مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2401|ئىنكاس: 32

مىنى ساراڭ بوپسەن دەيدۇ ‹ ئاشكار› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشقىلار ھازىركىتاب كۆرىۋاتىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1854
يازما سانى: 2208
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 314254
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 5512 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 04:12:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

        خىلى يىللار ئىلگىرى بىزگە سىياسەت دەرىسى بىرىدىغان ئوقۇتقۇچىمنىڭ مۇنداق بىر گەپنى قىلغىنى ئېسىمدە تۇرۇپتۇ  ، :« سىلەر بەلكىم  نىمىشقا ئەركىن ، كۈچلۈك ،باي ئامىرىكا پۇقراسى بولۇپ قالمىغاندىمەن ، دەپ ئويلىشىڭلا مۈمكىن ، مەنمۇ بەزى چاغلاردا مەنمۇ شۇنداق خىيال قىلىپ قالىمەن ، ئەمما ئامىرىكىنىڭ < ئامىرىكا > بولغىنىغا ئۇزۇن بولمىدى ، ئەگەر شۇ يەردە تۇغۇلۇپ قالغان بولساڭلا  جەنۇپ -شىمال ئۇرىشىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولىشىڭلا ، ياكى ئەسكەر بولوپ نۇرۋىيگىيەدە قۇرۇقلۇققا چىقىش جىڭىدە ناكا بولىشڭلا ۋە ياكى كوچىدا كىتىپ بىرىپ تونىمايدىغان بىرسىنىڭ قورالىدىن چىققان ئوقىدا ئۆلگەن بولىشىڭلا مۈمكىن ئىدى» . توختا ئاشكار  . ... مەن جەڭنامە يازماقچى ئەمەس ، ئەمما نوقۇل بىر مەزمۇندا يازما يازماقچىمۇ ئەمەس ، پەقەت كاللامغا كەلگەن گەپ -سۆزنى پەردازلىمايلا  تاياقتەك بارماقلىرىم بىلەن مۇنبەرگە قالدۇرماقچى پەقەت .


         خىلى كۈنلەر بولۇپ قاپتىكەن بىر نىمە يازاي دەپ تەرەددۇت قىلمىغىلى بۈگۈنمۇ ھەم شۇ ئەمما يازغانلىرىم كۈڭلۈمگە يېقىپ قالسا تىما قىلىپ يوللىۋىتىپ  قاراپ ئولتۇرىمەن . ماشىنىغا چىقسا پۇل ئالىدۇ ، ھاجەتخانىغا كىرسىمۇ پۇل ئالىدۇ ، ناتونۇش يەرلەرگە بىرىپ بېشىمىز قېيىپ يول سورىساقمۇ پۇل ئالىدىكەن تىخى ئەمما ماۋۇ مۇنبەرگە بىر نىمە يوللىساق پۇل ئالمايدۇ .
   
-ياخشىمۇسىز ئاشكار
-ياخشى ، ۋە ئەلەيكوم ئەسسالام ،
- ھى ھى ، كەچۇرۇڭ ، سىزنى توردا بارمۇ يوق دەپ  تۈزلا سالام قىپ ساپتىمەن .
- ھىم . سالامنىڭ تۈزى مۇشۇ راست ھازىر ،
-بولدى قىلىڭە ، مۇشۇ سېسىق گىپىڭىزنى قانداق قىلسام بولار ، خوتۇن ئالسىڭىز ئۇرماي ، تىللىماي  سېسىق گەپ بىلەنلا ئۆلتۈرۈپ قويىسىز جۇمۇ سىز .
-قۇلىقى ئېغىر خوتۇندىن بىرنى ئالارمەن ،
- بىرەر يىڭى تىما يازدىڭىزمۇ ؟ ئۇنداق قىلماي يېزىپ تۇرۇڭ ، بولمىسا ئۇنتۇلۇپ كىتىسىز ماۋۇ تور دۇنياسىدا.
- يازمايمىكىن دەيمەن ئەمدى .
- ساراڭمۇ نىمە سىز .
-يازمىسا ساراڭ بولامدا؟ يازغان ۋاقىتلىرىمدىمۇ  نەچچىسى مىنى ساراڭمۇ سىز دىگەن ، ئەمدى يازمىساممۇ ساراڭ دەيسىزغۇ ،
- يا  يا  ، بىر گەپكە ئېسىلۋالماڭە ،  مەن  ئۇنداق قىلماڭ ، يېزىڭ  دىمەكچى .
- يازسام سىزگە  پايدىسى بارمۇ ؟
- بار ، ئوقۇيمەن ، تۇرمۇشنى قايتىدىن چۈشىنىمەن بەزى تىمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ .
-يازغانلىرىم < بەزى تىمىلىرىم > دەك چىقمىسىچۇ ،
- ئىشقىلىپ زىيىنى يوق .
- پايدىسىمۇ يوق ، زىيىنىمۇ يوق دەپ قويۇڭ ،  دۆلەت خىزمەتچىسىدەك تىما بولىدىكەندە تىمىلىرىم ،
- نىرۋىڭىز راسىتلا سەل ئاجىزلاپ قاپتۇ ئاشكار ،  مەن نىمە دەۋەتىمەن ، سىز نىمە دەۋاتىسىز ،
     نىرۋام دىگەن نەرىم بولۇپ كەتتى ئەمدى ، دىمىسىمۇ سەل پەل كاللىدىن كەتكەن ئوخشايمەن . مۇشۇنىڭ بىلەن نەچچە قەلەمكەش ، ئوقۇرمەن دوسىتلىرىم  بىلىپ بىلمەي مىنى ساراڭ دەپ سالدى ، ھىلىقى ساراڭ دىگەن كىنۇدىكىدەك ھەممە كىشى  ساراڭ ،ساراڭ دەۋەرسە ئادەم ئۆزىدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالىدىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ساراڭلاردوختۇرخانىسىنىڭ ئۆيۈمگە يېقىنلىقى....



         سوغۇقتا كوچا ئاپتۇبۇسىنىڭ سۇغۇق تۇتقۇچىنى مىڭ تەسلىكتە تۇتۇپ كىتىپ بارىمەن ، تازا ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولغاچقا جىق چاغلاردا ئورۇنلار بوش تۇرىدىغان بۇ ئاپتۇبۇس ئىچى لىققىدە گۆش بېسىپ ھىلىلا قارنى چۇۋۇلۇپ كىتىدىغاندەك كىتىپ باراتتى ،  « ھە پالانچى بىكەتكە كەلدى ، چۈشىدىغانلا دىرزىدىن بېشىڭلارنى ساڭگىلتىڭلا ،» « پۆكۈنچى بىكەتكە كەلدى ، ئۆرە تۇرغانلا ئولتۇرۇپ ، ئولتۇرغانلار يېتىڭلا » دەپ ئاۋازى بېسىقمايدىغان  ئېلىكتۇرۇنلۇق قىزچاقنىڭ ئېغىزىدىن ھىچ بىر« چوڭلارغا ئورۇن بېرىڭلا » دىگەن سۆز چىقار ئەمەس ، ئاڭغىچە بىر بىكەتتىن تەخمىنەن سەكسەنلەرگە تاقاپ قالغان بۇۋاي چىقىپ قالدى ، مەن تۇرغان يەرنىڭ يىنىدىكى ئىككى ئورۇندا ئىككى خەنزۇۋان ئەۋلادلىرىمىز تازا كەڭ-كۇشادە ئولتۇرۇشقان بولۇپ مەكتەپتىن قايىتقان 21- ئەسىرنىڭ خوجايىنلىرى ئىدى ، خوجايىنلىق كىچىكىدىن يىتىلگەچكىمۇ چوڭ -كىچىك دىگەن ئۇقۇم ئۇلارنىڭ كاللىسدا ھىچقانداق مەنە ئىپادىلىمەيدىكەن . ھىلىقى بۇۋىمىز يېنىمدا خىلى تۇرۇپ كەتتى ، ھىلقى ھەممە ئىشقا چېپىلىدىغان خۇيۇم تۇتقاچ ئىككى سىڭلىمىزغا گەپ قىلدىم .
-كىچىك بولغاندىكىن بۇ چوڭ دادىمىزغا ئورۇن بىرەيلى ،
- ئادا ، رېنجىيا جې نى دې نې ،( ئاداش ، سىنى دەۋاتىدۇ دىمەكچى )
- مىييۇۋبا ، شاڭ لې لىياڭگى شىياۋشې تىيۈ كې  ۋو تۈي تېڭ دى شوۋ بۇ لىياۋلى ، ( ئىككى سائەت تەنتەربىيە دەرىسگە قاتنىشىپ پۇتلىرىمدا جان قالمىدى ) بۇ گەپنى دىگەچ بۇۋاي بىلەن ماڭا دومسىيىپ قويدى ،
غۇژژزىدە كەلگەن ئاچچىقىمنى ئاران -ئاران بېسىۋالدىم . ئاڭغىچە يەنە بىرى:
- جىمى لاۋ لې دا گې دى بۇ جۇۋ شىڭ لىما ، خ بى زەي جې ما ۋەن رېنجىيا (  قېرى بولغاندىكىن كىرا ماشنىسىغا چۈشسە بولمامدۇ ، بۇ يەردە ئادەمنى ئۆپۈر -تۆپۈر قىلغۇچە ) ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ زەردەمنى قەتتيلا باسالمىدىم ،
- نى مېن بۇ شى يوۋ ۋۇ چىيەن نىيەن دې ۋىن خۇا مې ؟! ( بۇ گەپنى ئۆزۈڭلا تەرجىمە قىلىۋىلىڭلا ) ، رېنجىيا شاڭ لې 80  نيەن دې تى يۈ كې  جوۋ جىياڭ زو گوڭ جىياۋ، جىي شېڭ چىيەن ياڭ دا لې خاۋ جىگى خەيزى ، دىڭ نى مىن جاڭ دا لې ، مىييۇۋ فۇ مۇ لى  ، مىييۇۋ جىڭجى لەي يۈەن كاۋ زى جى جىڭ چىيەنلى  رەن خوۋ يىشى داۋ جى ۋىي لاۋ يېزى ۋىيشىممى زو گوڭجىياۋلى  (  سىز  ئىككى  سائەت قاتناشقان تەنتەربىيە دەرىسىگە بۇ بۇۋىمىز  سەككەن يىل قاتناشتى ، مۇشۇنداق كوچا ئاپتۇبۇسىدا ئولتۇرۇپ ئىقتىساد قىلغان پۇللىرى بىلەن باللىرىنى چوڭ قىلدى ، سىلەرمۇ چوڭ بولغاندا ، ئاتا -ئاناڭلارنىڭ ئايرىلىپ ئۆزۈڭلارغا تايىنىپ كۈن كەچۇردىغان بولغاندا ، نىمىشقا بۇ « قېرى » نىڭ كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىققانلىقىنى چۈشىنەلەيسىلە !
- بېي لى تا ، فىڭزى يىياڭ (،  ساراڭمۇ نىمە ، بولدى كارىڭ بولمىسىنا ) ، بىرى يەنە بىرىگە باي خېنىملاردەك تەلەپپۇزدا دىمىقىنى قېقىپ تۇرۇپ :- زەن يۇۋ بۇشى مىيەنفېي شاڭ چې دې ( بىز يا بىكار چىقمىدۇق بۇ ماشىنىغا )،
بۇ ئىككى قەلبىنى كىر قاپلاپ كەتكەن شۇمغا ئارتۇق سۆزلىگەننىڭ پايدىسى يوقلىقىنى بىلگەچ مەنمۇ جىم بولدۇم ، ئاڭغىچە پاراڭلىرىمىزنى ئاڭلاپ تۇرغا ئەللىكلەرگە كىرىپ قالغان بىر ئايال بۇۋاينى جايىغا ئولتۇرغۇزۇپ ماڭا مەنىلىك قاراپ قويدى .
           چۈشىدىغان بىكەتكە كەلگەندە چۈشۈپ ئۆيگە كىرگۈچە باياقى ئىشنى ئويلاپ ئۆز -ئۆزۈمگە سۆزلەپ قالايلا دىدىم ،:  ساراڭ ! ماۋۇ شۇملار  ساپساق ئادەمنى ساراڭ دەيدا !  زادى پاراڭلاشقان ، ئۇرۇشقان ، تاكاللاشقان ئادەملىرىمنىڭ ھەممىسى بىر گەپنى ياتلىۋالغاندەك مۇشۇ گەپنلا تەكرارلاپ » تېز -تېز مېڭىپ ساراڭلار دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كىچىك كوچىغا قايرىلىدىم  ، دوختۇرخانىنىڭ دارۋازىسىغا قاراپ :« مۇشۇ يەردە راسىتلا ساراڭلار ياتامدىغاندۇ ، ياكى مەندەك ساقلارنىمۇ ساراڭ دەپ تۇتۇپ ئەكىلىپ سولاپ قويىشامدىغاندۇ ؟! » .



         - تاي ، مەن غۇلجىغا ماڭدىم ، ئشتىن چۈشۈپلا تەييارلىق قىلغان ئىدىم ، ئۆيدىن قاچانلاردا چىقىسىز ، نەدە تاماق يەيمىز ،  مىنىڭ گۈلۈم تېلفۈندا ھەممە ئشنى مەسلىھەتلىشىپ بولغىلى بولىدىغاندەك ۋىتىلداپلا كەتتى،
        -ئاۋال سەن كەل ، ئاندىن نەگە بىرىپ ، نىمە قىلىدىغىنىمىزنى دىيىشەيلى قانداق ؟
        - ساراڭدەك گەپ قىلماڭە ، مەن تۈز گەپ قىلىۋاتىمەن .
        - ۋاي سەن بولساڭمۇ ، مۇشۇ گەپنى دىمىگىنە  ساراڭ قىپ قويماڭلا مىنى . ساراڭدىن باشقا گەپ كەلمەمدا ئېغىزىڭلاغا .
        -ئۇھ ، قايناپلا كەتتىڭىزغۇ ، مۇنداقلا دەپ قويسام ، راسىتلا سا........



      ئاغىنەم بىلەن كوچا ئايلىنىپ يۈرەتتۇق ، ئۇنىڭ بۇنىڭ ، ئۇ دۆلەت ، بۇ دۆلەتنىڭ گىپىنى قىلىپ ئاغىنەمگە مۇنداق بىر مەسلىھەتنى بەردىم ، «ئاداش خىزمىتىم سىلەرنىڭكگە ئوخشىمىغاچقا ماڭا شەنبە يەكشەنبە ، ھېيىت بايرام يوق ، ئەمما قوشۇمچە ئىش قىلغۇدەك ۋاقىت بار ، مانچە كۈن ئېشلىسەم مانچە كۈن دەم ئالىمەن ، شۇڭا ئەرزانراق ماشىندىن بىرنى ئېلىپ دەم ئېلىش كۈنلىرىم كىرا قىلايمىكىن دەيمەن ، قىشتا سودا خىلى بولىدۇ دەيدىغۇ باللا ، سەنچە بولامۇ ؟ »
- ساراڭ قىلىدۇ ئۇ  ئىشنى ، ھىچ بولمىسا 20 مىڭغا ئالىسەن ماشىنىنى ، ماي كىتىدۇ ، ئەتكەن چايدا ماڭمايدۇ قارا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارغىچە يەرگە ئاپىرىپ قويساڭ  سىز قارا تاكسى بولغاندىكىن دەپ بەش كوينى تۇتۇپ ھىجاراپ تۇرغان . تىخى بەزى نايناقلار ئىككى ئۈچ يۈز سومنى دەپ سىنى ئاپىرىپ تۇتۇپ بىرىۋاتقان ......
      توۋا!  ياقامنى چىشلىدىم ، راسىتلا ساراڭ بولغان ئوخشايمەن . ئەمدى ئاغىنەم قالمىغان مىنى ساراڭ دىمىگەن ، يا بۇ سۆز ئادەت  سۆزى بولۇپ قالدىمۇ نىمە ھىلىقى ئادانالىق دىگەن كىنۇدا ئاللا ئاللا دىگەندەك . ئەمما ئىككىنچى پەرەزدىن بىرىنچى ھۆكۈمۈم ئېغىر توختاپ قالغان ئىدى ، پىشانەمنى سىلاپ باقتىم ، قىززىماپتىمەن ، ئاغىنەم  قىلىقلىرىمغا  ئۆز ئۆزۈمگە قىلغان سۆزلىرىمدىن سەل ئەيمەندىمۇ ياكى مەندىن ئەنسىردىمۇ  قايتۇرۇپ سورىدى: « ئاداش ساقتۇ  ھە ؟ »



      مانا تۇرمۇش دىگەن ، ساقنى ساراڭ قىلىدۇ ، پەيتى كەلسە يەرگە سانجىپ قويغان تۆمۈر قوزۇققا مىۋە چۈشۈرۈپ باراڭ قىلىدۇ ، ياكى ھىجاراپ كىلىپ ناز كەرەشمە بىلەن بويۇننى شۇنداق بىر سىلايدۇ دە ھارام قىلىدۇ ! ئادەم بىر گەپنى قايتا -قايتا ئاڭلاۋەرسىمۇ شۇ گەپكە ياندىشىپ قالىدىكەن ، خۇددى ئوتتورا مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چاغلىرىمىزدا بىر قىز بىر ئوغولنى بىر بىرىگە چاپلاپ تىرىكتۈرۈپ ئاقىۋەت ئۇ ئىككىسىنى كىچىكلا ، مۇھەببەت كوچىسىغا باشلاپ قويغىنىمىزدەك . خۇددى بىر چىرايلىق بالىغا نەدە سەت لەقەملەرنى قويۇپ بۇ دۇنيالىق فامىلە قىلىپ قويغىنىمىزدەك . كوچىلاردا كىتىپ بىرىپ بىرەرسى :«ھىي ساراڭ » دىسە بۇرۇلۇپ كەينىمگە قارايدىغان بولۇپ قالدىم . بىلىپ بىلمەي چ چ دىكى ئىسمىمنى ساراڭ دەپ قويىۋاپتىمەن تىخى ،  قارىسام چ چ دا خلى دوسلىرىم ساراڭ ئاتالغۇدا ئىسىم قويۇشۇپتۇ ، < سۆيگۈ سارىڭى  > ،< ئويۇن سارىڭى > ، يەنە بىر نىمە سارىڭى دىگەندەك ئەمما مەندەك ساراڭ دىگەن بۇ سۆز تومۇرىنى نوقۇل ئىشلەتكەنلەر يوق دىيەرلىككەن . قارىغاندا مەن چوڭ ساراڭ باشقىلا ئەمدى بولىۋاتقان ساراڭ ئوخشايدۇ ،


     نۇرغۇن پەلپەتىش گەپلەرنى قىلدىم ھەقاچان ، راسىتلا ساراڭ ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغانلارمۇ يوق ئەمەس ،  ئەمدى پەقەت دادام بىلەن ئاپام  :« ھاي ساراڭ » دەۋەتسىلا  ھەقىقى ساراڭ بولىمەن ، ئەمما  ئاتا - ئانا دىگەن ئەڭ چىرايلىق ،ئەڭ مۇلايىم ، ئەڭ كۆيۈملۈك كىشلەردۇر بۇ سۆز ئۇلارنىڭ ئېغىزىغا ئەمەس دىلىغىمۇ يېقىن يوللىمايدۇ ، مەن ساراڭ بولۇپ قالساممۇ :« بالام ساراڭ » دىمەيدۇ .  بارلىق ئاتا- ئانىلارغا  ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن ، شۇلار خوش بولسۇن ، شۇلار يىسۇن  ،شۇلار كىيسۇن ، ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلىگە قايغۇ يېقىن يوللىمىسۇن ، ھەي ئاتا-ئانىلار ، ھەي جۈپ پەرىشتىلەر...........

ئاشكار

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
تەكلىماكان + 222 مەزمۇنلۇق تىمىلىرىڭىزغا ئاپىرىن!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 222   باھا خاتىرىسى

دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تىتىيمەن ، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم!

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 922
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8528
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 865 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 06:05:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىم دىيىشىمنى بىلمىدىم

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6725
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7029 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 06:06:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ مەنىلىك تېمىلارنى يازىسىز....تۇرمۇش،بىز ياشاۋاتقان جەمىيەت بىزنى كاللىسى ھۇشيار ‹ساراڭ›غا،كۆزى ئوچۇق ‹قارىغۇ›غا،قۇلقى سەگەك ‹پاڭ›غا ئايلاندۇرۇپ قويماقتا....ئىسىل يازمىلىرىڭىزنى داۋاملىق كۆرۈشكە تەشنامەن...

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3871
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 06:20:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشكارنى ئۇزۇندىن بىرى ئەمدى كۆرۈپتىمەن ،ئەسلى ساراڭلارنىڭ تۇرمۇشۇنى تەتقىق قىپتىكەندە

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2580
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21734
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9998 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 06:57:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەمىمىي ئەسكەرتىش:
     ئىنكاس يازغاندا ئەستايىدىل ئويلىنىپ يازايلى . مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇريىتى . قالايمىقان ئىنكاس يېزىشتىن ساقلىنىڭ!!!

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33150
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13231
تۆھپە نۇمۇرى: 736
توردا: 585 سائەت
تىزىم: 2011-3-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 07:47:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئاشكار ئاكاشنىڭ ھەممە تېمىلىرىنى بىر ئوقۇپ باققۇم بار ئىدى ، لېكىن
قارشى تەرەپ يوشۇرۇن قىلىپ لاھىيىلىگەن كۆرەلمەيسىز

دەپ چىقىۋالدى . قانداق ئىزدەشنى بىلەلمىدىم ،
بەك مەنىلىك تېما يازىدۇ بۇ ئاكام . ھې ھې ....

مېيىپ بوپ يارالغان بولساممۇ بىراق ،
نەپرەتتە ساقلاردىن ئېشىپ ياشايمەن .
ۋىجدانىم ھۆكۈمران بولسىمۇ گەرچە ،
يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

مەن ساڭا ساراڭ ب

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12524
يازما سانى: 828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11255
تۆھپە نۇمۇرى: 612
توردا: 2070 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2014-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 08:08:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساراڭ  بولماقمۇ  تەس گەپ جۇمۇ ...مەنمۇ  نېكەم  بۇ نامنى  قويۇۋېلىپمۇ  ھەممىنىڭ  ئەمەس  ناھايتى  ئاز بىر قىسىملارنىڭلا  ئېتراپ قىلىشىغا ئاران ئېرىشەلىدىم

شئېرنى  چۈشەنمەيسىز  ئەمما ھېس قىلالايسىز ،،شېئېر  ھەممە  ئادەم چۈشىنەلەيدىغان سەنئەت ئەمەس .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7140
يازما سانى: 413
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9535
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 418 سائەت
تىزىم: 2010-8-21
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 08:09:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭۈلدىكى گەپنى قىلىش دىگەن مانا مۇشۇنداق بۇلىدۇ.

پۇل ھەممە ئىشقا قادىر دىگەن ئادەم، پۇل ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىدىغان ئادەمدۇر.

تاشمۇ چۇشكەن يىر

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65754
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3059
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2011-11-18
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 09:21:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپيۇ،  گەپلىرىڭىز بەك يۇمۇرىستىك ، لىكىن نىمە دىمەكچى بولغىنىڭىزنى مەن ھس قىلالىدىم....رەھمەت،،،

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12725
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31729
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4657 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 09:34:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەقلى -ھۇشى جايىدا،كاللىسى سەگەك،ھەق -ناھەقنى پەرقلەندۈرلەيدىغان ،ھەقىقىي ساپ ۋىجدان -غورۇرى  بىلەن ياشاۋاتقان ‹‹ساراڭ››لار  ئازايغانسېرى ،تېمىڭىزدا دېيىلگەندەك بۇنداق ‹‹ساراڭ››لارنى ‹‹ساراڭ ››دەيدىغان ،ئەقىل كۆزى كۆرمەيدىغان ‹‹ساق››لاركۆپىيىۋاتىدۇ....

قاپاق پۇل ئەمەس،باراڭ پۇل .
ساق پۇل ئەمەس ساراڭ پۇل.

مانا بۇ ھازىرقى روھىيىتى چىرىپ كەتكەن بىر قىسىم  ‹‹ساق ››كىشىلەرگە قارىتا بېرتىلگەن باھادۇر....

مەن ئەقلى -ھۇشۇم بىلەن ياشاپ ‹‹ساراڭ ››بولۇشقا رازى......

چوڭقۇر مەنالارغا تولغان تېملىرىڭىزنى مۇنبەردە پات -پات كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش