مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1256|ئىنكاس: 10

مەن سېنى سۆيەلمىدىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈمىدۋار بول ئاي !

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 675
يازما سانى: 1268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13739
تۆھپە نۇمۇرى: 771
توردا: 1330 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 04:59:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كەچۈر ، مەن سېنى سۈيەلمىدىم.....................





يېرىم كېچە ، ھەممە ئۇيقۇدا ، پۈتۈن جاھان جىمجىت سۈكۈتكە پاتقان . كۈندۈزدىن ھېلىدىن - ھېلىغا ئۆگزىدىن ھويلىغا چۈشۈپ دانلاپ يۈرۈيدىغان ئاكام باققان كەپتەرلەرمۇ ، باغدىكى ئالما دەرەخلىرىگە قونۇپ بەس - بەستە سايرىشىدىغان قۇشلارمۇ ، ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۈگۈرۈپ يۈرۈيدىغان كەپسىز ئاسلانچىقىممۇ ......... ئىشقىلىپ ، ھەممە ھەممە مەۋجۇدات ئۇيقۇدا . لېكىن مېنىڭ كۆزلىرىم ئۇيقۇدىن يىراق ، دېرەمزىن مارىلاپ تۇرغان ئايغا قاراپ خىيالغا پېتىپ ئولتۇرىمەن . ئىچىمنى خۇددى بىرى پىچاق بىلەن تىلغاندەك بىئارام بولماقتا ئىدىم . قۇلاق تۈۋىمدە سېنىڭ تېخى نەچچە سائەت ئىلگىرى ماڭا ‹‹ سەندە كۆڭۈل دېگەن نەرسە يوق ، سەن بىر ھېسياتسىز ئىنسان شەرمىناز . ئىنكار قىلما ، ئەگەر سەندە كىچىككىنە كۆڭۈل دېگەن نەرسە بولسا ئىدى مېنىڭ ساڭا بولغان كۆڭلۈمگە ، شۇنچە يىلدىن ساڭا قىلىپ كېلىۋاتقان ئەقىدەمگە بۇنچە ئېتىبارسىز قارىماس ئىدىڭ !؟ سەن بىر تاش يۈرەك ، دېگىنە يۈرىكىڭ راستنلا تاشمۇ ؟ مېنى ئىشقىڭدا ئازابلىنىپ ئۆلسۈن دەمسەن ؟ ۋەياكى مېنى بىر ئۆمۈر مۇھەببىتىڭگە زار بولۇپ ھەسرەت ئىچىدە ياشىسۇن دەمسەن ؟! مېنى توغرا چۈشەن دەيسەن ، لېكىن سەن نېمىشقا مېنى ھەم ساڭا بولغان كۆڭلۈمنى چۈشەنمەيسەن ؟! دېگىنە ، نېمىشقا ! ؟ ›› دېگەن ھەسرەتلىك نىدالىرىڭ ، مۇھەببەت بىلەن نەپرەت ئارلاشقان تولىمۇ مىسكىن ئاۋازىڭ ياڭراۋاتىدۇ .......





بىلەتتىم ، سەن ماڭا تېلفۇن قىلغان چاغدىلا سېنىڭ مەندىن يەنە سۆيگۈ سورايدىغىنىڭنى ، ئۆزۈمنىڭ سېنى يەنە بۇرۇنقىدەكلا ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغىنىمنى ، دىلىڭغا يەنە ئازار بېرىدىغىنىمنى بىلەتتىم . بىراق ، تىلفۇننى ئالمىسام سېنىڭ دىلىڭ يەنە ئوخشاشلا ئاغرىيتتى ، چۈنكى ئۆزۈڭ ماڭا تالاي قېتىم شۇنداق دېگەنىدىڭ . ھېلىمۇ سەن مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىن بېرى دىلىڭغا تالاي قېتىم ئازار بەردىم . ئەمما ئىشەنسەڭ ، ماڭىمۇ نېمە ئامال ؟! . كۆڭۈلگە نېمە ئامال ؟! ياكى زورلاپ تاڭغىلى بولمىسا ؟! سېنى مەندىن ۋاز كەچسىكەن دەپ قەستەن ساڭا قوپال مۇئامىلىدە بولدۇم ، ساڭا پەرۋاسىز قارىدىم . ئەمما سەن ھەممىگە چىدىدىڭ ، مەندىن ۋاز كەچمىدىڭ . ماڭا بولغان كۆڭلۈڭ قىلچىمۇ ئۆزگىرىپ قالمىدى ، مۇھەببىتىڭ سۇسلىشىپ قالمىدى..............





مەن سېنى ساۋاقدىشىم شۇنداقلا دوستۇم دەپ بىلەتتىم ، ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم ئىچىدە ساڭا ئامراق ئىدىم . بىر كۈنى  تۇيۇقسىزلا سەن ماڭا كۆڭلۈڭنى ئىزھار قىلدىڭ ، مەن دەسلەپتە بۇنى چاقچاق دەپ بىلدىم . چۈنكى ، سەن مېنىڭ مەكتەپ ھاياتىمدا مۇھەببەت يولىغا كىرمەيدىغىنىمنى ئوبدان بىلەتتىڭ . ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇ گېپىڭنىڭ چاقچاق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم ، ئەمما مەندە ساڭا نىسبەتەن ھېچقانداق مۇھەببەت تۇيغۇسى يوق ئىدى . كۈنلەر ئۆتۈپ سېنىڭ مېنى ئەگىپ يۈرۈشلىرىڭ ، ئۇنى - بۇنى باھانە قىلىپ يېنىمدىن كەتمەي تۇرىۋېلىشلىرىڭ مېنى بىزار قىلىشقا باشلىدى ، شۇ سەۋەبتىن مەن ساڭا قوپال مۇئامىلە قىلىدىغان كىيىنچە بولسا گەپمۇ قىلمايدىغان بۇلۇۋالدىم . كىيىن ھەتتا سەن مېنىڭ سېنى داۋاملىق رەت قىلىشىم ھەم بىر نەچچە ئېغىز قاتتىق گەپ قىلىشىم سەۋەبلىك تولۇق ئوتتۇرىدا ئۇقۇشتىن ۋاز كەچتىڭ ، ئەمما مەن پىسەنىتمۇ قىلمىدىم . چۈنكى ئۇ چاغلاردا مەن سەندىن بەك بىزار ئىدىم . ئەمدى بىلسەم مەن نادانلىق ھەم گۆدەكلىك قىلغان ئىكەنمەن ، شۇ چاغلاردا سېنىڭ دىلىڭ مەندىن بەك ئازار يەپتىكەن . ئەمدى ئويلىسام شۇ چاغلاردا ساڭا قىلغانلىرىن ئۈچۈن بەك پۇشايمان قىلىمەن ، مەن سەۋەبلىك ئۇقۇشتىن چىكىنگىنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمنى گۈناھكار ھېسابلايمەن . كەچۈرگىن ، شۇ چاغلاردا گۆدەكلىك قىلىپ ئىستىقبالىڭنى نابۇت قىلغىنىم ئۈچۈن مېنى كەچۈر !





نەچچە يىل ئۆتۈپ مەن سەن بىلەن ئەمەس بەلكى سەن بىلەن تەڭلا ماڭا مۇھەببەت ئىزھار قىلغان يەنە بىرى بىلەن يۈردۇم . سەن ئۈمىدسىزلەنگەن ، ئازابلانغان بولساڭمۇ لېكىن يەنىلا ماڭا بەخت ھەم خۇشاللىق تىلىدىڭ . مەن شۇ چاغدىمۇ مېنىڭ بۇ تاللىشىمنىڭ ساڭا قانچىلىك ئېغىر ئازاب ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغانكەنمەن . مۇھەببەتنى بولسا تېخى چۈشەنمەپتىكەنمەن ، قىزىقىشنىڭ ئۆزىنى مۇھەببەت دەپ بىلگەنكەنمەن . سەن ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۆتەتتىڭ ، چۈنكى بىز ساۋاقداش ئىدۇق . ھەر قېتىم ساۋاقداشلار ، دوستلار ئولتۇرۇشقا بارغاندا سېنىڭ مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن خۇشال كۈلىشىپ ئولتۇرغىنىمغا قاراپ قاراپ تاماكىنى كۈچەپ - كۈچەپ شوراپ ماڭا قاراپ مۇڭغا پېتىپ ئولتۇرغىنىڭنى كۆرگەندە نېمىشقىكىن شۇنچىلىك بىئارام بولۇپ كېتەتتىم - يۇ ، لېكىن ئۇندىن ئارتۇق ئويلاپ يېتەلمىگەنكەنمەن . كەچۈرگىن ، سېنى شۇنداق ئازابقا دۇچار قىلغىنىم ، يۈرىكىڭگە خەنجەر ئۇرغىنىم ئۈچۈن مېنى كەچۈر !





ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندىمۇ يەنە سەن بار ئىدىڭ . شۇ چاغدا ئۇ مېنىڭ ئۆزىگە قىلغان بۇ ۋاپاسىزلىقىمغا چىدىماستىن غەزەپ بىلەن مۇشتۇملىرىنى تۈگۈپ مېنىڭ ئالدىمغا كەلگەندە يەنە سەن ئۇنى تۇتىۋالدىڭ ھەم ‹‹ ئۇنى بىرەر ئېغىز ھاقارەتلەيدىغان ياكى قول تەككۈزىدىغان بولساڭ سېنى ھەرگىزمۇ بوش قويىۋەتمەيمەن ›› دەپ ۋارقىرىدىڭ . شۇ چاغدا سېنىڭ ماڭا قانچىلىك كۆڭلۈڭ بارلىقىنى ، ماڭا قانچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغىنىڭنى تۇنجى قېتىم تۇلۇق ھېس قىلدىم . يەنە بىلسەڭ ، ئەسلىدە گۈناھ مەندە ئىدى ، ئۇ مېنىڭ بۇ ۋاپاسىزلىقىم ، ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى خار قىلغىنىم ، ئەقىدىسىنى يەرگە ئۇرغىنىم ئۈچۈن مېنى تىللاشقا ، يۈزۈمگە بىر شاپىلاق سېلىشقا ھەقلىق ئىدى . چۈنكى مەن ھېچبىر سەۋەبسىزلا ئۇنىڭغا ئايرىلىپ كېتىش تەلىپىنى قويغان ھەم شۇنداقلا ئۇنىڭغا ‹‹ ساڭا پەقەت كۆڭلۈم يوق ›› دەپ ئۇنى ئاسماندىن ئېلىپ يەرگە تاشلىغان ئىدىم . سەنمۇ بىلىسەن ، ئۇمۇ مېنى خۇددى ساڭا ئوخشاشلا ياخشى كۆرەتتى ، جېنىدىن ئەزىز بىلەتتى . ئۇنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ ماڭا ‹‹ ساڭا شۇنداق ئىشەنگەنتىم ، شۇنچىلىك ئەقىدە قىلغانتىمغۇ ؟! ئەمدىلىكتە ماڭا بەرگە جاۋابىڭ ۋاپاسىزلىق بولدىما ؟! ›› دېگەن ھەسرەتلىك ئاۋازى يۈرىكىمدە قېتىپ قالدى . شۇندىن كىيىن مەن مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەندىم . مەن مۇھەببەتنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ماڭا ئاشىق ئىككى يۈرەكنى زېدە قىپتىمەن ، بىرىنى چەكسىز ھەسرەتتە قويۇپ ، يەنە بىرىگە ۋاپاسىزلىق تامغىسىنى بېسىپ ئازابقا مۇپتىلا قىپتىمەن . كىيىن ماڭا يەنە كۆڭۈل ئىزھار قىلغىنىڭدا سېنى رەت قىلدىم ، چۈنكى يۈرىكىمنى تۇتۇپ باقسام سېنى پەقەت ياخشى كۆرمەيدىكەنمەن ، ئۇنىمۇ ھەم ياخشى كۆرۈپ باقماپتىمەن . شۇڭا سېنىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ھەسرەتتە قويۇشنى ، ساختا مۇھەببەت بىلەن ئالداشنى ۋىجدانىم كۆتۈرمىدى . شۇ چاغدا سەنمۇ يىغلىدىڭ ، ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كەتتى . كەچۈرگىن ، كۆزۈڭدىن ياش ئاقتۇرغىنىم ئۈچۈن مېنى كەچۈر !





ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتۈپ كەتتى . سەن يەنىلا ئۆزگەرمىدىڭ ، ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭ ئۆزگەرمىدى . ئەكسىچە مېنى بۇرۇنقىدىنمۇ بەك ياخشى كۆرۈپ كەلدىڭ ، مېنىڭ ساڭا بەرگەن جاۋابىم بولسا سەن ئاڭلاشنى خالىمايدىغان ، ھەر قېتىم ئاڭلىغىنىڭدا بولسا ئازاب ئىچىدە ئېغىر تارتىشقا مەجبۇر قىلىدىغان شۇ ‹‹ ياق ›› دېگەن سۆز بولدى . سېنىڭ ماڭا بولغان بۇ مۇھەببىتىڭ ئالدىدا مەن ۋىجدان ئازابىغا قالدىم ، شۇ سەۋەب ساڭا كۆڭۈل بېرىشكە تىرىشىپ باقتىم ، ئۆزۈمنى ئالداپمۇ باقتىم ، لېكىن مۇھەببىتىڭنى قۇبۇل قىلىشقا ، ساڭا كۆڭۈل بېرىشكە ئامالسىز قالدىم . سېنى ماڭا نەپرەتلەنسىكەن ھەم شۇ نەپرەت بىلەن مېنى ئۇنتۇپ كەتسىكەن دەپ تالاي قېتىملىق تىلفۇنۇڭنى ئالمىدىم ، ئۇچۇر قىلساڭ قايتۇرمىدۇم ، كۆرۈشۈپ قالغۇدەك بولساق ساڭا پىسەنت قىلمىدىم . سەن بىلمەيسەن ، چۈشەنمەيسەن ، ھېس قىلالمايسەن ، سېنىڭ مۇھەببىتىڭگە لايىقىدا جاۋاب بېرەلمىگىنىم ، شۇنچە يىلدىن بېرى ماڭا قىلغان شۇ ئەقىدەڭگە سەن خۇش بولغۇدەك جاۋاب قايتۇرالمىغىنىم ئۈچۈن قانچىلىك ئازاب ئىچىدە ، ۋىجدان ئازابى ئىچىدە ئۆتىۋاتقىنىمنى سەن ھەرگىزمۇ بىلمەيسەن . ھەر قېتىم تىلفۇن قىلغىنىڭدا مېنى ساقلايدىغىنىڭنى ، ھەتتا توي قىلىپ كەتسەممۇ مېنى يەنە نەچچە يىلغىچە ساقلايدىغىنىڭنى ، ئەگەردە كېلىشەلمەي قالسام........ مۇشۇلارنى دېگىنىڭنى قانچىلىك ئازابلىنىدىغىنىمنى ، يۈرىكىمنى خۇددى بىرى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئېچىشىدىغانلىقىنى سەن بىلمەيسەن ئەلۋەتتە ! سېنىڭ ماڭا بولغان شۇ مۇھەببىتىڭ ، نەچچە يىلدىن بېرى ماڭا قىلىپ كېلىۋاتقان شۇ ئەقىدەڭ ئالدىدا مەن قارا يۈزمەن ، نېمىشقا دەمسىنا ؟ چۈنكى كۆڭلۈمدە باشقا بىرى بار . سەن ماڭا قانچىلىك ئاشىق بولساڭ مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئاشىقلىقىم ھەم ئۇنىڭدىن قېلىشمايدۇ . شۇ سەۋەپ ساڭا كۆڭلۈمدىن ئۇرۇن بېرىشكە ، سۆيگۈ بېغىمنىڭ بۇلبۇلى قىلىشقا ئامالسىزمەن . كەچۈرگىن ، ساڭا كۆڭلۈمدىن ئۇرۇن بېرەلمىگىنىم ، سېنى مەشۇقسىز ئاشىق قىلغىنىم ئۈچۈن مېنى كەچۈر !




----------------شەرمى^^ناز ---------------


[mp3=1]http://alkin.cn/nahxa/ozbak/Nodirbek/Sevolmadim.mp3[/mp3]


گۈزەللىك ئۈستىگە پاكلىق قوشۇلسا ، قەنت ئۈستىگە ھەسەل سۈركىگەندەك بولىدۇ .

كېرەك يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6390
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1288 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 09:24:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسىرلىككەن ....
مىنىڭ دوستۇمنى يازغاندەكلا قىلىسىز....

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ،ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرگە ئوخشاش!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7749
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 09:27:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ، كىرىشتۈرمە سۈرەتلەرمۇ ياخشى چىقىپتۇ

ھەزىرىتى ئۆمەر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24873
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6912
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 1334 سائەت
تىزىم: 2011-1-3
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 09:31:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈرەت بىلەن يىزىشتىكى مەزمۇن ئۆزگىچە چىقىپتۇ .

بىر قوتان مىلىڭ بولسىمۇ ، پەزىلەتلىك خوتۇنۇڭ بومىسا بىكار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29903
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7240
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 1287 سائەت
تىزىم: 2011-2-10
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 10:42:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن .ياخشى يېزىپسىز.

ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ،ئويلاپ سۆزلە ، دىلىڭ بىلەن تىلىڭ بىردەك بولسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20447
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6307
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 10:42:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى يېزىپسىز رەھمەت سىزگە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56754
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3417
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 489 سائەت
تىزىم: 2011-9-16
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 04:44:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    شۇنداق ياخشىكەنغۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7877
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1518 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 01:37:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس يىزىپسىز قۇما

ئابدىقەييۇم

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16591
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7147
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2012-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 12:44:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭچە مۇھەببەت مۇشۇنداق بۇلامۇ ؟ بولسىمۇ ئاز غۇ دەيمەن ؟

ئابدىقەييۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79406
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3047
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-4-27
ئاخىرقى: 2012-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 12:13:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز قانچىلىك چۇنىسىز مۇھاببىتنى  !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش