مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1494|ئىنكاس: 11

ئىمام ئەلىنىڭ تەرجىمھالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 03:37:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
              ئىمام ئەلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىپنىڭ كەنجى ئوغلى ئىدى، ئۇ پەيغەمەرلىكتىن 10 يىل ئىلگىرى يەنى مىلادىيە 600- يىللىىرى يوقسۇل بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ھاشىم جەمەتىنىڭ ئىچىدە كەئبىنىڭ ئىچىدە تۇغۇلغان تۈنجى بالا ئىدى. ئەلى تۇغۇلغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام 30 ياشقا كىرگەن بولۇپ ئايالى خەدىجە ئانىمىز بىلەن مەككىدە تۇرمۇش كەچۈرەتتى، ئەلى يەتتە ياشلارغا كىرگەندە مەككىدە قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ ئىنسانلار ئاجايىپ قېيىن تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدى، مۇشۇ پەيتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام كىچىكىدە ئۆزىگە ئالاھىدە ھېسداشلىق قىلغان تاغىسى ئەبۇتالىپنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىش مەزگىلىدە تاغىسى ئابباس بىلەن مەسلەھەتلىشىپ ئەبۇتالىپنىڭ يىنىغا بارىدۇ ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپلىكىنى، بۇ قېيىنچىلىقتا تاغىسىغا ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، ئەبۇتالىپ ئۇنداقتا ئىككى ئوغلۇمنى ئىككىڭلار قاتارغا قوشىۋىلىڭلار، ماڭا قىلغان ياردىمىڭلار بولۇپ قالسۇن دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئەلىنى ھەزىرىتى ئابباس بولسا جەئفەرنى ئېلىپ كىتىدۇ. ھەزىرىتى ئەلى 10 ياشقا كىرگەندە ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەتكە رەھىم قىلىپ، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن ئىنسانىيەت پەخرى بولغان ھەزىرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنى پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى بىلەن شەرەپلەندۈرىدۇ، ۋە ئىنسانلارنى ھەق يولغا يەنى ئىسلام دىنىغا چاقىرىشنى بۇيرىيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈشنى ئۆز ئائىلىسى ۋە يېقىنلىرىدىن باشلايدۇ، ۋە ئەلى بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ بولغان بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ چاقىرىقىغا تۈنجى ئاۋاز قوشقان ئۆسمۈر سۈپىتىدە ئىمام ئەلى تارىخ بىتىدىن ئورنىنى ئالىدۇ.
        ئىمام ئەلى مۇسۇلمان بولغان كۈندىن بېرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ يىنىدىن ئايرىلمىدى، بەلكى ۋاقتى كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۈچۈن جىنىنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇردى، بۇنىڭ ئەڭ روشەن ئىسپاتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان ئاشۇ خەتەرلىك كېچە كۆرۈنگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنى مەككە مۇشرىكلىرى مۇشۇ كېچە ئۆلتۈرۈپ بۇ ھەقىقەتتىن ئۈزۈلكىسىل قۇتۇلماقچى بولدى، دەل مۇشۇ كېچە ھەزىرىتى ئەلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ كارۋىتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئورنىدا ياتقان ئىدى، ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ يولى ئۈچۈن جىنىنى پىدا قىلغۇسى بولسىمۇ ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈممىتىگە رەھىم قىلىپ ئۇنى مۇشرىكلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان ئىدى. ئەسلىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھەزىرىتى ئەلىگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالاھىدە يەنە بىر ۋەزىپە تاپشۇرغان ئىدى، يەنى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ قولىدىكى ئامانەتلىرىنى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇش، (مەككە مۇشرىكلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا شۈنچىلىك ئەزىيەت يەتكۈزسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۇلارنىڭ ئامانەتلىرىنى ھەقسىز ساقلاپ بىرىۋاتاتتى.)
     
            پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ مەدىنىگە يولغا چىققان ئاشۇ كېچە تاڭ ئېتىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنى تاپالمىغان مۇشرىكلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنى ئىزدەش ئۈچۈن يولغا چىققاندا ھەزىرىتى ئەلى مۇشرىكلارنىڭ ئامانەتلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىپ مەدىنىگە قاراپ يولغا چىققان ئىدى. ئىمام ئەلى 800 كىلومىتىرغا يېقىن يولنى مىڭىپ كەسكەن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام قۇباغا كەلگەندە ئارقىسىدىن يېتىپ كەلگەن.
             ھىجرەتتىن كېيىن ئىمام ئەلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئەمرى بىلەن كۆپلىگەن ئۇرۇشلارغا قاتناشتى، ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى بەدىر ئۇرۇشى ئىدى، ئىمام ئەلى بىرىنجى ھۇجۇمدا مۇشرىكلارنى مەنىۋىيەت جەھىتىدىن مەغلۇپ قىلىپ مەككىنىڭ ئەڭ باتۇر يىگىت نامىنى ئالغان ۋەلىد بىن ئۇتبىنى ئۆلتۈردى.
           بەدىر ئۇرۇشىدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئىمام ئەلىگە قىزى فاتىمەتۇززەھرانى نىكاھلاپ بەردى، گەرچە ئىمام ئەلى بەك يوقسۇل بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۇنىڭ ئۆزىگە كۈيئوغۇل بولۇشتەك كاتتا شەرەپكە لايىق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى كۆرگەن قىزى ھەزىرىتى فاتىمىنى نىكاھلاپ بەردى. ئىمام ئەلىنىڭ ھەزىرىتى فاتىمىدىن ئىككى ئوغلى ۋە بىر قىزى بولدى، ئۇلار ھەزىرىتى ھەسەن، ھەزىرىتى ھۈسەيىن ۋە ھەزىرىتى ئۇممۇكەلسۈم.
        ئىمام ئەلى ئۇھۇد غازىتىدا مۇسئەب بىن ئۇمەير شەھىت بولغاندىن كېيىن مۇسۇلمان قوشۇننىڭ ئوڭ قانىتىدا بايراق كۆتۈرگەن قوماندان، ئۇ غازاتتىمۇ باشقا غازاتلاردىكىگە ئوخشاش ئالاھىدە باتۇرلۇق ۋە قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن ئىدى.
ھىجرىيە 7- يىلى خەيبەر غازىتىدا ئىمام ئەلىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئالاھىدە بىر خوش بىشارەت بەرگەن، ئەسلى ۋەقە مۇنداق بولغان:
خەيبەر مەدىنە شەھىرىنىڭ شەرقى شىمالىغا جايلاشقان يەرلىرى مۇنبەر بىر شەھەر بولۇپ بۇ شەھەرگە پۈتۈنلەي دېگۈدەك يەھۇدىيلار جايلاشقان ئىدى، ئۇلار پۇرسەت تاپسىلا مەدىنىگە ۋە مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھىجرىيە 6- يىلى مەككە مۇشرىكلىرى بىلەن سۇلھ تۈزگەندىن كېيىن كۈچ توپلاپ بۇ يېقىن قوشنىنىڭ ئەدىبىنى بېرىش ئۈچۈن ھىجرىيە 7- يىلى 2- ئايدا خەيبەر شەھىرىگە قوشۇن تارتىپ بارىدۇ، ۋە يەھۇديىلارنىڭ بىر نەچچە قورغىنىنى قولغا ئالىدۇ، لېكىن ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇستەھكەم قەلئەنى بىر نەچچە كۈن قورشاپمۇ قولغا ئالالمايدۇ، ۋە بىر ئاخشىمى مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىدا مۇنداق بىر خوش بىشارەت بېرىدۇ: " ئەتە قوماندانلىق تۇغىنى بىر كىشىگە بېرىمەن، ئۇنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدۇ، ئۇمۇ ھەم ئاللاھنى ياخشى كۆرىدۇ." ساھابىلەر بۇ خوش بىشارەتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ بىر كىشى دېگىنى مەن بولسام كاشكى دېگەن ئۈمىت بىلەن كىرپىك قاقماي چىقىدۇ، ۋە ئەتىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھەزىرىتى ئەلىنى چاقىرىدۇ، ساھابىلەر ھەزىرىتى ئەلىنىڭ كۆزى ئاغرىپ قالغانلىقىنى شۇڭا بۇ مۇھىم يىغىنغا قاتنىشالمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھەزىرىتى ئەلىنىڭ ينىغا كىلىشىنى بۇيرىدۇ، ھەزىرىتى ئەلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئالدىدا ھازىر بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھەزىرىتى ئەلىنىڭ كۆزىگە بىر سۈپلەيدۇ، ۋە ھەزىرىتى ئەلىنىڭ كۆزى ساقايغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا تۇغنى تاپشۇرىدۇ، ۋە ھەزىرىتى ئەلى شۇ كۈنى ئۇ مۇستەھكەم قەلئەنى ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن قولغا ئالىدۇ.
      
            پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھىجرىيە 9- يىلى تەبۇك غازىتىغا چىققاندا ھەزىرىتى ئەلىنى مەدىنىگە ئائىلە-تاۋاباتىنى قوغداش ئۈچۈن قالدۇرۇپ كېتىدۇ، لېكىن بەزى مۇناپىقلار ھەزىرىتى ئەلى ھەققىدە بولمىغۇر پىتنىلەرنى تارقىتىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى بۇزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەزىرىتى ئەلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا يىتىشىۋىلىپ مۇناپىقلارنىڭ پىتنىلىرىنى بايان قىلىدۇ، ۋە ئۆزىنىڭ بۇ غازاتتىمۇ قەھرىمانلىق كۆرسەتكۈسىنىڭ بارلىقىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا بايان قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھەزىرىتى ئەلىگە تەسەللى بىرىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: "قايغۇرما، ئۇلار ئېغىزىغا كەلگەننى بىلجىرلاپ بېقىپ توختاپ قالىدۇ، بىلىپ قال كى سەن بىلەن مىنىڭ پەرقىم ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ پەرقىچىلىك، لېكىن مەندىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ" دېگەن.
                  پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھىجرىيە 10- يىلى ھەزىرىتى ئەلىنى يەمەنگە قازى قىلىپ ئەۋەتىدۇ، ھەزىرىتى ئەلى يەمەندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىلەن بىرلىكتە ھەج قىلىش ئۈچۈن يەمەندىن كىلىدۇ، ۋە ھەج پائالىيىتىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىلەن بىللە قاتنىشىپ، ھەجنىڭ نۇرغۇنلىغان پەرىز، قائىدىلىرىنى ئىگەللەيدۇ، ۋە كېيىنكى ھاياتىدا مۇسۇلمانلارغا يەتكۈزىدۇ.
               ھىجرىيە 11- يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ۋاپات بولغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ مۇبارەك جەسىتىنى يۇيۇش، ۋە بۇ مۇبارەك جەسەتنى يەرلىككە قويۇش شەرىپىگە يەنە ئىمام ئەلى نائىل بولغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ۋاپات بولغاندا پۈتۈن مۇسۇلمانلار، ھەتتا پۈتۈن كائىنات قايغۇرغاندەك ئىمام ئەلىمۇ ئىنتايىن قايغۇرغان ئىدى، تولا يىغلاپ كۆزىدە ياش قالمىغان ئىدى. ھەتتا كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەي قالغان ئىدى.
              پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ پىكىر بىرلىكى بىلەن ھەزىرىتى ئەبۇ بەكىر خەلىپىلىك مەنسىپىگە سايلانغاندا دەسلەپ قوبۇل قىلغانلارنىڭ بىرى ھەزىرىتى ئەلى ئىدى، ھەزىرىتى ئەبۇ بەكىر مۇرتەدلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن مەدىنىدىن قوشۇن باشلاپ ئۆزى يولغا چىقماقچى بولغاندا ئىمام ئەلى ئۇنى قەتئىي توسۇپ قالغان ۋە مۇنداق دېگەن ئىدى: ئەگەر مەدىنىدە بىر خەلىپە بولمىسا دۈشمەن مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ پايتەختىنى ئىستىلا قىلىۋىلىشى مۇمكىن، مۇشۇنداق بىر مۇسبىەتكە يولۇقۇشنىڭ ئالىدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپكە دانىشمەن ۋە جەسۇر قوماندانلارنى ئەۋەتىپ ھەزىرىتى ئەبۇ بەكىر قاتارلىق ئىسلام دىنىنىڭ پىشىۋالىرى مەدىنىنى قوغداپ قىلىشى ۋە ئارقا سەپ تەمىناتىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلغاندا ھەزىرىتى ئەبۇ بەكىر ۋە پۈتۈن ساھابىلەر ئۇنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
                 ھەزىرىتى ئەبۇ بەكىر سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا خەلىپىلىك ماقامىغا كىمنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى بىر نەچچە كاتتا ساھابىدىن سورىغان ئىدى، ئۇ كاتتا ساھابىلەرنىڭ بىرى ئىمام ئەلى بولۇپ، ئىمام ئەلى ھەزىرىتى ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىك مەنسىپىگە لايىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن، ۋە ھەزىرىتى ئەبۇ بەكىرمۇ شۇ مەسلەھەت بويىچە ئىش قىلغان ئىدى.
   
            ھەزىرىتى ئەبۇ بەكىر ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئورنىغا ھەزىرىتى ئۆمەر خەلىپىە بولىدۇ، ھەزىرىتى ئۆمەر خەلىپە بولغان 10 يىلدىن ئارتۇق مەزگىلدە ئىمام ئەلى ھەزىرىتى ئۆمەرنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋەزىرى ھەم مۇشاۋىرى ئىدى، ھەزىرىتى ئۆمەر داۋاملىق؛ "ئەلى بولمغان بولسا ئۆمەر ھالاك بولغان بولاتتى" دېيىش ئارقىلىق ھەزىرىتى ئەلىنى قەدىرلەپ ئىشلەتكەن ئىدى. ھەزىرىتى ئۆمەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىلەن بولغان تۇغقاندارچىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەزىرىتى ئەلىنىڭ فاتىمە ئانىمىزدىن بولغان قىزى ئۇممۇكەلسۈم بىلەن توي قىلغان ئىدى.
ھەزىرىتى ئۆمەر خەنجەر بىلەن يارىلانغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپە تەللىشىغا 6 نامزاتنىڭ ئىسمىنى بەرگەن بولۇپ بۇ تىزىملىكتە ئىمام ئەلىنىڭمۇ ئىسمى بار ئىدى، لېكىن مۇسۇلمانلار ھەزىرىتى ئوسماننى سايلىدى، ۋە ئىمام ئەلى بۇ سايلامغا كۆڭۈل خوشلىقى بىلەن رازى بولدى.
ھەزىرىتى ئوسمان خەلىپە بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن ھەزىرىتى ئەلى ئۇنى داۋاملىق ياخشى مەسەلەھەت ۋە پىكىرلىرى بىلەن قوللاپ كەلگەن ئىدى، گەرچە ھەزىرىتى ئوسماننىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە بەزى ئىشلىرىغا نارازى بولغان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭدىن پەقەت يۈز ئۆرىمىگەن ئىدى، ھەزىرىتى ئوسماننى مۇناپىقلار قورشىۋالغاندا ئىككى ئوغلى ۋە بىر جىيەنىنى بىر نەچچە ياش يىگىت بىلەن قوشۇپ ھەزىرىتى ئوسماننى قوغداش ئۈچۈن يولغا سالغان ئىدى، ھەتتا مۇناپىقلار ھەزىرىتى ئوسماننىڭ سۇ يولىنى كىسىۋەتكەندىن كېيىن جەمەتىدىن  بىر نەچچە كىشى بىلەن بىرلىكتە ھەزىرىتى ئوسماننىڭ ئۆيىگە تۇڭلار بىلەن سۇ توشىغان ئىدى.
       
                    ھەزىرىتى ئوسمان مۇناپىقلارنىڭ قولى بىلەن شەھىت قىلىنغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلار ھەزىرىتى ئەلىنى خەلىپە قىلىپ سايلىدى، لېكىن ھەزىرىتى ئوسماننىڭ قەبىلىسى ۋە ئائىلىسى ئۇنىڭ قىساسىنى ئېلىپ بەرمىسەڭ خەلىپىكىڭنى ئېتىراپ قىلمايمىز دېدى، ۋە مەدىنىدىن چىقىپ كەتتى، مەدىنىدىن چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ ئارىسىدا ئائىشە ئانىمىزمۇ بار ئىدى، ئىمام ئەلى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن بارىدۇ، ۋە ئۇلار بىلەن قارشىلاشماسلىق ئۈچۈن سۈلھ تۈزىدۇ، لېكىن مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچلىنىپ كەتكەنلىكىدىن نارازى بولغان بەزى پىرقىلەر ئىككىگە بۆلۈنۈپ ھەزىرىتى ئەلى بىلەن ھەزىرىتى ئائىشە ئانىمىزنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالىدۇ، ۋە يىرىم كىچىدە ئۇلار بىر بىرىلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارسىنى بۇزىدۇ ۋە جەمەل ئۇرۇشى دېگەن بۇ ئىچكى ئۇرۇش مەيدانغا چىقىدۇ، ئۇرۇش ھەزىرىتى ئەلىنىڭ غەلبە قىلىشى ۋە ھەزىرىتى ئائىشە ئانىمىزنىڭ مەغلۇپ بولىشى بىلەن توختايدۇ، ئەپسۇسلىنارلىق يىرى شۇكى بۇ ئۇرۇشتا ئونلىغان ساھابە شەھىت بولىدۇ، ئۇ ئونلىغان ساھابىنىڭ ئىچىدە جەننەتتىن خوش بىشارەت بېرىلگەن ئون چوڭ ساھابىنىڭ ئىككىسى شەھىت قىلىنىدۇ، بىرى تەلھە يەنە بىرى زۇبەيىر. ئۇرۇش توختىغاندىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپ دۈشمەننىڭ كۈشتۈرتىشى بىلەن بۇ خاتاغا قول تىقىپ قالغانلىقىنى چۈشىنىدۇ ۋە ئىنتايىن پۇشايمان قىلىدۇ، ھەزىرىتى ئائىشە ئانىمىز ئۇ ۋەقە ئىسىگە كەلسىلا ياغلىقى ھۆل بولۇپ كەتكۈچە يىغلاپ ئۆزىنىڭ پۇشايمان بولغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
                جەمەل ئۇرۇشىدىن كېيىن بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان، ۋە قايتا ئۇرۇش قىلىپ ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى قايتا تىكلەش كويىدا بولغان بىر تۈركۈم كىشىلەر ھەزىرىتى مۇئاۋىيىنىڭ يىنىغا بېرىپ ئۇنى كۈشكۈرتىدۇ، ۋە ھەزىرىتى ئەلىگە قارشى قوشۇن توپلاپ ھەزىرىتى ئەلىگە قارشى چىقىدۇ، ھەزىرىتى ئەلى خالىمىسىمۇ يەنە بىر قېتىم ئىچكى ئۇرۇشقا كىرىپ قالىدۇ، ۋە بۇ ئۇرۇش بىر مەزگىل داۋاملىشىدۇ، كېيىن مۇسۇلمانلار يىنى فەتھ قىلغان ۋە بۇرۇن فارىس ئىمپىراتورلىقى بىلەن رىم ئىمپىراتورلىقىغا تەۋە بولغان يەرلەردىكى بەزى مۇناپىقلارنىڭ ئىچكى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ يۇرتلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ قىلىشىدىن قورقۇپ ئىككى تەرەپ سۈلھ تۈزىدۇ ۋە بۇ سۈلھ بويىچە ئىمام ئەلى كۇفىگە ھەزىرىتى مۇئاۋىيە دەمەشىقكە قايتىدۇ.
                ئۇرۇشنىڭ توختىشى كۆپىنچى مۇسۇلمانلارنى خوش قىلغان بولسىمۇ، ھەزىرىتى ئەلى تەرىپىدىكى بەزى قىسىملارنى نارازى قىلىپ قويىدۇ، ۋە بۇ قىسىملار ئىمام ئەلىگە قارشى قوشۇن توپلاپ ئىمام ئەلى بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ، ئىمام ئەلى بۇلارنىڭ ئەدىبىنى بېرىدۇ، كۆپىنچىسى ھەقىقەتنى تونۇپ ئىمام ئەلىگە قايتا بەيئەت قىلىدۇ، لېكىن بەزىلىرى ئۇرۇشتا ماغلۇپ بولغانغا چىدىيالماي ئىمام ئەلى قاتارلىق بىر نەچچە كاتتا ساھابىنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلايدۇ، مانا بۇلار ئىسلام تارىخىدا خاۋارىج نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن ئازغۇن پىرقىدۇر.
                 ھىجرىيە 40- يىلى رامىزان ئېيىدا ئىمام ئەلى بامدات نامىزىغا مەسچىتكە ماڭغاندا ھىلىقى خاۋارىجلاردىن ئىمام ئەلىنى ئۆلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلار ئىمام ئەلىنى پايلاپ تۇرۇپ مەسچىتكە يىقىنلاشقاندا زەھەرلەنگەن خەنخەر بىلەن ئىمام ئەلىنى شەھىت قىلىدۇ. ئىمام ئەلى شەھىت قىلىنغاندا 63 ياشقا كىرگەن ئىدى. ئەسلىدە بۇ مۇناپىقلار ئىمام ئەلى بىلەن بىرلىكتە ھەزىرىتى مۇئاۋىيە ۋە ھەزىرىتى ئەمر بىن ئاسنىمۇ شەھىت قىلماقچى بولغان، لېكىن ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇ ئىككى ساھابىنى ساقلاپ قىلىپ، ئىمام ئەلىگە شەھىتلىك مەرتىۋىسىنى ئاتا قىلغان.

مەنبە: ئىمام ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئەسرى «ئەرەپچە»
تەرجىمە قىلغۇچى: پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35357
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7899
تۆھپە نۇمۇرى: 619
توردا: 2777 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2013-6-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 09:54:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساھابىلار بىز ئۇچۇن يۇلتۇزغا ئۆخشايدۇ ، ئى ئاللاھ مەن سىنىڭ پەيغەمبىرىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۇچىلېرنى ياخشى كۆرگەندەن سەنمۇ مىنى
ياخشى كۆرگىن ،

ۋە شۇنداقلا بارلىق ئەھلى مۇسۇلمانلارنى قاراڭغۇلىقتىن يۇرۇقلۇققا دۇنيانىڭ تارچىلىقىدىن ئاخىرەت كەڭرىچىلىكىگە چىقارغىن .



رەھمەت تېمىڭىزغا جاپا چىكىپسىز .

نىتىڭىز خالىس ئەمىلىڭىز سالىھ بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15847
يازما سانى: 1414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5204
تۆھپە نۇمۇرى: 899
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2014-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 11:05:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت !!!ھەزرىتى ئىمام ئەلى توغۇرلۇق بىلىدىغانلىرىم بەكلا ئازكەنتۇق ،ھازىر بىلىۋالدىم !!!

بىزگە ھەممىدىن زۆرۈر بولغىنى تۈنۈگۈنكى تاتلىق خاتىرە ياكى ئەتىكى شېرىن مەنزىرە ئەمەس،بەلكى،بىز ئىتراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزدۇر...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40223
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5023
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 2074 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2014-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 01:07:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !!! يەنە باشقا ساھابىلەر توغىرسىدىمۇ تېما يوللىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن،ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن..

مېنىڭ تېرەمنى سويسىمۇ ، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بىلەن دوسىت بۇلالمايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29903
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7240
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 1287 سائەت
تىزىم: 2011-2-10
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 08:39:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە بۇ بەك ئىسىل تېمىكەن

ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ،ئويلاپ سۆزلە ، دىلىڭ بىلەن تىلىڭ بىردەك بولسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40730
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4545
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1030 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 04:12:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق بەلەن تېمىلارغا ئىنكاس يوق ، نەدىكى تاش ساتىمەن ، سېرىق ئاش ....دېگەندەك تېمىلار قىزىپ كېتىدۇ ، پاجىئە.............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10241
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3032
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2010-9-13
ئاخىرقى: 2012-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 07:02:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئېسىل تېما ئىكەن.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61549
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3011
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2011-10-21
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 07:07:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە مۇشۇنداق تېمىلار بولسا يوللاپ تۇرۇڭ......

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8948
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 3165 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 10:09:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى تىما يوللاپسىز ئىمام ئەلى دانىشمەن خخەلىپە دەپ تەرىپلەنگەن

كۆپرەك  دوستۇم بولسا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44035
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3820
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 4351 سائەت
تىزىم: 2011-6-11
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 10:35:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن. يۇقۇرىدا ئەنسەر1030 قېرىندىشىمىز دىگەندەك ساھابىلەرنىڭ ھىكايىلىرىنى كۆپرەك ئاڭلىغىمىز بار ئىدى. ئۆتكەندە مەن ۋەيسەل رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ يەمەندىن مەدىنىگە بېرىپ پەيغەمبىرىمىز بىلەن كۆرىشەلمەي قايتىپ كەتكەنلىكى ۋە پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا كۆينىكىنى تەۋەرۇك قىلىپ ئەۋەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ھىكايىنى ئوقۇپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىم ۋە ئۇنى مۇنبەرگە يوللىسام مەنبە ئېنىق ئەمەسكەن دەپ تەستىقلانماي قالغان. ئەپسۇس.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش