مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5903|ئىنكاس: 52

ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51044
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9861 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 04:11:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر



(كىروران گۈزىلى)

(يۈسۈپ خاس ھاجىپ)




(مەلىكە ئاماننىساخان)





(تاشاخۇنۇم)

(ئىپارخان)

(ئاكا-ئۇكا موسابايوفلار)

(مەمتىلى ئەپەندى)

(لۇتپۇللا.مۇتەللىپ)

(ئابدۇخالىق.ئۇيغۇر)

(زۇنۇن قادىرى)


(ئىبراھىم مۇتىئى)





(ئا.ئۆتكۈر)

(رۇزى.سايىت)




(سەيپىدىن ئەزىزى)

(زوردۇن سابىر)


[mp3=1]http://tayir.tordax.com/upload/media/504/12c963196-Kc.mp3[/mp3]
مەنبە:يىغىپ-ساقلىۋالغانلىرىم.

ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
رافىت + 99 بوشلوققا ساقلىۋالدىم بىسوراق ھى ھى ھ
sazguri + 100 رەھمەت
alzaman + 1000 ئەجرىڭىزگە رەھمەت
nazila998 + 100 پەخىرلىك كىشىلىمىز
bujahan + 20 ئىسىل

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1319   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1448
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15681
تۆھپە نۇمۇرى: 1335
توردا: 544 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 05:43:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىلىتىمىزنىڭ داڭلىق شەخىسلەرنى تۇنۇشتۇرغىنىڭىزغا كوپ تەشەككۇر

ئۇيغۇرتائاملىرىنى دۇنياغا تۇنۇتايلى

گۈلۈم ، كەتمە يېنىمدىن ...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1744
يازما سانى: 1872
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14104
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 1409 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 05:45:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئاۋۇ  ئىپارخان ئەمەس  ، مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم ! يەنى ئاپپاق خوجىنىڭ تۇنجى ئايالى !  ئۆزگەرتىۋېتىڭ !
  
    يەنە ئەخمەتجان قاسىمى ، ئابدۈشكۈر يالقۇن ،خوجىنىياز ھاجى  ، زۇنۇن قادىرى  قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى ، بۇلارنى قوشماپسىز !
           ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر !

نە ئۈچۈن ياراتتىڭ ئەي ئۇلۇغ خۇدا ،
سۆيگەننى سۆيدۈرپ سۆيمىگەنلەرنى.
قىلساڭ بولماسمىدى جېنىدىن جۇدا ،
كۆيگەننى كۆيدۈرۈپ كۆيمىگەنلەرنى...

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 05:49:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇقادىر داموللام، سۇلتان ئابدۇرەشىتخان، ناۋائىي، فارابى، خوجىنىياز ھاجىم، مەھمۇت مۇھىتى.............
بۇلارنىڭ رەسىملىرى ھېچكىمدە يوقمىدۇ؟
مەندە بار ئىدى، كومپىيۇتىرىم بۇزۇلۇپ قىلىپ ھەممە رەسىملىرىم يۇيۇلۇپ كەتتى.
لېكىن يەنىلا تېمىڭىزغا رەھمەت، ھە راست رۇخسەت سورىماستىن بارلىق رەسىملىرىڭىزنى چۈشىرىۋالدىم... يەنە بىر قېتىم رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51044
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9861 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 06:02:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




تۇلۇقلاندى


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50736
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5239
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2011-8-6
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 06:03:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت

ئوت ئادەمنى ،مۇھەببەت ئالەمنى ئىستىدۇ .

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 787
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13859
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 312 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 06:06:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋالاي ، بالىلىرىمغا ھىكايە قىلىپ بىرىمەن . رەھمەت !

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55015
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3160
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 181 سائەت
تىزىم: 2011-9-6
ئاخىرقى: 2015-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 06:16:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوماق ئۇكام ،،،،،،،مەنمۇ ساقلىۋالدىم.....مەن بۇنداق ئۇلۈغلىرىمىزنىڭ رەسىمىنى ساقلاشقا ئامراق.....

سەبىر قىلاي،شۈكرى.ئۇف

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 6235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29074
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 2072 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 06:19:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

<ھەزسۇلتان> دېگەن سۆز <ھەزرەت سۇلتان> دېگەن سۆزنىڭ جانلىق تىلىدا ئېيتىلىشى بولۇپ < ھەزرەت سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان> دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى. <سۇلتان> دېگەن سۆز ئەرەبچە <سەلتەنەت ئىگىسى> دېگەن بولۇپ، سۇتۇق بۇغراخان نامىغا ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلىرىدا قوشۇلغان بولۇشى مۇمكىن. تارىخىي ماتېرىياللاردا بولسا <سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئابدۇكېرىم> دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. <ئابدۇكېرىم> ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن قويۇلغان ئىسمى.
كىچىك ۋاقتىدا ئاشۇ <ھەزسۇلتۇنۇم>غا بالىلار بىلەن بېرىپ ئوينايتتۇق. كېيىنرەك، مازارنىڭ شەيخى __ ئاقساقال بوۋايدىن <ھەزسۇلتۇنۇم> توغرىسىدا ئۇزاق - ئۇزاق قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى ئاڭلايتتۇق. شۇنداق قىلىپ، ياش ۋاقتىمدا سۇتۇق بۇغراخان توغرىسىدا سىڭىپ قالغان بۇ تەسىر چوڭ بولغاندىن كېيىن بىر نەرسە يېزىش ئارزۇسىنى پەيدا قىلغانىدى. لېكىن بۇ ئارزۇ تۈرلۈك سەۋەپلەر ۋە ئىشنىڭ ئالدىراشلىقى بىلەن ئەمەلگە ئاشماي كەلدى. ئەمدىلىكتە، 65 يېشىمدا تارىخ توغرىسىدا بىر قەدەر تەپسىلىيرەك ماتېرىيال كۆرۈپ تەتقىق قىلىشقا ۋە بۇ روماننى يېزىشقا پۇرسەت بولدى.
ئۇيغۇر تارىخى ئۇزاق، مۇرەككەپ، باي مەزمۇنلۇق، شۇنىڭدەك سىياسى، ئىجتىمائىي كۆرەش پائالىيەتلىرى بىلەن تولغان.
ئۇيغۇر ئۆز تارىخدا قەدەممۇقەدەم ئۆسۈش، بىرلىشىش جەريانىنى بېسىپ ئۆتكەن، يەنى ئۇرۇقلار بىرلىشىپ قەبىلىگە، قەبىلىلەر بىرلىشىپ ئۇلۇسقا، ئۇلۇسلار بىرلىشىپ تېخىمۇ چوڭراق خەلقلەر تۈركۈمىگە تەرەققىي قىلغان. ئاندىن كېيىن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى مۇئەييەنلىشىپ مىللەت شەكلىنى ئالغان. بۇ جەريان 2000 يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئورخۇن - بالقاشتىن كوئىنلۇنغىچە، خېشى كارىدورى __ دۇنخۇاڭدىن ئامۇ دەرياسىغىچە بولغان كەڭ تېررىتورىيىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى 500 - 300 يىلدىن، مىلادىدىن كېيىنكى 5 - ئەسىرگىچە، ئالاھىدىلىكى بىر - بىرىگە يېقىن بولغان نۇرغۇن تۈركىي ئۇرۇقلار، قەبىلىلەر ياشىغان. يېقىنقى زامان ئالىملىرى شۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن قەبىلە ۋە خەلق تەرىپىدىن قوللىنىلغان تىلغا ئۇقۇم خاراكتېرىدە تەرىتىپ بېرىپ <تۈركىي تىللار> دەپ ئاتىغان.
تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان بۇ كۆچمەن چارۋىچىلار ئىچىدە، <دىڭلىڭ> دەپ ئاتالغان بىر خەلق بار. <دىڭلىڭ> دېگەن بۇ نام كېيىنكى ۋاقىتلاردا خەنزۇچە تارىخىي ھۆججەتلەردە تېلې، گاۋچې <قاڭقى> دەپ ئۆزگەرتىپ يېزىلغان.
دىڭلىڭلار دەسلەپتە بىر خىل قەبىلىلەر بىرلەشمىسى بولۇپ، بۇ قەبىلىلەر بىرلەشمىسىدە ئۇيغۇرلار مۇھىم ئورۇن تۇتاتتى. خەنزۇچە تارىخىي ھۆججەتلەردە ئۇيغۇر دېگەن نام يۇەنخىې، خۇيخې، ۋىخې، خۇيخۇ دەپ ئۆز تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە ئاھاڭ جەھەتتىن تەرجىمە قىلىنغان. 5 - ئەسىردىن كېيىن، سىياسىي ۋەزىيەتتىىكى جىددىي ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن، بۇ دائىرىدىكى ئاھالىلەر ئارقا - ئارقىدىن ئۆزىگە لايىق رايونلارغا كۆچۈشتى. ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ ئاساسلىق پۇقرالىرى ئورخون، توغلا، سېلىنگا دەرياسى ۋادىللىرىغا جۇغلاستى. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم تارىخىي پائالىيتى 744 - يىلدىن 840 - يىلغىچە بولغان ئورخون ئۇيغۇر خاندانلىقى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خاندانلىقنىڭ ئىچكىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يىقىن بولغان. ئۇيغۇر خاندانلىقى 759 - يىلى تاڭ سۇلالىسىگە ياردەملىشىپ <ئۆڭلۈك - سۆيگۈن> (بۇلارنى خەنزۇچە يازمىلاردا ئەنلۇشەن، شى سىمىن دەيدۇ) توپىلاڭلىرىنى تىنچىتقان. بۇ پائالىيەت بىلەن تارىختا كۆپ ھېكايە قىلىنغان < ئات - يىپەك ماللار سودىسى> بارلىققا كەلگەن. تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇيغۇر خاندانلىقى ئوتتۇرسىدىكى بۇ سودا يۈز يىل داۋام قىلغان.
840 - يىلى، تەبىئىي ئاپەت ۋە باشقا ئۇلۇسلار بىلەن ئۇرۇشتا مەشلۇپ بۇلۇش ئاقىۋىتىدە ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ بىرلىكى شىكەست يېدى. ئورخون، توغلا، سېلىنگا دەرياسى ۋادىللىرىدىكى ئۇيغۇرلار تۇرمۇش ئېھتىياجى ئۈچۈن تۆت تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ باشقا جايدىكى ئۆز قېرىنداشلىرى يېنىغا كۆچۈشتى. بىر تۈركۈمى جەنۇبقا كۆچۈپ، كېيىنكى يىللاردا بۈگۈنكى جېبېي، شەنشى دائىرلىرىدا ئولتۇرۇاقلىشىپ قالغان. قالغان ئۈچ تۈركۈمى غەرىبكە يۈرۈپ، خېشى < بۈگۈنكى گەنسۇنىڭ غەربىي>، تۇرپان ئويمانلىقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرىدا ئورۇنلىشىپ، شۇ جايدا ياشاپ كەلگەن قېرىنداشلىرى ۋە باشقا خەلىقلەر بىلەن قوشۇلۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خېشى ئۇيغۇرلىرى دۆلىتى، قاراقوچۇ - ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى ۋە قاراخانىلار دۆلىتىنى قۇرغان.
قاراخانىلار دۆلىتى ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان. بۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى ئىچىدە يەنە قارلۇق، باسمىل، چېگىل، تۈركەش، ياغما ھەم باشقا تىل سىستېمىسىغا مەنسۇپ سوغدې ىاتارلىق دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاھالىلەر ۋە كۆچمەن چارۋىچىلار بار ئىدى.
دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە، قوچۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن خېشى ئۇيغۇرلىرى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. سۇتۇق بۇغراخاننىڭ بىرىنجى بولۇپ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشى بىلەن بۇ دىن پۈتۈن قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ دۆلەت دىنى بولۇپ قالغان. ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدا بولسا، بۇ ئۈچ تۈركۈم ئۇيغۇرلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن دېھقانچىلىققا ئۆتكەن.
بۇ ئۆزگىرىشنى مەيلى جەمئىيەت خاھىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسۇن، ۋە مەيلى تارىخىي شەخىسلەرنىڭ پائالىيتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسۇن، ئۇ مۇقەررەر يوسۇندا غايەت زور ئىنكاس قوزغىغان ھەم گىرەلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ زىددىيەتنى پەيدا قىلغان.
مۇرەككەپ زىددىيەتنى پەيدا قىلغۇچى يەنە بىر ئامىل قوراللىق توقۇنۇش، ياكى ئۇرۇش ئىدى. قاراخانىلار خاندانلىقىنى ئېلىپ ئېيتايلى، ئۇ ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ قوچۇ ئۇيغۇرلىرى ھاكىيمىتى، خوتەن بۇددىستلار ھاكىيمىتى بىلەن بەزىدە ئۇرۇشلارنى قىلغان. ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن سامانىلار خاندانلىقى ۋە غەزنىۋى خاندانلىقى بىلەن ئۇزاق ئۇرۇش قىلغان.
ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدىكى تارىخىي ھۈججەتلەر ئاز ئەمەس. <كونا تاڭنامە> دىكى <ئۇيغۇرلار> بابىدا تاڭ تەيزۇڭ لى شىمىننىڭ: <627 - 649 - يىللىرىدا بەش تېكىن باشچىلىقىدىكى 20 قەبىلە ئۇيغۇر تالاس دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا ياشىغان> دېگەن سۆزى يېزىلغان. مەھمۇد قەشقەرى: < ئۇيغۇرلار ئىلى، ئېرتىش، يامار، ئېدىل(ۋولگا) بويلىرىدا ياشىغان. ئۇلارنىڭ تىللىرى يەڭگىل - توغرا، ياخشى تىل> دېگەن. <سۈينامە>دە: <ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئارال دېڭىزىنىڭ شەرقىدىن ئېۋىرغۇل (قومىت بالىق - قۇمۇل)نىڭ شەرقىغىچە بولغان جايلاردا ياشىغان> دېيىلگەن. پارىژ ئالىي مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى ھېنرى: <10- ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر، قارلۇق ئوخۇزلارنىڭ ماكانى ئىدى> دىگەن. < ئۇيغۇرلار قەدىمكى تۈرك قەبىلىلىرىگە مەنسۇپ بولۇپ قالماي، ئۇلار تۈركىي خەلىقلەر ئارىسىدا كەڭ تارالغان> (ۋ.ۋ.رادلوۋ). بارتولد رادلوۋنىڭ قارىشىنى قۇۋەتلەپ: <ئۇيغۇر - تۈرك> دەپ ئاتىغان.
ئورخۇن ئۇيغۇر خاقانى مويۇنچۇرنىڭ قەبرىسىدىكى 8 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەڭگۈ تاشتا: <قالمىس بودۇن ئون ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇز وزا يۈز يىل ئولۇرۇپ> دېيىلگەن. بۇنىڭ مەنىسى: <بۇ جايدىكى قالغان خەلقلەر - ئون ئۇيغۇر - توققۇز ئوغۇزلار يۈز يىلدىن ئارتۇق ياشىدى> دېگەن بولىدۇ. دىمەك، ئۇيغۇرلار 3 - ئەسىردىن خېلى ئىلگىرىلا مەۋجۇد بولغان، كۆچمە دۆلىتى بولغان، جەمىئىيتى بولغان. 7-، 8 - ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ رەسمىي دۆلىتى (خاقانى) بولغان. قەدىمكى بۇددا دىنى كىتابىنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلغان بىر تېكىستە: <ئۇيغۇر ئىلى ئالىك ئورتون ئۇلۇستا توسۇپ بالگوروپ> (ئۇيغۇر دۆلىتىدە ئۇلۇستا ئىلىك __ خاقان بولغان) دەپ يازغان. خەنزۇ تارىخچىسى خۇاڭ ۋىنبىنىڭ <تۇرپان> دېگەن ئەسىرىدە <ئۇلۇغ ئۇيغۇر دۆلىتى> دېيىلگەن. رادلوۋ: بىر قاتار ئاپتۇرلارنىڭ ئەسەرلىرىدە يېزىلغان <ئۇيغۇر>، <ئون ئۇيغۇر>، <توققۇز ئۇيغۇر>، <ئوغۇز، توققۇز ئوغۇزلار> ھەممىسى ئوخشاش بىر خەلق __ ئۇيغۇرلار، دەپ يازغان.
يوقىردىكى پاكىتلارغا ئاساسەن شۇنى مۇقىملاشتۇرۇش مۇمكىنكى، ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئەسىرلەردە تۇيۇقسىز مەيدانغا چىقىپ قالغان ياكى تامامەن باشقا ياقتىن كېلىپ قالغان خەلق ئەمەس، ئۇلار قەدىمدىن تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنى بېسىپ كىچىكتىن چوڭغا، تۆۋەندىن يوقىرىغا ئۆسۈپ، ئۇلغىيىپ كەلگەن بىر خەلق. ئۇلار ئۆز ئەمەلىيتىدە سىياسى، ئىقتىسادىي مەدەنىيەت (تىل - يېزىق) جەھەتلەردە دەۋرمۇدەۋر تەرەققىي قىلىپلا قالماستىن، باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ (غەرب - شەرىقتىكى تۈركىي بولمىغان خەلقلەرنىڭمۇ) ۋە خەنزۇ خەلقنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خەنزۇلارنىڭ ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ ھەم ئەللەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە ياردىمىگە ئىگە بولغانلىقى تەبىئىي.
قاراخانىلار خاندانلىقى جۇڭگو تارىخىدا، ئۇيغۇر تارىخىدا، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ تارىخىدا ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ تەرەققىياتى، مەدەنىيەت سەۋىيسىنىڭ يۈكسەكلىكى، ۋاقىتنىڭ ئۇزاقلىقى (300 يىلدىن ئارتۇق) جەھەتلەردە كونا ئورخون دەرياسى ۋادىسىدىكى قەدىم ئۇيغۇر قاغانلىقىدىن ھەم قاراقوچۇ ئۇيغۇر خاندانلىقىدىن ئالاھىدە پەرق قىلىدىغان چوڭ، قۇدرەتلىك ھاكىمىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئۆز زامانىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە كۆتۈرۈلگەن. دۇنيادا داڭلىق بولغان ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئەڭ شەۋكەتلىك ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلەر __ <قۇتادغۇ بىلىگ>، <تۇركىي تىللار دىۋانى>، <ھىببەتولھەقايىق> قاتارلىق نادىر ئەسەرلەر؛ يۈسۈپ بالاساغۇنى، مەھمۇد قەشقەرى ۋە ئەھمەت يۈكنەكىدەك ئۇلۇغ ئالىملار مۇشۇ دەۋردە دۇنياغا كەلگەن. شۇڭا، بۇ دەۋرنى ئۇيغۇرلار تارىخىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى <گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋرى> دەپ ئاتاش توغرا، ئىلمىي يەكۈن. Qkhor-f0
ھەر قانداق ئىجتىمائىي ھادىسە تۇيۇقسىز پەيدا بولمايدۇ. ئۇ، مۇئەييەن تارىخىي دەۋرنىڭ مەھسۇلى. ئۇنىڭدا سىياسى، ئىقتىسادىي ھەم مەدەنىيەت ئامىللىرى يۇغۇرۇلغان بولىدۇ. قاراخانىلار ھاكىمىيتىنىڭ قۇرۇلىشى قۇدرەت تىپىشى ۋە ئۆز دائىرسىدىن ھالقىپ قوشنا ھاكىمىيەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھاياتىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىت ئاشۇ نوقتىنى ئىسپاتلايدۇ. قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ تارىخىي يەنە شۇنى ئۇقتۇرىدىكى، بۇ ھاكىمىيەت سىياسىي جەھەتتە، ئۆز دەۋرىنى سىلجىتىش خاراكتېرىدىكى يۈكسىلىش، مەدەنىيەت جەھەتتە ئەسلىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدىكى ئۇمۇملاشتۇرۇش ۋە چوڭقۇرلىتىش قاتارلىق ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەريانىدا زۆرۈر بولغان ئىلغار ئامىللارغا ئىگە ئىدى. شۇ سەۋەپتىن بۇ ھاكىمىيەتنىڭ سىياسىي ھاياتى ئۇزاققىچە مۇقىم، تۇرغۇنلۇققا ئىگە بولغان، ئىقتىسادىي پەيدىنپەي يۈكسىلىپ بارغان. شۇڭا خەلق ئاممىسىنىڭ ئىجتىمائىي كۈرەشلىرى نەتىجىسىدە كۆپلىگەن ئىجادىي تۆھپىلەر بارلىققا كەلگەن. يۇقىرىدا ئېيتىلغان <گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋر>نىڭ مەنىسىمۇ مۇشۇ يەردە.
شۇنىسى ئېنىقكى، بىرگىچە يېتىپ كەلگەن يازما پاكىتلارغا قاراپلا ئۇ دەۋردە ئارانلا ئۈچ ئالىم ۋە ئۈچ ئەسەر مەيدانغا كەلگەن دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ئالىملارمۇ ھەربىرسى يالغۇز بىردىنلا كىتاپ يىزىپ شۇ قەدەر يۇقىرى سەۋىيە ياراتقان دېيىش بىر تەرەپلىمىلىك. ئۇنداق ئۇلۇغ ئالىملار ۋە ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق ئەشھۇر ئەسەرلىرى ئۆز زامانىسىنىڭ يۈكسەك مەدەنىي ھاياتىنىڭ يۈكسەك يىغىنچاقلانغان مەھسۇلى ئىكەنلىكى چوقۇم. ئەپسۇكى، قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ ۋە بۇ خاندانلىقنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر باسقۇچى بولغان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان دەۋرنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ۋە تەرەققىياتىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدىغان پارچە ھۈججەتلەر بەك ئاز.
بۇ روماندا ۋاقىت جەھەتتىن سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەزگىلى ئاساس قىلىنغانلىقى ئۈچۈن شۇ دەۋردە بىر قەدەر چاققان تەرەققىي قىلىپ، قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سالغان يۈكسىلىش كۆزدە تۇتۇلدى.
سۇلتان سۇتۇق بۇغراجان ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىل، قاراخانىلار خاندانلىقى دەۋردىكى ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق، ئىچكى ئەھۋالى بىر قەدەر مۇقىم، ئالغا بېسىشى تېزرەك مەزگىل بولۇپ، ئۇنىڭ دەۋرىنىڭ مۇنداق ئالاھىدىلىكلىرى بار:
1. ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرگە ئاساسلىنىپ بىرقەدەر مۇكەممەل فېئوداللىق ھەربىي دۆلەت تۈزۈمى ۋە يانچىلىق- فېئوداللىق ئىجتىمائىي ئىگىلىك مەيدانغا كەلگەن. قاراخانىلار خاندانلىقى بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا، ماۋۇرائۇننەھر، يەتتەسۇ رايونى ۋە تارىم ۋادىسىنىڭ غەربىي قىسمىنى ئۆز ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغان. بۇ دائىرە ئاسىيا بويىچە ھەممىدىن بۇرۇن دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ۋۇجۇتقا كەلگەن رايونلارنىڭ بىرى ئىدى. بۇ دائىرە ئىچىدە تۇراقلىق دېھقانچىلىق ئاھالىلىرى، شۇنداقلا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى قەبىلىلەرمۇ بار ئىدى. ئىگىدارچىلىق تۈزۈمى بويىچە ئېيىتقاندا، بۇ دائىرىدە فېئودال پومېشچىكلار، نەسەبلىك تۆرىلەر، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمى مەۋجۇت ئىدى. دېمەك، قاراخانىلار خاندانلىقى كۆپ قاتلاملىق ۋە كۆپ شەكىللىك ئىقتىسادىي تۈزۈمنى يولغا قويغان، ماۋۇرائۇننەھر رايونىدا بولسا <ئىلىكخان> ۋە <ئېكىتار> شەكلى ئارقىلىق دۆلەت بىۋاستە ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمى ساقلاپ قىلىنغان. قۇللۇق دەۋرنىڭ كونا تۈزۈملىرى سۇندۇرۇلۇپ، فېئوداللىق دەۋرنىڭ يېڭى تۈزۈملىرى تىكلەنگەن. ئىلگىرىكى يىرىك ۋە ئۇتتۇرا قۇلدالار يېڭى يىرىك، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن يەت ئىگىلىرىگە ئايلانغا. مەسىلەن: كۆپ مىقداردا يەر ۋە چارۋامالغا ئىگە بولغان ئېكىتلار، خان جەمەتلىرى (بەگ - تۆرىلەر)، ھەربىي ئەمەلدارلار، چوڭ زېمىندارلار__ بۇلار بولسا دۆلەتتە يۇقىرى ئىقتىسادىي ئىگىلىككە ۋە مەمۇرىي ھۇقۇققا ئىگە بولغان ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى يۇقىرى تەبىقىلەر ئىدى.
بۇلاردىن باشقا چوڭ سودىەەرلەر، جازانىخۇرلار، قول ھۈنەر خۇجايىنلىرى، كارخانىلار مەيدانغا كەلگەن. ئاز يەرلىك دېھقانلار ۋە ئاز ماللىق چارۋىچىلار (ياكى قۇل دېھقان - چارۋىچىلار) يىللىق، ئۇزاق يىللىق ۋە ئۆمۈر بويى سېتىلغان ئەر - ئايال دېھقان - چارۋىچىلار (كۈڭ - دېدەكلەر)، قول ھۈنەرۋەنلىرى ۋە تۆۋەن خىىزمەتچىلەر __ بۇلار بولسا تۆۋەن تەبىقىغە مەنسۈپ بولغان، ئەڭ كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلغان ئېكىسپالاتسىيە قىلىنغۇچى، ئېزىلگۈچى خەلق ئاممىسىدىن ئىبارەت ئىدى. قۇللۇق تۈزۈمنىڭ قالدۇقلىرى تېخى مەۋجۇت بولسىمۇ، فېئوداللىق تۈزۈم ئاساسەن تىكلىنىپ بولغان. يانچىلىق - فېئوداللىق ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى، سۇتۇق بۇغراخان زامانىسىدە كۆرۈنەرلىك تەرەققىي قىلىپ، پۈتكۈل خاندانلىقنىڭ يېڭى ئىجتىمائىي تۈزۈمگە ئاساس سالغان.
2.ئىسلام دىنى شىنجاڭغا ئىلگىرىدەك ئايرىم - ئايرىم تارالغان بولسىمۇ، سۇتۇق بۇغراخان ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە رەسىمىي قوبۇل قىلىنىپ، دۆلەت دىنىي ھىسابلىغان. سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىلار خاقانلىرى ئىچىدە بىرىنجى بۇلۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگۈچى ۋە ئىسلام دىنىنى تارتقۇچى نامى بىلەن تارىختا مەشھۇر. ئىسلام دىنىنىڭ مۇستەھكەم بۇدىستلار ھېسابلانغا قاراخانىلار خاندانلىقى خەلقلىرى ئارىسىدا تارىلىشى دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى چوڭ بىر ئۆزگىرىش بۇلۇپلا قالماي، ئۇ، تەبىئىي يۇسۇندا ئادەت - يوسۇن، ئىدېئولوگىيە جەھەتلەردىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، بىر قاتار تۈپلۈك ئۆزگىرىشلەرگە تۈرتكە بولغان، شۇنداقلا ئىسلام دىنى ۋاستىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە بۇ ياقتىكى تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ خۇراسان ۋە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى، خەلقلىرى بىلەن بولغان مەدەنىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى كۈچەيگەن. كۈن چىقىش ۋە كۈنپېتىشتىكى كۆپلىگەن ئۇلۇسلار بىر خىل تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان بۇلۇپلا قالماستىن، بىر دىنغا __ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغانلىقتىن، بۇ ئەھۋال قەبىلە، ئۇلۇس ۋە خەلقلەرنىڭ تىللىرىنىڭ تېخىمۇ يىقىنلىشىپ تەرەققى قىلىشىدا، ئورتاق مەدەنىيتىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ۋە ئۆز - ئارا ھەمكارلىقنى كۆچەيتىشتە مەلۇم ئىجابىي رول ئوينىغان.
3. قاراخانىلار خاندانلىقى دۆلىتىنىڭ مەمۇرىي تۈزۈمى بۇ خىل كۆپ قاتلاملىق ۋە كۆپ شەكىللىك ئىجتىمائىي تۈزۈمگە ئۇيغۇنلىشىش ئېھتىياجى بىلەن تىكلەنگەن. كۆچمەن چارۋىچىلىق رايونىدا، قاراخانىلار خاندانلىقى ھەر قايسى قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىللە، يەنە ئۇلارغا مەلۇم مەمۇرىي ھوقۇقنى بەرگەن. مەسىلەن: ئەدىلىيە، ئامانلىق ساقلاش، خاندانلىق ئۈچۈن باج سېلىق توپلاش ۋە ھاكازالار. ماۋۇرائۇننەھر ھەم تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدا بولسا، قاراخانىلار خاندانلىقى بىۋاستە باشقۇرۇشنى يولغا قۇيغان. بۇنىڭ بەلگىسى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، بۇ دائىرىدە ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ مەنسەپكە تەيىنلىشى ۋە مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى خان تەرىپىدىن بەلگىلىنەتتى. بۇ ئەمەلدارلار خاننىڭ پەرمانى ۋە مۇددىئاسى بويىچە ئىش بېجىرىش كېرەك ئىدى. قاراخانىلار خاندانلىقى ئۆزىنىڭ بۇ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە مەمۇرىي تۈزۈمىنىڭ بىمالال يۈرگۈزۈلۈشىگە كېپىللىك قىلىش ئۈچۈن بىر قاتار قانۇن ۋە نىزاننى تۇرغۇزغان. مەسىلەن: جىنايەت قانۇنى، باج - سېلىق نىزامى، يەر - سۇ توغرىسىدىكى نىزام، قۇللار (ياكى قۇل دېھقانلار)نى سېتىش، سېتىۋىلىش ۋە ئېكىپالاتسىيە قىلىش نىزاملىرى ۋە باشقىلار..... دۆلەت تۈزۈمىدە ئۆز ۋاقتىدا خېلى ئىلغار بولغان خەلقچىلىقىمۇ بولغان. مەسىلەن: ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق بۇغراخاننىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا دۆلەت قۇرۇلتىي ئېچىش، <ئۇيغۇرۇش ھالقىسى> دەپ ئاتالغان ئۈچ كىشىلىك يۇقىرى ھۇقۇقلۇق ئورگان ۋە دۆلەت (ئوردا) كېڭىشى بولغان. قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ فېئوداللىق جەمىئىيەت تۈزۈمىگە مۇۋاپىق بولغان بۇ دۆلەت تۈزۈمى، ئاساسەن سۇتۇق بۇغراخان زامانىسىدە مەيدانغا كەلگەن ۋە تەرەققىي قىلغان. بۇ ئەسەردە دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئاشۇ ۋاقتىدىكى مۇشۇ ۋاقىتتىكى مۇشۇ خۇسۇسىيەتلىرى بايان قىلىندى.
قاراخانىلار خاندانلىقى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى 100 يىلدىن ئاتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىتىكى مەركىزىي ھاكىمىيەت يىمىرلىشكە يۈز تۇتۇپ بۆلۈنۈش ۋەزىيتىدە تۇرۇپ كەلدى. زاۋانلىققا يۈز تۇتقان تاڭ سۇلالىسى دېھقانلار قۇزغىلىڭى ۋە ھەربىي ئىسيانلار تەرىپىدىن گۇمران بۇلۇپ چاك - چىكىدىن بۆسۈلدى. <مىلادى 860- يىلدىنباشلاپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چيۈ پۇ (؟ _860 يىللار) رەھبەرلىك قىلغان دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە ياڭ شۇن (؟_869 يىللار) رەھبەرلىك قىلغان ھەربىي ئىسيان پارتىلىدى. مىلادىي 874- يىلى كەلگەندە، ئاخىر ۋاڭ شيەنجى (؟_878 يىللار) باشچىلىقىدىكى پۈتۈن مەملىكەت كۆلەملىك چوڭ قوزغىلاڭ پارتىلىدى. 878- يىلىدىن كېيىن <خۇاڭ چاۋ قوزغىلاڭچىللىرى ۋاڭ شيەنخى ئىزىدىن مېڭىپ، 880- يىلى تاڭ سۇلاسىنىڭ پايتەختى پاڭئەننى ئالدى....>، <.... شۇنىڭ بىلەن بەش دەۋر، ئون بەگلىك بۆلۈنمە ھاكىمىيتى دەۋرى (906 - 960 يىللار) باشلاندى....> مىلادى 960- يىلى سۇڭ سۇلالىسى قۇرۇلغان بولسىمۇ <دۆلەت سىياسىتى ھۆكۈمران سىنىپلار ئىچىدىكى بۆلۈنۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ خەلقنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش، تاشقى جەھەتتىن تامامەن مۇداپىئە ئورنىدا تۇرمۇش بولدى>. شۇڭا< سۇڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان 320 يىل ئىچىدە شىمالىدىكى زېمىندا قالاق مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى باشتىن - ئاخىر مەۋجۇت بۇلۇپ كەلدى. دەسلەپتە كىدان، كېيىن جۇرجىن، ئاخىرىدا مۇڭغۇللار شۇنداق قىلدى. <جيەن بوزەن، شاۋ شۈنجىڭ. جۇخۇا: <جۇڭگۇ تارىخىدىن ئۇمۇمىي مەلۇمات> ) شۇ مەزگىللەردە لياۋ سۇلالىسى خۇاڭخېنىڭ شىمالىي رايونىنى باشقۇرۇپ تۇراتتى. ھازىرقى يىنچۇەننى مەركەز قىلغان رايوندا غەربىي شىيا خانلىقى ۋە گەنسۇ كارىدورىدا خېشى ئۇيغۇر ھاكىيمىتى مەۋجۇت ئىدى. دۈنخۇاڭدىن تارتىپ جۇڭغار، تارىم ئويمانلىقلىرىدا قارا چوقۇ ئۇيغۇر دۆلىتى بىلەن قاراخانىيلار دۆلىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزەتتى. بۇنىڭدىن باشقا تىبەت .ېگىزلىكى ھەم ھازىرقى يۈننەن - گۈيجۇ ئېگىزلىكىدىمۇ بىر قاتار ھاكىمىيەت گەۋدىسى شەكىللەنگەنىدى. يۇقارقىدەك ئەھۋال ئاستىدا قاراخانىلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن بولغان رەسمىي مۇناسىۋىتى پەقەت قىسمەن ۋاستىلىق ئايرىم مۇناسىۋەتلەر ۋە تارراق دائىردىكى بىۋاستە سودا مۇسىۋىتىدىنلا ئىبارەت .


يۈسۈپ خاس ھاجىپ



بۈيۈك ئۇيغۇر پەلسەپە ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ 11 – ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ، ﻣﯘﺗﻪﭘﭙﻪﻛﻜﯜﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﯩﮭﯩﺴﺎﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ «ﭘﺎﻳﻨﺎﭖ» ﻳﯧﺰﺍ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ « ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺒﯧﻠﯩﻖ» ﺗﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ. ﺑﯘ ﻗﯩﻞ ﺳﯩﻐﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﭘﺎﻛﯩﺖ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ: «ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﻗﺎﺩﯨﺮﺧﺎﻥ ﻏﺎﺯﻯ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﻯ»، « ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﺑﯩﻼﺩ ﺳﺎﻏﯘﻧﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﯩﻤﯘ ﺑﯩﻼﺩ ﺳﺎﻏﯘﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﻩﯞﺍﻻﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯜﺟﯩﻤﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﺳﺎﺳﺴﯩﺰ ﺩﻩﯞﺍﻻﺭ ﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺋﺎﺳﺎﺳﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺎﻟﻤﯩﺪﻯ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﯞﺍﻧﯩﯔ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ .
ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﯩﻐﺎ ﮬﯘﻝ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﮬﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺭﻧﻰ 3 ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ . ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﭘﻠﯩﺪﻯ . ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺧﻪﻟﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﺎﻟﯩﻢ ، ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ، ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ . ﺋﺎﻟﯩﻢ ﯞﻩ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭ ﭘﺎﻛﯩﺘﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ، ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻴﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﺩﻯ .
ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 410 – ﻳﯩﻠﻰ بالا ﺳﺎﻏﯘﻧﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ، ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 478 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ، ﺟﻪﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻦ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﺒﺎﻍ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ” ﺑﺎﺭﯨﮕﺎﮬ ” ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ، ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 514 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ” ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺒﯧﻠﯩﻖ ” ﻗﺎ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ . ﻣﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﯘ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﺩﯨﻦ 19 – ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻨﻰ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺗﯩﻤﻪﻥ .

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ ” ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ -ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ ” (ﻧﻪﺳﻪﺏ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘﻧﻰ 19 – ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﺋﯧﻤﯘﺭ ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺳﻪﺑﯘﺭﻯ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ، ﺳﻪﺑﯘﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﻯ ” ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ ” ﻧﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻳﺎﺭ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ، ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻰ ﻗﺎﺯﻯ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﺎﻳﯩﻢ ﺳﯘﻓﯩﺌﺎﻟﻼﻳﺎﺭﯨﻐﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ . ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ، ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﻗﺎﺯﻯ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﺎﻳﯩﻢ ﺳﻮﻓﯩﺌﺎﻟﻼﻳﺎﺭﻯ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﺳﻪﺑﯘﺭﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩﺳﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ” ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ ” ﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﻝ ﺑﯘﺭﺟﯩﻜﯩﮕﻪ : ” ﺋﻪﺯ ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﻳﯜﺳﯜﻑ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﺩﻩﺭﺳﯩﻨﻪ ﭼﻪﮬﺎﺭﺳﻪﺩ ﮬﻪﺟﺘﺎﺩ ﮬﻪﺷﺖ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ ﯞﻩﻓﺎﺕ ﺷﯘﺩﻩ . ﻗﻪﺑﺮﻯ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﯘﮬﻨﻪ ﮬﯩﺴﺎﺭ ﺯﻩﻣﯩﻨﻰ ﻓﺎﺑﻰ ﺋﺎﺏ ﻣﻪﺩﻓﯘﻥ ﺷﯘﺩﻩﺳﺖ ، ﺋﺎﻣﯩﻦ . ﻣﯩﻦ ﺷﻪﻳﺨﻰ ﺩﯗﺋﺎﮔﯘﻱ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﺎﺋﯩﻢ ﺳﯘﻓﻰ ﺋﺎﻟﻼﻳﺎﺭﻯ ﺳﯘﺑﮭﯘ ﺷﺎﻡ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻪﻟﻪﺩﺩﯞﺍﻡ ﻣﻪﺭﺍﺯﻯ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺳﯧﮭﺘﻪﻥ ﺑﯘﺯﯗﺭﯗﻛﯟﺍﺭ ﺭﻭﮬﻰ ﭘﯘﺭﻓﯘﺗﯘﮬ ﺩﯗﺋﺎﻳﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻣﯩﻜﯘﻧﻪﻡ ” ، ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﮬﯧﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 478 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ، ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﻮﮬﻨﻪ ﮬﯩﺴﺎﺭﺩﯨﻜﻰ ” ﻓﺎﻳﻰ ﺋﺎﺏ ” ﺗﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ، ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﻗﯩﺪﯨﺮﺧﺎﻥ ﻏﺎﺯﻯ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﻗﯩﺪﯨﺮﺧﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺷﺎﮬﺸﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯩﺰﺍﮬﻠﯩﻐﺎﻥ . ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ ، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﻗﯩﺪﯨﺮﺧﺎﻥ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1040 – ﻳﯩﻠﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻦ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﻼﺭ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﮕﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﻟﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﻩ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻗﺎﺭﻯ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﺎﻳﯩﻢ ﺳﻮﻓﻰ ﺋﺎﻟﻼﻳﺎﺭﻯ ” ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ ” ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ، ﺗﯚﯞﻩﻧﻜﻰ ﺋﻮﯓ ﺑﯘﺭﺟﯩﻜﯩﮕﻪ : ” ﺋﻪﺭ ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺳﺎﮬﯩﺐ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺋﯘﺳﺘﺎﺩﯨﻢ ﻣﻮﻟﻼ ﻣﯩﺮ ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺳﻪﺑﯘﺭﻯ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ‘ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ ‘ ﻧﯩﯔ ﺗﻪﻣﺎﻣﯩﻐﻪ ﻳﯜﺳﯜﺝ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﻯ ﺷﻪﺭﯨﻔﯩﻠﯩﺮﻯ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﯘﮬﻨﻪ ﮬﯩﺴﺎﺩﯗﺭ . ﻣﻪﺯﺍﻓﯩﺌﯩﻲ ﻓﺎﻳﻰ ﺋﺎﺑﺘﺎ ﻣﻪﺩﻓﯘﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﮬﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﺷﻨﻰ ﭘﻪﻗﯩﺮﮔﻪ ﺗﻪﻣﺎﻣﻼﺷﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺋﯘﺳﺘﺎﺩﯨﻢ ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﻣﻮﻟﻼ ﻣﯩﺮ ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺳﻪﺑﯘﺭﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩﺳﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ ﻳﯜﺳﯘﻑ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﺩﻩﻓﯩﻨﮕﺎﮬﯩﻨﻰ ﺑﯘ ‘ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ’ ﻗﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ، ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻗﺎﺯﻯ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﺎﻳﯩﻢ ﺳﯘﻓﻰ ﺋﺎﻟﻼﻳﺎﺭﻯ ” ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﭗ ، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ، ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ، ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﻧﯧﻤﻪ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺑﯘ ” ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ” ﻗﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﻜﻪﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺯﯨﻠﯩﻖ ﻣﯚﮬﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ .
ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻏﻰ 8.20 ﻣﯧﺘﯩﺮ ، ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ 26 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ” ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ ” ﻧﻰ 20 – ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﻧﯩﺸﻪﮬﻪﺭ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﻗﻮﻏﺎﻥ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻗﭽﯩﻼ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯨﺮﯨﻴﯩﻢ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ( 1877 – 1845 – ﻳﯩﻠﻼﺭ) . ﺋﺎﺑﺪﯨﺮﯨﻴﯩﻢ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ” ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ ” ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺭﺳﯚﻳﻪﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﯩﻤﯩﻦ ﻗﺎﺭﯨﻤﻐﺎ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . 1965 – ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘ ” ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ ” ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﯩﻤﯩﻦ ﻗﺎﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ 20 – ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 80 – ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﯧﻤﯩﺮ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻗﺎﺯﻯ ﮬﺎﺟﯩﻢ ( 1900- 1985 -ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ . ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ .ئﻤﯩﺮ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻗﺎﺯﻯ ﮬﺎﺟﯩﻢ 1985 – ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ ” ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ ” ﻧﻰ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﮬﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﺩﯨﻤﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ” ﺑﯘﮬﺮﯗﻟﺌﻪﻧﺴﺎﺏ ” ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﺩﯨﻤﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﺑﯚﻟﯩﻤﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ .

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ : ” ﻗﻪﻟﻪﻣﯩﻲ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ” ( ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﯘ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻗﻮﻟﺪﺍ ، ﻗﯘﻣﯘﺵ ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﻩ ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻗﻪﻏﯩﺰﯨﮕﻪ ﺧﻮﺵ ﺧﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ، ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﺩﯨﻦ ) ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺭﻯ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭ ﺋﯧﻤﯩﺮ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻗﺎﺯﻯ ﮬﺎﺟﯩﻤﻐﺎ ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﯧﻤﯩﺮ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻗﺎﺭﻯ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﺑﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ 1984 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﮬﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .

ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ 726 ﺑﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻏﻰ 34 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ، ﻛﻪﯕﻠﯩﮕﻰ 22 ﺳﺎﻧﺘﻘﻤﯧﺘﯩﺮ ، ﻗﯧﻠﯩﻨﻠﯩﻘﻰ 6 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ 13 ﻗﯘﺭﺩﯨﻦ ﺧﻪﺕ ﺑﺎﺭ . ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﺵ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯧﺘﻰ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺗﺎﺵ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﺴﯩﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺭﻩﺧﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ، ﺋﯩﭻ ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ : ” ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺑﯩﺘﻪﺭﻩﺕ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﺴﺎﻕ ﮔﯘﻧﺎﮬﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ ” ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﯞﻩ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ : ” ﺳﯜﺭﻩ ﻓﺎﺗﯩﮭﻪ ” ﺑﯩﻠﻪﻥ ” ﺳﯜﺭﻩ ﺋﻪﻟﯩﻒ ، ﻻﻡ ، ﻣﯩﻢ ” ﻧﻰ ﺧﯘﺵ ﺧﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﭗ ، ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ . ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﮔﯜﭼﻰ ﻛﺎﺗﯩﭗ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ” ﺋﻪﻟﻼﮬﯘﻣﻤﻪ ﺋﻪﻧﻔﻪﺋﯩﻨﺎ ” ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﯗﺋﺎ ﺑﺎﺭ .ﺑﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻗﻰ ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﻨﻰ ﺳﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1835 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ، ﺋﻪﯓ ﻛﻪﻡ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ 155 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .

ﺑﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ 1830 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1848 – ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﮬﯧﻜﯩﻤﺒﻪﮔﻠﯩﻜﯩﻜﻜﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﺯﻭﮬﯘﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﯧﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﺩﯨﯟﺍﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺯﯗﮬﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﯧﻜﯩﻤﺒﻪﮒ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﺋﻮﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺋﯧﺌﯩﺘﯩﻜﺎﭘﺘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﺋﯩﺴﺘﯩﺨﺎﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﯨﻘﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﻨﻰ ﺳﻮﻗﺴﺎ ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯘﺵ – ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﯩﺸﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﯧﺌﯩﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻐﻪ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺯﯗﮬﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﯧﻜﯩﻤﺒﻪﮒ ﻧﯧﺌﯩﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﮬﻪﺩﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺳﯚﻳﯜﻧﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻧﯧﺌﯩﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩﯔ 723 – ﺑﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﺷﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ( ﭼﻪﺕ ﭼﯚﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺟﺎﻳﻐﺎ ) ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ : ” ﺑﯘ ﺳﯘﺭﻩﺗﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﻤﯩﺌﻪ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺋﻮﻟﺪﯨﻜﯩﻢ ، ﮬﻪﺯﺭﻩﺗﻰ ﯞﺍﯓ ﺯﯗﮬﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺋﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﻓﻪﻗﯩﺮ ﺩﻩﺭﯞﯨﺶ ﻛﻪﻣﺘﻪﺭﻧﻰ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭ ﻗﻪﻟﺌﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺋﯩﻤﯩﺮﺍﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﻪﮬﯩﺲ – ﺳﻪﺋﯩﺪﻟﯩﻜﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﺨﺎﺭﻩ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭ ﻗﻪﻟﺌﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺋﯩﻤﯩﺮﺍﺗﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﻗﯩﺒﯩﺘﯩﮕﻪ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﺭﯗﺋﯩﻴﺎﻧﻰ ﮬﻪﺯﺭﻩﺗﻰ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺋﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻐﻪ ﺑﻪﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﺯﺭﺍﺗﻰ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺩﯨﯟﺍﻧﻪ ﺷﺎﮬﺎﻧﻪﺩﯨﻦ ﺑﯘ ﻛﻪﻻﻡ ﺷﻪﺭﯨﻔﺘﻰ ﻓﻪﻗﯩﺮﻏﻪ ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ ، ﺋﯩﻨﺌﺎﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ، ﻓﻪﻗﯩﺮ ﺳﺎﮬﯩﺐ ﺩﯗﺋﺎ ﻧﯧﺌﯩﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ ﻣﯘﮬﯘﺭﯗﻣﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯩﻢ . 1253 – ﮬﯩﺠﯩﺮﻯ ”
ﺗﺎﻣﻐﺎ ( ﻣﯚﮬﯘﺭ ) ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 1238 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺗﺎﻣﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﺕ ” ﻧﯧﺌﯩﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﺑﯩﻦ ﺳﻪﺩﺭﯨﺪﺩﯨﻦ ” ﺩﯗﺭ . `
ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ، ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﻰ ﯞﻩ 19 – ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯧﻤﯩﺮ ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺳﻪﺑﯘﺭﻯ ، ﻗﺎﺯﻯ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﺎﻳﯩﻢ ﺳﻮﻓﻰ ﺋﺎﻟﻼﻳﺎﺭﻯ ، ﺯﯗﮬﯘﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﯧﻜﯩﻤﺒﻪﮒ ، ﻧﯧﺌﯩﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﺪﻩﻙ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﺷﺘﺎ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ



دۇنيا تۈركىلوگىيە ئىلىمىنىڭ ئاساسچىسى مەھمۇد بىننى ھۈسەيىن قەشقەرى 11- ئەسىردە ياشاپۋە ئىجاد قىلىپ ئۆتكەن مەملىكىتىمىزنىڭ مەشھۇر ئېنسىكلوپىېدىك ئالىمى ۋە دۇنيائېتراپ قىلغان ئاتاقلىق تىلشۇناس .


ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تۇغۇلغان يىلى ھەققىدە ئېنىق تارىخىي مەلۇمات يوق ، شۇقداقتىمۇ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى « تۈركىي تىللار دىۋانى » ھەققىدە ئېيتقان : « بۇ كىتاب مېنىڭ ئۆمرۈمنى ئاخرىغا يەتكۈزدى » دېگەن سۆزىگە ۋە خەلىق ئىچىدە تارقالغان رىۋايەتلەرگەئاساسلانغاندا ، ئۇ تەخمىنەن 1008- يىلى ئەتراپىدا تۇغۇلغان.

مەھمۇد قەشقەرىنىڭ يۇرتى ، ھاياتى ۋە قەيەردە ۋاپات بولغانلىقىمۇ پۈتكۈل جاھان ئىلىمدۇنياسىىغا تاكى ھازىرغىچە تولۇق ئېنىق بولماي كېلىۋاتقان بىر مەسىلە ئىدى . بۇھەقتە خىلمۇ خىل كۆز قاراش ۋە مۇنازىرىلەر بولۇپ كەلگەنىدى . مەھمۇد قەشقەرى ئۆزى« تۈركى تىللار دىۋانى » دا كۆرسىتىپ ئۆتكەن يىپ ئۇچلىرىغا ، ئۇزۇن يىللىق ،ئەتراپلىق ، قايتا - قايتا ئەمەلىي ۋە ئىلمي تەكشۈرۈشلەرگە ، خەلىق ئاممىسى ۋەخەلىق ئىچىدىكى مەشھۇر ئۆلىمالار تەمىنلىگەن قىممەتلىك يازما ھۆججەتلەرگە ئاساسەنئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ قارا خانىيلار سۇلالىسىنىڭ پايتەختىقەشقەرگە تەۋە ئوپال يېزىسىنىڭ ئازىخ كەنتىدە تۇغۇلغانلىقى ئېنىقلاندى . ئالىمئۆزىنىڭ قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ، ئۆز ئىسمىنىڭ ئاخرىغا «قەشقەر » دېگەن ئەدەبىي تەخەللۇسىنى قوشۇپ ئىشلەتكەن.

مەھمۇد قەشقەرنىڭ ئاتىسى ھۈسەيىن ئىبىنى مۇھەممەد قارا خانىيلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولۇپ ،ئۆز ھاياتىدا ئاتىسىنىڭ ئورنىغا بارسغانغا ھاكىم بولغان مەرىپەتپەرۋەر كىشى ئىدى .ئۇنىڭ ئانىسى بۇبى رابىيە ئۆز زامانىسىغا نسبەتەن ئالى مەلۇماتلىق ، زېرەك ئايالبولۇپ ، ئوغلى مەھمۇدنى كىچكىدىن ئەتراپلىق ماھارەتكە ئىگە قىلىپ تەربىيلەشكەتىرىشقان.

مەھمۇد قەشقىرى باشلانغۇچ مەلۇماتىنى ئائىلىسىدە ۋە ئوپال ئازىختا ئالغان ، ئوتتۇرا ۋەئالىي مەلۇماتنى قەشقەردىكى شەيخ ئىمام زاھىد ھۈسەيىن ئىبنى خەلەف كاشىغەرىمۇددەررسىلىك قىلغان « مەدرەسەئى ھامىدىيە » دە ۋە شۇ چاغلاردا پۈتۈن شەرق دۇنياسىغا مەشھۇر بولغان « مەدەرەسەئى ساجىيە » دە ئاتالغان . بۇ ئالىم بىلىميۇرتلىرىدا ئىسلام ئەقدىلرىنى ئۆگىنىپلا قالماي ، بەلكى تىلشۇناسلىق ، ئىلمي مەنتىقە ( لوگىكا ) ، تارىخ ، جۇغراپىيە، ئىلىمى نۇجۇم ( ئاسترونۇمىيە ) ،تېبابەتچىلىك قاتارلىق ئىلملەرنى ئىگىلىگەن.

شۇ چاغدىكى ئىجتىمائى شارائىتتىن ئېلىپ قارىغاندا ، مەھمۇد قەشقەرى ياشىغان دەۋر قاراخانىيلاردا ئىلىم - مەرىپەت يۈكسەلگەن دەۋر بولۇپ ، ئالىمنىڭ بوۋىسى مۇھەممەد بىنيۈسۈپ ۋە بولۇپمۇ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەسەن بىن سۇلايمان قاتارلىقلار قارا خانىيلار ھاكىمىيتىدە ئىلىم - مەرىپەتنىڭ ھامىيسى بولغان شەخسلەر ئىدى . بۇنداق شەرت -شارائىت مەھمۇد قەشقەرنىڭ ئىلىم ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن تولۇق ئىمكانىيە بەرگەنىدى.

ئائىلىۋى ھاياتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئالىمنىڭ ئانا تەرەپ بوۋىسى خوجا سەيپىدىن ئوقۇمۇشلۇق كىشى بولغان . شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ بىردىنبىر پەرزەنتى بولغان بۇبى رابىيەنى كىچكىدىن تارتىپلا ئەخلاقلىق ، ئوقۇمۇشلۇق قىلىپ تەربىيلىگەن . مۇنداق ئائىلىدە دۇنياغاكەلگەن مەھمۇد كىچكىدىن ھەم قەلەم ، ھەم ئەلەم تەربىيسنى ئالغانىدى . لېكىن ئۇ بىرسەركەردە ( قوماندان ) بولۇش ئارزۇ - ئىستىكىدە بولماي ، بەلكى ئىلىم ئۆگىنىش ئارزۇ - ئسىتىكىدە بولغان . شۇڭا ئۇ كىچىك بالا ۋاقتىدىن تارتىپلا ئۆگىنىشكە تىرىشقان ، پۈتۈن ئەقىل - پاراستىنى ئىلىم ئىگىلەشكە سەرپ قىلغان ، ئىلىم - پەنەچوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ، كېچە - كۈندۈز ھارماي - تالماي تىرىشىپ ئۆگەنگەن ۋەئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى مانا مۇشۇنداق مەڭگۈ ئۆلمەس ئىلمى ئىشقا ئاتىغان .ئالىمنىڭ ئون نەچچە يىل قىر - سەھرالارنى كېزىپ ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ تەتقىق قىلىش روھى ، « دىۋان » دا مىسالغا كەلتۈرۈلگەن خەلىق قوشاقلىرى بىلەن خەلىق ماقال- تەمىسللىرى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن گۈزەل ئىنسانىي خسلىتى ۋە ئەخلاق - پەزىلىتى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ، بولۇپمۇ ئانىسى بۇبى رابىيەدىن سىڭگەن تەربىينىڭنەتىجىسى ، شۇنىڭ بىلەن بىللە تېخىمۇ مۇھىمراقى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلىم - پەنگەچوڭقۇر ئىشتياق باغلاپ ، جاسارەت بىلەن تىرىشپ ئۆگەنگەنلىكى ۋە جاپالىق ئەمگەك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرى نۇرغۇن ئىلىملەرنى ئۆگىنىش بىلەن بىللە ئەرەب ، پارس تىللرىنىمۇ پۇختا ئۆگەنگەن . ئۇ يەنە شۇ چاغدا ئومۇمي ئادەت ۋە مەجبۇرىيەت ھېسابلانغان ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىش، نەيزىۋازلىق قاتارلىق جەڭ ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىپ ، چېۋەر چەۋەنداز ۋە ئۇستا مەرگەنلەردىن بولۇپ يېتىشكەن.

ئالىمنىڭ ئاتىسى ھۈسەيىن ئىبنى مۇھەممەد 1058- يىلى ئوردىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق قىرغىنچىلقتا ئۆلتۈرۈلگەن ، لېكىن بەختكە يارىشا ئالىم بۇ قىرغىىنچىلىق ئىچىدەئامان قالغان، شۇنىڭدىن كېيىن مەھمۇد قەشقەرى ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ ، تۈركى خەلقلەر ياشاۋاتقان نۇرغۇنلىغان شەھەرلەرنى ، يېزا - قىشلاقلارنى ، بىپايان يايلاق ۋە دالا - قىرلارنى ئارىلاپ 15 يىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە تۈرك ، تۈركمەن ،ئوغۇز ، چىڭگىل ، باسمىل ، ياغما ، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تىلى ۋەئۇنىڭ پەرقىلىرىنى ، ئىتنوگرافىيسى ( كېلىپ چىقىش مەنبەسى ) نى ، تارىخنى ،جۇغراپىيلىك جايلىشىشنى ، مەدەنىيتى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىقىپ ، ئۆزى يازماقچى بولغان « تۈركىي تىللار دىۋانى » ئۈچۈن ماتىريال توپلىغان .ئاخرى ئۇ 1072- يىلى سالچۇق تۈركلىرىنىڭ ھامىيلىقىدا ئەرەب ئىسلام خەلىپىسىنىڭ پايتەختى باغداتقا يېتىپ بېرىپ ، 1074- يىلىغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدە رەتلەپ يېزىپ « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى پۈتكۈزۈپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولغان . 1074- يىلدىن 1076 - يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە بۇ كىتابنى قايتا تەكشۈرۈپ ، تۈزىتىپ ، تولۇقلىغاندىن كېيىن ، ئابباسىيلار خەلىپىسنىڭ 27-سى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا بىننى مۇھەممەدىل مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلغان.

ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشى مىلادىيە 1058- ، 1059- يىللىرىغا توغراكېلىدۇ، ئۇ 1080- يىللىرى ئەتراپىدا باغداتتىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ، يەنە كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا ماكانى ئوپالغا ئورۇنلاشقان . ئۇ ئوپالغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، « مەدرەسسەئى مەھمۇدىيە » دەپ ئاتالغان بىر مەدرىسە بىنا قىلىپ، ئۆزى مۇددەررسىلىك قىلغان ۋە ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئالاھىدە مەلۇماتلىق نۇرغۇن شاگىرتلارنى ، ئىز باسارلارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن . شۇڭا كىشلەر ئۇنى « ئىلىم ھۆددىكار پىرىم » ، « ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ پىرى » دەپ ئاتىغان . ئۇ پۈتۈن جايغا ئىلىم - مەرىپەت تارقىتىپ ، 1105- يىلى ئەتراپىدا ئۆز ئانا يۇرتى ئوپالدا تەخمىنەن97- يېشىدا ۋاپات بولغان



يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخان شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى ئەھمەدنىڭ 3 - ئوغلى بولۇپ 1490 - يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان . ئۇ 12 ياش ۋاقتىدا دادىسى بىلەن بىللە ئۆزبېك خانى شايبانىخانغا قارشى جەڭ قىلغان ھەمدە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن . بىر يىلدىن كېيىن شايبانىخان ئۇنى قويۇپ بېرىپ ، ئۆزى بىلەن بىللە بىر قاتار ئۇرۇشلارغا قاتناشتۇرغان . كېيىن ئۇ شايبانىخاننىڭ خارەزىمگە كەتكەنلىك پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ، تاغىسى مەھمۇدخاننىڭ يېنىغا قېچىپ بارغان . لېكىن ، تاغىسىنىڭ يېنىدا تۇرسا بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، ئاخىرى يەنە قىرغىزلار رايونىغا كېتىپ ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ ، قىرغىزلارنىڭ چوڭ سەردارىغا ئايلانغان . 1508 - يىلى سەئىدخان زور قوشۇن بىلەن تاغىسى مەھمۇدخانغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان . دەل شۇ پەيتتە ، سەئىدخاننىڭ چوڭ ئاكىسى مەنسۇرخان لەشكەر تارتىپ كېلىپ ، سەئىدخانغا قارشى ئومۇميۈزلۈك جەڭگە ئاتلانغان . نەتىجىدە ئاكا - ئۇكا ئوتتۇرسىدا ئالمائاتا دالاسىدا قاتتىق جەڭ بولۇپ ، سەئىدخان مەغلۇپ بولغان ھەمدە ئازغىنە ئادىمى بىلەن كابولدىكى تاغىسى زاھىردىن بابۇر شاھنىڭ يېنىغا مىڭ تەسلىكتە قېچىپ كەتكەن . بابۇر شاھ ئۇنى ئىززەت - ئىكراملار بىلەن كۈتۈۋالغان . بۇنىڭ بىلەن سەئىدخان بىر مەزگىل ئۆزبېكلەرگە قارشى بىر قاتار ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان . كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە ئۆزبېكلەرنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ھەمدە قەشقەر ، يەكەن ۋە خوتەن ھۆكۈمرانى مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي يۈرۈش ئېلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن سەئىدخان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن ئۈمىد ئۈزگەن ھەمدە مىرزا ئەبۇبەكرىنى يوقۇتۇپ ، قەشقەر ، خوتەننى قولغا كىرگۈزۈپ ، ئەجدادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان موغۇلىستان خانلىقىنىڭ زېمىنىغا ئىگىدارچىلىق قىلماقچى بولغان . دەرۋەقە ، 1514 - يىلى 6 - ئايدا سەئىدخان 4 مىڭ 700 كىشلىك قوشۇن بىلەن تورغات يولى ئارقىلىق ئاتۇشقا يېتىپ كەلگەن . بۇنى ئاڭلىغان مىرزا ئابابەكرى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ قەشقەر ۋە يېڭىساردا كۈچلۈك ئىستىھكاملارنى ياساتقان . لېكىن ، سەئىدخان مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئىلگىر - ئاخىر بولۇپ يېڭىسار ، قەشقەر ۋە يەكەنلەرنى ئىشغال قىلغان . مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ بۇ جايلارنى ساقلاۋاتقان قوشۇنلىرى ئاساسەن قارشىلىق كۆرسەتمەيلا تەسلىم بولغان . نەتىجىدە مىرزا ئەبۇبەكرى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ كۇئېنلۇن تېغى ئارقىلىق لاداق رايونىغا قاراپ قاچقان . ئەمما ، ئۇزاق ئۆتمەيلا سەئىدخاننىڭ قوشۇنلىرى مىرزا ئەبۇبەكرىنى ئىز قوغلاپ ئۆتۈپ ، لاداقتا قەتلى قىلغان . بۇنىڭ بىلەن 1514 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سەئىدخان دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ ھىمايىسى بىلەن يەكەندە رەسمىي خانلىق تەختكە چىققان .
سەئىدخان تەختكە چىققاندىن كېيىن خانلىقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ، بىرىنچىدىن ، جەمىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقاتقان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوغرى - بۇلاڭچى ۋە باشقا ھەر خىل جىنايەتچىلەرنى تازىلاپ ، جەمىيەتتە خاتىرجەم ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن . ئىككىنچىدىن ، مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ تاشلاپ كەتكەن دۆلەت خەزىنىسىنى مۇسادىرە قىلىپ ، ئۇنىڭ بىر قىسمىنى يەكەن خانلىقىنى قۇرۇشقا تۆھپە كۆرسەتكەن ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارغا بۆلۈپ بەرگەن . يەنە بىر قىسمىنى خانلىق خەزىنىسىگە ئۆتكۈزۈپ ، مۇشۇ ئىقتىساد ئارقىلىق خانلىقنى 10 يىلغىچە قامدىغان ھەمدە بۇنىڭ بەدىلىگە خەلقتىن 10 يىلغىچە ئالۋاڭ - ياساق ئالمىغان . ئۈچىنچىدىن ، ئەينى زاماندىكى مەشھۇر سوپى خوجا تاجىدىننىڭ تەشەببۇسى ئارقىلىق ، 1516 - يىلى 2 - ئايدا ئاقسۇ بىلەن كۇچار ئارلىقىدىكى ئارابات دېگەن تۈزلەڭلىكتە ئاكىسى مەنسۇرخان بىلەن كۆرۈشۈپ ، سۈلھى تۈزگەن . نەتىجىدە مەنسۇرخان ئۇنىڭ خاقانلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان . تۆتىنچىدىن ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە خانلىق تېرىتورىيىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ، بىر قاتار كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان .
سەئىدخان يۇقۇرقىدەك ئىچكى - تاشقى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، خانلىقنىڭ دەسلەپكى گۈللىنىش - مەمۇرچىلىق ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . بىر قىسىم مۇسۇلمان تارىخچىلارنىڭ خاتىرلىشىچە ، سەئىدخان خانلىقنى تۈزەپ ، مۇئىمىنچىلىك قىلىۋەتكەن . يۇقۇرىسى بەگ - بېگات ئېسىلزادىلەردىن تۆۋىنى پۇقرايى - بەقىرلەرگىچە ھەممە كىشى ئەدەب - سۈلكەتلىك بولغان . ئۇ تەرەققىپەرۋەر ۋە ئىستىدادلىق ھۆكۈمران بولۇپ ، ئەلنى ئىدارە قىلىش سەنئىتىدە يۇقۇرى كامالەتكە يەتكەن . ئۇ يەنە ئومۇمىيلىقنى ئەلا بىلىپ ، خانلىقنى تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرگەن . ھالىدىن كەتكەن خەلقنىڭ ئارام ئېلىپ دەرمان توپلىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن . ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىنى تىنچىتىپ ، خارابلاشقان ئىگىلىك ۋە مەدىنىيەتنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن . لېكىن . سەئىدخان ئىسلام دىنىنىڭ سادىق مۇخلىسى بولغاچقا ، غەيرى دىندىكىلەرگە قارىتا بىر قاتار غازات ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان . كەشمېر ، لاداق ، ھەتتا ئالدى تىبەت ۋە ئارقا تىبەتلەرمۇ ئۇنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان . 1533- يىلى 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى 47 يېشىدا لاداققا قارشى ئېلىپ بارغان غازات ئۇرۇشى جەريانىدا تۈتەكتە قېلىپ ۋاپات بولغان . جەسىتى يەكەن خانلىق ئوردىسىغا يۆتكەپ كېلىنگەن .




مەلىكە ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا


خەلقىمىزگە ئۆزىنىڭ ئىستىداتى ۋە ئۆچمەس تۆھپىلىرى بىلەن تۇنۇشلۇق بولغان مەشھۇر مۇقامشۇناس ، شائىرە مەلىكە ئاماننىساخان تەخمىنەن مىلادىيە 1523-يىلى دۇلان تىزناپ دەرياسى بويىدىكى غازكۆل يېزا قومۇشلۇق مەھەللىسى كەمبەغەل بىر ئۇتۇنچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ، ئاماننىسا توغرۇلۇق تەپسىلىي ھەم ئىشەنچلىك مەلۇماتلار بىزگە موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نىئمەتۇللا مۆجىزىنىڭ «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» (مۇزىكانتلار تارىخى) ناملىق قىممەتلىك ئەسىرى ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن بولۇپ ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئەسىرىدە ئاماننىساخان توغرۇلۇق تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ : _
ئون يەتتىنچى پىرى مەلىكە ئاماننىساخان خېنىم ئىدى ، بۇ خېنىم سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ خانىشى ئىدى ، ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ يىگانە شائىرەسى بولۇپ ، «دىۋان نەفىسى» ناملىق شېرىن بىر كىتاپ يازغانىدى ، خەتتاتلىقتا ئۈستۈن ماھارەتكە ئىگە ئىدى ،مۇزىكا ئىلىمىدىمۇ شۇنداق كامالەت ئىگىسى ئىدىكى ،سۇلتان ئۇنىڭغا تاقەتسىز ئاشىق ۋە ئىختىيارسىز شەيدا بولغانىدى .سۇلتان ئۆز ۋەزىر-ئەمىر ۋە لەشكەرلىرى بىلەن پايتەخىت يەركەندىن ئاتلىنىپ چىقىپ ،تارىم دەرياسىنى بويلاپ ،تەكلىماكان دەشتىگە شىكارغا يۈزلەندى ۋە بىرنەچچە كۈن شۇ ئەتراپتا بولدى .سۇلتاننىڭ كىچىلىرى پۇقراچە ياسىنىپ ،قۇنۇچى مۇساپىر سۈپىتىدە سەھرا ياقىسىدىكى ئۆيلەردە غېرىبانە قونىدىغان ۋە شۇ يول بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ رەئىيەگە زۇلۇم-سەتەم قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان ئادىتى بار ئىدى .بىر كۈنى شۇ يۇسۇندا ئەكرەم ئاتلىق بىر مەھرىمى بىلەن خارابى بىر ئۆيگە قونۇچى سۈپىتىدە كىردى ،بۇ ئۆي مەھمۇد ئاتلىق ئوتۇنچىنىڭ ئۆيى ئىدى ،بۇ مەلىكە بولسا شۇ مەھمۇد نىڭ قىزى ئىدى ،سۇلتان ئۆينىڭ بولۇڭىدا تۇرغان بىر تەمبۇرنى كۆرۈپ قېلىپ ،مەھمۇدتىن تەمبۇر چېلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلدى ،مەھمۇد :«مەن تەمبۇر چېلىشنى بىلمەيمەن ،مۇشۇ قىزىمىز ماڭا تەمبۇر ئېلىپ بەر دەپ خاپا قىلىپ ئالدۇرغان، قىزىم چالىدۇ » دەپ جاۋاپ بەردى ،سۇلتان :«ئەمسە قىزىڭىز چېلىپ بەرسۇن » دىدى .مەھمۇد قىزىغا ئەمىر قىلدى ،قىز تەمبۇرنى ئېلىپ پەنجىگاھ مۇقامىغا شىنداق چالدىكى ،سۇلتان ھەيران قالدى ،بۇلۇپمۇ قىز ئۆزى يازغان بىر شىئىرنى مۇقامغا سېلىپ ئوقۇغاندا ،سۇلتان قىزنىڭ مۇھاببىتىدە كۈيۈپ بىھۇش بولۇپ كەتتى ،شىئىرنىڭ باشلانمى بېيىتى مۇنداق ئىدى :

سەڭا يۈز شۈكۈر يارەپ بىزگە ئادىل پادىشاھ قىلدىڭ ،
فەقىر-مىسكىنغە ئابدۇرەشىدخاننى پەناھ قىلدىڭ .

بۇ غەزەلنىڭ چۈشۈرگە بېيىتى مۇنداق باغلانغانىدى
نەفىسى كىچە –كۈندۈز قىل دۇئا تەڭرى تەقدىسىگە ،

كى شاھىڭ ھەققىدە قىلماي دۇئا قاتتىق گۇناھ قىلدىڭ .


غەزەل تامام بولۇشىغا سۇلتان ئالدىراپ :«نەفىسى دېگەن شائىر كىم ؟سىز بۇ غەزەلنى نەدىن ئۆگەنگەن ؟» دەپ سورىغانىدى .

<<خەقنىڭ غەزىلىنىمۇ ياد ئېلىپ ئوقۇمدىكەن ؟ مەن ناۋائىي ،فۇزۇلىي ، زەلىلىنىڭ شىئېرلىرىدىن باشقىنى ئوقۇمايمەن ،بۇ غەزەل ئۆزۈمنىڭ ، نەفىسى دېگەن مېنىڭ تەخەللۇسۇم >> دەپ جاۋاپ بەردى ، سۇلتان ئۇنىڭ قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى سورىغانىدى ، ئاتىسى << 13 ياشقا كىردى >> دەپ جاۋاپ بەردى ، سۇلتان تېخىمۇ ھەيران بولدى . ئاڭغىچە ئاماننىسا خېنىم قۇپۇپ ، ئۆزى يازغان بىرنەچچە شىئېرلارنى ئەكىلىپ كۆرسەتتى ، خېتىنىڭ ھۆسنى ئۆزىنىڭ ھۆسنى بىلەن بەسلىشەتتى ، پادىشاھ بۇ خەتنى شۇنچە كىچىك نارەسىدەنىڭ يازغانلىقىغا ئىشەنمەي :<< قېنى ئەمسە ،مەن قاراپ تۇراي ،بىر شىئىر يېزىپ بېقىڭ >> دېگەنىدى ،قىز دۈۋەت-قەلەم ۋە قەغەز ئېلىپ كېلىپ تۆۋەندىكى بېيىتنى يازدى :


يارەب بۇ بەندە قىلدى ئەجەپ سۇئىزەن مەڭا ،
گۇيا بۇ ئۆيگە ئۈندى بۇ ئاخشام تىكەن مەڭا .


سۇلتان كۈلدى ، ئىشەندىم ،ماڭا ھەجۋى قىلمىسىلا دېدى ۋە مەھمۇد بىلەن تاشقىرىغا چىقىپ << بىز ھېلى كېلىمىز >> دەپ كېتىپ قالدى . ئۇ لەشكەرگاھىغا بېرىپ ، ۋەزىر-ئەمىرلەرگە بولغان ئەھۋالنى بايان قىلدى ، بېشىغا تاج كىيىپ ، ئۈستىگە دەۋاج ياپتى ، دەرھال ئون قوي ۋە ئەتلەسلەر تەييارلاندى ، تۈن يېرىمدا قىرىق كىشى مەھمۇدنىڭ ئۆيىگە كېلىپ مەقسەدنى بايان قىلدى ، پادىشاھ ئۈزىنى ئاشكارە قىلىپ ، توي قىلىپ قىزنى نىكاھىغا ئالدى . خۇدايىتائاللاھ بۇ قىزغا شۇندق ئەقىل پاراسەت ئاتا قىلغان ئىدىكى بۇنى تەرىپلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ، «دىۋان نەفىسى» نى يازدى ، خۇتۇن –قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدىكى <<ئەخلاقى جەمىلە >> (گۈزەل ئەخلاق) ناملىق بىر كىتاپ يازدى . <<شورۇھۇلقۇلۇب>> (قەلىبلەر شەرھى) ناملىق بىر رىسالە يازدى ، شائىرلىق ۋە نەغمىچىلىك ۋە خەتتاتلىق توغرىسىدا بۇنداق مەنىلىك كىتابلار ئاز ،<<ئىشرەت ئەنگىز>> (شادلىق قوزغىغۇچى) ناملىق مۇقامنىمۇ بۇ مەلىكە ئىجاد قىلغانىدى ، كۈچلۈك رەشىك تۈپەيلىدىن سۇلتان بۇنى ئۆز نامىدا قىلىۋالغان ھەم شۇ بۇيىچە نەغمىچىلەرگە ئۆگىتىلگەن ، بۇ مەلىكە 34 يېشىدا تۇغۇتتا ۋاپات بولغان دېيىلىدۇ ، مەلىكە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، سۇلتان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇدەك ھالغا يېتىپ ، سەۋدايىلىق كېسىلىگە مۇپتىلا بولدى ، سۇلتان ئاخىرى يىغلاپ ئالەمدىن ئۆتتى دېيىلىدۇ . ئاماننىسا ھەققىدە يەنە موللا سالىھ كاشغەرىنىڭ <<چىڭگىزنامە>> دېگەن ئەسىرىدە <<...خان ئاخىرى بىر رەئىف لۇلىنى ئالدىلەر ،چۈچۈك خانىم سەرزەنىش (تاپا-تەنە) قىلدى << : سەن لۇلىنى ئالدىڭ دەپ ،خان بۇ روبائىينى توساتتىن ئېيتتىلەر :

<< مەھبۇب ئەگەر كۆڭۈل قەبۇلى بولسە ،
شىرىن ھەرەكەت ،خۇش ئۇسۇلى بولسە .
جان ئوتراسىدا ئانىڭكى يولى بولسە ،

نى ئەيىب ئانىڭ ئەسلىسى لۇلى بولسە

خانىم ھەم گۈزەشىت (كەچۈرۈش) قىلدىلەر. >>

دەپ يېزىلىپ ئاماننىساخاندىن بىشارەت بېرىلگەن .
بۇ يەردىكى << لۇلى >> سۆزى ئەينى ۋاقىتتىكى تارىم ۋادىسىدىكى دولان دىيارىدا ياشاپ كەلگەن سەنئەتخۇمار مەكىت خەلقىگە قارىتىلغان بولۇپ ، ئۇلار فىئۇدال مۇتەئەسسىپ ئىشانلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىپ <<لۇلى>> دەپ ئاتالغانىدى . بۇ ئاماننىساخاننىڭ ناخشا –ئۇسسۇلغا ماھىر ، ئاددى سەنئەتكار خەلقنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .
يۇقىرىقى تارىخى ماتېرياللاردىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى ، مەلىكە ئەماننىساخان بىر ئاددى ، كەمبەغەل ئۇتۇنچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ، ئۆزىنىڭ گۈزەل لاتاپىتى ۋە بىلىمى بىلەن سۇلتاننىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان .

مەلىكە ئاماننىساخان ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ھەقىقىي سۆيگۈسىگە ئېرىشكەن ، ئەل ئارىسىغا بېرىپ مۇقامنى قېزىش ، توپلاش ، رەتلەش ،يۈرۈشلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۈيۈك ئىشتا ئۇنىڭ قوللىشىغا ھەم ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ ، ئوردىدىكى بىر قىسىم مۇتەئەسسىپ ۋەزىر –ۋۇزۇرالار ۋە دىنىي ھوقۇقنى قولغا ئېلىۋالغان خوجا-ئىشانلار بىرلىشىپ ئۇنىڭغا ئۆكتە قوپقان . ئۇلار<< ئوردىنى مۇقامچىلار ئىگىلەپ كەتتى ، قوللىرىغا ساز تۇتۇشىۋالغان زىدى پەس تىجىمەللەر خالىغانچە كىرىپ ئوردىنى قەلەندەرخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى ، خانلىقنىڭ غەزىنىسىدىن نۇرغۇن ئاقچىلار بىھۇدە خەجلىنىپ كەتتى ، خانىش ئاماننسا خېنىم ئاشۇ تىجىمەل مۇقامچىلارغا مۇبارەك جامالىنى ئۇچۇق-ئاشكارا كۆرسىتىپ بىللە ساز چېلىشىپ ، مۇقەددەس دىنىي ئىسلامىمىزغا مۇخالىپ كېلىدىغان گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ >> دېگەندەك بەدناملارنى چاپلاپ مۇقامدىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك مەنىۋىي روھ غەزىنىسىنى يوقىتىۋەتمەكچى بولۇشقان .
مەلىكە ئاماننىسا خېنىم ئەنە شۇنداق چەتكە قېقىش ، يۇشۇرۇن ئاھانەت قىلىشلارغا چىداپ ، مۇقام رەتلەش ، شىئىر يېزىش ئىشلىرىنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويمىغان ، قىدىرخان يەركەندىدەك مەشھۇر مۇقام ئۇستازلىرى ئۇنىڭغا ھەرجەھەتتىن ياردەمدە بولغان ، سۇلتان ئابدۇرەشىدخانمۇ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئۇنى قوللىغان . ئاماننىساخان سۇلتاننىڭ مۇھەببىتىدىن ۋە ئادالەتلىكىدىن سۈيۈنۈپ ئۇنىڭغا ئاتاپ مۇنداق بىر پارچە شىئېر يازغان ، بۇ شىئېر ھەم ھازىرغىچە مۇقام تېكىستلىرى بىلەن بىللە زامانىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن :

كىشى كەلدى جاھانغا كۆردى تەڭسىزلىك بالاسىنى ،

خۇداۋەندە قۇبۇل قىلغىن فەقىرلەر ئىلتىجاسىنى .
ئادالەت بىرلە دۇنياغا ھۆكۈم سۈرسە ئۇلۇغ خىسلەت ،

شۇڭا ئەل باشپاناھ دەرلەر دىيارىم پادىشاھىنى .

چىمەندە گۈل ئېچىلغاندا قىلۇر بۇلبۇل نىچۈك تاقەت ،

شۇ چاغ بۇلبۇل تۇرالامدۇ جاراڭلاتماي ناۋاسىنى .
ھەقىقەت ۋە ئادالەتنىڭ ئۇلۇغ سەردارىنى يادلاپ ،
نەفىسە چالدى شۇكرانە قىلىپ بۇ پەنجىگاھىنى .


بىراق زامان چاقى تەتۈر چۆگىلەپ، ئاياللارئارىسىدىن چىققان بۇ لاتاپەتلىك ،بىلىملىك ،قەيسەر مۇقام خانىشى تەخمىنەن مىلادىيە 1557-يىلى ئوردىدا تۇغۇت ئۈستىدە ۋاپات بولغان . ئۇ ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدىدا ۋەسىيەت قىلىپ مۇنداق دىگەن :«مەن بۇ ئالەمدىن كېتىمەن ،ئەلنىڭ مەرىپىتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تىرىشتىم ،بۇنىڭدىن باشقا سەرمايەم ،ياخشى خىسلەت ،پەزىلىتىممۇ يوق . ئۆز ھاياتىمدا يېزىپ چىققان مەنىۋى ئۈمۈدۈم –غەزىنەمنى باقىي ئالەمگە ئېلىپ كېتەي .قۇمۇش قەلەملىرىمنىڭ قېرىندىسى بىلەن سۇ ئىسسىتىپ مېنى يۇيۇڭلار ،مەلىكە رازىيەنىڭ ياقۇت يېزىقى بىلەن يېزىلغان مەسھەپ شىرىپنى تېخى كۈچۈرۈپ بولالمىغانىدىم ،قىزلارنىڭ بىرى ئاخىرنى يېزىپ ئەلگە تەقدىم قىلسۇن ،پاتىمە بىننى ئەھمەدنىڭ خۇش خەتنى بىلەن قەبرەمگە خاتىرە يېزىڭلار......
( ئاماننىساخاننىڭ تۇغۇلغان ھەم ۋاپات بولغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس ،شۇنداق بولسىمۇ تەۋارىخى مۇسقىيۇندا ئېيتىلغان ،مەلىكىنىڭ 34 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى ،سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ مەلىكىنىڭ ئۈلۈمىدىن كىيىن سەۋدايىلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئالەمدىن ئۆتكەنلقكى توغرىسىدىكى بايانلارغا ئاساسەن مەلىكە ئاماننىساخاننى ھىجرىيە 930-يىللارنىڭ باشلىرى يەنى مىلادىيە 1520-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرى دۇنياغا كېلىپ ھىجرىيە 930-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرى يەنى مىلادىيە 1550-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ئالەمدىن ئۆتكەن دەپ قاراش مۈمكىن ).
شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىباھا گۈھىرى بولغان ئون ئىككى مۇقامنى رەتلەش ، يۈرۈشلەشتۈرۈش ، ئەل ئارىسىغا تارقىتىش ئىشلىرىغا ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشقان ،خەلقنىڭ مەدەنىيەت ، ئەدەبىيات –سەنئەت ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان بۇ يالقۇنلۇق يۈرەك سۇقۇشتىن بىمەھەل توختىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ شۇ ئۆچمەس تۆھپىلىرىنىڭ شەرىپىتىگە خەلقىمىز ئۇنى تاكى ھازىرغىچە قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلاپ ، نامىنى يادلاپ، ئۇنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن ئابىدىلەرنى قاتۇرۇپ ، روھىنى تاۋاپ قىلىپ كەلمەكتە ھەم كەلگۈسىدىمۇ ئۇنىڭ مۇبارەك مۇقام خانىشلىق نامى ئەۋلادلار قەلبىدە مەڭگۈ ئورنىغۇسى .


سەھرانى سۆيىمەن!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11034
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 1070 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 06:31:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاكا_ئۇكا مۇسابايلار بار-يۇ، ئۇلارنى شۇ يولغا باشلىغان دادىسى مۇساباي يوقما؟ رەسىمىنى تاپالمىغان بولسىڭىز ‹‹ئاتۇش مائارىپچىلىرى››دېگەن كىتابنى كۆرۈپ، شۇ رەسىمنى يوللاپ قويۇڭ. يەنە ئۇ كىتابنىڭ باش قىسمىدا بۇ يەرگە يوللىنىشقا تېگىشلىك كىشىلىرىمىز خېلى بار.

ھەقىقەت چەكتىن يېرىم قەدەم ئېشىپ كەتسىلا بىمەنىلىك بولۇپ قالىدۇ. -ئا. مۇھەممەتئىمىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش