مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1094|ئىنكاس: 7

سەندىن ئايرىلىپ ... (سۇبات) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىتقاد بارچە بار

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6587
يازما سانى: 1896
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11056
تۆھپە نۇمۇرى: 738
توردا: 2651 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 06:13:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەندىن ئايرىلىپ

ئالداش ئىشلەۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز تېلغۇنۇم سايراپ قالدى، قارىسام ئۇ، ئەسلى تېلغۇننى بېسىۋەتمەكچى ئىدىم، كۆڭلۈم ئۇنىماي شۇنچە كىشىلەرنى ساقلىدىم تېلغۇننى ئۇلىدىم.
ـ سالام ساڭا
ـ ساڭىمۇ سالام، نىمە ئىشلار بىلەن؟
ـ ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتىم، سەل تۇرۇپ ساڭا تېلغۇن قىلاي ماقۇلمۇ؟
ـ بىر سۇئال سوراي؟ چۇقۇم جاۋاپ بەرگىن.
ئۇنىڭ سۆزلىرى سىلىق ھەم ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا ئىدى.
ـ تېز بول، شۇنچە كىشلەر ماڭا قاراپ قالدى.
ـ مېنى سۈيەمسەن؟
ئۇنىڭ تاساددى سۇئالىدىن ھەيرانلا قالدىم، مېنى يەنە كۈلكە قىستاۋاتقاندەك كۈلىۋەتتىم:
ـ نىمە دەپ يۈرۈيسەن؟ مەن ئىشلەۋاتىمەن خوش، ساڭا كېيىن تېلغۇن قىلاي.
ـ ياق، ياق نىگار، چۇقۇم جاۋاپ بەر؟ ــ ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدە ئۈتۈنۈش تەلەپپۇزىمۇ ئارلاشقاندەك ئىدى.
تۇيۇقسىزلا تۇرۇپ قالدىم، مېنىڭ ئىشىنى بىجىرىپ بېرىشىمنى ساقلاۋاتقان نەچچە كىشىلەر ئىسىمدە يوقتەك... ھاۋادە لەيلەپ قېلىۋاتقاندەك ئىدىم.
ـ چۇقۇم جاۋاپ بەر، ھازىرنىڭ ئۈزىدىلا سېنىڭ ئەڭ ھەقىقى جاۋابىڭنى ئاڭلىغۇم بار.
مەن ئىلگىرىمۇ سىزنى سۈيىمەن دەپ باققان، ئەمما ئۇ گەپنى [ئۇ] نىڭغا ئەمەس باشقا بىرسىگە دىگەن ئىدىم.
ـ ياق، شىرزات مەندىن بۇنداق سورىساڭ بولمايدۇ؟
ـ مەن چۇقۇم سورايمەن، ھەم جاۋابىڭنى ئاڭلايمەن.
ـ ئەمىسە  قۇلاق سال، سېنى ياخشى كۆرمەيمەن.
ئاچچىقلاۋاتقاندەك قىلاتتىم.  [ئەمما مەن نىمىگە ئاچچىقلىنىمەن؟] تۇنجى قېتىم ئۈزەمدىن شۇنداق سوراۋاتاتتىم. ئالدىمدىكى نەچچەيلەنگە قاراپ
سۇسقىنە كۈلۈمسىرەپ قويدۇم.
ـ بۇ قانداق بوپ كەتكىنى ئەمدى؟ ــ ئۈزەممۇ چۈشەنمىگەن بۇ سۆزۈمنى ئۇلارمۇ چۈشەنمىدى بولغاي ئۇلاردىكى چىراي ئىپادىسىمۇ ھەر خىل ئىدى.
......ئالدىراش نەچچە سائەتمۇ ئۈتۈپ كەتتى، مەن ئەمدى ئۈزەم ئۈستىدە ئويلىنىۋاتاتتىم... شىرزات ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر ياخشى يىگىت، ئۇ مېنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدى، مەن ئۈزەمگە تەسەللى ئىزدەش ئۈچۈن ئۇنى ئىزلىدىم. ئۇ مېنى، مەن باشقىنى، باشقىسى يەنە باشقىنى... نىمىدىگەن ئازاپلىق مۇھەببەت بۇ؟ ھايات ھەقىقەتەنمۇ مېنى ئالداپ قويدى ...
خىياللىرىمنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلمەيلا تېلغۇنۇم يەنە سايرىدى. (بۇ تېلغۇن دىگەن بولمايدىغان نەرسىكەن، خۇشاللىقىدىن ئازابى كۆپ)
ـ كىمۇ؟
ـ مەن ئاداش
ـ كىمۇ شۇ، ئىسسمىڭىزنى دەڭ، ئاداش دىسىڭىز تۇنۇمايمەن.
ـ مەن ئادىلە
ـ ھە سەنمىتىڭ، ئەجەپ تېلغۇن قىپقاپسەن؟ ئىشىڭ بارمىدى؟
ـ ئەجەپ دەپ كەتتىڭ، تېلغۇن قىلغىلىمۇ بۇلامدۇ ساڭا...
ـ خاپومىغىنە ئاداش، كەيپىياتىم ئانچە ياخشى ئەمەس.
ـ نىم بولدى؟ شىرزات بىلەن بىر نىمە دىيىشىپ قالمىغانسەن؟
ـ ئۇنداق ئەمەسقۇ؟
ـ ھە، مەنمۇ ئەنسىرەپ تۇرغان، ساڭا بىر ئىشنى دەي ئاداش، رەنجىمە لېكىن...
ـ نىمىتى، دىگىنە ئاۋال، رەنجىمىگىدەك ئىش بولسا مەيلى...
ـ شىزات بىلەن ئۇچرىشىپ قالغانتىم، ئۇنىڭغا ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىڭنى دەۋەتتىم...
كاللامدا چاقماق چاققاندەكلا بوپ قالدى: ـ نىمە، نىمە دەۋاتىسەن؟
ـ ئاداش راسلا خاپوما، ئۇ ساڭا تېلغۇن قىلىپ، مېنى ياخشى كۈرەمسىز دىسە، ياخشى كۈرىمەن دەپ قويساڭلا بولدى...
ـ نىمە داۋاتىسەن، مەن قاچان شىرزاتنى ياخشى كۆرمەيمەن دىدىم. نېمىشقا مېنىڭ ئىشىمغا ئارلىشىسەن.
ـ سەن، سەن پەخرىدىننى ياخشى كۈرەتتىڭغۇ؟
ـ ئۇ دىگەن بۇرۇنقى ئىش... نىمىشقىكىن تۇرۇپ قالدىم، مەن زادى كىمنى ياخشى كۈرىمەن.

مەنبە: سۇبات يازمىسى

خىزمىتىم سەل ئالدىراش ئاخرىنى ئەتە يوللايمەن. ئەپۇ قىلساڭلار.

ئۇنتۇشنىڭ تەس بۇلۇشىدىكى سەۋەپ ـــ سىزنىڭ ئۇنتۇشنى خالىمىغانلىقىزڭىزدا...

مۇھاببەت ئۈلۈمنىڭ يەنە بىر ئىس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65194
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5639
تۆھپە نۇمۇرى: 539
توردا: 1004 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2013-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 12:23:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى كۈرۈپ باقايلى!

مەن قاچان ئەخمەق بۇلىدىكەنمە، قىزلارغا ئالدىنىپ قالىمە.قىزلار قاچان ئەقلىدىن ئازىدىكەن، ماڭا ئىشىنىپ قالىدۇ.

ئىتقاد بارچە بار

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6587
يازما سانى: 1896
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11056
تۆھپە نۇمۇرى: 738
توردا: 2651 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 10:48:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى

شىرزات بىلەن بىر يىلنىڭ ئالدىدا تۇنۇشقان ئىدىم. ئۇ دائىم مېنى ئىزلەپ پاراڭ قىلىپ تۇرغاچقا ئۈزەممۇ بىلمەيلا ئۇنىڭ بىلەن يېقىن بوپ قالدىم. ئەينى چاغدا مەن مۇھەببىتىمدىن ئايرىلىپ كەتكەن بۇلۇپ، كۆڭلۈم زادىلا خۇشال ئەمەس ئىدى. شىرزاتنىڭ قىززىق گەپلىرىن بۇرۇنقى سۆيگۈنۈمنى ئۇنتۇپ كىتىۋاتقاندەك قىلساممۇ، يۈرۈكىمدىن يەنىلا ئۇنى سېغىنىۋاتقانلىقىم ئېنىق.
شۇنداق قىلىپ شىرزات بىلەن ياخشى دوسلاردىن بوپ قالدۇق. بۇرۇنقى سۆيگۈنىمنى ئاندا ساندا ئەسلەپ قالغىنىمنى ھېساپقا ئالمىغاندا كۆڭلۈم شىرزاتقا مايىل بوپ قېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتاتتىم. ئەمما بۇرۇنقى سۆيگۈنۈمنىمۇ ئۇنتۇپ كەتتىم دەپ ئېيتالمايتىم. مەن ئىككى ئادەمنى تەڭ ياخشى كۈرۈپ قالدىممۇ؟ مەن ئەخلاقتىن چەنتەپ كېتىۋاتامدىم...؟ بۇرۇنقى سۆيگۈنۈم ئىسىمگە كەلسىلا شىرزاتقا تېلغۇن قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشۈشنى ئېيتىمەن،  ھەر قېتىم بۇرۇنقى سۆيگۈنۈم ئىسىمگە كەلسىلا شىرزاتنىڭ ۋاقتىنى  ئالىمەن. مەن بارا ـ بارا شىرزاتنى مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇمدەك ھېس قىلىدىغان بوپ قالدىم. ئۇنىڭدىن ئايرىلىش ماڭا چۇقۇم ئېغىز كېلىدۇ. ئۇنداقتا مەن ئۇنى ياخشى كۈرۈپ قالدىممۇ؟... ئۈزى ياخشى كۈرىدىغان ئادەمنى ئالدىسا توغرىمۇ...
مەن شۇنچە كۆپ خىيال قىلىپمۇ، ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلەلمدىم.
شىرزات ماڭا مېنى ياخشى كۈرىدىغانلىقىى ئېيىتقاندا مەن ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىمنى ئېيىتمىغان. بىر يىل جەريانىدىمۇ ئىلگىرى باشقا بىرىسنى سۆيگىنىمنى ئۇنىڭغا ئېيىتمىغان. كۆڭلۈم يېرىم بۇلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئەمدى مەن بىلەن كارى بولسىما قانداقمۇ قىلارمەن.

ئاخىرى بار

ئۇنتۇشنىڭ تەس بۇلۇشىدىكى سەۋەپ ـــ سىزنىڭ ئۇنتۇشنى خالىمىغانلىقىزڭىزدا...

ئىتقاد بارچە بار

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6587
يازما سانى: 1896
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11056
تۆھپە نۇمۇرى: 738
توردا: 2651 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 11:23:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇلۇمغا تېلغۇننى ئېلىپ ئۇنىڭ تېلغۇنىنى ئۇلىدىم.
ـ گەپ قىلىڭ
ـ سىز گەپ قىلىڭ، مەن نىم دەيمەن.
ـ گىپىڭىز بولمىسا خوش
ئۇ ئەزلەلدىن بۇنداق ئەمەس ئىدى. تېلغننى يەنە ئۇلىدىم.
ـ نىمە؟
ـ نىم بولدى ساڭا شىزات؟
ـ مەندىن سورىماي ئۈزەڭدىن سورا
ـ بۇ نىم دىگىنىڭ، ئادىلە ساڭا نىم دىگەن بولسا، شۇنىڭ ھەممىسى راسمۇ؟
ـ ئەمىسە يالغانمۇ؟
ـ راس، ئۇنداق بولسا نىم بوپتۇ؟
ـ مەن سېنى باشقىلارنى ياخشى كۈرىدۇ دەپ ئويلمىغان...
ـ ئەمىسە كىمنى ياخشى كۈرىمەن؟
ئۇ جىمىپ كەتتى
ـ سېنى ياخشى كۈرىمەن شۇنداقمۇ؟
ـ ئۇنداق ئەمەسكەن، مەنمۇ سېنى مېنى ياخشى كۈرىدۇ، دەپ ئويلىغان ئۇنداق ئەمەسكەن...
ـ كەچۈر، ساڭا دىمىگەنلىكىم ئۈچۈن كەچۈر ... مەن ئۇنى راسلا ياخشى كۈرىمەن. سەن بىلەن دوس بولساملا بولدى. خالىمىساڭ بولدى خوش
ـ بولدى ...
تېلغۇن ئۈزۈلۈپ قالدى، ئۇ نىمە دىگىنىنى مەن چۈشەندىم. ئۇنىڭ مەن بىلەن دوس بولغىسى يوق......
بىر يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە مەن تۇنجى قېتىم تۇنجى سۆيگۈنۈمنىڭ تېلغۇنىنى ئۇلىدىم.
ـ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ـ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ياخشى تۇرىۋاتامسىز؟
ـ ياخشى. ئۈزىڭىزچۇ؟
ـ مەنمۇ ياخشى.
ـ تېلغۇنىڭىزنى بىر يىل ساقلىدىم.
ـ نېمىشقا؟ ئەجەپ مېنىڭ تېلغۇنۇمنى ساقلاپ قاپسىزغۇ؟
ـ سىزنى سۈيىمەن.
ـ ئەمدى بۇنداق دىمەڭ، ـ ئۇنداق شۇنداق دىيىشىنى راستىنلا خالىمايمەنمۇ؟ شىرزاتنىڭ تاتلىق سۆزلىرى قۇلقىم تۈۋىدە ياڭراۋاتقاندەك قىلاتتى: ـ پەخرىدىن بۇنداق دىمەڭ، مەن سىزنى قانداقراق تۇرغاندۇ دەپ تېلغۇن قىلغان.
ـ بولدى سىزمۇ گەپ قىلماڭ. كونا جايدا سىزنى ساقلايمەن. چۇقۇم كېلىڭ. تېلغۇننى قۇيىۋەتتىم.
ئۇ تېلغۇننى قۇيىۋەتتى... مەن كونا جايغا راستىنلا بارىمەنمۇ؟ شىرزات شۇنچىلىك سۈيۈملۈك... پەخرىدىن يۈرۈكۈمدە...
كونا جاي بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئىدى. يېشىل يۇپۇرماقلار بىز ئايرىلغان چاغدىكىگە ئوخشاشلا ئورۇندۇققا سايە تاشلاپ تۇراتتى. پەخرىدىنمۇ ... بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا... ئوخشىمايدىغىنى مەن ...
پەخرىدىن ئىنكاسسىز كۆزلىرىمدىن ئەجەپلەندىمۇ، ياكى ئوڭايسىزلاندىمۇ يەرگە قارىغاندەك ئاۋازىنى چىقىرىپ كۈلۈپ قويدى.
ـ بىز كۈرۈشكىدەك نىمە ئىش؟ ــ مەنمۇ ھېسياتىمنى چۈشەنمەيتىم.
ـ سىزنى ساقلدىم، نىگار... بىر يىلدىن كېيىن سىز يەنىلا تېلغۇن قىلدىڭىز.
ـ مەن بىر يىلنىڭ ئالدىدىلا سىزنىڭ تېلغۇن قىلىشىڭىزنى ساقلىغان.
ئۇنىڭ تۇرقىدىن جىددىلىشىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى... مەن ئىپادىسىز ئىدىم.
ـ بىز ئەمدى تالاشمايلى. ــ ئۇ قوللىرىمنى تۇتماقچى ئىدى، ئارقىغا نەچچە قەدەم ياندىم:
ـ بۇنداق قىلماڭ، ھازىر ھەممە ئىش ئۆزگەردى...
ـ نىمە ئۆزگەردى، مەن ئۆزگەرمىدىم، مەن سىزنى سۈيىمەن.
ـ لېكىن مەن...
ـ سىز ئۆزگەردىڭىز شۇنداقمۇ؟
ـ ياق، پەخرىدىن، مېنىڭچە بىز ماس كەلمەيمىز ... خوش
.....
كۈنلەر ئۆتكەنسىرى مەن تۇلىمۇ يالغۇز قالدىم، مېنى كۈلدىرىدىغان، مېنىڭ يولسىزلىقىمغا يول قۇيىدىغان سەن يوق، پەخرىدىننىڭ تېلغۇنى كۈندە كەپ تۇرىدۇ، نۇمۇرىمنى يۆتكىۋېتىشنى خالىمىدىم، سېنىڭ تېلغۇن قىلىپ مېنى تاپالماي قېلىشىڭدىن ئەنسىرەيتىم.
سەندىنمۇ تېلغۇن كەلدى، مەن سۈيىدىغان ئادەم سەنمۇ؟ يۈرۈكۈمدە يەنە پەخرىدىنم بار...
بىلەمسەن، سەندىن ئايرىلىپمۇ مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەلمىدىم، قەلبىمگە شۇنچە چوڭقۇر ئىز سالغان ئىككى ئادەم مەندىن تەڭلا سۇئال سورايدۇ؟

تۈگىدى.
مەنبە: سۇبات

ئۇنتۇشنىڭ تەس بۇلۇشىدىكى سەۋەپ ـــ سىزنىڭ ئۇنتۇشنى خالىمىغانلىقىزڭىزدا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 927
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10713
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4917 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 11:31:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېلقى ‹قوشنامنىڭ قىزى ›دىگەن ھېكايىڭىزنىڭ ئاخىرىنى ھەجەپ يازمىدىڭىز ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12633
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8957
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3493 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 10:07:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى چىقسۇن جۇمۇ خان

كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملگەر خار بولمىغان !

ئىللىق ئائىلەم ئىللىق ماكانىم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12698
يازما سانى: 381
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9030
تۆھپە نۇمۇرى: 544
توردا: 2364 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2014-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 10:17:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككى ئادەمنى تەڭ ياخشى كۆرۈپ قېلىش مۈمكىنمىدۇ؟

ئاتىنىڭ ھۆرمىتى بولمىغان ئائىلە مەجرۇھ  ئائىلە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 702
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11408
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 07:34:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  نىمە  ئىشلار بۇلۇپ كەتتى ئەمدى ئەڭ ياخشىسى  توۋا دەپ  يۇلۇمغا راۋان بۇلاي

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش