ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:مىسرانىمدىكى بارلىق ئەزىزلەرگە سالام.
بۇ پاجىئە رىئال تۇرمۇشۇمدا يۈز بەرگەن بولۇپ،يۈرۈكىمدىكى ئازاپلىرىمنى يەڭگىللىتىش مەقسىدىدە،سىلەربىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم.
بوۋاق پاجىئەسى1-(ئوۋچى)
مەن 2009-يىلى توي قىلدىم.تويدىن كىيىن ئەر -ئايال ئىككىمىز،بىر-بىرىمىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتۇق،تۇرمۇشىمىز ئىنتايىن ئىناق،بەخىتلىك ئىدى.ئائىلىمىز شۇنداق بەخىتلىك بولسىمۇ پەرزەنت بولمىسا يەنىلا ئۇزىمىزنى بەخىتلىك ھىس قىلالمىدۇق.پەرزەنتكە بولغان تەشنالىغىمىز كۇندىن-كۇنگە ئېشىپ بېرىۋاتاتتى.ھەركۇنى نامىزىمىزدا،ئاللاھ تىن پەرزەنت ئاتا قىلىشىنى تىلەيتۇق.2010-يىل9-ئايغا كەلگەندە، ئاللاھنىڭ ھىممىتى بىلەن ئايالىم ھامىلدار بولدى،ۋاھ!ئاللاھنىڭ ھىممىتىگە مىڭ مەرتىۋە شۇكرى!مەن بۇ خوش-خەۋەرنى ئاڭلاپ،يۇرۇگۇم يېرىلغۇدەك بولدى،مانا،بەخىت دىگەننى ئەمدى ھەقىقى ھىس قىلىپ يەتتىم.كۇنلىرىمىز شۇنداق خوشال-خورام ئىدى.ئايالىمنى شۇنداق ئەتىۋارلاپ ئائىلىدىكى ئۇششاق-چۇششەك تاماق ئىتىش دىگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئۇزەم قىلدىم،ھەركۇنى ئايالىمنىڭ قوسىغىنى سىلاپ تۇرۇپ نۇرغۇن نۇرغۇن ھىكايىلەرنى ئېيتىپ بېرەتتىم،شۇنداق قىلىپ بۇخوشاللىقىمىزنىڭ پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۇرمىگەن ئىدىم.
2011-يىلى 3-ئاينىڭ22-كۇنى سەھەر سائەت4 بولغان ۋاقىت،شۇنداق تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتىم،توساتتىنلا ئايالىمنىڭ ئېچىنىشلىق ئىڭىرغان ئاۋزىدىن چۇچۇپ ئويغىنىپ كەتتىم.
نىمە .ئىش بولدى؟نەرىڭىز ئاغىرۋاتىدۇ؟
سورىدىم مەن ئايالىمدىن.
ۋايجان!!ۋايەي!!!!قوسۇغۇم ئاغىرۋاتىدۇ،
مەن دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئايالىمنىڭ قوسىغىنى سىلىدىم،قوساقتىكى ھامىلە قاتتىق بۇپ قالغان بۇلۇپ پەقەتلا مىدىرلىمايتى.
مەن ئەھۋالنىڭ چاتاقلىغىنى بىلىپ ئايالىمنى دەرھال مەخسۇس ئاياللار تۇغۇت دوختۇرخانىسىغا ئاپاردىم...
دوختۇر!!!دوختۇر!!!دەپ توۋلىدىم جىددى قۇتقۇزۇش بۇلىمىگە كىرىپلا،،
دوختۇر سېستىرالار يۇگۇرۇپ كىلىشتى..
نەرىڭ ئاغرىۋاتىدۇ؟
قوسۇغۇم....
قوساقتا ھامىلە بارمىدى؟
شۇنداق.
نەچچە ئايلىق بولغان؟
6ئايدىن ئاشقان.
دوختۇرلار دەرھال ھامىلىنى تەكشۇرۇپ كۇرۇپ،
بالىنىڭ يۇرەك سۇقۇشى نورمال ئىكەن.قورقۇپ كەتكىدەك ئىش يوق.بىر-نەچچە تال ئۇكۇل ئۇرۇپ قويساقلا ياخشى بۇلۇپ كېتىدۇ.دىدى.
ئۇكۇلمۇ تۇگىدى..شۇنداق قىلىپ دوختۇرخانىدىن قايتىپ چىقتۇق..
شۇ كۇنى كەچ سائەت5ئەتىراپىدا ئايالىمنىڭ قوسىغى يەنە ئاغرىشقا باشلىدى...مەن ئايالىمنى دەرھال،چوڭ نۇپۇزلۇق دوختۇرخانىغا ئاپاردىم...
دوختۇرلار تەكشۇرۇپ كۇرۇپ،باش سۇيىنىڭ يېرىلغانلىغىنى،كېچىچە تولغاق توختۇتۇش ئۇكۇلى ئۇرۇپ ئامالىنىڭ بارىچەبالىنى ساخلاپ قالىدىغانلىقىنى
ئەتىسى سەھەردە تولغاق داۋاملىق تۇتسا بالىنى ساخلاپ قېلىشقا ئامال يوقلىغىنى ئېيىتتى.
ئايالىم دوختۇرنىڭ دىياگۇنۇزىنى ئاڭلاپ ئازاپلىنىپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى....ھەي......ھەرقانداق بىر ئاتا-ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرغانلانىڭ بېشىغا مۇشۇنداق كۇپەتلەر كەلسە ئازاپلانماي مۇمكىنمۇ؟
سېستىرالار ئۇكۇل سېلىشقا باشلىدى.بىرئازدىن كىيىن ئايالىمنىڭ تولغىقى توختىدى..ئايالىممۇ ئۇخلاپ قالدى...مەن شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تازىلىق ئۇيىگە كىرىپ،تازا قانغىدەك يىغلىۋېلىپ ئۇزۇمنى خېلى يەڭگىللەپ قالغاندەك ھىس قىلدىم....
تاڭمۇ يۇرىدى..ئەتىسى سەھەردە ئۇكۇلمۇ تۇگىدى...ئايالىمنىڭ تولغاق ئازابى يەنە داۋاملاشتى.
مەسئۇل دوختۇر مىنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ،بارلىق ئاماللارنى قىلغان بولساقمۇ بالىنى ساخلاپ قېلىش مۇمكىن بولمىدى،ئەمدى بالىنىڭ تۇغۇلىشىنى كۇتمەكتىن باشقا ئامال يوق ماۋۇ ھۆججەتكە قول قۇيىۋەت.دىدى
بۇ نىمە ھۆججەت؟سورۇدۇم مەن،
بۇ بالا 27ھەپتىلىك بۇلۇپ 10كۇن ئېشىپتۇ،بىز ئادەتتە32ھەپتىدىن ئېشىپ تۇغۇلغان بالىنى جىددى قۇتقۇزۇپ داۋالايمىز،بۇ بالاساق تۇغۇلمايدۇ،ساق تۇغۇلغان ھالەتتىمۇ بەرىبىر ئۆلىدۇ، داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق...شۇڭا بۇ بالىنى ئالمايمەن دەپ ئىمزا قوي.دىدى
ھەي....تەغدىرگە تەن بەرمەي نىمە ئامال بار دەيسىز..شۇنداق قىلىپ دوختۇرنىڭ دىگىنى بۇيىچە ئىمزا قۇيۇپ بەردىم...
ئايالىمنىڭ تولغاق ئازابى داۋاملاشماقتا..ئايالىمنىڭ ئازاپلىنىۋاتقىنىغا چىدىماي يەنە دوختۇرنىڭ يېنىغا كىردىم،
دوختۇر!
نىمە ئىش؟سورىدى دوختۇر...
ئايالىم قاتتىق ئازاپلىنىپ كىتىۋاتىدۇ...بالىنى چۇشۇرۋېتىشكە بىرە ئامال يوقمۇ؟ئۇكۇل بىلەن چۇشۇرۋەتسەكمۇ بولاتتى دەپ سورۇدۇم.
باش سۇيى يېرىلغان ھامىلىنى ئۇكۇل بىلەن چۇشۇرگىلى بولمايدۇ..بالىنىڭ تەبىئى تۇغۇلىشىنى كۇتمەكتىن باشقا ئامال يوق...دىدى دوختۇر
شۇنىڭ بىلەن ئايالىمنىڭ تۇغۇتىنى يەڭگىللىتىش ئۇچۇن ئايالىمنى يېتىلەپ ئۇياق-بۇياقلارغا ماڭدۇردۇم...ئايالىمدىن بىر قەدەممۇ نېرى بولمىدىم،
3-ئاينىڭ23-كۇنى كەچ سائەت 7:35مىنۇت ئوتكەن چاغ،بۇ بىتەتەلەي بالا ئاخىرى بىركۇزى ئېچىلمىغان ئاغزىدىن كۇپۇك يېنىپ تۇرغان،چاچلىرى قاپقارا پۇت قوللىرى ئىنچىكە،مىدىرلاپ تۇرغان ھالەتتە دۇنياغا كەلدى ..
قىزمۇ ئوغۇلمۇ؟سورۇدۇم مەن سېستىرادىن(تۇغۇت ئانىسى)
ئوغۇل...
قۇتقازغىلى بولماسمۇ؟
قۇتقازغاننىڭ پايدىسى يوق،ھازىرلا ئۇلۇپ كېتىدۇ...
دەپلا بالىنى بىر ياققا تاشلاپ قويدى سېستىرا.
بالام ساق تۇغۇلۇپتىغۇ،ئەنە مىدىرلاۋاتمامدۇ،،چاپلىرىمۇ قاپقارا ئىكەن،،تېزدىن قۇتقۇزۇپ باقساڭلارچۇ،،دەپ يېلىنىشقا باشلىدى ئايالىم.
مەن ئايالىمنىڭ كۆڭلىدىكى ئازاپلىرىنى يىنىكلىتىش ئۇچۇن،،،،
بالا مىدىرلىغان بىلەن تۇلۇق يىتىلىپ بولالماپتۇ...سەۋرى قىلىڭ.بىز تېخى ياش بولغاندىكىن.ئاللاھ خالىسا يەنە كۆپ بالىلىق بولىمىز!دىدىم
شۇنىڭ بىلەن ئايالىممۇ جىمىپ قالدى..
بالىنى ئېلىپ كېتەمسەن؟سورىدى سېستىرا..
ئەلۋەتتە ئېلىپ كېتىمەن.بىز مۇسۇلمانلاربالىنى ئېلىپ كىتىپ يۇپ تاراپ ئىسىم قۇيۇپ ئاندىن يەرلىككە قۇيىمىز..دىدىم مەن
ئۇنداق بولسا بالىنى سەل تۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ بېرىمەن دەپلا بالىنى كىندىگىنىمۇ كەسمەيلا ئايالىمنىڭ ئاستىغا سالغان تازىلىق قەغەزلىرىگە ئوراپ،تازىلىق قەغىزىنىڭ خالتىسىغا سېلىپ،خالتىنىڭ ئاغزىنى مەھكەم باغلاپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى..
ھەي بالىنى ئولتۇپ ئاندىن ئېلىپ چىقىپ بېرىدىغان بولدىدە...دەپ ئويلىدىم كۆڭلۇمدە.
شۇنىڭ بىلەن قېينى ئاچاملارغا تېلىفۇن قىلدىم..ۋەي ئاچا ..بالىنى يۆگەيدىغانغا ئۇيىڭىزدە بىرەر پارچە ئاق لاتا بولسا ئالغاچ كەلسىڭىز بۇپتىكەن...
ماقۇل ئالغاچ باراي..
20مىنۇتلاردىن كىيىن قېينى ئاچاممۇ كەلدى.ئايالىمغا نۇرغۇن تەسەللىلەرنى بىرىپ ئولتۇراتتۇق...
سائەت8:00 بولغان ۋاقىت.تۇغۇت ئانىسى كىرىپ كەلدى..
بالىنى ئەمدى ئېلىۋالساڭ بولىدۇ..مەن بىلەن ماڭ..
دەرھاللا قېينى ئاچام ئېلىپ كەلگەن،كەڭلىگى30سانتىمىتىر ئۇزۇنلىغى1مىتىر ئەتىراپىدا چۇڭلۇقتىكى ئاق لاتىنى ئېلىپ ئارقىدىن ئەگەشتىم..بالىنى خاشۇ خالتا بىلەنلا تۇغۇت بۇلىمىدىكى ئىشخانىنىڭ ئىچىدىكى جوزا ئۇستىگىلا قۇيۇپ قويغان ئىدى،
بالا مانا!دىدى سېستىرا خالتىنىڭ ئاغزىنى يەشكەچ..قارىسام بالا كۆزلىرى يۇمۇلغان،ھالەتتە جىمجىتر ياتاتتى...بالىنىڭ ئۆلگىنىگە جەزىم قىلىپ،خالتىنىڭ ئاغزىنى چىگىپ،ئاق لاتىنى جوزا ئۇستىگە يېيىپ،بالىنى خالتا بىلەنلا لاتىنىڭ ئۇستىگە قۇيۇپ،دۆگۇلۇتۇپلا لاتىغا ئوراپ يەنە بىر خالتىغا سېلىپ ئېلىپ چىقىپىپ ئايالىم ياتقان كارۋاتنىڭ ئۇستىگە قۇپ قۇيۇپ ئولتۇردۇم....
ئايالىڭنى يەنە 1سائەتلەردىن كىيىن ياتاققا ئېلىپ چىقىپ كەتسەڭ بولىدۇ...دىدى سېستىرا
دەرھال سائەتكە قارىدىم..سائەت8:05مىنۇت ئۆتكەن چاغ...
مەن بالىنى ئۆيگە ئاپىرىپ دادامغا تاپشۇرۇپ قۇيۇپ كېلەي..يۇيۇپ تەييارلاپ قويسۇن ...دىدىم مەن ئايالىمغا..
ئۇنداق بولسا توكلۇق ۋەلىسپىتتىلا بېرىپ كىلىڭ،تاكسىغا چىقىپ ئارتۇق چىقىم قىلغاندىن،،،،ئۆينىڭ ئارلىغىمۇ خېلى بار.دىدى قېينى ئاچام...
ماقۇل.دەپلا ئاچقۇچ بىلەن بالىنى ئېلىپ ماڭدىم...3-ئاي مەزگىل بولغاچقا كەچلىگى ھاۋامۇ خېلىلا سۇغۇق ئىدى..
بالىنى خالتا بىلەن ۋەلىسپىتنىڭ ئوتتۇردىكى بوش ئۇرۇنغا قۇيۇپ ئىككى پۇتۇمنىڭ ئارلىقىغا ئېلىپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم...دوختۇرخانا بىلەن ئوينىڭ ئارلىغىمۇ 7كىلومىتىر ئەتىراپىدا ئىدى..
كۆڭلۇم شۇنداق يېرىم...بالامنىڭ ئىسسىق ۋاختىدا قۇلىنى بولسىمۇ تۇتىۋالغان بولسام كۆڭلۇمدىكى ئازاپلىرىم ئازراق بولسىمۇ يىنىكلەپ قالار ئىدى...دەپ ئويلىدىم كۆڭلۇمدە...
ئاللاھنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان بۇ كۇلىرىگىمۇ مىڭ مەرتىۋە شۇكرىلەرنى ئېيتىپ ئۆيگە يىتىپ كەلدىم...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!دەپ كىردىم ئويگە
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام..قانداق بولدى؟دەپ سورىدى ئاتا-ئانام...
بالا تۇگەپ كەتتى...شۇڭا يۇپ-تاراپ ئىسىم قۇيۇپ يەرلىكىگە قۇيىۋىتەيلىمىكىن! دىدىم مەن..
ئۇنداق بولسا ھازىرلا قارىمنىڭ ئۇيىگە بېرىپ دەپ قويغىن،ئەتىگەنلىككە بامدات نامىزىدىن يېنىپ يەرلىكىگە قۇيىۋېتەيلى دىدى دادام...
مەن بالىنى خالتا بىلەنلا كارۋات ئۇستىگە قۇپ قۇيۇپ قارىمنىڭ ئۇيىگە قاراپ ماڭدىم..
ئەيتاۋۇر يېرىم سائەتلەر ئەتىراپىدا قايتىپ كىلىپ ھويلىغا كىرىشىمگىلا دادام
قارىم بارمىكەن؟دەپ توۋلىدى...
ھەئە بار ئىكەن دىدىم...
ئىتتىك بول بالاڭ تېخى ھايات ئىكەن دەپ توۋلىدى...
قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم...يۇگۇرۇپ ئۆيگە قانداق كىرگىنىمنىمۇ ئۇقمىدىم،شۇنداق تىز كىرىپتىمەن...
قارىسام بالام سۇغۇقتا توڭلاپ كۆكۇرۇپ كەتكەن،بىر كۇزى يۇمۇق،بىر كۇزى .ئۇچۇق ھالەتتە خالتا ئىچىدە ئېچىنىشلىق ئىڭراپ ياتاتتى...(ئەسلىدە مەن قارىمغا خەۋەر قىلىش ئۇچۇن چىقىپ كەتكەندە بالا ئىڭىراپتۇ،شۇنىڭ بىلەن دادام خالتىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قارىسا بالا تېخى ھايات ئىكەن،بالىنى ئورىغان قەغەزلەر بالىنىڭ بەدىنىگە چاپلىشىپ كەتكەچكە بالىنى خالتىدىن چىقىرىش مۇمكىن بولمىغان)
بالامنىڭ ھايات ئىكەنلىگىنى كۇرۇپ خوشال بولغان بولساممۇ سۇغۇقتىن توڭلاپ كۆكۇرۇپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ غەزەپ ئۇتلىرىپ يالقۇنجاپ ئاچچىغىم 300گىرادۇس ئورلەپ كەتتى...قانداق قىلىش كېرەك؟
بالىنى يەنە خالتا بىلەن قوينۇمغا سېلىپ ماشىنا بىلەن دەرھال دوختۇرخانىغا قاراپ ماڭدۇق.
داۋامى بار...
مەنبە:
ئۆز قەلىمىم
============================================
ھۆرمەت بىلەن:مىسرانىم ئەزاسىxikar