مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2356|ئىنكاس: 24

خانىم -قىزلارغا بىر قانچە نەسىھەت ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈلۈم ۋە ھايات!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 3586
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 12063
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2727 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 02:01:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خانىم -قىزلارغا بىر قانچە نەسىھەت!

ئۆز-ئۆزىنى چۈشەنگەن،ھاياتنى ياخشى تەھلىل قىلالىغان،ھەقىقەت پەللىسىگەئۆرلەشنى ئۆزىنىڭ دائىملىق نىشانى قىلغان ئىنسانلار ھەر ۋاقىت ھاياتقا كۈلۈپ باقىدۇ،ئەڭ ئازاپلىق مىنۇتلارنىمۇ ئوخشاشلا تەمكىنلىك بىلەن ئۆتكۈزەلەيدۇ،ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگە كېلىۋاتقان پايدا زىياننى ئوبدان بىلىدۇ،قاچان ئۆزىگە جان كۆيدۈرۈش ۋە قاچان ئۆزگىگە كۆيۈنۈش مەسىلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىدۇ. ھاياتنىڭ لەززىتى ۋە گۈزەللىگى،بەخىتنىڭ قىممىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇنىڭ ۋايىغا يىتىشى پەقەت ئىنساننىڭ توغرا ئېتقادنى تاللىيالىشى ۋە ھايات مۇساپىسىنى شۇ ئېتقادنىڭ تەقەززاسى بۇيىچە توغرا بېسىشىغا باغلىق.ھايات ئەنە شۇنداق قىممەتلىك ۋە قىسقا بولغاچقا،بۇ ھاياتنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ۋە ئۆزىگە لايىق قىممەت يارتىش ئۈچۈن ،ھەربىر ئادەمدە مەلۇم نىشان،بۇ نىشانغا يەتكۈزدىغان يول،ئۇ يولنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندەيدىغان ئىرادە ۋە ئارزۇ بولۇشى كېرەك.بۇ ئاددىي رىسالىدە ئەمەلىي تۇرمۇشىڭىزدا سىزنى توغرا يولغا يېتەكللەيدىغان بىر قانچە ھەقىقەتلەرنى دەستە گۈل قىلىپ سىزگە سۇندۇم.

1. تولا گەپ قىلىپ كوتۇلداشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.ئورۇنسىز ئىشلارغا كوتۇلداپ يۇرۇپ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلغان ئاياللار ئاز ئەمەس،ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى تەكرارلاش ھاجەتسىز.شۇنى بىلىڭكى،كوتۇلداش باشقىلارنىڭ سىزدىن بىزار بۇلۇشىغا سەۋەپچى بولىدۇ.شۇنىڭ ئورنىغا سىز ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلە ھەققىدە كۆپرەك ئويلىنىڭ.

2.ئۆزىڭىزنىڭ ئېتقادىنى مۇستەھكەملەيدىغان ۋە ھايات يۇلىڭىزنى كۆرسىتىپ بېردىغان ياخشى كىتاپلارنى ئوقۇڭ.پايدىسىز كىتاپلارنى ئوقۇش بىلەن ۋاقتىڭىزنى زايە قىلماڭ.بىلىملىك كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىڭ،سۆھبەت جەريانىدا ئازراق سۆزلەپ،كۆپرەك قۇلاق سېلىڭ.

3.ئاڭلىغان گەپ-سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنىلا باشقىلارغا سۆزلەپ يۇرۇش ياخشى ئادەت ئەمەس،بۇنداق ئىشلار كۆپ بۇلۇپ كەتسە،سىزدە يالغانچىلىق ئادىتى شەكىللىنىپ قالىدۇ-دە باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەيسىز.

4.كىشىلەر ئالدىدا بىلەرمەنلىك قىلىپ ئۆز-ئۆزىڭىزنى ماختىماڭ،ئۇنداق بولىدىكەن ئويلىمىغان يەردىن ئۇياتقا قالىسىز.

5.يۇقىرى ئاۋاز،قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن ۋارقىراپ تۇرۇپ سۆزلىمەڭ.شۇنى ئىسىڭىزدىن چىقارماڭكى،سىز بىر ئايال،ئەگەر سىز ئاۋازىڭىزنى بارىچە قۇيۇۋېتىپ،قۇپاللىق بىلەن سۆزلىسىڭىزئاياللارغا خاس جەلىپكارلىقىڭىزنى يوقۇتۇپ قويىسىز.بىر ئايال ئۈچۈن ۋۇجۇدىدىن ئاياللىق مەنالىرنىڭ يوقۇلىشى تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىش.

6.ئۇلۇغلارنىڭ سۆزلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلنىپ سۆزلەڭ.ياخشى ،مەنپەئەتلىك گەپ بولسا قىلىڭ ،بولمىسا شۈك تۇرۇڭ.

7.ھەرگىز باشقىلارنىڭ سۆزىنى بۆلمەڭ،سۆھبەتدىشىڭىزنىڭ سۆزلىرىگە ئەدەپ بىلەن قۇلاق سېلىڭ.باشقىلار سۆزلەپ بولغاندا ئەڭ ياخشى ئۇسلۇب بىلەن گەپ باشلاڭ،سىزنىڭ سۆزنى قانداق باشلىغانلىقىڭىز ،گاھىدا سىزنىڭ خاراكتىرڭىزنى ئېچىپ بېرىدۇ.

8.باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ،دوراپ گەپ قىلماڭ.شۇنى بىلىڭكى ،ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ بولسا،ئون بەشى ئايدىڭ بولىدۇ.<<كىشىگە سانساڭ ئۆزگە،قاشقا سانىساڭ كۆزگە>>دىگەن گەپ بار.بىر كۈنلەردە ھايات سىزنى،پەرزەنتىڭىزنى ياكى قېرىنداشلىرڭىزنى سىز مەسخىرە قىلغان كىشىلەردەك تەقدىرگە دۇچار قىلىپ قويسا قانداق قىلىسىز؟

9.گەپ قىلىشتىن ئىلگىرى قىلماقچى بولغان سۆزىڭىزنىڭ سالمىقىنى دەڭسەپ بېقىڭ.سۆز قىلىشتا مەسئۇلىيەت بۇلۇشى كېرەك.سۆزلىرڭىزدىن ياخشىلىق تېمىپ تۇرسۇنكى،رەزىللىكنىڭ ھىدى زادىلا پۇرىمىسۇن.ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ<<سۆز ئېغىزدىن چىقىشتىن ئىلگىرى ئالتۇن،چىقىپ بولغاندىن كىيىن مىس بولىدۇ .>>دىگەنىكەن.

10.بىلىم ئېگەللەش ياخشى ئىش ۋەئۇلۇغ يول بارلىق ئىمكانىيەتلىرىڭىز بىلەن بىلىم ئىگەللەڭ.بىلىم ئىگەللەشتىن مەقسەت دىپلوم ئېلىش ،خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ۋە ياكى پۇل تېپىشلا ئەمەس،بەلكى ھەق-نەھەقنى تۇنۇپ،ئىنسانلىقنىڭ چىن مەنىسىنى بىلىپ،تۇغرا تەلىم-تەربىيە يوللىرنى ئىگەللەش.شۇڭا بۇيۇكلۈك ئۈچۈن ھەر دائىم ساپ دىللىق بىلەن بىلىم ئىگەللەڭ.

11.بىلىمى يوق،مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلى ئۇقۇيالمىغان مەسخىرە قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەڭ.كەمتەرلىك بىلەن ئۇلارغا ياردىم قىلىڭ.

12.قۇلىقىڭىز ھەقىقەتنى ئاڭلاش ئۈچۈن يارتىلغان،بولمىغۇر،قۇرۇق گەپ-سۆزلەرگە قۇلاق سالماڭ.

13.جاھاننىڭ نەرىگىلا بارماڭ سىز ئۇيغۇر قىزىسىز.سىزنىڭمۇ جاھان خەلقىگە ماختانغۇدەك ئىسىل كىيىملىرىڭىز بار،سىزنىڭ گۈزەللىگىڭىز ،لاتاپىتىڭىز پەقەت مىللى كىيىم-كېچەك بىلەنلا تېخىمۇ يارقىن نامايەن بولىدۇ.

14.ئۆزگىلەرنىڭ تەپەككۇرى بىلەن لاھىيلەنگەن مودا كىيىملەرنى كىيىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.بەدىنىڭىز كۈرۈنۈپ تۇردىغان كىيىملارنى كىيمەڭ،يېپىشقا تېگىشلىك جايلىرڭىزنى يېپىپ يۇرۇڭ. شۇنى ئۇنۇتماڭ ھەر قانداق نەرسە قانچە يۇشۇرۇن بولسا شۇنچە سىرلىق ۋە جەلىپكار بولىدۇ.سىز كىيىملىرڭىشنى كۈندىن-كۈنگە قىسقارتىۋاتقاندا،سىز بىلەن بىر جىنىس بولغان ئەۋلادلىرڭىزنىمۇ ئويلاپ قۇيۇڭ.ھەممىسى سىزنىڭ دەۋرىڭىزدىلا قىسقىراپ كەتسە،ئۇلار قىسقارتقاننى سېلىپلا ئاتمىسۇن.

15.دوستلىرىڭىز بىلەن ئولتۇرغاندا ئېغىزىڭىزدىن ھەقىقەتنىڭ دۇردانىللىرى تۆكۈلۈپ تۇرسۇن.سۆھبىتىڭىزدىن ھەممە مەمنۇن بولسۇنكى،ھېچكىم ھەسرەتلەنمىسۇن.

16.سۇرۇنلارداكىشىنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭ،ئەيىبىنى ئاچماڭ،ئۇ تولىمۇ ئەخلاقسىزلىق.

17.سۇرۇندا باشقىلار خاتا گەپ-سۆز ياكى بولمىغۇر قىلىقلاردا بولسا،كىشىلەر يوق يەردە چىرايلىق نەسىھەت قىلىڭ ۋە ئۇنى تەسىرلەندۈرۈڭ.

18.ئۈيىڭىزدە چۇقۇم بىر كىچىك كىتاپخانا بولسۇن،ئۇنىڭدىن ئائىلە ئەزالىرنىڭ ھەممىسى مەنپەئەتلەنسۇن.كىتاپخانىڭىزدىكى كىتاپلار ئۇنۋېرسال بولسۇن.نىكاھ،ئائىلە،ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تېمىدىكى ھەتتا تىببىي ساھەدىكى كىتاپلارمۇ بولسۇن.كىتاپخانىڭىزدا تارىخقا دائىر كىتاپلارنىڭ بولماسلىقى كىتاپخانىنىڭ چوڭ كەمچىللىگىدۇر.مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ تەرجىمھالى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر كىتاپخانىنىڭ ئۆزگىچە گۈلىدۇر.

19.كوچىدا ئورۇنسىز لاغايلاپ يۈرمەڭ،بۇ ئۆيگە بېكىنۋېلىڭ دىگىنىم ئەمەس.سىزنىڭ بارلىقىڭىز ئۆزىڭىزگە بايلىقۋە شەرەپ،مىللەتكە نىسبەتەن پەخىر ۋە ئابروي.سىز ئۆزىڭىزنىڭ غۇنچە،قىزىل گۈل دەو سۈپەتلىندىغىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ.كوچىدا ماڭسىڭىز ئۇياق-بۇياققا تولا قارىماڭ،قاقاقلاپ كۈلمەڭ،بىر نەسە يەپ ماڭماڭ،سېغىز چاينىماڭ.بۇ سىزنىڭ ئوبرازىڭىزغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.كىشىلەرگە نۇمۇس تۇيغۇسى يوق ئادەمدەك تەسىر بىرىپ قويىسىز.

20.ئۆزىڭىزنىڭ ۋە ئائىلىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قارىتا نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىىڭ.

21.ۋاقىت كۆز قارشىنى تىكلەڭ.

22.نەسەب جەھەتتىن سىزگە يېقىن بولغان بارلىق ئۇرۇق-تۇققانلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يوقلاپ تۇرۇڭ.پۇلى بارغا بىر خىل،پۇلى يوققا يەنە بىر خىل قاراشتىن ھەزەر قىلىڭ.

23كوچىلاردىكى بىكار تەلەپ،ناچار ئادەملەرنى كۈرۈپ مەيۈسلەنمەڭ،جاھان بۇزۇلۇپتۇ دەپ ئارقىغا چېكىنمەڭ،تېخىمۇ تىرىشىپ ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىزدىنىڭ.ئۇلارمۇ سىزگە ئوخشاش ئادەم ،ئۇلارمۇ ھاياتقا ئاران بىر قېتىم كېلىدۇ.

24.ئۆزىڭىزدە مېھرىبانلىقنى يېتىلدۈرۈڭ،ھەتتا ئۇچار قۇش،جان-جانىۋارلارغىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ،تەبەئەتنىڭ بىزدە ھەققى كۆپ.

25.ئاتا-ئانىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ،ئۇلارنىڭ سىزگە سىڭدۈرگەن ئەجرىنى ئېسىڭىزدىن زادىلا چىقارماڭ.ئانىڭىزغا كۆپرەك ھەمكارلىشىڭ،شۇندىلا سىز كەلگۈسىدە بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇشقا مەلۇم ئاساس سالالايسىز.

26.ھۇرۇنلۇقتىن ھەزەر ئەيلەڭ،ئىشچانلىقىڭىز ئىش-ھەركىتىڭىزدە ئىپادىلەنسۇن،ھەممە يىرىڭىزدىن پاكىزلىق تۈكۈلۈپ تۇرسۇن.

27.كۈلۈمسىرەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ،ئۆز نۆۋىتىدە ئۇ باشقىلارنىڭ سىزنى ياخشى كۈرۈشىگە سەۋەپ بۇلۇپ قالىدۇ.

28.ھەرگىز ئاچچىقلانماڭ.بۇ ھېچكىمگە ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ.




مەنبە:ئابدۇل ئەزىز ئەلىنىڭ ،خانىم -قىزلارغا بىر قانچە نەسىھەتىدىن ئېلىندى.

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللا ھ،مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن!

مېنى يىغلىغىلى ق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64949
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3704
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 729 سائەت
تىزىم: 2011-11-13
ئاخىرقى: 2012-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 04:41:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەركەكلەرگىمۇ لازىملىق نەسىھەتلەر ئىكەن.

ھەمىمىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلنىپ بولغان، ئىجرا قىلنىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ خالاس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20185
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7233
تۆھپە نۇمۇرى: 510
توردا: 1892 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 10:47:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېلىشكە تېگىشلىك نەسىھەتلەر ئىكەن. مەن بەك ياختۇردۇم، رەھمەت سىزگە.

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

هصچكصمدصن مصهرص

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6806
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9221
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 2778 سائەت
تىزىم: 2010-8-19
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 10:54:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تةشةككۈر

هصچكصمدصن مصهرص - شةپقةت تةمة قصلما، شؤندصلا غالصپسةن!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22662
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6173
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 479 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 11:04:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز  بەك ياقتۇردۇم  رەخمەت سىزگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 6482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 88409
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7313 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 11:16:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھاياتنى ياخشى تەھلىل قلىش ، تولىمۇ مۈشكۈل بولغان بىر جەريانكەن . بولۇپمۇ ئىنساندىن ئىبارەت بۇ ئوقۇم سىزنى گاڭگىرىتىپ ، ھەقىقى ماھىيىتىنى بىلدۈرۈشتە كىشىنى تولىمۇ ئوسال قىلىدىكەن . تۇيغۇلىرىڭىز دائىم ئادىشىدىكەن ھەم ئالدىنىدىكەن . مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتا ھەممە-ھەممىگە بولغان توغرا پوزۇتسىيە پەقەت-سىزدىن ئىبارەت بىر ئاجىزىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى تۇرىشىدا تولىمۇ مۇھىمكەن . توغرا بولغان پوزىتسىيە ھەم ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىش ئارقىلىق ، بىرلا قېتىم كېلىدىغان بۇ ھاياتنى باشقىلارنىڭ خاتالىقى بىلەن نابوت قىلماسلىق كېرەككەن .
تېمىڭىزدىن شۇنچە خۇرسەن بولدۇمكى، تەشەككۈرۈم سىزگە بولسۇن .


قېنى مېنىڭ ئەكىس سادايىم...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46460
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3384
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2011-7-2
ئاخىرقى: 2012-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 11:24:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئىسىل گەپلەرنى قىپسىز !


خانىم قىزلار چوقۇم ئۇقىۋالمىسا بولمايدىغان گەپلەر مۇشۇ ،،،،،

我还不想痛苦

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27292
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5819
تۆھپە نۇمۇرى: 393
توردا: 1840 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 11:30:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمائىگىسىگەرەھمەت .ناھايتى ياخشى تىما ئىكەن.ئاللا قولىڭىز غا رەت بەرمىسۇن !

مىنىڭ يەنە سەنسىز ئازاپلانغىم يوق .ساڭا دەيدىغىم مىنى كەچۇر! مىنى كەچۇر بولامدۇ سەندىن ئۆتىنەي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27282
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5890
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 1544 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2012-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 11:30:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rgh mat siga

كۈتكەن كۈنلەر ، كەلگەندەك ئەمە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25644
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7689
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 6474 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 12:16:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەم ئەستە ساقلىۋالغۇدەك ھەم خاتىرىگە كۆچۈرۈۋالغۇدەك دۇردانىلاركەن.

ئالقىنىڭنى  كەڭ ياي ، ئۇنىڭدىن تۆكۈلگەن رەھمەت نۇرلىرى ، سىېنىمۇ ، باشقىلارنىمۇ خۇش قىلسۇن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش