ئەسەر ئوغرىلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش
ئىلگىرى ئىلىم ئەھلىلىرى ئىچىدە، ئۆزگە ئالىملارنىڭ ئىلمىي ئۇتۇقلىرىنى ئۆزىنىڭكىدەك ئىگەللىۋالىدىغان ئىشلارنىڭ ئاۋۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئەمدى ئويلىسام، ئەدەبىيات ئەھلىلىرى ئىچىدىمۇ ئەسەر ئوغرىلىرى ئاجايىپ ئاۋۇپتۇكى، ئۆزگىلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆز ئەسىرى ئورنىدا ئىشلىتىپ، ئەسلى ئاپتورنىڭ ئىمتىيازىنى ئويلىمايدىكەن.
ئۆتكەندە ئۆز ئىجادىيىتىمنىڭ ئوغرىلىنىپ، ئايرىم ئورۇنلىرى ئۆزگەرتىلىپ، ئۆزگىلەرنىڭ ئىسمىدا ئېلانلانغانلىقىنى ئۇچراتتىم. ئۇشبۇ ئىشنى ئۇزۇن ئويلىنىش ئارقىلىق، ئەسەر ئوغرىلىرىغا ئىككى ئېغىز ئەسكەرتمە ئېيتىپ ئۆتۈشنىڭ ئىنتايىن ئورۇنلۇق ئىش ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئېسىل ئىدىيىگە ئېرىشتىم. ئەمىسە، ئەسكەرتمىلىرىمنى ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ ئوبدان ئاڭلاڭلار:
ئەي ئوغرىلار! ئۆزگىلەرنىڭ ئىجادىيىتىنى ئىگەللىۋېلىشتىن ئۇيالمامسىلەر؟ ئازغىنە ئابروي ئۈچۈن ئەدەب- ئەخلاقنى ئۇنتۇمسىلەر؟ ئاشۇنداق ئۇسۇلدا ئابرويغا ئېرىشىش ئەركەكنىڭ ئىشىمۇ؟ ئوغىرلىغان ئەسەرنى ئۆزۈڭلارنىڭ ئويلىغىنىچە ئۆزگەرتىپ، ئۆز ئىسمىڭلاردا ئاتىۋالساڭلار ئەسلى ئىگىسى ئۇقالماسما؟ ئوغىرلىقىڭلار ئەڭ ئاخىرى ئۆزۈڭلارنىڭ ئەپتىنى ئاشكارىلايدۇ!
ئۇيغۇر ئاتالغان، ئىسلام ئىتىقادىغا ئىگە ئەركەكلەرنىڭ ئوغىرلىق-ئالدامچىلىق ئارقىلىق ئابرويغا ئېرىشىپ، ئۈممەت ئالدىدا ئۈستۈن ئورۇن ئىگەللەشنى ئويلىشى ئاجايىپ ئەخمەقلىقتۇر!
ئاشۇنداق ئەسكى ئىشنى ئەپلەشتۈرۈشكە ئىسراپ ئەتكەن ئەقىلنى ئۆز ئىشىڭىزغا ئىشلەتسىڭىز، ئىشىڭىزنى ئۇتۇقلۇق ئاياغلاشتۇرۇپ، ئىدارىدىكىلەر ئالدىدىمۇ، ئۈممەت ئالدىدىمۇ ئابرويغا ئېرىشەلەيسىز. ئىلگىرىكىدىنمۇ ئوبدانراق ئەتىۋارلىنىسىز، ئىشەنچكىمۇ ئېرىشىسىز. ئىشەنچلىك ئادەملەرنىڭ ئىشى ئاسانلا ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.
ئۆزگىلەرنىڭ ئىجادىيىتىنى ئوغرىلاش ئۇيغۇر ئەۋلادى ئۈچۈن ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئىشتۇر. ئوغرىلىق ئادەمنى ئوبدان ئاقىۋەتكە ئاپارمايدۇ! ئۇشبۇ ئىشقا ئۆگىنىۋالغانلار، ئەمدى ئۇ ئىشىڭلارنى ئۇنتۇڭلار! ئۈستىدىكى ئەسكەرتمىنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرۈڭلار!