كىشىلىك تۇرمۇشتا ئەرلەر بۇلۇپمۇ ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئەرلەر ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن باشقىلار بىلەن جىدەللىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار داۋاملىق يۈز بىرىپ تۇرىدۇ ، بۇ جىدەللەر بەلكىم ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا . چوڭ- كىچىك بازارلاردا. ئاشخانا مىھمانخانلاردا ۋە ياكى ئويلىمىغان يەرلاردە يۈز بىرىپ قېلىشى مۇمكىن ، يۈز بەرگەن بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەر بەزىدە ناھايىتى تىزلا ئاخرلىشىدۇ بەزىدە تەرەققى قىلىپ ئەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى قان چېچىپ مۇشلىشىقا ئۆزگىرىپ كىتىدۇ ... بەزىدە سىز باشقىلار بىلەن قەتئى مۇشلىشىشنى خالىمىسىڭىزمۇ . لېكىن قارشى تەرەپ سىزگە جىدەلنى زورلاپ تاڭىدىغان ئەھۋاللار يۈز بىرىپ تۇرىدۇ ...
شۇنداق جىدەلنىڭ ئاقىۋىتى ياخىشى ئەمەس ، بىراق ھازېرقى جەمىيەتتە بەلكىم تىنىچ يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا مۇمكىن بولمىغان مەسىلىلەرنى جىدەل ئارقىلىق ھەل قىلىش مۇمكىن ... ئەنە ئەشۇ سىز باشقىلار بىلەن مۇشلاشقان ۋاقىتتا بەلىكم ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن رەقىبىڭىزگە ھۇجۇم قىلىشىڭىز مۇمكىن . ۋە ياكى رەقىبىڭىز ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن سىزگە ھۇجۇم قىلىشىمۇمۇمكىن ، ھۇجۇم جەريانىدا بەلكىم سىز قۇلىڭىزغا چىققان نەرسە بىلەن رەقىبىڭىزنى ئۇرۇشىڭىز مۇمكىن ۋە ياكى رەقىبىڭىز قۇلىغا چىققان نەرسە بىلەن سىزگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن . ئەشۇ ۋاقىتتا مەيلى سىز ھۇجۇم قىلىڭ ياكى رەقىبىڭىز سىز گە ھۇجۇم قىلسۇن . قايسى تەرەپ بولسۇن ھۇجۇم جەريانىدا ئازراقلا ئارتۇق ھاياجانلىنىپ قالسا ئويلىمىغان ئاقىۋەتلەر يۈز بىرىپ ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بىرىپ قالىدۇ ...
ئەگەر سىز ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن باشقىلار بىلەن مۇشلىشىپ قالسىڭىز چۇقۇم ئەتراپىڭىزدىكى نەرسىلەردىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىشىڭىز شۇنداقلا شۇ نەرسىلەردىن ئەپچىللىك بىلەن قوغدىنىشىڭىز لازىم ...
تۈۋەندە بىز UFC ئۈنۋېرسال مۇشلاشچىسى Bas Rutten نىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ھەرخىل سورۇنلاردا باشقىلار بىلەن مۇشلۇشۇپ قالغاندا قانداق قوغدۇنۇش رەقىبىگە قانداق ھۇجۇم قىلىش ۋە ئەتراپىدىكى نەرسىلەردىن قانداق ئۇسۇلدا پايدىلىنىش توغرىسىدا دەرىس ئۈتىدۇ .... ئەگەر سىز تۈۋەندىكى دەرىسلەرنى تەپسىلى كۈرۈپ ئۈزىڭىزگە ئۆزلەشتۈرۋالسىڭىزلا چۇقۇم سىزگە مەلۇم نىسپەتتە پايدىسى بۇلىدۇ ....
دەرىس ئىنگىلىسچە. بىراق ھېچقىسى يوق. سىز تەپسىلى كۆرسىڭىزلا چۇقۇم ناھايىتى ئاسان چۈشىنىۋالالايسىز....
ئەسكەرتىش : بۇنى يوللىشىم ھەرگىزمۇ كۈندە مۇشلىشىپ جىدەل چىقىرىپ تۇرۇش كىرەك دىگەنلىك ئەمەس ، بىراق بەزىدە سىز جىدەلدىن قاچقانسىرى جىدەل سىزگە شۇنچە جاپلىشىدۇ . ئەنەشۇ ۋاقىتلاردا بەلكىم سىزنىڭ جىدەللىشىتىن باشقا تاللىشىڭىز بولماسلىقى مۇمكىن ، قورقۇنۇچلىقى ھازېرقى جەمىيەتتىكى ياشلار ئارىسىدا جىدەللىشىپ قالسا قۇرۇق قول ئۇرىشىدىغان ئىشلار بەك ئاز، كۆپرەك ئۇرۇشۇپ قالغانلار قۇلىغا تىغلىق ئەسۋاپ ۋە ياكى مەلۇم نەرسىلەرنى ئېلىۋېلىپ ئۈزىنىڭ نىمىش قىلغىنىنى بىلمىگەن ھالدا رەقىبىگە ھۇجۇم قىلىپ ناھايىتى يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بۇلىۋاتىدۇ ،
كىشلىك تۇرمۇشتا ئەڭ ياخىشىسى سىز بەزى ئىشلارغا سۇقۇق قانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ .، شۇنداق قىلسىڭىزلا بىھۇدە جىدەللىشىپ كۆڭۈلسزلىكلەر يۈز بىرىپ قالىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىشى مۇمكىن .. ئەگەر جىدەللەشمىسە بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا مەيلى سىز رەقىبىڭىزگە ھۇجۇم قىلىڭ ياكى رەقىبىڭىز سىزگە ھۇجۇم قىلسۇن ھەرگىز ئارتۇق ھاياجانلانماڭ سىز ئۈزىڭىزنى توختىتالىسىڭىزلا جىدەل جەريانىدا نىمىش قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى چۇقۇم بىلەلەيسىز ...
ئەگەر سىز جىدەل چەريانىدا ھاياجىنىڭىزنى كونتىرول قىلىشنى بىلمىسىڭىز ، ئۈزىڭىزنىڭ نىمىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز ئۇنداقتا ئېغىر ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىدۇ .... بۇ ۋاقىتتا سىز « مىنى شەيتان ئازدۇرۇپتۇ » دىسىڭىزمۇ توۋا قىچقىرىپ يىغلىسىڭىزمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ ....
ئەگەر يۇقارقى دەرىسلىكنىڭ سىزگە نىسپەتەن ئازراق پايدىسى باركەن دەپ قارىسىڭىز دەرىسلىكنىڭ ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ ،
ھەممىڭلارغا ئامەت تىلەيمەن ....
مەنبە ئۈزۈم ۋە تۇدۇ تورى