ما ھەقسىز دىسە بەك يۈگىرەيمىز، ئەمما ‹‹ھەقسىز گۆشنىڭ شورپىسى يوق دىگەندەك›› ھە دىسىلا ھەقسىز دەپ قويۇپ ئادەم ئالدايدىغان ئىشلار ھازىر تور دۇنياسىدا شىددەتلىك يامراپ كەتتى،ئالدىنى ئىلىشمۇ بىر مەسىلە بوپ قالدى.بۇنداق دىسەم تور دۇنياسىدا ھەقسىزلەرنىڭ ھەممىسى يالغان ،ساختا،قەپەت ئادەم ئالدايدۇ خالاس،دەپ ئويلاپمۇ قالماڭ.............ھەقسىزلەرنىڭ ھەممىنى ساختا دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ .
مانا مەنمۇ بىر ھەقسىزلەر ھەۋەسكارى {:soso_e113:} {:soso_e113:}
ئۆتكەنكى تىمامدا ھەقسىز ،ئىشەنچىلىك تور تىلفۇنىنى تورداشلىرىمىزغا تەۋسىيە قىلىپ،تونۇشتۇرغان ئىدىم .بۇ قىتىمقىسى بولسا تىلفۇنلارغا ھەقسىز قىسقا ئۇچۇر ۋە رەڭلىك ئۇچۇرلارنى يوللاش دىتالىنى تەۋسىيە قىلىپ ،تونۇشتۇرماقچىمەن.
مەن بۈگۈن مۇشۇنىلا سىناپ چىقتىم. ھەقىقەتەن ئىشەنچىلىك چىقتى .تىزىملاتقاندا سىز ئۆزىڭىزنىڭ تىلفۇنىڭىز ئارقىلىق تىزىملىتىسز ،ئاندىن ئۇلار سىزنىڭ تىلفۇىڭىزغا مۇشۇنداق بىر دىتالنىڭ كەسپىنى ئاچماقچى ئىكەنلىكىڭىز توغرىسىدا ئۇچۇر بارىدۇ ،سىز‹ئاچىمەن›› دىگەن ئۇچۇرنى يوللايسىز .يەنى ‹‹是 ياكى 1›› نى يوللايسىز ۋە يوللاش ئوڭۇشلۇق بولغاندىن كىيىن ،دىتال كىرىش كۆزنىكىدىن كىرىسىڭىزلا بولىدۇ .ئەمما بىر ئەسكەرتىش: سىزنىڭ تىلفۇنىڭىزدىن قەتئى ۋە قەتئى 1پۇڭ يا 1مو تۇتمايدۇ .ئەگەر تۇتۇپلا قالسا ماڭا دەڭ...... باشقىلارغا ئۇچۇر يوللىغان ۋاقتىڭىزدا سىزنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىڭىز ئارقىلىق قارشى تەرەپكە بارىدۇ.
دىتال ئىسمى:咔咕
دىتال نەشىرى:v5.0 beta1 (ھازىرقى ئەڭ يىڭى نەشىرى)
دىتال ئىشلەش مۇھىتى:xp /win7
يىڭىلانغان ۋاقتى:2011-9-27
دىتالنى چۈشۈرۈش ئادرىسى:
چۈشۈرۈڭ
ئەمدى مۇنۇ دىتالنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە نەزەر سالايلى!
1-ھەرقانداق بىر تىلفۇنغا (بىرلەشمە خەۋەرلىشىش،كۆچمە خەۋەرلىشىش،تىلگىراق......)ھەقسىز قىسقا ئۇچۇر يوللاش.
2-ھەرقانداق بىر تىلفۇنغا ھەقسىز رەڭلىك ئۇچۇر يوللاش.
3-ئۆزىدە بار بولغان ھەرخىل چوڭ-كىچىك ئىپادىلەرنى،يوللاش،كومپىيۇتىردىكى رەسىملەرنى رەڭلىك ئۇچۇر قىلىپ يوللاش.
4-ھەرقايسى تىلفۇن ئىشلەتكۈچىلەرنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ ساقلاش،تەھرىرلەش.
5-باشقىلىرىنى ئىشلىتىش جەريانىدا بىلىۋالساڭلار بولىدۇ.
ئەمدى ھەقسىز دىسەم،ئاسماندىن موككىدە چۈشتى ،ھام قىلىپ يەۋىتەي دىسەڭلارمۇ بولمايدۇ،ئازراق ئىش قوشمىساق بولماس .بۇنداق دىسەم بايا ھەقسىز دىگەن دەيسىلەر ،ئەلۋەتتە ھەقسىز.سىزلەردىن بىر موچەن تۇتمايدۇ،پەقەت دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق پۇل توپلايسىز .ئۇچۇر يوللىسىڭىز تىلفۇندا يوللىغانغا ئوخشاش 1مو تۇتىدۇ،رەڭلىك ئۇچۇرغا 3-4مو تۇتىدۇ. تىزىملاتسىڭىزغا 1كوي بىرىدۇ. دوس تەۋسىيە قىلسىڭىز ،سىز تونۇشتۇرغان بىر ئەزا ئۈچۈن 1-2كوي بىرىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا پات-پات 2كوي مۇكاپات بىرىپ قويىدىكەن .
دىتال كۆرۈنمە يۈزىدىن بىر كەسمە:
تىزىملىتىش كۆزنىكى :
ئاۋۇ يەردىكى 邀请码دىگەن ئورۇنغا بۇ نۇمۇرلارنى كىرگۈزىسىز :001V-00EF-000X7K-000ZBT
ئۇچۇر يوللاش كۆزنىكى :
قوشۇمچە ئىقتىدارلىرى:بۇ ئىقتىدارلارنى ئىشلەتكەچ چۈشىنەلەيسىز
يەنە بىر ئىش : بۇ دىتال پەقەت كومپىيۇتىردىلا ئىشلەپ قالماستىن ،android ,iphone ,ipad,قاتارلىق تىلفۇنلاردا ئىشلەيدىغان نۇسخىلىرىمۇ بار .ئەمما مەندە ئۇ خىلدىكى ئەقلىيفونلار بولمىغاچ ،ئۇنداق تىلفۇنلاردا سىنىيالمىدىم.
يازما مىكرو بلوگغا يوللاندى burkut001نىڭ مىكرو بلوگى