مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 860|ئىنكاس: 11

زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ «جەمئىيەتشۇناسل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46501
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 144
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 735 سائەت
تىزىم: 2011-7-3
ئاخىرقى: 2012-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-4 04:01:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ «جەمئىيەتشۇناسلار نېمە دەيدۇ»ناملىق كىتابى نەشردىن چىقتى
كىتابنىڭ كىرىش سۆزى





ئىجتىمائىي پەن ساھەيىمىزدە جەمئىيەتشۇناسلىق پەلسەپە، پىسخولوگىيە، ئىقتىسادشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق، سىياسىيشۇناسلىق، ئىستېتىكا قاتارلىق ئىلىملەرگە ئوخشاشلا  ئېچىلمىغان بوز بۇلۇڭ. بۇنداق بولۇشىنى مەلۇم نوقتىدىن ئېيىتقاندا ئىجتىمائىي مۇھىت، جەمئىيەت تۈزۈمى ۋە مائارىپ ئەندىزىسى بەلگىلەپ قويدى. گەرچە  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتى 2000- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇرۇلغان بولسىمۇ ھەمدە يېقىنقى ئۈچ- تۆت يىلدىن بۇيان جەمئىيەتشۇناسلىقتا ئوقۇيدىغان، جەمئىيەتشۇناسلىققا قىزىقىدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سانى جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە ئاۋۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ پەننىڭ ماھىيىتى، بارلىققا كېلىش ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ھازىرقى يۈزلىنىشى ھەققىدە سىستېمىلىقراق بىلىم بېرىدىغان ماتېرىياللار بىزدە يوق دېيەرلىك بولۇپ كەلدى. بۇ كىتاب ئەنە شۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش مەقسىتىدە يېزىلدى. بۇنى جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيىسى ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق تارىخى ھەققىدىكى مۇپەسسەل كىتاب دېيەلمەيمەن. ئەمما، جەمئىيەتشۇناسلىققا ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر يېتىلدۈرۈشكە قىزىقىدىغان ئوقۇرمەنلەر بۇ كىتابنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن بۇ پەننىڭ ئالاھىدىلىكى، نەزەرىيە سىستېمىلىرى ۋە بۇ پەندىكى مۇھىم جەمئىيەت نەزەرىيىچىلىرى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.
ئاددىي بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېيىتقاندا، جەمئىيەتشۇناسلىق ئۆزىمىزنى، ياشاۋاتقان رېئاللىقىمىزنى ۋە  بىزنى قوينىغا ئېلىپ تۇرغان جەمئىيەتنى توغرا تونۇشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان پەن بولۇپ، 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پەلسەپىدىن شاخ ئايرىپ چىققان. پەلسەپە ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ ماھىيىتى ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز ھەققىدە بىزنى پىكىرگە ئۈندىسە، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىجتىمائىي سىستېمىلار بىلەن ئىنسان ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ ۋە مېتافىزىكىلىق پىكىردىن كۆرە ئەمەلىي پاكىتقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. جەمئىەتشۇناسلار  ئەمەلىي پاكىتلارنى مۇھاكىمە، ئانالىز قىلىش ئارقىلىق نەزەرىيىۋى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ. خاراكتېرى نۇقتىسىدىن ئالغاندا،   بۇ پەن بىر ئىجتىمائىي توپ كىشىلىرىنىڭ قانداق بولۇپ مۇشۇ ئىجتىمائىي شارائىتتا ياشاۋاتقانلىقىغا، شۇ بىر ئەينى رېئاللىققا قانداق ئۇلاشقانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. شېئىر، رومان، پوۋېست، نەسىر ۋە تارىخىي ئەسەر  ئوقۇپ جاھاننىڭ تېپىشماقلىرىغا جاۋاب تاپالماي گاڭگىراپ قالغان ۋاقتىمىزدا، جەمئىيەتشۇناسلىق بىزنى ساقلاپ تۇرغان بولىدۇ.
دۇنيا مىقياسىدىن ئالغاندىمۇ، جەمئىيەتشۇناسلىق ياش بىر پەن. جەمئىيەتشۇناسلىق ئاتالغۇسى تۇنجى بولۇپ 19- ئەسىردە فرانسىيە جەمئىيەتشۇناسى ئاۋگۇست كوم (1857- 1798) تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەم بارا- بارا پەلسەپىدىن شاخ ئايرىپ چىققان. ئۇنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە بىر ياش پەن بولۇشى جۇڭگوغا كېچىكىپ كىرىشىگە سەۋەب بولغان. جۇڭگودا يەن فۇ، گې شۆبۇ قاتارلىق مۇتەپەككۇرلارنىڭ تەسىرىدە 1914- يىلى شاڭخەيدىكى لۇجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتى تەسس قىلىنغان. ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس فەن گۇاڭدەننىڭ يېتەكلىشىدە فېي شىياۋتوڭ قاتارلىق جەمئىيەتشۇناسلار يېتىشىپ چىققان. يامان بولغىنى، جۇڭگو ئازاد بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي تۈرلۈك ناتوغرا سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ تەسىرىدە جەمئىيەتشۇناسلىق «زەھەرلىك، غەربنىڭ پېنى» دېگەن قاملاشمىغان پەتىۋا بىلەن جۇڭگودا مەنئىي قىلىنغان. 1989- يىلىغا كەلگەندىلا مەنئىي بۇيرۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتلىرى ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇلۇشقا باشلىغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە 1980- يىللارنىڭ  بېشىدىن باشلاپلا مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇن يېتىشىپ چىققان بىر قاتار جەمئىيەتشۇناسلار بۈگۈنكى زامان جۇڭگو جەمئىيىتى مەنىۋىيىتىنىڭ لايىھىلىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكىلى باشلىغانىدى. مەسىلەن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى فېي شىياۋتوڭ «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» قاتارلىق ئىجتىمائىي تۈزۈملەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. جەمئىيەتشۇناسلىق خەنزۇلار ئارىسىدىمۇ شەكىللىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان پەن.
تەرەققىيات جەريانىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، جەمئىيەشۇناسلىق ئىلمى 19 – 20- ئەسىرلەردە ئاساسلىقى فرانسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدە ۋە ئامېرىكىدا راۋاجلانغان. بۈگۈنمۇ بۇ ساھەدە باش كۆتۈرگەن دۇنياۋى ئالىملارنىڭ ياۋروپالىق، ئامېرىكىلىق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر رېئاللىقنى كۆرمەكتىمىز. بۇ ھال پىكىر قىلىش قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرۈش، مەسىلىلەرنى نەزەرىيىۋى يۈكسەكلىك نۇقتىسىدىن تونۇپ ئالدىن ھېس قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ياۋروپانىڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن، جەمئىيەتنىڭ ماھىيىتى ھەققىىدىكى ئىككى ئەسىرلىك ئىلمىي بىلىش تارىخىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ غەربكە چوقۇنغانلىق ياكى غەربنىڭ زەھەرلىك نەرسىسىنى ئۆگەنگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقلىي، پىكرىي قۇۋۋىتىنى ئۆستۈرۈش، بۇ ساھەدىكى ئەقلىي مىراسلارنى ئەۋلادلارغا ئۇلاش يولىدا، ئالغا كەتكەنلەرنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىش مەقسىتىدە ھامان بېسىپ ئۆتىدىغان بىر جەريان. بۇ پەننىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن، ئاۋۋال مۇشۇ پەندە بارلىققا كەلگەن غەربنىڭ ئىلمىي بايقاشلىرىنى ئاۋۋال ئۆگىنىشىمىز، ئاندىن ئۇيغۇرغا خاس ئەقىل سەمەرىسىنى تاۋلاپ چىقىش ئۈچۈن ئۇنى ئۇنتۇپ، ئۆزىمىزگە خاس بىر يولدا ئىزدىنىشىمىز شەرت.
شۇنداق، ئۇيغۇرلاردا تەجرىبىدىن ئۆتكەن ھېكمەت، ماقال- تەمسىل ۋە يەرلىك بىلىم خېلى بار بولۇپ،  ئۇ بىلىملەر خەلقىمىزنىڭ بىر قاتار تارىخىي جەريانلاردىكى ئەقىل- پاراسىتىنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا ئىنتايىن قىممەتلىك، ئەمما زامانىۋى دۇنيانىڭ تېپىشماقلىرىنى چۈشىنىشىمىزدە بۇ بىلىملەر يەنىلا ئاجىز كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەنئەت ۋە ئەدەبىياتنىڭ مىللىيلىك خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بولسىمۇ، جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى نەزەرىيىۋى سىستېمىلارنىڭ، بىلىملەرنىڭ يەرلىكچە، ئامېرىكىچە، خەنزۇچە شەكىللىرى بولمايدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ مىللەت، چېگرا ئايرىمايدىغان يەرلىرى ۋە تەرەپلىرى جىق. بىزنىڭ قوبۇل قىلمايدىغىنىمىز غەربچە تۇرمۇش شەكلى ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي، مىللىي ئدېئولوگىيىسى. ئەمما، ياتلىشىش، يەر شارىلىشىش، زامانىۋىلىشىش، شەھەرلىشىش، تور دەۋرى قاتارلىق بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا تەسىر كۆرسىتىدىغان جەريانلارنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، مەۋجۇدلۇقىمىز ئۈچۈن سىتراتېگىيە بەلگىلەشتە جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى ئىلمىي بايقاشلارغا موھتاج بولىمىز.
ئاپتورنىڭ بۇ كىتابى مۇشۇ زۆرۈرىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ يېزىلغان بولۇپ، ئۇنى جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ قىسقىچە تارىخى دەپ چۈشنشىكىمۇ بولىدۇ.
2009- يىل 12- ئاي، ھونولۇلۇ

مەنبە: سەرخۇش بلوگى
http://serhush.com/
كىتابقا ئېھتىياجى بار تورداشلار سەرخۇش مۇنبىرى ئارقىلىق ئالاقىلەشسە بولىدۇ
http://serhush.com/?p=893


ئانا تىلنى بىلمى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1408
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10609
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 2382 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-4 09:28:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بايا بۇ كىتابنى سېتىۋالدىم. ئەمدى ۋاقىت چىقىرىپ بىر ئوقۇپ چىقاي....

ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە: http://blog.ilqut.com ئىش بولسا ئېلخەت يوللاڭ: Yasynjan@Gmail.com

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15847
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1875
تۆھپە نۇمۇرى: 809
توردا: 3732 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-4 10:03:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەردىكى كىتابخانىلار تېخى ئەكەلدۈرمىدىمىكىن ،بۈگۈن شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم  !!! ئۈرۈمچىدىن ئەكەلدۈرسەم بولىدىغان ئوخشايدۇ...

بىزگە ھەممىدىن زۆرۈر بولغىنى تۈنۈگۈنكى تاتلىق خاتىرە ياكى ئەتىكى شېرىن مەنزىرە ئەمەس،بەلكى،بىز ئىتراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزدۇر...

تۇرسۇن ئابدۇغىن

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49376
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 839 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-4 10:52:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن زۇلپىقار ئاكىنىڭ كىتاپلىرىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن،

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 921
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4534
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 683 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 12:17:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەۋەرلەندۈرگەنلىكىڭىز
گە كۆپ رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43245
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4992
تۆھپە نۇمۇرى: 1800
توردا: 2919 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 12:43:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتاپنى تەقلىدى يوسۇندا ئەمەس تەنقىدىي يوسۇندا ئوقۇش كىشىگە ئويلىمىغان ھوزۇر ۋە ئىلمىي تەپەككۇر ئاتا قىلىدۇ .

بىردەملىك تاقەت ئون يىللىق راھەتنىڭ مەنبەسى !

ئەنۋەر新医大

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65430
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 50
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 214 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2011-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 06:39:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
《ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە》ناملىق كىتابىمۇ ناھايىتى ياخشى،نەچچە رەت ئوقۇپ چىقتىم.بەزەن مەزمۇنلار ناھايىتى تەپسىلىي يېزىلغان........خۇدايىم بۇيرىسا ئىمتىھانىم تۈگىگەن ھامان ئالىمەن بۇ كىتابنى.....

يۇقىرغا قاراپ پى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18610
يازما سانى: 1315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 303
تۆھپە نۇمۇرى: 220
توردا: 5959 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 10:14:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىر ئېلىپ ئوقۇپ قوياي بۇ كىتابنى.

ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67603
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 278
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2012-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 01:55:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئۇقۇپ باقسام بۇلغىدەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1611
تۆھپە نۇمۇرى: 565
توردا: 770 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 02:42:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت بۇ كىتابنى چوقۇم مەن ئوقۇيمەن.كىم ماڭا زۇلپىقار بارات ئۆز باش ئاكا بىلەن ئالاقە ئۇسۇلنى دەپ بىرىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68644
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 76
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 317 سائەت
تىزىم: 2011-12-5
ئاخىرقى: 2011-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 02:53:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېتىلىۋاتقان ياش ئالىم ئۆزكاللا كارامەت ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ جۇمۇ!

سۇبھانە رەببىيەل ئەلا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39404
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 262
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2011-5-2
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 02:11:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاخشاملا ‹ئۆزلۆك گىرۋەكلىرىدە› دىن زۇلپىقار ئەپەندىمنڭ يىتەكچى ئوقوتقۇچىسى مانتىنا شارمانىڭ ئۇلارنى مىھمان قىلغان باياننىنى ئوقۇۋېتىپ ئۆزۆمچە كۈلگەن ئىدىم  ياتاقتىكى بالىلارنىڭ ‹ساراڭ ›دىگەن لەقىمىگە نائىل بولدۇم.دىمەكچى بۇ ئاكىمىز كىتابنى ھەق گەپ قىلىپ يازۇدۇ،ئۇنىڭغا ئاللادىن ساغلاملىق تىلىيمەن.

ئوخشاش تىلدا سۆزلىشەلەيدىغانلار ئەمەس، ئوخشاش ئوي-پىكىردە بولالايدىغانلار ئېتتىپاقلىشالايدۇ!
                                                         _كۇرتلار ۋادىسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش