مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1897|ئىنكاس: 15

ئىمام غەززالىنىڭ تەرجىمھالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىز تەۋبە قىلىشى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63239
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4051
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 822 سائەت
تىزىم: 2011-11-2
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 01:25:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمام غەززالىنىڭ تەرجىمھالى   
نام شەرىپى:  
مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد غەززالى بولۇپ، تۇس شەھرىدىن. ئەبۇ ھامىد كىنايە ئىسمى، ‹ئىسلام ھۆججىتى› نامى بىلەن مەشھۇر.   
تۇغۇلغان ۋاقتى:  
غەززالى ھىجرىيە 450-يىلى (مىلادىيە 1058-يىلى) خۇراسان رايونىدىكى تۇس شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن. خۇراسان شۇ دەۋىردە ئالىملار ۋە دانىشمەنلەر تولغان شەھەر ئىدى. غەززالى مۇشۇ ئىلىم مۇھىتىدا ياخشى ئۆسۈپ يېتىلدى. ئائىلسى توغرا نىيەتلىك، تەقۋادار ئائىلە بولۇپ، دادىسى ئىلىم ئەھلىنى ياخشى كۆرىدىغان سالىھ ئادەم ئىدى. ھالال ئەمگىكى بىلەن مىھنەت قىلاتتى، يۇڭ توقۇيدىغان كىشى بولۇپ، ئائىلسىنى شۇ كەسىپ بىلەن تەمىنلەيتتى. ۋەز-نەسىھەت ۋە ئۆلىمالارنىڭ سورۇنىغا داخىل بولاتتى. دادىسى پىقھى دەرسىگە قاتناشسا ئاللاھتىن پەقىھ پەرزەنت بېرىشنى تىلەيتى، ۋەز-نەسىھەت دەرسىگە داخىل بولغاندا، ۋائىز پەرزەنت  بېرىشنى تىلەيتى. اللە بۇ كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. دېگەندەك بىر ئوغلى ئۆز زامانىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن پەقىھسى بولۇپ يىتىشتى. يەنە بىر ئوغلى ئەھمەد يۈرەكنى تىترىتىدىغان ئۆتكۈر ۋائىز بولۇپ چىقتى، بۇنىڭ نەسىھىتى ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر ھىدايەت تاپتى. دادىسى بۇلار كىچىك ۋاقتىدا ئالەمدىن  ئۆتكەن. ئاتىسى ۋاپات بولۇش ئالدىدا غەززالى بىلەن ئەھمەدنى بىر دوستىغا ۋەسىيەت قىلىپ قالدۇرغان، دوستىغا مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىلىمسىز قالغان كىشى، مۇشۇ ئىككى نارەسىدە بالامنى قالدۇرۇپ قويغان مىراسىنى ئىشلىتىپ ئوقۇتقىن». بۇ ھاۋالە قىلىنغان ياخشى كۆڭۈللۈك ئادەم ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئاتىسى قالدۇرۇپ قويغان مىراس تۈگىگىچە ئۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ تەربىيلىدى. ئىككى نارەسىدىگە مۇنداق دېدى:« سىلەر بىلسىلەر، ئاتاڭلاردىن قالغان مال-دۇنيا تۈگىدى. مەن كەمبەغەل ئادەم، ئىككىڭلارنى باقىدىغانغا مېنىڭ ئىقتىسادىم يار بەرمەيدۇ. مېنىڭچە سىلەر ئەڭ ياخشىسى بىرەر خانلىق مەدرىسكە ئورۇنلىشىڭلار، سىلەر ئۇ يەردە قورسىقىڭلارنى باقالايسىلەر، چىقىمىڭلاردىن خاتىرجەم بولىسىلەر». شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەننى مەدرىسكە ئەكىرىپ بەردى، مانا بۇ ئىككەيلەننىڭ كۆزگە كۆرۈنىشىگە سەۋەپ بولغان. بۇ غەززالىنىڭ «بىز اللە ئۈچۈن ئىلىم ئالمىدۇق، بىراق بىلىم اللەنىڭ غەيرىگە بوي سۇنمىدى، ئەمما مىنىڭ ئىشىندىغىنىم پەقەت اللەدۇر» دېگىنىدۇر. شۇ ۋاقىتتىكى مەكتەپ تۈزۈمى ئىلىمغا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە ياتاق راسخوتلىرىنى كۆتۈرەتتى.   
غەززالىنىڭ ئىلىم ئۈگۈنۈش جەريانى:  
غەززالى دەسلەپ ئاتىسىنىڭ دوستى قولىدا تەلىم ئالدى. كىيىن ئىنىسى ئەھمەد بىلەن مەدرىسكە كىردى. ياش ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە تۇستا ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد رازكاندىن ئىلىم تەھسىل قىلدى، بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن جۇرجانغا بېرىپ، ئەبۇ نەسىر ئىسمائىلدىن تەلىم ئالدى. ئۇ ئوقۇغان بىلىملىرىنى خاتىرە  قالدۇرۇپ ماڭاتتى،ئۇ ھىرىسمەن ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئوقۇغان بىلىملىرىنى سىستىملاشتۇرۇپ  ماڭاتتى.   
غەززالى جۇرجاندىن تۇسقا قايتقۇچىلىك قاراقچىلار ھەممە نەرسىلىرىنى بۇلىۋالىدۇ، يازغان خاتىرىلىرىنىمۇ ئېلىۋالىدۇ. بۇنى غەززالىنىڭ ئۆزىدىن ئاڭلايلى:« ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتىم، ئۆتۈنۈپ قالاي، خاتىرەمنى قايتۇرۇپ بىرىڭلار. سىلەر پايدىلنالمايسىلەر». قاراقچىلار:« نېمە خاتىرە ئۇ؟» دەپ سورىدى. «سىلەر تارتىۋالغان سومكىدا يازغان خاتىرىلىرىم بار ئىدى. شۇنى يېزىش، ئاڭلاش ئۈچۈن جۇرجانغا بارغان  ئېدىم. بولمىسا ئۈگەنگەنلىرىم يوقاپ كېتىدۇ» دېدىم. «سېنىڭدىن خاتىرىنى ئېلىۋالساق يوقاپ كېتىدىغان قانداق ئىلىم ئىكەن ئۇ؟ يەنە بىر نەرسە بىلىمەن دەپ يۈرەمسەن؟» دېدى ھەمدە ئۇنى ماڭا قايتۇرۇپ بەردى. ئاشۇ نەسىھەتنى قاتتىق ئويلاندىم. تۇسقا بارغاندا يازغان نەرسىلىرىمنىڭ ھەممىنى يادلىۋالدىم. ناۋادا خاتىرىلىرىم يوقاپ كەتسىمۇ ئۇنۇتمايدىغان ھالغا كەلگەن ئىدىم. غەززالىنىڭ ھىممىتى كىچىكىدە بولسۇن ياكى ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ۋاقتىدا بولسۇن پۈتكۈل ھاياتىدا مۇشۇنداق زور ئىدى. ,
غەززالىنىڭ نىشاپۇرغا بېرىشى ۋە ئىككى ھەرەمنىڭ ئىمامىدىن ئىلىم تەھسىل قىلىشى:   
ئىمام غەززالى يەنە بىر قېتىم بىر بۆلەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا خۇراساننىڭ مەركىزى چوڭ شەھرى نىشاپۇرغا سەپەر قىلىپ ماڭدى. نىشاپۇر ئىلىم ۋە تۈرلۈك ئالىملار كەڭ، مول مەدەنىيەت بىلەن مەشھۇر شەھەر ئىدى. بۇ يەردە ئىمام ھەرەمەيننى ئۇستاز تۇتتى، ئۇنىڭدىن تەلىم ئالدى. قۇرئاننى يادلىدى، تىرىشىپ ئوقىدى. ھەتتا پىقھى ۋە باشقا ئىلىملاردە زور ئۈنۈمگە ئېرىشتى. شۇ ھالدا كېڭىيىپ مەزھەپ، مۇنازىرە، لوگىگا، قۇرئان ۋە ھەدىستە كۆزگە كۆرۈندى. ئاشۇ ۋاقىتتا يېشى 28دىن ھالقىش ئالدىدا ئىدى. پۈتكۈل ئىلىمنى ۋايىغا يەتكۈزگەن بولۇپ، بىدئەتچىلەرگە رەددىيە بېرەتتى. ھەرقايسى ئىلىم ئىگىلىرى بىلەن مۇنازىرە قىلاتتى، رەقىپلىرىنى يېڭىپ چىقاتتى.  
غەززالىنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشى:   
ئۇستازى الھەرەمەيىن غەززالىنىڭ تەڭتۇشلىرى ئارىسىدىكى ئۈستۈنلىكىنى كۆرۈپ، ساۋاقداشلىرىغا دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن ئۆزىگە ياردەمچى قىلىۋالدى. غەززالى ئۇستازى بار ياكى يوق ۋاقىتلىرىدا دەرس ئۆتەتتى. ئۇستازى غەززالىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ:« غەززالى مول دېڭىزدۇر. بىراق بۇ دەرىجىگە بىزنىڭ ھېسداشلىقىمىز بىلەن ئېرىشمىدى، بەلكى ئۆزىنىڭ غايەت زور تىرىشچانلىقى ۋە پاك سەمىمىي تەقۋالىقى بىلەن ئېرىشتى.»   
ئىمام غەززالى «ئازغۇنلارنىڭ نىجات يۇلتۇزى»ناملىق ئەسىرىدە:« بىر ئىشنىڭ ماھىيتىنى بىلىشكە ئالدىراش مېنىڭ ئادىتىم ئىدى. كىچىك ۋاقتىمدىلا اللە ئاتا قىلغان تەبىئىي ھىسىيات بولۇپ، بۇ قابىلىيەت مېنىڭ ئۆگىنىشىمدىن ھاسىل بولغان ئەمەس» دەيدۇ. ئۇستازى ۋاپات بولغاندىن كىيىن، سالجۇقلار ۋەزىرى نىزامۇل مۈلۈكنى ئىزدەپ باردى. بۇ ۋاقىتتا ۋەزىر نىشاپۇردا ئىلىم سورۇنلىرىغا يىتەكچىلىك قىلۋاتاتتى. غەززالى بۇ سورۇندا ئالىملار بىلەن مۇنازىرىگە چۈشۈپ، بۇلارنى يېڭىۋالدى. كۆپچىلىك بۇ زاتنىڭ تالانتىغا قايىل بولۇشتى. ۋەزىرمۇ ھۆرمەت-ئىكرام بىلەن قوبۇل قىلدى. بۇ ۋەزىر ئۆلىمالارنى بەكمۇ ئەتىۋارلايتتى. شۇنىڭ بىلەن غەززالىنى ئىسلام خەلىپىلىك مەركىزى بولغان باغدادقا بېرىپ مەشھۇر نىزامىييە مەدرىسىدە مۇدەررىسلىككە تاللاپ يولغا سالدى.
غەززالىنىڭ باغداتتىكى نىزامىييە مەدرىسىدە مۇدەررىسلىك قىلىشى:   
ئىمام غەززالى ۋەزىر نىزامۇلىكنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بۇلۇپ، ھىجرىيە 484-يىلى جمادى الاولى ئىيىدا باغدادقا قايتىپ كەلدى. خىزمىتىگە تۇتۇش قىلدى، ئاشۇ ئالىي مەدرىستە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. كىشىلەرنى مول ئىلمى، گۈزەل مېتودى بىلەن ھەيران قالدۇردى. ئىلىم ھەۋەسكارلىرى بۇ زاتنىڭ ئىسىل پەزىلىتى، تىلىنىڭ ئۆتكۈرلىكى، لوگىگلىق دەلىلىنى كۆرۈپ، تەلىم ئېلىشقا باشلىدى. كىشىلەر بۇ ئىمامنىڭ ئىلمى ۋە تەلقىنلىرىدىن، گۈزەل ئۇسلۇبىدىن پايدىلاندى. خۇراسان رايونىنىڭ ئىمامى بولغاندىن كىيىن، ئىراقنىڭ ئىمامى بولدى. بۇ زات ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ھۆرمەت تىكلەنگەن ئىدى. كىشىلەر ھۆرمەتلەپ ئالقىشلايدىغان، نامى پۇر كەتكەن، سۆزىنى كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان زات ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قىممەتلىك كىتابلارنى يازاتتى، بۇ ئىش ھىجرىيە 488-يىلىغىچە داۋاملاشتى.  
غەززالىنىڭ نام-شۆھرەتتىن تۇيۇقسىز تەنھالىققا ئۆتۈشى:  
غەززالىنىڭ نام-ئابرويى پۇر كەتكەن مەزگىلدە، تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش يۈز بەردى. بۇ ھىجرىيە 488-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى بولۇپ، مۇدەررىسلىكنى تاشلاپ زاھىدلىقنى تاللىدى. نامەلۇم بىر ئىللەت پەيدا بولغاندەك قىلاتتى. زېھنى ئاجىزلاپ، ئشتىھاسى تۇتۇلۇپ، ھەتتا بىر نەرسە يىيەلمەس بۇلۇپ قالدى. تېۋىپلارمۇ ساقىيىشىدىن ئۈمىد ئۈزدى. شۇ يىلنىڭ ئاخىرى ھەج قىلىش نىيىتى بىلەن شامغا كەلدى. غەززالى شۇ ۋاقىتتا مۇنداق دەيدۇ:« قەلبىمدە پانىي ئالەم بىلەن باقىي ئالەم ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، يېرىم يىلدەك داۋاملاشتى. اللە تىلىمنى بەنت قىلىۋەتكەن بولۇپ، دەرسمۇ سۆزلىيەلمىدىم. كىشىلەرنىڭ ماڭا قارىتا ھەرقىسىم گۇمانلىرى قوزغالدى. كىشىلەرنىڭ قەلبىنى تىنجىتىش ئۈچۈن دەرس ئۆتۇشكە تەمشەلدىم، بىراق بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلالمىدىم. ھەتتا بۇ تىل تۇتۇلۇش بىنورمال روھىي ھالەت پەيدا قىلدى. تېۋىپلار ساقىيىشىمدىن ئۈمىد ئۈزدى. ئىختىيارلىقىم ئومومەن نابۇت بولغاندىكىن، ئۆزۈمنىڭ ئاجىزلىقىمنى ھېس قىلدىم، ئامالسىز قالدىم. شۇنىڭ بىلەن اللە دىن ياردەم تىلىمەي بولمىدى. اللە دىن تىلىگەندە ئۇنىڭ جاۋابىغا ئېرىشتىم، نام-شۆھرىتىمنى ئۇنتۇشقا، بالا-چاقىلىرىم ۋە دوستلىرىمنىڭ سىرتىغا قويۇشقا ئۈندىدى، مەككىگە بېرىش قارارىغا كەلدىم، ئەمما شامغا بېرىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەنتىم. چۈنكى خەلىپە شامدا تۇرىدىغانلىقىمنى بىلسە بولمايتتى. باغدادتىن بۇ يەرگە قايتا كەلمەسلىكنى مەقسەت قىلىپ يولغا چىقتىم. ماللىرىمنى كىشىلەرگە بۆلۈپ بىرىپ ئازغىنە پۇل ئىلىپ قالدىم. غەززالى «نىزامىييە»مەدرىسىگە ئىنىسى ئەھمەدنى قويۇپ، 489-يىلى دەمەشىققە كىرىپ، ئۇمەۋىي مەسجىدىنىڭ غەرب تەرىپىدە بىر مەزگىل ئىتىكاپتا ئولتۇردى.  
شۇ يىلى ھەج قىلىپ دەمەشىققە يەنە قايتىپ كەلدى. سوپىلارچە تۇرمۇشىنى باشلىۋەتتى، ئۆزىنى ئېغىر ئىبادەتلەرگە چېنىقتۇراتتى. مۇشۇ مەزگىلدە بۈيۈك ئەسىرى «دىنى ئىلىمنىڭ گۈللىنىشى»نى يىزىشقا باشلىدى. بۇ ھەقتە ئىمام ھەدداد دىگەن ئالىم مۇنداق دەيدۇ:« بۇ كىتابتەك شامىل ئەسەر ھېچقاچان يېزىلمىغان». مۇشۇ ھالەت ئون يىلدەك داۋام قىلدى. ئالىملار غەززالىنىڭ تۇيۇقسىز نىزامىييە مەدرىسىنى تاشلاپ كېتىشىگە قاراپ، بۇ بىر ساماۋىي ھادىسە، بىرەرسىنىڭ كۆزى تەگكەن بولسا كىرەك دېيىشتى.   
غەززالى«ئازغۇنلارنىڭ نىجات يۇلتۇزى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ:« مەن مۇدەررىسلىك قىلىش ھەققىدە ئويلانغان ئىدىم، بىراق ئۇ اللە رىزالىقى ئۈچۈن بولماپتۇ، بەلكى شەخسىي نام-ئابروي، شۆھرەت قازىنىش ئۈچۈن بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى ھالاكەت گىردابىدا ھېس قىلدىم، باغدادتىن چىقىپ كېتىش قارارىغا كەلدىم. ئويلىنىپ ئىشلىرىمدا ئاخىرەت روھى يوقتەك ھېس قىلدىم. شەيتانى نەفس نام-ئابرويغا سۆرەيتتى، ئىمانىي كۈچ ئۆلۈمنى ئەسلىتەتتى. غەززالى زاھىد تۇرمۇشنى تاللاش ئالدىدا ھاياتىنى، ئىقتىسادىنى، نوپۇز، مال-دۇنيا، يۇقىرى مەنسەپ، پەخىرلىنىش قاتارلىق ئشلاردا قاتتىق ئويلانغان ئىدى. بۇلارنىڭ ماھىيىتى، دەرت-ئەلىمىنى، پايدا-زىيىنىنى تونۇپ، ئىساننى بەختلىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدى. اللەغا ھەقىقى رەۋىشتە يۈزلەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى. ئۆزىنى دۇنيا لەززىتىدىن تارتىپ چىقىپ ئىلاھى نۇرغا يۈزلەندى. يالغۇزلۇقنى خالاپ، ھوزۇر-ھالاۋەتنى تەرك ئەتتى. باقىي ئالەمنى پانىي ئالەمنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئالىي ھىممەت بىلەن اللە تەرىپىگە يۈزلەندى. ئۇنى مال-دۇنيا، يۈز-ئابروي مەشغۇل قىلالمايدىغان بوشلۇقتا ياشاشنى ياخشى كۆردى.  
غەززالىنىڭ باغدات ئارقىلىق تۇسقا قايتىشى:  
غەززالى ھىجرىيە 499- يىلىنىڭ ئاخىرغىچە، دەمەشىقتە تۇرۇپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىبادەت ۋە نەپسىنىڭ شەھۋانىي تۇيغۇلىرى بىلەن كۆرەش قىلدى. مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا خۇراسانغا يول ئېلىپ، قايتاشىدا باغدادقا كەلدى ۋە ئۇ يەردە ئۇزاق تۇرماي، ئازغىنە ۋەز-نەسىھەت سورۇنى ئۇيۇشتۇرۇپ،«ئىھيا» ناملىق كىتابنىڭ تەرىپىنى قىلىپ بەردى. ئاندىن تۇغۇلغان يۇرتى تۇسقا قايتىپ كەلدى. ئادىتى بويىچە ۋاقتىنى كىتاب يېزىش ۋە ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولدى. بىراق شۇ يىلى زۇلقەئدە ئېيىدا ۋەزىر پەخرۇل مۇلىك نىشاپوردىكى نىزامىيە مەدرىسىدە مۇدەررىسلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. ئاخىرى11يىلدىن كىيىن مەدرىسكە قايتىپ كەلدى. غەززالى ئۇزاق سىناقتىن كىيىن قەلبى پاكلىنىپ، زاھىتلىق ئۆز كۈچىنى كۆرسەتكەن ئىدى. غەززالى قايتا مۇدەررىسلىك قىلغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:«بىر قانچە يىل زاھىتلىق بىلەن يۈرگەن بولساممۇ، نىشاپۇردىكى مەرىپەت چۈشكۈنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، مۆتىۋەرلەرنىڭ تەلىپى بىلەن قايتىپ كەلدىم. چۈشۈمدە بۇ ئىلاھى ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى بولۇپ كۆرۈندى. ھەقىقەتەن كىشىلەرنىڭ ئىمانى سۇسلىشىپ كەتكەن بولۇپ، مۇشۇ پەيتتە ئۇلارغا ئىلىم ئۆگىتىش زۆرۈر مەجبۇرىيىتىم ئىدى. ئۆزۈمگە دېدىمكى: كىشلەرنى كېسەل باسقان، تېۋىپلارمۇ كېسەل بولغان، بۇ ئىللەت كىشىلەرنى ھالاك بولۇشقا ئىتتىرگەن تۇرسا، نىمىشقا كىشلەردىن تەنھا يۈرۈيسەن!»  
بىر يىل مۇدەررىسلىك قىلا-قىلماي پەخرۇل مەلىك قەستكە ئۇچراپ ئۆلدى. غەززالى يەنە تۇسقا قايتىپ كەلدى، سەپەر قىلماسلىققا بەل باغلاپ، ئۆيىنىڭ يېنىغا مەكتەپ سېلىپ مۇدەررىسلىك بىلەن شۇغۇللاندى. ئوقۇغۇچىلار يەنە كەلگىلى تۇردى، ۋاقىتنى بۆلۈپ خىلمۇ-خىل پەنلەردىن دەرس ئۆتتى، مىنۇت ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەي سالىھ ئەمەل، قۇرئان ئوقۇش، ۋەز-نەسىھەت، ھاكىملارغا تەربىيە ئېلىپ بېرىش بىلەن مەشغۇل بولدى. غەززالى سالجۇق تۈركلىرى ھاكىمىيەت تۇتقان دەۋىردە ياشىغان بولۇپ سالجۇقلار ھىجرىيە 5- ئەسىردە ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىنى باشقۇراتتى. بۇلار سۈننىي مەزھىپىدە بولۇپ ئىلىم ئەھلىلىرىنى بەكمۇ ھۆرمەتلەيتتى، پەندى-نەسىھەتلىرىنى قوبۇل قىلاتتى. بۇلار غەززالىنىمۇ يۇقىرى ئىكرام بىلەن ھۆرمەتلىگەنلىكتىن، باغدادتىكى نىزامىييە مەدرىسىگە تەكلىپ قىلسا، ئۆزرە بايان قىلىپ رەت قىلدى. نىزامىييە مەدرىسى ئەينى دەۋىردىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى بولۇپ، ۋەزىر نىزامۇل مۈلىك بىنا قىلغان بۇ ئىسلام تىرىتورىيسىدىكى بىلىم بۇلىقى ئۆلىمالارنىڭ مۇنازىرە ھەم سۆھبەت قىلىشىدىغان پاناھگاھى ئىدى.  
ھەسەتخورلارنىڭ غەززالىغا ئازار بېرىشى:  
غەززالى ھەسەتخورلارنىڭ زىيىنىدىن بەكمۇ ئازار يىگەن بولۇپ، ئۇلارنى ئۇنى پادىشاھ سەنجەرگە چېقىپ ئوردىغا كېلىشكە مەجبۇر قىلدى. بىراق ئۇلارنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرى بىتچىت بولدى. ئۇنىڭدىن كىيىن كىتابلىرىغا تېگىش قىلىشقا باشلىدى. ھەتتا ئەھلى-سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ ئەقىدىسىگە مۇخالىپ سۆزلەرنى قوشىۋەتتى. غەززالى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:« دەئۋەت ئىشلىرى داۋام قىلىۋاتقان، دەرس قىزغىن ئوقۇلىۋاتقان، دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىن ئوقۇغۇچىلار توپ-توپ ھالدا كېلىۋاتقان پەيتتە، ھەسەتخورلارنىڭ ھەسىتى قوزغىلىپ ھىچ ئەيىب تاپالماي، «ئازغۇنلارنىڭ نىجات يۇلتۇزى»«نۇرلۇق چىراغ»ناملىق ئەسەرلىرىمگە كۇفرى سۆزلەرنى قېتىۋەتتى. (كىم؟) بۇ ئىككى كىتابنى ئىجازەت يېزىپ بېرىشىم ئۈچۈن ماڭا ئەۋەتىپتۇ. كۆڭلۈمگە اللەنىڭ ئىلھامى كەلدى بولغاي، كىتابنى ۋاراقلاپ كۆردۈم، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى سېزىپ قالدىم. خۇراسان ھاكىمىمۇ كۆرۈپ كىتابنى ئۆزگەرتكۈچىنى تۈرمىگە قاماپ قويدى. «مەنخۇل»ناملىق كىتابىمغا ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە تىل-ئاھانەت بولىدىغان قانچىلىغان ئىبارىلەرنى كىرگۈزۋەتكەندۇ، بۇنى اللە بىلىدۇ. مەن ئەبۇ ھەنىفەنى ھەرگىزمۇ ئەيىبلىمەيمەن.  
غەززالىنىڭ ئەسەرلىرى:  
غەززالى كۆپ ئەسەر يازغان بولۇپ، اللە بۇ كىشىنىڭ ۋاقتى ۋە خىزمىتىگە بەرىكەت بەخش ئەتكەن. ئەرەب، پارس تىلىدا خىلمۇ-خىل پەنلەردە ئەسەر يازغان يىگانە شەخىستۇر. كىتابلىرىنى توپلاپ سىتاستىكا سىتاتېستىكا قىلىنىشچە، بۇ كىشىنىڭ ياشىغان يېشىغا نىسبەتەن تۆت ۋاراقتىن توغرا كەلگەن. بىر قانچە ئەسەرلىرى چەتئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ھازىرغا قەدەر كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە. ئەسەرلىرىدىن «ۋەسىيت»«بەسيت»«ۋەجىز»«خۇلاسە» قاتارلىقلار ئىسلام پىقھىسى توغرىسىدا. «مەنخۇل»«شىفائۇلغەلىل»«تەھزىبۇل ئۇسۇل»«مۇستەسفا مىن ئىلمىل ئۇسۇل»«ئىھيا ئۇلۇمىددىن»«مىنھاجۇل ئابىدىن»«ئەل مۇنقىز مىنەززالال»«تەھاپۇتۇل پەلسەپە»«بىدايەتۇل ھىدايە» «ئەلمەقسىدۇل ئەسنا»«ئەل رەددۇ ئەلەل باتىنىييە»ۋەھاكازالار.
خاتىمە:   
كۆپلىگەن تارىخچىلار غەززالىنىڭ ئىماملىقىغا بىردەكلىككە ئىگە. مەيلى بۇ زات بىلەن پىكىردە مەسلەكداش بولسۇن ياكى بولمىسۇن، كامالەت ئىگىسى ئىكەنلىگە قايىل. بايان قۇۋۋىتى، لوگىكىلىق دەلىللەش، تەبىئى تالانت ۋە زەكىلىكتە زامانداشلىرىنىڭ يىگانە كۆزى. دەسلىپىدە خۇراسان، كىيىن پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىنىي داھىيسىغا ئايلاندى. شۇنداقلا ھىجرىيە 5-ئەسىرنىڭ جەدىتچىسى. رەسۇلۇللا ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:« اللە مۇشۇ ئۈممەتكە ھەرئەسىرنىڭ بېشىدا دىننى يېڭىلايدىغان بىر كىشىنى ئەۋەتىدۇ.» ھىجرىيە 1-ئەسىردە ئۆمەر بىننى ئابدۇل ئەزىز، ھىجرىيە 2- ئەسىردە ئىمام شافىئى، ھىجرىيە 3- ئەسىردە ئبنى سەرىج ئەشەئەرى، ھىجرىيە 4-ئەسىردە ئەسپىرانى، ھىجرىيە 5-ئەسىردە ‹ئسلامنىڭ ھۆججىتى› غەززالىدۇر. ھىجرىيە 9-ئەسىردىكى داڭلىق مۇجتەھىد جالالىدىن سۇيۇتى «غەززالىنىڭ جەدىتچى ئىكەنلىكىدە شەك يوق» دەيدۇ. غەززالى يۇرتى تۇستا ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر بىدئەتچىلەرگە، ئازغۇن پىرقىلەرگە رەددىيە بېرىش، كىتاب يېزىش، پەتىۋا بېرىش ۋە دەرس ئۆتۈش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ھىجرىيە 505-يىلى جۇمادى ئاخىرنىڭ 14- كۈنى دۈشەنبە تۇستا بۇ ئالەم بىلەن ۋىدالاشتى. اللە بۇ زاتتىن رازى بولسۇن! اللە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چەكسىز رەھمىتى بىلەن قۇچاق ئاچسۇن!

رىشتىسىزلەر ناتونۇشتۇر گەرچە يېقىن بولسىمۇ . رىشتى بىر يەتكەي بىراق تاغۇ-دەريا توسسىمۇ ...

مۇھاببەت ئۈلۈمنىڭ يەنە بىر ئىس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65194
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5639
تۆھپە نۇمۇرى: 539
توردا: 1004 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2013-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 02:09:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد غەززالى بولۇپ!
نىمانداق ئوخشاش،  ئۇزۇن ئىسىم بۇ! خاتا يېزىلىپ قالمىغاندۇ!

مەن قاچان ئەخمەق بۇلىدىكەنمە، قىزلارغا ئالدىنىپ قالىمە.قىزلار قاچان ئەقلىدىن ئازىدىكەن، ماڭا ئىشىنىپ قالىدۇ.

سەھرايى-تارىم

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2051
يازما سانى: 554
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11454
تۆھپە نۇمۇرى: 803
توردا: 3125 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 02:17:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېريە ناھيىسىنىڭ لەنگەر يېزىسىدىكى ئىمامى غەززالى مازىرىدىكى كىشى مۇشۇمىدۇ؟

ئاتايمۇ؟~~~ دىدى خوجىنىياز پالگان...
   ئات~~~~~ دىدى تۆمۈر خەلپە...

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بۇلاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 644
يازما سانى: 743
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16334
تۆھپە نۇمۇرى: 1527
توردا: 4043 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 02:26:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمامى غەززالىنىڭ تارىخنى بەكمۇ بىلگىم بار ئىدى رەخمەت . ئاللاھ بۇ كىشىدىن رازى بولسۇن.

دىن دېمەڭ روھىيەتتۇر.
پەلسەپە دېمەك پاراسەتتۇر،
ئېلىم -پەن دېمەك ئەقىلدۇر.
ئۇلار مەنىۋى تەرەققىياتنىڭ ئۈچ شېخى،مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنىڭ ئۈچ بەلگىسى.

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بۇلاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 644
يازما سانى: 743
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16334
تۆھپە نۇمۇرى: 1527
توردا: 4043 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 02:29:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  artiken كە 2011-12-06 02:09 PMئەۋەتىلدى  :
مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد غەززالى بولۇپ!
نىمانداق ئوخشاش،  ئۇزۇن ئىسىم بۇ! خاتا يېزىلىپ قالمىغاندۇ!

دىن دېمەڭ روھىيەتتۇر.
پەلسەپە دېمەك پاراسەتتۇر،
ئېلىم -پەن دېمەك ئەقىلدۇر.
ئۇلار مەنىۋى تەرەققىياتنىڭ ئۈچ شېخى،مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنىڭ ئۈچ بەلگىسى.

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بۇلاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 644
يازما سانى: 743
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16334
تۆھپە نۇمۇرى: 1527
توردا: 4043 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 02:30:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  sahrayi-tarim كە 2011-12-06 02:17 PMئەۋەتىلدى  :
كېريە ناھيىسىنىڭ لەنگەر يېزىسىدىكى ئىمامى غەززالى مازىرىدىكى كىشى مۇشۇمىدۇ؟
ھىجرىيە 505-يىلى جۇمادى ئاخىرنىڭ 14- كۈنى دۈشەنبە تۇستا بۇ ئالەم بىلەن ۋىدالاشتى. اللە بۇ زاتتىن رازى بولسۇن! اللە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چەكسىز رەھمىتى بىلەن قۇچاق ئاچسۇن!
كېريەدىكى مازارچىلارنىڭ مازىرى بولسا كىرەك .بۇنىڭدا ئىنىق تۇرمامدۇ قايەردە ۋاپات بولغانلىقى . ياكى ئۇيغۇرلار بىرە ياخشى كىشىگە غەززالىدەك ياخشى كىشى دىگەن نامنى بەرگەن بولسا قەبرىنى شۇنداق ئاتىۋالغان بولسا كىرەك .

دىن دېمەڭ روھىيەتتۇر.
پەلسەپە دېمەك پاراسەتتۇر،
ئېلىم -پەن دېمەك ئەقىلدۇر.
ئۇلار مەنىۋى تەرەققىياتنىڭ ئۈچ شېخى،مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنىڭ ئۈچ بەلگىسى.

ھەزىرىتى ئۆمەر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24873
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6912
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 1334 سائەت
تىزىم: 2011-1-3
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 03:09:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە رەخمەت . جاپا چىكىپسىز .

بىر قوتان مىلىڭ بولسىمۇ ، پەزىلەتلىك خوتۇنۇڭ بومىسا بىكار .

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3491
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 03:17:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما يوللاپسىز ،بىلىۋالدىم

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36980
يازما سانى: 285
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4639
تۆھپە نۇمۇرى: 207
توردا: 1266 سائەت
تىزىم: 2011-4-9
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 03:52:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق  بر  ياخشى  تارىخى  بىلىمنى بايان  قىلىپ  بەرگەنلىكىڭىزگە  تەشەككۈر

قەلىب قۇلىقىڭ بىلەن ئاڭلا

سەن   ئوزوڭگەرا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5845
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8504
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2010-8-7
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 05:24:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  altun كە 2011-12-06 02:30 PMئەۋەتىلدى  :

ھىجرىيە 505-يىلى جۇمادى ئاخىرنىڭ 14- كۈنى دۈشەنبە تۇستا بۇ ئالەم بىلەن ۋىدالاشتى. اللە بۇ زاتتىن رازى بولسۇن! اللە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چەكسىز رەھمىتى بىلەن قۇچاق ئاچسۇن!
كېريەدىكى مازارچىلارنىڭ مازىرى بولسا كىرەك .بۇنىڭدا ئىنىق تۇرمامدۇ قايەردە ۋاپات بولغانلىقى . ياكى ئۇيغۇرلار بىرە ياخشى كىشىگە غەززالىدەك ياخشى كىشى دىگەن نامنى بەرگەن بولسا قەبرىنى شۇنداق ئاتىۋالغان بولسا كىرەك .

سۇ بويېدا مەن  سۇغاتەشنا لەۋ يالېسام  ،ئاغېزېمغا پەشۋا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش