مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2488|ئىنكاس: 15

[دۇنيا مىللەتلىرى-2]  تۇرۇكمەنلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىلان ئەپەندى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13248
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11859
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 02:50:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




تۈركمەنلەر تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت، نوپۇسى 4مىليون 620 مىڭ بولۇپ، جۇمھۇرىيەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 72 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. قالغان قىسمى ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، شىمالىي كافكاز، ئاستىراخان رايونى ۋە ئىران، ئاففانىستان، ئىراق، تۈركىيە، سۈرىيە قاتارلىق غەربىي ئاسىيا ئەللىرىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 4 مىليوندىن كۆپرەك. تۈركمەنلەر ياۋروپا ئىرقى بىلەن موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئارىلاشما تىپىغا كىرىدۇ؛ ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسىنىڭ ئوغۇز تىل تارمىقىغا تەۋە تۈركمەن تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ؛ تۈركمەنلەرنىڭ ئەسلىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار ئىدى، 1940 - يىلىدىن تارتىپ سىلاۋيان يېزىقىنى قوللىنىپ كەلگەن. تۈركمەنلەر ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگگ ئېتىقاد قىلىدۇ. تۈركمەنلەر ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا كۆپرەك بۇغداي، قوناق، كېۋەز ۋە كۆكتات، مېۋە تېرىلىدۇ؛ چارۋىچىلىقتا قوي، تۆگە، ئات، كالا قاتارلىقلار بېقىلىدۇ، قول ھۈنەرۋەنچىلىكمۇ خېلىلا تەرەققىي قىلغان بولۇپ، تۈركمەن گىلىمى بىلەن ياغاچ ۋە مىس ئەسۋابلىرىنىڭ داڭقى بار، يېقىنقى زامان سانائىتىدە نېفىت، تەبىئىي گاز، مىرابلت ئېلىش، ماشىنسازلىق، خىمىيە، ئېلىكتىر ئېنىرگىيە قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. تۈركمەنلەرنىڭ ئەجدادلىرىنى قەدىمكى زاماندا ئىران تىلى بىلەن سۆزلىشىدىغان داخا - ماساگىتلار بىلەن سارمات - ئالانىلار ۋە مارغىئانا، خارەزىم قاتارلىق قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بىر قىسىم ئاھالىلىرى ھەمدە ئوغۇز تۈركلىرىدىن ئىزدەشكە بولىدۇ. تۈركمەنلەر ئاساسەن ئۇن غىزاسى بىلەن گۆش ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ناندىن ئايرىلمايدۇ، شۇڭا تۈركمەنلەر پولۇ بىلەن كاۋاپنى ياخشى كۆرىدۇ. تۈركمەنلەردە بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، يىگىت - قىزلىرىنىڭ توي ئىشلىرىنى كۆپىنچە ھېيت - بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۆتكۈزىدۇ. تۈركمەنلەرنىڭ ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى ھېيت - ئايەم ۋە قائىدە - يوسۇنلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. تۈركمەنلەر مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىلراسلىرىغا ئىگە مىللەت. ئۆزىنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرى ئىچىدە، ئەپسانە - رىۋايەت، داستان، چۆچەك، ماقال - تەمسىل، ناخشا - قوشاق قاتارلىقلار بار. ئەپسانە - رىۋايەتلىرىدىن دېھقانچىلىق پىرى - <بابا - دېھقان>؛ مۇزىكا، ناخشا - قوشاق پىرى - <بابا - قەمبەر>،<قۇرقۇت> ۋە <پەرھات - شىرىن> داستانى قاتارلىقلار تۈركمەنلەر ئىچىدە خېلى كەڭ تارقالغان، ئۇلاردا تۈركمەنلەرنىڭ ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىكى تۇرمۇشى ۋە گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلىرى سۈرەتلەپ بېرىلىدۇ. تۈركمەنلەرنىڭ يازما ئەدەبىياتى خېلى بۇرۇنلا شەكىللەنگەن بولۇپ، تۈركمەنلەر تارىخىدا بىر مۇنچە ئەدىب، شائىر ۋە پەيلاسوپلار ئۆتكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە پەيلاسوپ، شائىر مەختۇمقۇلى (1733 - 1793) ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. تۈركمەنلەر ئوغلاق تارتىشىش، ئوقيا ئېتىش، چېلىشىش، ئات بەيگىسى قاتارلىق مىللىي كۆڭۈل ئېچىش تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ.

    



تۈركمەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى تۇنجى بولۇپ ئاتنى قولغا كۆندۈرگەن ۋە ئاتنى ئىشلەپچىقىرىش، ھەربىي ئىشلار، قاتناش ۋە تەنتەربىيە، مىللى كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئىشلارغا سېلىپ ئات مەدەنىيىتىنى ياراتقان مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تاكى ھازىرغىچە ئاتنى قەدىرلەش، ئۇلۇغلاش ئادىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. تۈركمەنلەرنىڭ ئات ئۈستى ماھارىتى، ئات ئۈستىدە ئوقيا ئېتىش، بەيگە، چەۋەندازلىق، چەۋگەن ئويۇنى، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە - كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىمۇ ئاتسىز بولمايدۇ. تۈركمەنلەر ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا ئۆزىگە خاس كەشتىچىلىك، توقۇمىچىلىق، تىككۈچىلىك ۋە باشقا بېزەك قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىنى بەرپا قىلغان. ئۇلارنىڭ گىلەم، تام بېزەكلىرى، دەرپەردە، بوخچا - خالتا قاتارلىق ئۆي سايمانلىرى، بۆكتەرمە، چۇلۋۇر، قوشقۇن، ئۈزەڭگە، ئىگەر - توقۇم قاتارلىق ئات جابدۇقلىرى ۋە مىللىي كىيىم - كېچەكلىرى ئومۇمەن چىرايلىق كەشتىلەنگەن بولۇپ، كىشىگە بىر خىل ئىستېتىك زوق بېرىدۇ. تۈركمەنلەر ئەزەلدىن كۆك، يېشىل ۋە ئاق رەڭنى ئېزىزلاپ كەلگەن. تۈركمەنلەردە يەنە قۇياش، ئاي، يۇلتۇز قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرىغا تىۋىنىش ئۇلارنى ئۇلۇغلاش قارىشى ھېلىمۇ مەۋجۇت. بۇنى تۈركمەنىستاننىڭ دۆلەت بايرىقى بىلەن دۆلەت گىربىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.



..........................................................
مەنبە: داۋۇت سايىم ، رائىلە داۋۇت ، «دۇنيا مىللەتلىرى» ، شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۇرلەر نەشىرىياتى، 1996-يىلى 1-نەشرى ، 79-بەت

قان بىلەن يىزىلغان تارىخ بولمىسا ،سىياھ بىلەن يىزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65560
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6629
تۆھپە نۇمۇرى: 886
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2011-11-17
ئاخىرقى: 2013-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 04:23:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ﷲmujahidﷲ بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 04:41:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 04:46:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركمەنلەرمۇ تۈرۈك مىللىتىنىڭ بىر قەبىلىسى، يەنى بىزنىڭ قېرىندىشىمىز بولىدۇ... ماڭا ئەڭ ياقىدىغىنى تۈرك قان سىستىمىسىغا مەنسۇپ مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك بايراقلىرىدا ئاي-يۇلتۇزنىڭ ۋە ياكى قۇياشنىڭ رەسىمىنڭ چۈشۈرۈلگەنلىكى، ئەرەپلەرنىڭ كۆپىنچە بايراقلىرىدا بولسا بۈركۈتنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن.

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 04:49:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«تۈركمەنلەر ياۋروپا ئىرقى بىلەن موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئارىلاشما تىپىغا كىرىدۇ؛»
قانداق ئادەم ئايرىغان ئېرقكىن بۇ ؟! قارىسامغۇ ئاۋۇ قىزلار ئەتراپىمدىكى خوشنىللىرىمنىڭ قىزلىرىغىلا ئوخشايدىكەن ، بىز تۈركلەرنى پارچىلاپ ھارمىدىغۇ مۇشۇ « ئالىملار » ؟

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29903
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7240
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 1287 سائەت
تىزىم: 2011-2-10
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 04:56:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئۆرپە -ئادەتلىرمىزگە ئوخشايدىكەن

ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ،ئويلاپ سۆزلە ، دىلىڭ بىلەن تىلىڭ بىردەك بولسۇن .
taxqin بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 05:22:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7877
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1518 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 07:08:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13430
يازما سانى: 403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9916
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 1636 سائەت
تىزىم: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 09:49:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركمەنلەر بىلەن ئۇيغۇرلار تىل، تۇرمۇش، ئۈرۈپ - ئادەت جەھەتتە قازاق ، قىرغىزلارغا قارغاندا ئىنتايىن يېقىن، بىز ئۇلار بىلەن تەرجىمانسىز ئالاقىلىشەلەيمىز، شۇنداقلا بىز ئېرىققا كىرىمىز. ئۇلار نى ئارلاشما ئېرىق دىگنى بۇلماپتۇ، ئۇيغۇرلار، ئۈزبىكلەر، تۈركمەنلەر، ئافغانلار ۋەتاتارلارنىڭ بىر قىسمى، تاجىكلار(تاجىكىستان تاجىكلىرى) قاتارلىقلار مۇڭغۇل ئېرقى ئارلاشقان ياۋرۇپا ئېرقىنىڭ ھىندى- پامىر ، كاۋكاز تىپىغا كىرىدۇ.

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 09:51:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلەت بايرىقىنى قولدا سىزىشقا توغرا كەلسە خېلى جاپا تاتقۇدەك ماۋۇلار ...
چىراي شەكلى كۆپ پەرىقلەنمەيدىكەن ، كىيىملىرى مۇڭغۇللارنىڭكىگە ئوخشايدىكەن ...
رەھمەت سىزگە .

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش