مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: qidag

سىڭلىم دەيمۇ ياكى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43095
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 271
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1441 سائەت
تىزىم: 2011-6-4
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 09:37:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور(qidag) نىڭ تېمىسىغا

مىسرانىمدىكى   ئىسمىڭىزمۇ  (چىداڭ)  ئىكەن    ،   تۇرمۇشتىمۇ  ھەم  چىداڭ  !
بالا  كىچىك

مېنىڭ بارلىقىم ئ

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5724
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 797 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 10:17:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرمۇنچە ئۇنكاس يازسام يوقۇتۇپ قويدۇم . ئەسلىگە كەلتۈرەي دەپ ھىچ يولىنى تاپالمىدىم . بۇ تەرىپى يوقاپ كەتتىمۇ ياكى مەن تاپالمىدىممۇ ؟

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39650
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 332
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1963 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2012-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 11:07:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

8قەۋەتتىكى(hvsniya) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

مىنىڭ كوڭلۇمدىكى گەپلەرنى قىپسىز! سىزدە غەزەپ- نەپرەت چۇقۇم ئېنىق بولشى كىرەك!

مېنىڭ بارلىقىم ئ

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5724
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 797 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 12:02:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىغاندا ئاۋۇ ساراڭ خوتۇن سىڭلىڭىزغا بۇ يازمىلارنى دەپ قۇيۇپ سىزنى يەنە ئوسال قىلىدىغان ئوخشايدۇ . ئۇ راست ساراڭ خوتۇن ئوخشايدۇ . مەنمۇ ئۇنىڭدىن قوقاااااااااااي !
ئەمەلىيەتتە سىزدىكى شۇ خىل كۆڭۈل زېدىسىنى مۇشۇ خىل رەۋىشتە بولسىمۇ بايان ئىتىپ چىقىرىۋىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز ، 70 كىلو قىز !
تورغا بىۋاستە يازغاندا شۇنىڭدەك ئىملا خاتالىقىدىن قۇتۇلماق تەس . ئەمما سىز قەلەمدە پۈتۈن ھىسىياتىڭىزنى كاللىڭىزغا مەركەزلەشتۈرىۋالماي ئەتىراپلىق ، ئۆزىڭىزنى توختىتىۋالغانراق يازسىڭىز بۇ خىل يىتەرسىزلىكلەردىن سەل - پەل قۇتۇلالايسىز ھەم جۈملىلەرنى ئەتىراپلىق ، تولۇق رەۋىشتە بايان قىلالايسىز . قارىغان بۇ ئەسىرىڭىز خېلى ئۇزۇن ئوخشايدۇ . ئاۋۇ ساراڭ خوتۇننىڭ سىڭلىڭىزغا ئاشكارا ئېيتىپ قويىشىدىن قورسىڭىز داۋامىنى يازمىسىڭىزمۇ بولىدۇ !
ئەمما تەكلىپ شۇكى ، ئىچىڭىزدىكى بۇرۇختۇرمۇلۇقنى مۇشۇ خىل ئاساستا بولسىمۇ چىقىرىپ بوشىتىڭ ۋە ئۇستازلارنىڭ پىكرى بويىچە كىيىنكى قەدەملىرىڭىزنى ئەتىراپلىق بېسىڭ !
شۇنداق ياخشى قىزغا ( بۇنداق دېسەم ئاشىق بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلار ھە ! ) رىغبەت يوق سەھەردىلا ئۇنىڭغا زەربە بەرسەك ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايدىغانلار قولۇڭلارنى كۆتۈرۈڭلار !
چىداملىق قىز ، بۇ يەردىمۇ يەنىلا چىداڭ . بۇ يەرمۇ قارىماققا كۆڭۈللۈكتەك قىلغان بىلەن تىل ئاھانەتنىڭمۇ ، ياخشى تىلەكلىك سۆز - ئىبارىلەرنىڭمۇ مەيدانى .
ھە راست ، ئاۋۇ ساراڭ خوتۇن ( ئاچچىقىڭىز كەلمىسۇن ھە ! )  مىنى تىللاپ كەتمەڭ ھە . بۇلتۇر بىر ساراڭ تاس قالغان يولدا بېشىمغا بىرنى ئۇرغىلى .
داۋامىنى كۈتىمەن . ياخشى باشلىنىۋاتىدۇ !

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66399
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 291
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 569 سائەت
تىزىم: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 12:06:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەۋرى-تاقەتنىڭ چوقۇم چېكى بولىشى كېرەك!!!!!!!!!!!بىر دانە ئەسكى پەلتوسىنى دەپ سىزگە يۈزسىزلىك قىلغان ئادەم قانچىلىك ئەسقاتىدىغان قېرىنداش بولماقچىتى؟شۇڭا سىز ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىملىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ.بۇنىڭ بىردىنبىر ئامالى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ۋاقىتلىق پەرۋاسىز بولۇڭ.

بىرسى دىدى تۇخۇم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1550
يازما سانى: 345
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3911
تۆھپە نۇمۇرى: 511
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 02:39:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرگە بەرسەڭلا ئوڭشىلىپ  قالىدۇ،تۇرمۇش  سىز ئۆگەتمىگەننى ئۆگىتىدۇ.

مۇنارلار نەيزە،قۇببىلەر قالقان، مەسجىدلەر گازارما،مۇئمىنلەر ئەسكەر، بۇ ئىلاھى قۇشۇن دىنىمنى قوغدار، ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر!!! بىز ھەممىمىز كۆرۈنمەس قورغاندىكى مەھبۇس.........!!!

واْلفَجر وليالٍ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64280
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 659
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 443 سائەت
تىزىم: 2011-11-9
ئاخىرقى: 2011-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 07:24:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سىڭلىم دەيمۇ ياكى(2)

ئەسكەرتىش: بۇ پەقەتلا ئوزۇمنىڭ ھەقىقى بولغان ئەھۋاللىرى بىرەسىگە  يىغلاپ تۇرۇپ دەي دىسەم ئوزۇڭدىن باشقا كىشى ئوزۇڭگە كۆڭۇل بۇلىشى ناتايىن .ئاتا -ئانامغا دەي دىسەن.ئۇلارنىڭ بىزنىڭ بېقىپ مۇشنچىلىك قىلىشىمۇ ئاسان ئەمەس.شۇڭا خەتكە يېزىپ كۆڭلۇمنىدىكى بۇ قاراڭغۇلۇقنى ئازارق بولسىمۇ يۇرۇقلىققا چىقىرىش ئۇچۇن .بەزىلەر دىيىشى مۇمكىن بۇ شەخسى ئىش بۇنى بۇنچىلىك يېيىۋېتىش ئەخمەقنىڭ ئىشى .شەخسى ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان ئىنسان .باشقىلاردىن ئاغىرنىشقا ھەققى يوق دىيىشى بۇمۇ ئىنىق .،.لىكىن مەن مۇشۇ ئارقىلىق كۆڭلۇمدە بىرەسىگە دىيەلمىگەن گەپلىرىمنى يېزىۋالغىنىم ئۇچۇن  كۆڭلۇمنىڭ ئازىراق يېرى بولسىمۇ بوشىدى دەپ ئويلىغان ئاساستا يېزىۋاتىمەن ..
ئەمدى ئىملا خاتالىقىغا كەلسەك مەن تۇزىتىشكە تىرىشىمەن .....




تېلېفۇننى قويۇپلا .يۈگۈرۈپ دۇكان تەرەپكە ماڭدىم  .يەنە تېلېفۇن كەلدى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، دەپ تېلېفۇننى ئالدىم .ئۇف...بوران چاپقۇندەك تىللاشلار .بىرسى ھارسا يەنە بىرسىنىڭ تىللاشلىرى .ئەكىلە مەن گەپ قىلاي دىگەندەك .تېلفۇندىكى ئاۋازلارنىڭ ئوخشسماسلىقى ..ئەكىلە ماڭا بەر ئۇنداق ھېچنىمە ئۇقماي تېۋېپلىق قىلىدىغانلار خەقنىڭ پۇلىسىنى بىھۇدە ئېلىۋالىدىغانلار بەك كۆپ .دىگەن ئاۋازلار چىقىۋاتاتتى .
كەينىدىن ئېغىر بېسىق كىشىدىن بىرسى ئېلىپ .سىڭلىم ئەمدى ئانام دائىم سىزدىنلا دورا ئالاتتى ھەم دورىسى شۇنداق دەل جايىغا چۇشۇپ ئاللاھنىڭ  نىسپىتى بىلەن شىپالىق بىرىپ كىلەتتى .ئەمدى بۇنداق قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئىش ھەل بولمايدۇ .خاپا بولماي خەلىق دوختۇرخانىسى جىددى قۇتقۇزۇش بۈلىمىگە كەپ كەتكەن بولسىڭىز .ئانامنىڭ كىسىلى بەك ئېغىر .دوختۇرلار قانداق دورا ئىچكەنتى دەپ بەك سۇرۇشتە قىلىپ كەتتى. بەرگەن دورىڭىزنى ئەكەلسەكمۇ تېشىدە بىرە ئىسمى يوقكەن بىز ئىنىق بىرنىمە دىيەلمىدۇق دەپ تۇرۋالدى دىدى ...نىمە ئامال بارماي دىسەم مەسئۇلىيەتسىزلىك بۇلىدۇ .ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ باردىم ،جىددى قۇتقۇزۇش بۇلىمىنىڭ ئالدىغا كىلىپ ھېلىقى كىشىگە تېلفۇن قىلدىم قايسى ياتاقتا دەپ ئۇنىڭدىن سورىدىم.ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك  (ھە ئاداش ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى سۇغۇقتۇ  قانداق ياخشى تۇرۋاتقانسەن سەل توختە مەن سىرتىغا چىقاي)دەپ باشقا ئادەمگە گەپ قىلغاندەك قىلىپ.دوختۇرخاننىڭ سىرتىغا چىقتى.
سىڭلىم ھازىر بۇ يەرگە كىرسىڭز  ئىنى سىڭىللىرىم .سەل ئاچچىقىدا تۇرىدۇ شۇڭا دوختۇر ئىشخانىسىغا كىرەيلى دەپ دوختۇر ئىشخانىسىغا ئەكىردى .  ئىشخانىغا كىرپ بىرەدەم تۇرۇپ تۇرشىمىزغا مەسئۇل دوختۇر كىردى .ئۇ خۇددى مىنى ھازىرلا تىىللايدىغاندەك .مۇشۇ ھالىغا دورىگەرلىك قىلىپ يۇرۇدىغان نەرسىكەنسەن دىگەندەك .كۆزىنى بىر قۇر ماڭا يۇگۇرتپ تۇرۇپ .

خان -سىز قايسى مەكتەپتە ئوقۇغان نىمىشقا ئۈيغۇر تىبابەتنىڭ دورىسى بىلەن غەرىپچە دورىسىنى بىرگە ئىشلىتىسىز يەنە كىلىپ بۇ چوڭ ئاچىمىزدا قەنىت سىيىش كىسىلى بار قان بېسىمى يۇقىرى قاندا ماي بار تۇرسا .....
شۇنداقتىمۇ دورىنىڭ 2 -خلىنى ئىېچىپ قالغىننى ئىچمەپتۇ .ئۇنداق بولمىغاندا بىر ئومۇر قاراڭغۇ يەردە ياشايدىكەنسىز .

مەن ھاڭۋېقىپ قالدىم بىرنەرسە دەي دىسەم سىڭلىمنىڭ قانداق دورا بەرگىنى تېخچە ماڭا نامەلۇم.  دورىنى كۆرۇپ باقاي دىگەندەك ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ تۇردۇم .ئۇ بىر دۇۋە دورىنى ئېلىپ. ھە دەڭە؟ قانداق بۇنىڭ تېشىدا ئېچش ئىسمى يېزىلغان ياكى ئىشلىتىش ئۇسىلى يېزىلغان يېرى يوق .سلەردەك ساختا تېۋېپلار بولغاچقا ھەقىقى تېۋېپلارنىڭ يۇزى چۇشۇپ كېتىۋاتىدۇ .دەپ قايناپلا كەتتى دورىغا بىر بەس قارىدىم .ھېچ مەن يېزىپ بەرگەن دورا باردەك قىلمايتتى .ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بۇلۇپ .ئەتتىگەندىن تا ھازىرغىچە باشقىلاردىن تەنقىت ئاڭلاپ كەلگەنلىرىمنى ئويلاپ كۆزۇمدە ياش ھازىر چىقىمەن دىگەندەك كۆزۇم پاقىراپلا كەتتى ،.

شۇنداق قىلىپ ئاللاھنىڭ شىپالىقى بىلەن ھېلىقى ئايال دوختۇردىن چىقتى 9-كۇن دىگۇدەك باشقا باللىردىن ئاھانات ئاڭلىغىنىمغۇ كۆزۇمگە كۆرۇنمىدى .مۇشۇ 9- كۇن 9- يىلدەك بىلىنىپ ھەر بەش ۋاقىت نامىزىمدا شۇ ئايانىڭ كىسىلىگە شىپالىق بىرىشنى ئۇلۇغ ئاللاتىن تىلەپ چىقتىپ .تاماق ھەققى .ياتاق ھەققى.پۇتۇن داۋالىنىش راسخورتىنى ئويدىكىلەرگە دىمەي ئوزۇم كۆتۇردۇم .تۈلىگەن 23 -مىڭ يۇەن پۇلغۇ كۆزۇمگە كۆرۇنمىدى شۇ ئايالنىڭ دوختۇرخاندىن سالامەت ساقىيىپ چىققىنى كۆرۇپ بەكمۇ خوش بولدۇم مۇشۇ خوشلىقىمدا ئاللاھقا كۇنىگە ئىككى رەكەت شۇكىرى ناماز ئوقۇپ چىقتىم .

مۇشۇ ئىش يۇز بېرىپ خېلى ئايغىچە جىمىپلا يۇردۇم .دورىخانامنى تاقاپ ئويۇمدە ئەمەل ئىبادەتلىرىمنى جايىدا قىلىپ ئولتۇرۇشنىمۇ جىق دىگۇدەك ئويلىدىم .لىكىن كەسپىمگە بولغان قىزىقىشىم .جاپادا مۇشۇنچىلىك ئىگىلىك تىكلىشىم . مۇشنڭ بىلەن تۇگۇشۇپ كېتەرمۇ دىگەنلەرنى ئويلاپ.بولدى ئاللاھ قىيىن ئىشنى ئاسان قىلغۇچى .ئوزى بىلىدىغان غەم قايغۇلارنى كۆتۇرۋەتكۇچى .قىلغان كەسپىم پاكىزە ھەم كىشىلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان. ياخشى كەسىپ دىگەنەرنى ئويلاپ ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ يەنە قايتا ئىشىمنى باشلاۋەردىم .
ئويۇمدىكىلەرنىڭ بۇ ئىشلاردىن ئەسلا خەۋېرى بولمىغاچ .
ئۇلارنەچچە كۇنلەر بولدى دوكانغا بۇرۇن چىقىپ كەچ كىلىدىغان بۇپ قالدىڭىز قىز بالا دىگەن كەچ قالسا ھەر جەھەتتىن ياخشى ئەمەس .ئۇنىڭ ئۇستىگە سىڭلىڭىزنىمۇ دوكانغا چىقمىسۇن دەپسىز. سىلەر دىگەن بىر تۇققان .يات كىشىلەرگىمۇ ئۈگىتىدىغان گەپ كەسىپ دىگەننى. ئۇنچىلىك قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوقتى ئۇ يەردە يالغۇز يىتىشەلمەيدىكەنسىز بىرە ياردەمچى بولمىسا بولمايدۇ .ھېچ بولمىسا دورىلارنى قاچىلاپ قۇتىلارغا ئەپ بەرسىمۇ ھېساپ دەپ .سىڭلىمنى يەنە دورىخانىغا چىقسۇن دىدى .
مىنىڭ مۇشۇ تاپتا ئۇللۇك ۋاقىراپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ماڭا قىلغان پايدىلىرى خېلى يىتەرلىك بولدى بولدى چىقمىسۇن مەن ئوزۇم قىلىپ كېتەلەيمەن دىگۇم كەلدىيۇ يەنىلا
بولدىلا يەنىلا ئوخشاش گەپلەر بىلەن ئۇلار يەنە مىنى قايىل قىللايدۇ دەپ .ھە مەيلى چىقسا چىقسۇن ئۇنچىلىك ئويلاپ كېتىدىغان  ئىشلارمۇ ئەمەس دەپلا. دوكانغا ماڭدىم ...ھېچ سىڭلىم چىقاي دىمەيتتى .كەينىمگە يېنىپ ياتاق ئويىنىڭ ئالدىغا كېلىپ دوكانغا ماڭاي دىگەن ھازىر ماڭامسەن ياكى بىرەدەم تۇرۇپ ئارقامدىن يىتىشىۋالامسەن دەپ سورىدىم .ھېچ ئاۋاز يوق .قايتا سورىدىم.يەنە ئاۋاز يوق بولدى مېڭىۋېرەي دەپ تۇرشۇمغا .ۋاقىرغان ئاۋاز بىلەن چىقساڭ چىقىرۋەرمەمسەن نىمە ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى بۇزۇپ كۆرمىدىڭمۇ دەرىس تەكرالاۋاتقىنىمنى ئەتە ئىمتاھان بار كۆزۇمگە چىرايلىق كۆرەنمەي يوقۇلە ماڭ .دىگەن ئاۋاز بىلەن  جىمىپ قالدى ..


توۋا ئوزۇمگە ئاز بۇرۇنمۇ ئۇ مەن بىلەن ماڭمايتتى بىلىپ تۇرۇپ سورىغىنىمنى .......شۇنداقتىمۇ سىرتقا چىقسام شۇنداق قويۇق قار يېغىۋېتىپتۇ .قارغا شۇنچىىك ئامراقلىقىمدا ئەڭ ئۇزۇن يول بىلەن دوكان تەرەپكا ماڭدىم .قارنىڭ قۇيۇق يېغىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ بۇرۇن بولغان ئىشلارمۇ كاللامدىن شۇنداق چىقىپ كەتتى يولدا ماڭغاچ ئوزۇم بىلەن ئوزۇم پاراڭلىشىپ ماڭدىم ،ئالدىمدا 12-ياشلاردىكى بىر جۇپ ئاچا سىڭىللار نىڭ كۇلكە ئاۋازى بىرسى پاكىزە يەردىن قار يەۋەتسا يەنە بىرسى ئۇنى توسۇپ بولدى يىمە بۇنداق ۋاقىتتا قار يىسا ئاسانلا زوكام بۇپ قالىدۇ دەۋەتقان ..كەينىدىن ئاستا ماڭدىم يانچۇقۇمدىن تېلفۇنى ئالدىم ئىككىسنىڭ ئارقىسىدىن بىر پارچە رەسىمگە تارتىۋلادىم .كىيىن سىڭلىسى كۆرۇپ ھەدە  ئالدىمىزدىن تاتىپ قويسىڭىز بۇپتىكەن دىدى    .يەنە بىر پارچە تاتىۋالدىم ئۇلار كېتىشىپ قالدى ....ئويلاپ قاپتىمەن ..توۋا نەچچە نەچچىلاپ توۋا قىلىۋەتتىم نىمىشقا توۋا قىلغىنىمنىمۇ بىلمىدىم .ئىختىيارىسىز كۆزۇمدىن چىققان ياشنى باشقۇرالمايلا قالدىم .ئالدى كەينىگە قارىۋېتىپ ھېچكىم يوقلىقىنى بىلىپ ئاۋاز سېلىپ ئۇكسۇپ يىغلاپ كەتتىم نىمىشقا يىغلايدىغىنىمنىمۇ ئوزۇممۇ بىلمەيلا قالدىم ....ئاسمانغا بىچارە ھالاتتە قاراپ بىرە دەم تۇردۇم قار تېخىمۇ كۆپ چۇشۇشكە باشلىدى.كۆزۇمدىن چىققان ياش بىلەن قارنىڭ سۇغۇقىدا سەل توڭغاندەك بۇلۇپ يولۇمغا ماڭدىم .دوكاننى ئەمدى ئېچىپ تۇرشۇمغا ئالدىدىن پۇل ئوتكۇزۇپ قويغان بىرەليلەن كىرىپ سىڭلىم خاپا بولماي ئوتكەدىكى ياساتماقچى بولغان دورىغا بىرىپ قويغان پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز بۇپتىكەن ،.مەن سەۋەبىنى سورىدىم ئۇ ھېچ دىمىدى كىيىن قېشىدىكى ئايالى ئوتكەندە بىرسىگە دورا ياساپ بىرىپتىكەنسىز تاس قاپتۇ ئۈلۈپ كەتكىلى بىزنىڭمۇ ئۇنداق بولغىمىز يوق دەپ  تىز بۇلىڭە بەك ئالدىرايتتۇق .ئىچىمدا ئاچچىق تىنىۋەتتىم .ھە بۇپتۇ دەپ ئالدىن بەرگەن  مىڭ يۇەن پۇلىسىنى قايتۇرۇپ بەردىم .

بارا-بارا.دوكاننغا كىرىدىغان چوپقاتلارمۇ ئازلاپ كەتتى  .چىشىمنى چىشىمغا چشلەپ تۇرۇپ ئېچىۋەردىم سىڭلىم چىققان كۇنلىرى ماڭا كۆرۇنۇپلا يەنە بۇرۇنقىدەك كىتابىنى قولىغا ئېللىپ ياندىكى ئويدە ئولتۇرىۋېرەتتى .
بىر كۇنى ئەتتىگەن بامداتقا تاھارەت ئېلىش ئۇچۇن  ھاجاتخانىغا كىرەي دەپ تۇرشۇمغا كۇچلۇك ئىتتىرگەن بېسىم بىلەن چوگۇندىكى سۇنىڭ ھەممىسىنى كىيمىمگە توكۇلۇپ كىيمىم  ھۆل بۇپكەتتى بۇنىداق ئىشلارغىغۇ ئەسلا تىنالمايمەن .يەنە شۇ سىڭلىم مەن بامداتتىن بۇرۇنلا دەرىسىمگە ماڭمىسام بولمايتتى ھېچكىم ئويغۇتىۋەتمەپتۇ دىگەندەك ۋاراڭ چۇرۇڭ .ھە بۇپتۇ مەن ئويدە بولغاندىكىن ئۇ مېڭىۋلاسۇن دەپ چوڭلارنىڭ ھاجاتخانىسغا ماڭدىم .ۋاي ۋوي..دىگەن ئاۋاز .ھە نىمە بولدۇڭ.ھېچ ئاۋۇ تېلفۇنۇمنى ئەكىرىپ بىرە .
ھە سەل توختا..خۇددى ئانام ياكى دادام بىرە ئىشقا بۇيرىغاندەك شۇنداق يۇگۇرۇپ ياتاق ئويىگە كىردىم .جىددىيلەشكىنىمدىن تېلفۇننى چاققانلا ئېلىپ .ھە مانا ئەكىردىم ىچىگە ئەكىرىپ بىرەيمۇ دەپ سورىشىمغا ۋاي ماڭا شۇ يەردە ساخلاپ تۇرە بىردەم تازىمۇ بىر .ئەتتىگەنلىك بولغانكىن ھەممە ئادەمنىڭ ھاجەت خانىغا كىرگۇسى كىلىدۇدە .ئۇ چىقىپ بولغۇچە تېلفۇنىسىنى بىرەە ئېلىپ چوڭلارنىڭ ھاجەت خانىسىغا كىردىم ئەمدى بىر تاھارەكە تەمشىلىۋاتسام .نەس باستى ئەتىۋا سىڭلىمنىڭ تېلفۇنىسى ئەۋرەز يولىغا چۇشۇپ كەتتى .نىم قىلارىمنى بىللەمىدىم قولۇمنى تىقاي دىسەم ھېچ يەردە كۆرۇنمەيتتى .ئەلۋەتە كۆرۇنمەيدۇدە .  كاللامدىن بىر چىلەك سۇ چۇشكەندەك بولدۇم ،خېلى ئۇزۇنغىچە ھاجەتخانىدىن چىقالماي تۇردۇم .
ئىچىمدە ئويلىدىم بۇگۇن يەنە مىنى نەس باستى مانا دەپ بېشىمغا كەلگىننى كۆرەي دەپلا تەھاراتنى ئېلىپ نامىزىمنى ئوقۇي ۋەردىم ئەمدىلا ئىكى رەكەت سۇننىتىنى ئوقۇشنى باشلاپ تۇرسام سىڭلىم كىرىپ تېلفۇنۇمنى قەيەردە قويغاندۇ دەپ ھەممەيلەننى پاراكەندە قىلىشنى باشلىدى  قېشىمغا كىلىپ نىمىلەرنىدۇ دەپ ۋاقىراپ كەتتى بۇ نامازنى قانداق ئوقۇغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن ئىشقىلىپ ئاران سالام بېرىۋېتىپ پەرىز نامزانى باشلاي دەپ تۇردۇم چۇنكى سۇننەت بىلەن پەرىز ئارلىقىدە گەپ قىلسا بولمايتتى .
ئۇنچىلكىنى بىلىدۇ ھەرقانچى بولسىمۇ نامىزىمنى بۇزماس دەپ نامازنى باشلاۋەردىم .كىم بىلسۇن ئەمدى سەجدىگە بارسام بىرسى كەينى تەرىپىمدىن قاتتىق ئىتتىرىپ نامىزىمنى بۇزىۋەتتى .ئاچچىقىمدا سەنمۇ ئوقۇغان كىشىمۇ ئېسىت ئوقۇغىنىڭغا بىر تېلفۇن نامازدىنمۇ مۇھىممۇ ؟دەپ ئۇنىڭغا ۋاقىراپ تۇرۇپ دىدىم ..ۋاي تولا قۇرۇق گەپ قىلماي تېلفۇننى نەدە قويدۇڭ بەك مۇھىم ئىش ئاۋۇ بۇگۇن دەرىسنى باشقا يەرگە ئۇرۇنلاشتۇرغان تېلفۇن ئالمىسام باشقا باللىلا يەنە كونا يەرگە بارىدۇ ئۇ يەر بەك خەتەرلىك ..دەپ سىلىق چۇشەندۇردى ..ئەمسە مىنىڭ تېلفۇنۇمدا ياكى ئوينىڭكىدە ئالساڭ بۇلىدىغۇ دىدىم نۇمۇرنى يادقا بىلمەيمەن شۇنىڭ تېلفۇننىڭ ئىچىدە ساقلاغلىق .
.ئوف..تېلفۇنىڭنى بايا ھاجەتخانىغا ئەكىرگەن ئەمما مەن قەستەن قىلمىدىم شۇ يەرگە چۇشۇپ كەتتى خاپولمىغىن ..شۇ گەپ ئاخرلىشىپ بولغۇچە.مەڭزىمگە بىر تەستەك سېلىپ .سىنىڭ قولۇڭدىن قاچان بىر ياخشىلىق كىلىپ باققانتتى ماڭا دەپ چىقىپ كەتتى .كۆڭلۇمدە بولدى گۇناھ مەندە بۇنىڭىدن چوڭ ئىش چىقارمىدى دەپ تۇرشۇمغا ئاردىن بىرە مىنۇت ئوتتى يا ئوتمىدى .يۇگىرىپ كىرىپ مىنىڭ تېلفۇنۇمنى يوق قېلىۋەتكەندىكىن مانا سىنىڭكىنىمۇ  دەپلا يەرگە ئېتىپ نەچچە پارە قىلىپ تاشلىدى ...ئاچچىقىم ئەمدى كەلدى .مەن يا ئۇنىڭ تېلفۇنىسىنى قەستەن تاشلىۋەتمىسەم ،.ئاستا ئالدىغا كىلىپ بىر تەستەك سالدىم .ئۇ تۇرغان يېرىدا تۇرۇپلا قالدى ئىككىلىمىز جىمىپلا قالدۇق .چۇنكى 23-يىل مابەينىدە ئۇنى تۇنجى ئۈرۈشۇم ئىدى .
بىردەم تۇرۇپ بولغاندىن كىيىن سىڭلىمنى ئەسەبىيلىكى تۇتتى .تاھارەت ئېلىپ قويۇپ قويغان چوگۇننى قولىغا ئېلىپلا كۆردۇم كۆمىدىم دىمەي ئۇرۇشقا باشلىدى قول ياندۇراي دىدىم ئەمما ھاي.دىگەنكى سەۋېرىم بىلەن جىم تۇرۇپ بەردىم ئۇردى. ئېغىزىدا تىللىدى .ھاردى. قول ياندۇرماسلىقىمدىكى سەۋەپنىڭ ئەڭ ئاددىسى بولسا چوڭلاردىن تارتىنىش بولدى(چۇنكى ئۇ ھامان مەندىن ھېچ بولمىغاندا 2 ياش كىچىك .تەڭ تۇرپ بەرسەم يەنىلا گۇناھ ماڭا ئارتىىلىشى ئىنىق چۇنكى قىز بالا دىگەن ئويدە ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا ھچكىم بىلەن چىقىشالمايدىكەن دىگەندەك گەپلەر بىلەن يەنە ماڭا كۆڭۇل ئاغىرقى .).بىردەمدىن كىيىن بېشىمدىن ساقىپ چۇشكەن قان ياغلىقىمنى چىلىققىدە ھۆل قىلىۋەتتى ياغلىقىم قارا بولغاچ مەن ھېچ نىمىنى بىلمەيلا قاپتىمەن لىكىن.يۈزۈمگە ساقىپ چۈشكەندىن كىيىن .ھوشۇمنى تاپتىم .

داۋامى بار.....

ئادەم قېرىپ ئۆلسىمۇ .ئاغرىق ئازابىدا ئولسىمۇ مىلىيونېر بۇلۇپ راھەتتە ئولسىمۇ يەنە شۇ ئۈلۈۇمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچى.ئەڭ راھەت ئۈلۈم جەڭ مەيدانىدىكى ئۈلۈمدۇر.كەمىنە؛u-m

مېنىڭ بارلىقىم ئ

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5724
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 797 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 11:13:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمە ئىش بولۇپ كەتتى ھوي ؟ بۇ قانداق تېراگىدىيە بولدى ئەمدى ؟
راست قويۇپسىز ئىسمىنى سىڭلىم دەيمۇ ياكى دەپ . سىزدىمۇ باركەن ئۇنىڭ ئەسەبىيلىكلىرىگە قارىتا گۇناھلار . سېنىڭ راست دەپ كۇچۇگۇم - كۇچۇگۇم دەپ بەرسە شۇنىڭدەك بولماي قانداق قىلىدۇ . ئاخىرىدا سىزنى ئادەم قىلىپ چىققۇدەكتە ئۇ !
داۋامىنى كۈتىمەن .

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

دۇنيادا كۆرگىنى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49269
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 68
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 966 سائەت
تىزىم: 2011-7-26
ئاخىرقى: 2011-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 11:19:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنى دەيىمەن  نىمانچە ئەمدى....... بىر قوساقىتىن چىققان قىرىنداشىمۇ شۇنىداق بولامدۇ ........داۋامىغا تەشنا مەن !

دۇنيادا كۆرگىنىڭ تۈمەن مىڭ بولسۇن، چىن يۈرەكىتىن سۆيىگنىڭ پەقەت بىر بولسۇن!!

ياردەم مەزمۇنى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42244
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 71
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 02:28:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش