مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9009|ئىنكاس: 179

مەنمۇ لاۋدا بولغان شۇ چاغلاردا«قان» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قان ئىچدە قان ......

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68484
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1271
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 09:51:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئاپتورى:    « قان»




قاچانكىن كىنولاردىن گۇرۇھ -گۇرۇھ بولوپ ئۇرۇشقان كۆرۈنىشلەرنى كۆرسەم  ياش ۋاقىتلىرىمىنى ئەسلەپ كۈلۈپ قۇيىمەن ، يىنىمدا ئولتۇرغان ئايالىممۇ ماڭا  مەنىلىك كۈلۈپ قۇيىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا قاراپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كىتىمەن ، چۈنكى بۇ خۇتۇن ...، ھا ھا  ھا ....دەل مەن جىدەلگە ئالغان خۇتۇن ئىدى ! ئۇ ئىشلارنى ئويلىسام ئۆزۆمنى  كۈلكىدىن زادىلا تۇتالمەيمەن  !
      مەن باشلانغۇچتا ئۇقۇيدىغان ۋاقتىمدا  كارامەت يۇۋاش بالىتىم ،باشقىلار يولدا ماڭغاچ سومكىسىنى كۆتىرىش ئىغىر كەلسە ماڭا ئارتىپ قۇيۇپ خىيالى ماڭاتتى ،مەنمۇ كالىدەكلا يۇۋاش ئىدىم ،باشقىلار نىمە دىسە شۇنى قىلىدىغان ، چۈنكى بۇلار «لاۋدا»لاردە، ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلىمىسڭز تاياق يەيسىز دىگەن گەپ! ئانىڭىزغا ، يا دادادىڭىزغا دىسىڭىز ، ئەتسى مەكتەپتە يەنە تاياق يەيدىغان گەپ !بۇنداق گۇرۇھتىكى بالىلار تولا ئۇرۇشاتتى ،ئەمما گاھىدا باشقىلارنى دەپ  ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۇرۇشقىننىمۇ بىلمەي قالدىغان ئىشلار بار ئىدى !ئۇرۇش دىگەن دائىم بولوپ تۇرۇدىغان ، ئۈزۈلمەيدىغان ، خۇددى ئۈچىنىجى دۇنيا ئۇرۇشى بىزنىڭ مۇشۇ يەردىلا  بولىۋاتقاندەك ، نىمگە ئۇرۇشتىڭلا دەپ سورىڭسز «ئۆتكەندە ئۇرۇشۇپ قالغاندا ماڭا مۇش ئاتمىغان بولسىمۇ ، سەت ئالايغان ، ماڭا ئاتا-ئاناممۇ مۇشۇ يىشمغچە ئالايمىغان تۇرسا ، ئۇ نىمە دەپ سەت قارايدۇ ؟تايقى كام زادى بۇ گۇيلانىڭ »دەپ توپلىشىپ بىر يەرلەرنى نىشانلاپ سومكلىرىنى ماڭا تاشلاپ  كىتىپ قېلشىلرى .........
   ياش چوڭايغانسىرى بۇنداق ئشلار جىقلاپ  قالىدىكەن ، سىزمۇ دائىم مۇشۇنداق بالاڭزىلار بىلەن  يۈرسىڭىز ئارلىشىپ قالماي دىسڭىزمۇ ،مۇمكىن ئەمەس، بولمىسا سىز ئەركەك ئەمەس ، سىزنىڭ خەتنە تويىڭىز بولمىغان ، يا بولمىسا سىزدە بىر چاتاق بار ، مانا بۇ سىزنىڭ ئۇلارنىڭ سىپدىن چۇشۇپ قېلىشقا ئىزىدىگەن سەۋەپلىرىڭىزگە بىرىلگەن «ئۇرۇنلۇق  باھالاش».ئامال يوق ، ئانام ئوغول دەپ تۇققاندىن كىين...... مانا مۇشۇنداق بارا-بارا ئۇلارنىڭ تۇپغا قىتلدىغان گەپ  ،يۇغانغانچە چوڭلاپ بارغان ۋىجدانىڭىز سىزنى ئۇرۇش قۇينىڭغا سۆرەپ كىرىدۇ ، گەرچە گىتلىردەك باشقا قىتئەلەر ئارا ئۇرۇش قىلمىسىڭىزمۇ مۇشۇ ئوتتۇز نەچچە دۈيى بار  سىز مۇشۇ ئۆركەشلەپ ئىقىپ تۇرۇدىغان  ئۆستەڭ بۇيىدا بۈيۈك ئۆسكەن ھاڭگا ترەكلەر  ئارسىدىكى ماي يولىنى بۇيلاپ ئۇ باشتىن بۇ باشقىچ 25كىلومىتىر كىلدىغان  بۇ چوڭ   يىزىدا سىزگە جەڭ مەيدانى ھەر ۋاقىت تەييار قاچانكى باشقىلارنىڭ ئاچچقى ياكى خۇيى تۇتۇپ قالسا جەڭ ..جەڭ ..... ، گەرچە ئامىركىنىڭكىدەك بۇ ئۇرۇشلاردا   سىزنىڭ  ئۇچار -توپچى ئايروپىلانلىڭىز بولمىسۇ ئىچكىردە ياسالغان ، ۋېلىسپىتتىن دائىم ئاجرىمايدىغان  قولوپ سىزنىڭ قۇلىڭىزدىكى ئاپتومات ،دىيەنجى،AK-47 قۇرالىڭىز ،  گەرچە دۇنيا ئۇرۇشى مەزگلىدىكىدەك  كۈندە جەڭ بولوپ  تۇرمىسىمۇ ، كورىيە، تۈركىيەنىڭ تۈگىمەس كىنوسىدەك  ، كچىككنە ئوسۇرۇق ئىشلادىن باشلانغان بۇ جەڭگە -جىدەللەر ھامان داۋام قىلدۇ !خۇددى سوۋېىتنىڭ قىزىل پىدائىلىردەك  سىز ھامان جەڭگە تەييار ، مانا بۇ  ئوتلۇق ،قانلىق ياشلىقىم ! !جىدەل ئۆكسىمەيدىغان.... مىنىڭ جىدەلخور بولوپ لاۋدا ئاتلىپ يۈرگەن كۈنلىرىم .........
  
  .......ئۇ كۈنى دەرەستىن چۈشۈپلا بىزگە توپلىشىپ مېڭىش بۇيرۇقى چۈشتى، بۇنداق ئىشلارغا كۆنۈپ قالغان مەن نىمش بولغىننىمۇ سوراپ يۈرمەي باشقىلار بىلەن بىللە مۇسابىقىگە چۈشكەندەك 12مىتىر كەڭلىكتىلكى يولىنى بىر ئىلىپ ۋارقىرىشىپ خۇددى سابىق قىزل ئارمىينىڭ چاڭجياڭدىن ئۆتكىنىدەك ھەيۋەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلەپ  پاۋان تەۋەلىكىگە (بىز مەكتەپتىن يانغۇچە ئۆتىدىغان  يول بۇيىدىكى دۈينىڭ نامى)  كەلگەندە يولدا باشقا كەنىتتىكى بالىلار بىزنىڭ ئالدىمىزنى  تۇساپ ھۇجۇمغا ئۆتۆشكە تەييار بولوپتىكەن ، بىزمۇ ۋېلىسپىتنڭ قۇلپىسى ،ۋە بەزىلەر تىقىۋالغان زاڭدۇ،كالتەكلەر بىلەن شۇنداق مۇشىلشىپ كەتكەن ئىدۇق ، ماشىنالار   يىمىنىزدىنلا غۇيۇلداپ ئۆتۆپ تۇراتتى، مەن ئۇچاغدا سەل كىچىك ئىدىم ، ( تولوقسىز  بىرىنجى يىللقىتا)، مىنى بىرسى بەك قاتتىق ئۇرۇۋتكەن ، قانداق يىدىم بىلمەيمەن ، كاللامغا بىر كالتەك سەت تەگكەن ئىشقىلىپ ، ھازىرغچىە تارتۇقى بار ، نىمە دىگەن قىززىق ،.مەن نىمە بولغانلىقنى بىلمەي تاياق يەپتىمەن ، ئەتىسى مەكتەپتىكىلەرنىڭ دىيىشچە بىز توپاقلارنڭ (بىزنىڭ مەھەللىنىڭ ئىسىمى)لاۋداسىنىڭ قىز دوستىغا بىرسى مەيداندا توپ ئويناۋېتىپ« ئىھتىياتسىزلىق»تىن «قەستەن» توپ ئاتقانمىش ،  توپ ئۇچۇپ كىلپ بۇ قىزنىڭ بۇرنىغا تىگپ قاناپ كەتكەن ئىكەن ،شۇنىڭ بلەن لاۋدارىمىز ئۇ ئاداشنى ئازراق ئۇچۇغداپتىكەن ،بۇ ئىش چىقپتۇ ! كىيىن بىلسەم ئەڭ قاتتىق تاياق يىگىنى مەن ئىكەنمەن ،شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئاغىنىلەر بۇ ئۆچۈمنى توپ ئاتقان ھارام تاماقىتىن چىقىرىپ بىرىدىغان بولدى ، ئەتسى مەكتەپتىن بۇرۇنراق مىڭىپ سەل ئادەم ئاز جايدا ساقلاپ تۇرىدۇق ،ئۇ ئاداش بىر قىز بىلەن كىلىۋاتاتتى، بىزنى كۆرۆپ(قۇلىمىزدىكى كالتەكلەرنى ئۇينىپتىپ تۇرغان ئىدۇق) قىز كەينىگە يۈگۈرەپ قېچىپ كەتتى .بىز ئۇ ھارام تاماقنى تۇتۋېلىپ تازا سالۋاتمىز ، كىين باللا ئۇنى چۆرىدەپ تۇرۇپ بەردى ،، مەن چىقىپ بىر ئىككىنى تىپىپ قۇرسىغا مۇشت بىلەن كۈچەپ نەچچىنى سېلىۋەتتىم .ئۇ يەردە دومىلايتى، دەل شۇ چاغدا بىر توپ چوڭ باللار ۋارقىراپ ۋېلىسپىتلىك كىلشتى،  تۇرقدىن  ئۇلار تولوقسىز 3.نىڭ باللىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق ،ئۇلارنى  يىراقتىن كۆرۇپ بىز قۇرقۇپ قاچتۇق ، چۈنكى بىز ئاز ھەم كچىك ئىدۇق . ئۇلار بىزنى قوغلاپ كەلدى ، بىز بۆلۈنۈپ قېچىپ ئۈچ يولغا ماڭدۇق .ئۇلار بىزنى قۇغلاپ  كەينىمىزدىن ماڭدى ،بىزنىڭ ئۆي مەكتەپتىن 10كىلومىتىر يىراق ئىدى، قاچساق تۇتۇلۇپ قىلىش خۇدايمىنىڭ قىيامتىدەكلا بار ئىش ئدى، شۇنداق ھالقىلىق پەيتىتە مەن بىلەن بىرگۇرپا بولوپ قاچقان ئادىشىمزنىڭ ئاكىسنىڭ ئۆيى ئالدىغا كىلىپ قاپتىمىز ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەرگە كىرىۋېلىپ پاناھلاندۇق ،.ئاكىسى ئۇلارنى كىرگۈزمىدى،بىز سىرتقا چىقىشتىن  قۇرقۇپ ئۆيگە قايتنماي ئەتىسى بىراقلا مەكتەپكە باردۇق ، ئاڭلىساق باشقا يولدا قاچقانلانى «دۈشمەنلەر »تازا سالغانمىش،مىنى ئىزلەپ يۈرەمىش ، شۇنىڭ بىلەن مەن بىزنىڭ «لاۋدانى » ئىزلەپ ئۇنىڭغا ھال ئېيتتىم ،ئۇ مىنىڭ  تۈنۈگۈنكى جىددى ھەركەتنى ئۇنىڭغا ئۇقتۇرماي ئىلىپ بارغىنمىغا بىر ھازا خاپا بولدى، ھەم بۈگۈن كەچتكى قانلىق جەڭدە مىنى قۇتقۇزۇپ قالدىغننى دىدى .كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇراتتى ! كەچتە بىر مەيدان جەڭ !
      كەچتە بىز توپاقلىقلا ھەمممز جۇغلىشىپ  ماڭدۇق ، پاۋان مەھەللسىنىڭ چىگرىسگە كىرشىمىزگە ئۇلار يول يېنىدىكى ئۇرمانلىتىق  توپ-توپ  بولوپ چىقتى ،  ئۇلار بىزدىن ئىگىز ھەم قاۋۇل،ئادەملرىمۇ جىق ھەم خىلدەك قىلاتتى ، مەن سەل قۇرقۇپ قالدىم ، شۇنداق بولسىمۇ «لاۋدا» مىنى ئۆزى بىلەن ئەڭ ئالدىدا تۇرۇشۇمنى دەپ ينىدا تۇرغۇزدى !بىز يىراقتىن كىلىۋاتقاندا دۈشمەن سېپىنىڭ ئالدىقى قىسمىدا ئىككى بالاڭزا خۇددى قۇرسىقىنى يەرمەنكىگە قۇياۋاتقاندەك ئالدىغا بولوشىغا توماپيتىپ ، بىرىدىن تاماككىنى قىڭىغىر چىشلەپ  قۇلدىكى كالتىكىنى ئۇينىتىپ تۇراتتى ،يىنىدا تۈنۈگۈن بىز يۇغۇرۋەتكەن ھارام تاماق سالپىيىپ تۇراتتى،  بىز ئۇلاردىن ئالا-ھەزەل بىر مىتر يىراق تۇرۇپ ئۇرۇنلاشتۇق ،ھىلىقى ئىككىسى تاماكىنى ئىلىپ بىزنىڭ ئالدىمىزغا كۈچەپ ئىتىپ «قىغ...»قىلىپ كۈچەپ بىرنى تۈكۈردى . جەڭ باشلنىش ئالدىدا تۇراتتى .
-ھە !؟ كۆرسىتە ، تۈنۇگۈن سىنى ئۇرغان قايسى ماڭقا  !؟
-ئىشۇ ئالدىدىكى !
-ئاۋۇ ئىگىز ما؟
-ياق .ئا سېرىق مايكا !!
قارىغاندا بۇ مۇھاجىر ئافىرقىلىق بۇلارنىڭ  لاۋداسىدەكلا قىلاتتى .
ئۇ كەلگەنچە مىنى ئۇتتۇرىغا تارتماقچى بولدى ، بۇ چاغدا بىزنىڭ لاۋدا مىنىڭ ئالدىمدا ئۆتۈپ مىنى قوغدىدى.
-ھەي ! نىم قىۋاتسە ؟ تارتە قۇلاڭنى ! -؛بىزنىڭ لاۋدا شۇنداق دىگنىچە ئۇنىڭ قۇلىنى ئۇرۇۋەتتى !
-ئىشىڭنى قىل يالاقچى ! مەدىكا .
مۇھاجىر شۇنداق دىگەنچە لاۋدانىڭ مەيدىسدىن قاتىتىق ئىتتىرۋەتتى ، ئۇ كەينىگە بىر نەچچە قەدەم سەنتۈرۈلۈپ كەتتى !ئۇنىڭغە مەن مەيداننىڭ ئۇتتۇرىغا چۈشۈپ قالدىم ،باتورلىق بىلەن ئەمەس ،بەلكى مۇھاجىرنىڭ كۈچى بىلەن بىر تارتىشى بىلەن شۇنداق بولدى !
50مىڭ يىزا ئاھالىسى ماڭىدىغان بۇ چوڭ يولدا ئىشەك ھارۋىلىرىدىن تارتىپ ماشىنىغچە توختاپ ،گاھىلار جىدەل كۆرسە گاھىلار ئىشەك ھارۋىلرىنى ماشىنلانىڭ ئالدىغا تارتىپ ئۆتۆپ كىتىشكە تەمشىلەتتتى !يول ئىتىلىپ قالغان ئىدى !
-ھەي ! ھارىمى،ئانىكاڭنى......
     شۇنداق دىگەنچە بىزنىڭ لاۋداسەكرەپ چىقپ مۇھاجىرغا تاشلاندى .ئىككى تەرەپ مۇشتلىشقا ئۆتتى. ئىككى تەرەپتكى گورھ ئەزالىرىمۇ  جەڭگە ئات سالدى ، ئايھاي ....،ئۆمرۈمدە بۇنداق ئۇرۇشقاننى كۆرگەن ئەمەس، ھەم كۆرمىدىم ، ئەمما بۇنىڭدىن كىيىن كۆرەىمدىم كۆرمەمدىم بىلمەيمەن ،جەڭ شۇنداق قىززىق بولوپ  كەتتى ، كىشلەرنىڭ ھاي -ھايلىرى ، باشقىلارنىڭ سەت ۋارقىرىراشلىرى، تاياق يىگەنلەرنىڭ  ۋايجانىلرى . ئىشقىلىپ قايناق مەنزىرە ، بۇ ۋاقىتتا مەنچۇ ؟كچىك بولساممۇ جەڭگە ئاتلانغانمەن !بىر شىرىكىمىزنىڭ  باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ يەردە يىتىپ قىلىپ تازا تاياق يەۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ . ئۈستىگە مىنىۋالغىنى چەنلەپ   ئۇنڭغا بىر تىپىك ھەدىيە قىلدىم .ھىلىقى ئاداش تاياقىتىن قۇتۇلدى !
-ھاي ئەسقەر..............، كەينىمدىن بىرى ئىسمىنى توۋلىدى ،
شۇنداق دەپ بايام تاياق يىگەن ئاداشنىڭ ۋارقىرىغنى ئاڭلاپ ئۆرۈلۈپ قاراپ بولغىچە ئالدىنقى كۈنى كاللامغا كالتەك يىگەن جايغا يەنە بىرقىتىم  تازا غول كۈچ بىلەن ئۇرۇلغان بىر كالتەك تەگدى ! ئاسمان چۆرگىلەپ يەرگە يىقىلدىم .ۋارقىراپ يىغلاشقا باشلىدىم .ئەپسۇس ، مىنىڭ بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى يۇق . جىدەل بارغانسىرى ئەۋج ئىلىپ كەتكەن ، بالىلار يولدا، دەرەخلەرنىڭ ئارىسدا، ئۆستەڭنىڭ قىشىدا ، بەلكىم ئىچىدىمۇ بولسا كىرەك... ..شۇنداق بولوپ كەتتى!
قاياقتىن ئاڭلانىدى ، ساقچى ماشىنسىنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازى ،ھەممەيلەن دەرھال ئەس ھۇشىنى يىغىپ ھەممىسى ئۆزنىڭ ئاتلىرنى مىنىپ قېچىشتى، ئەمما ھىچكىممۇ بايامقىدەك تىز ھەيدىيەلمەيتى ،مەن باشقىلارنىڭ ياردىمىدە ئىشكىمنى تېتىپ كۈچەپ تىپىپ ئالغا سىلجىدىم ، بۇ پاۋانننىڭ چىگىرى بولغاچ مۇھاجىرلانىڭ ئۆيى يېقىن ئەتراپتا ئىكەن ،ئۇلارمۇ بەدەر قاچتى، بىر نەچچەيلەن باشقىلارنىڭ كەينىگە مىنىۋالغان ، چۇۋۇلغان ۋېلىسپىتلەر باشقىلار تەرىپىدىن سۆرەپ مىڭىلماقتا .......
قاچە -قاچ ، مىڭىۋاتىمىز ، ئەمما ئىشەك بىلەن تولپارنىڭ تەڭ بولغىنى نەدە بار ، ساقچىلارنىڭ باۋما ماركىلىق ھەقىقى تولپارلىرى بىز تېخى ئىككىنىچى خوتقا سالماي تۇرغان  ئەبگاھ نىيوتۇنلىرىمىزنىڭ   كەينىدىن بىردەمدىلا يەتتى !
تولپار سەپنىڭ ئالدىغا چىقىپ يىنىچە بولوپ توختىدى !يولنىڭ يىرىمى تۇسۇلدى ، قۇلىدا توك كالتەك تۇتقان بىر رۇسىيەلىك ساقچى ۋە بىرنەچچە ساقچى ماشنىدىن چۈشۈپ يولنىڭ قالغان يېرىمىنى تۇساتتى ، ئاھا ....،ئۇلارنىڭ ھالىتى بايام بىزنىڭ ئالدىمىزنى تۇسىغان پاۋانلاغا ئوخشايتتى ، بىز ئۆزىمىزنى تۇتالماي قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتۇق !ئۇلار بىزگە خۇددى ساراڭلارغا قارىغاندەك بىر قاراپ قۇيۇپ ئاندىن ئۆز-ئارا ھاڭۋاقتىدەك قاراپ تۇرۇشتى ،بىردىنلا بىرنىمە ئىسگە كەلگەن كىشىلەردەك قۇلدىكى كالتىكىنى قايتىدىن كۆتۈرۈپ بىزگە شىلتىپ تۇرۇپ دېدى:
-چۈشە گۇيلا ،قالاپ تۇرغىننى !
باياتىندىن بىرى قېچىۋاتقان ھەممەيلەن ئەمدىلىكتە  ئىزىمزدىلا توختاپ قالدۇق ، قېچىپ بىريەرلەرگە بىېرىپ بولغان بىرنەچچەيلەن ئارقىسىغا يېنىپمۇ كەلدى،بۇ دىگەن ھەر بىر گۇرۇھنىڭ قائىدىسى ، جاپانى تەڭ كۈرۈش !ساقچى بىزگە شۇنداق دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەندىلا ئاندىن  تېخىچە ئاتتىنى چۈشمەي تۇرغىنىمىز ئىسىمزگە كىلىپ ئاستا چۈشتۇق!
-ھېي! ھە قاسىڭنىڭ ئۆيەڭدە ئىشىڭ يۇقما ؟ نىمى قىسە مىيەدە سۇقۇشاپ ، كاللا قاپاقنى يېرىپ ،توۋۋا خۇدايىم ، كىچىك بالىدەي تەلىنى خۇدايىم !
-ھاي ، بىكادىن بىكاغا ئەدەم تىللماڭ ئۇندا،سىزنى بىر نىمە قىلمىدۇق بىز !؟ ؛--بىزنىڭ لاۋدا گەپ ئاتتى !
-ئاجان ، مانى تۇتۇڭلار ، مۇشۇندا گۇيلا ھامان ياخشى ئەدەم بومايتۇ زادى .
روسىيەلىك لاۋدانى تۇتۇشقا بۇيرىدى ، مەن بولغان بولسام ۋېلىسپىتنىڭ ئالدى چاقىنى بىر كۆتۈرۈپلا كەينىگە بۇرۇلۇپ قاچاتتىم .ئەمما ئۇ ئۇنداق قىلمدى،ئىككى ساقچى ئۇنى تارتىپ ماڭدى .بىز چۇرقىرىشىپلا قالدۇق ،ئەمما ئارتۇق بىر نىمە دىيەلمىدۇق !دۈشمەن سېپىدىكىلەرمۇ  بىرنىمىلەرنى دەپ ساقچىلارغا بولغان نارازىلىقنى بىلدۈرۋاتاتتى ،نىمە دىگەن بىلەن بىرسى تۇتۇلسا ھەممىگە ياخشى ئەمەستە !لاۋدانى ماشىنغا سېلپ بولوپ بىزگە قاراپ بىرنىملەرنى كاركىراپ،  ھەممىزنى تارقىلىپ كىتىشكە ، بولمىسا تۇتۇدىغانلىقىنى دەپ پوپوزا قىلدى، ئۇ كۈنى جۈمە كۈنى ئىدى .  
ئەتىسى چۈشتە بىرنەچچىمىز يىزىلىق پەيچۇسوغا چىقىپ لاۋدانى يۇقلاپ كىردۇق، ئۇنىڭ دىيىشچە ئاخشام تۇتۇلۇپ قالغاندىن كىيىن ساقچىلار بىلەن يەنە بىر مەيدا ئاغزاكى جەڭ قىلغانمش، شۇنىڭ بىلە ئۇنى 15كۈن سولاپ قۇيىدىغان بوپتۇدەك !كىيىكىنى 15 كۈندە بىز بىر نەچچىمىز ھەركۈنى دىگۈدەك يۇقلاپ تۇردۇق !ئەمما مەكتەپتە بۇ ئىشلار پۇر كەتكەن بولوپ مۇدىر چوڭ يىغىن ، مالىم  سىنىپ يىغىنى دىگەندەكلەر بىلەن بىزنى بىر مەزگىل پىپەن قىلدى .
لاۋدا «تۈرمىگە »كىرىپ كىتىپ 10. كۈنى يەنە بىر قېتىمىلىق جەڭ بولدى ، بۇ قىتىم بىز زور چىقىمدار بولدۇق .يەنە شۇ ئالدىنىقى قېتىمقى ئىشنىڭ چالىسى بولوپ ،بىزنىڭ گۇرۇھتكى بىرسى ئۆتكەندە يىگەن تايىقىنى 10كۈندىمۇ ئۇنتالماي ، سۇ ئالغىلى بارغاندا ئۇنى ئۇرغان بىرسى بىلەن ئىتترىپ .تىللىشىپ ،كەينىدىن مۇشتلىشىپ كىتىپتۇ ، بىز بۇرادىرىمىزنىڭ جەڭگاھتا يالغۇز قالغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئۇچۇپ دىگۈدەك  ئۇيەرگە بارساق ، ئاللىقاچان قان بولوپ كەتكەن بۇ ئىككى ئەسكەرنى باشقىلار ئاجرىتىپ بوپتىكەن ،مۇئەللىم ئەكىرىپ كىتىپ تا كەچلىك تاماققىچە نەسىھەت قىلەپ ئاندىن يولغا ساپتۇ ،بىلسەك ئۇ بۇ قتىم ئۆچىنى ئالغانمىش،ئۆزىمۇ «پۇخادىن چىقتىم» دەپ يۈرىدۇ مەكتەپتە ! ئەتىسى تاياق يىگەن ئەسكەر قايتىدىن ئادم باشلاپ چىقىپتۇ ، بىزمۇ بۇنداق ئىشلاردا تاكتىكا ۋە تەجىربىگە ئۇستا بولوپ كەتكەن ئىدۇق ، بىراق بىزنىڭ بېشىمىز يۇق ، ھەم كىچىك بولغاچقا ئۆلگۈدەك تاياق يىدۇق ، بىز قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتەيلى دىسەك كۆپسانلىقلار لاۋدا چىقاندىن كىيىن بولسۇن دەپ يالتايدى ، ئەلۋەتتە ئۇرۇشقا ئامراق بولغان بىلەن ھارام تاياقتىن ھەممە قۇرقاتتى .مانا مۇشۇنداق ئۈزۈلمەس جىدەللەر قاينىمى بىزنىڭ ئەتراپمىزدىلا ،يېزىدىكى بۇ تۇلۇق ئوتتۇرىدا بەزى  ئۆيى يېقىن بالاڭزىلار باشلانغۇچتىن باشلاپ تاكى تولوق ئۇتتۇرىىنى پۈتتۈرگىچە مۇشۇنداق مۇھىتتا ئۆتىدۇ !ھەقىسز كىنو ، ھەقىسىز لەپەر بولار ئۈچۈن لەڭپۇڭ !
بولدى بۇگەپلارنى قۇيۇپ نەخ گەپكە كىلەيلى !  
شۇ قىېتىم جدەل چىقىپ لاۋدا تۈرمىدىن ئازات بولوپ قايتىپ چىققان كۈنى ،مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنى ئىشتىن بۇشاتتى ،مۇئەللىمنىڭ دىيىشچە بۇنداق كۈچلۈك ئادەملەر مەكتەپتە ئۇقۇشقا ئەمەس، يېرىم چارەك كىلدىغان كەتمەندە بوز يەر ئىچىشقا مۇۋاپىقمىش!شۇنداق گەپلەر بىلەن لاۋادا مەكتەپتىن كىتىپ  ، ئىككى كۈن ئۆتمەي  مۇئەللىم ھۇجۇمغا ئۇچراپ  بالنىسقا كىرىپ قالدى .شۇ ئىشتىن كىيىن بىزمۇ ئۇنى كۆرمىدۇق !ئاڭلىساق ئچىكىرگە كىرىپ ھۈنىرىنى داۋام ئىتەمىش!كۆنگەي خۇي ئەمەسمۇ؟!!
مەكتەپ ئۇ كىتىپ خېلى جىمىپ قالدى ، خۇددى ئۇ بىرەر مو يەرگە ئورۇق سېلىپ ، غەللىنى قۇيۇق قىلىپ تېرىيدىغاندەك ، بالىلارنىڭ زىرىكى تۇتۇپ قالسا تاماكا چىكىدىغان بولدى.......، مۇھەببەتلىشىدىغان بولدى ،كىيىن بىلسەم مۇھەببەتلەشكەنلەر كۈندە ئۇرۇشۇپ يۈرسە ئىناۋىتى يۇندا بورلامىش ،شۇڭا بىزدەك  جىدەلخولادىن يىراق تۇرامىش ،شۇنداق قىلىپ بىر چاغلار نىمىش بولغنىنىمۇ بىلمەي پىلىموت كۆتۆرۆپ چىقدىغان بۇرادەرلەر قىز بالىنى دەپ لاۋدا بىلەن تەڭ يۇقالدى ! پەقەت كىچىك- كىچىك گۇرۇھلارلا قالغان بولوپ ،ئادەم سانى تۆتتىن ئاشمايتتى .بۇنداق ئاز ئەسكەرلەر ئۇرۇشقا ئەمەس، بەلكى ئۇيۇنغا بەكرەك ئۇستا كىلەتتى، بۇرۇنقىدەك كۈندە توپلىشىپ جىدەل چىقىرىدىغان بالاڭزىلار ھازىر يۇق ، يىڭى ئېچلىغان ئۇيۇنچۇقخانا بىلەن تورخانا بولارنىڭ يىڭى جەڭ مەيدانى ، بۇيەردە ئىككى تەرەپ بولوپ  ئۇرۇش ئۇيىنى ئوينايدىغانلا سامان ، زامانغا لايىق ھالدا بومبا ،ھەقىقى قۇراللار .....،ئەمما بۇ يەرمۇ بەك تىنجى ئەمەس، پات-پات ئورون يىتىشمەي مۇشلىىپ قۇيۇشلار ، ئەمما بۇنداق مۇشتلىشىشلار ئاللىبۇرۇن ئەمەلدىن ياكا مودىدىن قالغان بولوپ ، ھېچكىم قىزىقمايتتى ، ھىچكىم ئۇلارنى ئايرىپ قويمايتتى ، ئۆزۈڭ ئۇرۇشۇپ ،ئۆزۈڭ توختاپ قالدىغان گەپ! گۇرۇھىڭىدىكىلەرمۇ ئاجرىتىپ قۇيۇشقا يارايدۇ ،ھەرگىز سىنى تاياق يىدى دەپ ،مەتلەرچە مەيدانغا چىقىپ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمەيدۇ !
  تورخانا ، ئۇنىڭدىن ئىشىپ دېسكوخانا ، ...ئىشقىلىپ ئادەمنىڭ پۇتىي ساق بولسىا مىڭىپ كىرگۈدەك يەر بولسا ھىچكىمدىن قالماي ئەڭ ئالدىدا مىڭىپ كىرىپ باشقىلارنىڭ ئاغزىدا ئاستا-ئاستا قۇرقماس ، جىگەرلىك دىگەندەك چىرايلىق ناملارغا ئىرىشتىم .بۇرۇنقى ئاجىز ، سومكىچى ، تاياق خالتىسى ئەسقەرنى ھازىر لوپا ئەينەك بىلەن مەشئەل يېقىپ ئىزلىسىڭىزمۇ تاپالمايسىز ،چۈنكى مەن زامانغا ماسلىشىىنى ئۆگەنگەن !
تولوق ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنجى يىللىقىغا چىققاندا «ھېلىقى يىزىدىكى تولوق ئۇتتۇرا شۇ » ،مەن نەچچە يۈز قىتىملىق باشقا قىزلارنىڭ رەت قىلىشدىن مەيۈسلەنمىگەن ھالدا يەنە بىرقىزغا تەلەپ- قۇيدۇم ، ئۇ قىز دەل مىنىڭ ھازىرقى خوتۇنۇم ئىدى .
تۇلۇقسىزنىڭ ئۈچىنچى يىللقىدا ئۇقۇيدىغان بۇ قىز بۇرۇن مەن قوغلاشقان ھىچقايسى قىزغا ئۇخشىمايتى...
خۇدايىم توۋا دەيتىم ئىچىمدە ئۇنى تۇنجى قىتىم كۆرۆپ، ھاپاش قىلىپ ماڭغان ۋاختىمدا ، ئۇكۈنى «ئىسىمدە قېلىشىچە بىر شەنبە كۈنىغۇ دەيمەن ».بىزنىڭ گۇرۇھتىكى بىرقانچەيلەن ناھىيە بازىرىغا كىرىپ« ئەپەندىم»ئويناپ تازا ئامىتىمىز كەلگەن كۈنى ئىدى ، خۇشاللىق ئىچىدە ۋارقىراپ -جارقىراپ يولنى بېشىمىزغا كىيىپ ، بىر-بىرىمىزنى قوغلشىپ ۋېلىسپىت بىلەن 10كىلومىتىرلىق بۇمۇساپىنى قانداق بېسىپ بولغىنىمىزنى تۇيمايلا قالغان ئىدىم ، پىلانىمىزچە بولغاندا كەچتە يىزا بازىرىدا تازا كېكىرىپ غىزالىنىپ ، كېچېنى تورخاندا ئۆتكۈزمەكچى ئىدۇق ، ئەمما يولدا ئويلىمىغان ئىش بولدى !
يىزا بىلەن ناھىيە تۇتىشاي دىگەن يەردە ئازراق ئادەمسىز يول بويى بولوپ شۇيەرگە كەلگەندە ، يول بۇيىدا بىر توپ قىزلارنىڭ چاچ-پاچنى يولوشۇپ ، بولىشىغا چىرقىرىشىپ ، مەكتەپتە مۇئەللىم ئۆگەتكەن جىمى سات گەپلەرنى بەس-بەس بىلەن نۆۋەتلىشىپ دىيىشپ جەڭ قىلماقتا!ئۆزۈمنى خۇددى «قزىل ئاياللار قۇشۇنى »دىگەن كىينونى كۆرۆۋاتقادەك ھىس قىلىپ قالدىم .ئۇزۇق بوپتىكەن بۇنداق توپلىشىپ جەڭ قىلغان مەنزىرىنى كۆرمىگىلى ، تازا پەيزى قىلىپ كۆرەۋاتسام ، يىنىمدىكى بۇرادىرىمىز پەيزىمنى قاچۇردى ؛
-ئىدەش !قالاپ تۇماي ئاجىتىپ قامتىمىز يا -،يولىمىزغا ماڭامتمىزا؟
ھوي ماگەپنى كۆرۆڭ !ھەجەپ تۇنۇش ئاڭلاندى دىسە !؟توغرا ، ھازىرقى زاماندا مۇشۇ گەپ مۇدا تۇرسا شۇنداق بولمامتى ئەمسە !بۇرۇنقىدەك «ئادا ، كىرىپ بىزمۇ ئەتنىنى ئېلىشپ بىرەيلىمۇ؟»دەيدىغانلا يۇق ئەمدى !گەرچە بولا قىزلار بولسىمۇ !
مەن ھۇشۇمنى تاپتىم !-ھوي راست، يۈرۈڭلار ئاجىرتىپ قۇيايلى ، بولمىسا دەۋزىخى بولوپ كىتىمىز !
شۇنداق دەپ تولپارلىمىزنى يولمنىڭ يىنىدىكى جىرىمغا باغلاپ قۇيۇپ  بۇ جىدەلگە  ئارلاشتۇق !
-ھوي !خانلىرىم !نىمە بولوشلا بۇ كەچـتە !؟بۇنداق قىلشىپ كەتمەيلى مۇسۇلمانلا!
ئەتىمالىم ،ئەتتىگەندىن بۇيان بۇيان بۇلار بىزنى كۆرمىگەنمۇ يا كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالدىمۇ،بۇگەپ بىلەن تەڭ چاراسلاپ ئىتلىۋاتقان پىلوموتنىڭ ئۇقى تۈگەپ كەتكەندەك تۇيۇقسىز جىمىقىپ قالدى، ئەمما ئاران دەقىقە داۋاملاشتى !
-ئىشىڭنى قىلە !پىس-پاسلار!نىمە كارىڭ !

داۋامىنى كىيىنكى ئىنكاسلاردىن  كۆرۆڭ !
مەنبە:كۇنۇپكا تاختىسى ۋە مىنىڭ  بارمىقىم !
  [داۋامىنى كىينىكى ئىنكاسلاردىن كۆرۆڭ !
[mp3=1]wmv=0]http://mp3.123nahxa.com/mp3nahxa/mp3nahxa/aski.mp3[/media] [/mp3]

سەمىمي ئەسكەرتىش:ئىملاغا قاتتىق دىققەت قىلىڭ!ئانا تىلنى قوغداشتا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار،ھېكايىڭىزدىكى‹‹ئۇ،ئۆ،ئۈ،ئو››ھەرپلەر بەك ئالمىشىپ كەتكەن،‹‹ئى،ئې››ھەرپنى كۆپ يەردە تاشلاپ قۇيۇپسىز،‹‹ت،ي››ھەرپىنى ئارتۇق ئىشلىتىپسىز،داۋامىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللىغاندا،ئىملاغا قاتتىق دىققەت قىلىڭ!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
akramjan2 + 1 بالىلىقتە بۇ

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1   باھا خاتىرىسى

كەتكەنلەردىن كەلگەنلەر يوق ، كەتمىگەندىن كەتمىگەنلەر !

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 921
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4534
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 683 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 11:04:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىدەلخورنىڭ  جىدىلى، ۋە غەيۋەتخورنىڭ گىپىدىن ئاللا ئۆز پانايىدا ساقلىغاي

يىغلار يۈرۈگۈم ئ

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 866
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4444
تۆھپە نۇمۇرى: 1503
توردا: 1123 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2012-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 11:18:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرق ئەسەرلەر بىلەن تۇشۇپلا كەتتىغۇ مۇنبەر ،ئاخىرنى يىزپ بولغاندا بىراقلا ئۇقۇي.

ئىللەت تۈزەلمىگىچە، مىىللەت تۈزەلمەس.

ياپۇن سامۇرايلى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 658
يازما سانى: 929
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32923
تۆھپە نۇمۇرى: 387
توردا: 4809 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 11:18:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يامان قىزقارلىقكەن.داۋامنى ساقلايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19636
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3491
تۆھپە نۇمۇرى: 211
توردا: 2612 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2011-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 11:31:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايات دىگەن ئاجايىپ دىسە مەنمۇ تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ بولغىچە بىرەر ئىنسان بىلەن  ئۇرۇش-جىدەل قىلىپ باقمىغان. ئوتتۇرا تىخنىكومغا ئوقۇشقا بىرىپ ئۈچ ئايدىن كىيىن يۇقىرى يىللىقنىڭ نوچىلىرىمۇ مىنى كۆرسە ئەيمىنىدىغان  بولۇپ كەتكەن. شۇ ئىشلارنى ئويلىسام ئۆزۈممۇ قورقۇپ كىتىمەن.

مەن ساڭا ساراڭ ب

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12524
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8159
تۆھپە نۇمۇرى: 522
توردا: 2049 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 11:36:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما  ئەسەرنى ئوقۇپ بولغىچە  كۈلۈپ ئۈچەيلىرىم تارتىشىپ كەتتى ..
ئاخىرىنى تېزراق يېزىڭە .......

شئېرنى  چۈشەنمەيسىز  ئەمما ھېس قىلالايسىز ،،شېئېر  ھەممە  ئادەم چۈشىنەلەيدىغان سەنئەت ئەمەس .

فىلىم ئشلەش ھەۋە

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 811
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5031
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4298 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 11:37:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە  شۇ داۋامى يوق ئەسەر ....  ھەي

فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net

مۇسۇلماننىڭ كۆز

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى ماھىر قەلەمكەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54862
يازما سانى: 865
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5876
تۆھپە نۇمۇرى: 380
توردا: 2453 سائەت
تىزىم: 2011-9-5
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 11:45:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەر تىلى شۇنداق تەبئىي  ،  مەنمۇ تولۇقتا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا مۇشۇنداق ‹ لاۋدا › نىڭ  قوغدىشىغا ئېرىشۋالغانلار بەك نوچى ھېسابلايتتى ئۆزىنى ...  

  ھېرىپ قالماي چاققان چاققان يېزىڭ .........

مۇسۇلماننىڭ كۆزىدە ئاللاھ بەرگەن ئۈمۈدنىڭ نۇرى بۇلىدۇ !!

مۇھاببەت ئۈلۈمنىڭ يەنە بىر ئىس

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65194
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2394
تۆھپە نۇمۇرى: 449
توردا: 978 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 12:11:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ ئۇچۇرۇپ كىتىپسىلەرغۇ! مەنمۇ ئۇقۇپ باقايچۇ!

مەن قاچان ئەخمەق بۇلىدىكەنمە، قىزلارغا ئالدىنىپ قالىمە.قىزلار قاچان ئەقلىدىن ئازىدىكەن، ماڭا ئىشىنىپ قالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64763
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1333
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 532 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 12:28:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ ئەسەرنى ئوقۇپ مىنىڭمۇ بالا ۋاقتىم ئىسىمگە كەپ قالدى
داۋامىچۇ .....؟؟

nothing is impossible,just do it
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش