ئائىلىدىكى يۇمۇرىستىك دىيالوگلار
بىر كۈنى ئايالى ئېرىدىن :
_ سۆيۈملۈكۈم ، مېنى ياخشى كۈرەمسىز ؟ _ دەپ سوراپتۇ .
_ ناھايىتى ياخشى كۈرىمەن _ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ئېرى .
_ ئۇنداقتا مەن ئۈچۈن قۇربان بىرەلەمسىز ؟
_ بىرەلەيمەن ، بىراق ئۇنداق قىلىش خاتالىق ،مەن قۇربان بەرسەم كىم سىزنى ياخشى كۈرىدۇ ؟
_ باشقىلار ئايالىنى «قۇياشىم »دەپ ئەركىلىتىدىكەن ، مەن نېمىڭىز ؟
_ قول چىرىغىم .
_ نېمە ؟ قۇياش بولالمامدىمەن ؟
_ قۇياش بولسىڭىز بولمايدۇ ، قۇياش ھەممە ئەرلەرگە ئورتاق ،سىز پەقەت ماڭىلا نۇر بەرسىڭىز بولىدۇ ،
ئېرىنىڭ جاۋابىدىن سۆيۈنگەن ئايال يەنە سوراپتۇ :
_ نېمىشقا ماڭا ھەر قاچان شۈنچە ياخشى مۇئامىلە قىلىسىز ، خاتالىقىم _ كەمچىلىكىم يوقمۇ ؟
_ تويدىن ئىلگىرى ئاتامدىن « ئانام بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغىنىڭلارنى كۆرمۈدۈم ، مەنمۇ شۇنداق ئۈتەلەرمەنمۇ ؟» دەپ سورىغانتىم ، ئۇ «ئايالىڭنىڭ خاتالىقى ۋە كەمچىلىكىنى ئەيىپلەپ يۈرمە ،چۈنكى شۈنچە گۈزەل قىز قىسمەن كەمچىلىكلىرى بولغاچقىلا سەندىنمۇ ياخشى ئەرنى تاپالماي ساڭا تەگمەكچى ، ئاناڭمۇ ئوخشاش » دىگەن ،
ئايال گەپنى باشقا ياققا بۇراش ئۈچۈن :
_ ئاڭلىسام غېنى باي لايىقىدىن ئايرىلىپ قىلىپ ، ئەلەمدە «باي بولىمەن » دەپ قەسەم ئىچىپتىكەن ، قاراڭ ،ھازىر ئۇلارنىڭ ئائىلىسى نېمە دىگەن باياشات-ھە _ دەپتۇ .
_ ئەينى يىللىرى سىزمۇ مېنى تاشلاپ ، بىرە بايۋەچچە بىلەن كىتىپ قالغان بولسىڭىز ، بەلكىم مەنمۇ غېنى بايدىنمۇ بەكرەك بىيىپ كىتەر بولغىيىتتىم .
ئايال توي قىلغانلىغىنىڭ ئون يىللىق خاتىرە كۈنى پولۇ ئىتىپتۇ ، ئەمما ئاشقا ئىس ئۆتۈپ قاپتۇ ،ئېرى ئۆيگە كىرىپلا نېمە ئىش بولغانلىغىنى بىلىپتۇ-دە ئايالنى باغرىغا چىڭ بىسىۋاپتۇ ،
_ نېمە قىلىۋاتىسىز ؟ ئادەمنىڭ خۇيى تۇتۇپ تۇرغاندا _ دەپتۇ ئايال .
_ ھا.....ھا.....ھا......خاتىرە كۈن دىگەن مۇنداق بولمامدۇ ، يىڭى توي قىلغان چاغدىكىدەك پولۇ ئىتىپسىز ، شۇڭا سىزنى كىلىنچەكتەك قۇچاقلىۋالغۇم كەلدى ،_ دەپتۇ ئەر .
ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن ھاياجان ياشلىرى تاراملاپتۇ .
مەنبە : «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى »