مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1099|ئىنكاس: 10

ئەنئەنە نېمە ئۈچۈن مۇھىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تەپەككۇرسىز ھاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36113
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5072
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 2483 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 02:04:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                             ئەنئەنە نىمە ئۈچۈن مۇھىم

                                      پاسىل

ئەنئەنە  خەزىنە   قازسا    تۈگىمەس،
شۇنداق بىر كۈچتۇركى زادى يىڭىلمەس.
تومۇردا  ئوخچىغان  قىپقىزىل  قان   ئۇ،
ئەبەدىل   ئەبەتكە   قالار  ئۆزگەرمەس.
                                           —————دوستۇمنىڭ خاتىرسىدىن
       ئىنساننىڭ ماھىيىتى مەدەنىيەتتە گەۋدىلىنىدۇ، مەدەنىيەت ئەنئەنىدىن كېلىدۇ. دىمەك، ئەنئەنە ئادىمىلىكنىڭ يىلتىزى بولۇپ، ئۇنى قۇرۇتۇپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ كۆكلەپ باراقسان بولسا، باشقىلارغا سايە بېرەلەيدۇ.
مۇنداقچە ئېيىتقاندا،ئەنئەنە بىز مەڭگۈ بۆلەنگەن بۈشۈك.« بۈگۈنكى يەرشارىلىشىۋاتقان،سانائەتلىشىۋاتقان، مەدەنىيەتلەر كۆپخىللىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر دەۋىردە مەدەنىيەت ياكى ئەنئەنە بىر مىللەتنىڭ تۈپ بەلگىسى بولۇپ قالدى. ئەنئەنىدىن ئايرىلغان مىللەت خۇددى ئۆزىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك بولىدۇ. ئەمدى ئەنئەنە دىگەن بۇ ئۇقۇمغا تەبىر بېرىشكە توغرا كەلسە، ئەنئەنە ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى ئادەت ياكى بولمىسا قائىدە–يوسۇن دەپ قارىلىپ كەلدى، ئەژدادتىن ئەۋلادقا قالغان، ئەۋلاتلار ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان، مەلۇم ۋارىسلىق قىلىش قىممىتىگە ئىگە بولغان، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئاكتىپ رول ئوينايدىغان، بىزگە مەنىۋى قۇۋۋەت ئاتا قىلىدىغان، بىزنى كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈدىغان، ئوبرازىمىزنى نۇرلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىدىغان مۇشۇنداق بىر ئىجتىمائىي مىزان ئەنئەنە دەپ ئاتىلىدۇ»(1) ئەنئەنە بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇشىنى تارىخقا باغلاپ تۇرۇدۇ، شۇنداقلا بۈگۈنگە ئۇلايدۇ. شۇ ۋەجىدىن ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ جۈملىدىن، بىر ئائىلىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس بولغان ئەنئەنىسى بولىدۇ؛ ھەتتا بىر ئادەمنىڭمۇ ئۆزىگە خاس بولغان ئەنئەنىسى بولىدۇ. ئېنىقكى ئەنئەنە بىر مىللەتنىڭ نەچچە مىڭ يىل ياشاش جەريانىدىكى تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇئەييەن تارىخى ۋە ئېتنوگىراپىيىسى بولىدۇ. ئۇ ھەم مىللىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇ شۇ مىللەتكە خاس بايلىق ھىساپلىنىدىغان بولغاچقا، ئەنئەنىسى يوق مىللەت ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. شۇڭا ئەنئەنە بىر مىللەتنى يەنە بىر مىللەتتىن، بىر ئادەمنى يەنە بىر ئادەمدىن پەرەقلەندۈرۈپ تۇردىغان ئۇرۇق بەلگۈسى
مەلۇم بىر مەكتەپتە مۇزاكىرە ۋاقتىدا كەشتە تىكىش بىلەن شۇغۇللانغان قىزلار تەنقىد قىلىنىپ،ئۇلارغا ۋاقىتنى قەدىرلەپ ، مۇزاكىرە ۋاقتىدا ئۆتۈلگەن دەرىسلەرنى ئۈنۈملۈك تەكرار قىلىش ھەققىدە تەربىيە بىرىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ,كۆڭلۈمدە نىمە دىيىشنى بىلمەي يۈرگەن كۈنلەردە ‹‹جۇڭگو مىللەتلىرى››ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 6-سانى قولۇمغا چىقىپ قالدى.بۇسان ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىنىڭ ئىككىنچى بېتىگە فوتوگىراف ئۆركەش جاپپار ئەپەندىمنىڭ«ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرى» دىگەن ماۋزۇ ئاستىدا بىر يۈرۈش فوتو سۈرەتلىرى بېرىلگەن بولۇپ ، بۇ سۈرەتلەردە ئەنئەنىۋى كىيىم–كىچەك ۋە قول ھۈنەر–سەنئەت مەدەنىيىتىمىز جۇلالاپ تۇراتتى. بولۇپمۇ ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيگەن بىر توپ قىزلارنىڭ   ئاپئاق رەخىتلەرگە قىپقىزىل گۈللەرنى كەچتىلەۋاتقان كۆرنۈشى بىلەن ئۇيغۇر بوۋاينىڭ كەچتە ۋە باشقا مىللى قولھۈنەر–سەنئەت بويۇملىرىنى سېتىپ ئولتۇرغان كۆرنۇشىگە كۆزۈم چۈشكەن چاغدا قەلبىم لەرزىگە كەلدى .«مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قۇتقۇزۇش،ساقلاش، قوغداش،ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى گۈللەندۈرۈش دۇنيا كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەزمۇنغا ئايلانغان بۆگۈنكى كۈندە»(2)،ئىچكى بەتلىرىلا ئەمەس،بەلكى ھەرسان مۇقاۋا بەتلىرىمۇ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزگە ئائىت گۈزەل فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى ۋە سەرخىل شىئېرلار بىلەن بېزىلىپ، ئويغاق دىللارنى سۆيۈندۈرۈپ كىلىۋاتقان«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىغا بولغان ھۆرمۈتۈم ھەسسىلەپ ئاشتى.ئەمما ئۆزىنىڭ قەدىمىلىكى،گۈزەللىكى،نەپىسلىكى بىلەن مىللى مەدەنىيەت تارىخىمىزدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن ئېسىل مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنىڭ بىرسى بولغان كەشتىچىلىك ئەنئەنە لىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىن ئاستا–ئاستا يىراقلىشىۋاتقانلىغىنى خىيالىمغا كەلتۈرگىنىمدە قەلبىم ئۆرتەندى.
80-يىللاردا مەنمۇ ئوقۇغۇچى ئىدىم،شۇ چاغلاردا بىزگە سىنىپ مۇدىرى بولغان خانىم قىز ئوقۇغۇچىلارغا كەشتە تىكىپ كىلىش تاپشۇرۇقى بىرەتتى،تاپشۇرۇقنى ياخشى ئىشلەپ كەلگەنلەرنى مۇكاپاتلاپ ،ئىشلىيەلمىگەنلەرگە كەشتە تىكىشنى ئۈگۈتۈپ قوياتتى.ئۇچاغلاردا ھەرقانداق ئائىلىدە خوتۇن-قىزلار كەشتە تىكىدىغان ئادەت بار بولۇپ،ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان داستىخان،ياستۇق ،لۆڭگە،ياغلىق،دەرىزە پەردىسى،كارۋات ئاياغلىرىدا شۇ ئائىلىدىكى خوتۇن-قىزلارنىڭ كەشتىچىلىك ماھارىتى نامايان بولۇپ تۇراتتى.
كەشتىچىلىك ئۆزىنىڭ قەدىمىلىكى،گۈزەللىكى.نەپىسلىكى بىلەن مىللى مەدەنىيەت تارىخىمىزدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن ئىسىل مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنىڭ بىرسى بولۇپ،يېقىنقى مەزگىللەردە بىزنىڭ خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا كەشتە تىكىشتىن ئىبارەت بۇ ياخشى ئەنئەنىۋى ئادەت سۇسلاپ كەتتى.
سەۋەبى: كەشتىچىلىك زامانىۋىلىشىپ كەتتى،قىز-ئاياللىرىمىز نەچچە ئون كۈن سەرىپ قىلىپ قولىرىغا يىڭنە سانجىپ مىڭ بىر جاپادا پۈتكۈزگەن كەشتە ماشىنىدا نەچچە سائەتتىلا پۈتۈپ چىقتى.يەنە كىلىپ ماشىنىدا ئىشلەنگەن كەشتە قولدا ئىشلەنگەن كەشتىلەردىن نەپىس،سۈپەتلىك ،سىلىق چىقىپ دۇكان،كوچا-رەستىلەرنى قاپلاپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ خانىم-قىزلىرىمىزمۇ زامانغا ماسلىشىپ جاپالىق ئەمگەكتىن قۇتۇلۇپ ،‹‹تەييارغا ھەييار››بولدى.ئىلگىرى توي ئۈچۈن نەچچە يىل بۇرۇن كەشتە تىكىشنى باشلىۋېتىدىغان قىزلىرىمىز مانا ئەمدى غېمىدە يوق يۈرۈپ ،ئەتە توي دىگەندە دۇكاندىن سېتىۋېلىپلا ھۇجرا ئۆيدىن ئوت چىقىرىۋېتىدىغان بولدى .تەرەققىياتقا ماسلىشىپ كەتتى،بۇ ياخشى بولدى. ئەمما ئەنئەنىدىن يىراقلىشىپ يامان قىلدى. ئەنئەنە ھەمىشە زامانىۋىلىقنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراپ تۇرۇدۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سىرىتقى مەدەنىيەتلەردىن زەرەتلىنىشى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغانلىقتىن بىر قىسىم ياشلىرىمىز ئارسىدا ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ مۇنا سىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمايدىغان بەزى مەسىلىلەر كۆرۈلمەكتە. مېنىڭچە بولغاندا، ئەنئەنە زامانىۋىلىشىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ تەركىۋىدىكى بەزى پاسسىپ  تەركىپلەرنى شاللايدۇ، ئاكتىپ تەركىپلەرنى تاللايدۇ ھەمدە ئۇنى مىللەتنىڭ روھىغا بىر خىل چۆكمە سۈپىتىدە تاشلايدۇ، بۇ جەرياندا بىز ياشلار ئۆز مەدەنىيىتىمىزگە، ئەنئەنىمىزگە نىسپەتەن بىرخىل قايتا تونۇش، ئۇنىڭ كۈچ–قۇدرىتىنى قايتىدىن ھىس قىلىش،ئەنئەنەمىزگە نىسپەتەن ۋارىسلىق قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولمىساق، بۈگۈنگە كەلگەندە بىز ئۇنى يۈتتۈرۈپ قويۇشىمىز مۇمكىن.
بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى بىرتۈپ دەرەخكە ئوخشاتساق ئەنئەنە بىلەن تەرەققىيات ،ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ مۇناسىۋىتى يىلتىز بىلەن غول، يىلتىز بىلەن شاخنىڭ مۇناسىۋىتى ئىدى. بىلسەك، غول يىلتىز ئارقىلىقلا قامەتلىك، شاخ يىلتىز ئارقىلىقلا كۆركەم ئىدى. بىز تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىپ  زامانىۋىلىققا يۈزلەنگەندە ئەنئەنىدىن يىراقلاشتۇق، شاخ، غول،يىلتىزلارنىڭ مۇناسىۋىتى ناتونۇش ئادەملەردەك بولۇپ قالدى.
ئەنئەنىدىن ياتلىشىش نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئۇ ھامان ئۆزلۈكتىن يىراقلىشىش بولىدۇ. ئۆزلۈكتىن يىراقلاشقان ھەرقانداق نەرسە ئىندىۋىداللىقىنى ساقلىيالمايدۇ . ئىندىۋىداللىقىنى يوقاتقان شەيئى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىيالمايدۇ،ئەلۋەتتە!
ھازىرقى ۋاقىتتا بىز ئۈچۈن ئەنئەنىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھەرقانداق چاغدىكىدىن بەكرەك ھىس قىلماقتىمىز.سەۋەپ شۇكى،ئەنئەنە سۇسلاشقانسىرى ئىتىقات ئاجىزلاپ،مىھرى-مۇھاببەت سۇسلاشتى،كىشىلىك مۇناسىۋەت ساختىلاشتى،پەدىشەپ خۇنۈكلەشتى.ھىلىگەرلىك،مەككارلىق،خۇمسىلىق ،چاكىنىلىق،بەدنىيەتلىك،خىيانەت،خائىنلىق ئۇلغايغىلى تۇردى.شامال كۈچەيسە بوران بولىدۇ.بوران جىمى نەرسىنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.
بىز بۇرۇن دۆڭنى ئويغا تاشلىغان.ئوينى تىندۇرۇپ تەكشىلىگەن. بوران تۈزلەڭلىكتە قاتتىق چىقىدۇ. بۇرۇن دۆڭنى ئالمىغان بولساق بوراننى دۆڭ توسىۋالاتتى،ئوي ئۆزلىگىدىن تولاتتى.بىز ھەممىنى تۈزلەپ تەپتەكشى قلىۋەتكەچكە بۇرنىمىزغا بوراننىڭ ھىدى ئۇرۇلۇپ تۇرىۋاتىدۇ.
كەشتەچىلىك –« تاۋار–دۇردۇن،پاختا،يىپەك ۋە خىمىيىلىك تالا قاتارلىق كەشتە ئىشلەشكە مۇۋاپىق كىلىدىغانلىكى رەىىتلەرگە يىپەك،مەشۇت، پاختا،يۇڭ قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلانغان رەڭلىك يىپلارنى ئىنچىكە پولات يىڭنە ۋە ئىلمەك بىگىز بىلەن رەخت يۈزىنىڭ ئالدى–كەينىگە ئۆتكۈزۈپ ئىلىپ تۇقۇش ئارقىلىق»(3) كىشىنى مەھلىيا قىلغۇچى گۈزەل مەنزىرىلەرنى رەخ ئۈستىگە كەشتىلەپ (تىكىپ) چىقىدىغان جاپالىق ، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى،نازۇك،زىل،قىز-ئاياللارنىڭ خاس قول ئەمگىكى بولۇپ،بۇ خىل ئەمگەك قىزلىرىمىزنى جاپادىن قورقمايدىغان،بىر ئىشتىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدىغان ئىرادىلىك،ھەرقانداق ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان مەسئۇلىيەتچان،قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان قەيسەر خاراكتىر ئاتا قىلىدىغان خا سىيەتلىك ئەڭگۈشتەرلىرىمىزنىڭ بىرسى بولۇپ ،ئۆز قول ئىشلەكلىرى ئارقىلىق ئۆيىنى بىزىگەن ھەرقانداق بىر ئايالغا ئۆز ئۆيى ئىنتايىن ئىللىق بىلىنىدۇ. ئۆيىگە ھەربىر كىرگەندە بىر خىل ئىللىقلىقنى ھىس قىلىدۇ.ئۆز قولى بىلەن ئىشلەپ پۈتتۈرگەن 5 يۇەن قىممىتىدىكى كەشتە بازاردىن سېتىۋالۈان نەچچە مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى مۈلۈكتىن قەدىرلىك ،سۈيۈملۈك، چىرايلىق تۇيىلىدۇ.ھەرقانداق بىر ئايال ئۆز ئەجرى بىلەن پۈتكەن نەرسىلەرنى ھەربىر كۆرسە بىر قېتىم ئۆزىدىن پەخىرلىنىدۇ.ئادەم ئۈچۈن ئۆز ئەمگىكىدىن پەخىرلىنىشتىن ئارتۇق بەخت بولمايدۇ،شۇڭا ئۆز ئۆيىگە مۇنداق ئەقىدىسى بار ئاياللار ئاسانلىقچە يامانلاپ كەتمەيدۇ،يامانلاپ كەتكەن تەقدىردىمۇ يولدىشىنىڭ دەرھال كىلىپ ئېلىپ كىتىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىدۇ.يەڭگىللىك بىلەن جىدەل چىقىرىدىغان ،ھە دىگەندە يوقىلاڭ باھانە- سەۋەپلەر بىلەن ئۆي بۇزىدىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايدۇ.
ھەر قانداق بىر ئەر ئايالىنىڭ ئوتتۇرسىغا قوش يۈرەكنى كەشتىلىگەن ياستۇققا ھەر بىر باش قويغاندا يۈرىكىدىن ئايالىغا بولغان چوڭقۇر مىھرى-مۇھەببەت ئۇرغۇپ تاشىدۇ-دە،ئايالىغا چەكسىز سادىق، پەرزەنتلىرىگە چەكسىز مىھرىبان بولىدۇ . بۇنداق ئەرلەردىن ئاياللىرىنىڭ ئەنسىرىشى بىھاجەت. بۇنداق ئەرلەر مەيلى ئادەتتىكى پۇقرا بولسۇن، مەيلى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولسۇن،خىزمەتتىن بوشانغان ھامان ئۆيىگە قايتىدۇ،مەيلى نەدە بولمىسۇن ئۆيگە قايتقۇسى كىلىپلا تۇرىدۇ.ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىنى بىر كۈن كۆرمىسە چىدىيالمايدۇ.بۇنداق ئەرلەر ئاخشاملىرى سىرىتتا تىمىسقىلاپ يۈرىدىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايدۇ .
مەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا سىنىپ تازلاۋېتىپ،ئاپئاق خەسىگە كەشتىلەنگەن قىپقىزىل ئەتىرگۈلنى كۆرۈپ قىزىقىش ۋە قايىللىق بىلەن تاماشا قىلغان ئىدىم،كېيىنچە شۇگۈلنى كەشتىلىگەن ساۋاقدىشىم قەلبىمنى ئىگەللىۋالدى.خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن شۇ ساۋاقدىشىم بىلەن تۇرمۇش قۇردۇم.ھازىر بىزنىڭ بەخىتلىك ئائىلىمىز بار،مەن ھازىرغىچە ھېلىقى قىزىل ئەتىرگۈل كەشتىلەنگەن ياستۇقنى بېشىمغا قويۇپ ئۇخلايمەن .
مەن بىر ئوقۇتقۇچى،مەن دەرس ۋاقتىدا كەشتە تىكىپ ئولتۇرغان بىرقانچە قىز ئوقۇغۇچىنى بايقاپ قالغان بولساممۇ ئىنكاس قايتۇرمىدىم.بۇ ھەرگىزمۇ دەرس ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلار ئۇششاق ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس.دەرس ۋاقتىدا دىققىتىنى دەرسكە يىغالمىغان ئوقۇغۇچىغا  گەپ قىلمىسا مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدۇ.ئەمما بېسم بىلەن دىھقەت قىلىشقا مەجبۇرلىسا ئاجىزلىق بولىدۇ،مۇھىمى ئوقۇتقۇچى ئۆزماھارىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن دەرسكە جەلىپ قىلىشى كېرەك.
بىز قىزلىرىمىزنىڭ بوش ۋاقىتلاردا كەشتە تىكىشتەك گۈزەل ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىنى چەكلەپ، ئۆتۈلگەن دەرىسلەرنى تەكرارلاشقا ئارتۇقچە زورلىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۇلار ئۆگۈنۈشتىن بىزار بولۇشقا باشلىدى.بىز كەشتە تىكىشنى ئۈنۈملۈك چەكلىيەلىگەن بىلەن دىسكۇخانا، تورخانا...لارغا قېچىپ كىتىشلەرنى ئۈنۈملۈك چەكلىيەلمىدۇق.مانا ئەمدى ھۇرۇن ،بوشاڭ،قولىدىن تاماق ئىتىشمۇ كەلمەيدىغان يارىماس قىزلىرىمىز چوڭ بولۇشقا باشلىدى. قىز-يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھ شۇنچىلىك ئاجىزلىشىپ كەتتىكى،ھە دىگەندە ئاجىرىشىدىغان،بالا يىتىم قىلىدىغانلار كۆپۈيۈپ كەتتى. ئائىلىلەردە مىھرى-مۇھەببەت سۇسلىشىشقا باشلىدى.بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئالدى ئېلىنمىسا ،دۆلەتنىڭ قائىدە-تۈزىمى ۋە مىللەتنىڭ گۈزەل ئەنئەنىۋى ئادەت-يوسۇنلىرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۈنۈملۈك چەكلەنمىسە، بىز ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار كەلگۈسىگە قانداق يۈزكىلەلەيمىز؟
دۆلەت ئىچى-سىرتىدا داڭ قازانغان كەشتىچىلىك سەنئىتى‹‹2007-يىلى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.››(4)دىن كېيىن ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەشتىچىلىك سەنئىتىنىڭ ۋارىسلىرىنى ئېنىقلاش،يېڭىدىن تەربىيلەپ يىتۈشتۈرۈش خىزنىتى كۈن تەرتىپكە قويۇلۇپ جىددى ئىشلىنىشكە باشلىدى. بۇ ئىشتىن ھەممىمىزنىڭ خەۋىرى بولسا كېرەك.
قىزلارنىڭ كەشتە تىكىش بىلەن شۇغۇللىنىشى چۆچۈپ كىتىدىغان ئىش ئەمەس،ئۇلارنى مۇزاكىرە ۋاقتىدا كەشتە تىكتىڭ دەپ تەنقىدلىگەندىن كۆرە ،كەشتىچىلىك سەنئىتىنىڭ قىزلىرىمىز ئۈچۈن ئۆگۈنۈشكە تىگىشلىك گۈزەل ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت ئىكەنلىگىنى ئەمما ئۇنى دەرس،مۇزاككىرە ۋاقتىدا ئەمەس،ئىختىيارى پائالىيەت ۋاقتىدا تىكىش لازىملىقى ھەققىدە ئىلمى تەربىيە بېرىلسە بۇنىڭ ئۈنىمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
بىز كەڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىمىزدە قىزلىرىمىزغا كىتاۋى بىلىم بېرىش،سىياسى-ئىدىيۋى تەربىيە بېرىش بىلەن بىرگە ئەنئەنە تەربىيەسى بېرىشنىمۇ ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويماسلىقىمىز،ئادىمىيلىك تەربىيەسى بېرىشىمىز،ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئۆگۈتۈشىمىز.ئانا بولۇشنى،ئايال بولۇشنى ئۆگۈتۈشىمىز،تەلىم-تەربىيە جەريانىدا گۈزەل ئەنئەنىلەرنى نۇرلاندۇرىشىمىزلازىم.
"ئەنئەنە گۆھەر. بۇ گۆھەرنى ئەتىۋارلاپ، ئۇنى جۇلالاندۇرۇش ھەر بىر ئەۋلاتنىڭ قەرزى، ئۇنى ئۆز پېتى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈش ھەر بىر كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇليىتى. بۇ گۆھەر شۇقەدەر سېھرى كۈچكە ئىگىكى، ئۇ بىزنىڭ يوقاتقانلىرىمىزنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ، روھىمىزنى پاكلاشتۇرۇپ، ئەتراپىمىزغا ئىللىقلىق ئۇرۇقلىرىنى چاچىدۇ، قەلبىمىزنى مېھرى–مۇھاببەتكە، ئۈستى–بېشىمىزنى يېڭى قىياپەتكە، قەلبىمىزنى مەئىشەتكە تولدۇرىدۇ"(5).

‹‹كۇڭ فۇزى: ‹ھەممە كىشى ئائىلىنىڭ مۇناسىپ ئەزاسى بولۇشى لازىم. شۇ چاغدىلا بەخىت–سائادەت ۋە گۈللۈنىش بولىدۇ› دەيدۇ. ئېيتىش كېرەككى، ھازىرقى كۈندىمۇ ئائىلە مىللى مەدەنىيەتنىڭ بۇلۇقى،بۆشۈكى، سەھنىسى ۋە قورغىنىدىن ئىبارەت. ئائىلە مۇئەييەن خاس مىللەتكە تەۋە بولىدۇ. ئۇنىڭدا شۇ مىللەت نوپۇسى يىتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەزالىرى ئۆز مىللىتىگە خاس مىللى تىل–يېزىق، ئۆي–روزىغار تۇتۇش، قائىدە–يوسۇن، مىجەز–خۇلۇق، سەنئەت ۋە مەدەنىيەت خۇمارلىقى بىلەن ئۆز مىللىتى مەدە نىيىتىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇنى قوغدايدۇ، گەۋدىلەندۈرىدۇ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىدۇ››(6). كىچىككىنە ئەينەك پارچىسىدىمۇ قۇياش نۇرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇ، قاراڭغۇنى يورتىدۇ. ئائىلە ئەشۇ ئەنئەنىلەرنىڭ مۇقەددەس بۆشۈكى. ئاتىلار بالىلارنى ئېسىل ئەنئەنىلەر بىلەن ئېغىزلاندۇرۇشى، ئانىلار ئەنە شۇ روھ بىلەن ئەمدۈرۈشى لازىم.  جەمئىيەت ئۇنىڭ پائالىيەت سورۇنى. ئائىلىدىكى نۇر جەمئىيەتتە جۇلالىسا جەمئىيەت نۇرغا تولىدۇ. نۇرغا تولغان، قاراڭغۇلۇق بولمىغان جەمئىيەتتە بۇزۇقچۇلۇق، چىرىكلىك، نادانلىق، خۇراپات بولمايدۇ. بۇ ھالەتتىن كىممۇ پەخىرلەنمىسۇن؟!..
قىسقىسى ئەنئەنىلەر نۇرلانسۇن، ئەنئەنە كامال تاپسۇن. بىزگە تەرەققىياتمۇ، ئەنئەنىمۇ كېرەك. تەرەققىيات بولۇپ، ئەنئەنە بولمىسا بولمايدۇ. ئەنئەنە تەرەققىياتقا سۆلەت ئاتا قىلسا، تەرەققىيات ئەنئەنىگە پاراۋانلىق ۋە دۆلەت ئاتا قىلىدۇ.
          پايدىلانمىلار:
  
(1)«ئېسىل ئەنئەنە—گۆھەردۇر» شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت–فۇتۇ سۈرەت نەشىرياتى 2010–يىلى2–ئاي 1– نەشىرى 2–بەت.
(2) «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى2010–يىللىق6–سان مۇقاۋا2–بەت
(3) «خوتەن پىداگوگىكا ئالي تېخنىكومى ئىلمي ژۇرنىلى» 2009–يىللىق 4–سان 105–بەت
(4)‹‹مىراس››ژۇرنىلى2009-يىللىق5-سان 56-بەت
(5) مۇختەر يۈسۈپ(ئۇچتۇرپان ئاقيار ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى،شائىر)نىڭ قول يازمىسىدىن ئېلىندى.
(6) سارتېكىن ‹‹تەربىيىلىنىشتىكى99پاراسەت›› شىنجاڭ خەلىق سەھىيە نەشىرياتى 2006–يىلى3–ئاي 1– نەشىرى 108–بەت.
تېلفۇن:13070030171،09972632125
مەنبە:  ئۆز ئىجادىيىتىم

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 945
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15672
تۆھپە نۇمۇرى: 1724
توردا: 6176 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 04:48:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاپتۇرنىڭ ئوتتۇرغا قويغان پىكىرىگە تۇللۇق قۇشۇلىمەن ، خانىم قىزلارنىڭ ئۆز ھۇنىرىنى نامايەن قىلىشنى ،ئەنئەنىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى مەنمۇ ئۇمۇت قىلمەن ،مەنمۇ بىر دوستۇم ئۆز قۇلى بىلەن ئىشلەپ بەرگەن كۇينەكنى ھازىرغىچە ساقلاۋاتىمەن ،گەرچە ئۇنىڭ پۇسۇنى ئاددى بولسىمۇ مەن ئۇچۇن ئەتىۋارلىق بۇيۇم

دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7877
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1518 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 06:02:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشىتىما بوپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26737
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2689
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 1725 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2012-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 07:37:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قىزلارنىڭ دەرىس ۋاقتىدا كەشتە تىكىشىنى قوللىمايمەن،ئاتا .ئانىسى ئوقۇ دەپ ئەۋەتكەندىن كىيىن ئەستايىدىل ئوقۇشۇنى ئوقۇشى كېرەك ،بەك تىككىسى كەلسە تەتىلدە تىكسە بولىدۇ،ھەممە ئىشنىڭ ئۆز ۋاقتىدا بولغىنى ياخشى،مەكتەپتە كەشتە تىكىپ يۈرگەن قىزلار كۆزۈمگە مەكتەپكە كۈن ئۆتكۈزگىلى كەلگەندەك تۇيۇلىدۇ

ئاچچىقىمنى كەلتۈرمە ھە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7755
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 11:44:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر ئىشنى ۋاقتىدا قىلىش كېرەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13242
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8088 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 12:46:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدە «ئەنئەنە » بىلەن « زامانىۋى » ئوتتۇرىسىدىكى بالانىس نوقتىنى تىپىش تەسكە چۈشىۋاتىدۇ .بىر تۈركۈملىرىمىز «ئەنئەنە»نى ئىنكار قىلساق ،يەنە بىر تۈركۈمدىكىلەر «زامانىۋى» غا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ .مېنىڭچە مىللەتنى ئۆز خاسلىغى بويىچە ئالغا سېلجىتىدىغان كۈچ دەل «ئەنئەنە» بىلەن «زامانىۋى»نىڭ تەڭ تەسىرلىك كۈچىدۇر .

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

مۇسۇلماننىڭ كۆز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54862
يازما سانى: 716
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6438
تۆھپە نۇمۇرى: 470
توردا: 2707 سائەت
تىزىم: 2011-9-5
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 12:56:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

3قەۋەتتىكى(ayqiman) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

بۇ بىر مىسال . ئۇنىڭغا ئېسىلۋالماي  ،  ئەسەرنىڭ مەزمۇنى توغۇرلۇق  ئويلىنايلى دوستۇم .

مۇسۇلماننىڭ كۆزىدە ئاللاھ بەرگەن ئۈمۈدنىڭ نۇرى بۇلىدۇ !!

تەپەككۇرسىز ھاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36113
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5072
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 2483 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 10:32:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

6قەۋەتتىكى(nim-japa) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالد

كۆڭلۈمدىكىنى دىدىڭىز. مېنىڭ تورداشلاردىن كۈتىدىغىنىممۇ شۇ ئىدى...

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8977
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36604
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7242 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 12:57:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاسىل تەخەللۇسلۇق بىر ئوقۇتقۇچى بولدىغان ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتوتىدا،سىز شۇمۇ يا!

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

تەپەككۇرسىز ھاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36113
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5072
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 2483 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 07:46:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

8قەۋەتتىكى(zapar) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇر

مەن شۇ . لېكىن سىزنى بىلمەيمەن،-دە!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش