپىزلاپ بارىدۇ ، ئەلبەتتە نورمالنى ئەھۋالدا بۇ پەدشەپنى قىزلار بۇزمايدۇ . ئوغۇللار ھەر خىل ۋاستىلارنى قوللۇنۇپ بۇزۇشقا ئورىنىدۇ (ئۇ ئوغۇلنىڭ مەقسىدىنىڭ توغرا بولۇش بولماسلىقىدىن قەتئى نەزەر) . مەسىلەن ، تاساددىپى مۇدۇرۇپ كەتكەن بولۇپ سىزگە يېپىشىپ قېلىش ، مۇدۇرۇپ كەتسىڭىز تۇتۇۋالغان بولۇپ ، ئۇزۇن سەپەردە بىرگە ئولتۇرۇپ قالسىڭىز مۈگدىگەن بولۇپ ، قاراڭغۇدا سىزنى قوغدىغان بولۇپ ، مەس بولۇپ قېلىپ سىزنىڭ قولىڭىزنى سىلاش ، ياكى يېپىشىۋېلىش دىگەندەك .........ئىشقىلىپ سەۋەپ تولىمۇ جىق . ھالقىلىق پەيت مانا مۇشۇ چاغ........
قىزچاق سىز مۇشۇ پەيتتە ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋالالىسىڭىز سىز مەڭگۈلۈك بەخىتنىڭ ئىگىسى بولىسىز. بۇ ئۆتكەلدىن ئىرادىسىز ، ھىسياتچان ، تەنتەك قىزلار ئاساسەن ئۆتەلمەيدۇ. چۈنكى بىر فىزىلوگىيە جەھەتتىن نورمال بىر قىزغا نىسبەتەن يات جىنىسنىڭ بەدىننىڭ بىۋاستە تىگىشى قىزنىڭ بەدىندىمۇ ئوتتەك بىر ئىللىق ھارارەتنى پەيدا قىلىپ قىزنى قىسقا پەيتلىك بىھۇش قىلىدۇ. كىممۇ بۇنداق تاتلىق سىزىمنىڭ ئۇزۇنراق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى خالىمىسۇن . سىز بۇ سىزىمدىن مەستخۇش بولۇپ خۇدىڭىزنى يوقۇتۇپ قويدىڭىزمۇ بولدى ، شۇنىڭ بىلەن ئوغۇللار پەدشەپنى مۇۋاپپىقىيەتلىك بۇزغان بولىدۇ -دە سىز بۇ ھالقىلىق پەييتتىن ئۆتەلمەي مەڭگۈلۈك بەخىتتىن قۇرۇق قالىسىز، ياكى قۇرۇق قېلىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقان بولىسىز. قىزچاق مۇشۇنداق پەيتتە شۇ نوقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشىڭىز كىرەككى سىزنى ھەقىقى سۆيىدىغان ئەركەك ئىككىڭلارغا نىكاھ ئوقۇلۇشتىن ئىلگىرى پەدشەپنى بۇزۇشقا ھەركەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ . دىمەك سىز ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇنداق يىگىت مەڭگۈلۈك ھەمرايىڭىز بولۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. پەدشەپنى بۇزۇشقا ئورۇنغان تەغدىردىمۇ دەرھال سىزنىڭ رەت قىلىشىڭىزغا ئۇچرىغاندىن كىيىن يىگىتنىڭ كۆڭلىدىمۇ سىز بىر ئىشەنچىلىك قىز تۇيغۇسىنى بىرىسىز -دە سىزنى مەڭگۈ قوغلۇشۇپ سىزدىن باشقىنى ياخشى كۆرەلمەيدىغان ھالەتكە يىتىدۇ، بۇمۇ ئاساسى جەھەتتىن سىزنىڭ تاللىشىڭىزنىڭ نامزاتى بولالايدۇ .بىرىنجى خىلدىكى يىگىتنى تاپالمىغىنىڭىزدا بۇ ئىككىنجى خىلىكى يىگىتمۇ بولىدۇ. ئەمما سىزنىڭ رەت قىلىشىڭىزغا پەرۋا قىلماي ھەركىتىنى تەكرارلىغانلار ياكى يېلىنىش ۋاستىلىرىنى قوللۇنۇپ پەدشەپنى بۇزۇشقا ئىنتىلگەنلەر قەتئىكى سىزنىڭ تاللىشىڭىز بولالمايدۇ . ئامالسىز سىزگىمۇ يىگىت چىقماي ئامالسىزلىقتىن تاللاپ سالغان تەغدىردىمۇ ئەگەر سىزدىن ياخشىسىنى تاپالىسىلا ئائىلىڭىزنى بۇزۇشتىن ھەتتا بالىلىرىڭىزنى يىتىم قىلىشتىن قورۇقماي سىزنى تاشلايدۇ .
قىزچاق يۇقارقىدەك تاللاشقا ھەر قانداق بىر قىز ئۇچرايدۇ ، ئەنە شۇ چاغدا ئۆزىڭىزنى قاتتىق تۇتۇۋېلىڭ ، مەيلى سىنىپتا ياكى باشقا جايلاردا بولسۇن ئوغۇللار سىزگە بەت قىلىق چاقچاق قىلسا ماڭا چاخچاق قىلىۋاتىدىغۇ دەپ ھەرگىز ھىجىيىپ بەرمەڭ . بۇنى ئۆزىڭىزگە قىلىنغان ھاقارەت دەپ بىلىپ تۇنجى قېتىمدىلا رەدىيە بىرىڭ ، شۇندىلا مەيلى سىزگە ھۆرمەت قىلالماي قالغان يىگىت بولسۇن ياكى يان بەللىرىڭىزدىكى باشقا ئوغۇللار بولسۇن ، ھەممىسى ھە ئەسلى بۇ قىز ئۇنداق تەنتەكلەردىن ئەمەسكەن دەپ سىزگە ھۆرمەت قىلىدىغان ، سىزگە قالايمىقان چاخچاق قىلمايدىغان بولىدۇ . بولمىسا سىز ئۇ كوللۇكتىپنىڭ ئىچىدىكى باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاچىدىغان قونچاق بولۇپ قالىسىز.
قىزچاق ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ ، ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزگە مەنسۇپ بولمىغان نەرسىگە ئىنتىلمەڭ . بىنەزەر بولۇڭ ، ئۆز قىممىتىڭىزنى قەدىرىڭىزنى ساقلىسىڭىزلا بەخىت دىگەن ئۆزى ئىزدەپ كىلىدۇ.
تۆۋەندىكى قىسقا تىمىنى ئوقۇپ قويۇڭ:
موڭغۇل ئېلىنىڭ خاقانى چىڭگىزخان قىزى ئالتەن بەكە (موڭغۇل تىلىدا ئالتۇن دىگەن مەنىدە) ئىدىقۇت ئېلى بىلەن قۇدىلىشىش مەقسىتىدە يولغا سالىدىغان ۋقىتتا قىزىغا نەسىھەت قىلىپ :«بەخىتلىك ئايالنىڭ ئۈچ ئېرى بولىدۇ » دىگەن .
بۇ لارنىڭ بىرى : دۆلەت
ئىككىنچىسى : ياخشى نام
ئۈچۈنچىسى : ئۆز ئېرى
مانا مۇشۇ ئۈچ ئەرگە ئىگە بولالىساڭ سەن بەخىتلىك بولغان بولىسەن . ئەگەر سەن دۆلەتكە سادىق بولۇپ ، ئەدەپ قائىدىلەرگە ئەمەل قىلالىساڭ ، تەبىئى ھالدا ياخشى نامغا ئىگە بولىسەن . ياخشى نامىڭنى مەھكەم ساقلىيالىساڭ ھېچقانداق ئەرنىڭ سېنى تاشلىۋەتكۈسى كەلمەيدۇ دىگەن .
دىمەك بىر قىز بالا ئۈچۈن ئېيتقاندا ياخشى نام ئىنتايى مۇھىم . ياخشى نامنى مەڭگۈ ساقلاش ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاقىتتا قىزلار ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى بىلىشى كىرەك.
قىزچاق ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ! ھەقىقى بەخىت ئۆزىڭىزنىڭ قولىدا.
مەنبە :
http://kilaqak.com/bilim/forum.p ... ad&tid=1135