مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1877|ئىنكاس: 0

ئىران  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 11:04:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىران



【دۆلەت نامى】ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى.

【مۇھىم كۈنلەر】4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىراننىڭ مۇستەقىللىق كۈنى. 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە كۈنى.4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئارمىيە كۈنى. 2005-يىلى ئىران پىرېزىدېنتى ھاتەمى 1622-يىلىدىكى سەفەۋى خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى ئابباسنىڭ پورتىگالىيەلىك تاجاۋۇزچىلارنى خورمۇس دېڭىز بوغۇزىدىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئىران كالىندارىدىكى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى يەنى مىلادىيە 4-ئاينىڭ 29-كۈنىنى دۆلەت پارس قولتۇقى كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.

【دۆلەت گۈلى】ئەتىرگۈل.

【دۆلەت رەھبەرلىرى】ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى ئاياتوللاھ سايىد ئەلى خامىنىي 1989-يىلى 6-ئايدا خومنىي قازا قىلغاندىن كېيىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. پىرېزىدېنت مەخمۇت ئەخمەت نىجات 2005-يىلى 6-ئايدا پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىپ، 8-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. 2009-يىلى 6-ئايدا قايتا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. رافسانجانى دۆلەت مەنپەئەتى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇتەخەسىسلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى. پارلامېنت باشلىقى لارىجانى 2008-يىلى 5-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان، 2009-يىلى 9-ئايدا ئىران پارلامېنتى يېڭى تەشكىللىگەن كابېنت ئىچىدە 1979-يىلىدىكى ئىسلام ئىنقىلابىدىن بۇيانقى تۇنجى ئايال مىنىستىر بار.

【جۇغراپىيە】ئىراننىڭ يەر مەيدانى 1 مىليون 645 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، شىمالدا ئەرمىنىيە، ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان بىلەن، غەربتە تۈركىيە ۋە ئېراق بىلەن، شەرقتە پاكىستان، ئافغانىستان بىلەن، جەنۇبتا پارس قولتۇقى ۋە ئامان قولتۇقى بىلەن تۇتىشىدىغان ئېگىزلىكتىكى دۆلەت. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 900 مېتىردىن 1500 مېتىرغىچە.

【ئاھالە】 72 مىليون 600 مىڭ. ئىران-كۆپ مىللەتلىك ئىسلام دۆلىتى. پارسلىقلار، ئەزەربەيجانلار، كۇردلار، ئەرەبلەر ۋە تۈركمەن قاتارلىق مىللەتلەر بار. بۇنىڭ ئىچىدە پارسلار %66 نى ئىگىلەيدۇ. پارس تىلى ھۆكۈمەت تىلى بولۇپ، ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى قىلىنغان. %98.8 ئاھالە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇنىڭ %91 شىئە مەزھىپى، %7.8 سۈنئىي مەزھىپىگە تەۋە، ئىراندىكى ساۋاتسىزلار 9 مىليوندىن ئاشىدۇ.

【پايتەخت】تېھران، تېھران ئىراننىڭ شىمالىدىكى ئېربۇس تاغ ئېدىرلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاھالىسى 11 مىليون.

【قىسقىچە تارىخى】ئىران-تۆت، بەش مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەتلىك قەدىمي دۆلەت. تارىختا پېرسىيە دەپ ئاتالغان. تارىختا خاتىرلەنگەن تارىخ ۋە مەدەنىيەت مىلادىدىن بۇرۇنقى 2700-يىلى باشلانغان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000-يىلىدىن كېيىن ھىندى-ياۋروپا قان سېستىمىسىدىكى ئىرانلىقلار پەيدا بولغان.

【مەمۇرىي رايونلار】پۈتۈن مەملىكەت 27 ئۆلكە، 195 ناھىيە، 500 رايون، 1581 يېزىغا بۆلۈنگەن. بۇ 27 ئۆلكە ئايرىم ئايرىم ھالدا:تېھران، مەركەز، گىلان، مازانداران، شەرقىي ئەزەربەيجان، غەربىي ئەزەربەيجان،كېرمانشاھ، خوزىستان، فارس، كېلمان، خوراسان، ئىسفاخان، ئىستان بالۇچىستان،كۇردېستان، خامادان، چاخارماخان بەختىيارى، لورېستان، ئىلھام، بويراخمەت-كوخگىلويىخ، بۇشېر، زانجان، سېمنان، يەزد، خورموسگان، ئاردابىل، جازۋېن، قۇم.

【سىياسەت】ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ تۇنجى ئاساسىي قانۇنى-1979-يىلى 12-ئايدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئىراندا دىن بىلەن ھاكىمىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن تۈزۈمنى يولغا قويۇش بەلگىلەنگەن. مەنىۋى ھوقۇقنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ھەممىدىن ئۈستۈن. 1989-يىلى 4-ئايدا ئاساسىي قانۇنغا قىسمەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئىسلام ئېتىقادى، تۈزۈلمىسى، ئىسلام قائىدىسى، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ۋە ئالىي داھىينىڭ مۇتلەق ھوقۇقىنى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئىسلام پارلامېنتى ئىراندىكى ئالىي قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنى بولۇپ، بىر پارلامېنت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. پارلامېنت ماقۇللىغان قانۇن ئاساسىي قانۇن نازارەت كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلىغۇچىلار بىۋاستە سايلايدۇ، مۇددىتى 4 يىل. ھۆكۈمەتتە پىرېزىدېنت كابېنت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، پىرېزىدېنت دۆلەت باشلىقى شۇنداقلا ھۆكۈمەت باشلىقى. بىرىنچى مۇئاۋىن پىرېزىدېنت كابېنتنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى باشقۇرۇشقا ھوقۇق بېرىشكە، بىر قانچە مۇئاۋىن پىرېزىدېنت تەيىنلەشكە ھوقۇقلۇق.

【ھەربىي ئىشلار】ئىراننىڭ قوراللىق قىسمى- ئارمىيە ۋە ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش ئەترىتىدىن تەشكىللەنگەن. داھىي-قوراللىق قىسىمنىڭ باش قوماندانى بولىدۇ، ئالىي دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتى-ئەڭ ئالىي ھەربىي ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلىدىغان ۋە دۆلەت مۇداپىيە سىياسىتى تۈزۈلىدىغان ئورگان. بۇ پىرېزىدېنت، داھىي ۋەكىلى، ئەدلىيە باش نازارەتچىسى، پارلامېنت باشلىقى، قوراللىق كۈچ قوماندانلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى، دۆلەتلىك باشقۇرۇش ۋە پىلانلاش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ۋە دىپلوماتىيە، ئىچكى ئىشلار ۋە ئاخبارات مىنىستىرلىرىدىن تەركىب تاپقان. 2 يىللىق مەجبۇرىي ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئىراننىڭ ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ئومۇمىي كۈچى 300 مىڭ.

【دىپلوماتىيە】ئىران دىپلومات جەھەتتە مۇستەقىل، ئىتتىپاق تۈزمەيدىغان تاشقى سىياسەتنى يولغا قويىدۇ. ئىسلام دۇنياسى، 3-دۇنيا ۋە ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، غەربىي ياۋروپا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بەرگەن.ئىسرائىلىيەدىن باشقا بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ۋە ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىدىغان ئاساستىكى تەرەققىيات مۇناسىۋىتىنى تۇرغۇزۇشنى خالايدۇ.


مەنبەسى  :  جۇڭگو  ئۇيغۇرچە  رادىيو  تورى  



http://www.uycnr.com/zl/gjhdq/201112/t20111202_167286.html

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
toxkanjan + 50 ئىراننى بەك مۇستەبىت دەپ ئاڭلىغان.
begzeda + 1 مەن بىلىۋالدىم.

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 51   باھا خاتىرىسى

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش