خۇشال ياشايمىز،
يېتىلىۋاتقان ئەزا
زابويلار تەشۋىقاتنامىسى بېرى كەلگىن زابوي دوستۇم،سانجىيلى بىللە‹‹ ئاق تىكەن›› سانجىغانلار ئەزىز بۇلۇپ،سانجىمىغانلار خار ئىكەن. مۇش كۆتۈرۈپ ھەممىگە ئاتىلايلى ھۆكۈمران، قىلالمىساق ئۇندا بىز ھالىمىز يوق بوش ئىكەن. ئىچىپ-چېكىپ بىللە يۈرۈپ تەڭ ئەجەللىك بولايلى، كەيىپ-ساپا قىلالىساق،شۇندىلا بىز ئەر ئىكەن. كۈندە-تۈندە ئىچىپ-چېكىپ سۈرگىن كەيىپ ھالاۋەت، ئىچەلمەس ھەم چىكەلمەسلەر يۈزى يوق ھەم پەس ئىكەن. يۈرەك بولسا كەلگىن ئوغۇل،بىڭسىڭنى كۆرسەت، يارىساڭلا شۇندا سەن،زابويلارنىڭ دوستى ئىكەن، قوشۇلساڭلا بىزنىڭ سەپكە،بوپ كېتىسەن شىر يۈرەك، ئويناپ كۈلسەڭ‹‹دوستلار››بىلەن ھەممە دەيدۇ‹‹باتۇر››ئىكەن. ئويناپ كۈلۈپ يايرىۋالغىن ،ھەممە نېمەڭ بار چاغدا، ئىچىپ-چېكىپ يايرىمىساڭ،تۇرمۇش شۇنداق سوغۇق ئىكەن. ئاتا-ئاناڭ بار چاغدا ئوينىۋالغىن كارامەت، ئۇلار‹‹سەپەر››قىلغاندا،ياندا پۇلۇڭ يوق ئىكەن. ئاز كۈن قالدى ئۇلارغا،سېنىڭ ئۆمرۈڭ تېخى ئۇزۇن، شۇ ئاز كۈندە ئوينىمىساڭ،كېيىن داغدا قويار ئىكەن. بولاي دېسەڭ زابويدىن،ساڭىمۇ بار كەڭ قۇچاق، يانچۇقۇڭدا پۇل بولسىلا،ھەممە ساڭا ئۈلپەت ئىكەن. ئېزىپ ھەرگىز كىرىپ قالما ياخشىلارنىڭ قاتارىغا، بۇلۇپ قالساڭ ياخشى ئوغۇل،قىز جېنىدا سۆيمەس ئىكەن. زابوي بولساڭ تەلەي سېنىڭ،ھېچنىمىدىن غېمىڭ يوق، ۋاپايىڭ يوق‹‹يامان››بولساڭ،قىزلار دېگەن سامان ئىكەن. كىمدە-كىم ئاڭلاپ قالسا،ئۇشبۇ خەۋەرنى جاي-جايدىن، شۇ ھامانلا ئاتلانسۇن،زابوي بولۇش غېمى ئىكەن. ئاڭلاپ تۇرۇپ بۇ خەۋەرنى يەتكۈزمىسەڭ دوستلارغا، ياكى يانساڭ زابويلۇقتىن ‹‹قانۇن››لارغا خىلاپ ئىكەن. 2011-12-03 ئاپتورى:ياقۇپجان ياسىن مەنبە:ئۆزۈم
پاش قىلىش
ئۇلۇغ ئاللاھتىن
مەستانە ئـــەزا
دائىملىق ئــەزا
مىنىڭ يۇرتۇم ماڭ
ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو
ئالىي ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ