ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت gadankax كە 2011-12-06 10:33 PMئەۋەتىلدى :
بۇقىنى كالام دېمە، سازەندىنى بالام.
ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرىدىن
ئىجادىيىتىمگە بەرگەن تۇنجى ئىنكاسىڭىزنى يۇقارقى ماقال -تەمسىل بىلەن باشلاپ مېنى‹‹ مۇبارەكلىگىنىڭىزگە››
رەخمەت.ئەپسۇس بۇ ماقال تەمسىل ئەسلىدە:‹‹باخشىنى بالام دىمەڭ،بوقىنى كالام(دىمەڭ)››دىگەن
ئويغۇر ماقال-تەمسىلى بولۇپ( ئېزىز ئاتاۋۇللا سار تېكىن تۈزگەن‹‹ ئويغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى››دىگەن
كىتاپقا قاراڭ) ئويغۇر ناخشا-ئۇسۇللىرىغا ئۆچ،جاھىل سوپى-ئىشانلارنىڭ مۇرتلىرى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋالغان.
ئەلشىر نەۋائىي مۇنداق دىگەن: ‹‹ ھۈنىرى يوق يۈز كىشى يالغۇز كىشىگە تەڭ،يالغۇز كىشىنى قانداقمۇ
ئادەم قاتارىدا سانىغىلى بولسۇن؟!›› مەن مۇشۇ ھۈنىرىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن.