بىر ئاغىنەم مېنى سىناپ باقماقچى بولۇپ قولىغا گېزىتنى ئېلىۋىدى، بوپتۇ، دېدىم.
ئاغىنەم بىرىنچى سوئالىنى قويدى:
ــ سەككىز بالىسى بار بىر ئايال ھامىلىدار بوپقاپتۇ. بۇ سەككىز بالىدىن ئۈچى گاس، ئىككىسى ئەما، بىرى دەلدۈش ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئايال سىفلىس كېسىلىگە گىرىپتار بوپقالغانىكەن. قېنى، دەپ باققىنا، ئۇ ئايالنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىش كېرەكمۇ؟
بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەي دەپ تۇرۇشۇمغا ئاغىنەم ئىككىنچى سوئالىنى قويدى:
ــ داھىي سايلاشقا قاتناشتىڭ دەيلى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن تاشلىماقچى بولغان بىر بېلەت ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. داھىي سايلىمىنىڭ نامزاتلىرى مۇنداق:
A نامزات: سەمىمىيەتسىز سىياسەتۋازلار بىلەن باردى-كەلدىسى قويۇق، ئىلمىي نۇجۇمدىن خەۋەردار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشنىسى بار، ئۇچىغا چىققان بەڭگە، كۈنىگە سەككىز قەدەھتىن ئون قەدەھكىچە مارتېن ھارىقى ئىچمىسە تۇرالمايدۇ.
B نامزات: ئىلگىرى ئىككى قېتىم خىزمەتتىن ھەيدەلگەن، ھەركۈنى كەچتە ۋېسكىينى چىلاشقۇدەك ئىچىۋېلىپ، كۈن چۈش بولغۇچە ئۇخلايدۇ، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان چېغىدا ئەپيۇن چەككەن.
C نامزات: ئوردېن ئالغان ئۇرۇش قەھرىمانى، گۆش يېمەيدۇ، تاماكا چەكمەيدۇ، ئاندا-ساندا پىۋا ئىچىپ قويىدۇ، ئاشنىسىمۇ يوق.
خوش، بۇ ئۈچەيلەندىن قايسىسىغا بېلەت تاشلايسەن؟
مەن بۇ ئىككى سوئالنىڭ جاۋابىنى يېزىپ ئاغىنەمگە بېرىۋىدىم، ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:
ــ A نامزات ـــ فرانكلىن روزۋېلېت، B نامزات ـــ ۋېنىستون چېرچېل، C نامزات ـــ ئادولېف ھىتلېر.
مەن ئاغىنەمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئاغزىمنى ئېچىپلا قالدىم. ئاغىنەم يەنە سورىدى:
ــ خوش، سەن ھىتلېرگە بېلەت تاشلىماقچى، شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق بولسا دەپ باقە، ھېلىقى ئايالنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىش كېرەكمۇ؟
ــ بۇنىڭغا گەپ كېتەمتى؟ ــ دېدىممەن ئۇنىڭغا جاۋابەن،ــ ئاز تۇغۇش، ساز تۇغۇشنى تەكىتلەۋاتقىنىمىزغا ئۇزۇن زامان بولدى. ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئاشۇنداق پەلىپەتىش بىر نېمىلەرنى تۇغقىلى تۇرسا، جاھان نېمە بوپكەتمەكچى؟! شۇڭا، ئۇ ئايالنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىنى ئەلۋەتتە ئالدۇرۇۋېتىش كېرەك!
ئاغىنەم شۇنداق دېدى:
ــ بىلەمسەن، ھېلىقى ئايال دەل بېتخوۋېننىڭ ئانىسى. دېمەك، سەن بېتخوۋېننى ئۆلتۈرۈۋەتتىڭ!
مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ يەنە ھاڭ-تاڭ قالدىم.
ــ ئۆزۈڭنىڭ جاۋابىدىن ئۆزۈڭ ھەيران قالدىڭ، شۇنداقمۇ؟ چۈنكى، ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارىغان جاۋابىڭ ئارقىلىق بېتخوۋېننى ئۆلتۈرۈپ، ھىتلېرنى تاللىدىڭ! ئېسىڭدە بولسۇن دوستۇم: شەيئىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشتە قېلىپلىشىپ قالغان قىممەت قارىشىنى ئۆلچەم قىلىۋالمىغىن!
ئەمدى ئوقۇرمەندىن سوراپ باقاي: گېزى كەلسە سىز كىمنى تاللايسىز؟
مەنبە: «يامغۇرلۇق ئورمان» ژۇرنىلى 2009-يىللىق 1-سان، پاكزات سېيىت تەرجىمىسى.