مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4551|ئىنكاس: 31

دەز كەتكەن يۈرەك (ھايات) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2427
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4287
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 1189 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 01:55:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دەز كەتكەن يۈرەك
ئاپتورى – ھايات
پوۋېست


يۇرتىمىز گۈزەل ئانا يۇرت تەۋەسىدىكى قەدىمى يېزىلارنىڭ بىرى. سۇيى مول ،خەلقى خۇش –چاقچاق ،مېھماندۇستلىقى بىلەن يىراق- يىقىندا نامى بار . شۇڭىمۇ شەھەرلىكلەرنىڭ بۇ يەردىن ئايىقى قىش –ياز ئۈزۈلمەيدۇ.
ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا شەھەرنىڭ قايسىدۇر بىر يىرىگە قورۇلۇش سېلىنىش باھانىسى چىقىۋىدى ، يېزىمىز شەھەرلىكلەربىلەن توشۇپ كەتتى. نېمىشقا دەمسىز ؟ شۇ ئۆيلۈك يەر ئېلىش ئىشى بىلەن بولمامدۇ؟ مانا نەچچە يىللاردىن بۇيان بىكار تاشلىنىپ قالغان يەرلەرنىڭ ئەمدى قىممىتى چىققىلى تۇردى. بەزىدە توۋا دەپمۇ قالىدۇ كىشى . شەھەرنىڭ بۇلۇڭ –پۇچقاقلىرىدا ،پەقەت تۆت تامنىڭ ئىچىدە چوڭ بولغانلار بۇ ئاسمىنى كەڭ زىمىنغا چىقىپ ، ھەيران بولۇشتى. دېمىسىمۇ يىللاردىن بۇيان تاشلىنىپ قالغان يەرلەر ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ئۇلار ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى يەرنى ئالغىلى تۇردى. دەسلەپ ساددا يېزىلىقلار بۇ يەرلەرنى ئەرزان باھادا ساتتى. كىيىنچە ئىش ئۇنداق بولمىدى. يەرباھاسى ھەسسىلەپ ئاشقىلى تۇردى. شۇ سەۋەپ بىلەن نۇرغۇ ن كۈلكىلىك ، ئېچىنىشلىق ئىشلار چىققىلى تۇردى.
يېزىمىزنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىن بىر ئۆستەڭ قورلۇشى ئۆتۈش سەۋەبى بىلەن كونا قەبرىلەر كۆچۈرۈلدى. دەسلەپ بۇ ئىشقا كىشىلەر ئانچە ئېرەن قىلمىدى. كىيىن ھۆكۈمەت بىر قەبرىنى كۆچۈرگەنلەرگە مۇنچە پۇل بىرىمىز دېۋىدى ، بۇ قەبرىلەرنىڭ ئىگىسى چىقىپ كەتتى. شۇ كۈنلەردە يېزىمىزدا «قەبرە تالىىشش جېڭى »باشلاندى. ئاتا –بۇۋىسىنىڭ قەبرە بېشىنى ئۆمرىدە بىرەر قىتىممۇ يوقلاپ قويمىغانلار ، مۇشۇ كۈنلەردە ۋاپادار پەرزەنت بولۇشۇپ ،قان كېچىپ چىگرا ئايرىدى. ئاڭلىسام بىرى باشقىلارنىڭ كولاپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ ، مەخسۇس تانا تارتىپ دائىرە بەلگىلىۋاپتۇ. ئۇنىڭ دائىرىسىگە باشقا بىرىنىڭ دادىسىنىڭ قەبرىسىمۇ كىرىپ كىتىپتىكەن ھازىر ئۇلار ئۇ كىشىنىڭ زادى كىمنىڭ دادىسى ئىكەنلىكى توغورسىدا سوتلىشىپ يۈرەرمىش ...
يېزىمىزدىكىلەرنىڭ ئاجايىپ بىر ئالاھىدىلىكى بار .ئۇبولسىمۇ لەقەم قويۇش . ئۇلار لەقەم قويۇشقا شۇنداق ئۇستىدىكى ،ئاي –ھاي ،بەزىدە قويغان لەقەمگە ھەيران قالسىز . شۇ سەۋەپتىنمۇ يېزىمىزدا لەقەمسىز يۈرگەنلەر تولىمۇ ئاز. بەزىدە ھەتتا بىر كىشىنىڭ لەقىمى بىر جەمەتنىڭ ،بىر مەھەللىنىڭ نامى بولۇپ قالغان ئەھۋاللارمۇ بار تېخى.
يوقۇرقى مەھەللىدە  بىر قانچە چوكان ئېرى بىلەن ئاجرىشىپ تەڭلا دېگەندەك تۇل قالدى. شۇنىڭ بىلەن يۇرتىمىزنىڭ ھېلىقى قىزىقچىلىرى ئۇلارغا :« ئولتۇرۇپ قالغانلار  مەھەللىسى »دەپ نام قويىۋالدى. بۇ ئىشنى ئېغىر ئالغان مەھەللىسىدىكى چوڭلار دەپ يۈرۈپ ، ھېلىقى چوكانلارنى قايتا ياتلىق بولۇشقا مەجبۇرلىدى. خۇددىي كېلىشىۋالغاندەكلا بۇ چوكانلارنىڭ تويى بىر ھەپتە ئىچىدىلا بولۇپ ھەممىسى ياتلىق بولۇپ كېتىۋىدى كىشىلەر ئۇلارغا :«توي بولدى مەھەللىسى »دەپ يەنە يېڭىچە نام بىرىشتى. قەبرە كۆچۈرۈشتە نامى چىققان بىر كوچىنى «ئەرۋاھلار كوچىسى »دەپ ئاتىۋالدى.  مانا مۇشۇنداق «ساۋادسىزلار كوچىسى »، « كادىرلار مەھەللىسى »، « بويتاقلار كوچىسى » دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان كوچىلار ،مەھەللىلەر ئارقا –ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى.
بەزىدە ھەيران قالىمەن. يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى بۇ ئىشلارغا ئانچە ئېرەن قىلمامدۇ ياكى خەلققە «ھۆرمەت »قىلامدۇ ،بىلمەيمەن.ئۇلارنىڭ تۈرلۈك تېزىملاش دەپتەرلىرىدە يەنىلا مۇشۇ «يەرلىك ئىسىملار ». ھەتتا ماۋۇ توك ،سۇ پۇلىنى يىققۇچىلارمۇ تالۇننىڭ بېشىغا ئاشۇ چىرايلىق مەھەللە نامىمىزنى تولۇق ئەسكەرتىدۇ.توي –تۆكۈن ،نەزىر –چىراق بارغاقلىرىمۇ يەنىلا شۇ نام.
بىزنىڭ ماۋۇ مەھەللىمىزنى ھەممىسى «يەكپايلار مەھەللىسى »دەپ ئاتايدۇ. بۇنىڭغا بىز كۆنۈك . بۇ نام بىزگە مۇشۇ مەھەللىلىك ، مەھەللە دوقمۇشىدا كىچىك دۇكىنى بار «ئابلا يەكپاي»نىڭ نامىدىن كەلگەن.
ئابلا يەكپاي مەھەللىدىكى تۇرمۇشى ھاللىقلارنىڭ بىرى. شۇڭا ئۇ مەھەللىدىكىلەردىن بۇرۇن مەھەللىنىڭ دوقمۇشىغا كىچىك دۇكاندىن بىرنى سىلىۋالدى. ئاڭلىساق ھېلىقى قەبرە كۆچۈرۈشتە ئابلا يەكپاي جان –پىدالىق بىلەن نورغۇن ئىگىسىز قەبرىلەرنى ئىگەللەپ كۆچۈرۈپ خىلى پايدا ئاپتۇدەك.
ئابلا يەكپاينىڭ دۇكىنىدا ئالاھىدە ماللارمۇ يوق . شۇ شەھەرگە چۈشۈپ ئۇچرىغانلىكى نەرسىنى ئېلىپ چىقىپ دۇكانغا سالىدۇ. ئۇنىڭ دۇكىنىغا كىرگەن ئادەم خۇددىي بىر مىلىچ مال دۇكىنىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. قىززىق يېرى شۇكى ،ئۇنىڭ دۇكىنىدىن جۈپى بىلەن بىر نەرسىنى تاپقىلى بولمايدۇ. كىچىك بالىلىرىغا ئاياق ئالماقچى بولغانلارغا ئۇ قەيەرلەردىندۇر ئەرزان باھادا ئېلىۋالغان بىر خالتا ئاياغنى تۆكۈپ بىرىپ تاللىۋىلىشنى ئېيتىدۇ. تەلىيى بارلىرى جۈپى بىلەن تاپىدۇ.بىراق ئىش شۇنداقلا بولمايدۇ. تولىسى تاپالماي ،ئامال يوق ، رەڭگى ئوخشاشلارنى بىرجۈپ قىلىپ بالىلىرىغا كىيدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىچارە يېزا بالىلىرى  بىر پۇتىغا 7ياشلىق يەنە بىر پۇتىغا 10ياشلىق بالىنىڭ ئايىقىنى كىيىپ خوشال ھالدا دۇكاندىن چىقىپ كىتىدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئۇنىڭغا «ئابلا يەكپاي »دەپ چىرايلىق لەقەمدىن بىرنى قويۇشتى. كىيىنچە بۇ نام بىر پۈتۈن مەھەللىنىڭ نامى بولۇپ قالدى.
ئابلا يەكپاينىڭ دۇكىنى مەھەللە دوقمۇشىدا بولغاچقىمۇ ياكى بۇ مەھەللىدىكى بىردىنبىر ئادەم كىلىدىغان سورۇن  بولغانلىقتىنمۇ ئەيتاۋۇر مەھەللىدىكى كىشىلەر قولى ئىشتىن بوشىغاندا بۇ يەرگە يېغىلىپ پاراڭ سېلىشىدۇ. بۈگۈنمۇ  مەھەللىدىكىلەردىن ئەمەت پوقاق ، زۇنۇن تەخسىكەش ،قاۋۇل خوش –خوش ،مىجىت ھەيرانلار بۇ يەرگە يېغىلىشتى.
-    بۇدۇنيادا ئاجايىپ قىززىق ئىشلار بولىۋاتىدۇ ،-دەپ گەپ باشلىدى مىجىت ھەيران ،- تۆۋەندىكى مەھەللىدىكى ئىسكەندەرنىڭ ئايالى ئۈچنى تۇغۇپتىكەن ،ئارىدا بىرى خوراز چىقىپتۇ دەيدۇ.
-    ماۋۇ نېمە دەيدۇ ئەمدى ، خوراز دېگىنىڭ زادى نېمىسى ؟ - ئەمەت پوقاق گەپ قاتتى.
-    شۇنىمۇ چۈشەنمىدىڭما ؟ ئىككىسى مىكىيان ،بىرى خوراز دېگىنى بۇنىڭ ،  - قاۋۇل خوش –خوش شۇنى دەپ بولۇپ مىجىت ھەيرانغا قاراپ ئېيتتى، -نەدىكى ئىشلارغا ھەيران قالىدىغان ئاداشكەنسەن .
-    ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدىدە، ئۇنىڭ ئايالى تولىمۇ توغۇمچان ئايال ئىكەن.ئالدىنقى قىتىممۇ ئىككىنى بىراقلا ئاتقان .مانا بۇ قىتىم ئۈچنى ئېتىپتۇ. ئەگەر مۇشۇنداق بولىۋەرسە ئىسكەندەربىچارىنىڭ ئۆيى بالا بىلەن توشۇپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ. –دېدى مىجىت ھەيران تېخىمۇ ھەيران بولغان قىياپەتتە.
-    مۇشۇ ئاياللارنىمۇ زە ، ئىككىنى توققاندىن كىيىن بولدى قىلسا بولىدۇ. ئوغۇل تۇغىمەن دەپ يۈرەپ ، پىلانلىق تۇغۇت كادىرلىدىن قېچىپ يۈرۈپ دېگۈدەك تۇغۇپتىكەن.بىراقلا ئۈچنى قوزىلاپتۇ. ئاللا شەرىڭنى ،ھازىر ئىسكەندەر بىچارە پوق –سۈيدۈككە كۆمۈلۈپلا قاپتىدە .
-    ئوغول نېمە ،قىز نېمە . ھەممىسى ياراتقۇچىنىڭ ئەمرى بىلەن بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولىدۇ. پەرزەنتىلەرنى ئوغۇل قىز دەپ ئايرىش ،ئۇلارغا ئايرىم مۇئامىلە قىلىش توغرا ئەمەس، - ئابلا يەكپاي ئۆزىنىڭ تولىمۇ ئاقىلانە بىر پىكىر قاتناشتۇرغىنىدىن مەمنۇن بولۇپ ئۇلارغا قاراپ كۈلۈپ قويدى.
-    بۇ قىتىم يەكپاي تۇغۇپتىكەن ،شۇڭا خوشاللىقىڭنى باسالماي قاپسەندە ، -گەپ قاتتى ئەمەت پوقاق .
-    دۇكاندا كۈلگە كۆتۈرۈلدى. ئۇلار ئەنە شۇنداق تاغدىن-باغدىن پاراڭ سېلىپ ئولتۇرغاندا دۇكانغا بىرى كىرىپ كەلدى. كىرگۈچىنىڭ تۇرقى تولىمۇ ۋەيرانەبولۇپ ، ئۈستىگە كونىراپ كەتكەن چاپان كىيگەن، ئىشتىنىنىڭ بىر پۇشقىقى تىزىدىنلا يوق ،بىشىغا نورغۇن ئىسىملار يېزىلغان شىلەپە كىيۋالغانىدى. چاچ-ساقاللىرى ئۆسۈپ ئۇنى تېخىمۇ قورقۇنچلىق ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى.
-    ۋوي ،ۋوي كەل سەزگۈر ئاشىق ،- جاي بوشاتتى زۇنۇن تەخسىكەش دەرھاللا.
كىرگۈچى ئۇلارغا قاراپ تۇرۇپ كەتتى.ئارقىدىنلا ئابلا يەكپايغا قاراپ بىرنى ئالايدى. ئابلا يەكپاينىڭ قورقۇپ چىرايىدا قان قالمىدى. ھېلىقى مېھمان قاۋۇل خۇش –خوش تۇتقان تاماكىنى ئالدى دە، تۇتاشتۇرۇپ ئالدىرىماي ئىچىگە تارتتى.
-ھە ئاشىق ، ئۇزۇن بولدى يوقاپ كەتتىڭغۇ؟
-    مەن بەختىگۈلۈمنى ئىزدەپ يارباققا باردىم،- ئۇ تۇيۇقسىزلا گەپ باشلىدى، - بەختىگۈلۈم مېنى تولىمۇ سېغىنىپتۇ. قاچان كېلىسىز دەپ يېغلاپ كەتتى. مەن ئۇنىڭغا ئىشلىرىمنى تۈگۈتىپلا سېنىڭ يېنىڭغا كېتىمەن دېدىم. بەختىگۈلۈمنى ئىزدەپ يولدا بەك ئاۋارە بولدۇم ،شۇڭا مۇشۇنداق بولۇپ قالدىم. ئاللا ،ھەممە بەندىسىنى پاناھىدا ساقلىسۇن .ئىمانسىز جۇھوتلارنىڭ ئەدىبىنى بەرسۇن.
ئۇئەنە شۇنداق باش –ئايىقى يوق بىر نەرسىلەرنى بىر ھازا سۆزلىدى. ئاڭلىغۇچىلار ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈش ئەمەس چىقىپ كىتىشكىمۇ جۈرئەت قىلالماي جىم ئولتۇرۇشتى. ئۇ بىر ھازا سۆزلەپ يەنە تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى.ئۇ ئىشىك يېنىغا بىرىپ كەينىگە قايرىلىپ قايسىدۇر بىر شائىرنىڭ ماۋۇئىككى  شئىرىنى ئوقۇدى:
-قارا تۈن بەردى ماڭا قاپقارا كۆزنى ،
ئىزدەيمەن شۇ كۆز بىلەن نۇرلۇق كۈندۈزنى.
شۇندىن كىيىن ئۇ چىقىپ كەتتى. ئۇ چىقىپ كىتىشى بىلەنلا پاراڭ يەنە ئەسلىگە كەلدى.
-بىچارە ئۇزۇن بولدى يوقاپ كەتكەن مانا بۈگۈن يەنە پەيدا بولۇپ قاپتۇ،-دېدى مىجىت ھەيران ،- ئاتا –ئانىسى قانچە ئارزۇلىغان بالا ئىدى-دە.
- ئۇنىڭ ئىسمىچۇ تېخى ؟ بىچارە ھاشىم ئاكا ئۇنى ئەقىللىق ، چىچەن بالا بولسۇن دەپ ئىسمىنى سەزگۈر قويغان ئىدى.
- ئانىسى رەھمەتلىكمۇ بىر ئۆمۈر مۇشۇ يالغۇز پەرزەنتىنىڭ غېمىنى يەپ ئۆتتى. ئاللا،ئۇلارغا قىرىغاندا بىر پەرزەنت بىرىۋىدى ،مانا ئەمدى نېمە بولدى ئاتا –ئانا بالا دەردىدە بۇدۇنيادىن ۋاقىتسىز قايتتى.سەزگۈرنىڭ ئەھۋالى بولسا مانا بۇ.
-ھەممە ئىش ئاشۇ يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان قاھار دېگەن بۇقىنىڭ كاساپىتىدىن بولدى. بەختىگۈلگە كۆز قىزاتمىغان بولسا بۇ ئاشىقلارمۇ مۇرادىغا يەتكەن ،جۈپ-جۈپى بىلەن كەلگەن بولاتتى. ..
سەزگۈر ،بەختىگۈللەرگە مۇناسىۋەتلىك پاراڭ خېلى داۋاملاشتى. چۈش ۋاقتىمۇ بولۇپ قالغانىدى.ئۇنىڭغىچە بۇ يەردىكىلەرمۇ ئاستا تارقاشتى. نېمىشقىدۇرئابلا يەكپاي خۇددىي روھىنى يوقىتىپ قويغان ئادەمدەكلا بولۇپ قالغانىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇكاندىكىلەر خۇددىي ئۇنىڭ ئىشلىرىنى بىلىپ قالغاندەك بايىقى گەپلەرنى خۇددىي ئۇنىڭغا دەۋاتقاندەك بولۇپ قالدى. ئۇمۇ بىر ھازا ئولتۇرۇپ ئالدىن ئۆيىگە قايتتى. يولدا خۇددىي ھېلىقى ساراڭ ئاشىق ھازىرلا كەينىدىن كىلىپ ئۇرۇدىغاندەك پات-پات كەينىگە قاراپ قويدى. ئۇ ئۆيىگە كىرىپ ،ئايالىنىڭ «چاي ئېچىۋىلىڭ» دېگىنىگىمۇ قارىماي ئۇدۇل مىھمانخانا ئۆيىگە كىردى-دە، سېلىپ قويغان كۆرپىگە ئاستا كىلىپ يانپاشلىدى.
سەزگۈر ئاشىق بىلەن باشلانغان بۇ قورقۇنىچ تېخىچە بېسىلمىغانىدى. ئارىدا ئۇ يوقاپ كېتىۋىدى، ئابلا يەكپايمۇ تىنجىپ قالغان .مانا ئۇ بۈگۈن تويۇقسىزلا يەنە پەيدا بولىۋىدى ،ئۇنىڭ جېنى چىقاي دەپ قالدى. تويۇقسىز سەزگۈر ئاشىقنىڭ بىر جۈپ ئوت چاقناپ تۇرغان كۆزى ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا كېلىۋىدى، ئابلا يەكپاي قورققىنىدىن كۆزىنى ئىتتىك يۇمىۋالدى. ئۇ بىردەم مۇشۇنداق خىياللاربىلە ن ياتتى. بۈندىن كىيىن قانداق يەنە قانداق ئىشلارنىڭ بولىشىنى ئويلىدى. ئۇ ئۆزىنى قانچە باساي ،بۇ ئىشلارنى ئويلىماي دېسىمۇ بىراق   ئۇنىڭ خىيالى سەزگۈز ئاشىق ،بەختىگۈللەرگە مۇناسىۋەتلىك ئاشۇ كۈنلەرگە كەتتى.
                                                                                           ‹1›
مەھەللە مەسچىتى مەزىنىنىڭ يېقىمىلىق ئەرزان توۋلىشى يەنە بىر كۈننىڭ باشلانغانلىقىدىن دىرەك بەردى. ئەرزان بىلەن تەڭ ئۆي –ئۆيلەردە چىراقلار يىقىلىپ ، ئىشىك ئىچىلغان ، قۇرۇق يۆتەلگەن ئاۋازلارئاڭلىنىشى بىلەن كىچىدە ئاللىكىملەرگىدۇر قاۋاپ ھالى قالمىغان ئىتلارغا يەنە قايتىدىن جان كىرىپ قايتا قاۋاشقا ئۆتۈشتى. خورازلارمۇ سەندىن مەن قالامدىم دېگەندەك قىلىپ بەس –بەس بىلەن قىچقىرىشتى.
يەكپايلار مەھەللىسىنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى بىر ئۆيدىمۇ باشقا ئۆيدىكىلەرگە ئوخشاش بىر خىل ھالەت . ھاشىم ئاكا ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى ئالدىراپ كىيدى.ئۇنىڭغىچە ئايالى خەلچىخان تاھارەت ئۈچۈن چۆكۈنگە ئىسسىق سۇ تەڭشىدى.
نېمىشقىدۇر ھاشىم ئاكىنىڭ كۆڭلى جايىدا ئەمەس .چىرايىدا ئاللىقانداقتۇر بىر خوشاللىق جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. خەلچىخان بۇنى سەزگەن بولسىمۇ بىراق ئارتۇقچە گەپ قىلمايلا ئۇنىڭ قوزۇققا ئېسىقلىق چاپىنىنى ئىلىپ بەردى.
«ئاھ خۇدا ، شۇ چۈشۈمنى بىر روياپقا چىقارغايسەن ، ئەگەر شۇنداق بولغىنىدا نەقەدەر ياخشى بولغان بولاتتى –ھە ! ئەي قۇدرىتى ئۇلۇغ ئاللاھ، بۇ دۇنيادا يىگانىسەن ، بەندەڭنىڭ تىلاۋىتىنى قوبۇل قىلغايسەن !» . ھاشىم ئاكا ئەنە شۇ خىياللار بىلەن ئۆز –ئۆزىگە پېچىرلىغىنىچە مەسچىتكە كىلىپ قالدى. نامازنى ئىخلاس بىلەن ئۆتىدى. نامازنىڭ دۇئاسىدا يوقارقى ئىلتىھاجىنى يەنە قايتىلىدى. ئۇ مەسچىت قورۇسىدىن ئەمدىلا چىقىشىغا مەسچىت ئالدىدا ئولتۇرغان بىر دىۋانە سىياق ،ئاق ساقاللىق كىشى ئۇنىڭغا قول تەڭلىدى.
-    سەدىقە بالانى ،توۋۋا گۇناھنى ، شەپقەتلىك قىرىنداشلار ، ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ماڭا ئاتىغانلىرىڭلارنى بەرسەڭلار .ئۆيدە بىر بالام ئاغرىپ ياتقىلى نەچچە كۈن بولدى. دوختۇرغا ئاپىرايلى دېسەك پۇل يوق. بالا بەك قىينىلىپ كەتتى. بۇ دۇنياغا كەلگىنىمگىمۇ شۇ بالىنى تىپىپ قويۇپ ، ياخشىراق باقالمىغىنىمغىمۇ مىڭبىر پۇشايمان . بىچارە بالام ...
ئۇ تېلىقىپ يېغلاپ كەتتى. كىشىلەر يانلىرىدىن بارلىرىنى چىقىرىشىپ ئۇنىڭغا بىرىشتى. ھاشىم ئاكىنىڭ ئېسىگە كېچىدە كۆرگەن چۈشى كەلدى. «دەل مۇشۇ ئادەم » ھاشىم ئاكا يانچۇقىغا قول ئۇزاتتى ،بىر تۇتام پۇلنى ئالدىدى –دە ، «يا بىسمىللاھ» دەپ ئۇ كىشىگە بەردى. ئۇ كىشى ھاشىم ئاكىغا قاراپ قويۇپ ئىتتىكى:
-    ئەي ساخاۋەت ئىگىسى ، مەردلىكىڭدىن خۇرسەن بولدۇم. بۇ دۇنيالىقتا تاپقىنىڭ كۈندىن –كۈنگە كۆيەپسۇن، دوستلىرىڭ ئاۋۇپ ،دۇشمەنلىرىڭ يوقىسۇن . ئاللاھ ، بارلىق تىلەكلىرىڭنى بىجا قىلسۇن. ئامىن ...
ھاشىم ئاكىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ دۇئاغا قول كۆتۈردى. دۇئادىن كىيىن ئۇ ئاستا قەدەملەر بىلەن بۇ يەردىن ئايرىلدى. نېمىشقىدۇر ئۇنىڭ قەلبىنى ئاجايىپ بىر تەسۋىرلىگۈسىز خوشاللىق چولغۇۋالغانىدى. بۇنىڭغا يەنىلا ئاخشام كېچىدە كۆرگەن چۈشى سەۋەپكار.
« چۈشىدە ئۇ تولىمۇ يىراق بىر سەپەردىن قايتىپ كەپتۇدەك . يولدا كەلگۈچە ئايالى خەلچىخاننى سېغىنىپ ، يول بويى توختىماي مېڭىپتۇ. بىر چاغدا ئۆزىنى مەھەللىدە كۆرۈپتۇ. قارىسا دەرۋازا ئالدىدا ئاپئاق ساقاللىق ، دېۋانە سۈپەت بىر كىشى تۇرغۇدەك .بۇ نېمە ئىشتۇ ئەمدى دەپ تۇرىشىغا ھېلىقى كىشى :
-    سەدىقە بالانى ،توۋۋە گۇناھنى ، قىرىندىشىم ، ئاجايىپ بىر ئۇلۇغ سەپەردىن كەلگەندەك تۇرىسىز ، ماڭا شۇ يەرلەردىن ئېلىپ كەلگىنىڭىزدىن ئازراق بىرەلەمسىز ؟ دەپتۇدەك.
ھاشىم ئاكا ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئويلىنپ تۇرۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا ئايالى خەلچىخانغا ئېلىپ كەلگەن چىرايلىق بىررومالدىن باشقا نەرسە بولمىغاچقا ئۇ ئىككىلىنىپ تۇرۇپ :
-    مېنىڭدە موشۇ رومالدىن باشقا نەرسە يوق ئىدى.بۇنىمۇ ئايالىمغا ئالغاچ كەلگەن .ئەگەر خالىسىڭىز ئۆيگە كىرىڭ ،مەن سىزگە تېخىمۇ ياخشى نەرسىدىن سەدىقە بىرەي ،-دەپتۇدەك.
بىراق ھېلىقى كىشى پەقەت ئاشۇ رومالنى ئالىدىغانلىقىنى ،ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق نەرسىنىڭ لازىم ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ تۇرىۋالغۇدەك .ئامالسىز قالغان ھاشىم ئاكا ھېلىقى رومالنى ئۇ كىشىگە بىرىپتۇدەك . ئۇ كىشى رومالنى ئېلىپلا:
-    ئەي ئاقكۆڭۈل ئىنسان ، بۇ دۇنيالىقتا بارلىق ئارزۇ –ئارمانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشسۇن ، تاپقىنىڭ كۆپىيىپ بارسۇن . سېخىي ئالقىنىڭنىڭ مەرھەمىتىنى ئەلدىن ئايىما ! –دەپلا يوقاپ كىتىپتۇدەك. ئۇنىڭغىچە ھاشىم ئاكا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي ھويلىغا شۇنداقلا كېرىشىگە بىر كىچىك بالا :«دادا، قاچان كەلدىڭ ،ئاپا،دادام كەلدى »دەپ ھاشىم ئاكىنىڭ بويىنىغا ئېسىلىپتۇدەك...»
ھاشىم ئاكا ئەنە شۇ چۈشىنى يەنە بىر قىتىم ئەسلەپ چىقتى. توۋۋا، كونىلار:«سەھەردە كۆرگەن چۈش بولغۇسى ئىشلارنىڭ ئالدىن بېشارىتى »دەيدىغان .مانا ، ھە دېگەندىلا بېشارەت بولغىلى تۇردى. «ئاپلا ، ھېلىقى كىشىنى نېمىشقىمۇ ئۆيگە باشلىمىغاندىمەن. ياكى ئۇنىڭ ئۆيىگە بىرىپ بالىسىنى يوقلاپ كەلگەن بولسامچۇ؟ » ئۇ شۇنداق دەپلا دەرھال كەينىگە ياندى. ئىتتىك قەدەملەر بىلەن مەسچىت ئالدىغا كەلگەن ھاشىم ئاكا ئۇياق –بۇياققا قارىدى .ھېچكىم يوق . ئۇنىڭغىچە مەسچىت مەزىنى مەستىچتتىن چىقىپ قالدى.
-    ھوي ھاشىم ،بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن ؟
-    مەن شۇ ، بايىقى دېۋانىنى ئىزدەپ كەلگەن . – ھاشىم دۇدۇقلاپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى.
-    قايسى دېۋانىنى دەيسەن .بۇ يەردە نەدىمۇ دېۋانە بولسۇن . مەنمۇ يانغان ،لىكىن ئالدىراشچىلىقتا بىر پۇتۇمغا كالاچنى كىيمەيلا مېڭىپتىمەن . شۇڭا ئالدىراپ يېنىپ كەلگەن ئىدىم.
ھاشىم ئاكا باشقا ھېچنىمە دېمىدى. شۇندىلا ئۇ چۈشتىن ئويغانغاندەك تېز قەدەملەر بىلەن بۇيەردىن ئايرىلىپ ئۆيىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
ئۇ ئۆيگە كەلگەندە خەلچىخان ئەتىگەندەك تاماققا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ھاشىم ئاكا قايتىدىن قولىنى يۇيۇپ ، دەستىخانغا كەلدى.
-    قارا خەلچىخان ، - ئۇ تۇرۇپلا خەلچىخانغا دېمەكچى بولغان چۈشىنى دېمىدى، - مۇنداق ئويلاۋاتىمەن ،دادام ئاپاملارنىڭ تۈگىگىنىمۇ نەچچە يىل بولدى. شۇ چاققىچە قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە نەزىر –چىراق ئۆتكۈزۈپ كەلدۇق. لىكىن بەكمۇ ئاددىي قىلدۇق. ھازىر ئەھۋالىمىز بۇرۇنقىدىن ياخشى .شۇڭا مۇشۇ جۈمە كۈنى چوڭراق قىلىپ بىر نەزىر بىرەيمىكىن دەيمەن .بۇنىڭغا نېمە دەيسەن .
خەلچىخان ئۇنىڭغا قاراپ قويدى. نېمىشقىدۇر ئۇنىڭمۇ كۆڭلى جايىدا ئەمەس ئىدى. ئەتىگەن ئۇ ھاشىمنىڭ كەيپىياتىغا قاراپ نېمە بولغانلىقىنى بىلمەي ئۇنىڭ ئېغىزىدىن نېمە چىقاركىن دەپ ھەر خىل خىياللار بىلەن تۇراتتى. مانا ئۆي تۇتۇپ 15يىل ئۆتتى. بۇ جەرياندا بالا توغمىغانلىقىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئۇ ھاشىمنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ،سۈيىدە ئاقتى. ھاشىممۇ دەسلەپ ئۇنى توغمىدىڭ دەپ ئۇردى. قويىۋەتمەكچىمۇ بولدى. بىراق ئاتا –ئانىسىنىڭ نەسىھىتى بىلەن داۋاملىق ئۆي تۇتۇپ قالغانىدى. دېمىسىمۇ ئۆزى ئوڭلۇق ، چىرايلىق ،قولى گۇل بۇنداق كىلىندىن قايسى بىر ئاتا –ئانىنىڭ ئايرىلغۇسى كىلىدۇ. بىراق ، بالا توغۇلمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ كۆڭلى ھەركۈنى دېگەندەك دەككە –دۈككىدە . ئۇلارنىڭ تەڭتۈشلىرى خۇددىي بىر –بىرى بىلەن بەسلەشكەندەك بالىلىق بولۇشقا باشلىدى. بەزىدە كىشى :«مۇشۇ سەھرا ئاياللىرى خاس توغۇشقىلا يارالغانمىكى دەپ قالىدۇ .».دېمىسىمۇ شەھەردىكىلەرنىڭكىدەك كىچىسى چىقىپ ئايلىنىىغان بازىرى ،ياكى كىنوخانىسى يوق بولغاچقىمىكىن كەچكىچە ئىشلەپ كەچتە بالدۇرلا يېتىپ قېلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قىززىقچىلىقتا نەچچە يىلدىلا  ئۆزلىرىمۇ بىلمەيلا نەچچە بالىغا ئاتا –ئانا بولۇپ قېلىشىدۇ. تېخى تونۇگۇنلا لاي –توپىغا مېلىشىپ يۈرگەنلەرنى بىركۈنلەرگە كەلگەندە چوڭلا بولۇپ قالغىنىنى ، قىز بالا بولسا تارتىنىپ قىزلارغا خاس ھال كىرگىنىنى ،ئوغۇللارنىڭ بۇرۇتلىرىنىڭ خەت تارتقىنىنى كۆرىسەن. ھاشىم بىلەن خەلچىخان دوست –ئاغىنلىرىنىڭ قانچىلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ سۈننەت  توي ، قىزتوي ،ئوغۇل توي ۋە باشقا ئۇسۇلدىكى تويلىرىغا قاتناشقانلىقىنى بىلمەيدۇ. بۇ تويلار باشقىلار ئۈچۈن خوشاللىق بولغىنى بىلەن ھاشىم بىلەن خەلچىخان ئۈچۈن ئازابلىق بىر ئىش .بولۇپمۇ خەلچىخان ھەر قىتىم دوستلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق مەرىكىلىرىگە بىرىپ كەلگەندىن كىيىن نەچچە كۈنگىچە قويغان –تۇتقىنىنى بىلمەي يۈرىدۇ. ھاشىممۇ بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭغا ئارتۇقچە گەپ قىلمايدۇ. گەرچە ھاشىم ھازىر بۇرۇنقىدىن ئۆزگەرگەن ،خەلچىخاننى ئۇرمايدىغان، ھالىغا يېتىدىغان بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ قەلبىدىكى بالىغا بولغان مېھىر كۈندىن –كۈنگە كۈچەيسە كۈچەيدىكى سۇسلاپ قالغىنى يوق .
ئۇلار ھېلىقى پاراڭ بولۇنغان كۈندىن باشلاپ رەسىمىي تەييارلىققا چۈشتى. پەيشەمبە كۈنىگىچە بارلىق تەييارلىقلارنى تەل قىلدى. ھاشىم ئىنىسى قاسىم بىلەن سويىدىغانغا مال ئېلىش ئۈچۈن شەھەرگە كەتتى. قاسىم بۇ ئىشلارنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ بىراق ئاكىسىغا چىش يىرىپ بىر نەرسە دىيەلمىدى. كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ئاكىسىنىڭ ئېغىزىغا قاراپ ئۈگەنگەن قاسىم ھازىربىر قانچە بالىنىڭ ئاتىسى بولغان بولسىمۇ بىراق ئاكىسى ئالدىدا يەنىلا بۇرۇنقى ھالىتىدە . ئاكىسى بىرنى دەپ بولغىچە «لەببەي»دەپ تۇرىدۇ.
ئۇلار كەچتە يوغان كالىدىن بىرنى ھەيدەپ كىرىپ كېلىشتى. ھەممە تەييارلىقلار تەل بولدى. ئۇلار يۇرتقا باغاق تارقاتتى. جۈمەكۈنى ھاشىم ئاكا ئائىلىسدە يۈرت بويىچە چوڭ نەزىر ئۆتكۈزۈلدى.
شۇ ئىشلاربولۇپ بىر يىرىم يىل بولغان بىركۈنىدە خەلچىخان كۈندىلىك ئادىتى بويىچە تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتاتتى، ئۆيدەتاتلىق ماي تۈگىگەچكە ئۇ ئالدى بىلەن قازانغا ماي قويدى. بىر چاغدا ئۇنىڭ كۆڭلى ئېلىشقاندەك قىلدى. ئۇ دەرھال ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى. قۇرۇق ھۆ قىلىپ كەتتى. نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي جايغىلا ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭغىچە تۇز سوراپ كىرگەن قوشنا ئايال بۇسارەم بۇ ھالنى كۆرۈپ نېمىنىدۇر كۆڭلىگە كەلگەندەك ئۇنى يۆلەپ ئۆيىگە ئېلىپ كىردى.بىراق ئويلىغىنىنى خەلچىخانغا دېمىدى. ئۇنى ئۆمىدلەندۇرۇپ قويۇشنى خالىمىدى. كەچتە بۇسارەم بۇ ئەھۋالىنى ھاشىمنى چاقىرىپ چىقىپ ئىيتتى. ھاشىم خوشاللىقىدا ئەتىسى خەلچىخاننى ئۇنىمىغىنىغا قويماي يېزىلىق دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدى. دوختۇر تەكشۈرۈپ كۆرۈپ خەلچىخاننىڭ ھامىلدار بولغانلىقىنى لىكىن سالامەتلىكىنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكىنى ئوبدان كۈتىنىش لازىملىقىنى ئيېتتى. خوشاللىقىدا نېمە دېيىشىنى  بىلمەي قالغان ھاشىم ئاكا خەلچىخاننى كۆتۈرگىنىچە دوختۇرنىڭ ئالدىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى . خەلچىخان قانچە قىتىم ئۇنىڭ قۇچىقىدىن چۈشۈپ كىتىشىنى ئيېتقان بولسىمۇ بىراق ھاشىم ئۇنى شۇ كۆتۈرگىنىچە ئۆيىگىلا ئېلىپ كەلدى. مانا شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆينىڭ بارلىق ئېغىر –يېنىك ئىشلىرىنى ھاشىم ئۈستىگە ئالدى . ئۇ ھەتتا خەلچىخاننى ھاجەتخانىغىمۇ ئۆزى ئېلىپ چىقتى. بۇ ئىشلار باشقىلار ئۈچۈن ئارتۇقچە ،كۈلكىلىك تۇيۇلسىمۇ بىراق ھاشىم ئاكا ئۈچۈن ئاجايىپ بىر خوشاللىق ئىدى. ئۇلار ئەنە شۇنداق كۈن ساناپ توققۇز ئاينى ئۆتكۈزگەن بىر كۈنى تاڭ سەھەرلىكى  يەكپايلار مەھەللىسىدە بىر بۇۋاقنىڭ بوغۇلۇپ يېغىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى. شۇ ئىش ئۆتۈپ بىر ھەپتە بولغاندا ھېلىقى «ئەرۋاھلار كوچىسى»دىمۇ ئوخشاشلا بىر بۇۋاقنىڭ ئىنچىگە يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
                                                                            ‹2›
يېزىنىڭ جەنۇبى تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان «ئەرۋاھلار كوچىسى »دەپ نامى بار بۇ مەھەللە يېزا تەۋەسىدىكى ئۆزگىچە بىر مەھەللە ئىدى. ئۇلار شۇ نامنى ئېلىشتىن ئىلگىرى كىشىلەر بۇ مەھەللىنى ھەم بۇ مەھەللىلىكلەرنى «ۋىتناملىقلار »دەپ ئاتايتتى. سەۋەبى بۇ مەھەللە يېزىنىڭ سەل چېتىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى ئۇلارغا ئۇدۇم بولۇپ قالغانلىقتىنمۇ بازار مەركىزىدىكىلەر بىلەن پەرقلىنىپ تۇراتتى. بولۇپمۇ يېزا تەۋەسىدىكى ئوغرى ،لۆكچەكلەر ئاساسەن مۇشۇ مەھەللە تەۋەسىدىن كۆپرەك بولۇپ، يۇرتتا بىرەرسىنىڭ بىرەر نەرسىسى يۈتسە ئۇلار ھېچ ئىككىلەنمەيلا مۇشۇ مەھەللىلىك قايسىدۇر بىرلىرىدىن گۇمان قىلاتتى. «يالغاننى ئېيتىۋەرسە بىر كۈنلەردە راستقا ئايلىنىدۇ »دېگەندەك بىر كۈنلەرگە كىلىپ ئۇلارنىڭ شۇ پەرىزى توغرا چىقىپ قالاتتى. مەكتەپلەردىمۇ مۇشۇ تەۋەدىن كەلگەن بالىلار ئەڭ مۇرەككەپ بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارمۇ قاقشايتتى. قايسىدۇر بىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇش پۇلى تاپشۇرمىغان بىر بالىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى دەپ ئائىلە سۆھبىتىگە بىرىپ ، كالا قوتىنىغا بىر كۈن سولاپ قويۇلغانلىقى ، بۇ مەھەللىدىكى بىرىنىڭ قىزىنى ئىلىپ قاچقان بىر يېگىتنىڭ يالىڭاچ پىتى كوچىدىكى دەرەخكە بىر كۈن باغلاپ قويۇلغانلىقىنى ھەممە بىلەتتى. شۇڭا كىشىلەر ئاسانلىقچە بۇ مەھەللىدىكىلەر بىلەن باردى –كەلدى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. ھېلىقى مەزگىللەردىكى قەبرە كۆچۈرۈش ئىشىدىمۇ ۋىتناملىقلار يەنىلا باشقىلاردىن ئۈستۈن كەلدى. شۇلار قەبرىستانلىقتىكى ئىگىسىز قەبرىلەرنى ئۆز ئالدىغا ئىگەللىۋالدى. ھەتتا باشقا مەھەللىدىكىلەربىلەن قەبرە تالىشىپ باش –كۆزمۇ يىرىشتى.يېزا بويىچە مۇشۇ تۈردە ئەڭ كۆپ «مۇكاپات »ئالغانلارمۇ مۇشۇ مەھەللىلىكلەر ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ئۇلارغا «ئەرۋاھلار كوچىسى »دەپ نام قويىۋىلىشتى. ئاڭلىساق ئۇلار بۇ نامدىن پەخىرلىنىپ يۈرەرمىش . بۇ مەھەللىدىكىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ يېزىلىق پەيچىسۇدا يېزىمى بار بولۇپ ،ئۇلار ئۇ يەرنىڭ دائىملىق مېھمانلىرى ئىدى. بۇ توغۇرسىدا مۇنداق بىر قىزىقارلىق ھېكايىمۇ بار .
شۇ مەھەللىلىك مەمەت تاز دېگەن بىرى يۈرت ئىچىدە داڭقى بار ئوغرىلارنىڭ بىرى. ئىلگىرى –ئاخىرى بولۇپ تۈرمىگە بىر قانچە قىتىم كىرىپ چىقتى. بالىلىرى ئۆيلىنىپ ،نەۋرىلىرى ئىڭەككە تاقاشقان بولسىمۇ بىراق مەمەت تاز يامان خۇيىدىن قالمىدى. بىر قىتىم يەنە بىر مەھەللىدىكى بىرەيلەينىڭ ئوغۇل تويى بولدى. ئۇلار كەچتە ئەتىكى توي ئۈچۈن بىر قوينىڭ گوشىنى ئايرىم پىشۇرۇپ قازىناق ئۆيگە ئەكىرىپ قويدى. شۇ كەچتە مەمەت تازمۇ شۇ يەردە بار ئىدى. كىچىدە ئۇ ھېلىقى بىر قوينىڭ گوشىنى تەڭنىگە پارچىلاپ تاشلاپ قويغان يىرىدىنلا ئوغۇرلاپ كەتتى. ئەتىسى ئۇلار ئاشنى تەييار قىلىپ قارىسا گوش يوق .ئامال يوق بىر مېھمانلارغا قۇرۇق ئاش تارتقانىدى.بۇ ئىش كىيىن يەنە شۇ مەمەت تاز ئۆزى تەرىپىدىن ئاشكارلاندى. لىكىن ئۆي ئىگىسى نېمىمۇ دېيەلىسۇن! ئامال يوق لىۋىنى چىشلەپ قالدى.
كالا ئوغۇرلاش سەۋەبى بىلەن ئۈچ يىللىق كىسىلىپ كەتكەن مەمەت تازنىڭ قويۇپ بىرىلىش ۋاقتى توشقان كۈنى تۈرمە باشلىقى ئۇنىڭغا :«مەمەت ئاكا ۋاقتىڭ بۈگۈن توشتى. سەنمۇ ياش جەھەتتە چوڭىيىپ قالدىڭ،بالىلىرىڭمۇ چوڭ بولۇپ قاپتۇ.ئۇلارغىمۇ سەت.شۇڭا بۇ ئىشنى تاشلا.بولدى ئەمدى نەرسىلىرىڭنى يېغىشتۇرۇپ بۇ ياققا چىق»دېسە مەمەت تاز تۈرمە باشلىقىقا قاراپ ھېجىيىپ تۇرۇپ :« باشلىق ، مۇشۇ يوتقان –كۆرپىنى قويۇپ قويسام قانداق دەيسىز ؟ »دەپتۇ. تۈرمە باشلىقى نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىغاندا ئۇ تاز نومۇس قىلمايلا :
-    يەنە ئاز كۈندىن كىيىن بەرىبىر كىلىمەن ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ئاۋارە بولۇپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن مۇشۇ يەردىلا تۇرۇپ تۇرسۇن ، -دەپتۇ.
تۈرمە باشلىقىنىڭ ئاچچىقى كەپتۇ.ئەسىلىدە ئۆيىگە ئېلىپ چىقىپ قويۇشنى نىيەت قىلغان ئىكەن .شۇ ئاچچىقىدا لاقا –لۇقىسىنى دۈمبىسىگە ئارتىپ يېزىغا قارىتىپ پىيادىلا قويىۋىتىپتۇ.
ئىلگىرى مەدىنيەت زور ئىنقىلابىي مەزگىلىدە يېزىلارغا زىيالى بولۇپ چۈشكەن كىشىلەرنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان مەخسۇم ئاشپەز بۇ مەھەللىدىكى ئۆزگىچە بىر ئىنسان . ئاتا –ئانىسىنىڭ ئەينى يىللىرىدىكى كادىر ئىكەنلىكىدىنمۇ ياكى مەخسۇم ئاشپەزنىڭ ئاشپەزلىك ھۆنىرى بولغانلىقتىنمۇ باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.مەھەللىدىكىلەرمۇ ،ھەتتا پۈتۈن يېزا تەۋەسىدە ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمايدىغان بىر مۇ كىشى يوق.
ئەينى يىللىرى ئۇنىڭ ئاتا –ئانىسى يېزىغا زىيالى ياش بولۇپ چۈشكەنلەردىن ئىدى. كىيىن ئۇلار بۇ يەرگە يەرلىكلىشىپ قالدى. نەچچە بالىلىق بولدى. ھازىر ئۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ مۇشۇ يەرگە ماكانلىشىپ بۇ قوينى كەڭ زىمىنغا يىلتىز تارتىپ قالدى.
مەخسۇم بالا ۋاقتىدىن باشلاپلا تېرىشچان ،ئەقىللىق بالا ئىدى. ئۇ تولۇق ئوتتۇرا يىللىققىچە ئوقۇدى. كىيىن مەكتەپتىن چىقىۋىلىپ ئائىلىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغاقاراشتى. دادىسى قادىر ئاكا ئۆز نۆۋىتىدە ئۇستا ئاشپەز ئىدى. كوممۇنا مەزگىلىدە كوممۇنا ئاشخانىسىدىمۇ بىر مەزگىل ئىشلىگەن بۇمۇ ئۇنىڭغا ئاتا كەسىپ ئىدى. كىيىن مەخسۇممۇ دادىسىنىڭ شۇ ھۆنىرىنى ئۈگەندى.
مانا ئارىدىن نۇرغۇن يىل ئۆتتى. بۇ يىللاردا ئۇنىڭ قولى بىلەن ئىتىلگەن ئاش بىلەن بولۇنغان تويلا ر ، نەزىر –چىراقلار ئاز ئەمەس. شۇڭىمۇ ھەممە ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدۇ. مەخسۇم ئاشپەز قورامىغا يېتىپ مۇشۇ يېزا تەۋەسىدىكى خىلى يېگىتلەرنىڭ كۆڭلىگە ئوت سالغان گۈلسۈم ئىسىملىك بىر قىز بىلەن تۇرمۇش قۇردى. ھە دېگەندە ئۇلارنىڭ تورمۇشى بەخت ئىچىدە ئۆتتى. يىللار بىر –بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتىۋەردى. ئۇلارمۇ ھەش –پەش دېگۈچە تۆت قىزغا ئاتا –ئانا بولۇپ قالدى. مەخسۇم ئاشپەز بىرەر پەرزەنتىنىڭ ئوغۇل بولۇشىنى قانچە ئارزۇ قىلغان بىلەنمۇ بىراق ئۇنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماي ئارزۇ پىتى تۇرىۋەردى. شۇڭىمۇ ئۇ پات –پات ئايالىغا كايىپ قوياتتى.
-    باشقا خوتۇنلار ئوغۇل دېگەننى ئايىماي توغىدىكەن . ساڭا كەلگەندە سان تۈشۈپ كىتەمدۇ بىلمىدىم ساپلا تۇققىنىڭ قىز ،-دەيتتى ئۇ.
-    بۇ گەپنى ماڭا دېمەي ئۆزلىرىگە دېسىلە ،- گۈلسۈممۇ بوش كەلمەيتتى ،- نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن دەيدىغان ، ئۆزلىرىنىڭ بارى شۇ.
-    سەنمۇ شۇ كەچكىچە قىز بالىنىڭ كىيىمىنى تىكىپ ئولتۇرماي مانداق ئوغۇل بالىغا لازىملىق «شۈمەك»دېگەندەك نەرسىلەرنى يىققان بولساڭ ئوغول تۇغاتتىك .
-    توۋا دېسىلە دادىسى ، قىز بالىمۇ بالا.ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان پەرزەنتى .بالىسىز يۈرگەنلەرمۇ كۆپ .ئۇلارغا قارىغاندا مىڭ قەتلى شۈكرى دېسەك بولىدۇ.
ئۇلار ئەنە شۇنداق ئانچە ئېغىر بولمىغان شەكىلدە تەگىشىپمۇ قالاتتى. شۇ يىللاردا چوڭ قىزى ياتلىق بولۇپ چىقىپ كەتتى. يەنە بىر يىلدىن كىيىن كەينىدىكىسىمۇ ئۇچۇم بولدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە گۈلسۈم ئۆزىدە بىر خىل ھالەتنى سىزىپ قالدى. «توۋۋا ،قىرىغاندا نېمە سەتچىلىك »دەپ ئويلاتتى ئۇ. ئۇ ئاخىرى بۇ ئىشنى مەخسۇمغا دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان مەخسۇم خوشاللىقىدىن بېشى كۆككە يەتكۈدەك بولدى.بىراق گۈلسۈم :« قىزىم بىلەن تەڭ تۇغۇپ يۈرەمدىم ،بۇ ماڭا نېمە سەتچىلىك ئەمدى »دەپ بالىنى ئالدۇرۋەتمەكچى بولدى. بىراق مەخسۇم ئاشپەز ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلا ئەمەس ئىدى. ئۇ ياراتقۇچىنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە ئۆزىگە پاقلاندەك بىر ئوغۇل ئاتا قىلىدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنەتتى. شۇڭا ئۇ قەتئى قارشى تۇردى. ھەتتا ئەگەر شۇنداق قىلسا ئاجىرشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قورقاق سالدى. ئامالسىز قالغان گۈلسۈم تالا –تۈزگىمۇ چىقماي كۈنلىرىنى ئۆيىدە ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.
بۇ كۈنلەردە يەنىلا ئەڭ خوشال بولغىنى مەخسۇم ئىدى. ئۇ كۇيئوغۇل ۋە قۇدىلىرىنىڭ زاڭلىق ئارىلاش گەپلىرىگىمۇ قۇلاق سالمىدى. مەھەللىدىكى كىچىك ئوغۇللارنى تۈرلۈك تاتلىق –تۇرۇملارنى بىرىپ ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ گۈلسۈمنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ قوياتتى. ئوغۇل بالىغا لايىق بولغان نەرسىلەرنى يېغىپ ئۆينىڭ ئۇدۇل كەلگەن يىرىگە ئاساتتى. گۈلسۈم ئۇنىڭ قىلىقلىرىغا قاراپ بەزىدە كۈلسە بەزىدە ئىچى ئاغرىپمۇ قالاتتى.
كەچ كۈزنىڭ بىر ئەتىگىنى گۈلسۈمنىڭ تويۇقسىز تولغىقى تۇتتى. نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالغان مەخسۇم قوشنا ئايال مەرەمنىساخاننى چاقىردى. مەرەمنىسا خان بۇنداق ئىشلارغا كۆنۈك بولۇپ ، كىرەكلىك نەرسىلەرنى مەخسۇمغا تەييارلاتتى. مەخسۇم ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ تىت –تىت بولماقتا. كۆككە قاراپ ئۇنسىز ئىلتىجا قىلماقتائىدى. بىر چاغدا ئۆيدىن ئىنچىگە ئاۋازدا بۇۋاقنىڭ يېغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇنىڭغىچە ئۆيدىن مەرەمنىسا چىقىپ كەلدى.
-موبارەك بولسۇن مەخسۇم ، يەنە بىر قىزغا ئاتا بولدىلا!
مەخسۇم ئاشپەزنىڭ بېشىدىن بىر قاپاق سۇ تۆكۈلگەندەك ئەندىكىپ كەتتى. نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان قىلغانلىرىنىڭ نەتىجىسىز بولغانلىقىدىن ئىچى ئېتىشتى.كىملەنىدۇر تىللىدى. ئۇ ئالدىغا كەلگەن ئىتنى بىرنى تەپتىدە ، باغلاقلىق ئاتنى مىنگەن پىتى چاپتۇرۇپ قاياققىدۇر كەتتى.
ئۇ شۇ كەتكىنىچە بىر كۈندىن كىيىن خۇددىي روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك قايتىپ كەلدى. لىكىن نېمىشقىدۇر ئۇ ئايالىغا كايىمىدى. ئايالىمۇ ئۇنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمىدى.ئۇمۇ دېمىدى.
شۇ ئىشتىن كىيىن ئۇنىڭدا تۇپتىن ئۆزگىرىش بولدى. ئىلگىرى قىز بالا دەپ بالىلىرىغا قىلغانلىرىدىن، ئايالىغا ئازار بەرگەنلىكىدىن پۇشايمان قىلىپ ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ھالىغا يېتىدىغان بولدى. بۇ بىر سىر بولۇپ قالدى.
كىيىن مەھەللدىكىلەر بۇ ئىش توغۇرسىدا :« مەخسۇمنىڭ ھېلىقى قىتىم ئات چاپتۇرۇپ چىقىپ كىتىپ ، يارباققا بارغانلىقى ،ئۇ يەردە ئاتتىن چۈشۈپ ئۇخلاپ قىلىپ بىرچۈش كۆرگەنلىكى ،چۈشىدە ئاق ساقاللىق بىر بۇۋاينى كۆرگەنلىكى ھەم ئۇ بۇۋاي بىلەن مەخسۇم ئوتتۇرىسىدا بۇلۇنغان بىر قىسىم گەپلەرنى تارقىتىپ يۈرۈشتى.» لىكىن بۇ ئىشلارنىڭ راست يالغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.  

                                                                                           ‹3›
ئىلگىرى شەھەرلەردە باشلانغان زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى بولمىش تېلۋۇزۇر ،رادىئۇ ، كومپىيۇتىر قاتارلىق ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىلىرى يېزىلارغىمۇ قەدەم تاشلىغاندىن بۇيان ئۇزۇن مەزگىل ئۆزىنىڭ پاك ھالىتى ساقلاپ كەلگەن ئانا يۇرت تەۋەسىدىكى  بۇ قەدىمىي يېزىدىمۇ ئالامچە ئۆزگىرىشلەر بولماقتا ئىدى. ئەڭ ئاددىسى مۇشۇ يىڭى توغۇلغان بالىغا  ئىسىم قويۇش مەسىلىسىدىمۇ زور بورۇلۇش ھاسىل بولغان بولۇپ ،ئىلگىرىكى ئاتا –بۇۋىلىرىمىز ئارزۇلىغان، ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان ئىسىملارنىڭ ئورنىغا قانداقتۇر غەرپ كىنولىرىدىكى بىر قىسىم باش پىرسۇناژلار ئالماشماقتا ئىدى. خۇددىي سەندىن مەن قالامدىم دېگەندەك قىلىپ، بۇ ئىشلار تەرەققىي قىلسا قىلدىكى سۇسلاپ قالمىدى.مۇشۇ سەۋەپتىن ئەر بىلەن ئايال ، قۇدىلار ئارا ئاز بولمىغان ئۇقۇشماسلىقلار ،كۆڭۈل ئازارىچىلىقلىرى بولۇپ ئۆتتى. بىراق ھېچكىممۇ بۇنىڭ توغرا- خاتاسىنى ئايرىپ ئولتۇرمىدى. بالىلىرىغا ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ قويۇلغان «مەمىتاخۇن ، سەمىتاخۇن ، ئابدۇللا، تۇداخۇن ، مۇھەممەت »دېگەندەك ئىسىملار «مەتۇ»بولدى. پەقەت مۇشۇ يېزا تەۋەسىدىلا « شاھزاد »ئىسىملىك ئوغۇلدىن تۆتى بار. قايسى بىرى شەھەرگە بىر كىرىپ چىققان باھانە بىلەن توغۇلغان بالىسىغا «ۋىنىرا »دەپ ئىسىم قويدى. توۋۋا، ھازىرغۇ بۇنداق ئاتىسا ھېچنىمە بولماس. بىراق قىرىغاندا «ۋىنىرا موما»دېسە قانداقمۇ ئاڭلىنار ؟ خەنجەر ، فىردۇن ، شاھرۇخ ... ئىراق –ئامرىكا ئۇرۇشى پارتلىغاندا بىرى تېخى بالىسىغا «سادام »دەپ ئات قويۇپمۇ ئۈلگۈردى . يەنە بىر مەزگىللەردىن كىيىن بەلكىم «بوش ، ساچىرخانىم ، كىلنتۇن»دېگەنلەرمۇ مودا بولۇشى مومكىن.
ھاشىم ئاكا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بىر ئوغۇل پەرزەنت يۈزى كۆردى. بۇنىڭدىن بېشى كۆككە تاقاشقۇدەك بولغان ھاشىم ئوغلى دۇنياغا كۆز ئېچىپ ، قىرىق كۈن بولغاندا مەھەللىدىكىلەرگە چوڭ توي بەردى. ئوغلىنىڭ ئەقىللىق ،زىرەك بالا بولۇشىنى ئۆمىد قىلىپ ئۇلارمۇبالىغا ھەم ئۆزلىرىنىڭ خالىس نىيىتىنى ئاساس قىلىپ ھەم زامانىۋى قىلىپ  «سەزگۈر»دەپ ئىسىم قويۇشتى.
سەزگۈرنىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىشى بۇ ئائىلىگە خوشاللىق ئېلىپ كەلدى. ھاشىم ئاكا مەسچىتتىن يىنىپلا ئۆيىگە ئالدىرايتتى. ئادەتتە باشقا ئىشى بولمىسا ئۆيدىنمۇ چىقمايتتى. ئۇلار ئەنە شۇنداق بالىنىڭ ئۆتىدىن چىقىپ ،سۈيىدە ئېقىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۆز تەككەندەكلا بالا قاتتىق ئاغرىپ قالدى.
بۇ دەل كۈز مەزگىلى ئىدى. بىر كۈن كەچ ھاشىم ئاكا ئېتىزغا سۇ تۇتقىلى بارماقچى بولدى. ئۇ خەلچىخاننىڭ قورقۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، قاسىمنىڭ بالىسىنى ئەكىلىپ قويماقچى بولدى. بىراق خەلچىخان ئۇلارنى ئاۋارە قىلماسلىقنى ئېيتىپ ئۇنىمىدى.
ئامالسىز قالغان ھاشىم ئاكا قانداقتۇر بىر ئايەتلەرنى ئوقۇپ ،بالىغا ۋە تۆت ئەتراپقا «سۈپ –سۈپ»لەپ قويدى. تاتلىق ئۇخلاۋاتقان سەزگۈرنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ قويۇپ، كەتمىنىنى ئېلىپ ئېتىزغا چىقىپ كەتتى.
تېخى بايىلا ئوچۇق تۇرغان ھاۋا بىردىنلا ئۆزگىرىپ ،ئاسماننى قارا بۇلۇپ قاپلىدى. ئارقىدىن قاتتىق شامال چىقىشقا باشلىدى. خەلچىخان ئىرى ھاشىمدىن ئەنسىرەپ ، ھويلىغا چىقىپ ئاسمانغا قارىدى. پۈتۈن ئەتراپ خۇددىي قازاننى دۈم كۆمتۈرۈپ قويغاندەكلا قاراڭغۇ . شامال چىقماقتا . ئەتراپتىن قاتتىق گۇركىرىگەن ، شاراقلىغان ئاۋازلار كىلەتتى. خەلچىخان ئۆيگە كىرىپ ،كاڭ ئۈستىگە سىلىنغان كورپىدە تاتلىق ئۇخلاۋاتقان سەزگۈرنىڭ بېشىدا قاراپ ئولتۇردى. بىر چاغدا «قاراس –قۇرۇس »قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا چاقماق چىقىلدى. كۈچلۈك شامال تەسىرىدىن دىرىزە قاپقىقى «تاراققىدە »قىلىپ ئېچىلىپ كەتتى. قورقۇپ كەتكەن خەلچىخان «ۋاي ئانام! »دەپ توۋلاپ سالدى. ئۇنىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئۇيغۇنۇپ كەتكەن سەزگۈرمۇ ئۇيغۇنۇپ يېغلاشقا باشلىدى. بىرچاغدا تويۇقسىز «گۇلدۇر »قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا قويلارنىڭ مەرىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. خەلچىخان قوتاننىڭ ئىشىكىنى ياپقان –ياپمىغانلىقىنى ئويلىدى. ئۇ دەرھال بالىنى قويۇپ سىرتقا يۈگۈردى. تالادا يامغۇر چىلەكلەپ قويغاندەك يېغىۋاتاتتى. ھويلىدا قويلار قالايمىغان مەرىشىپ يۈرەتتى. خەلچىخان قويلارنى  ھەيدەپ ئاران دېگەندە قوتانغا سولىدى .سىرتىدىن قۇلۇپلاپ بولۇپ، ئۆيىگە يېنىپ كىردى. ئۇ شۇندىلا بايىقى دەككە –دۈككىچىلىك ئىچىدە ھەتتا ئۆينىڭ ئىشىكىنىمۇ ياپمىغانلىقىنى كۆردى. ئۇ ئالدىراپ ئۆيگە كىردى. بۇ چاغدا سەزگۈر تولا يېغلاپ تېلىقىپ قالغان بولۇپ چىرايى ئاپئاق تاتىرىپ كەتكەنىدى. خەلچىخان ئۇنى باغرىغا باستى. بىراق سەزگۈرنىڭ چىرايى تۇرۇپلا تاتىرىپ كەتتى.ئارقىدىن كۆزلىرى ئارقىسىغا تارتىشقاندەك بولدى. قورقۇپ كەتكەن خەلچىخان «ئاھ بالام! »دېگىنىچە بالىنى باغرىغا بېسىپ يېغلاپ كەتتى.
بىر چاغدا ئىشىك تۈۋىدە ھاشىمنىڭ گەۋدىسى كۆرۈندى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى لاي-لاتقىغا مېلىنىپ كەتكەن بولۇپ ، ھازىرلا يەر ئاستىدىن قىزىۋىلىنغاندەك تۇراتتى. ئۇمۇ ئۆزىنى ئانا –بالىغا ئاتتى...
مىڭبىر بالالىقتا تاڭنى ئاتقۇزغان ھاشىم ئاكا ئەتىگەندىلا بالىنى دوختۇرغا ئېلىپ كەلدى. دوختۇرلار بالىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ بالىغا سوغۇق ئۆتكەن دەپ دېئاگنۇر قويۇپ دورا بەردى ،ئاسما ئېسىشتى. بىراق بۇ كۈنى سەزگۈر يەنىلا ئېسىگە كىلەلمىدى. ئۇلار ساق بىر كىچە بالىنىڭ ئەتراپىدا پايپىتەك بولۇشتى.ئەتىسى چۈش بىلەن بالا سەل ئېسىگە كەلدى. خەلچىخان خۇشاللىقىدا سېستىرا قىزنى قۇچاقلاپ يېغلاپ كەتتى.
ئۇلار دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن چوڭلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بالىنى مەھەللىدىكى بۇۋىخان دەللىگە ئاشلاتتى. بۇۋىخان دەللە قانداقتۇر «يەتتە يەردىن ئىلىپ كېلىنگەن نەرسىلەر »بىلەن بالىنى ئاشلىدى. ئۇنىڭغا كۆز تەگمەسلىكنى نىشان قىلىپ جىلىتكىسىگە مونچاق ئاستى.
شۇ ئىشتىن كىيىن ھاشىم ھەر قانداق ئىش بولسىمۇ خەلچىخان ۋە ئوغلىنى يالغۇز تاشلىماس بولدى. سەزگۈرمۇ ئاستا –ئاستا چوڭ بولۇپ ئالتە ياشقا قەدەم قويدى.
ئۇلار شۇ كۈنلەردە يۈرتقا چوڭ توي بىرىپ سەزگۈرنىڭ سۈننەت تويىنى قىلدى. ئۆمۈر بويى باشقىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ مەرىكىلىرىگە قاتنىشىپ يۈرۈپ ،لەۋ يالاپ كەلگەن ھاشىم بىلەن خەلچىخان شۇكۈنى مەغرۇر ھالدا مەھەللدىكى ئوغلاقچىلارغا ئوغلاق تاشلىدى.
مانا شۇ ئىشلارنىڭ بولغىنىغىمۇ 10يىل بولدى. سەزگۈرمۇ ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇ ھەر قىتىم مەكتەپتىن دەپتەر ،قەلەم مۇكاپات ئىلىپ كەلگەندە ئاتا –ئانىسى ئالەمچە خوش بولىشىدۇ. دېمىسىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نېمە خوشاللىقى باربولسۇن. بىچارە خەلچىخان ئەتىگەندە بالىسىنى مەكتەپكە ئۇزۇتۇپ قويۇپ ، بالىسى مەكتەپتىن قايتىپ كەلگۈچە يۈرىكى دەككە –دۈككە بولۇپ ئۆيدە ئولتۇرىدۇ. ئولتۇرالماي قالغان كۈنلىرى مەھەللىنىڭ دوقمۇشىغىچە چىقىپ قاراپ تۇرىدۇ. ھاشىممۇ دەسلەپ بالىنى مەكتەپكە ئۆزى ئاپىرىپ ئەكىلىپ يۈردى. مانا بالىسى 3-يىللىققا چىقىپ ئەقىل كىرگەندىن بۇيان سەزگۈرمۇ بۇنىڭغا ئۇنىماس بولىۋالدى. چۈنكى ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا :«داداڭ يېتىلەپ ئەكىلىپ قويمىسا مەكتەپنى تاپالمامسەن؟»دېگەندىن بۇيان ئۇ دادىسىنىڭ ئەكىلىپ قويۇشىنى پەقەتلا خالىماس بولىۋالدى.
سەزگۈر ئىسمى –جىسمىغا لايىق تولىمۇ ئەقىللىق ،سەزگۈر بالا بولۇپ ، ئوقۇتقۇچىسى دېگەن نەرسىنى پەقەتلا ئېسىدىن چىقارمايتتى. مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك زېېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىدە ئۇ بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەي كەلدى. ھەش –پەش دېگۈچە باشلانغۇچ مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرۈشكە ئاز قالدى. بۇ كۈنلەردە سەزگۈر رەسمىي چوپچۇڭلا بالا بولۇپ قالغان بولۇپ ، مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپ ، دادىسىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىغا يارەملىشەتتى. خەلچىخان بىلەن ھاشىم بۇنىڭدىن چەكسىز خوشاللىققا چۈمۈشكەن بولسىمۇ بىراق نېمىنىدۇر بىر نەرسىنى يېتتۇرۇپ قويۇشقاندەك تويغۇدا ئىدى.
                                                                            ‹4›
يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلاندى. بۈگۈن يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن تولغان ئىدى.سەبىي قەلبى ئاللىغانداق ئۆمۈد ،ئارزۇلارغا تولغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئىچىنى ئايلانماقتا، بۇرۇن بىرگە ئوقۇغانلار بىر يەرگەتوپلىشىپ ،يەنە بىرسىنىپتا ئوقۇپ قىلىشىنى ئارزۇ قىلىپ پاراڭ سېلىشماقتا.
بۇ كۈنى ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارمۇ يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئەينى مەكتەپنىڭ ئەۋەتكەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن سىنىپلارغا ئايرىماقتا.
يېزا تەۋەسىدە تۆت باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بار . لىكىن ھەربىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش جەھەتتە مۇئەييەن پەرقىي بولغانلىقى ئۈچۈن ئامال بار بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەڭ ئارلاشتۇرۇپ، سىنىپلارغا بۆلۈشكە توغرا كىلەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە «ئەرۋاھلار مەھەللىسى »تەرەپتىن كىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەقسىم قىلىش ئەڭ تەسكە توختىدى. بولۇپمۇ بۇ تەۋەدىن كىلىدىغان مەيلى ئوغۇل ياكى قىز ئوقۇغۇچى بولسۇن،سىنىپ مەسئۇللىقىغا تەيىنلەنگەن ئوقۇتقۇچىلار باشقا مەكتەپلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلاردەك تىزلا قوبۇل قىلمايتتى. باشتا ئېيتىپ ئۆتۈلگەندەك تەجرىبە –ساۋاقلار ئۇلارنى شۇنداق ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇشقانىدى.
بىر چاغدا مەكتەپ رادىئوسىدىن يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىغا يېغىلىشى توغۇرسىدا بۇيرۇق بىرىلدى.
ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىغا يېغىلدى. شۇ چاغدا مەكتەپ ئىشخانە مۇدىرى سۆز قىلدى:
-    ساۋاقداشلار ، سىلەر بۈگۈن ئالتە يىللىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىڭلارنى غەلبىلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ ،ھاياتىڭلاردىكى يەنە بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى بولغان تولۇقسىز ئوقۇش ھاياتىڭلارنى باشلاش ئالدىدا تۇرىۋاتىسىلەر . مەن ئالدى بىلە ن مەكتەپ تەشكىلىي ،مەكتەپتىكى 120دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى –ئۇستازلىرىڭلار ۋە 1000دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ساۋاقداشلىرىڭلار نامىدىن سىلەرنىڭ مەكتىۋىمىزگە كەلگەن قەدىمىڭلارنى قۇتلۇقلايمەن .
گۈزەل كەلگۈسىگە تاشلانغان قەدىمىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ،ھەرۋاقىت ئاتا –ئاناڭلارنىڭ ،ئوقۇتقۇچى –ئۇستازلىرىڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ،ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن ئۇلارنىڭ سىلەردىن كۈتكەن ئۆمۈدىنى ئاقلىشىڭلارنى ئۆمۈد قىلىمەن.
مۇدىر مەكتەپنىڭ نۆۋەتتىكى ئوقۇتۇش ئەھۋالى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈش ئەھۋالىنى بىر قۇر تونۇشتۇردى. ئوقۇغۇچىلارنى بۇرۇنقى ئاكا ھەدىلىرىنىڭ ئىزىدىن بىسىپ ، ئۇلاردىنمۇ ئېشىپ چۈشۈشكە رىغبەتلەندۇردى.
ئارقىدىن ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىنىڭ مەسئۇللىقىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپلارغا بۆلۈنۈش ئەھۋالى ئىلان قىلىندى. ئالدى بىلەن بۇ يىللىقلارغا سىنىپ مەسئۇللىقىغا تەيىنلەنگەن سىنىپ مۇدىرلىرى ئىلان قىلىندى. ئۇلارنىڭ خىزمەتتىكى نەتىجىلىرى تونۇشتۇرۇلدى. ھەربىر سىنىپ مەسئۇلى ئۆز سىنىپىنىڭ نامى يېزىلغان تاختىنى ئېلىپ مەيداننىڭ ئوڭ تەرىپىگە كىلىپ قاتار تۇرۇشتى. رادىئودىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەۋەلىك سىنىپلىرى ئوقۇلماقتا ،ئىسمى چىققان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدىكى تاختىغا يېزىلغان سىنىپ نامى بويىچە ئۆز سىنىپ دائىرىسىگە ئۆتمەكتە ئىدى.
-    ئارمان ئابلا ،تولۇقسىز 1-يىللىق 1-سىنىپ ، گۈلگىنەم باراتجان تولۇقسىز 1-يىللىق 2-سىنىپ ، ئەلقەم تورسۇن تولۇقسىز 1-يىللىق 3-سىنىپ ...
ئىسىملار ئوقۇلماقتا .ئىسمى چىققانلار ئەسلىدىكى تۇرغان ئورنىدىن قوزغىلىپ يېڭى ئورنىغا ئۆتمەكتە.
-سەزگۈر ھاشىم ،تولۇقسىز 1-يىللىق 1-سىنىپ .
بايىدىن بىرى ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەركىتىگە قاراپ تۇرغان سەزگۈر تويۇقسىز چاقىرىلغان ئۆز ئىسمىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى. ئۇ دەرھال ئۆز ئورنىدىن تىزلىكتە قوزغىلىپ ، ئۆز سىنىپ نامى يېزىلغان تاختاينى تۇتۇپ تۇرغان ،پىشقەدەم  بىر خانىم تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى. ئىسىملار داۋاملىق ئوقۇلماقتا...
-    بەختىنۇر مەخسۇم ،تولۇقسىز 1-يىللىق 1-سىنىپ .
يۈزلىرى يۇمىلاق، چىرايلىققىنە بىر قىز توپ ئارىسىدىن تارتىنىپ چىقتى ۋە ئۇدۇل ساۋاقداشلىرى تۇرغان تەرەپكە ماڭدى. ئۇ شۇ ماڭغىنىچە بىرىپ ئوقۇغۇچىلار قاتارىغا ئۆتۈپ سەزگۈر بىلەن بىر قاتاردا تۇردى.
ئوقۇغۇچىلار سىنىپلارغا ئايرىلىپ بولۇنغاندىن كىيىن ، سىنىپ مەسئۇللىرى ئوقۇغۇچىلارنى يەنە بىر قىتىم يوقلىما قىلدى. ئاندىن ئۇلارنى رەتلىك تېزىلدۇرۇپ مەكتەپ ئىچىنى ئايلاندۇردى. سىنىپ مۇدىرى مەكتەپ ئىچىنى ئايلىنىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ ئىچىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. يېزىلىق بۇ ئوتتۇرا مەكتە پ مەيلى كۆلەم مەيلى ئوقۇتۇش جەھەتتە بولسۇن ناھىيە تەۋەسىدىكى نوقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىرى ئىدى.بولۇپمۇ يىقىنقى بىر قانچە يىل مابەينىدە مەكتەپنىڭ قىياپىتىدە زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىنغان بولۇپ ، سىرتتىن كىرگەن ئادەمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى. سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارغا ھەممە يەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇلارنى ئۇدۇل سىنىپقا ئېلىپ كىردى.
ئوقۇغۇچىلار سىنىپقا كىرىپلا ئۆزلىرى خالىغان ئورۇندا ئولتۇردى. سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار تولۇق جايلىشىپ بولغاندىن كىيىن ئاستا لىكىن ئۇرغۇلۇق ئاساستا سۆز باشلىدى.
-ساۋاقداشلار ،مەن ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ مەكتىۋىمىزگە ئوقۇشقا كەلگەنلىكىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
سىنىپتا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. سىنىپ مۇدىرى سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
-    ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتى ،ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل مەزگىللەرنىڭ بىرى. مېنىڭمۇ ئەينى ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىم بولغان .سىلەرگە قاراپ ،سىلەردەك ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم. ئۇ چاغلاردا مەنمۇ مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان. بىراق شارائىت ھازىرقىدەك ئەمەس ئىدى. ئېسىمدە قىلىشىچە دەل بۈگۈنكىدەك تولۇقسىز يىللىققا چىققان ۋاقتىمدا دادام رەھمەتلىك مېنى ئۆز قولى بىلەن مەكتەپكە ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇ چاغدا مەكتەپتە پەقەت  ئالتىلا سىنىپ بار بولۇپ، سىنىپلىرىمىز تولىمۇ كونا ، بىر ئورۇندۇقتا ئۈچ بالا قىستىلىشىپ ئولتۇراتتۇق. سىنىپ دىرىزىلىرىگە قىشتا سوغۇق كىرمەسلىكى ئۈچۈن قەغەزلەر چاپلانغاچقا سىنىپ ئىچى ھەر ۋاقىت بىر خىل قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇراتتى. بەلكىم مەندىن بۇرۇن ئوقۇغانلار بۇنىڭدىنمۇ جاپالىق كۈنلەرنى ئۆتكۈزگە بولۇشى مومكىن. بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختىيار ھالىتىمىز نەچچە ئەۋلات كىشىلەرنىڭ ھاياتى بەدىلىگە كەلگەن. دىمەك، ئۇلارنىڭ كۈتكەن ئەجرىگە لايىق ئوقۇش ،ئەڭ ياخشى نەتىجىلەر ئارقىلىق ئۇلارغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن بۈگۈندىن باشلانغان تۇنجى قەدەمنى پۇختا بېسىشىڭلارنى ئۆمۈد قىلىمەن. مەن سىلەرنىڭ شۇنداق قىلالايدىغانلىقىڭلارغا تولۇق ئېشىنىمەن.
سىنىپ ئىچىدە بۇ قىتىم گۇلدىراس ئالقىش ساداسى يەنە بىر قىتىم ياڭرىدى.
سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئىسمى رابىيەم بولۇپ ، مۇشۇ مەكتەپتىكى پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنى بىرى . نەچچە قارار بالىلارنى جەمئىيەتكە ياراملىق ئەۋلات قىلىپ  تەربىيلەپ چىققان بۇ پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىنى يېزا تەۋەسىدىكى ھەممە كىشى ھۆرمەت قىلاتتى. بۇ يىل مەكتەپ رەھبەرلىكى رابىيەم مۇئەللىمگە ئىتىبار قىلىپ ، سىنىپ بەرمەسلىكنى ئېيتقان بولسىمۇ بىراق رابىيەم مۇئەللىم :«بالىلارسىز ئۆتكەن بىر كۈنۈم مەن ئۈچۈن ئۆلگەن بىلەن باراۋەر» دەپ سىنىپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئالغانىدى. رابىيەم مۇئەللىم يوقارقى سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوي –تورقى بويىچە ئۇلارنى ئورۇنلارغا تەڭشىدى. بەختىنۇر بويى پاكارراق بولغانلىقى ئۈچۈن بىرىنچى پارتىدا ئولتۇردى. سەزگۈر ئىككىنچى پارتىغا جايلاشتى.
ئارقىدىن سىنىپ ھەيئەتلىرى سايلاپ چىقىلدى. رابىيەم مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى نەتىجىسىگە بىر قۇر قاراپ چىقتى.ئاندىن دىمۇكراتىك ئاساستا سىنىپ ھەيئەتلىرىنى تورغۇزدى. سايلامدا سەزگۈر يوقىرى ئاۋاز بىلەن سىنىپ باشلىقى ، بەختىنۇر ئۈگۈنۈش ھەيئەتلىك ۋەزىپىسىنى ، ئارمان قاتارلىق قالغان بىر قانچە ساۋاقداش ئوخشاش بولمىغان ھەيئەتلىك ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئالدى.
                                                                                ‹5›
كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتمەكتە. سەزگۈر ،بەختىنۇرلارنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتى تولىمۇ كۆڭۈللۈك داۋاملاشماقتا. سەزگۈرئۆزىنىڭ زىرەكلىكى ، پائالىيەتچانلىقى بىلەن تىزلا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىردەك ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولدى.
سىنىپ كوللىكتىۋىمۇ مەكتەپ خاراكتىرلىك تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە ئىزچىل بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەي كەلدى. بولۇپمۇ تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدە ئۇلارنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك  ئىدى. بۇ جەھەتتە سىنىپ تەنتەربىيە باشلىقى ئارمان ئابلانىڭ رولى زور بولۇپ، ھەر قىتىملىق مۇسابىقىلەردە ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەشكىللەيتتى. بويى ئېگىز ، قاش-كۆزى قاملاشقان ئارمان بۇ جەھەتتە ھەممىنى بىسىپ چۈشەتتى. لىكىن باشقا پەن دەرسلىرىدە دېگەندەك ئەمەس ئىدى. سەزگۈرنىڭ تېنى سەل ئاجىز بولۇپ، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە بولۇپمۇ سەل ئېغىر بولغان تۈرلەرگە قاتنىشالمايتتى. شۇ سەۋەبتىن ئارمان ھەدىسىلا ئۇنىڭ زىتىغا تېگىدىغان گەپلەرنى قىلاتتى.
بىر قىتىم سىنىپلار ئارا پۇتپۇل مۇسابىقىسى ئېلىپ بىرىلدى. ئارمان ئۆزى باش بولۇپ ،بۇ قىتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تاللىدى. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى بىر چەتتىن تاللاپ سەزگۈرگە كەلگەندە:
-    بۇ قىتىملىق مۇسابىقىگە سىنىپ باشلىقىمۇ قاتنىشالامدىكىن ؟ -دەپ كۈلۈپ قويدى.
سەزگۈر ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى. تولۇقسىز ئوچ يىللىق ئوقۇش ھاياتىدا تالاي قىتىم ئۇ ئارماننىڭ ئەنە شۇنداق مەسخىرىسىگە ئۇچراپ كەلدى. ھەر قىتىم ئارمان ئۇنى شۇنداق زاڭلىق قىلغاندا ئۇ تولىمۇ ئازابلىناتتى. لىكىن چىش يىرىپ بىر نېمە دىمەيتتى. شۇنداق چاغلاردا بەختىنۇر ئوتتۇرىغا چۈشەتتى.
-    نوچى بولسىڭىز ، مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بىرەر پەن مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ نەتىجە ئىلىپ بىقىڭە . ئاندىن بىزسىزگە قايىل بولىمىز .سەزگۈرنىڭمۇ سىنىپ كوللىكتىۋى ئۈچۈن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئاز ئەمەس. سىزدەك ئېگىز بولغان بولسا ئۇمۇ چوقۇم سىزدىن ئېشىپ چۈشەتتى.
-    ۋوي قىزچاق ، -دەيتتى ئارمانمۇ قىزىرىپ ، - مەيداننى توختىماي نەچچە ئون مەيدان يۈگرەپ ئايلىنالىسا ئاندىن ئوغول بالا ھىساپلىنىدۇ. بىزنىڭ سەزگۈر باشقا جەھەتتە تالانتىلىق بولغىنى بىلەن بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمايدۇ.
-    سىزنىڭمۇ شۇ پۇت –قولىڭىز ئىشلىگەن بىلەن باشقا جەھەتتە ئۇنىڭغا تەڭ بولالمايسىز .بويىنىڭ پاكار بولۇپ قىلىشى ئۇنىڭ گۇناھى ئەمەستە.
بۇنداق چاغلاردا سەزگۈر ئاستا باشقا تەرەپكە كىتەتتى. ئۇ بەختىنۇردىن تولىمۇ مىننەتدار بولاتتى. دېمىسمۇ ئۈچ يىللىق ئوقۇش ھاياتىدا ئۈگۈنۈش جەھەتتە ئۆزى بىلەن ھەرۋاقىت رىقابەتتە بولىۋاتقان بۇ قىزنى سەزگۈر ھۆرمەت قىلاتتى. مەكتەپكە بىرىش –كىلىش جەريانىدا دائىم بىللە ماڭاتتى. ئۈگۈنۈش توغۇرلۇق پاراڭ سېلىشاتتى. سىنىپ مۇدىرىمۇ سىنىپىدىكى بۇ ئىككى رىقابەتچىدىن پەخىرلىنەتتى. ھەر قىتىملىق ئىمتىھانلاردا ھامان ئۇلارنىڭ نەتىجىسى ئالدىنقى قاتاردا چىقاتتى.
لىكىن سەزگۈر يوقارقىدەك  ئىش سەۋەپلىك ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆزىنى تارتمايتتى. ھەر قىتىملىق تەنتەربىيە مۇسابىقلىرىدە ئۇ ئەڭ ياخشى ئىلھام بەرگۈچى ئىدى. بۇ قىتىملىق مۇسابىقىدىمۇ ئو ئوخشاشلا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇردى.
بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىدە ئۇلارنىڭ سىنىپى نولگە قارشى بىرگە نەتىجە بىلەن قارشى تەرەپنى يەڭدى. ئوتتۇرىلىقتىكى دەم ئىلىش ۋاقتىدا سىنىپ كوللىكتىۋىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىر يەرگە جەم بولۇشىتى.
-ئاغىنىلەر ، بۇ مەيدان چوقۇم كۈچەپ ئوينىمىساق بولمايدۇ. سەن ئەكبەر ،قارشى تەرەپ ئالدى ۋۇجۇمچىسىنى ياخشى توسىغىن . بەكرەك بولمىسا بۇرۇنقى ھۆنەرنى ئىشلەت . سەن ، مەمەت«ھاڭۋاقتى» ،ۋاراتارنى ھاڭۋاقماي ياخشى باق .ئالدىنقى قىتىمدىكىدەك قىلغۇچى بولما.
بۇ گەپ بىلەن ھەممىسى كۈلۈپ كەتتى. مەمەت «ھاڭۋاقتى» قىزىرىپ يەرگە قارىدى. ئۇ شۇ ئىشنى ئويلىسىلا خىجىل بولاتتى .بۇ ئىش مەكتەپ بويىچە قاتتىق كۈلگە پەيدا قىلغانىدى.
مەمەتنىڭ دادىسى داڭدار كەپتەرۋاز بولۇپ ، ئۇمۇ كىچىكىدىن باشلاپلا كەپتەرگە ئاشىق . بولۇپمۇ ھەر كۈنى ئەتىگەندە دادىسى بىلەن تەڭ تۇرۇپ كەپتەرلەرگە دان چاچاتتى.مەمەت ئۈچۈن ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كۆك ئاسمانغا ئۆرلىتىش نەقەدەر ھۇزۇرلۇق-ھە!
مەمەت ھەر قىتىم ئۆي ئۆگزىسىنى پىرقىراپ ئۇچىۋاتقان كەپتەرلەرگە قاراپ ، نېمىشقىمۇ ئۆزىنىڭ شۇ كەپتەرلەردەك ئۇچالمىغىنىغا پۇشايمان قىلاتتى. كىيىن ئۇ ئارزۇسى بويىچە ئىككى قىتىم ئۇچتى.لىكىن ئاسمانغا ئەمەس ئۆگزىدىن يەرگە ئۇچتى. بىرىنچى قىتىم پۇتىنى چىقىرىۋالدى. ئىككىنچى قىتىم قوتاننىڭ ئۈستىدە بىر كەپتەرنى تۇتىمەن دەپ كالا قوتىنىنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۆشۈكىدىن چۈشۈپ كىتىپ ئالا كالىغا مىنىپ قالدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭ قەلبىدىكى دادىسى تۇتاشتۇرغان كەپتەرگە بولغان ئىشتىياق سۇسلاپ قالمىدى بەلكى كۈندىن –كۈنگە كۈچەيدى.
مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردىمۇ ئۇ كۈندە كەپتەرلىرىنى نەچچە قىتىم يوقلايتتى. ئالدىنقى قىتىملىق سىنىپلار ئارا ئۆتكۈزۈلگەن پۇتپۇل مۇسابىقىسىدە ئۇ ئادىتى بويىچە ۋاراتار باقتى. بىر چاغدا ئاسماندىن كەپتەرگە ئىسىلغان قاپاقنىڭ غۇڭۇلدىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. مەمەت ھەممىنى ئۇنتۇپ ئاسمانغا قارىدى. بىر توپ كەپتەر دائىرىدە ھاسىل قىلىپ دەل مەكتەپ مەيدانىنىڭ ئۈستىدە ئۇچماقتا. ئالدىدا موللاقچىلىرىدىن بىر قانچىسى ھەر خىل شەكىللەردە موللاق ئاتماقتا.
ئۇنىڭغىچە قارشى تەرەپ ئالدى ۋۇجۇمچىسى توپنى ئىلىپ ۋاراتارغا يىقىنلاپ كەلگەن ئىدى. ئارمان باشچىلىقىدىكى بالىلار ۋارقىرىماقتا .بۇ چاغدا مەمەت ئاللىبۇرۇن ئۆزىنىڭ نەدە تۇرىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇغان ئىدى. بىرچاغدا يىقىنلاپ كەلگەن قارشى  تەرەپ ۋۇجۇمچىسى ئالدىغا چىققان بىرىنى ئالداپ توپنى ۋاراتارغا قارىتىپ تەپتى .توپ ئۇدۇل كىلىپ ۋاراتارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاسمانغا قاراپ ھاڭۋىقىپ تۇرغان مەمەتنىڭ نەق پىشانىسىگىلا تىگىپ ،ئۇنى ئوڭدىسىغا ئۇچۇرىۋەتتى. تۇيۇقسىز زەربىدىن ئېسىنى يوقاتقان مەمەت ئورنىدىن تۇرۇپلا مەيدان سىرتىغا قاراپ قاچتى. بۇنى كۆرۈپ مەيدان ئىچى –ۋە سىرتىدىكى بالىلار كۈلۈپ يۇمىلىشىپ كىتىدۇ.شۇ ئىشتىن كىيىن ئۇنىڭغا چىرايلىق قىلىپ «مەمەت ھاڭۋاقتى »دەپ لەقەم قويىۋىلىشقان ئىدى.
-سەن سەزگۈر ، -ئارمان سەزگۈرگە قاراپ قويۇپ مەغرۇر بىر ئاھاڭدا ئىتتى،- مۇسابىقە ئوينىمىغاندىن كىيىن بىزگە ئىچىملىك بولسىمۇ ئەكىلىپ بەر .
سەزگۈرمۇ بۇ ئىشقا خوشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى. ئۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىر پىكىر قاتناشتۇردى. ئارمان ئۇنىڭ سۆزىنى پىسەنتىگە ئالماستىن باشقا ياققا كەتتى. سىنىپتىكى باشقا بالىلار سەزگۈرنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا ئۇلار سەزگۈرنىڭ بۇ جەھەتتىمۇ يول كۆرسىتىشىنى خالايدۇ.
-    ساۋاقداشلار ، بۇ بىر ئادەتتىكى مۇسابىقە،خالاس. شۇڭا بىر جەھەتتىن ئۆزەڭلاردا دىققەت قىلىڭلار .يەنە بىرتەرەپتىن ھەرگىزمۇ قالايمىغان ھەرىكەت قىلىپ قارشى تەرەپنى يارىلاندۇرۇپ قويىدىغان ئىشنى قىلماڭلار بولامدۇ؟
-    بولىدۇ ، سەن خاتىرجەم بول ئاداش ،- سىنىپتا ئۇنىڭغا ئۆزىنى يىقىن تۇتىدىغان ئەرپات ئىسىملىك دوغلاققىنە كەلگەن بالا كىسىپلا ئېتتى، - ھەرگىزمۇ ئارمان دېگەندەك ئىشنى قىلمايمىز. ئالدىنقى قىتىم مۇشۇنداق قىلىپ قويۇپ ، ھېلىقى بالىنىڭ پۇتىنىڭ چىقىپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولۇپ قالدۇق .
ئۇلار ئەنە شۇنداق دېيشىپ مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىشتى. شۇ كۈندىكى مۇسابىقىدە ئۇلار بىرىنچى بولدى. بۇنىڭدىن پەخىرلەنگەن ئارمان بەختىنۇرنىڭ ئالدىغا كېلىپ :
-    قاراڭ ،مانا بۇنى ھەقىقىي نەتىجە دەيمىز .ئەمدى قايىل بولغانسىز ،-دېدى.
بەختىنۇر سىنىپ كوللىكتىۋىنىڭ غەلبە قىلغانلىقى ئۈچۈن خوشال بولسىمۇ بىراق ئارماننىڭ سۆزىگە ئانچە خوشال بولمىدى. ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ئۇ ئوبدان بىلەتتى.
مۇشۇ كۈنلەردە ئارمان ھە دېسىلا ئۇنىڭ يېنىغا كىلىۋالاتتى. دەرس سوراش باھانىسى بىلەن ئۇنىڭغا پاراڭ قىلاتتى. بىراق بەختىنۇرنىڭ ئۇنى كۆرەرگە كۆزى يوق ئىدى. نېمىشقىدۇر ئۇ سەزگۈر بىلەن ھەر ۋاقىت بىللە بولۇشنى ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە مۇزاكىرە قىلىشنى خالايتتى. سەزگۈر دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا مەكتەپ قىرائەتخانىسىغا كىرىپ ، ماتىريال كۆرەتتى . كىيىنچە بەختىنۇرمۇ دائىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە كىرىدىغان بولدى.
ئۇلار ئوقۇشنى  ئەنە شۇنداق كۆڭۈللۈك داۋاملاشتۇرۇپ تولۇقسىز ئوقۇش ھاياتىنىمۇ ئاخىرلاشتۇردى.

                                                                                  ‹6›
                                                                             
سۈزۈك ئاسماندىكى يېنىك تەۋرىنىپ تۇرغان ئاق بۇلۇتلار ئۈستىدە ئەتىگەنلىك قۇياشنىڭ قىزغۇچ نۇرلىرى جىلۋىلىنەتتى.
ئابلا يەكپاي بۇگۈن باشقا كۈنلەرگە قارىغاندا ئەتىگەنرەك  تۇردى. نېمىشقىدۇر ئۇ خوشال بولۇپ ، ئالدىراپلا قالغانىدى. ئۇ ئايالى تۇردىخانغا بىر نەرسىلەرنى تاپىلايتتى.ئۇنىڭ قىلغان ئىشىدىن رازى بولماي ئۆزى قىلىپ كىتەتتى.
ئادەم دېگەننىمۇ چۈشەنمەك تولىمۇ تەس. كۆڭلى چۈشمىگەن ،خالىمىغان ئادەم بىلەنمۇ بىرياستۇققا باش قويىۋىرىدۇ ،تۇرمۇشنىمۇ ئۆتكۈزۈۋىرىدۇ. ئابلا يەكپاينىڭ تۇردىخان بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغىنىغىمۇ ئوتتۇز يىلچە بولۇپ قالدى. بۇ يىللاردا بىچارە تۇردىخان بالا بېقىش ، ئائىلە ،ئېتىز ئىشلىرى دەپ جاپا تارتىپ يۈرۈپ بۇرۇنقى ھالىتىدىنمۇ سەتلىشىپ كەتتى.
توردىگۈل مۇشۇ يېزا تەۋەسىدىكى خىلى ھاللىق ئائىلىنىڭ يالغۇز قىزى. شۇنداق بولغانلىقىدىن ئاتا-ئانىسى ئۇنى تولىمۇ ئەتىۋارلايتتى. مەيلى بوي –تۇرقى ،چىراي جەھەتتىن بولسۇن ئۇ ئاتىسى ھېزىم قالماقنىلا تارتقانىدى. ئاتىسى يېزا تەۋەسىدىن تۇنجى بولۇپ ،سىرتلارغا چىقىپ سودا قىلغانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئەينى چاغدىكى چىگرا سودىسىدا يېنىنى راۋرۇس توملىغانلارنىڭ بىرى  ئىدى.
توردىگۈل ئۇلارنىڭ ئۈچ ئوغۇل ئىچىدىكى يالغۇز قىزى . ئىككى قىزى توغۇلۇپلا تۈگەپ كەتكەچكە ئۇلار بۇ قىزىنىڭ تۇرۇپ قىلىشىنى ئاللاھدىن تىلەپ «توردىگۈل»دەپ ئىسىم قويۇشقانىدى. دېگەندەك توردىگۈل بۇ ئائىلىدە تۇرۇپ قالدى. يالغۇز قىز بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ئەركە چوڭ بولدى. ئائىلىدە بالىلار ئارىسىدا مەيلى قانداق جىدەل ،تالاش –تارتىش بولمىسۇن ئاتا-ئانىسى ھامان ئۇنىڭ تەرەپدارى بولاتتى. ئۇ يېشىغا توشۇپ مەكتەپكە قەدەم قويغاندىن كىيىن ئائىلىدىكى شۇ شوقلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئانچە –مۇنچە قاقشىتىپ قوياتتى.
يالغۇزلىقى، ئەتىۋارلىق پەرزەنت بولغانلىقىغا قارىماي تۇردىگۈل تولىمۇ سەت قىز بولۇپ ، ساۋاقداشلىرىنىڭ دائىم مازاق قىلىشىغا ئۇچرايتتى. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، ئۇنىڭ دادىسىنى تارتقان تەرەپلىرى مانا مەن دەپ ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. قەدەم ئالسا خۇددىي ئەرلەردەك لوڭ-لوڭ دەسسەپ ماڭاتتى. بىرەرساۋاقدىشى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىغان ئەڭ ئەپسانە تىللار ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىقاتتى. كىيىن ئۇ ئوقۇشنىمۇ تۈزۈك داۋاملاشتۇرالماي مەكتەپتىن چىقىۋالدى. ئۇنىڭ دوستلىرى بىرىنىڭ –كەينىدىن بىرى ياتلىق بولۇشقا باشلىدى. ئالدى بالىلىق بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى سۈرمەكتە. بىراق تۇردىگۈلنىڭ شۇ سەت چىرايى، قوپال مىجەزى ئاسانلىقچە ئۇنى مۇنداق بەختكە ئېرىشتۇرمەيۋاتاتتى. ئۇ ئاستا –ئاستا مەھەللىدىكى قىرى قىزلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
كىيىن ھېزىم قالماق قىزىنى ئالغانلارغا نورغۇن مال –دۇنيا بەرگۈدەك دېگەن گەپ تارقالدى. بۇگەپ يېزا تەۋەسىدە نورغۇن قىزلارنى ئەخمەق قىلىپ ، ئاخىرى بىرەر لايىق تاپالماي يۈرگەن ئابلا يەكپاينىڭ قۇلىقىغا بىرىپ يەتتى. ئابلا ئاتا –ئانىسىنىڭ يالغۇز پەرزەنتى. كىچىكىدىن ئەركە چوڭ بولغان ئابلا مەكتەپتىمۇ تۈزۈك ئوقۇمىدى. كىيىن دادىسىنىڭ يول مېڭىشى بىلەن يېزىلىق كوپىراتىپتا بىر مەزگىل مال ساتقۇچى بولدى. بىراق ھېساۋاتتا چاتاق چىقارغانلىقى ئۈچۈن ئۇ يەردىن قوغلاندى. شۇ مەزگىللەردە ئۇنىڭ يېزا تەۋەسىدە  كۆز تاشلىمىغان قىزى قالمىغان ئىدى. ئابلا يەكپاي يوقارقى گەپنى ئاڭلاپ ، ھېچنىمىگە قارىماي تۇردىگۈلنى ئەمرىگە ئالماقچى بولدى. بىراق بۇ تويغا ئاتا –ئانىسى قارشى چىقتى. لىكىن ئابلا يەكپاي بۇ ئىشتا چىڭ تۇرۇپ ،ئاخىرى ئۆزىدىن 5-6ياش چوڭ بولغان تۇردىگۈل بىلەن توي قىلدى.
تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشى يامان ئەمەس ئۆتتى. موھىمى ھېزىم قالماق ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ ، قىزى ئۈچۈن بىر بۆلەك مىراس ئاجراتتى. بۇ خىل ئەھۋالدا ئائىلىدە تەبىئىي ھالدا توردىگۈلنىڭ دېگىنى دېگەن بولۇپ كەلدى.ئۇلارمۇ كەينى –كەينىدىن بالىلىق بولدى. بەشىنچى بالىسى ئارمان تۇغۇلۇپ بىر يىلدىن كىيىن تۇردىگۈلنىڭ ئاتا-ئانىسى ئارقا –ئارقىدىن تۈگەپ كەتتى.
مانا شۇندىن كىيىن 16يىل ئۆتتى. بۇ ئائىلىدىمۇ ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئىلگىرىكى ئاتا –ئانىسى بار چاغدىكى توردىگۈل بۇ يىللاردا توردىخان گالۋاڭغا ئالماشتى. ئابلا يەكپاي ئۇ نى ھەدېسىلا شۇنداق تىللايتتى. تۇردىخانمۇ دەسلەپ ئۇرۇشۇپ باقتى.بىراق بارا-بارا بۇ ئىشقىمۇ كۆنۈپ قالدى.
بۈگۈن ئابلا يەكپاي كونا ئادىتى بويىچە يېزىغا يېڭى يۆتكىلىپ كەلگەن يېڭى باشلىقنى مېھمانغا چاقىرماقچى . بۇ ئۇنىڭ مەھەللىدىكىلەر، ياق پۈتۈن يېزا تەۋەسىدىكى كىشىلەردىن ئالاھىدە تەرىپى . كىچىكىدىن تولىمۇ ئاقنانچى چوڭ بولغان ئابلا يەكپاينىڭ بۇنداق ئىشلاردا ئىپى بار .يېزىغا بىرەر باشلىق كەلسىلا ئالدى بىلەن ئۇ تونىشىدۇ. قوي سويۇپ مېھمان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاز كۈندىن كىيىن شۇنىڭ ياردىمىدە بىرەر ئىشىنى ھەل قىلىدۇ. تۇردىخان ئۇنىڭ بۇنداق ئىشلىرىغا نارازى .بىراق ئامال يوقتە ؟ ھازىر ئۇنىڭ ئەھۋالى بۇرۇنقى ئاتا –ئانىسى بار چاغدىكىگە ئوخشىمايدۇ. گەرچە ئاكىلىرى بار بولسىمۇ ، ھەدېسىلا ئۇلارغا ھال ئىيتىپ يۈرسە سەت بولىدۇ-دە.
ئابلا يەكپاي ئىشلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇردى. بۈگۈن ئارمانمۇ دەم ئالغان بولۇپ ، ئورنىدىن تۇرۇپلا دادىسىغا قاراشتى.
چۈشتىن كىيىن چاقىرىلغان مېھمانلار بىر –بىرلەپ كەلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە يېزىنىڭ كادىرلىرىدىن باشقا، كەنت سىكرىتار ،بوغالتىرلىرىمۇ بار ئىدى. ئابلا يەكپاي ئۇلار ئۈچۈن قول –قولىغا تەگمەي خىزمەت قىلماقتا.باشلىق بىلەن تونۇشۇۋىلىشنى ئويلىغان بىر قانچەيلەنمۇ ئۇنىڭغا ھەمدەم بولماقتائىدى.  
يېزىغا يېڭى كەلگەن بۇ باشلىقنىڭ ئىسمى قادىر بولۇپ ، لەقەم قويۇشقا ئۇستا يېزىلىقلار ئۇنىڭ كېلىشىگە ئۈلگۈرتۇپلا «بۇقا »دەپ چىرايلىق تەخەللۇستىن بىرنى قويۇشتى. سەۋەبى- ئۇيېزىغا كېلىپلا ھەر قايسى كەنت رەھبەرلىرى ،يېزىدىكى پىشقەدەم دېھقانلارقاتناشتۇرۇلغان بىر قىتىملىق يېغىن چاقىردى. شۇ قىتىملىق يېغىندا ئۇ ئېغىزىدىن كۆپۈك قاينىتىپ تۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئۇلۇغۋار ئىشلىرى توغۇرلۇق توختالدى . ئۇتەييالىۋالغان سۆزىنىڭ قايسىلا ماددىسىنى سۆزلىسۇن ئاخىرىدا بۇندىن كىيىن يېزىدا چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇردىغانلىقى ،نەسىللىك كالا،بۇقىلارنى كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتەتتى. شۇ يېغىندىن كىيىن ئۇ دەسلەپ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ يېزىلىق مال دوختۇرخانىسىغا ئىككى نەسىللىك بۇقا كىرگۇزگەن ھەم مۇشۇ ئارقىلىق كالا ئۇرۇقلاندۇرۇشنى يولغا قويغانىدى. ئۇنىڭ تۇنجى قىلغان بۇ ئىشىدىن كىيىن كىشىلەرئۇنىڭغا ئەنە شۇنداق لەقەم قويۇۋىلىشتى.
مېھمانلارغا ئالدى بىلەن مەززە قىلىپ پىشۇرۇلغان قوي قوشى تاۋاقلاردا كەلتۈرۈلدى.
-    قېنى مېھمانلار ، لايىقىڭلاردا بولمىسۇن كۆپكە تاۋاپ قىلىپ ئېغىز تېگىشسىلە!-دېدى ئابلا يەكپاي خۇشەتكۇيلۇق بىلەن ئۇ شۇنداق دەپلا قوينىڭ پىشىپ تىتىلىپ تۇرغان ئارقا يانپىشىنى باشلىققا شۇندى ، - قېنى ئەمىسە باشلىق ئۇكام ئاۋۋال سىز بىر قول تەككۈزۈپ بەرسىلە.
باشلىق يانچۇقىدىن قەلەمتىراشنى ئالدى دە ، ئالدىرىماي گوشنى ئۇششاق پارچىلىدى. ئۇنىڭغىچە باشقىلار تاۋاققا قول سالالمىدى. باشلىق گوشنى پارچىلاپ بولغاندىن كىيىن بىر پارچىنى ئېلىپ ئېغىزىغا سالدى. ئۇ ئىككىنچى قىتىم تاۋاققا قول ئۇزاتقاندىلا باشقىلارمۇ قول سېلىشتى.
شۇ كۈندىكى زىياپەت تۈگەپ ، باشلىق ئۇزاپ چىققاندا ئابلا يەكپايغا مۇندىن كىيىن بىرەر ئىشى بولسا ئۆزىنى ئىزدەشنى ئيتتى.ئابلايەكپاينىڭمۇ مەقسىتى مۇشۇ ئىدى. دىمەك ، ئۇ تىزلا كۆزلىگەن مەقسىتىگە يەتتى.
شەھەرقۇرلۇشى ئىلىپ بىرىلىپ ، شەھەر قىياپىتىدە ئۆزگىرىش ياساش ، كونا تۇرالغۇ ئۆيلەرنى چىقىش ، يوللارنى كىڭەيتىش، قانداقتۇر زاۋۇت –كارخانا قۇرۇش چاقىرىقى چىقىشى بىلەن شەھەردىكى نورغۇن ئۇرۇنلاردا كىڭەيتىش ، يەر بىكارلاش باھانىسى بىلەن ئائىلىلەرگە پۇل بىرىلىپ كۆچۈرۈلمەكتە ئىدى. ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ئۆز تەۋەلىكىدىن نەچچە ھەسسە قىممەت باھادا ئۆي سېتىۋىلىشقان بولسىمۇ بىر قىسىملىىرى يېزىلارغاتارقاقلىشىپ ، يەر ئىلىپ كۆچۈپ چىقىشماقتا ئىدى. شۇ سەۋەبتىن باشتا دىيىلگەندەك يېزىلاردىمۇ نەچچە يىلدىلا يەر باھاسى ھەسسىلەپ ئاشتى. ئىلگىرى كۆپرەك يەرنى ئىگەللىگەنلەرنىڭ ئەمدىلىكتە ئامىتى كېلىپ تويۇقسىزلا باي بولۇپ كەتتى . يېزىدا بۇنداق تويۇقسىز بايلار كۆپەيگەنسىرى باشقىلارنىڭمۇ كۆزى قىزارغىلى توردى.
ئابلايەكپاينىڭ بۈگۈنكى مېھماندارچىلىقىدىمۇ بىر سەۋەب بار. ئۇ بولسىمۇ مەھەللىنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى تاشلىنىپ قالغان تاشلىقنى قولىغا كىرگۈزمەكچى.
بۇ تاشلىق مەھەللىنىڭ چېتىدە بولۇپ، نەچچە يىللاردىن بۇيان شۇنداق تاشلىنىپ تۇراتتى. كىيىنچە بۇ يەرگە مۇشۇ مەھەللىك ھاشىم كۆچەت قويۇپ ، قورشاپ قويغانىدى. يەنە بىر نەچچە يىللاردىن كىيىن بۇ يەرنىڭمۇ پۇلغا يارايدىغانلىقىنى ئالدىن سەزگەن ئابلا يەكپاي تېزدىن ھەرىكەتكە كىلىپ باشلىقنى مېھمانغا چاقىردى. ھە دېگەندىلا ئۇنىڭ ئىشى ئوڭغا تارتتى.
شۇ كۈن ئۆتۈپ ئىككى كۈندىن كىيىن ئۇباشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا باردى. قادىر بۇقا ئۇنى قىزغىن كۈتىۋالدى.
-خوش ئابلا ئاكا ، نېمە ئىشىڭىز بار ، - قادىر بۇقا گەپنى ئۇدۇللا قىلدى.
- باشقىمۇ ئىش يوق باشلىق ئۇكام ، شۇ بىرىنچىدىن سىزدىن ھال سوراپ  كىرىشىم . قانداق بۇ يەرلەرگە كۆنۈپ قالغاندەك تۇرامسىز ؟
- قانداق قىلىمىز ئەمدى، كونىلار :« ئاكاڭ كىمنى ئالسا ،يەڭگەڭ شۇ »دەپتىكەن. يوقىرى رەھبەرلىك ماڭا ئېشىنىپ بۇ يەرگە ئەۋەتكەندىن كىيىن كۆنمەي ئامال قانچە .-قادىر بۇقا ھېجىيىپ قويدى.
- شۇ ئەمەسمۇ! قارىساممۇ كۆنۈپ قالغاندەكلا تۇرىسىز . مانا سىز كىلىپ يېزىدىمۇ كۆپ ئۆزگىرىش بولدى. ھازىر ھەممىنىڭ ئېغىزىدا سىلىنىڭ گەپلىرى ئۇكام...
- ھەي ياقەت ئابلا ئاكا ، مەن تېخى يېڭىلا كەلدىم . ئۇنچىلىكمۇ ئىش قىلغۇدەك بولمىدىمغۇ ؟ - باشلىق ئابلانىڭ گەپلىرىگە خۇشخۇيلۇق بىلەن كۈلۈپ قويدى.
-ئۇنداق دېمىسىلە ئۇكام، نەچچە يىللاردىن بۇيان باشقا باشلىقلار كىرگۈزمىگەن نەسىللىك بۇقىنى سىز كىرگۈزدىڭىز ، ئاڭلىسام ئادەم دوختۇرخانىسىنىمۇ يېڭىلاپ سالماقچى بولۇپسىز .بۇلارنىڭ ھەممىسى سىز بولغاچقىلا بولىۋاتىدۇ.
قادىر بۇقىنىڭ كەيپىياتى بىردىنلا كۆتۈرۈلدى. ئۇ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردى. ئابلا يەكپايغا بىر تال تۇتىۋىدى ئۇ :
-مەن بۇنىڭغا ئۈگەنمەپتىكەنمەن ،-دەپ ئالمىدى.
-باشقا ئىشمۇ يوق ئۇكام شۇ بىرىنچىدىن سىزنى يوقلاپ ،ئىككىنچىدىن يەڭگىڭىز كەچتە نارىن قىلماقچى ئىدى ،شۇنىڭغا سىزنى ئالايىتە ن چاقىرىپ كەلگەن.
«نارىن »دېگەن گەپنى ئاڭلاپ قادىر بۇقىنىڭ بېشى كۆتۈرۈلدى. دېمىسىمۇ ئۇ تاماقلار ئىچىدە نارىنغا بەكمۇئامراق. بولۇپمۇ گوشى بىلەن چوپىنى تەڭ نىسبەتتە ئارلاشتۇرۇپ يېيىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى.  
كەچتە ئۇ ئابلا يەكپاينىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئوخشىتىپ ئېتىلگەن نارىدىن تويغىچە يىدى. پاراڭ ئارلىقىدا ئابلا يەكپاي ئۇنىڭغا ھېلىقى ئىشىنى پۇرىتىپ ئۆتتى.
-    بۇ قانچىلىك ئىش ئىدى ئابلائاكا، - دېدى قادىر بۇقا قولىنى ئىيتىپ تۇرۇپ ، - بولدى بۇ ئىشنى ئۆزەم توغۇرلايمەن.
-    بىراق ئۇكام ئۇ يەرگە ھازىر ھاشىم ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئىش تەسكە توختامدىكىن ،-ئابلا يەكپاي ئۇنى چېكىپ باقتى.
-    سىىلى خاتىرجەم بولسىلا ، يەر بولسا ھۆكۈمەتنىڭ ،قاچان ،قانداق ئۇسۇلدا ئىشلىتىشنى بىز بەلگىلەيمىز .
بىرھەپتىدىن كىيىن يېزىدىن بىر قانچە كىشى ھېلىقى تاشلىققا كېلىشتى. ئۇلار ھاشىم توساپ قويغان توساقلارنى بۇزۇپ تاشلىدى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغان ھاشىم دەرھال بۇ يەرگە يىتىپ كەلدى. بىراق ھەر قانچە سۆزلىشىپمۇ ئۇلارغا گەپ يېگۈزەلمىدى.
-    بۇ تەشكىلنىڭ بۇيرۇقى ،-دېدى ياش بىركادىر ، - بۇ يەرسىلىنىڭ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەشكىلىمۇ سىزگە بۇ يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلساڭ بولىدۇدەپمۇ تىلخەت كەسمىگەن .
ھاشىمنىڭ ئىچى بىر قىسما بولدى. بولۇپمۇ ئەمدىلا ئاينىغا كۆچەتلەر قومۇرۇلۇپ تاشلانغاندا ئۇنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ يىرىم بولدى. سەزگۈر دادىسىنىڭ بۇنداق ھالىتىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. شۇ كۈنى ھاشىم ئائىلىدىكىلەرگە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.
-    يوقىرىغا ئەرز قىلايلى دادا؟ - ئەتىسى سەزگۈر دادىسىغا شۇنداق دېدى ، -نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان قىلغان ئەجرىڭىز شۇنداقلا بىكار بولۇپ كىتەمدۇ؟
-    بولدى قوي بالام ، بۇلار بىلەن ھەرگىز تەڭ بولغىلى بولمايدۇ. بىزگىمۇ ئاللاھنىڭ ئاتىغىنى باردۇر .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەربىزگىمۇ ئۇنچە لازىم ئەمەس.
بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ ئابلا يەكپاي بىر قانچەيلەينى باشلاپ كېلىپ ھېلىقى تاشلاندۇق يەرنى قايتىدىن قورشىدى. ئىچىنى قايتىدىن تۈزلەپ كۆچەت قويدى. ھاشىم ئاكا بۇ ئىشلارغاقاراپ بىرنەرسىلەرنى ئويلىغان بولسىمۇ بىراق ئارتۇقچە كۆڭۈل ئازارىچىلىقى چىقىشىدىن ئەنسىرەپ بىر نەرسە دېمىدى.
                                                                                     ‹7›
نەچچە كۈندىن بۇيان ئوقۇغۇچىلار تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. مەكتەپ بۇ يىللىق نەۋرۈزنى كۈتىۋىلىش يۈزىسىدىن مەكتەپ خاراكتىرلىك  «ئونۋىرسال پائالىيەت» تەشكىللىگەن بولۇپ تۈرلىرىمۇ كۆپ ئىدى. ھەر قايسى سىنىپلار بۇ قىتىملىق پائالىيەتتىكى ھەرقايسى تۈرلەر بويىچە تەييارلىقنى باشلىۋەتكەنىدى. سەزگۈرلەرنىڭ سىنىپىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە تەييارلىق قىلماقتا.
ئۈچ كۈننىڭ ئالدىداسىنىپ مۇدىرى رابىيەم مۇئەللىم سىنىپقا كىرىپ كەلدى.
-ساۋاقداشلار ، -دېدى رابىيەم مۇئەللىم مۇلايىم ئاۋازدا ، - مەكتەپنىڭ بۇ يىللىق نەۋرۇزنى كۈتىۋىلىش پائالىيىتى ئالدىمىزدىكى 21-چىسلا ئۆتكۈزۈلمەكچى. بۇ قىتىملىق پائالىيەتتە مەكتەپ خاراكتىرلىك پائالىيەت تۈرلىرى ئىلىپ بىرىلىدۇ. مانا بۇ شۇ قىتىملىق پائالىيەتتىكى تۈرلەرنىڭ تېزىملىكى. ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بۇ بىر قىتىمىلىق ياخشى پۇرسەت .
رابىيەم مۇئەللىم تېزىملىكنى ئوقۇدى. ئۇنىڭدا سىنىپلار ئارا تەييارلايدىغان سەنئەت نومۇرلىرىدىن سىرت كۆپ خىل تەنتەربىيە تۈرلىرىمۇ بار ئىدى.
بالىلار بەس –بەس بىلەن پىكىر قاتناشتۇردى. قايسى تۈرگە كىمنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشتى. تەنتەربىيە تۈرلىرىدە ئارماننىڭ كۆرسەتمىسى موھىم رول ئوينىدى. بۇ قىتىملىق پائالىيەتتە سەزگۈر بىلەن بەختىنۇر نورۇز ھەققىدە نەسىر ئوقۇشقا بەلگىلەندى.
سەزگۈربىلەن بەختىنۇر بۇنىڭغا خوشاللىق بىلەن قوشۇلدى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇلار دەرستىن كىيىنكى بوش ۋاقىتلىرىدا تەييارلىققا چۈشۈپ كەتتى.
-    سىزنىڭ قەلەم كۈچىڭىز ماڭا قارىغاندا كۈچلۈك ،-دېدى سەزگۈر بەختىنۇرغا ، -سىز يېزىڭ. مەن سىز يازغان ئەسەرنى ئوقۇسام دەيمەن .
بەختىنۇر ھوپپىدە قىزىرىپ كەتتى. سەزگۈرمۇ ئويلاشمايلا دەپ سالغان گىپىدىن خىجىل بولدى.
-    مېنى ئارتۇقچە ماختىۋەتتىڭىز سەزگۈر . سىزنىڭ بۇ جەھەتتە تالانىت ئىگىسى ئىكەنلىگىڭىزنى ھەممە بىلىدۇ. تولا مېنى زاڭلىق قىلماڭ.
-    ياقەي، -سەزگۈر قىزىرىپ تۇرۇپ سۆزلىدى، -زاڭلىق قىلغىنىم ئەمەس.
-    بولسا بىللە يازايلى .
ئۇلار ماتىريال توپلاش ئۈچۈن بىرلىكتە مەكتەپ قىرائەتخانىسىغا كىرىشتى. سەزگۈر كىتاپلار ئارىسىدا نەۋرۇزغا ئائىت ماتىريال ئىزدىمەكتە. بەختىنۇر ئۇ سۇنغان ماتىرياللار ئارىسىدىن مۇۋاپىق مەزمۇن ئىزدىمەكتە ئىدى.
بەختىنۇر ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا سەزگۈرگە تېكىلىپ قاراپ قويدى. نېمىشقىدۇر ئۇ ھەر قىتىم سەزگۈر بىلەن بىللە بولسىلا ئۆزىنى ئەركىن ھېس قىلالمايتتى. بولۇپمۇ تولۇق ئوتتۇرا يىللىققا چىققاندىن بۇيان تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ كەتتى . ئىلگىرى ھە دېسىلا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشاتتى. مەكتەپكە بىللە بىرىپ بىللە قايتاتتى. ئارمان بىلەن بولغان ھېلىقىدەك ئىشلاردا دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا چىقاتتى. بىراق بىر كۈنلەرگە كەلگەندە ئۇ بۇ ئىشلاردىن خىجىللىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىز ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا :«سەزگۈر ئىككىڭلار ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت سالغاندەك ماس كىلىسىلەر»دېگەندىن بۇيان ئۇ تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ كەتتى. ئۆزىنىڭ تېخى ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى ، بۇ ئىشلارغا نىسبەتەن تېخى بالدۇرلىقىنى ئويلىدى. تۇرۇپلا :«سەۋزىدىن خەۋەر يوق ،گۇرۇچ دەم يېگەندەك»ئويلىغان ئويلىرىدىن خىجىلمۇ بولدى.
مۇشۇ كۈنلەردە سىنىپ ئىچىدىمۇ مۇشۇنداق ئىشلار كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ساۋاقداشلار بۇنداق ئىشلارنى بىر –بىرىدىن سىرتۇتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنقى قىتىم سىنىپتا بولۇپ ئۆتكەن بىر ئىش بەختىنۇرنى تېخىمۇ سەگەكلەشتۇرۇپ بۇنداق ئىشلارنى ئويلىماسلىققا ئۇندەپ قالدى.
ئۇلارنىڭ سىنىپىدا ئەسقەر ئىسىملىك تولىمۇ شوخ بىر بالا بار ئىدى. قانداق بولدى تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن باشلاپ ،ئۇ سىنىپتىكى رەيھان ئىسىملىك قىز ساۋاقدىشىنىڭ كەينىگە كىرىۋالدى. رەيھان ئۇنىڭدىن قىچىپلا يۈرەتتى. لىكىن ئەسقەر ئۇنىڭغا زادىلا ئارام بەرمىدى. ھە دېسىلا خەت يېزىپ ئۇنىڭ ئارامىنى بۇزدى.
بىر قىتىم ئۇ رەيھانغا بىر پارچە خەت يازدى. خەتنى رەيھاننىڭ سومكىسىغا سىلىپ قويدى.
ئەتىسى بىرىنچى سائەتلىك دەرس تارىخ دەرىسى بولۇپ ، تارىخ ئوقۇتقۇچىسى مەكتەپتىكى ئۇزۇن يىللىق تارىخ دەرسى بىرىپ كەلگەن ، تولىمۇ خوش –چاقچاق ئوقۇتقۇچى ئىدى. دەرس سۆزلىسە ھەممە ئۇنىڭ ئېغىزىغا قاراپلا قالاتتى.ئۇنىڭ ئۆز كەسپىدىن بىلمەيدىغىنى يوق ئىدى.
شۇ كۈنى ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىرىپ يوقلىما قىلدى. بىرچاغدا ئوقۇتقۇچى دەرس سۆزلەپ بولۇپ تويۇقسىزلا دوسكىغا :
«بىزنىڭ ئەسقەر ئىشىق ئوتىغا مۇپتىلا بولۇپتۇ» دەپ يوغان قىلىپ يېزىپ قويدى.
بالىلاردەسلەپ  نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەي قالدى.كىيىن ئەسقەرگە قاراپ پاراققىدە كۈلۈپ كەتتى. ئەسقەربېشىنى پارتىنى ئاستىغا يوشۇردى. ئوقۇتقۇچى رەيھانغا قارىۋىدى ئۇمۇ نومۇس قىلغىنىدىن ئۆپكىدەك قىزىرىپ كەتتى.
ئەسلى ئەسقەر ھېلىقى خەتنى رەيھاننىڭ سومكىسىغا سالغاندا خەت تاپشۇرۇق دەپتەرنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلۇپ قالغان بولۇپ ، رەيھان بۇنى بىلمەيلا تاپشۇرۇقنى ئوقۇتقۇچىغا تاپشۇرغانىدى.
بۇ ئىش مەكتەپتە قاتتىق كۈلكە پەيداقىلدى. «ئوتنىڭ ئىچىدە پاختىنى يوشۇرغىلى بولمىغاندەك» ئەسقەرنىڭ ئىشىق ئوتىنىڭ سىرى تىزلا يېشىلدى. شۇنىڭ بىلەن رەيھان مەكتەپتە بېشىنى كۆتۈرەلمەس بولۇپ قالدى. رەيھان ئىككى كۈن مەكتەپكە كەلمىدى. ئۇ ئوقۇماسلىقنى قارار قىلغانىدى. ئاتا –ئانىسى قانچە قىلسىمۇ ئۇسەۋەبىنى دېمىدى. شۇنچە ياخشى ئوقۇۋاتقان قىزىنىڭ نېمە سەۋەپتىن چىكىنمەكچى بولغانلىقىنى بىلەلمەي تىت –تىت بولىشاتتى. كىيىن سىنىپ تەربىيىچىسىدىن ئەسلى ئىشنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندىن كىيىن مەكتەپكە كىلىپ توپىلاڭ چىقاردى. بىچارە ئەسقەر ئىشىقلىق دەردىنى راسا تارتىۋالدى.
شۇ ئىشلار خىيالىغا كەلگەن بەختىنۇر كۆزىنى سەزگۈردىن ئېلىپ قىچىپ كىتاپقا قارىدى. بىراق ئۇنىڭ خىيالى يەنىلا ئۇنىڭغا كەتتى.
-    قاراڭ ،ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن «غىرىپ -سەنەم »داستانى بۇ يەردە بارئىكەن .- سەزگۈر بىر كىتاپنى كۆتۈرۈپ كەلدى.
-    ئۆتكەندە ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەندە شۇنداق تەسىرلەنگەن ئىدىم . ئەمدى ئوقۇپ چىقىدىغان بولدۇم .
-    سىز ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن مەنمۇ ئوقۇپ باقاي.
-    بولسا سىز ئالدى بىلەن ئوقۇۋىلىڭ .سىزئوقۇپ بولغاندىن كىيىن مەن ئوقۇي.
-    ياق، سىز باشتا تاپتىڭىز شۇڭا سىز ئوقۇڭ .
-    راستىنلا ۋىتناملىقتە سىز .
سەزگۈر ئۇنىڭ مەھەللىسىنىڭ نامىنى تىلغا ئىلىپ سالغىنىدىن خىجىل بولدى. بەختىنۇرمۇ ئۇنىڭغا باشقىچە قاراپ قويدى.
شۇ كۇنى ئۇلار بىر قىسىم ماتىرياللارنى تاپتى .سەزگۈر يېزىپ كىلىدىغان ، بەختىنۇر تۈزىتىدىغان بولۇشتى.
-    مەن كەچتە بۇنى يازسام كىتاپنى ئوقۇيدىغانغا پۇرسەت يوق .شۇڭا سىز بۈگۈنچە ئوقۇپ تۇرۇڭ .
كەچتە بەختىنۇر مۇزاكىرىسىنى قىلىپ بولۇپلا ،كارىۋاتقا چىقتى –دە، «غىرىپ –سەنەم»نى ئوقۇشنى باشلىۋەتتى
ۋەقەلىك راۋاجلانغانسىرى ئۇنىڭ قەلبى داۋالغۇچقا باشلىدى. بولۇپمۇ سەنەمنىڭ غىرىپنى ئۇزاتقان چاغدىكى سۆزلىرىنى ئوقۇپ كۆزلىرىگەياش ئالدى. شاھنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماي ، سەنەمنى ،غىرىپقا بەرمەسلىك نىيىتىگە كەلگەن يىرىگە كەلگەندە شاھنى ئىچىدە قارغىدى. ئۇ شۇنداق ھېسسىيات ئىچىدە كىتاپنى ئاخىرى ئوقۇپ تۈگەتتى.
ئەتىسى مەكتەپكە بارغاندا ئۇ كىتاپنى سەزگۈرگە بەردى . كىتاپنى بىرىۋاتقاندا ئۇنىڭ قوللىرى تىترەپ كەتتى. چۈشتىن كىيىن ئۇلار نەۋرۇزلۇق پائالىيەتكە ئاتىغان ئەسىرىنى قايتا تۈزۈتۇپ رابىيەم مۇئەللىمگە تاپشۇردى.
بۈگۈن مەكتەپ ئىچى نەۋرۇز شادلىقىغا تولغان ئىدى. تەنتەربىيە مەيدانىدا ئىككى ئورۇنغا يوغان داش قازان ئىسىلغان بولۇپ ، بىر قانچە ئوقۇتقۇچى نەۋزۇرلۇق ئاش تەييارلىماقتا. تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ جەنۇپ تەرىپىگە ،بۈككىدە دەرەخلىك ئاستىغا ياسالغان سەھنىدە پائالىيەت تەييارلىقى بولماقتا .
ئوقۇغۇچىلار ئۆز سىنىپلىرى بويىچە رەتلىك تىزىلىشپ ئولتۇرۇشقان ئىدى.
رىياسەتچى بۇ قىتىملىق نەۋرۇزلۇق پائالىيەتنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
-    تۆۋەندە بىز مەكتەپ مۇدىرى شاۋكەت  مۇئەللىمنى پائالىيەت ھەققىدە سۆز قىلىپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىمىز .
گۇلدىراس ئالقىش ساداسىدىن كىيين مۇدىرى ،پاكار  كەلگەن مەكتەپ مۇدىرى شاۋكەت سەھنىگە چىقتى .
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئاتا –ئانىلار ،ئوقۇتقۇچى –ئۇستازلار ،سۆيۈملۈك ساۋاقداشلار ،ھەر ساھەدىن مەكتىۋىمىزنى نەۋرۇز پائالىيتىگە قاتنىشىشى كەلگەن ئېزىز مېھمانلار ، قۇتلۇق قەدىمىڭلارغا مەرھابا.
قىزغىن ئالقىشلاردىن كىيىن ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
-    نورۇز – باھار بايرىمى ، ئۇزاق ئۆتمۈشتىكى ئاغۇنلىرىمىزدىن باشلىنىپ ، خەلقىمىز ئارىسىدا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى بايرام. ئاتا – بوۋىلىرىمىز باھاردا ئوت - گىياھنىڭ ياشناش ھادىسىسىنى ، ئوتخۇر ھايۋانلارنىڭ ئورچۇش دەۋرىنى، شۇنىڭدەك ھەر يىلى يۇلتۇزلارنىڭ ئورنىنى كۈزىتىش ئارقىلىق ، قۇياشنىڭ بىر يىللىق دەۋرىنى ھېسابلاپ يىل بېشىنى ئېنىق بەلگىلىگەن . قۇياشنىڭ ھەمەل بۇرچىغا كىرگەن ۋاقتىنى يىل بېشى قىلغان . دەسلەپتە يېڭى يىلنى ‹‹يىل بېشى›› ياكى ‹‹كۈن تۇغدى››دەپ ئاتىغان بولسا ، 10- ئەسىرلەردىن كېيىنكى ئىرانلىقلارنىڭ ‹‹ نورۇز ›› سۆزىنى قۇبۇل قىلىپ ، باھار بايرىمىنى ‹‹نورۇز›› دەپ ئاتايدىغان بولغان . ‹‹نورۇز›› دىكى ‹‹نو›› يەنى ‹‹نەۋ›› نىڭ تۈپ مەنىسى ‹‹يېڭى››، ‹‹ئېرىغ›› دېگەنلىكتۇر. ‹‹رۇز›› نىڭ مەنىسى ئاپتاپ يەنى قۇياش تۇغۇلۇپ پاتقۇچە يورۇق بولۇپ تۇرىدىغان چاغ ، دېگەنلىكتۇر . دېمەك ، نورۇز يېڭى كۈن ، قۇياش يېڭىۋاشتىن تۇغۇلغان يەنى ياشارغان كۈن ، دېگەندىن ئىبارەت.
بىزدە ھەريىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىنى نەۋرۇزنى كۈتىۋىلىش كۈنى قىلىپ بىكىتىلگەن. بۇكۈن ، كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن كۈن .ھاياتىمىزدىكى يەنە بىر يىلنىڭ باشلىنىش كۈنى ......
مەكتەپ مۇدىرى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى :
نورۇز - ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام ، ئەمگەك بايرىمى، دوستلۇق ، ئىناقلىق بايرىمى، ساۋابلىق بايرىمى، ئامانلق بايرىمى، شادلىق بايرىمىدۇر. ئىشىنىمىزكى، خەلقىمىز ئۇنى ئىناقلىق ۋە زامانىۋى ئاڭنى تەرغىپ قىلغۇچى ھېكمەت ۋە سەنئەت چېچەكلىرى بىلەن بېزەپ ، مىللىي مەدەنىيتىمىزنىڭ نادىر جاھاننامەسى ۋە ئىپتىخارلىق قامۇسىغا ئايلاندۇرغۇسى . ئاخىرىدا مەن بارلىق مېھمانلارنىڭ بۇ قۇتلۇق بايرىمىنى يەنە بىر قىتىم تەبرىكلەيمەن .يېڭى بىر يىلدا يەنىمۇ تىرىشىپ ئۆز ئىشلىرىدا نەتىجە قازىنىشىنى ، ئائىلىۋى تۇرمۇشىنىڭ خوشاللىق ئىچىدە ئۆتۈشىنى ، ساۋاقداشلارنىڭ بۇ قىتىملىق پائالىيەتتىكى نومۇرلاردا ئۆزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە تېلەكداشمەن .
مۇدىرنىڭ سۆزىدىن كىيىن پائالىيەت رەسمىي باشلاندى. ئالدى بىلەن سىنىپلارنىڭ تەييارلىغان نومۇرلىرىدىن تاللانغان نومۇرلار قويۇلدى. سەزگۈر بىلەن بەختىنۇرنىڭ تەييارلىغان ئەسىرى ئوقۇلغاندا مەيدان تېمتاسلىققا تولدى. يېنىڭ مۇزىكىغا بىرلەشتۇرۇپ ،كۈچلۈك ھېسسىيات بىلەن ئوقۇلغان ئەسەر ھەممىنى قايىل قىلدى. مەيداندا بىر ۋاقىتقىچە ئالقىش ياڭرىدى.
سەنئەت مۇسابىقىسىدىن كىيىن تەنتەربىيە تۈرلىرى ئۆتكۈزۈلدى. قىز –ئوغۇللارنڭ جۈپ بولۇپ ،پۇت چىگىپ يۈگرەش مۇسابىقىىسىگە قاتنىشىغان ئوغۇل ساۋاقدىشى ئارغامچا تارتىش تۈرىدە پۇتىنى قايرىۋالغانلىقى ئۈچۈن ،ئۇنىڭ ئورنىغا سەزگۈر چۈشتى.بىراق قىزنىڭ بويى سەل ئېگىز بولغاچقا ساۋاقداشلرىنىڭ مەجبۇرلشى بىلەن بەختىنۇر سەزگۈربىلەن بىللە مۇسابىقىگە چۈشتى.
مۇسابىقە باشلاندى . سەزگۈر نىڭ ئوڭ پۇتى بەختىنۇرنىڭ سول پۇتى بىلەن قوشۇپ تېڭىلدى. قالغان مۇسابىقىداشلىرىمۇ تەييارلىقنى پۈتتۈردى. رىپىر باشلاش بۇيرىقىنى بەرگەندىن كىيىن مۇسابىقىداشلار پەللىگە قاراپ تاقلاپ يۈگرەشكە باشلىدى. سەزگۈر بىلەن بەختىنۇر ھە دېگەندىلا ماسلىشالماي قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار بۇنى مەشىق قىلمىغاچقا قەدەمنى تەڭ ئالالماي بىر قانچە قەدەم ئالمايلا يېقىلىشتى. شۇ يېقىلىشتا بەختىنۇر سەزگۈرنىڭ ئۈستىگىلا يېقىلدى.
-ۋايجان ، - بەختىنۇر قاتتىق توۋلاپ سالدى. ئۇنىڭغىچە ساۋاقداشلىرىمۇ مەيدانغا يۈگرەپ كىرىشتى. ئۇلار دەرھال ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى تېڭىقتىن بوشىتىشنى . بىراق بەختىنۇر بىر قەدەم مېڭىپلا يەنە يىقىلدى. ئۇنىڭ پۇتى ئوشۇقتىن قايرىلىپ كەتكەنىدى.
شۇ قىتىملىق پائالىيەتتە ئۇلارنىڭ سىنىپى بىر قانچە تۈردە نەتىجە ئالدى. بولۇپمۇ سەزگۈر بىلەن بەختىنۇرنىڭ ئوقۇغان ئەسىرى ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى. لىكىن بەختىنۇر شۇ ياتقانچە بىر ئاي دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى.

                                                                                      ‹8›
يېقىندىن بۇيان، سەزگۈر باشقىچىلابولۇپ قالدى. ئۆيدىمۇ،مەكتەپتىمۇ بەختىنۇر ئۇنىڭ خىيالىدىن چىقمىدى. خىيال ۋە تەشۋىشلەر ئۇنى ئازابلايتتى.
توۋۋا، -دەپ ئويلايتتى ئۇ ،-مەن نېمە بولدۇم .نېمىشقا ھە دېسىلا بەختىنۇر كاللامغا كىرىۋالىدۇ. ئۇ بار چاغلاردا ئۇنداق ئەمەس ئىدى.
چۈشتىن كىيىنلىك ئىختىيارى مۇزاكىرە ۋاقتىدا سەزگۈر سىنىپتا مۇزاكىرە قىلىشنى خالىماي سىرتقا چىقتى.
  ئۇ ئاستا مېڭىپ مەكتەپنىڭ ئارقىسىدىكى ئالمىلىق باققا كىردى. باغ ھەرخىل رەڭدە ئېچىلىپ كەتكەن ئالما چىچەكلىرى بىلەن ئاجايىپ گۈزەل تۇسكە كىرگەن بولۇپ، ئادەمنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلاتتى. سەزگۈر ئالما قىرلىرىنى ياقىلاپ بەختىنۇر بىلەن بىللە دەرس تەكرار قىلغان جايغا كەلدى. نېمىشقىدۇر ئۇنىڭ كۆڭلى بىر قىسمىلا بولدى.بەختىنۇر ھازىرلا يۈگرۈپ كىلىدىغاندەك ، ئۇنىڭغا :«قېنى مۇسابىقىلىشىپ باقايلى ،كىم تۆت قۇلاقنى بالدۇر تاپالىسا بۇ قىتىملىق ئىمتىھاندا بىرىنچى بولىدۇ»دەيدىغاندەك قىلىپ ، ئۇياق –بۇياققا قاراپ قويدى.
سەزگۈر خىياللار قاينىمىغا غەرق بولۇپ ، ئىپادىسىز ئولتۇرغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ يىنىغا ئەسقەر كەلدى. ئۇ گەپ قىلمايلا ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.
-مۇشۇ كۈنلەردە ساڭا زادى نېمە بولدى ؟ - ئەسقەر ئۇنىڭغا قارىدى، -خۇددىي روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەكلا بولۇپ قاپسەنغۇ؟ ئۆيدە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟
سەزگۈر ئۇنىڭغا قاراپ قويدى.لىكىن ئۇندىمىدى.
-    قارىغاندا پەرىزىم توغرا ئوخشايدۇ، بەك كۆرگۈڭ كەلگەن بولسا بىرىپ يوقلاپ كەلسەڭ بولمامدۇ؟
سەزگۈر ئۇنىڭغا يەنىلا ئىپادىسىز قاراپ قويدى. ئەسقەر شۇندىلا ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قارىدى. ئۇ قولىنى ئۇنىڭ خىيالچان كۆزلىرى ئەتراپىدا يوقىرى –تۆۋەن پۇلاڭلاتتى.
-ئاداش ساقتۇ؟ - ئەسقەر جىددىلەشكەندەك قىلىپ سورىدى.
- بولدى ئەنسىرىمە ئاداش ،ماڭا ھېچنىمە بولغىنى يوق .
-قارىسام مۇشۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان باشقىچىلا بولۇپ قالدىڭ. باياممۇ سىنىپتىن چىقىپ كىتىۋاتىسەن . كەينىڭدىن قارىسام مۇشۇ تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتىڭ.شۇڭا كەينىڭدىن چىققان ئىدىم.
- سەل مىجەزىم يوق ، - سەزگۈر دەرھاللا بىر باھانە ئويلاپ چىقتى، -شۇڭا ئازراق شامالداپ كىرەي دەپ چىققان ئىدىم.
- مەندىن يوشۇرمىساڭمۇ بولىدۇ ئاداش، سىېنىڭ نېمىشكە شامالداشقا چىققانلىقىڭنى ئوبدان بىلىمەن. بىلىسەنغۇ ! بۇ جەھەتتە مېنىڭ مۇتەخەسسى ئىكەنلىكىمنى .
ئەسقەرنىڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزىنى ئاڭلاپ سەزگۈر بېشىنى كۆتۈردى. خۇددىي ئەسقەر ئىچىكى سىرلىرىنى بىلىپ قالغاندەك  بولۇپ، ھۆپپىدە قىزىرىپ كەتتى.
-    مانا ،مانا ، دېمىدىممۇ ؟ - ئەسقەر ئەمدى رەسمى يېپىشتى، - قارا قىزىرىپ كەتكىنىڭگە .بىلسەم –بىلمىسەم ئاشۇ ۋىتناملىق جىنتەكنى سېغىنغان گەپ .
-    ۋاي ئاداش ،نېمىلەرنى دەپ كەتتىڭ. سەنمۇ-زە ،گەپنى نەگە ئېلىپ كەتتىڭ ئەمدى.
-    بولدى ئېغىزىڭ يوشۇرغان بىلەن، كۆزلىرىڭ ھەممىنى ئاشكارىلاپ تۇرۇپتۇ. بۇمۇ يوشۇرغىدەك ئىشمۇ ئەمەس. بىزمۇ تولۇق ئوتتۇرا يىللىققا چىقتۇق. بۇنداق ئىشلاردىن خالىي بولالمايمىز .ئەسلىدىنمىغۇ ئىككىڭلار بىر –بىرىڭلارغا تولىمۇ ماس كىلىسىلەر ؟
سەزگۈر ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئارتۇقچە ئىنكاس بىلدۇرمەي كۈلۈپلا قويدى.
-    ئۇلۇشكۈن سىنىپتىكى قىزلاردىن ئىككىسى بەختىنۇرنى يوقلاپ بىرىپتۇ. بەختىنۇر گەپ ئارىسىدا سىنىپتىكى شۇنچە ئوغۇللار ئىچىدىن سىىنى ئالاھىدە سوراپتۇ.
-    نېمە دەپ ؟ -ئىتتىكلا سورىدى سەزگۈر
-    مانا قارا، تېخى ئۇنداق ئەمەس دەپ كەتكىنىڭنى .شۇنداقلا ئۇچۇر بەرسەم ئولتۇرالمايلا قالدىڭ. نېمە دەپ بولاتتى، سەزگۈر سىنىپ باشلىقى تۇرۇپ بىرەر قىتىممۇ يوقلاپ قويمىدى دەپ بولمامدۇ؟
-    مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان. بىراق شۇ قانداق بىرىشنى بىلمىدىم. ئاتا-ئانىسى خاتا چۈشۈنۈپ قالارمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم.
-    سەن بەكمۇ چوڭقۇر ئويلاپ كىتىپسەن ئاداش. مەخسۇمكاممۇ بەك ئېسىل ئادەم. مەھەللىدىكىلىرىگە پەقەتلا ئوخشىمايدۇ. دادامدىن ئاڭلىسام ئۇلارنىڭ تېگى بۇ يەرلىك ئەمەسكەن. شۇڭا ئۇلاردىن پەرقلىنىدىكەن. – ئەسقەر سەل تۇرۇپ ئېيتتى،- بولمىسا مەن سەن بىلەن بىللە باراي.
-    بولسا شۇنداق قىلايلى ، - سەزگۈرمۇ تىزلا قوشۇلدى.
ئىككى كۈندىن كىيىنكى بىر شەمبە كۈنىدە ئۇلار بەختىنۇرنى يوقلاپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى . سەزگۈر گەرچە مۇشۇ يېزا تەۋەسىدە چوڭ بولغان بولسىمۇ بىراق بۇرۇن بۇ تەرەپلەرگە ئانچە ئۆتۈپ باقمىغان بولغاچقا بەختىنۇرنىڭ ئۆيىنىمۇ بىلمەيتتى. ئۇنىڭغا ئەسقەر يول باشلىدى.
-    قىزنى ياخشى كۆر، بىراق ئۆيىنى بىلمەي يۈر . دۇنيادا سىېنىڭدەك ئىككىنچى بىر ئاشىقنى تاپماق تەس جۇمۇ؟
-    ئاداش ، تولا ئاشىق دەۋەرمە.ئەگەر باشقىلار ئاڭلاپ قالسا باشقىچە ئويلاپ قالمىسۇن يەنە.
-    يائاللا ئاغىنەم ،نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان مۇشۇنچىلىك ئازابنى قانداقمۇ ئېچىڭگە سىغدۇرۇپ يۈرگەنسەن –ھە!
ئۇلار پاراڭ سېلىشقاچ «ئەرۋاھلار مەھەللىسى»گە كېلىپ قالدى. باشتا دىيىلگەندەك ھېلىقى «قەبرە كۆچۈرۈش ھەرىكىتى»دە ، بۇ مەھەللىدىكىلەر قەبرىستانلىققا يىقىن بولۇش قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ ، نورغۇن ئىگىسىز قەبرىلەرنى ئىگەللىگەن ، كېچىدە ھەرىكەت قىلىپ ئىگىسى بارلارنىڭمۇ قەبرىسىنى «ۋاكالەتەن كۆچۈرۈپ »بىرىپ نۇرغۇن پۇل تاپقانلار ئىدى. بىراق ، شۇ پۇل ياراشمىدىمۇ شۇندىن كىيىن بۇ مەھەللىدە پۇل سەۋەبىدىن ئۆيى بۇزۇلغان ، ئۇرۇش –جىدەل چىققان ئائىلىلەر كۆپەيدى. مەھەللىدىكى قورۋان قىلىن دېگەن بىرى يېڭى تۇغۇلغان ئوغلى ئۈچۈن رىستۇراندا چاي ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئەلۋەتتە، شۇ قىتىملىق ھەرىكەتتە پۇلنى كۆپ تاپقاچقا شۇنداق قىلدى. قانداق بولدى ، ئىككى ئاي ئۆتۈپ ، بىر زۇكامدىغان  باھانە بىلەن بۇ دۇنياغا تېخى ئەمدىلا كۆز ئېچىپ ،ھاياتنىڭ ھېچقانداق لەززىتىنى كۆرمىگەن ئوغلى بۆشۈكتىلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. مەھەللىدىكى يېشى ئاتمىشلەرگە تاقىغان بىرىمۇ شۇ ئىشلار بولۇپ ، بىر نەچچە ئايدىن كىيىن «ئاينىپ» ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئاڭلىساق ، شەھەردە بىرتۇل خوتۇن بىلەن ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ يۈرەرمىش ...
مەھەللە بويىچە مۇشۇ مەخسۇم ئائىلىسىلا شۇ قىتىملىق ھەرىكەتتىن خالىي. مەخسۇم ئاتا –ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى ئۆزى باش بولۇپ يۆتكىدى. ئۇندىن باشقا ۋاقىتتا ئۇ تەرەپكە چىقمىدى. ئۇ مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئىشلىرىغا ھەيران بولاتتى. باشقىلاردىن ئۆز مەھەللىىسىدىكى قايسىدۇر بىرلىرىنىڭ كېچىسى  باشقىلارنىڭ كولاپ تەييار قىلىپ قويغان قەبرىلەردىكى مېيتلارنى ئوغۇرلاپ ، ئۆز تەۋەسىدىكى يۆتكۈلۈپ بولۇنغان قەبرىلەرگە ئەكىرىۋالغانلىقى ، ئەتىسى ھېلىقى مەخسۇس يۆتكەلگەن مېيىتلارنى تېزىملاۋاتقانلارغا تېزىملا ئالدۇرۇپ خالىغان يەرگە دەپنە قىلۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ نومۇس قىلىپ كىتەتتى. دادىسىنىڭ مېيىتىنى يىتتۇرۇپ قويغان بىرى تاس قالدى ساراڭ بولۇپ قالغىلى. بۇ ئىش پۈتۈن يېزىنى ساراسىمىگە سېلىۋەتكەنىدى.
قەبرە كۆچۈرۈش باشلىنىپ بىر ھەپتە بولغان چاغلار ئىدى. بىر كۈنى تۆۋەنكى مەھەللىدىكى ئاۋۇت ئىسىملىك بىرەيلەن ئۆز ئۇرۇق –تۇققانلىرىدىن بىر قانچىسىنىڭ قەبرىسىنى يۆتكىدى.نۆۋەت دادىسىنىڭ قەبرىسىگە كەلگەندە كولاپ ئاز قالغاندا بەك كەچ بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ توختىتىپ قويۇپ ، ئەتىسى يۆتكىمەكچى بولدى. ئۇ ئەتىسى دادىسىنىڭ قەبرىسىنى ئېچىپ ، قارىسا دادىسى يوق . بۇ ئىشتىن قورقۇپ كەتكەن ئاۋۇت ئىچ يەرلىكنى شۇنچە ئاقتۇرۇپمۇ دادىسىنى تاپالمايدۇ. نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالغان ئاۋۇتنىڭ بېشى قىيىپ شۇ يەرگىلا يىقىلىپ چۈشىدۇ. بۇ گەپ ناھايىتى تىزلا پۈتۈن يېزىغا پۇركەتتى. بەزىلەر :« ئاۋۇتنىڭ دادىسى روھقا ئايلىنىپ بۇ دۇنياغا يېنىپ كەپتۇ»دېسە ، بەزىلەر « ئاۋۇت كولاپ قويغان يەردىن دادىسى چىقىپ كىتىپتۇ»دېيشىپ يۈرۈشتى. تۇگەپ كەتكىنىگە شۇنچە يىللاربولغان بولسىمۇ ، كىشىلەر نېمىشقىدۇر بۇ ۋەھىمىگە ئېغىزىدا  ئىشەنمەي دېسىمۇ ،كۆڭلىدە ئاللىقانداقتۇر قورقۇنچلاردا يۈردى. كىيىن «ئەرۋاھلار مەھەللىسى »دېكى بىرىنىڭ كېچىسى مېيىپ ئوغۇرلىشى بىلەن بۇ ئىشلارنىڭ سىرى ئېچىلغان ئىدى.
سەزگۈر بىلەن ئەسقەر بىر قانچە ئۆيدىن ئۆتۈپ ، دارۋازىسى چىرايلىق قىلىپ ياسالغان بىر قورۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.
-كەلدۇق ،-دېدى ئەسقەر .
ئۇلار ھويلىغا كىردى. شۇ ئارىدا ئۆيدىن بىر ئايال چىقىپ كەلدى. قارىماققا ئۇ بەختىنۇرنىڭ ئانىسىدەك قىلاتتى.
-    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، - ئەسقەر دادىللىق بىلەن سالام قىلدى. – بىز بەختىنۇرنى يوقلاپ كەلگەن ئىدۇق.
-    قېنى بالىلىرىم، ئۆيگە كىرىڭلار ، - ئايال ئىچكىرىگە قاراپ توۋلىدى، - بەختىنۇر ، قىزىم ، ئوغۇل ساۋاقداشلىرىڭىز كەپتۇ.
گۈلسۈم «ئوغۇل ساۋاقداشلىرىڭىز »دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويدى. سەزگۈر«ا بەختىنۇرسەل بىئەپ  ھالدا بولسا كىرەك»دەپ ئويلىدى.
ئۇلار گۈلسۈمنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئۆيگە كىرىپ كەلدى.

                                                                                   ‹9›
كۈنلەر –كەينىنى قوغلاپ ئۆتۈپ چىرايلىق ياز كۈنلىرىمۇ يېتىپ كەلدى. بەختىنۇرمۇ ياخشى بولۇپ مەكتەپكە قايتا قەدەم قويدى. ئۇنىڭ ساقىيىپ كەلگىنىدىن سەزگۈربەكلا خوشال ئىدى.
ھېلىقى قىتىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارغان كۈندىن كىيىن ئۇ يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ توشقۇزۇشقا تېگىشلىك قانداقتۇر بىر ماتىرياللىرىنى باھانە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئىككى قىتىم بىرىپ كەلدى. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ بەختىنۇر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.
چۈشتىن كىيىنلىك ئىختىيارى پائالىيەت ۋاقتىدا ئۇلار بىللە مەكتەپ قىرائەتخانىسىغا كېرىشتى. ئۇلار ئۆزلىرىگە كىرەكلىك بولغان ماتىرياللارنى ئالغاندىن كىيىن بۇ يەردىن ئايرىلىپ، مەكتەپنىڭ ئالمىلىق بېغىغا چىقىشتى.
ئۇلارباغ ئىچىنى ئارىلاپ  خالىي بىر جاينى تاللاپ ئولتۇرۇشتى. بۇكۈنلەردە مەكتەپنىڭ بۇ بېغى تولىمۇ چىرايلىق تۈسكە كىرگەن بولۇپ، دەرستىن چۈشكەندىن كىيىنلا ئوقۇغۇچىلار بۇ يەرگە چىقىپ دەرس تەكرارلايتتى.
-    سىزنىڭ ياخشى بولۇپ كەلگەنلىكىڭىزدىن تولىمۇ خوشال بولدۇم ، -سەزگۈر نېمىشقىدۇر سۆزىنىڭ ئاخىرىنى تاپالماي قالدى.
بەختىنۇر ئۇنىڭغا ئۆمۈدلىك كۆزلىرى بىلەن قارىدى. مۇشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭمۇ كۆڭلى خوش ئىدى. سەزگۈرنىڭ ئالايىتەن يوقلىشى ، ئۇ كەلگەندىن كىيىن ئۆتۈلگەن دەرسلەرنىڭ موھىم تەرەپلىرىدىن تەكرار قىلىپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشى ئۇنىڭ كۆڭلىدە سەزگۈرگە بولغان مۇھاببىتىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتكەن ئىدى.
-    مەنمۇ ئۆيدە بەكلا زىرىكتىم ، - بەختىنۇر يىراقلارغا تېكىلىپ تۇرۇپ ئېيتتى،- شۇ دەرستىن كىيىن قالارمەنمۇ دەپ ئويلىدىم.
-    بۇنىلا ئويلىمىغانسىز  ؟
بەختىنۇر ھوپپىدە قىزىرىپ كەتتى. ئۇ سەزگۈرگە قارىيالماي يەردىكى ئوت-چۆپلەرنى يۇلۇشقا باشلىدى.
-    بەختىنۇر سىزگە بىر گەپ قىلسام خاپا بولارسىزمۇ؟ - سەزگۈر ئاستا شۇنداق دېدى دەپ ئۇنىڭغا قارىدى.
-    قىنى دەپ بىقىڭ؟ ئاۋۋال سۆزىڭىزنى ئاڭلاپ ئاندىن بىرنېمە دەي؟- بەختىنۇرنىڭ يۈرىكى تويۇقسىز دۇپۈلدەپ كەتتى.
-    شۇ ، بىز ساۋاقداش بولغىلى 5يىلچەبولۇپ قالدى. بۇ جەرياندا بىزياخشى ئۆتتۇق . بۇندىن كىيىن تېخىمۇ شۇنداق ئۆتسەك دىمەكچىمەن .- سەزگۈر ھودۇقۇپ كىتىپ كۆڭلىدىكى ھەقىقىي سۆزىنى ئېيتالمىدى.
-    بىز ئەسلىدىنلا شۇنداقمۇ؟ بۇنىڭغىمۇ گەپ كىتەمدۇ سەزگۈر ؟
-    مەن دەيمەن بەختىنۇر ...
-    قىنى دەڭ؟
-    مەن سىزگە بەرگەن «غىرىپ –سەنەم »داستانىنى تولۇپ ئوقۇپ چىققتىڭىزمۇ؟
سەزگۈر نېمىشقىدۇر يۈرىكىدىكى سۆزىنى ئىپادىلەپ بىرەلمەيۋاتاتتى.
-    ئوقۇپ چىقتىم. غىرىپ-بىلەن سەنەمنىڭ مۇھاببەت سەرگۈزەشتىسى ماڭا بەكمۇ تەسىر قىلدى. توۋۋا دەيمەن، بىزدىكى كىشىلەر ئەنە شۇنداق ھەممە نەرسىنى ئاتا –ئانىسىنىڭ تاپقان پۇلى ، يۈز ئابرۇيى بىلەن ئۆلچەم قىلىپ ، ياشلارنىڭ مۇھاببتىگە ئۆلچەم قويىدۇ. غىرىپ –بىلەن سەنەمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پاك مۇھاببىتىنى قوغداش يولىدىكى ئىش ئىزلىرىنى ئويلىساملا ئۇلارغا قايىل بولماي تۇرالمايمەن .
-    مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن. ھەقىقىي مۇھاببەت قانداقتۇر مال –دۇنيا ئۈستىگە ئەمەس ،بەلكى ئىككى يۈرەكنىڭ ئىختىيارى قوشۇلىشى ئارقىلىق بالىققا كىلىدۇ.
-    ھازىرمۇ شۇنداق ئاشىقلار بارمىدۇ؟ - بەختىنۇر گېپىنى دەپ بولۇپ نېمىشقىدۇر قىزىرىپ كەتتى.
-    سىزتېخىچە چۇشەنمەي يۈرەمسىز ؟ ئىزدىسىڭىز ئەتراپىڭىزدىلا غىرىپتەك يىگىتلەر بار ھازىرمۇ؟
-    مەن ئەجەپ كۆرەلمىدىما؟ - بەختىنۇر بېشىنى ئاستاتۆۋەن قىلدى.
-    بىلسىڭىز ،سىز ئاغرىپ ياتقاندىن بۇيان مىنىڭمۇ كۆڭلۈم سىز بىلەن تەڭ ئاغرىدى. سىز كەلگىچە بولغان ئارلىقتا دەرستىنمۇ چىكىنىپ كەتتىم. شۇسىزنىلا ئويلاپ...
-    پاھ ،ئەمدى دەرستىن چىكىنگەنلىڭىزنى مەندىن كۆرىسىزگەندە؟
-    ياقەي ،ئۇنداق دېگىنىم ئەمەس ، سىزنى تولا ئويلاپ !
بەختىنۇر ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى. ئۆزى ئۇزۇندىن بۇيان غايىۋى ياخشى كۆرۈپ يۈرگەن ئادىمى ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئىزھار قىلۋاتسا ئۇ يەنە نېمىمۇ دىيەلىسۇن؟ ئۇ مۇشۇ كۈننى قاچاندىن بۇيان كۈتكەن –ھە!
تولۇق ئوتتۇرا يىللىققا چىققاندىن بۇيان بىر قانچە ئوغۇل ساۋاقدىشى ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ ئۈلگۈردى. ئەلۋەتتە ،بۇ ئىشلارنى سەزگۈر بىلمەيدۇ.ئەگەر ئۇ بىلىپ قالسا قانچىلىك ئازابلىنار ! ياكى بىراقلا  ۋاز كېچىشىمۇمومكىن. شۇلارنىڭ ئىچىدە ئارمان ھازىرمۇ ئۇنىڭ كەينىدە .
بەختىنۇر ئاغرىپ قالغاندىن بۇيان ئۇمۇ بىر باھانىلەرنى قىلىپ دوختۇرخانىغا بىر قىتىم بىرىپ يوقلاپ كەلدى. ئالدىنقى قىتىملىق يېڭى يىلدا ئۇ بەختىنۇرغا سوۋغا تەقدىم قىلدى.بىراق بەختىنۇر بۇنى قوبۇل قىلمىدى. ئەگەر شۇنىڭ ئورنىغا سەزگۈربولسا ئىدى ،ئۇ دەرھال قوبۇل قىلغان بولاتتى. شۇ كۈندىكى ئىشنى ئويلىىسىلا ئۇنىڭ كۈلگىسى كىلىدۇ.
يېڭى يىل كېلىپ ،ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە بىر-بىرىگە سوۋغا بىرىش مودابولدى.بەزىلەر ئوقۇتقۇچىلارغا سوۋغا تەييارلىسا ،بەزىلەر ساۋاقداشلىرىغا ،ئۆزىنىڭ كۆڭلىدە يېقىن تۇتقان ئادەملىرىگە سوۋغا تەييارلىدى. بەختىنۇرمۇ يىقىن دوستى رەيھانغا ئاتاپ چىرايلىق قونچاقتىن بىرنى ،سەزگۈرگە پۇل قاپچۇقى ئالدى. شۇ كۈنى ئۇ مەكتەپكە بالدۇرلا كەلدى. ئۇ رەيھاننىڭ سوۋغىسىنى ئۇنىڭغا بەردى. بىراق سەزگۈرگە ئاتالغان سوۋغىسىنى سومكىسىغا تېقىپ قويدى. ئۇ بۇنى سەزگۈرگە قانداق بىرىشنى بىلمىدى. « ئۇ نېمە دەپ ئويلاپ قالار ،-دەپ ئويلاتتى ئۇ ، -ئەگەر باشقىلار بىلىپ قالسا نېمە دېگەن سەتچىلىك ، نېمىشقىمۇ ئالغاندىمەن» ئۇ شۇ خىياللار بىلەن بىرىنچى سائەتلىك دەرسنى توشقۇزدى. شۇ جەرياندا ئۇ پارتىسىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدى. ئەگەر ئايرىلسىلا باشقىلار ئۇنىڭ ھېلىقى سوۋغىسىنى كۆرۈپ قالىدىغاندەك ، شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئۇنى زاڭلىق قىلىدىغاندەك تۇيۇلدى.
ئىككىنچى سائەتلىك دەرس ۋاقتىدا ئۇنىڭ كىچىك تەرىتى قىستاپ ئولتۇرالمايلا قالدى. ئەتىگەندىن بۇيان ھاجەتخانىغىمۇ چىقمىغان بولغاچقا بىئارام بولۇشقا باشلىدى. ئۇ ھەدەپ ئۇياق –بۇياققا تولغىناتتى.بېشىنى بىردەم پارتىغا قويۇپ ياتاتتى، قولى بىلەن قورسىقىنى چىڭ بىسىۋالدى. شۇ چاغدىلا پارتىدىشى ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى. نېمە بولغانلىقىنى سورىۋىدى بەختىنۇر ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى. ئۇنىڭغىچەساۋاقدىشى ئوقۇتقۇچىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلدى. ئۇقوتقۇچىسى ئۇلارنىڭ يىنىغا كىلىپ نېمە بولغانلىقىنى سورىدى. بەختىنۇر «بېشىم ئاغىرىپ كىتىپ بارىدۇ،سىرتقا چىقىپ كىرەي»دېدى دە، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ روخسىتىنى كۈتمەيلا سومكىسىنى ئېلىپ سىرتقا ئۆزىنى ئاتتى.
ئۇ شۇ يۈگۈرگىنىچە ئۇدۇل مەكتەپ ھاجەتخانىسىغا يېتىپ كەلدى. سومكىسىنى بىرچەتكە تاشلىدى دە ، بىر ئورۇنغا قاراپ ئېتىلدى.
بەختىنۇرنىڭ نورمالسىز ھالىتى ئوقۇتقۇچىنى ئەندىشىگە سالغان بولۇپ ، ئۇ چىقىپ كىتىشىگىلا بىر قىز ساۋاقدىشىنى ئۇنىڭ كەينىدىن چىقاردى. بىراق ، ساۋاقدىشى ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇنى تاپالمىدى. مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا چىقىۋىدى، دەرۋازىۋەن بىرەر ئوقۇغۇچىنىڭ سىرتقا چىقمىغانلىقىنى ئىيتتى. ساۋاقدىشى دەرھال بۇ ئىشنى مۇئەللىمگە ئىنكاس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن دەرس بۇزۇلۇپ ،سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ قورۇسى ئىچىدىن ئۇنى ئىزدىدى. لىكىن ھېچيەردىن تاپالمىدى. شۇ ئارىلىقتا دەرستىن چۈشۈش قوڭغىرىقى چىلىندى. ئوقۇغۇچىلار سىنىپلىرىدىن چىقىپ ئىختىيارى ھەرىكەتكە قىلىشقا باشلىدى. مەكتەپ ئىچى قاينام –تاشقىنلىققا تولدى .بايا ھاجەتخانىدىكى ئىشىنى تۈگۈتۈپ ئەمدىلا سىرتقا چىقاي دەپ تۇرغان بەختىنۇر ساۋاقداشلىرىنىڭ مەكتەپ ئىچىدە ئۇياق –بۇياققا يۈگرەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ ، نومۇس قىلىپ ھاجاتخانىدىن چىقماي تۇرۇۋالغانىدى. مانا ئوقۇغۇچىلار دەرستىن چۈشكەندىن كىيىنكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاستا ھاجەتخانىدىن چىقتى دە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياردىمىدە مەكتەپنىڭ ئالمىلىق بېغى تەرەپكە ئۆتىۋالدى.
-سىزنى مۇشۇ يەردىمىكى دېگەن ئىدىم؟
بەختىنۇر بىرىنىڭ گەپ قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپلا چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈردى. ئۇنىڭ ئالدىدا سەزگۈرتۇراتتى.
-    نېمە بولدىڭىز ؟ بايا ھەممىمىز شۇنداق قورقۇپ كەتتۇق.سىز چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئاينۇر كەينىڭىزدىن چىققان بىراق تاپالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەممىمىز سىزنى ئىزدىدۇق.
-    ئۆزەممۇ بىلمەيمەن ، -بەختىنۇرنىڭ نېمىشقىدۇر تۇرۇپلا كۈلكىسى قىستاپ قاقاقلاپ كۈلىۋەتتى.
سەزگۈر ئۇنىڭغا قاراپ تېخىمۇ قورقۇپ كەتتى«بەختىنۇرغا جىن چاپلاشتىمۇ نېمە» ئۇ ئاخىرىنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي دەرھال ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېنىغا يۈگۈردى.
ھەرھالدا شۇ قىتىملىق ئىش ، بېسىلىپ قالدى. بەختىنۇرمۇ ئالغان سوۋغىسىنى سەزگۈرگە بىرەلمىدى.
چوڭقۇر خىياللارغا كەتكەن بەختىنۇر نېمىشقىدۇر يەنە كۈلۈپ كەتتى. سەزگۈر ئۇنىڭغا قاراپ بۇرۇنقى ھېلىقى ئىشنى ئويلاپ قورقۇپ قالدى.
-سىزگە نېمە بولدى ؟ - ئۇ ئاستا سورىدى.
-ھېچنىمە ، سىزگە بىر ئىشنى دەپ بىرەي ، ھېلىقى قىتىم سىنىپتىن چىقىپ كىتىشىمنىڭ سەۋەبىنى بىلگىڭىز بارمۇ ؟
سەزگۈرمۇ شۇ ئىشنى ئويلاپ تۇرغاچقا دەرھاللا ئۇنىڭغا قارىدى. بەختىنۇر شۇ كۈندىكى ئىشنى ئۇنىڭغا تەپسىلىي دەپ بەردى. ئەمدى كۈلۈش نۆۋىتى سەزگۈرگە كەلگەن بولۇپ ، ئۇ ئولتۇرغان ئورنىدىلا ئۆزىنى كەينىگە تاشلاپ كۈلۈشكە باشلىدى.
-    نېمە مىنى زاڭلىق قىلىۋاتامسىز؟ - بەختىنۇر تۇمشۇقىنى ئۇچلىدى، - سىزگە دېمىسەممۇ بولۇپتىكەن.
-    ياقەي، مەن مۇشۇ كۈنگىچە شۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي يۈرەتتىم. –سەزگۈر كۈلۈپ تۇرۇپ دېدى، - توۋۋا، نېمىشقىمۇ ئۇنداق قىلغانسىز ، شۇ سوۋغىڭىزنى بەرگەن بولسىڭىز ئۇنداق بولمايتتى ئەمەسمۇ؟
-    مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان ،بىراق ساۋاقداشلاردىن نومۇس قىلىپ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنى باشقىچە ئويلاپ قالمىسۇن دەپ ...
-    ئەگەر باشقىچە ئويلاپ قالسام قانداق بولماقچىدى ؟ -سەزگۈرمۇ بىردىنلا جۈرئەتلىك گەپ قىلدى، - كۆڭلۈمدىكى يايرىم بەرگەن سوۋغا ئىدى دەپ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتەتتىم شۇ!
-    ساراڭ !!!
بەختىنۇرئۇنىڭغا تەتۇر قارىۋالدى. سەزگۈر ئاستا ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى. بەختىنۇر قولىنى ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇنىڭ قولىدىن ئاجرىتالمىدى.
-    ئۇنداق قىلماڭ ، باشقىلار كۆرۈپ قالىدۇ.
-    كۆرسە نېمە بولىدۇ. خاتىرجەم بولۇڭ ،بۇيەر ھاجەتخانىغا يىقىن.
بەختىنۇر ئاچچىقى بىلەن قولىنى تارتىۋالدى. ئۇ سەزگۈر مېنى زاڭلىق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىغانىدى. شۇڭا ئورنىدىن تۇرۇپلا ماڭماڭچى بولدى.
-بولدى ،بولدى، سىزگە ناماقۇل بولاي، -سەزگۈر ئۇنىڭ ئالدىنى توسىدى، - راستىنلا ۋىتناملىق جىنتەكتە سىز ، ھېلىقى سوۋغىڭىزنى قاچان بىرىسىز ؟
بەختىىنۇر ئۇنى بىرچەتكە ئىتتىرىپ يۈگرەپ دېگۈدەك ماڭدى. سە ل مېڭىپ توختاپ كەينىگە قايرىلدى.
-    سوۋغىغا ئېرىشىشى ئۇنداق ئاسان ئەمەس . مەن ئالدى بىلەن سىناپ باقاي ،شەرتكە توشسىڭىزلائۇ سىزگە تەۋە بولىدۇ!!!
                                                                                   ‹10›
مۇشۇ كۈنلەردە ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. سەزگۈر ،بەختىنۇرلارمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تەييارلىق قىلدى. بۇ جەرياندا ئۇلار بىرلىكتە مۇزاكىرەقىلاتتى . ئىشقىلىپ مەكتەپتىكى ۋاقتىدا دائىملا بىللە بولاتتى.
شۇ كۈندىكى ئىشتىن كىيىن ، بەختىنۇرئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەم ھېسابلىدى. نېمىشقىدۇر ئۇ سىنىپتا سەزگۈردىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇپ يۈردى. باشقىلارنىڭ ئاللىقانداق گەپ –سۆزلەرنى تارقىتىشىدىن قورقتى. بىراق ، بۇنداق ئىش تارقالماي قالسۇنمۇ؟ بۇ ئىشنى ئىچىگە يۇشۇرالمىغان بەختىنۇر بىركۈنى ساۋاقدىشى رايھانغا دەپ سالدى. شۇنىڭ بىلەن رەيھان:«بەختىنۇر باشقىلارغا دېمە دېگەن ئىدى»دەپ يۈرەپ بىر نەچچە دوستىغا بۇ گەپنى دەپ ئۈلگۈردى. ھەي، قىزلار ئەنە شۇنداق ئاجايىپ كىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە سىرساقلىتىمەن دېگەنلىكنىڭ ئۆزى بىر ئەخمەقلىق. ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلىيالماي باشقىلارغادەپ يۈرگەن يەردە ،باشقىلاردىن سىر قاقلاشتىن ئۆمۈد كۈتۈش مومكىنمۇ؟
بۇ ئىش تىزلا سىنىپ ئىچىگە تارالدى. لىكىن نېمە سەۋەپتىندۇ،سىنىپتا ئۇلارنى زاڭلىق قىلىدىغانلار يوق دېيەرلىك ئىدى. خۇددىي ھەممىسى بۇ ئىش بۇرۇندىنلا مۇشۇنداق بولۇشى كىرەكتەك ئۇلارنى تەبرىكلىدى. بىراق مۇشۇ كۈنلەردە بىرلا كىشىنىڭ قەلبى چوڭقۇر ئازاپتا ئىدى. ئۇ ئارمان بولۇپ، سىنىپتىكى ھېلىقى گەپلەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرالمايلا قالدى. سەزگۈر بىلەن سۆزلىشىۋىدى بۇ ئىش راست بولۇپ چىقتى.
بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتقاندا ئۇ بەختىنۇرنىڭ ئالدىنى توسىدى.
-نېمە قىلاي دەيسەن ئارمان ؟ - بەختىنۇر ئۇنىڭغا قوپاللا تەگدى.
- سىزمېنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭىز ؟ - ئارمانمۇ بىراقلا بۆرە –تىرىسىنى كىيدى.
- مەن سىزنى نېمە كۆرۈپتىمەن .گەپنى ئويلاپ قىلىڭ .
-نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان كەينىڭىزدىن يۈرۈپ چىرايلىق گەپ قىلسام ، قوشۇلماي بۈگۈنگە كەلگەندە نەدىكى بىر قوڭالتاقنى مۇھاببەت قىلۋالدىڭىزما؟
- ئېغىزىڭىزنى چايقىۋىتىپ گەپ قىلىڭ ئارمان! سەزگۈرسىزنىڭ ساۋاقدىشىڭىز...
- قويە شۇنداق ساۋاقداشنى ، ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا مەن ياخشى كۆرگە ن قىزغا قانات سۆرەپ يۈرمىگە ن بولاتتى.
- مەن سىزگە گەپنى بۇرۇنلا ئوچۇق قىلغان ، - بەختىنۇر ئۇنى بىرچەتكە ئىتتىرىۋىتىپ ماڭماڭچى بولدى، - سىز بىلەن ھېچقانداق ئىشىم يوق .
-قىنى كۆرەرمىز .ئۇزۇن جاھان بۇ!
ئارمان مۇغەمبەرلىك بىلەن كۈلۈپ قويدى. بەختىنۇر ئاچچىقىدا ئۇنىڭغا بىرنى ئالايدى دە، بۇ يەردىن ئايرىلدى.
شۇ ئىشتىن كىيىن ئارمان ھە دېسىلا سىنىپتا سەزگۈرنىڭ زىتىغا تېگىپ يۈردى. نېمىلا ئىش قىلمىسۇن ئۇنى زاڭلىق قىلاتتى. سەزگۈرمۇ بىرقانچە قىتىم ئۇنىڭ بىلەن دېيىشىپ قالدى. بۇ ئىشلار مۇئەللىمنىڭ قۇلىقىغا بىرىپ يەتكەندىن كىيىن ئۇلار بىلەن ئايرىم سۆزلەشتى.
بىر كۈنى رابىيەم مۇئەللىم سەزگۈر بىلەن بەختىنۇرنى چاقىرتتى.
ئۇلار ئىككىسى خىجىل بولغان ھالدا مۇئەللىمنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇشتى. رابىيەم مۇئەللىم بىر ئىستاكان چاي قويدى دە، ئاستا ئورنىغا كىلىپ ئولتۇردى.
-    سىلەر سىنىپتىكىلا ئەمەس ،بەلكى مەكتەپتىكى ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن بولسىلەر . مەيلى ئۈگۈنۈش مەيلى ئەخلاق جەھەتتە بولسۇن ئوقۇتقۇچىلارمۇ سىىلەرنىڭ ياخشى تەرىپىڭلارنى ھازىرغىچە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. سىلەرگە باغلانغان ئۆمۈد-ئارزۇلارمۇ ئاز ئەمەس .
رابىيەم مۇئەللىم سەل تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
-    بىلەمسىلەر ؟ يىقىندىن بۇيان سىلەر توغۇرسىدىكى بەزى گەپلەرنى ئاڭلاپ مەنمۇ ئۆزەمنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەسلەپ قالدىم...
ئۇلار ئىككىسى بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇئەللىمگە قارىدى. مۇئەللىمنىڭ كۆزلىرى نېمىشقىدۇر تولىمۇ مەيۈس كۆرۈندى. خۇددىي ئىچىدە ئۇزاق يىللىق ئىيتالماي كىلىۋاتقان بىر دەردى باردەك تۇيۇلدى.
-    ئەينى چاغدا مۇشۇنداق ئىشلار سەۋەبىدىن مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان .كىيىنچە گەرچە ئادەتتىكى بىر مەكتەپتە ئۆزلىكىمدىن ئوقۇپ دىپلۇم ئېلىش ھازىرقى ئۇرۇندا ئىشلىگەن بولساممۇ بىراق ، تاكى مۇشۇ كەمگىچە پۇشايمان قىلىمەن. بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالمىغانلىقىمدىن ئۆكۈنىمەن. مەكتىۋىمىزگە يېڭىدىن خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان ياشلارنىڭ ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى ئاڭلىسام كۆڭلۈم بۇزۇلىدۇ. بۇ ھايات تولىمۇ قىسقا ئىكەن. مانا مېنىڭمۇ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ، خىزمەت قىلغىنىمغا 27يىلچە بولۇپ قالدى. بۇ كۈنلەرنى بىردە ئويلىسام خۇددىي كۆز نى –يۈمۈپ ئاچقىچە ئۆتۈپ كەتكەندەك تۇيىلىدۇ. بىراق ياشلىقتا بىلىپ –بىلمەي باشقا يوللارغا كىرىپ قىلىشنىڭ دەردىنى ئادەم كىيىن ھېس قىلدىغان گە پ ئىكەن. شۇڭا سىلەرگە دەيدىغىنىم :سىلەرنىڭ ھازىرقى ۋەزىپەڭلار ياخشى ئوقۇش . يەنە ئالتە ئايدىن كىيىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى . قالغان ئىشلارنى كىيىن ئويلاشساڭلارمۇ بولىدۇ.
سەزگۈر بىلەن بەختىنۇر مۇئەللىمنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى. كۆڭلىدە ئۆزلىرىگە بۇندىن كىيىن بارلىق زېھنىنى ئۈگۈتۈشكە قارىتىش توغۇرسىدا ۋەدىلەر بىرىشتى.
ھە ش –پەش دېگۈچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ۋاقتىمۇ يېتىپ كەلدى. ئۈچ كۈنلۈك ئىمتىھان ۋاقتى توشۇپ ئوقۇغۇچىلار خۇددىي زىممىسدىن ئېغىربىر يۈك ئېلىپ تاشلانغاندەك خوشال بولۇشتى.
ئۇلار ئەمدى ئەركىن بولغاندەك تويغۇدا بولسىمۇ بىراق يەنە بىر تەرەپتىن كۆڭلىدە تېخىمۇ ئەندىشىلەر پەيدا بولۇشماقتا. كىملەرنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ كىتىشى ھەققىدە سۆزلىشەتتى. باشقا ساۋاقداشلىرىنى «سەن دەرستە ياخشى بولغاندىن كىيىن چوقۇم ئۆتۈپ كىتىسەن »دېگۈچىلەر ،ئۆزىنىمۇ باشقىلارنىڭ شۇنداق دېيىشىنى ئارزۇ قىلاتتى.
بۈگۈن بۇيىل ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار دەسلەپكى «ئارزۇسى » نى تولدۇرۇشتى .سەزگۈر بىلەن بەختىنۇر مۇناسىۋەتلىك گىرافىلارنى توشقۇزۇپ بولغاندىن كىيىن مەكتەپ بېغىغا چىقىشتى.
ئۇلار ئايلىنىپ بۇرۇنقى جايىغا كىلىپ ئولتۇرۇشتى. بۇ جاي ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇلارغا تولىمۇ تونۇش .تالاي ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ ئارام ئېلىش ۋاقتى مانا مۇشۇ يەردە ئۆتتى. ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇلارنى ئىزدىمەك بولسا مۇشۇ يەردىن تاپاتتى.
-سىز قايسى مەكتەپلەرنى تاللىدىڭىز ؟ -سورىدى بەختىنۇر تۆۋەن ئاۋازدا.
- نەتىجەمنى ھېساپلاپ كۆردۇم. ئاللا خالىسا بىيجىڭ مىللەتلەر ئونۋېرسىتىتىغا توغرا كىلىپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ. شۇڭا بىرىنچىسىگە شۇ يەرنى يازدىم. سىزمۇ شۇ يەرنى يازغانسىز؟
-ياق ، مېنىڭ نەتىجەم ئۇ يەرگە توشمايدىغاندەك تۇرىدۇ. شۇڭا ئۈرۈمچىدىكى بىر قانچە مەكتەپنى يېزىپ قويدۇم شۇ..
-بولدى چاقچاق قىلماڭ ،سىزنىڭ مەكتەپتىكى ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىڭىزنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئەگەرسىز ئۇنداق دېسىڭىز قالغانلىرىمىز ئۆمۈد كۈتمىسەكمۇ بولىدۇ.
بەختىنۇرنىڭ كۆڭلىمۇ بىر خىل بولۇپ قالدى. نېمىشقىدۇر ئۇ ئۆزىگە تازا ئىشەنچ قىلالمىدى. دېمىسىمۇ ئۇ ئىمتىھاننى دېگەندە ك ياخشى بىرەلمىدى. ئىمتىھاندىن كىيىنكى جاۋاپ تەھلىل قىلىشتىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ نەتىجىسىنى ھېساپلاپ كۆرۈپ كۆڭلى يېرىم بولدى. ئىمتىھان ئالدىدىكى ئىككى  ئاي ئىچىدە كەينى –كەينىدىن ئىككى قىتىم قاتتىق ئاغىرىپ قىلىىشى ئۇنىڭ نەتىجىسىگە ئوبدانلا تەسىر قىلغانىدى.
-    ئەگەر شۇنداق چوڭ شەھەرلەرگە ئوقۇشقا كەتسىڭىز بىزنى ئۇنتۇپ كىتەرسىزمۇ؟ -بەختىنۇر «مىنى»دېيىشتىن خىجىل بولدى.
-    شۇمۇ گەپ بولدىمۇ ئەمدى.سىلەرنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالاي .بولۇپمۇ سىزنى .ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز بىللە ئوقۇيدىغان تۇرساق .
-    ئەگەر  ئىككىمىز بىللە ئوقالماي قالساقچۇ؟
-    بۇ مومكىن ئەمەس .بىز چوقۇم بىرگە ئالىي مەكتەپكە ئۆتىمىز. ئەگەر تەغدىر ئىككىمىزنى ئىككى مەكتەپكە ئايرىپ قالسا مەن كۈندە دېگۈندەك سىزگە خەت يازىمەن.
سەزگۈرنىڭ ساددىلارچە بەرگەن جاۋابىدىن بەختىنۇر كۈلۈپ كەتتى. ئارىدىن يىرىم ئاي ئۆتكەندە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئىلان قىلىندى. بۇكۈنى مەكتە پ ئىچى قاينام –تاشقىنلىققا تولغان بولۇپ ،ئوقۇغۇچىلاردىن سىرت ئاتا –ئانىلارمۇ يېغىلىشقان ئىدى. ئۇنىڭغىچە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار بۆلۈمىدىن بىرئوقۇتقۇچى يوغان بىر ۋاراق قەغەزنى مەكتەپ ئىچىدىكى قارا دوسكىغا چاپلاپ قويدى. ھېلىقى دوسكىنىڭ ئالدىدا ئوقۇغۇچىلار ، ئاتا –ئانىلار بىر –بىرنى ئىتتىرىشىپ نەتىجە كۆرۈشكە ئالدىرىشاتتى. سەزگۈر بىر چەتتە قاراپ تۇردى. نېمىشقىدۇر بۈگۈن بەختىنۇر مەكتەپكە كەلمىگەن بولۇپ ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ كۆڭلى تولىمۇ يىرىم ئىدى.ھېلىقى توپلىشىۋالغانلار ئىچىدىن بىرلىرىنىڭ خوشال چىقىۋاتقانلىقىنى ،بىرلىرىنىڭ يېغلاپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن سەزگۈرنىڭمۇ كۆڭلى بىر قىسما بولۇشقا باشلىدى. تۇرۇپلا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى يوقاپ قالاتتى. ئۇنىڭغىچە ئۇ يەردە ئادەم ئازلاشقا باشلىدى. ئۇ ئاستا توپنى يىرىپ كىرىپ ، ئۆز ئىسمىنى ئىزدەشكە باشلىدى.
ئۇ ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئىسمىنى تاپتى. نەتىجىسى يوقىرى بولۇپ نەتىجە يېزىلغان كاتەكچىنىڭ كەينىگە «مەكتەپ بويىچە بىرىنچى ، ۋىلايەت بويىچە ئۈچىنچى »دەپ يېزىلغانىدى. ئۇنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشتى. شۇندىلا ئۇ بەختىنۇرنىڭ ئىسمىنى ئىزدىدى. ئاخىرى ئۇنىڭ ئىسمىنى تاپتى. بىراق ئۇنىڭ نەتىجىسى تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىدى. «خاتا بۈلۇپ قالمىغاندۇ؟»دېگەن ئوي بىلەن يەنە قاراپ باقتى .دېمەك ، كۆرگىنى ھەرگىز خاتا ئەمەس بەختىنۇرنىڭ نەتىجىسى ئادەتتىكى مەكتەپلەرنىڭ ئۆلچىمىدىنمۇ تۆۋەن ئىدى.
سەزگۈرنىڭ بېشى قايغاندەك بولدى. ئۇنىڭ بايىقى خوشاللىقى يوقىدى. ئۇ توپ ئىچىدىن ئاستا سۇغۇلۇپ چىقىپ ، مەكتە پ سىرتىغا قاراپ ماڭدى. يولدا ئۇچرىغان ساۋاقداشلىرىنىڭ تەبرىكلىگەن سۆزلىرىمۇ قۇلىقىغا كىرمىدى. ئۇ شۇ ماڭغىنىچە ئۇدۇل ئۆيىگە يېنىپ كەلدى. ئۇ كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا ئاتا –ئانىسى ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن تەققازا بولۇپ تۇراتتى. ئۇلار سەزگۈرنىڭ سۇلغۇن ھالىتىنى كۆرۈپ دەسلەپ ھەيران بولدى ئارقىدىن كۆڭلى بىرنەرسىنى تۇيغاندەك قىلىپ ئۇنىڭغا ئېتىلدى.
-    بالام ، نېمە بولدى ساڭا ، - ئالدى بىلەن ئانىسى بېشىنى سىيلاپ يېغلاپ تاشلىدى. – قارىغاندا نەتىجەڭ ياخشى ئەمەس ئوخشىمامدۇ؟
ھاشىم ئاكا نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالدى. ئۇلار سەزگۈرنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن نېمە جاپالارنى چەكمىدى. ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈشىنى ئارزۇلاپ ھەر قىتىملىق نامازلىرىدا ئۇنىڭ بەختىنى تىلەپ كەلدى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇلار ئىشنىڭ بۇنداق بولۇشىنى ئويلىمىغانىدى.
سەزگۈر ئۇلارغا گەپمۇ قىلماي ئۇدۇللا ھوجرىسىغا كىرىپ كەتتى. ھاشىم ئاڭا تېخىچىلا يېغلاۋاتقان ئايالىنى بەزلەپ زادى نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئۆزى بىر بىلىپ بېقىش ئۈچۈن مەكتەپكە بىرىپ كەلمەكچى بولدى.
-دادىسى توختىسىلا ، - نېمىنىدۇر ئويلىغان خەلچىخان شۇنداق دېدى دە، ئويىگە كىرىپ كىتىپ بىر تۈگۈنچەكنى كۆتۈرۈپ چىقتى، - بۇ سەزگۈرنى ئوقۇتىمىز دەپ يېغقان پۇلنىڭ بىر قىسىمى .ھازىر قۇرۇق گەپكە ھېچكىم قۇلاق سالمايدۇ. مۇشۇنى بەرسىلە.
- ۋوي خوتۇن نېمە دەيدىغانسەن.بۇنى كىمگە بىرىمەن ئەمدى. مەن پەقەت مەكتەپكە بىرىپ قاراپ باقاي دېدىم شۇ .
-شۇنداق بولسىمۇ يېنىڭىزغا سېلىۋىلىڭ ،ۋاقتى كەلگەندە ئاپلا دەپ قالمايلى دەيمەنغۇ؟
ئۇلار شۇنداق تالىشىپ تۇرغاندا ھويلىغا سەزگۈرنىڭ ساۋاقدىشى ئەسقەر كىرىپ كەلدى. ئۇ ئۇلارغا سالام بىرىپ سەزگۈرنى سورىدى. ئۇنىڭغىچە خەلچىخان ئەسقەردىن سورىدى.
-    بالام ، سەن قانچە نومۇر ئاپسەن ؟
-    مېنىڭ نەتىجەم ئانچە ياخشى ئەمەسكەن خەلچىخان ئانا، شۇ ئادەتتىكى مەكتەپلەرگە ئۆتۈدىغاندەك قىلىمەن. بىراق بىزنىڭ سەزگۈر بۇ قىتىم پۈتۈن يېزىنىڭ يۈزىنى كۆتۈردى.
-    نېمە قىلىپ ئەمدى! –ئەر –ئايال ئىككىسى تەڭلا سوراشتى.
-    سەزگۈر تېخى قايتىپ كەلمىدىما؟- ئەسقەر گۇمانلىنىپ سورىدى.
-    كەلدى، لىكىن بۇ ھەقتە ھېچنىمە دېمىدىغۇ؟
ئەسقەر بىر نەرسىنى ئىسىگە ئالدى دە، ئۇلار غا قاراپ ئېيتتى.
-سەزگۈر بۇ قىتىم مەكتەپ بويىچە بىرىنچى ،پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە ئۈچىنچى بولۇپ ئۆتۈپتۇ. مۇشۇنداق خوشاللىقنى سىلەرگە ئېيتمىغىنىنى قاراڭلار .
ھاشىم بىلەن خەلچىخان بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەي قالدى. نېمە قېلىشىنى بىلمەي قالغان خەلچىخان ئەسقەرنى پىشانىسىدىن سۆيۈپ قويدى. ھاشىمنىڭمۇ كۆزلىرىدە ياش ئەگىدى. ئۇلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان كۈتكە ن ئۆمىدى رىئاللىققا ئايلانغان ئىدى. لىكىن نېمىشقا سەزگۈرنىڭ كۆڭلى يىرىم بولىدۇ؟ بىر يىرى ئاغرىمدۇ يا؟ ياكى ئاتا –ئانام مېنى ئوقۇتالماي قالامدۇ دەپ ئەندىشە قىلىپ قالغانمىدۇ؟ ھاشىم بىردەمدىلا نورغۇن خىياللارنى قىلىپ ئۈلگۈردى. ئاخىرى ئويى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئورنىغا چۈشۈردى. دىمەك ،ئۇ مۇشۇنداق ئويلىغان گەپ ...
ئەسقەر ھاڭۋىقىپ قالغان ھاشىم ئاكا ۋە خەلچىخانلارغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كىيىن ئاستا سەزگۈرنىڭ يېنىغا كىردى. سەزگۈر كارىۋاتتا ياتاتتى. ئۇ ئەسقەر نىڭ كىرگىنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇردى.
-    قاچان كەلدىڭ ئاداش ، - سورىدى ئۇ ئەسقەردىن .
-    ھازىرلار كېلىشىم ، سەن نەتىجەڭنى ئاتا –ئاناڭغا دېمىگەنمىدىڭ .
-    كۆڭلۈم بەكلا پاراكەندە بولغاچقا دېمىگەن ئىدىم.
-    شۇنچە يوقىرى نەتىجە ئېلىپمۇ يەنە نېمىگە يىرىم بولىدۇ. داداڭ بىلەن ئاناڭ ئىككىسىنىڭ كۆڭلى بەكلا پاراكەندە بولۇپتۇ.
-    مەنمۇ ئەمدى چىقاي دەپ تۇرغان ، - سەزگۈرمۇ گەپنى دەرھاللا بۇرىدى.
-    بىلسەم –بىلمىسەم بەختىنۇرنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈپ شۇنداق بولۇپ قالغانسەن تايىنلىق .
سەزگۈر ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى. شۇ كۈندىن كىيىن سەزگۈر بەختىنۇرنى كۆرەلمىدى. مەھەللىسىگە بىرىپمۇ باقتى . بىراق بەختىنۇر سىرتقا پەقەتلا چىقمىدى. بۇ كۈنلەردە بەختىنۇرنىڭمۇ كۆڭلى يىرىم ئىدى. بولۇپمۇ شۇنچە يىل جاپا تارتىپ ئوقۇپ ، نەتىجىسىنىڭ ئادەتتىكى مەكتەپلەرگىمۇ لايىق ئەمەس چىققانلىقى  ئېغىر كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ شۇنداق نومۇر ئېلىشىغا ھەممە ھەيران قالدى. دەسلەپ ئوقۇتقۇچىسى رابىيەم مۇئەللىم بۇنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتى.  باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن ئۆز نەتىجىسىنى ئاڭلىغان بەختىنۇرنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ يىرىم بولدى. گەرچە كۆڭلىدە بۇنى ئويلاپ تۇرغان بولسىمۇ بىراق بۇنداق تۆۋەن بولۇشىنى ئويلاپ باقمىغانىدى. ئاتا –ئانىسى بۇنى ئاڭلاپ بەكلا ئازابلاندى.ئۇلار بەختىنۇردىن زور ئۆمۈدلەرنى كۆتكەن ئىدى. مەخسۇم ئاكا قىزىنىڭ كۈندىن –كۈنگە جۈدەپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلدى.
-بولدى قىزىم ،كۆڭلۈڭنى يىرىم قىلما. ئىمتىھان دېگەنگە بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ.بۇ يىل ئۆتەلمىگەن بولساڭ كىلەر يىلى قايتا ئىمتىھان بىرىپ باقساڭ بولىدۇ.
نېمىلا دېگەن بىلەن بەختىنۇرنىڭ كۆڭلى يەنىلا يىرىم. ئۇ ھەتتا سەزگۈر بىلەن كۆرۈشىشتىنمۇ خىجىل بولدى. نەچچە قىتىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى ئويلىغان بولىسمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. «سەزگۈر ئەمدى مەندەك قىز بىلەن ھەرگىز ئارلاشمايدۇ»دەپ ئويلايتتى. ئۇ. شۇ سەۋەبتىن بىر ئاي ئۆيدىن تالاغىمۇ چىقمىدى.  
                                                                                ‹11›
مانا سىنتەبىرمۇ يېقىنلىشىپ قالدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەنلىك چاقىرىق قەغەزلىرىمۇ ئارقا –ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى. بىر كۈنى سەزگۈر ئۆيىدە كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇراتتى. ھويلىدا تۇيۇقسىز ئەسقەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
سەزگۈر دەرھاللا سىرتقا چىقتى. ئەسقەر ، ھاشىم ئاكا بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتى.
-بولدى بالام ، سۆيۈنچە سەندىن ئايلانسۇن قىنى دېگىنە ئالدى بىلەن  ؟ - ھاشىم ئاكا  خۇددىي كىچىك بالىلاردەك خوش –خەۋەرنى ئاڭلاشقا تەققازا بولىۋاتاتتى.
- مانا چاقىرىق قەغىزى ،بىزنىڭ سەزگۈر بىيجىڭغا ئۆتۈپتۇ.
-ۋاي نېمە دەيدىغانسەن بالام ؟ - ئۆيدىن چىققان خەلچىخان ئانا «بىيجىڭ »دېگەن گەپنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە «بىيجىڭ »دېمەكلىك بارسا كەلمەس يەر دېگەن بىلەن ئوخشاش دېگەندەك تۇيۇلۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ سەزگۈرنىڭ شەھەردىكى بىرەر مەكتەپكە ئۆتۈشىنى ئارزۇ قىلاتتى. قوشنىسىنىڭ قىزىمۇ ھازىر شەھەردە ئوقۇيدۇ .ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك ئۆيىگە يىنىپ چىقاتتى.
- يارايسەن بالام! –ھاشىم ئاكا ئۆيدىن ئەمدىلا چىققان سەزگۈرنى قۇچاقلاپ پىشانىسىگە سۆيۈپ قويدى.
-دادىسى ،-دېدى تېخىچە ئەندىشىسى بېسىلمىغان خەلچىخان ھاشىمنى بىر چەتكە تارتىپ ،- بالىمىز بىيجىڭغا كىتىدىگەن دېسە خوشال بولۇپ كەتتىڭىزما؟
-سەن نېمە دەيدىغانسەن ؟ بۇنداق ئامەت كىشىگە ئۆمرىدە قانچە قىتىم كىلىدۇ دەيسەن. مانا مەن مۇشۇ كەمگىچە شەھەرنىڭ سىرتىغىمۇ چىقىپ باقمىدىم.
-شۇنداق بولسىمۇ ،شۇ بالىدىن ئەنسىرەپ ...
-ھەي سېنىزە ! تېخى ماڭمىغان بالىدىن نېمە ئەنسىرەيسەن.ئەگەر بىرىپ قالسىمۇ نېمە ئەنسىرىگۈلۈك .بۇنىڭدىن پەخىرلەنسەڭ بولىدۇ. بالىمىز ئەمدى پايتەختتە ئوقۇيدىغان بولدى.
سەزگۈرنىڭ كۆڭلىمۇ ئالامچە خوشال بولدى. لىكىن تۇرۇپلا يەنە ئاللىقانداقتۇر خىياللار بىلەن بايىقى خوشاللىقى تارىدى. ئۇنىڭ خىيالىغا يەنىلا بەختىنۇر كىرىۋالدى. ئۇ بۇ بىر ئايدىن بۇيان ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمەي ھېجران ئازابىدا قىينىلىۋاتاتتى. رەيھاندىن بىر قانچە قىتىم خەت كىرگۈزدى ،بىراق جاۋاپ يوق. ئاخىرى بىركۈنى رەيھاننى كەينى –كەينىدىن ئەلچىلىككە كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇنى سىرتقا ئېلىپ چىقتى. ئۇلار دېيىشكىنى بويىچە مەكتەپنىڭ بېغىندا ئۇچراشتى. سەزگۈر ،بەختىنۇرغا قاراپلا كۆڭلى يىرىم بولدى. بۇ بىر ئايدىن بۇيان بەختىنۇر ئوبدانلا جۈدەپ قالغانىدى.
-    سىزگە زادى نېمە بولدى بەختىنۇر .نېمىشقا مەن بىلەن كۆرۈشتىن ئۆزىڭىزنى ئېلىپ قاچىسىز ؟
بەختىنۇر گەپ قىلماي يەنى تاتىلاپ ئولتۇراتتى. سەزگۈر ئۇنىڭ قولىنى ئاستا تۇتتى.
-    قارىغاندا سىز ماڭا ئىشەنمەيدىغاندەك تۇرىسىز ؟ مەن رەيھاندىن ھەممە گەپنى ئاڭلىدىم. تۇرۇپلا مۇشۇ گەپلەرنى سىزنىڭ قىلغانلىقىڭىزغا ئىشنەنمەي قالدىم .ئەگەر مەن مۇشۇنداق بولۇپ، سىز ئالىي مەكتەپكە ئۆتكە ن بولسىڭىز مېنى تاشلاپ كىتەرمىدىڭىز؟
بەختىنۇر ئۇنىڭغا قارىدى. تۇرۇپلا ئۇئىچ –ئىچىدىن ئىتىلىپ چىققان يېغىسىنى توختىتالماي يېغلاپ تاشلىغان پىتى ئۆزىنى سەزگۈرگە ئاتتى...
بەختىنۇر ئۆكسۈپ –ئۆكسۈپ يېغلىدى. دېمەك ،ئۇ ئىچىدىكى بارلىق گەپلىرىنى ئەنە شۇ يېغا ئارقىلىق سەزگۈرگە ئېيتتى.
-    ئەگەر سىز راستىنلا شۇنداق ئويلىغان بولسىىڭىز مېنى تولىمۇ پەس كۆرۈپ قاپسىز ، - سەزگۈر ئاچچىقى بىلەن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى. – بىلەمسىز ؟ ئەگەر شۇنداق ئويلىغان بولسىڭىز ماڭا ،سىزگە بولغان پاك سۆيگۈمگە ھاقارەت قىلغان بولىسىز .ئەگەر مۇشۇنداقلا ئويلىغان بولسىڭىز بولدى مەن ئوقۇشقا بىرىشتىن ۋاز كەچتىم.
-    ئۇنداق دېمەڭ ، - بەختىنۇر قولى بىلەن ئۇنىڭ ئېغىزىنى ئېتىۋالدى، - مەن سىزنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكىنىڭىزدىن تولىمۇ خوشال .
-    بولدى كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ. بۇ يىل ئۆتەلمىگەن بولسىڭىز كىلەر يىلى چوقۇم ئۆتۈپ كىتىسىز .چۈنكى سىزدېگەن بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچى .
بەختىنۇر ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى. ئۇ ئايرىلىش ۋاقتىدا يانچۇقىدىن يالتىراق قەغەزگە چىرايلىق قىلىپ ئورالغان كىچىككىنە سوۋغىنى سەزگۈرگە بەردى. سەزگۈر ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئاستا ئۆزىگە تارتتى. بەختىنۇرمۇ يەنە بىرقىتىم ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدى. ..
ئۇلار بىرلىكتە مەكتەپتىن چىقىشتى. سەزگۈر ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ يىنىپ كەلدى. ئۇ ھوجرىسىغا كىرىپلا ھېلىقى سوۋغىنى ئاچتى. ئۇنىڭ ئىچىدە بەختىنۇربۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن يېڭى يىلدا سەزگۈرگە ئېلىپ بەرگەن  كىچىك ھەميان تۇراتتى.....
سەزگۈرنىڭ بىيجىڭغا كەلگىنىگىمۇ ھەش –پەش دېگۈچە يىرىم يىل بولاي دەپ قالدى. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ۋاقتى ئۈگۈنۈش بىلەن ئالدىراش ئۆتتى. ئۇ كۆپ ۋاقتىنى مەكتەپ قىرائەتخانىسىدا ئۆتكۈزەتتى. ئەزەلدىنلا كىتاپ ئوقۇشقا ئامراق سەزگۈر ئۈچۈن بۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئىدى. مەكتەپ كۈتۈپخانىسى مەملىكەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ كۈتۈپخانىلارنىڭ بىرى بولۇپ بۇ يەردىن قانداقلىكى كىتاپ بولسا تېپىلاتتى. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدىنيتىگە ، تارىخىغا ئائىت كىتاپلار تۈرى بىلەن تولۇق ئىدى. سەزگۈر بىكار چاغلىرىدا بۇ يەرگە كىرىپ كىتاپ ئوقۇيتتى. كەسپىگە ئائىت ماتىرياللاردىن خاتىرە قالدۇراتتى. ئۇنىڭ يەنە بىر ئىشى بەختىنۇرغا خەت يېزىش ئىدى. ھەر كۈنى ياتاققا كىرىپلا ئۆزىنىڭ بىر كۈنلۈك ئىشلىرىدىن بەختىنۇرنى خەۋەردار قىلىش مەقسىتىدە ئۇنىڭغا خەت يازاتتى. بىر ھەپتە بولغاندا ئۇ يازغانلىرىنى قايتا رەتلەپ بەختىنۇرغا ئەۋەتەتتى. ياتاقتىكى ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ بۇنداق مۇھاببەت سادىق ، پاك ھېسسياتىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنىدى.
بەختىنۇرمۇ پات –ئات ئۇنىڭغا خەت يازاتتى. ھەر قىتىم سەزگۈردىن خەت كەلگەندە كۆڭلى يىرىم بولاتتى. ئۇنى سېغىناتتى.
بەختىنۇر ئاتا –ئانىسىنىڭ ۋە رابىيەم مۇئەللىمنىڭ قايتا –قايتا نەسىھەت قىلىشى بىلەن مەكتەپكە بارغان بولسىمۇ بىراق بىر ھەپتە ئوقۇپلا مەكتەپكە بارمىدى. سەزگۈر بولمىغان مەكتەپ ھاياتى ئۇنىڭغا باشقىچىلا زىرىكىشلىك تۇيۇلدى. دەرسمۇ تۈزۈك كاللسىغا كىرمىدى. كىيىن ئۇ شەھەردىكى بىر كەسپىي مەكتەپكە كىرىپ «ھوسۈن تۈزەش ،چاچ ياساش »كەسپىي بويىچە تەربىيلىنشكە باشلىدى.
سەزگۈر قىشلىق تەتىلدە قايتىپ كەلمىدى. ئۈگۈنۈش بېسىمى ئېغىر بولغاچقا ئۇ تەتىللىك ۋاقتىنىمۇ ئۈگۈنۈشكە قاراتتى.بەختىنۇرمۇ ئۇنىڭغا مەدەت بەردى. يازلىق تەتىلدە ئۇ قايتىپ كەلدى. بالىسىنىڭ بۇرۇنقىدىن ئېگىزلەپ ، ئاقىرىپ باشقىچىلا ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن ھاشىم ئاكا بىلەن خەلچىخان ھەدە خوشاللىقىدىن قىلارغا قىلىق تاپالماي قالدى. سەزگۈركىلىپ ئىككى كۈندىن كىيىن قوشنلىرىنى چاقىرىپ چاي بەردى.
سەزگۈرمۇ كېلىپلا ئالدى بىلەن بەختىنۇر بىلەن كۆرۈشتى. بەختىنۇرمۇ شەھەردە ئوقۇۋاتقانلىقى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە كەسپىگە لايىق ئۇسۇلدا ئۆزىنى چىرايلىق تۈزۈشتۈرۈپ يۈرگەچكە سەزگۈرگە باشقىچىلا كۆرۈندى. ئۇنىڭ كەيپىياتىدىكى خوشاللىقنى كۆرگەن سەزگۈرنىڭمۇ كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى. ئۇلار بىللە شەھەرگە كىرىپ چىقتى. ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ دېگۈدەك بۇ يازلىق تەتىلنى تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزدى. مانا ،تەتىلمۇ توشۇپ قالغانىدى. سەزگۈرنىڭ بۇ يەردىن ئايرىلغۇسى يوق ئىدى. لىكىن ئامال قانچە ؟ بۇ ئىشلارمۇ ۋاقتىلىق .بىر يىل ۋاقتىمۇ تىز ئۆتۈپ كەتتى. ئايرىلدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى كۈنى ئۇلار كۆرۈشۈشتى.
-    ئۆزىڭىزنى ياخشى ئاسراڭ سەزگۈر ، -دېدى بەختىنۇر يەرگە قاراپ تۇرۇپ، - ئۈگۈنۈشكە تولىمۇ ئۆزىڭىزنى ئۇرۇپ كەتمەڭ .
-    مەندىن خاتىرجەم بولۇڭ بەختىنۇر ، سىزمۇ چوقۇم ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ. ماڭا دائىم خەت يېزىپ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.بىلەمسىز ؟ سىزدىن خەت كەلمىگەن ئايلاردا خۇددىي بىر نەرسەمنى يىتتۇرۇپ قويغاندەك بولۇپ قالىمەن .
-    چوقۇم يازىمەن .سىزمۇ ھەم شۇنداق .
بەختىنۇر يانچۇقىدىن چىرايلىق قىلىپ ئىشلەنگەن بىر قولياغلىقنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا ئۇزاتتى. سەزگۈر قولياغلىقنى ئىلىپ چوڭقۇر مېھىر بىلەن پۇرىدى. ئاندىن قول ياغلىق بىلەن قوشۇپ بەختىنۇرنى قۇچاقلىدى. ھاياجانلىق ھېسسىياتقا چۆمگەن ئىككى تەن بىرلىشىپ كەتتى. نەپەسلەر تىزلەشتى. سەزگۈر بەختىنۇرنىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ قوچىقىدا يىرىم بىھۇش ياتقان بەختىنۇرنىڭ لىۋىگە لىۋىنى باستى. ...
ھەپتە ئۆتۈپ سەزگۈر مەكتەپكە كەتتى. بەختىنۇرمۇ شەھەرگە كىرىپ كەتتى.
                                                                                ‹12›
ئارىدىن تۆت يىل ۋاقىت ئۆتتى.بەختىنۇرمۇ شەھەردىكى ئوقۇشىنى تۈگۈتۈپ يېزامەركىزىدە دۇكاندىن بىرنى ئىچىۋالدى. ھازىر يېزا ئاياللىرىنىڭمۇ ئىدىيسى ئىچىلغان بولۇپ، خانىم –قىزلار گۈزەللىكە ئىتىلىدىغان بولۇشقانىدى. شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭ دۇكىنىنىڭ سودىسى بىر يىل ئىچىلا يۈرۈشۈپ كەتتى. بەختىنۇر ھەركۈنى ئالدىراشلا يۈرەتتى. ئۇ ئۆزى يېتىشلمەي يەنە ئىككى شاگىرت قوبۇل قىلدى.دۇكان ئورنىنىمۇكىڭەيتتى. سەزگۈر ئالدىنقى تەتىلدە كىلىپ ئۇنىڭ دۇكىنىنى كۆرۈپ بەكمۇ خوشال بولدى. ھازىر ئۇلار كۈندە دېگۈدەك تېلىفۇندا كۆرۈشۈپ تۇراتتى.
مۇشۇ كۈنلەردە قادىر بۇقا دەسلەپكى ئايالىدىن بولغان ئوغلى بەختىيار«ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ» دادىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە يېزىغا يېنىپ چىقتى. بەختىيار ئوتتۇرامەكتەپكىچە ئوقۇغان بولۇپ ، مەكتەپتىكى ئۇچىغا چىققان يامان بالىلارنىڭ بىرى ئىدى. كىيىن ئۇ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنالمىدى. دادىسىنىڭ يول مېڭىشى بىلەن شەھەردىكى بىر تىخنىكۇم مەكتەپتە ئوقۇدى. ئۇ يەردىمۇ تۈزۈك ئوقۇمىدى. ھە دېسىلا ئىش تىرىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئارامىدا قويمىدى. قادىر بۇقا ھەر ئاماللار بىلەن يىرىم يولدىلا ئۇنىڭ ئوقۇشىنى توختاتتى . مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىغا سوۋغا بىرىپ يۈرۈپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش «لاياقەتلىك دىپلۇم»نى ئالدى.
بەختىيار نىڭ بۇ يېزىغا چىققۇسى يوق ئىدى. شەھەردە تولىمۇ ئەركىن ئۆسكەن بالىغا نىسبەتەن بۇ يەرگە كۆنۈش مومكىنمۇ؟ ئامال قانچە ؟ دادىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بۇ يەرگەچىقتى. قادىر بۇقىنىڭ يەنە يوقىرى –تۆۋەن يول مېڭىشى بىلەن ئۇ يېزىلىق ئورمان فۇنكىتىغا ئىشقا چۈشتى.
شۇنىڭ بىلەن بەختىيارنىڭ يېزىدىكى كۈنلىرى باشلاندى. ئۇ ئىشقا ھەممىدىن كىيىن كىلەتتى. ئىشقا ئۆزىنى ئۇرۇپمۇ كەتمەيتتى. باشقىلارمۇ ئۇنىڭ يېزا شۈجىسىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىىدىن تارتىنىپ ئارتۇقچە گەپ قىلمايتتى.
بىر كۈنى ئۇ يېزا مەركىزدىكى دۇكانلارنى ئارىلاپ كىلىپ تويۇقسىز :«مەھلىيا خانىم –قىزلار ھۆسۈن تۈزەش ،چاچ ياساش ئورنى»دېگەن دۇكاننى كۆرۈپ ھەيران قالدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇنداق ۋېۋىسكىلار پەقەت شەھەرلەردىلا بولاتتى. يېزىدىمۇ مۇشۇنداق ئۇرۇنلارنىڭ بارلىقى ئۇنى ئەجەبلەندۇردى. ئۇ ئاستا دۇكانغا كىردى. لىكىن نېمە سەۋەبىتىن كىرگەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى.
دۇكاندا بىر قانچە قىز ئالدىراش ئىش قىلۋاتاتتى. ئۇنىڭغىچە ئۇلار بۇ يەرگە كىرگەن بەختىيارنى كۆرۈپ قالدى.
-    كەچۈرۈڭ ، بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟ -سورىدى قولى ئىش بىلەن ئالدىراش  بەختىنۇر.
-    مۇنداقلا كۆرۈپ باقاي دېگەنتىم ، - بەختىيار يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ قارىدى، - بولسا چېچىمنى ياسىتايمىكىن دېگەنتىم .
-    بىزنىڭ بۇ دۇكاندا مەخسۇس خانىم –قىزلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىنىدۇ. بومبا ساقاللار ئۈچۈن خىزمەت يوق .
شاگىرت قىزلاردىن بىرى شۇنداق دېۋىدى ،دۇكاندا قاتتىق كۈلگە كۆتۈرۈلدى. بەختىيار ئوڭايسىزلىنىپ بۇ يەردىن چىقىپ كەتتى.
شۇ كۈندىن كىيىن بەختىيار بۇ يەرنى تولا ئەگىيدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ ھە دېسىلا ئىدارىسىدىن چىقىپ بۇ يەرگە كىلەتتى. ئىلگىرى بازار ئايلىنىشقىمۇ چىقمايدىغان بەختىيارھازىر تويۇقسىزلا ئۆزگىرىپ قالدى. قادىر بۇقا ئۇنى يېزىغا كۆنۈپ قاپتۇ دەپ ئويلىدى. بىراق ،بەختىيارنىڭ خىيالىدا باشقا نەرسە. بەختىنۇرنى شۇ كۆرۈش بىلەنلا ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى. بىر كۈنى ئۇ بەختىنۇرنىڭ ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتىنى پەملەپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئالدىنى توسىدى.
-    ياخسىمۇسىز، - بەختىيارتۆۋەن ئاۋازدا ئەھۋال سورىدى.
-    ياخشى ، - بەختىنۇر دەسلەپ ھەيران قالدى، كىيىن نېمىنىدۇر ئويلاپ كۈلۈپ قويدى. – سىز يەنە خاتا توساپ قالمىغانسىز –ھە!
-    ياقەي، مەن سىز بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان پاراڭلىشىشنى ئويلاپ كەلگەن ئىدى.
-    كەچۈرۈڭ ،سىزنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىڭىزنى چۈشەنمىدىم. سىزكىم ؟ نېمە ئۈچۈن مەن بىلەن پاراڭلىشىشنى ئويلاپ قالدىڭىز ؟
-    مەن يېزا شۈجىسى قادىرنىڭ ئوغلى بەختىيار بولىمەن ،- بەختىيار «شۈجىسى »دېگەن گەپنى ئۇرغۇلۇپ قىلىپ ئېيتتى،- ھازىر يېزىلىق ئورمان فۇنكىتىدا ئىشلەيمەن .
بەختىنۇرغا ئۇنىڭ جاۋابى ئۇنچە يېقىشلىق ئاڭلانمىدى. ئۇ يەنە نېمە ئىش دېگەندەك ئۇنىڭغا قارىدى.
-    سىز بىلەن تونۇشۇپ قالاي دېگەن ئىدىم.خالارسىزمۇ؟
-    كەچۇرۈڭ ، مەن سىزنى تونىمايمەن .تونىغان تەغدىردىمۇ بۇنداق يولدا ئالدىمنى توسىسىڭىز بولمايدۇ.
بەختىنۇر ماڭماڭچى بولغانىدى، بەختىيار ئۇنىڭ ئالدىنى يەنە توسىدى.
-سىز زادى نېمە قىلماقچى ؟ - ئاچچىقى بىلەن سورىدى بەختىنۇر .
- شۇ سىز بىلەن ئوبدانراق پاراڭلاشقۇم بار ئىدى.
-مېنىڭ سىز بىلەن پاراڭلىشىدىغانغا ۋاقتىم يوق. بۇندىن كىيىن قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ ،خوش ...
بەختىنۇر شۇنداق دېدى –دە، بۇ يەردىن ئايرىلدى. لىكىن بەختىيار كەينىدىن قوغلاپ كىلىدىغاندەكلا قىلىپ پات –پات كەينىگە قاراپ قويدى. شۇ ئىشتىن كىيىن بەختىيار ئۇنىڭ كەينىگە كىرىۋالدى. بەختىنۇر بۇ ئىشنى دادىسىغا دېيىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ،بىراق ئارتۇقچە بىر ئىشنىڭ چىقىشىدىن ئەنسىرەپ دېمىدى. سەزگۈر بىلەن تېلىفۇندا سۆزلەشكەن چاغدا بۇ ئىشنى پۇرىتىپ ئۆتتى. سەزگۈر ئۇنىڭغا ئۇنداقلاردىن دىققەت قىلىشنى ،دۇكاننى بالدۇرراق تاقاشنى ئېيتتى.
بەختىيار ھەر ئاماللار قىلىپ بەختىنۇرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا تىرىشاتتى. ئۇ يېزىغا كەلگەندىن بۇيان ئارمان بىلەن ئاغىنە بولۇشقان ئىدى. بۇمۇ ئەلۋەتتە ،ئابلا يەكپاينىڭ ،قادىر بۇقىنىڭ شەھەردىن چىققان ئوغلىنى قارشى ئېلىپ بەرگەن چىيى ئارقىلىق بولغانىدى. بەختىيار بۇ ئىشلارنى ئارمانغا دېدى. ئارمان ئوقۇشقا ئۆتەلمىگەندىن كىيىن دەسلەپ  يېزىدا لاغايلاپ يۈردى. كىيىن ئابلا يەكپاينىڭ يول مېڭىشى ، قادىر بۇقىنىڭ ياردەمدەبولۇشى بىلەن ئۆزتەۋەسىگە قاراشلىق بىر كەنتكە بوغالتىربولۇپ ئىشقا چۈشتى.  ئارمانمۇ ئۇزۇندىن بۇيان بەختىنۇرنىڭ ئىشقىدا ئازاپ تارتىپ يۈرگەچكە بەختىيارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى. لىكىن ئىچىدىكىنى ئۇنىڭغا دېيەلمىدى. ئۇ قانداقمۇ ئۇنىڭغا «مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىمەن دېيەلىسۇن» . ئۇنىڭ ھازىرقىدەك ئۇرۇندا ئىشلىيەلىشىمۇ ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ياردىمىدە بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە قادىر بۇقا مۇشۇ يېزىغا چىققاندىن بۇيان ئابلا ئائىلىسىنىڭ مەنىۋى تۈۋرىكى بولۇپ كەلدى. بۇ ئىشلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەن ئارمان قىزنى كەلتۈرۈپ بىرىش تۇغۇرسىدا بەختىيارغا ۋەدە بەردى.
قادىر بۇقا ئوغلىنىڭ بىر قىزغا كۆز تاشلاپ يۈرگەنلىكىنى بىلىپ خوشال بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭچە بەختىيارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويسىلا غەمدىن خالاس بولاتتى. بەختىيارنىڭ ئوڭلىنىپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. كىيىن ئۇ سۇرۇشتۇرۇپ ئارقىلىق ئۇ قىزنىڭ ئائىلىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلدى. بىر كۈنى ئۇ كەچتە تويۇقسىزلا ئابلا يەكپاينىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەلدى.
قادىر بۇقىنىڭ تويۇقسىز كىرىپ كېلىىشى ئابلا يەكپاينى تەمتىرىتىپ قويدى. ئۇ ئالدىراپ –تىنەپ ئۇنى تورگە باشلىدى. ئاستىغا كۆرپە سېلىپ دەسلەپكى ئىلتىپاتىنى بىلدۇردى. تۇردىخانمۇ تىزلاقادىر بۇقا ئەڭ ئامراق نارىنغا تۇتۇش قىلدى.
-    قانداق ئابلا ئاكا ،قارىسام ئۇزۇندىن بۇيان يوقاپ كەتتىڭىز ؟ بۇگۇن ئۆزەملا بىر يوقلاپ كىلەي دەپ كېلىشىم. – قادىر بۇقا شۇ گەپنى قىلىپ بولۇپ پىيالىنى قولىغا ئالدى.
-    خوش ، خوش ، مېنى ئەجەپمۇ خىجىل قىلدىلا ئۇكام ،ئەسلى مەن بىرىپ يوقلىسام بولاتتى .شۇ سەل ئالدىراش بولۇپ قىلىپ ...
-    ئاڭلىسام ھېلىقى يەرنى سېتىپسىز ، نورغۇن پايدا ئالغانسىز ھە ! – قادىر بۇقا ئۇنىڭغا سىنچى كۆزلىرى بىلەن قارىدى. .
-    ھى ھى ھى ، - ئابلا يەكپاي ئۇنىڭغاقاراپ سەت ھېجايدى ، -شۇ ،سېلىنىڭ سايىلىرى ئاستىدا يامان ئەمەس پۇللۇق بولۇپ قالدۇق .
-    «پادا باققاندا دوست ئىدۇق ، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق»لاردىن بوپتىمىزدە ئابلا ئاكا .
-    ياق ،ئۇكام ،مەنمۇ شۇ بىر باراي دەپ تۇراتتىم ، - ئابلا يەكپاي ئۇنىڭ سۆزىنى چۈشۈنۈپ ئالدىراپ قالدى. نېمىشقىمۇ بۇرۇنراق ئۇنىڭ يېنىغا بارمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلدى. دېمىسىمۇ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ بۇقىنىڭ ئۇنىڭ قوللىشىدىن كىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ياردىمىدە ھاشىم ئىگىدارچىلىقىدىكى ھېلىقى تاشلىقنى ئېلىۋىلىپ ،شەھەرلىكلەرگە ساتتى. يەنە ئالدىنقى يىلى مەھەللىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىن بىرىلگەن ئالمىلىق باغلىق يەردىنمۇ دېگەن يەرگە ئېرىشكەن ئىدى.
-    بۇلدى ،مەن مۇنداقلا دەپ قويدۇم ، - ئۇنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ تورغان قادىر بۇقا گەپنى دەرھال يۆتكىدى، -بۇگۈن سېلىنى باشقا بىر ئىش بىلەن ئىزدەپ كېلىشىم .
-    قېنى ،تارتىنماي دەۋەرسىلە ئۇكام، جان كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ مەن قىلىشقا تەييار .
-    باشقا چوڭ ئىشمۇ يوق ، - قادىر بۇقا سەل توختاپ چايدىن بىر ئوتلىدى –دە، سۆزىنى داۋام ئەتتى ، - سىزنىڭمۇ سەمىڭىزدە بار .بىزنىڭ بەختىيارمۇ بۇ يەرگە چىققىلى خىلى بولۇپ قالدى. بۇ بالا كىچىكىدىنلا ئەركە چوڭ بولغاچقا ھەممىدە سىنىڭ راست بولۇپ كەلدى. ئۇنى شەھەردە يۈرسە بىر ئىش تىرىپ قويمىسۇن دەپ ئوقۇشى تۈگۈشىگىلا بۇ يەرگە ياندۇرۇپ چىقتىم. قارىسام يېقىندىن بۇيان ئۇمۇشۇ يېزىدىكى بىر قىزغا كۆز تاشلاپ يۈرگەندەك قىلىدۇ. بولسا تويىنى ۋاقتىدا قىلىپ قويسام ئوڭلىنىپ قالارمۇ دەپ ئويلىدىم.
-    بەلەن ئىش بولۇپمۇ ، ئەمدى توي ئوينايدىغان بوپتۇقتە. – ئابلا يەكپاي خۇددى ئۆزىنىڭ تويى بولىدىغاندەك قىلىپ كەتتى. ئۇ پىيالىگە چاي قۇيغاچ سورىدى.
-    كىم قىز ئىكەن ئۇ ؟
-    مەنمۇ شۇ ئىشنى سوراي دەپ كېلىشىم. سىلىنىڭ ئارمان بىلەن بىزنىڭ بەختىيار ئاغىنە ئەمەسمۇ ؟بۇ ئىشنى شۇ بالىلىرىدىن بىر سوراپ كۆرەي دېگەنتىم.
-    تولا ياخشى بوپتۇ ئۇكام ،بالا كەلسە سوراپ كۆرەيلى .
-    ئۇنداق بولسا ئىشلار سىلىگە ئامانەت . بولسا قىزتەرەپكە تىزراق ئەلچى بولۇپ بىرىپ ، ئىشنى تىزدىن تۈگەتسىلە .
-    گەپ قىز تەرەپتە .ئۇلار قوشۇلسىلا شۇنداق بولىدۇدە.
-    سىزدەك ئادەمگە قىز بەرمەيدىغانغا كىمنىڭ ھەددى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز بىلەن قۇدا بولۇش ھەممىلا ئادەمگە نېسىپ بولىدىغان ئىش ئەمەس تۇرسا.
ئابلا يەكپاي ئۆزىنىڭ بەختىيار بىلەن تەڭتۇش بىر قىزىنىڭ بولمىغانلىقىدىن پۇشايمان قىلدى. شۇنداق بولغىنىدا ئىدى ، ئۇ قىزىنى قوش قوللاپ ئۇلارغا بەرگەن بولاتتى. شۇكۈنى قادىر بۇقا تاماق يەپ كەچ قايتتى. ئابلا يەكپاي ئەتىسىلا بۇ ئىشنى ئارماندىن سورىدى. ئارمانمۇ ئۇنىڭغا ئىشلارنى دەپ بەردى.
-    بۇ مومكىن ئەمەس دادا، -دېدى ئارمان كەسكىنلا، - ئۇ قىزنىڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىزنىڭ ھاشىمكامنىڭ ئوغلى سەزگۈر .
-    مومكىن بولمايدىغان نەرى بار ، ھاشىمنىڭ ئوغلى نەدە ، شۇجىنىڭ ئوغلى نەدە؟ ئەقلى بار قىز بولسىلا بۇنى ئويلاپ يېتىدۇ.
ئابلا يەكپاي بۇ ئىشلارنى تېزدىن قادىر بۇقىغا يەتكۈزدى. ئۇلار تىزلىكتە مەخسۇم ئائىلىسىگە ئەلچى كىرگۇزدى. مەخسۇم بىلەن گۈلسۈم ئەلچىلەرنى چىرايلىق قارشى ئالدى. ئۇلار ئەھۋالنى بىلىپ :«قىزىمىز بىلەن سۆزلىشىپ باقايلى »دېيىشىپ ئۇلارنى يولغا سالدى.
گۈلسۈم بۇ ئىش توغۇرسىدا بەختىنۇر بىلەن سۆزلەشتى. بىراق بەختىنۇر بۇنىڭغا قارشى چىقتى. ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. گۈلسۈمدىن بۇجاۋاپنى ئاڭلىغان مەخسۇم بىر ھەپتىدىن كىيىن كەلگەن ئەلچىلەرگە ئېنىقلا قىلىپ جاۋاپ بەردى.
-    كەچۈرۈڭلار ، قىزىمىزنىڭ پۈتۈشۈپ قويغان ئادىمى بار ئىكەن . بۇ ئىشتا سىلەرنى قۇرۇق يولغا سالىدىغان بولدۇق.
ئەلچىلەردىن بۇگەپنى ئاڭلىغان قادىر بۇقىنىڭ ئەرۋايى ئۇچتى. بەختىيارمۇ نەچچە كۈنگىچە ئۆيدىكىلەرگە بۇتناپ يۈردى.
-    بۇ ئىشتا نېمىگە بىزدىن رەنجىيسەن ،- قادىر بۇقا بىر كۈنى ئوغلىغا قاتتىق تەگدى، - ئوغۇل بالا بولغاندىن كىيىن قانداقلا ئامال بولسا قىلىپ قىزنى قولغا كەلتۈرمەمسەن؟
بەختىيار گەپنى ئاڭلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئۇ ئارمان بىلەن ئۇچرىشىپ بولغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا دېدى. قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن بەختىنۇرنى قولغا كەلتۈردىغانلىقى توغۇرسىدا قەسەم ئىچتى. ھەپتە ئۆتۈپ بەختىنۇرنىڭ دوستى رابىيەمنىڭ تويى بولدى. بەختىنۇرمۇ تويغا كەلدى. رىستۇران ئىچى ئىككى ياشنىڭ تويىنى موبارەكلەپ كەلگۈچىلەر بىلەن قىزىپ كەتكەنىدى. بۇ تويدا ئارمان بىلەن بەختىيارمۇ بارئىدى. كەچتە ئۇلار قىزنى كۆچۈرۈپ يىگىتنىڭ ئۆيىگە ئىلىپ كەلدى. بەختىنۇر سەل كەچ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ قايتماقچى بولدى. ئۇ نى رابىيەمنىڭ ئىنىسى ئاپىرىپ قويماقچى بولدى. ئۇلار ئەمدىلا ئۆيدىن چېقىشىغا ئارمان پەيدا بولدى.
-    بولدى ئۇكام ،سەن كىرىپ كەت ،بەختىنۇرنى مەن ئاپىرىپ قويىمەن.
-    ھاجىتى يوق ئارمان ،سىز ئىشىڭىزنى قىلىۋىرىڭ .-دېدى بەختىنۇر ئۇنىڭغا ئالىيىپ قاراپ تۇرۇپ .
-    ماڭا مۇنداق قارىماڭ بەختىنۇر ،بىز نېمە قىلغان بىلەن ساۋاقداش ئەمەسمۇ؟ مەن سىزگە باشقىچە نىيەتتە بۇ گەپنى دېمىدىم.
بەختىنۇرمۇ ئۇنىڭغا قوپال تېگىپ قويغىنىدىن خىجىل بولدى. دېمىسىمۇ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇ بەختىنۇرنىڭ كەينىگە كىرىشتىن توختىغانىدى.
بەختىنۇر تېخىچىلا يىنىدا قاراپ تۇرغان رابىيەمنىڭ ئىنىسىگە قاراپ :
-بولدى ئۇكام ،سەن كىرىپ كەت .ئارمان مېنى ئاپىرىپ قويسۇن .
-مانا ئەمدى بولدى ، يۈرۈڭ ئەمىسە كەتتۇق .
بەختىنۇر ئۇنىڭغا ئەگەشتى. ئۇلار ساۋاقداشلىرى توغۇرلۇق پاراڭ سېلىشتى. ئارىدا ئارمان ئۇنىڭدىن سەزگۈرنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى. ئۇزۇندىن بۇيان ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلالمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇلار پاراڭ قىلىشقاچ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى باغنىڭ يېنىغا  كەلگەندە تويۇقسىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا بەختىيار پەيدا بولدى. ئۇ مەستتەك قىلاتتى. بەختىيارنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتكەن بەختىنۇر ئارماننىڭ كەينىگە ئۆتتى.
-بولدى قورقماڭ بەختىنۇر مانا مەن بار ،-دېدى ئارمان مۇغەمبەرلىك بىلەن ئاندىن بەختىيارنىڭ ئالدىغا ئۆتتى. – نېمە دەيسەن .
- نېمە دەيسەن دەيسەنغۇ ؟ ھۇ شاپاقچى ،ئۆتە بۇياققا !
ھە دېگەندىلا بەختىيارنىڭ گېپى ئۇنىڭغا ئېغىر كەلدى. لىكىن ئاما ل قانچە ؟ ئۇ بەختىيارنى ئىتتىرگەندەك قىلدى. بىر چاغدا بەختىيار ئۇنىڭ قولاق تۈۋىگە بىرنى سالدى. ئارمان ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە «ۋايجان »دەپلا يېقىلدى. پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان بەختىيار قىزغا ئېتىلدى. بەختىنۇر ھەدەپ ئۇنىڭ قولىدىن قوتۇلۇشنى ئويلاتتى. بىر چاغدا بەختىيار ئۇنىڭ ئېغىزنى ئىتىۋالدى، ئۇنى كۆتۈرۈپ ، باغنىڭ كەينى دەرۋازىسىدىن ئىلىپ كىرىپ كەتتى. بەختىنۇر ھەدەپ تىپچەكلەيتتى. ۋارقىراي دېسە ئېغىزى ئېتىكلىك بولغاچقا ۋارقىرىيالمايتتى. بەختىيار ئۇنى شۇ كۆتۈرگىنچە  ئالمىلىق باغنىڭ ئىچكىرىسىگە ئېلىپ كىردى. بۇ چاغدا بەختىنۇر بىرلا يۇلغۇنۇش بىلەن ئۇنىڭ قوچىقىدىن چىقتى . ئۇ قورقۇپ كەتكەچتە ئاۋازىمۇ چىقمىدى. ئۆزىنى ئۇدۇل كەلگەن بىرتەرەپكە ئاتتى. بىراق ئانچە ئۇزۇن بارمايلا بىر نەرسىگە پۇتلىشىپ يىقىلدى. ئۇنىڭغىچە يېتىشىپ كەلگەن بەختىيار ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئاتتى. ئۇزاق تىركىشىشتىن كىيىن قىزنىڭ قوللىرى ئاستا –ئاستا بوشاپ چۈشۈپ كەتتى. ...
                                                                                    ‹13›
قىزىنىڭ قايتىپ كەلمىگەنلىكىدىن كۆڭلى ئەندىشىگە چۈشكەن مەخسۇم بىلەن گۈلسۈم ئولتۇرالمايلا قالدى. مەخسۇم ئاكا قىزىنى ئىزدەپ توي بولغان ئۆيگە باردى. بىراق توي ئاللىقاچان تارقىغان بولۇپ ، مېھمانلارمۇ كىتىشكەن ئىدى. ئۇ بەختىنۇرنى بىر قانچە دوستىنىڭ ئۆيىدىن ئىزدىدى،بىراق تاپالمىدى. روھى چۈشكەن مەخسۇم ئاكا تاڭ ئاتارغا يېقىن ئۆيگە قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭغىچە ئۇخلىماي قىزىنىڭ خەۋىنى كۈتۈپ ئولتۇرغان گۈلسۈم ئۇنىڭ يالغۇز كىرىپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئالدىغا يۈگۈرۈپ دېگۈدەك كەلدى.
-دادىسى نېمە بولدى ؟ بەختىنۇر قېنى؟
مەخسۇم ئاكا تاپالمىدىم دېگەندەك قىلىپ بېشىنى سىلكىدى. ئۇلار شۇ تەرەقىدە تاڭ ئاتقىچە ئولتۇرۇشتى. بىر چاغدا ھويلا دەرۋازىسىنىڭ «تاراق »قىلىپ ئىچىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قىزىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلگەن ئاتا-ئانا دەرھال ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى.
ئۇلار دەرۋازىدىن سۇلغۇن ھالەتتە كىرىپ كىلىۋاتقان قىزىنى كۆرۈپ ھەر نېمە بولسا قىزىنىڭ ساق قايتىپ كەلگەنلىكىدىن خوشال بولدى. بەختىنۇر ئۇلارنى كۆرۈپ دەسلەپ چۆچىدى ،ئاندىن ئانىسىغا ئېسلىپ يېغلاپ تاشلىدى.
مەخسۇم ئاكا بىلەن گۈلسۈم ھەدە قانچە قىلغان بىلەنمۇ بەختىنۇرنىڭ ئېغىزىدىن گەپ ئالالمىدى. ئۇلار قىزىنى ئارامىغا قويۇپ ، ئۆز ئۆيىگە يىنىپ چىقتى.
-    بۇ بالىغا نېمە بولغاندۇدەيمەن ؟ خۇدا ساقلىسۇن ،-گۈلسۈم يامان خىياللارنى ئۆزىدىن يىراقراق قىلىشقا تېرىشسىمۇ كۆڭلى يەنىلا بىر جايىدا ئەمەس ئىدى.
-    بولدى، تولا ئىشنى يامان تەرەپكە بۇرىما. سەل ئوڭشالغاندىن كىيىن سوراپ كۆرەيلى  .
بۇ كۈنمۇ ئۆتۈپ كەتتى. گۈلسۈم ھەدە ھەر قانچە قىلىپمۇ بەختىنۇردىن گەپ ئالالمىدى. بەختىنۇر ئۆيدە بىر نوقتىغا تېكىلگىنچە ھېچنىمە يىمەي ،بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ئىككى كۈننى ئۆتكۈزدى. بۇ ئىككى كۈندە گۈلسۈم ھەدە قورقۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى. ئۈچىنچى كۈنى بەختىنۇر ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى ئيتتى. گۈلسۈم ھەدە ئۇنىڭ گەپ قىلغانلىقىنى بىلىپ خوشال بولدى. بەختىنۇر شۇ كۈنى بىر ئىتتىن قورقۇپ كەتكەنلىكىنىلا دەپ تۇرىۋالدى. ئۇلارنىڭمۇ كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى.
بامدات نامىزىغا تۇرغان ،مەخسۇم ئاكىنىڭ كۆڭلى نېمىشقىدۇر بىر نەرسىدىن ئەنسىرەپلا تۇراتتى. ئۇ ئەندىشىنى بېسىپ ،تاھارەت ئالدى.  ئۇنىڭغىچە مەھەللە مەسچىت مەزىنىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ ئالدىراپلا مەسچىتكە ماڭدى. بىراق دەرۋازا تۈۋىگە بارغاندا بىر نەرسىنى خىيال قىلغاندەك قىلىپ كەينىگە بۇرۇلدى. ئۇ ئۇدۇل مال قوراسىغا كىردى. ئۇنىڭ كىرگەنلىكىنى بىلگەن قويلار مەرىشىپ كەتتى. مەخسۇم ئاكا ئۇياق –بۇياققا قاراپ قويۇپ ، قويلارغا ئوت تاشلىماق بولۇپ ياندىكى ئوتخانىغا كىردى.
-ئاھ ، قىزىم ، -مەخسۇم ئاكا يوقىرى ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىۋەتتى. ئۇنىڭغىچە ئۆيدىن چىقىپ كەلگەن گۈلسۈم ھەدىمۇ مال قوتىنىغا كىردى.
مەخسۇم ئاكىنىڭ ھويلىسىدىن ئاڭلانغان يېغائاۋازى بىردەمدىلا مەھەللىگە تارالدى.مەسچىتكە ئالدىراپ مېڭىشقانلار يېغىنى ئاڭلاپ دەرھال ئۆيگە كىرىشتى.
ئۇلار ھويلىغا كىرىپلا ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ يېغلاۋاتقان گۈلسۈمنى كۆردى. نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەي ئۇنى يۆلەشتى. بىردەمدىلا ھويلا ئىچى ئادەم بىلەن توشتى .
بەختىنۇرنىڭ تۇيۇقسىز قازا قىلغانلىقنى ئاڭلىغان ئابلا يەكپاي ۋە قادىر بۇقىلار ئولتۇرالمايلا قالدى. ئۇلار دەرھال ئوغۇللىرىنى بىر يەرگە ئەكىلىپ ئەھۋال ئىگەللىدى. قورقۇپ كەتكەن ئارمان ھەممىنى ئىقرار قىلدى. ئابلا يەكپاينىڭ بېشىدىن بىر قاپاق سۇ تۆكۈلگەندەك ئەندىكىپ كەتتى. بىراق بولغۇلۇق بولدى؟ ئەمدىكى ئىش بۇ ئىشنى قانداق قىلىپ بېسشتا ئىدى. ئۇلار بەختىنۇرنىڭ بۇ گەپلەرنى ئۆيىدىكىلەرگە دېگەن –دېمىگەنلىكىدىن گۇمان قىلىشتى. ھەرنېمە بولسا قائىدە بويىچە ئۆلۈمگە باردى. ئۆزىنى ھەر تەرەپكە ئۇرۇپ تۇرۇپ يېغلاۋاتقان مەخسۇم بىلەن گۈلسۈمنى كۆرگەندە ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي قېلىشىتى.
ئارىدىن ھەپتە ئۆتتى. بۇ ئىشلارنىڭ سۇرۈشتە قىلىنمىغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى. بىر كۈنى تۇيۇقسىز ساقچى ماشىنىسى قادىر بۇقىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختىدى. ئۇنىڭغىچە ئىككى ساقچى كىرىپ ،بەختىيارنى ئۆيىدە ياتقان يىرىدىن تۇتۇپ ماڭدى. نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەي قالغان ئۆگەي ئانا تىزدىن قادىر بۇقىغا تېلىفۇن قىلدى. قادىر بۇقا ئاللبۇرۇ ن مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى پەملەپ بولغانىدى. ئۇ تىزلىكتە ساقچى ئىدارىسىگە كەلدى.
ئەھۋال تىزلا مەلۇم بولدى. بەختىنۇرنىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىن رابىيەمنىڭ ئىنىسى بۇ ئىشلارنى ھەدىسىگە دېگەن بولۇپ ،رابىيەم بۇ ئەھۋاللارنى ساقچىغا مەلۇم قىلدى. ساقچىلار ئارماننى تۇتۇپ سوراق قىلدى. ئارمان دەسلەپ بۇنى بوينىغائالمىدى. كىيىن پولاتتەك پاكىتلار ئالدىدا ئىقرا ر قىلماي بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ ھەممىنى ئېيتقان ئىدى.
ساقچى تەرەپ دېلۇنى  تىزلا ئېنىقلاپ چىقىپ بەختىيارنى قولغا ئالدى .ئارماننى بولسا داۋاملىق سوراق قىلدى. ئارمان «شۇكۈنى بىرى مېنى ئۇرۇپ ئايلاندۇرۋەتتى»دەپ تۇرىۋالدى.
بەختىيارمۇ سوراقتا بۇ ئىشنى ئۆزى قىلغانلىقىنى دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئارمان قۇتۇلۇپ قالدى. بەختىيار شۇ تۇتۇلغىنىچە 12يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
                                                                                ‹14›
سەزگۈر نېمىشقىدۇر مۇشۇكۈنلەردە بەختىنۇرغا تېلىفۇن ئۇرۇپ ئالالمىدى. ئۇنىڭ تېلىفۇنى دائىملا ئىتىك چىقاتتى. ئائىلىسىگە تېلىفۇن ئۇرۇپ سوراشنى بىئەپ كۆردى . بۇ كۈنلەردە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىنىڭ تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا باشقىچە خىياللارنى قىلماي پۈتۈن زېھنىنى ئۈگۈنۈشكە قاراتتى. پات ئارىدا بەختىنۇر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ،بۇندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن دائىم بىللە بولىدىغانلىقىنى ئويلىسىلا ھۇجۇدى ئىللىق ھېسلارغا تولاتتى.
ئۇ پات –پات بەختىنۇر سوۋغا قىلغان قول ياغلىقنى پۇراپ قوياتتى. ئۇنى ھەر قىتىم پۇرىغاندا خۇددى بەختىنۇرنى كۆرگەندەك تويغۇدا بولاتتى. بىراق ئۇنىڭ تېلىفۇنىنى ھەر قانچە قىلىپمۇ ئالالمىدى.
بىر كۈنى تاڭ سەھەرگە يىقىن ئۇ چۆچۈپ ئۇيغىنىپ كەتتى. ئۇياق –بۇياققا قاراپ ئۆزىنىڭ چۈش كۆرگەنلىكىنى بىلدى.
-توۋۋا، -دەپ ئويلىدى ئۇ ،-ئەجەپ بىر چۈش كۆردۇم –ھە! . ئاللا ساقلىسۇن .
سەزگۈر ئورنىدىن تۇرۇپ ،سىرتقا چىقتى . بىيجىڭنىڭ ئەتىگەنلىك ھاۋاسىدىن قانغىچە نەپەس ئالدى. سەزگۈر شۇ مېڭىشىدا ئۇدۇل مەكتەپ مەيدانىغا كەلدى. بۇ يەردە بالىلار ھەر خىل تەنھەرىكەت ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئەتىگەنلىك چىنىقىشى قىلىۋاتاتتى. ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ ئاخشام كۆرگەن چۈشنى ئېسىدىن چىقىرالمىدى. دەرھال يېنىدىن تېلىفۇننى چىقىرىپ ، بەختىنۇرغا تېلىفۇن قىلدى.يەنىلا ئىتىك. ئۇنىڭ خىيالىغا ئاخشامقى چۈشىدىكى قورقۇنىچلىق مەنزىرە كەلدى.
سەزگۈر بىلەن بەختىنۇر مەكتەپنىڭ ئالمىلىق بېغىدا قوغلىشىپ ئوينىماقتا. سەزگۈر ھەدەپ بەختىنۇرنى قوغلايتتى. بىراق شەيتان قىز ئۇنىڭغا زادىلا تۇتۇق بەرمىدى. بىر چاغدا ئۇلار ئۆزلىرى دائىم كىلىدىغان ئالما تۈۋىگە كېلىشتى. بەختىنۇر ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى. سەزگۈر ئەمدىلا ئۇنىڭ يېنىغا يۈگرەپ باراي دەپ تۇرىشىغا ،بەختىنۇر تۇرغان ئالما دەرىخىنىڭ كەينىدىن يوغان، تولىمۇ سەت بىر مەخلۇق چىقىپ بەختىنۇرنى «كاپلا»قىلىپ چىشلەپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي قالغان سەزگۈر ئۇنىڭغا قاراپ ئىتىلدى. بىراق ھېلىقى مەخلۇق ئاللىبۇرۇن بەختىنۇرنى ئېلىپ ،ئىگىزلەپ كىتىپ باراتتى. سەزگۈر ھەرقانچە ۋارقىراپمۇ ئۇنى قورقۇتالمىدى. ئۇنىڭغىچە ئۇ مەخلۇق ئىگىزلىكتىن بەختىنۇرنى تۆۋەنگە قاراپ قويىۋەتتى. بەختىنۇر شۇ چۈشكىنىچە ھېلىقى ئالما دەرىخى يىنىغا گۈپپىدە چۈشتى. سەزگۈرئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۇنىڭ ئېغىزىدىن كۆپۈك قايناپ تۇراتتى . سەزگۈر دەرھال بەختىنۇرنىڭ بېشىنى يولىدى. قىز ھوشسىز ياتاتتى. بىر چاغدا بەختىنۇر ئۇنىڭغا قاراپ كۈلگەندەك قىلدى-دە ، بىشى بىر تەرەپكە چۈشۈپ كەتتى. قورقۇپ كەتكەن سەزگۈر ۋارقىۋەتتى.
-ئۇھ ، ئەجەپ بىر چۈش كۆردىما؟ - سەزگۈر شۇلارنى ئويلىدى. بۇبىر كۈن ئۇ نېمە قىلىشىنى بىلمەي يۈردى. ئاخىرى بولماي ئۆيىگە تېلىفۇن قىلىپ سوراپ باقماقچى بولدى.
مۇشۇ كۈنلەردە ھاشىم ئاكا بىلەن خەلچىخاننىڭمۇ كۆڭلى پاراكەندە ئىدى. بولۇپمۇ ئۇلار ئوغلى سەزگۈردىن ئەنسىرەشمەكتە ئىدى. بەختىنۇرنىڭ ئۆلۈمدىن كىيىن ئۇلار ئوغلىغا بىر قانچە قىتىم تېلىفۇن قىلدى. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تېخىچە بۇ ئىشلارنى بىلمىگەنلىكىنى سەزدى. بىراق نېمىلا قىلمىسۇن بىر كۈنى ئاڭلايدىغانلىقىنى ئويلاپ ھەر خىياللارنى قىلىشاتتى. تۇيۇقسىز جىرىڭلىغان تېلىفۇن ئاۋازى ھاشىم ئاكىنىڭ خىيالىنى بۆلدى. ھاشىم ئاكا تىزلىكتە تېلىفۇن تۇرۇپكىسىنى قولىغا ئالدى.
-ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،دادامما؟ مەن سەزگۈر دادا،اقانداق ئەھۋالىڭ ؟ ئاپام ياخشى تۇردىمۇ؟
ھاشىم ئاكاكەينى –كەينىدىن سورالغان سۇئاللارغا ئالدىرىماي جاۋاپ بەردى. ئۇنىڭغىچەئۇلار سەزگۈرنىڭ ئوقۇشى توغۇرسىدا سۆزلىشىشتى. ھاشىم ئاكا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈگۈنۈش توغۇرسىدا تەربىيە قىلدى. سۆز ئارىسىدا سەزگۈر دادىسىدىن «مەھەللە ئىچى ئاماندۇ »دەپ سورىدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈرىكى ئاغقاندەك بولغان ھاشىم ئاڭا تىزلا ئۆزىنى ئوڭشاپ ئۇنىڭغا ھەممىنىڭ سالامەت ئىكەنلىكىنى ،ياخشى ئوقۇش كىرەكلىكىنى ئىيتىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتى.
سەزگۈرنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشكەندەك قىلدى. لىكىن ھېلىقى قورقۇنچلىق چۈشنى ئويلىسلا يەنە ئەندىشىگە چۈشەتتى.
مانا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىنىمۇ بىرىپ بولغىلى ھەپتە بولدى. يەنە ئىككى كۈندىن كىيىن سەزگۈر يۇرتىغا قايتىدۇ. بۇ ئىككى كۈننى ئاران توشقۇزغان سەزگۈر تېگىشلىك رەسمىيەتلەرنى بىجىردى ھەم ساۋاقداشلارنىڭ يەنە ھەپتە تۇرۇپ قايتىش توغۇرسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىغىمۇ قارىماي يۇرتىغا قاراپ يولغا چىقتى.
ئوغلىنىڭ قايتىپ كىلىدىغانلىقىنى بىلگەن ھاشىم ئاكا بىلەن خەلچىخان ھەدە بىر تەرەپتىن خوشال بولسا بىر تەرەپتىن ئۇنىڭدىن ئەنسىرەشتى. سەزگۈرنىڭ بۇ ئىشلارنى قوبۇل قىلالماي قىلىشىدىن ئەندىشە قىلاتتى. ئوغلىغا بۇ ئىشلارنى قانداق دېيىشنى بىلەلمىدى.
بەش  كۈنلۈك سەپەر سەزگۈر ئۈچۈن باشقا ۋاقىتلاردىكىگە  تولىمۇ ئۇزۇن بىلىندى. بۇرۇن بۇنداق ئەمەس ئىدى. نېمىشقىدۇر پويىز  ھەر قىتىم توختىغاندا ئۇ ئارامسىزلىناتتى. پويىزنىڭ تىزرەك مېڭىشىنى ئۆمۈد قىلاتتى. يىرىم يولدا چۈشۈپ –چىقىۋاتقانلارغا خۇددىي ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى شۇلار ئىلىۋاتقاندەك  ئۆچلۈك قىلاتتى. ئاخىرى كۈتكەن ۋاقىتمۇ يېتىپ كىلىپ ،كۆزلىگەن شەھەرگە يىتىپ كەلدى. كەچ بولۇپ كەتكەنلىكىگە قارىماي بىر ماشىنىنى كىرا قىلىپلا يېزىسىغا قاراپ يولغا چىقتى. سەزگۈرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەنلىكىدىن ئۆيدىكىلەر خوشال بولۇشتى. خەۋەرنى ئاڭلاپ قولۇم –قوشنىلارمۇ ئارقا ئارقىدىن كىرىشتى. نېمىشقىدۇر ھەممىسىلا ئۇنىڭدىن بىر ئىشنى يوشۇرغاندەك قىلاتتى. بولۇپمۇ دادىسى بىلەن ئانىسىنىڭ گەپ ئارىسىدا  ئۇنىڭدىن ئۆزىنى ئىلىپ قىچىشى سەزگۈرنىڭ كاللىسىغا ئاللىقانداق بىر خىياللارنى سالاتتى. ئەتىسى ئەتىگەندە سەزگۈر ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرۇشىغا ئەسقەر كىرىپ كەلدى.
ئىككى ئاغىنە قوچاقلىشىپ كۆرۈشتى. ئەسقەرنى كۆرۈپ سەزگۈرنىڭ كەيپىياتى كۆتۈرۈلدى. ئەسقەر بۇندىن ئىككى يىل بۇرۇن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يىزىدا خىزمەت قىلىۋاتاتتى. ئىككى دوست بىرلىكتە ئەتىگەنلىك چايغا ئولتۇرۇشتى. ئۇلار شۇ تەرەقىدە بىرئاز باشقا ئىشلار توغۇرسىدا پاراڭ سېلىشتى.
-    بۈگۈن نېمە قىلاي دەيسەن ؟ -سورىدى ئەسقەر ئۇنىڭدىن .
-    ھازىرلا بەختىنۇرنىڭ يېنىغا بارىمەن ئاداش .بىلمىدىم ، بىر ئايدىن بۇيان ئۇنىڭ تېلىفۇنى ئىتىك .يا بىرەر پارچىمۇ خىتى يوق .سەن ئۇنى كۆردىڭمۇ؟
ئەسقەر ئوڭايسىزلىنىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ بۇ ئىشلاردىن تېخىچە خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ ئاستا دوستىنىڭ يېنىغا ئۆتتى.
-    ئاداش ،-دېدى ئۇ ، - ساڭا بۇ ئىشنى قانداق دىيىشنى بىلمىدىم. مەن دېمىسەممۇ بەرىبىر بىلىسەن . بەختىنۇر كەتتى.
-    نېمە ؟ - سەزگۈر چۆچۈپ كەتتى، - نەگە كەتتى. ئېنىقراق دېگىنە !
-    شۇ ، تۈگەپ كەتتى.
ئەسقەرنىڭ ئېغىزىدىن بۇگەپنى ئاڭلىغان سەزگۈر تۇرۇپلا قالدى. ئۇنىڭ كاللىسىغا ئەسقەرنىڭ كىيىنكى گەپلىرى كىرمىدى. تۆت ئەتراپتىن «بەختىنۇر تۈگەپ كەتتى، بەختىنۇر تۈگەپ كەتتى »دېگەن ئاۋازلا ئاڭلىناتتى. بىر چاغدا سەزگۈر ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى. ئەسقەر نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈردى. ئۇنىڭغىچە ھاشىم ئاكا بىلەن خەلچىخان ھەدىمۇ ھويلىغا يۈگۈرۈپ چىقىشتى.
سەزگۈر شۇ يۈگۈرگىنىچە بەختىنۇرلارنىڭ مەھەللىسىگە كەلدى.ئۇئەمدىلا بەختىنۇرلارنىڭ ئۆيىگە قاراپ قەدەم ئېلىۋىدى،  كەينىدىن يىتىپ كەلگەن ئەسقەر ئۇنى تۇتىۋالدى.
-مېنى قويۇپ بەر ئاداش ، - سەزگۈرھەدەپ يولغۇناتتى، - مەن بەختىنۇرنىڭ يېنىغا كىرىمەن.
- ئۆزەڭنى بېسىۋال ئاداش ، -ئەسقەرئۇنىڭغا چۈشەندۇرەتتى،- نېمە قىلغان بىلەن ئىش ئۆتتى. سەن كىرسەڭ ،ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ يىرىم بولىدۇ.
ئەسقەر بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇنى بۇ يەردىن ئېلىپ كەتتى. ئىككىسى بىرلىكتە تۇپراق بېشىغا چىقتى .بەختىنۇرنىڭ توپرىقىنى كۆرگەن سەزگۈرئۆزىنى تۇپراققا ئېتىپ يىغلاپ كەتتى. ئەسقەر ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنى يەردىن ئالالمىدى. ئۇنىڭغىچە ھاشىم ئاكىمۇ بۇ يەرگە يېتىپ كەلدى.
-    بولدى بالام ،-دېدى ھاشىم ئاكا يېغلاپ تۇرۇپ ، - ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ. بۇ ئىشلارغا ھەممىمىزنىڭ كۆڭلى يىرىم بولدى. بىچارە مەخسۇم بىلەن گۈلسۈم شۇ ئىشتىن كىيىن تۈگۈشۈپ كەتتى. ئۆزەڭنى تۇتىۋال.
-    مەن قانداقمۇ ئۆزەمنى تۇتىۋالاي دادا، - سەزگۈر ھەدەپ ئۆزىنى تۇپراققا ئاتاتتى، - بۇ بەش يىلنى مەن قانداق تەستە ئۆتكۈزدۇم .ئاھ خۇدا ، مېنىڭ ئارزۇلىغان يۈرتۇمغا كېلىپ ئاڭلايدىغان خەۋىرىم مۇشۇمىدى.
ئۇلار مېڭبىر بالالىقتا سەزگۈرنى بۇ يەردىن ئېلىپ ئايرىلىشتى. لىكىن سەزگۈر ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا ئۆزىنى يەنە سىرتقا ئاتتى. ئەسقەر بىلەن ھاشىم ئاكا ئۇنى ئۆيگە سولىۋالدى. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى. سەزگۈرنىڭ كەيپىياتى تۇراقلاشقاندەك قىلدى. بىر كۈنى ئۇ ئۆيىدىن چىقىپ يەنە ئۇدۇل توپراق بىشىغا باردى. بەختىنۇرنىڭ قەبىرىسى ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئۆكسۈپ –ئۆكسۈپ يېغلىدى. شۇندىن كىيىن ئۇ قەبرىستانلىققا چىقىشنى ئادەت قىلۋالدى. ئاتا –ئانىسى ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپلا يۈردى. ئۆيدىكى چاغدا ئۇ ئارتۇقچەگەپمۇ قىلمايتتى. بىر كۈنى ئۇ بىرتال ئالما كۆچىتىنى ئىلىپ چىقىپ بەختىنۇرنىڭ قەبرىسى يېنىغا تىكتى . بەختىنۇرنىڭ قەبرىسىگە قاراپ ئۇزاق ئولتۇردى. قايتىش ۋاقتىدا يېنىدىن بەختىنۇر سوۋغا قىلغان قولياغلىقنى چىقىرىپ ئۇنى ئالما كۆچىتىگە چىگىپ قويدى.
ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ سەزگۈر تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى.
15
ئوغلىنىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كىتىشى بىلەن  ھاشىم ئاكا بىلەن خەلچىخان ھەدە قويغان تۇتقىنىنى بىلمەي قالدى. نەچچە كۈنلەردىن بۇيان سەزگۈرنىڭ ھالىتىدە بولىۋاتقان نورمالسىزلىقتىن ئۇلار قورقۇپ تۇراتتى. مانا ئەمدى ئۇ تۇيۇقسىز لا يوقاپ كىتىۋىدى، ئولتۇرالمايلا قالدى. ئۇلار تەرەپ –تەرەپتىن ئۇنى ئىزدىدى .بىراق ھېچيەردىن تاپالمىدى.
سەزگۈر يوقاپ كىتىپ ئۈچ ئايدىن كىيىن ئۇنىڭدىن خەۋەر كەلدى.
يېزىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە توغرا كىلىدىغان ،يېزا بىلەن بولغان ئارلىقى 30كېلومىتىرلىق بولغان جايدا يارباغ دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەر بار .چوڭلارنىڭ دېيشىچە بۇ يەر تولىمۇ شەرتلىك ئىكەن .بۇ يەردە ئىلگىرى قايسىدۇر بىر ئۇلۇغ كىشى ئۆتكەن بولۇپ ، شۇنىڭدىن بۇيان بۇ يەر باشقىلارنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان جايىغا ئايلانغان ئىدى. ھەر يازپەسلىدە بۇ يەرگە تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن نورغۇن كىشىلەر كىلەتتى. ئەلۋەتتە ،ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۈرلۈك ھاجەت بىلەن ئاللاھقا سېغىنىپ چىققانلار كۆپ ئىدى. بۇ يەرگە ئەنە شۇنداق يۈرت –يۈرتلاردىن بالا يۈزى كۆرمىگەن ، ئاللىقانداقتۇر بىر خىل ساقايماس كىسەللەرگە گىرىپتار بولغانلار چىقاتتى. يارباغنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر بۇلاق بولۇپ قىش –ياز سۈيى بىر خىل ئىدى. بۇ يەرگە چىققانلار ئەنە شۇ بۇلاق سۈيىدىن نەچچە كۈن قانغىچە ئىچەتتى. قايتىش ۋاقتىدا يەنە ئۆزلىرى ئېلىپ چىققان تۇڭلارغا توشقۇزۇپ ئېلىپ كىتەتتى. كىيىنچە بۇ يەرگە مەخسۇس قارايدىغانلار چىقتى. ئۇلار يارباغنىڭ ئەتراپىنى تولۇق قورشىدى. ئىشىك ئورنىتىپ ، كىرىش بىلىتىنى ساتتى. بۇلاق سۈيىنىمۇ تۇڭلارغا قاچىلاپ ، سېتىشنى باشلىغا ئىدى.  
سەزگۈرنىڭ خەۋىرىنى ئالغان ھاشىم ئاكا دەرھال يارباققا كەلدى. ئۇ سەزگۈرنى بىر خارابىلىك ئىچىدىن تاپتى. سەزگۈرنىڭ چاچ –ساقاللىرى ئۆسكەن بولۇپ ، تونۇغۇسىزلا بولۇپ قالغانىدى. ئوغلىنىڭ تۇرقىنى كۆرگەن ھاشىم ئاكىنىڭ يۈرىكى ئىتىشتى. ئۇنى باغرىغا بېسىپ ئۆكسۈپ –ئۆكسۈپ يېغلىدى. ھاياتىدا ئارزۇلىغان بالىسىنىڭ بۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
ھاشىم ئاكا ئۇنى مەھەللىگە قايتۇرۇپ كەلدى. ئۇنىڭ تىپىلغانلىقىدىن ھەممە خوشال بولدى. بىراق بىيجىڭدەك يوقىرى شەھەرلەردە ئوقۇپ كەلگەن بالىنىڭ بۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرگەن قولۇم –قوشنىلار نىڭ كۆڭلىمۇ يىرىم بولۇشتى. سەزگۈر ئۇلارغا ئاللىقانداقتۇر ئەۋلىيا –ئەنبىيالارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى سۆزلەيتتى. ئۇلارغا پاك ياشاش ، ھارامدىن يىراق تۇرۇش توغۇرسىدا نەسىھەت قىلاتتى. كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ كاللىسىدىن كەتكەنلىكىنى بىلىشتى.
سەزگۈر يېزىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئەنە شۇنداق سۆزلەپ يۈردى. نېمىشقىدۇر ئۇ ئارمان ، ئابلا يەكپايلارنى كۆرسىلا تىللاپ قوغلايتتى. بۇنىڭدىن ئابلا يەكپاينىڭ كۆڭلى زادىلا ئارام تاپمىدى. ئۇنى كۆرسىلا قاچىدىغان بولدى. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ ھاشىم ئاكا بىلەن خەلچىخان ئارقا –ئارقىدىن ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ كۈنلەردە سەزگۈرنىڭ ساراڭلىقى رەسىمى بىر ئاشىقلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ ، دائىملا مەھەللىدىكىلەرنى ئەتراپىغا يېغىۋىلىپ ، بەختىنۇر ۋە ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قانداقتۇر بىر قىسسەلەرگە باغلاپ تۇرۇپ سۆزلەپ بىرەتتى. تىڭشىغۇچىلارمۇ ئۇنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايتتى. كىيىن ئۇ يەنە تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى. ئۇنىڭ يوقاپ كىتىشى بىلەن ئابلا يەكپاينىڭ كۆڭلىمۇ ئارامىغا چۈشتى.....
تويۇقسىز ئۇنىڭ يەنە پەيدا بولۇشى بىلەن ئابلا يەكپاينىڭ ئارامىغا چۈشكەن كۆڭلىگە يەنە ئەندىشە ئېلىپ كەلدى.
چوڭقۇر خىياللارقوينىدىن سۇغۇلۇپ چىققان ئابلا يەكپاي ئەمدى قانداق قىلىش توغۇرسىدا ئويلىدى. شۇ ئارىلىقتا ئۆيگە تۇردىخان كىرىپ كەلدى.
-سىلىگە زادى نېمە بولدى دادىسى ؟ -ئاستا سورىدى ئۇ ، -چۈشتە چاينى ئىچمەي كىرىپ كەتكەن ئادەم ھازىرغىچە يىتىپسىز غۇ؟
- بۇنى سورىما خوتۇن ؟ ھېلىقى ساراڭ يەنە پەيدا بولۇپتۇ ؟
-كىمنى دەيسىز ؟ - توردىخان چۈشەنمەي سورىدى.
-كىم بولاتتى، ھېلىقى بېشىمىزغا بالا بولمىش ، ھاشىمنىڭ ئوغلى سەزگۈرچۇ؟
«سەزگۈر »دېگەن گەپنى ئاڭلاپ تۇردىخانمۇ چۆچۈپ كەتتى. شۇ زامان ئىلگىرىكى ئىشلار ئۇنىڭ خىيالىغا كەلدى. سەزگۈرئەنە شۇنداق تاقا –تۇقا سۆزلەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇردىخان بىلەن كوچىدىلا ئۇچرىشىپ قالدى.
-    ئارمان دېگەن دەيۈز بەختىنۇرنىڭ بېشىغاچىقتى. سەنلەرمۇ ياخشى كۈن كۆرۈشمەيسەن. – سەزگۈر ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كەلدى. – ھەق ئاللا ، دەيۈزلەرنىڭ جازاسىنى بەرگەيسەن ، ئىمانسىزلار،جوۋۇتلارنىڭ ئەدىبىنى بەرگەيسەن!
سەزگۈر شۇنداق دەپلا قولىدىكى ئەسكى ئاياغنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاتتى. قورقۇپ كەتكەن تۇردىغان نېمە قىلىشىنى بىلمەي ،ۋارقىرىغان پىتى قاچتى. شۇ كۈندىن كىيىنلا ئۇ سەزگۈرنى كۆرسىلا قاچىدىغان بولدى. قىرىشقاندەك بىر مەھەللىدە بولۇشى ئۇلارنى ھەدىگەندىلا ئۇچراشتۇرۇپ قوياتتى. ئارمان شۇ ئىشلاردىن كىيىن شەھەرگە كىرىپ كىتىپ قوتۇلدى. بىراق ئابلا يەكپاي بىلەن تۇردىخاننىڭ كۆڭلى ئارامىدا ئۆتۈپ باقمىدى.
«سەزگۈر »قايتىپ كەپتۇ دېگەن گەپنى ئاڭلاپ تۇردىخانغا تېخىمۇ قورقۇنچ چۈشتى. ئابلا يەكپاي ئەتىسى دۇكاننى ئاچمىدى.كەچتە ئۇ قادىر بۇقىنىڭ ئۆيىگە بۇ ئىشلار توغۇرسىدا مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن كەتتى. بىر چاغدا  مەھەللىدە كۆتۈرۈلگەن ۋاراڭ –چۇرۇڭدىن ھەممە ئۆيلەر ۋەھىمىگە چۈشتى.ئۇلار سىرتقا چىقىپ  تۆۋەنكى مەھەللە تەرەپتىن كۆتۈرۈلگەن ئوت يالقۇنىنى كۆرۈشتى. تۇردىخانمۇ  ئۆيىدىن يۈگرەپ چىقتى.ئۇمۇ يىراقتىن كۆتۈرۈلگەن ئوت يالقۇنىنى كۆرۈپ نېمە بولغانلىقىنى بىلمەي يۈگۈردى.
ئۇنىڭغىچە كىشىلەر تېزدىن ئوت يالقۇنى چىققان تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈشتى. ئۇلار يېتىپ كىلىپ كۆردىكى ، قادىر بۇقىنىڭ ئۆيى غايەت زور ئوت يالقۇنىنىڭ ئىچىدە كۆيۈۋاتاتتى.
كىشىلەر تەرەپ-تەرەپتىن  چىلەك ،داسلارغا سۇ ئېلىپ كىلىپ ئوتقا چاچاتتى. بىراق بۇ خىل ئاماللار كۈچلۈك ئوتنى قانداقمۇ بويسۇندۇرالىسۇن؟ ئۇنىڭغىچە بۇ يەرگە يېزىلىق ساقچى ئىدارسىدىن بىر ماشىنا ئادەم  يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئادەملارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ ئوت ئۆچۈرۈشكە  تۇتۇش قىلدى. يەنە كىملەرگىدۇر تېلىفۇن قىلىشتى. بىر چاغدا بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەن تۇردىخان «ئابلا»دېگىنىچە  ئۆي تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى. ئۇنىڭغىچە كىشىلەرئۇنى تۇتىۋالدى. «گۇلدۇر »قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۆينىڭ ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشتى.
تاڭ ئاتارغا يېقىن ئۆتمۇ ئۆچۈرۋىلىندى. كىشىلەرپۈتۈللەي كۆيۈپ كەتكەن ئۆيگە قاراپ ئېغىر خۇرسىنىشتى. قادىر بۇقىنىڭ شەھەرگە بىر ئىش بىلەن كەتكەن ئىككىنچى ئايالى رەيھانەممۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ يېنىپ چىقتى. ئۇ بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ دەسلەپ داڭقىتىپ تۇرۇپ قالدى، ئارقىدىن ھوشىدىن كەتتى. ئاياللار ئۇنىڭ يۈزلىرىگە سۇ چىچىپ تۇرۇپ ئۇنى ھوشىغا كەلتۈردى. شۇندىلا ئۇ «دادىسى »دەپ يېغلىغىنچە ئۆزىنى خارابىلىككە ئاتتى.
كىشىلەر خارابىلىك ئىچىدىن كۆيۈپ چۇچۇلا بولۇپ كەتكە ن ئىككى جەسەتنى تاپتى. ئىككى ئايال تەڭلا جەسەتكە ئېتىلدى...
خاتىمە
بەش يىلدىن كىيىن
مۇشۇ كۈنلەردە شەھەرنىڭ ئاۋات رەستىلىرىدە تويۇقسىز  چاچ ساقاللىرى ئۆسكەن ،كىيىملىرى جۇل –جۇل بولۇپ كەتكەن بىر ئاشىق پەيدا بولدى. ئۇ كىشىلەرنى ئەتراپىغا يېقىپ ئاللىقانداقتۇر بىر قىسسەلەرنى سۆزلەيتتى. ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى كىشىلەر بىلمىسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ ئاشۇ چۈشۈنىكسىز سۆزىنى ئاڭلايدىغانلار يەنىلا كۆپ ئىدى. ئاشىق ھەدەپ سۆزلەيتتى. كىشلەرئۇنىڭغا ئاتىغانلىرىنى بىرەتتى. بۇ يەرگە توپلاشقانلار ئىچىدە خوتۇن –قىزلارمۇ بار بولاتتى. ئۇلار ئۇ ئاشىققا سىنچىلاپ قاراشقا پىتىنالمايتتى. چۈنكى ئۇنىڭ قاراشلىرى يۈرەككە تىگەتتى. ...

قەدىرلىك ئومۇرمەن ئەسەر مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى. سىزلەرنىڭ  ئەسەرنى ئوقۇش بىلەنلا چىقىپ كەتمەي ،قىممەتلىك سۆزلىرىڭلارنى قالدۇرۇپ قويىشىڭلارنى ئۆمۈد قىلىمەن .
                     كامالىي ئېھتىرام بىلەن – ھايات
                               2011-يىل 3-ئاينىڭ 4-كۈنى تاماملاندى.

ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىياخشى باھا مۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
piku + 300
zulayha + 300 تەشەككۈر.
زامانى + 555 ئېسىل يازما
توخار + 200 ياخشى يېزىلغان پوۋىست.
musilina + 500 نادىر ھېكايە...

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1555  مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ھايات

كېرەك يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6390
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1288 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 02:20:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن تەسىرلىككەن....ئوقۇپ بولغىچە نەچچى قىتىم يىغلاپتىمەن.
ھەي،بۇ دۇنيا....
نىمىشقا شۇنداق ياخشى كۆرۈشكەنلەر ئارمانلىرىغا يىتەلمەيدۇ؟!
مۇشۇ جەمىيەتتىكى بېر قىسىم ناچار ئىللەتلەر قاچانغىچە داۋام قىلىدۇ؟!

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ،ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرگە ئوخشاش!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7749
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 08:29:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋالدىم ، ياخشى يېزىلىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64343
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4294
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1142 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2014-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 09:30:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئەسەر ، مەن بۇرۇن بىر قېتىم ئۇقۇغان ،   لېكىن بۇگۇن يەنە بىر قېتىم ئۇقۇۋالدىم  ، رەھمەت سىزگە ، ئۇلۇغ ئاللا  بەندىلىرنىڭ بېشغا بۇ كۇنلەرنى سالمىغاي.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12382
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32424
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 11:31:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇپ بولغۇچە كۆزلىرىم نەچچە رەت نەمدەلدى،بەك ياخشى يېزىپسىز....
تىل ئىشلىتىشى ،شۇنداق مۇرەككەپ بولغان ۋەقەلىكلەرنىڭ جايى -جايىدا  ئورۇنلاشتۇرۇش ،مەزمۇن باغلىنىشى،باش -ئاخىرىنىڭ ماسلىشىشى....ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا ئىنتايىن مۇۋاپپەققىيەتلىك چىققان ئەسەر بوپتۇ،ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7877
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1518 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 12:28:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاران ئوقوپبولدۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60437
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4175
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 1213 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2011-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 04:35:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزمۇ جالالىدىن بەھرام ئاكىمىزدەك بىر يىلدا تۆت بەش روماننى يېزىۋىتەمسىز، ئارقا -ئارقىدىنلا ئىلھام كەلگەندە...

تىزىملاتقان ئىسمىمنى ئامىلەگە ئۆزگەرتكۈم بار ئىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68650
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3081
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2011-12-5
ئاخىرقى: 2011-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 07:34:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە ، ئۇلۇغ ئاللا  بەندىلىرنىڭ بېشغا بۇ كۇنلەرنى سالمىغاي.

ئازاپلىرىم،مېنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17794
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 9635 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 11:05:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنى مەن بۇرۇن بىر قېتىم ئوقۇغان.مۇنبەردە ئوقىدىممۇ ياكى بىرەر كىتاپتا ئوقۇغانمۇ ئېسمىدە قالماپتۇ..يەنە بىر قېتىم كۆرگىنمدىن خۇرسەنمەن.

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38987
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4344
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 3184 سائەت
تىزىم: 2011-4-28
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 04:31:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنىڭ بىشىنى ئوقۇپ شۇنداق چۈشىنىكسىز ھىس قىلغان ئىدىم.لىكىن ئاخىرىغىچە ئوقۇپ شۇنداق تەسىرلەندىم،بەك ياخشى يىزىپسىز،قەلىمىڭىز ھارمىسۇن.

ئادەم شۇنداق ياشىشى كىرەككى ئۆتكەن ھەر بىر كۈنىگە پۇشايمان قىلمايدىغان بولسۇن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش