چىڭگىزخان داموللامنىڭ ئەسلى ئىسمى ئابلىز ھۇشۇر بولۇپ 1912-يىلى 1-ئايدا بۈگۈرنىڭ يېڭىسار يېزىسىدا موللا ھۇشۇر داموللا دېگەن دىننى زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.باشلانغۇچ دىننى مەلۇماتىنى بۈگۈر ۋە كۇچالاردا ئالغان.1932-يىلدىن1934-يىلغىچە قەشقەر خانلىق مەدرىستە ئوقۇپ،داموللام دېگەن ئۇنۋاننى ئالغان.كېيىن،ھېندىستان،مەككە،مىسىر قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي بىلىم يۇرتىدا داۋاملىق ئوقۇغان. مىسىرنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا داڭلىق بولغان ئەزھەر ئۇنىۋىرسىتىدە ئوقۇتقۇچى بولغان،ئوقۇتقۇچى بولغاندىمۇ ئالاھىدە تەسىرى بار ئوقۇتقۇچى بولغان.
ئابلىز ھۇشۇر، ئەزھەر ئۇنۋىرسىتىدە تۇرغان ۋاقتىدا،ئىلتىماس قىلىپ ،مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالاھىدە رۇخسىتى بىلەن،دىننى ئالىملارنىڭ خەلىقئارالىق مۇنازىرىسىگە قاتنىشىپ،مۇنازىرىدە ئۈستۈنلۈك قازانغانلىقى ئۈچۈن،مىسىر پادىشاھى فارۇق ئۇنى:‹‹سەن ئىلىم دۇنياسىنى بويسۇندۇرغان چىڭگىزخان ئىكەنسەن!››دەپ ئالاھىدە ماختىغان.شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ‹‹چىڭگىزخان داموللام››دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان .ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ‹‹چىڭگىزخان››دېگەن نامغالايىق تالانت ئىگىسى بولۇپ،دىننىي بىلىمى ئالاھىدە چوڭقۇر ،ناتىقلىق سەنئىتىدە كامالەتكە يەتكەن،بەش-ئالتە خىل تىلنى مۇكەممەل بىلىدىغان كىشى ئىدى.
چىڭگىزخان داموللام ئۆز نۆۋىتىدە نەنجىڭ ئۇنۋىرسىتىدىمۇ ئوقۇغان.جۇڭگونىڭ مىسىردىكى ئەلچىخانىسىدا بىر مەزگىل ئىشلىگەن.
1947-يىلى مىسىردىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن،شىنجاڭدىمۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئىچكى ئىشلار نازارىتىگە خىزمەتكە تەيىنلەنگەن،قۇشۇمچە سەنمىڭجۇيى ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،ئۆلكىلكىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
1949-يىلى بىرقىسىم بۆلگۈنچىلەر موللا ھۇشۇرنى بۈگۈردىكى ئۆيىدىن ئېلىپ چەتئەلگە قاچقان.بۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى چىگرادىن ئۆتەلمەي قالغان،چىڭگىزخان داموللاممۇ چىگرادىن ئۆتەلمەي يەكەندە ئىككى ئاي تۇرۇپ قالغان.كىيىن ئازاتلىق ئارمىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا قەشقەرگە كېلىپ قەشقەردەئۈچ ئايلىق دىننى زاتلارنى تەربىيلەش كۇرسىغا قاتناشتۇرغان،ئۈچ ئايدىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ 1950-يىلى قەشقەر تۈرمىسىدىن ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە يۆتكەلگەن،1952-يىلنىڭ ئاخىرى ‹‹خەلق دۈشمىنى››دەپ جىنايەت بىكىتىپ ئۆلۈم جازاسى بەرگەن.
مەنبە:تارىخى تەرجىمھال‹‹مەمتېلى ئەپەندى››