مىسرانىمدىكى كىچىلىكنىڭ داۋامى
[align=justify]
[align=justify]
دوسلار ، كونا قائىدە بۇيىچە مىسرانىم كىچىلىگىنى مەن يەنە بىر قېتىم ئورۇنلاشتۇردۇم .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم مىسرانىم كىچىلىگىگە قەدەم تەشرىپ قىلغان بارلىق دوسلار !! ياخشىمۇ سىلەر ؟بۈگۈنكى كىچىلىكىمىز ھازىر رەسمى باشلاندى ........ چاۋاك ،
بۈگۈنكى كىچىلىكنىڭ رىياسەتچىللىرى مۇنبىرىمىزنى چاقچاق- قۇشاقلىرى بىلەن دوسلارنى يىغلىتىپ بىرەر قېتىممۇ كۈلدىرەلمىگەن كۆكنۇر بىلەن دۆلەت دەرجىلىك قوغلاپ چىقىرىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن ، سەھنىدە نەچچە قېتىم ئۇسۇل ئويناپ تاماشىبىنلارنىڭ بىھۇدە ياش تۈكۈپ ، ئاۋارە بۇلشىغا سەۋەپچى بولغان دىيارىمىزدا مىنوس بەشىنجى دەرجىلىك ئۇنۋانغا ئىرىشكەن كۆڭۇل قىز ئىككىسى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
گۇلدىراس ئالىقىش ساداسى ئىچىدە ئىككىسى بىر - بىرىنى يۇلىشىپ ھاسا تايىقى بىلەن مەيدانغا چىقىپ كەلدى .
كۆكنۇر ...ئەسسالام دوسلار بۈگۈنكى كىچىلىككە قەدەم تەشىرىپ قىلغىنىڭلارغا مىسرانىم باشلىقىلىرى ھەم ئەزالار نامىدىن چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن ، بۈگۈنكى كىچىلىكتىن ھەممىڭلارنىڭ روھى ئۇزۇق ئېلىپ مۇنبەرنىڭ كىيىنكى تەرەقىياتىغا تىكىشلىك ھەسسەڭلارنى قۇشۇشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن........چاۋاك چېلىنىپ تاماشىبىنلار ئالقشلىرى توختىمىدى .
ئارقىدىن كۆڭۈل قىز چىقىپ ئىنچىكە تارتىلغان لەڭمەندەك ئىزلىپ سۆزلەشكە باشلىدى ،
دوسلار ئەمدى كىچىلىكىمىزنى مىسران ئەپەندىمنىڭ نۇتىقى بىلەن باشلايمىز !!......كۆكنۇر بولسا كۆڭۈل قىزنىڭ ئىزىلىپ گەپ قىلىشلىرىدىن بىزار بولغاندەك ئالىيىپ قاراپ قويدى.
چاۋاكلار ئىچىدە مىسران ئەپەندى سەھنىگە قاراپ ئېغىر قەدەملەر بىلەن چىقىپ كەلدى ، تاماشىبىنلار بولسا ئۇنىڭ كىيۋالغان كىيىمىگە قاراپ ھەيران بولغان بولسا كېرەك ،
تاماشىبىنلار ئارىسىدىن بىرسى <<بۇ مىسران ئەپەندىمۇ ياكى ئېتىزغا سۇ تۇتقىلى كەلگەن ئادەممۇ؟> دەپ ۋاقىراپ كەتتى . بۇ سۆزنىڭ كىمنىڭ قىلغىنىنى بىلىش ئۈچۈن ساقچىلاردىن ئەل ئوغلى بىلەن پىدا قوللىرىغا توقمىقىنى ئېلىپ تاماشبىنلار ئارسىغا قاراپ يۈگۈردى. ئۇلار ھايال بولمايلار پادىشاھنى پۇت قۇلىنى يەرگە تەككۈزمەي مىسران تۈرمىسىگە قاراپ سۆرەپ ئېلىپ ماڭدى . پادىشاھ بولسا كەينىگە قاراپ <<خەپ مىسران>> دىگەندەك قىلىپ ئالىيىپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى . پەستىكىلەر بولسا نارازىلىق بىلدۇرگەندەك مىسرانغا قاراپ قويدى . دىمىسىمۇ مىسران سەھنىگە چىققاندا پۇتىغا سۇ تۇتقاندا ئىشلىتىدىغان رەزەڭگە ئۈتەك ، بېشىغا بولسا يوغان چىغ قالپاق كىيىپ سەھنىگە چىقىپ كەلگەن ئىدى .
كۆكنۇر ... دوسلار تىنىچلىنىڭلار ئەمدى مىسران ئەپەندىدىن سۆز ئاڭلايلى.... دەپ قۇيۇپ چۈشۈپ كەتتى ،
مىسران تاماشىبىنلارغا قاراپ قۇيۇپ بۇغۇق ئاۋازدا ، <<دوسلار مەن ئارتۇق گەپ قىلماي بۈگۈن ھەمە ئەزالار ئۈزىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ باقسۇن ،قالغان ئىشنى رىياسەتچىلەر ئورۇنلاشتۇرىدۇ .>> دەپ قۇيۇپ كەينىگە قارىماي سەھنىدىن چۈشۈپ كەتتى .
كۆڭۈل قىز بىلەن كۆكنۇر ھەيران بولغان ھالدا سەھنىدە پەيدا بولدى .
بۇگۈنكى كىچىلىكنىڭ ئاساسى مەزمۇنى بولسا ، ئىسمى چىققان ئەزالار سەھنىگە چىقىپ ئۈزنىڭ تالانتىغا يارىشا نۇمۇر كۆرسىتىپ چۈشۈپ كىتىدۇ ، كىچىلىكتىن يىغىلغان پۇلارنى مىسران تۇرمىسىنىڭ پۇختىلىنىپ ياسىلىشىغا ئىشلىتىلىدۇ،ئەمىسە نۇمۇر رەسمى باشلىنىدۇ ، ئەڭ ئاۋال مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى سۇلتان نۇمۇر كۆرسىتىدۇ .
تاماشىبىنلار چاۋاك ئالقىشلىرىنى ياڭراتتى .
ئارقىدىنلا سۇلتان سەھنىگە چىقىپ شېر ئۇقۇشقا باشلىدى .
بېشىمنى تىك تۇتۇپ ئاسمانغا قاراپ ،
خىيالىم پىنھاننى كىزەر توختىماي .
مەندىكى ۋەزىپە بولسىمۇ ئاددى ،
كىچىسى مۇنبەردە يۇرىمەن ئۇخلىماي .
ئەمدى دىلسىرى سەھنىگە كورىيە قىزلىرىدەك نازلىنىپ چىقىپ قۇلدىكى قەغەزنى ئېچىشقا باشلىدى .
بىر كاچات سالدىممەن يېنىمدىكى قىزنى ،
ئاغرىققا چىدىماي ياشلانىدى جۈپ كۈزى.
دىلىمىزدىن يۇقالسا پاكلىقنىڭ نۇرى ،
تارىخقا داغ چۈشۈرەر ئۇيغۇرنىڭ قىزى .
دىلسىرى شئېرنى ئۇقۇپ بۇلۇپ پەستىكىلەرگە قاراپ قۇيۇپ مەزمۇت قەدەم تاشلاپ چۈشۈپ كەتتى .
ئەمدى سەھنىگە مۇھەبەت شئېرىلىرى بىلەن كىشلەر قەلبىدىن بىر كىشلىك ئورۇن ئالغان مىھىرزات سەھنىگە چىقىپ كەلدى .
مۇھەببەت دەپ تەۋرەتتىم قەلەم ،
قەلبىمدە يەتكۈچە پىغانلىق ئەلەم .
ھەسرەتكە مۇڭ بۇلۇپ سۇكۇتتە تۇرار ،
قەلبىمگە جۆر بولغان سوغوققىنە خانەم .
ئەمدى فاتىمە قول ياغلىقىنى قولدا تۇتقان ھالدا سەھنىگە چىقىپ كەلدى ،بەلكىم ئۇ كۆز ياش قىلدىغاندەك تۇراتتى .
سەن ئۈچۈن تۈكۈلگەن ئەمەستۇر ھەرگىز ،
قارچۇغۇم ئۇستىدە لىغىلدىغان ياش .
ئۆلسەممۇ رازىمەن ئەلەملەر بىلەن ،
ۋە لىكىن نۇمۇستۇر سەن ئۈچۈن يىغلاش .
ئۇ يىغلىمايمەن دەپ تۇرۇپ كەپتەر باچكىسىدەك بۇقۇلداپ يىغلاپ چۈشۈپ كەتتى ،
ئەمدى سەھنىگە يۇمۇرۇستىك تېمىللىرى بىلەن كىشلەرنى كۈلدۈرۈپ ھەم يىغلىتىپ مۇنبەردىن تۇيۇقسىز يۇقاپ كەتكەن باشلىققا ھال ئۇقۇپ باشلىقىنى مۇنبەردە قاتتىق سۆككەن مەلىكەم چىقىپ كەلدى .
باشلىقىمنىڭ دەردىدە كىرەلمىدىم مۇنبەرگە ،
ئاچىقىمدا ياشلىرىم ئېقىپ چۈشتى دۇمبەمگە .
مۇنبەردىكى دوسلىرىم سېغىندىمۇ بىلمىدىم ،
خۇشاللىققا جۆر بۇلۇپ ئاتا قىلغان كۈلكەمگە .
ئۇشئېرنى ئۇقۇپ بۇلشىغا پەستىكىلەر ۋاقىراشقا باشلىدى. <<سېغىندۇق ، سېغىندۇق>> دەپ ،
كۆكنۇر سەھنىگە بولدى ۋاراڭ – چۈرۈڭ قىلماڭلار!! ئەمدى مۇنبىرىمىزگە قىسقا قىزقارلىق يۇمۇرلار بىلەن خۇشاللىق ئاتا قىلۋاتقان تۇغرۇل ئاكىمىز چىقىدۇ دىيىشى بىلەن زال ئىچىنى قىقاس چۇقان قاپلاپ كەتتى .
تۇغرۇل ئاكىمىز ئېغىر قەدەملەر بىلەن سەھنىگە چىقىپ سالام قىلىپ بۇلۇپ بەئەينى ھىسام ئاكىمىزدەك يۇمۇر سۆزلەشكە باشلىدى ،
بىر كۈنى مەن پولو يەي دەپ بىر ئاشخانىغا كىرىپ پولو بۇيرۇتتۇم ،پولو ئازراق يەپ باقسام خام ئىكەن مۇلازىمنى چاقىرىپ ، ھەي بۇ پولونى شۇنداق جاپادا ئىتىپسەن نىمىشقا ئىككى ئۇچ مىنۇت چىداپ پۇشۇرۋەتمەي خام ئىلۋالدىڭ دىسەم ،
مۇلازىم كۈزۈمگە قاراپ تۇرۇپ <<بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇششاق گىپى قاچان تۈگەر، پىشقانلىرىنى تىرىپ يىمەمسىز؟>> دەيدۇ ،،ئاچىقىمدا ماڭە لوبىنىڭنى چاقىر دىسەم <<لوبەن يوق>> دەيدۇ . قېنى دىسەم <<بۈگۈن پولو ئالا بۇلۇپ قاپتىكەن ، شۇڭا بىر تويغا پولو يىگىلى كەتتى...>> دەيدۇ .
ئەمدى سەھنىگە مۇنبىرىمىزنىڭ ئالى ئەزاسى دەقيانوس چىقىپ كەلدى .
ئۇ ھەسرەتلىك كۆزلىرىنى تاماشىبىنلارغا تىكىپ تۇرۇپ مۇنۇ بىر كوبلىت شئېرنى ئۇقۇشقا باشلىدى .
يۇمۇۋالما كۆزلىرىڭنى ئاچ زىمىن ،
كۆرۋالغىن ئادەملەرنى بىر-بىرلەپ .
كىملەر ياخشى كىملەر يامان كىملەر ھەم ،
كەتتى كەتتى ئۇلۇغ ھاياتىنى قەدىرلەپ .
سەھنىدە يەنە شۇ ئالقىش سادالىرى كۈتۈرۈلدى .
ئەمدى سەھنىگە نازۇك قىز قولدا بىر پۇپايكىنى تۇتقان ھالدا چىقىپ كەلدى . بەلكىم ئۇ پۇپايكا ئۇنىڭ زاۋۇتىنىڭ مەسۇلاتى بولسا مۇشۇ كىچىلىكتىن پايدىلىنىپ ئىلان قىلىشنى ئويلىغان بولسا كېرەك .
غۇلجا قىزى نازۇكمەن ، پۇپايكىلار تۇقۇيمەن ،
ماختاپ بىزنىڭ زاۋۇتنى قۇشاقلارنى تۇقۇيمەن .
خىرادىرى كۆپ بولسا بىزنىڭ رەقىپ زاۋۇتنىڭ ،
قۇزغۇن بۇلۇپ بېشىغا قۇنىۋېلىپ چۇقۇيمەن .
ئەمدى سەھنىگە مۇنبىرىمىزنىڭ يايلىقىدا كالا بېقىپ دۇنيادىكى ئون داڭلىق مىليونۇرلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان نەسرۇللا چىىقىپ كەلدى .
باغلاپ قۇيۇپ كالىلارنى قۇتانلارغا بىر بىرلەپ ،
قۇشاق يازدىم مۇنبەرگە ،قاپىيەنى مەن رەتلەپ .
مىليونۇرمۇ بوپ قالدىم ،زامانلارغا مەن لايىق ،
ئەپسۇس ئۆيگە كەلمىدى بىرەر مىھمان پەتىلەپ .
ئەمدى نۆۋەت سۈرخانغا كەلدى . ئۇ ئۇيان - بۇيان قاراپ قۇيۇپ سەھنىگە چىقىپ كەلدى. بىز تېخى ئۇنى ياتاقتىكى پاراڭنىڭ ئاخىرىنى ئۇقۇيدۇ دەپ ئولتۇرساق ئۇمۇ شئېرى باشلاپ كەتتى ،
ياتاقتىكى پاراڭلار ،زەپ ياراشتى مۇنبەرگە ،
دوسلىرىممۇ تەڭ كۈلدى ھەمرا بۇلۇپ كۈلكەمگە .
مەدەتلەردىن ھەر ۋاقىت ئۈزۈلمىسە چاۋاكلار ،
مەندىن سوۋغا سىلەرگە ،يۇمۇرۇستىك پاراڭلار .
سەھنىگە نۆۋەتتە مۇنبەرنىڭ ئىناقلىقى ئۈچۈن ئۇن- تۇنسىز تۆھپە قۇشۇپ كىلۋاتقان ئارشاڭ ئەپەندى دوسلارنىڭ چاۋكلىرى ئارسىدا چىقىپ كەلدى ،ئۇ ئەزالارغا بىر قۇر كۆز يۇگۈرۈتۈپ << دوسلار ھازىر مۇنبىرىمىزدە بىر قىسىم ئىناقسىزلىق كۆپىيىپ قاپتۇ ، دوسلارنىڭ ئېغىر بېسىق بۇلۇپ مەسىلىلەرگە كەڭ دائىرىدە پىكىر يۇرگۈزۈپ ، دوسلار ئارا ئىناقسىزلىق كىلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى !!! مۇنبىرىمىزنىڭ ھازىرقى شارائىتىنى ئاسرايلى!!>> دەپ قۇيۇپ قۇلدىكى شئېرنى ئوقۇشقا باشلىدى .
بىر ئۆمۈر ئىجىل بوپ ياشايلى دوسلار،
ياڭرىتىپ ئىناقلىق ناخشىسنى بىز .
مۇنبەرنىڭ كەلگۈسى شەرەپ –نىشانى ،
قەلەمنىڭ تەۋرىشى ،بىز بىلەن ھەم سىز .
تۇغرۇل ئاكىمىز چۈشۈپ كەتمەي تۇرشىغا مۇنبىرىمىزنىڭ مۇقۇملۇق بايرىقىنى ئىگىز كۈتۈرۈپ مۇنبەردە ھەم جەميەتتە بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە مۇقۇملۇق ئەلچىسى كۈنقىز چىقىپ كەلدى . ئۇ دوسلارغا مەجنۇنتالدەك ئىگىلىپ سالام بىرىپ شئېىرنى ئۇقۇشقا باشلىدى .
دوسلارنىڭ ياردىمى قوللىشى بىلەن ،
مۇقۇملۇق گۈلى بوپ تىزلىدىم رەتكە .
ئازغانلار كەينىدىن ئېزىپ بىزمۇ ھەم ،
بىھۇدە ياش تۈكۈپ قالمايلى دەرتكە .
ئەمدى سەھنىگە دوستىمىز سىرداش بىز چىقىپ كەلدى . ئۇ بەلكىم مۇنبەرگەيەنە دەرىت تۆكسە كېرەك ؟ ئۇمۇ ئۇقۇشقا باشلىدى .
مۇنبەر ئۈچۈن تەر تۈكۈپ ،تېما يازسام جاپادا ،
چىقمايدىغۇ خەۋەر يوق ،ئىلنىپ قالدىمۇ بالاغا .
ئۆزگە ئەللەر تىرىشىپ ،چىقىپ كەتتى ھاۋاغا ،
بىز مۇشۇنداق تىركىشىپ ،قالامدىمىز غەۋغاغا .
ئەمدى سەھنىگە قۇشاق ماھىرىمىز تاتلىق چىقىپ كەلدى ،
قۇشاق يازدىم دوسلارغا ،
كۈلدۈرەي دەپ دىلىمدىن ،
كىرمەي قالسام مۇنبەرگە ،
تاماق ئۆتمەس گېلىمدىن ،
كۆكنۇر ئاچقان ئاشخانىغا ،
كىرىپ قالدىم تاماققا ،
سارىس توخۇ دەستىدىن ،
بىرنى سالدىم قاپاققا ،
مەن ئۈزۈممۇ بەك تاتلىق ،
ناۋات سالغان چايلاردەك ،
ئالدىڭلاردا قالايمىقان ،
سايراپ قويدۇم بۇلبۇلدەك .
ئەمدى سەھنىگە باشقۇرغۇچىمىز "قىزغىن" چىقىپ كەلدى . تاماشىبىنلار قىزغىن چاۋاك چېلىشتى. << دوسلارنىڭ بۈگۈنكى كەيپىياتى شۇنداق ياخشى ، ئاخىرلاشمايدىغان سورۇن بولمىغىنىدەك بۈگۈنكى كىچىلىكمۇ ئاخىرلىشى باسقۇچىدا تۇرىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن گۈل چاينى كىلەر نۆۋەت ئۆتكۈزىدىغان ساھىبخان ئورۇنغا تاپشۇرۇپ بىرىپ ئۇينىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى..... >> دىيىشى بىلەن تەڭ پەستە قىقاس -چۇقان كۈتۈرلۈپ <<مەن،،،مەن ،،، مەن>> دەپ تالاش تارتىش باشلانىدى .،
ئاخىرىدا يەنىلە ئەقىللىق "كۆڭۈل" قىز ئامال تاپتى ، <<دوسلار تىنىچلىنىڭلار مەن قۇلۇمدىكى گۈلنى پەسكە قارتىپ ئاتىمەن ، كىم تۇتىۋالسا شۇ كىلەركى كىچىلىكنى ئۆتكۈزدىغان ساھىبخان بۇلىدۇ.>> دەپ ئېلان قىلدى . پەستىكىلەر <<بۇلدۇ تاشلاڭ>> دەپ قوللىرىنى ئىگىز كۈتۈرۈشتى . كۆڭۈل قىز كۈچەپ تۇرۇپ قولدىكى گۈلنى پەسكە قارتىپ ئاتتى ، گۈل چاينى مۇنبىرىمىزنىڭ ئالى ئەزاسى سۈزۈك –ئاي تۇتىۋالدى . "قىزغىن" ئەپەندى داغدۇغلۇق بىلەن كىلەر نۆۋەتلىك گۈل چاينى ئۆتكۈزۈشكە مۇيەسەر بولغان "سۈزۈك ئاي"نى قىزغىن ئالقىشلار ئىچىدە تەبرىكلەپ كىلەر نۆۋەتلىك گۈل چاينى ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى .
سۈزۈك ئاي <<كىلەر نۆۋەتلىك گۈل چاينى قۇلۇمغا ئالغىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن ، كىچىلىگىمگە بارلىق مىسران ئەھلىنى تەكلىپ قىلىمەن....>> دەپ ئالقىش چاۋاكلار ئىچىدە سەھنىدىن چۈشۈپ كەتتى.
تۇيۇقسىزلا سىرىتتىن بىر مۇنچە ئادەم زال ئىچىگە بېسىپ كىردى . تاماشىبىنلار نىمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىرالماي قالدى . ئەسلىدە مۇنبەرگە يېڭى كىرگەن ئەزالارنىڭ مۇنبەر پۇلى كۆپ بولمىغاچ ،
كىچىلىكنىڭ باھاسى قىممەت بولغاچقا بىلەت سېتىۋالالماي <<سىرىتتا تۇرۇپ قۇيۇپ بەرگەندە كىرىمىز>> دەپ سىرىتتا ساقلاپ تۇرۇپتىكەن . ئاخىرىدا چىدىيالماي ساقچىلارنى ئۇرۇپ باستۇرۇپ كىرىپتۇ . ئەپسۇس ئۇيۇن ئاخىرلىشىپ بولغان ئىدى .
مىسران باشلىق نىمە ئىشلىكىنى سۇرۇشتۇرۇش ئۈچۈن كۆكنۇر بىلەن كۆڭۈلنى ئىزدەپ تاپالمىدى . ئەسلىدە كۆكنۇر بىلەن كۆڭۈل قىز پۇل تاپىمىز دەپ ئىجازەتسىز ئاشخانا ئېچىپ ئاغرىپ تۇخۇلاردا قورىما قورۇپ خىرىدارى سۇتۇق بۇغرىنىڭ ئاغرىپ قېلشىغا سەۋەپچى بۇلۇپ شۇنىڭ ئىقدىسادى تۈلمىنى تۈلەش ئۈچۈن بىلەت باھاسىنى ئاتايىن ئۆرە قىلۋەتكەن ئىكەن . باشقۇرغۇچىلار كۆكنۇر بىلەن كۆڭۈل قىزنى ھىچ يەردىن ئىزدەپ تاپالمىدى . ئۇلار بۈگۈن كىچىلىكتىن يىغىلغان بارلىق پۇللارنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەن ئىدى .
مىسران باشلىق بارلىق مىسران ئەھلىگە قاتتىق بۇيرۇق چۈشۈرۈپ خىيانەتچى كۆكنۇر بىلەن كۆڭۈل قىزنى تېپىپ كىلىش توخرىسىدا ئاق تاشلىق بۇيرۇق چۈشۈردى . ئەزالارنىڭ ھەممىسى سىرىتقا قاراپ چېپىشقا باشلىدى . چۇنكى ئۇلار بۈگۈن كىچە چۇقۇم بۇ قاچقۇنلارنى تېپىپ كىلىشى شەرىت ئىدى .
شۇنداق قىلىپ بۈگۈنكى كىچىلىك ھەم خۇشاللىق ھەم قايغۇلۇق ئىچىدە ئاخىرلاشتى .
ئەسكەرتىش ،،، بۇ گۈل چاينى ماڭا كۆڭۈل قىز بەرگىلى خېلى بولغان ئىدى . مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ۋاقتىدا ئۆتكۈزەلمىدىم ، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر . ئەمدى بۇ گۈل چاينى مۇنبىرىمىزدىكى سۈزۈك ئايغا بەردىم ،گۈل چاي مۇشۇ يۇسۇندا ئايلىنىپ ماڭسۇن . قەلىمىمنىڭ ئاجىزلىقىدىن قاملاشمىغان يەرلىرى بولسا خاپا بولماڭلار ئىسمى چىقمىغانلارمۇ شۇنداق . چاقچاق ئېغىر كەلگەنلەر بولسا ئاچىقىڭلارنى ئىچىڭلاردا بىلىڭلار ھە تېشىڭلارغا چىقارماڭلار .!!!!!،،،،،،، بۇمۇ دوسلارنىڭ خاپىلىقلىرىنى بىردەم بولسىمۇ ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن .
مەنبە---- تاڭنۇر