|
|
|
|
تۆگە، ئادەتتە، ‹‹قۇملۇق كېمىسى››، ‹‹چۆل كېمىسى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۆگە ناھايىتى كۈچلۈك، سوغۇققا، ئىسسىققا، ئۇسسۇزلۇققا، ئاچلىققا چىداملىق، يۈك كۆتۈرۈش كۈچى زور جانىۋار.
تۆگە تارىختىن بۇيان يىپەك يولىدا قاتنايدىغان ئاساسلىق توشۇش ۋاسىتىسى بولۇپ كەلگەن. غەربىي يۇرتنىڭ يىپەك، پاختا، يۇڭ، تېرە، قۇرۇق مېۋە – چېۋىلىرى تۆگە كارۋىنى ئارقىلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، ئېرانلارغا توشۇلسا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ چاي، رەختلىرى غەربىي يۇرتقا توشۇلاتتى.
2010 – يىلى 11 – ئايدا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىككى مۇخبىرى چىرا ناھىيەسىگە كەلگەن ئىكەن، ئۇلار ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىغا بەك قىزىقىدىكەن. شۇ پۇرسەتتە مەن ئۇلار بىلەن بىر كۈن بىللە بولدۇم. ئۇلارنى بىر قىسىم قەدىمىي يادىكارلىقلار ئورنىغا باشلاپ باردىم. ئۇلار يولدا كېتىۋېتىپ ئوتۇن ئارتىلغان تۆگە كارۋىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى ۋە قايتا – قايتا سۈرەتكە ئالدى. ئۇلار شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ھازىرمۇ شەھەرلەردە تۆگىلەرنى يېتىلەپ يۈرۈشىدۇ، دەپ پەرەز قىلىشقان ئىكەن. ئەپسۇس، بۇ ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن ئۇچراتقان تۇنجى تۆگە كارۋىنى ئىكەن. ئۇلار تۆگە كارۋىنى كۆرۈنۈشىنى تارتقان سۈرەتلىرىنىڭ ئاستىغا ‹‹ئەڭ ئاخىرقى تۆگە كارۋىنى›› دەپ چۈشەندۈرۈش يېزىپ قويۇپتۇ. دەرۋەقە، ھازىر بۇ تۆگە كارۋىنى شۇلار ئېيتقاندەك ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىپتىدائىي توشۇش قورالى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ھازىر ھەر قانداق نەرسە ھازىرقى زامان قاتناش قوراللىرى ئارقىلىق توشۇلىدۇ، يۆتكىلىدۇ.
خوتەن رايونىدا تۆگە باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نۇرغۇن كەسپىي ئائىلە بار. ئۇلار 10 – ئاي كىرىشى بىلەنلا تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسىدىن قۇرۇپ قالغان يۇلغۇن، توغراق ئوتۇنلىرىنى تۆگىلەرگە ئارتىپ شەھەر – بازارلارغا ئېلىپ چىقىپ سېتىپ كىرىم قىلالايدۇ. تۆگە ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا، بىر تۆگە 200 كىلوگىرامدىن 250 كىلوگىرامغىچە ئوتۇننى بىمالال كۆتۈرەلەيدۇ. بىز ھازىرمۇ قىش كۈنلىرى ئۈستىگە ئوتۇن ئارتىلغان ئۇزۇن سەپ تۈزگەن تۆگە كارۋانلىرىنى كۆرىمىز. نۇرغۇن تۆگە كارۋىنى قىش كۈنلىرىدە تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسىدىن ئوتۇن ئېلىپ چىقىپ ئوتۇننى يېقىلغۇ قىلىدىغان شەھەر ئاھالىلىرىنى تەمىنلەيدۇ. ھازىر تۇرۇبىلىق گاز ئومۇملىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن قىسمەن چەت – يىراق جايلاردا تۇرمۇشتا يەنىلا ئوتۇن يېقىلغۇ قىلىنىۋاتىدۇ، شۇ سەۋەبلىك بىر مەزگىلگىچە تۆگە كارۋانلىرىنىڭ رولى يەنىلا ئاخىرلاشمايدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مەنزىل: http://uyghur.xjass.com/uyghur/c ... /content_213156.htm
|
|
|
|
|
|