پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!
ئاكتىپ ئەزا
تەلكە تېغى
ئىېدىڭغۇ ساما بىلەن بوي تالاشقان ؟! باغلىرىڭ ھۆسىنىڭگە خوپ ياراشقان. ئۈستىڭدە دولقۇنلىغان سايرىمىڭغا، يەتتە ئىقلىم ھەۋەسلىنىپ تەڭ قاراشقان. كەڭرى كەتكەن ئاسمىنىڭدا ئاق بۇلۇتلار، يۈرەتتىغۇ توپ-توپ بولۇپ قوي پادىسىدەك. چاپقۇنلارغا باش ئەگمىگەن قارىغايلىرىڭ، بەك ھەيۋەتتى سادىر ، غېنى سىماسىدەك... سۇغۇرلىرىڭ چېرقىرشاتتى تاڭ-كۈندىزى، تاقلىشاتتى ھەتتا ئەركىن توشقانلارمۇ. قىلماس ئېدى پادىلارغا بۆرە ھۇجۇم، ھال ئېيتىپ يۈرمەيتىغۇ چوپانلارمۇ. لېكىن شۇ ھەيۋەتلىرىڭ كەتتى نەگە؟ ئالۋاستىلار سېنى چەيلەپ قېلدى خاراپ. باغرىڭنى تېلغاۋتقان شۇم قوللارغا، ‹‹ئانا يۇرت›› ھەيرانلىقتىن قالدى قاراپ. سېغىنغانسەن ئۆتمۈشتىكى ھەيۋېتىڭنى؟ سەپ_سەپ بولۇپ سەندىن ئۆتكەن ئەزمەتلەرنى. سېغىنغانسەن ئەرك ئۈچۈن ئات چاپتۇرغان، ئەخمەتچان ھەم ئەلاخاندەك ئوغلانلارنى؟ شاھىدىسەن بەش مىڭ يىللىق تېنىقلارغا، شاھىدىسەن قان ئارلاشقان كۆز ياشلارغا. ھەم بولارسەن كېلەچەك ۋە گۈزەل تاڭغا!!! ھەم شاھىد بول قەسەم ئىچكەن ‹‹ئېسيانكارغا››!. مەنبە: قەلىمىم (ئىسيانكار)
پاش قىلىش
تەستىقلانمىغان
نەپىرەتنىڭ ئۆزى
يىـڭى ئــەزا
ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو
ئالىي ئەزا
ئوۋچىنىڭ ئوقياس
تىرىشچان ئەزا
دائىملىق ئــەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ