مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2109|ئىنكاس: 35

بۇ كىتاب ئاخىرى چىقتى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئوغۇز كىتاپخانى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24112
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3948
تۆھپە نۇمۇرى: 471
توردا: 788 سائەت
تىزىم: 2010-12-28
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 12:20:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


زۇلپىقار بارات ئۆزباش
باھاسى:23.00
2011-يىل 10-ئاي 1-نەشرى
2011-يىل 10-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-3000
ISBN: 9787228145980

كىرىش سۆز


ئىجتىمائىي پەن ساھەمىزدە جەمئىيەتشۇناسلىق خۇددى پەلسەپە ، پىسخولوگىيە، ئىقتىسادشۇناسلىق ، ئىنسانشۇناسلىق ، سىياسىيشۇناسلىق ، ئېستېتىكا قاتارلىق ئىلىملەرگە ئوخشاشلا ئېچىلمىغان بوز بۇلۇڭ . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتشۇناسلىققا قىزىقىدىغان ۋە بۇساھەدە ئىزدىنىدىغان ئاۋۇۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ پەننىڭ ماھىيىتى ، بارلىققا كېلىش ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ھازىرقى يۈزلىنىشى ھەققىدە سىستېمىلىقراق بىلىم بېرىدىغان ماتېرىياللار بىزدە دېيەرلىك يوق بولۇپ كەلدى . بۇ كىتاب ئەنە شۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش مەقسىتىدە يېزىلدى . بۇنى جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيەسى ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق تارىخى ھەققىدىكى مۇپەسسەل كىتاب دېيەلمەيمەن . ئەمما ، جەمئىيەتشۇناسلىققا ۋە نەزەرىيەۋى تەپەككۇر يېتىلدۈرۈشكە قىزىقىدىغان ئوقۇرمەنلەر بۇ كىتابنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن بۇ پەننىڭ ئالاھىدىلىكى ، نەزەرىيە سېستىمىلىرى ۋە بۇ پەندىكى مۇھىم نەزەرىيەچىلەر بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ .
ئاددىي ئېيتقاندا ، جەمئىيەتشۇناسلىق – ئۆزىمىزنى ، ياشاۋاتقان رېئاللىقىمىزنى ۋە بىز قوينىغا ئېلىپ تۇرغان جەمئىيەتنى تونۇشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان پەن بولۇپ ، 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پەلسەپىدىن شاخ ئايرىپ چىققان پەلسەپە ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ ماھىيىتى ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز ھەققىدە بىزنى تەپەككۇرغا ئۈندىسە ، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىجتىمائىي سېستىمىلار بىلەن ئىنسان ھەركىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ . جەمئىيەتشۇناسلار ئەمەلىي پاكىتلارنى مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق نەزەرىيەۋى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ . ماھىيەت نۇقتىسىدىن ئالغاندا ، بۇ پەن بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ شۇ ئىجتىمائىي شارائىتتا قانداق ياشاۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ . شېئىر رومان ، پوۋېست ، نەسرلەرنى ئوقۇپ جاھاننىڭ تېپىشماقلىرىغا جاۋاب تاپالماي گاڭگىراپ قالغان ۋاقتىمىزدا ، جەمئىيەتشۇناسلىق بىزنى ساقلاپ تۇرغان بولىدۇ .
دۇنيا مىقياسىدىن ئالغاندىمۇ ، جەمئىيەتشۇناسلىق باش بىر پەن ، جەمئىيەتشۇناسلىق ئاتالغۇسى تۇنجى بولۇپ 19-ئەسىردە فرانسىيە جەمئىيەتشۇناس ئاۋگۇست كومت (1798-1857) تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەم بارا – بارا پەلسەپىدىن شاخ ئايرىپ چىققان . جۇڭگودا يەن فۇ ، ، گې شۆبۇ قاتارلىق مۇتەپپەككۇرلارنىڭ تەسىرىدە 1914-يىلى شاڭخەيدە لۇجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتى تەسىس قىلىنغان . ياپۇنغا قارىشى ئورۇش مەزگىلىدە مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس فەن گۇاڭدەننىڭ يېتەكللىشىدە فېي شىياۋتۇڭ قاتارلىق جەمئىيەتشۇناسلار يېتىشىپ چىققان 1980-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ بۈگۈنكى زامان جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ لايىھەلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى . مەسلەن ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ سابىق پىروفېسسورى فېي شىياۋتوڭ «پىلانلىق توغۇت سىياسىتى» قاتارلىق ئىجتىمائىي تۈزۈملەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تەسىر كۆرسەتتى.
تەرەققىيات جەريانىدىن ئالغاندا ، جەمئىيەتشۇناسلىق 19-،20-ئەسىرلەردە ئاساسلىقى فرانسىيە ، ئەنگىلىيە ، گېرمانىيە ، ئىتالىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدە ۋە ئامېرىكىدا راۋاجلانغان . بۇ ھال پىكىر قىلىش قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرۈش ، مەسىلىلەرنى نەزەرىۋىي يۈكسەكلىك نۇقتىسىدىن تونۇش ئىقتىدارىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ياۋروپانىڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن جەمئىيەتنىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى ئىلمىي بىلىش تارىخىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشمىزنى تەلەپ ق ىلىدۇ . بۇ ھەرگىزمۇ غەربكە چوقۇنغانلىق ئەمەس ، بەلكى پىكېىي قۇۋۋەتنى ئۆستۈرۈش يولىدا ئالغا كەتكەنلەرنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئالىدىغان بىر جەريان . بۇنىڭدا ، ئاۋۋال مۇشۇ پەندە بارلىققا كەلگەن ئىلمىي بايقاشلارنى ئۆگىنىشىمىز ، ئاندىن ئۆزىمىزگە خاس بىر يولدا ئىزدىنىشىمىز لازىم .
ئەلۋەتتە ، خەلقىمىزدە تەجرىبىدىن ئۆتكەن يەرلىك بىلىم خېلى بار ، ئۇ بىلىملەر خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخىي جەريانلاردىكى ئەقىل – پاراسىتىنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا ئىنتايىن قىممەتلىك ، ئەمما زامانىۋى دۇنيانىڭ تېپىشماقلىرىنى چۈشىنىشىمىزدە بۇ بىلىملەر يەنىلا ئاجىر كېلىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە سەنئەت ۋە ئەدەبىياتنىڭ مىللىيلىك خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بولسىمۇ ، جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ مىللەت ، چېگرا ئايرىمايدىغان تەرەپلىرى جىق . بىز يەر شارىلىشىش ، زامانىۋىلىشىش ، شەھەرلىشىش ، تورلىشىشنىڭ بىر ئجتىمائىي توپنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا تەسىر كۆرسىتىدىغان جەريانلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ، مەۋجۇتلىقىمىز ئۈچۈن ئىستراتېگىيە بەلگىلەشتە ، مۇقەررەركى ، جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى ئىلمىي بايقاشلارغا موھتاج بولىمىز .
2009-يىلى 12-ئاي ، ھونولۇلۇ
مەنبە: كىتاب يۇرتى
سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار تۆۋاندىكى ئادىرستىن كىرىڭ!
http://item.taobao.com/item.htm?id=13375205310

كىتاپ يۇرتى www.kitapyurti.com

ئاددىيلىقىمنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7197
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5680
تۆھپە نۇمۇرى: 307
توردا: 3171 سائەت
تىزىم: 2010-8-21
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 11:24:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتابى نەشىردىن چىقماي تۇرۇپلا نۇرغۇن ئوقۇرمەنلىرىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان .مانا ئاخىرى نەشىردىن چىقىپتۇ .مۇبارەك بولسۇن.

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1003
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11130
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 11:28:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ   23 يۇەننىڭ  بېشىغا  سۇ قويۇپ بىرنى  سېتىۋېلىپ ئوقۇپ  قويايمىكى.

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

اللە مىھرىبان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30435
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1709
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 729 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 11:42:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە كۆپ تەشەككۇر قېرىندىشىم. مېنىڭ ھازىرقى كەسپىمدىن ئاۋۋالقى ئارزۇيۇممۇ جەمىيەتشۇناسلىق ئىدى. مۇشۇ توغرىسىدا ماتىريالمۇ ئىزدەپ يۈرگەن بولدۇم، ئەمما ئۆز تىلىمدىكىسىنى پەقەت تاپالماي يۈرەتتىم. ماڭا كۆپ ياردەم قىلغان بولدىڭىز.

دۇنيادا ئەسكى ئادەم بولمايدۇ، پەقەت مەلۇم ھەركىتى ئەسكى بولىدۇ. -يۈگەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11525
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4107
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 6976 سائەت
تىزىم: 2010-9-25
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 11:43:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  hekmat-uyghur كە 2011-12-03 11:28 AMئەۋەتىلدى  :
    مەنمۇ   23 يۇەننىڭ  بېشىغا  سۇ قويۇپ بىرنى  سېتىۋېلىپ ئوقۇپ  قويايمىكى.
ئايالىڭىزدىن رازىلىق ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50736
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1521
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2011-8-6
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 11:45:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى ››ژورنىلىدا ئىلان قىلىنغان ئەسەرلىرىنى بەك ياقتۇراتتىم ،   بۇ كىتابىنى ئوقۇپ باقسام بولغىدەك .

تۇغۇلغاندا تەڭ ئىدۇق تەڭرى ئالدىدا،
ۋەلىكىن ،تەڭ ئەمەسمىز دەۋىر ئالدىدا.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن  ئامەتلىرىڭدىن ،
تەڭ بولۇرمىز  ئاخىرى قەبرە ئالدىدا
   .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68143
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2011-12-2
ئاخىرقى: 2012-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 11:48:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىرنى سىتىۋالدىم !

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15847
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1873
تۆھپە نۇمۇرى: 809
توردا: 3731 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 12:02:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى مىنىڭ كەسپىمنىڭ ئوقۇشلۇقىدىن ئۆز يىزىقىمىزدىكى نەشىرى چىقىپتۇ،دە... قەشقەر تەرەپلەردىنمۇ تاپقىلى بولار !؟

بىزگە ھەممىدىن زۆرۈر بولغىنى تۈنۈگۈنكى تاتلىق خاتىرە ياكى ئەتىكى شېرىن مەنزىرە ئەمەس،بەلكى،بىز ئىتراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزدۇر...

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 634
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16328
تۆھپە نۇمۇرى: 1248
توردا: 2772 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 12:24:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتلاندىم سېتىۋېلىشقا

ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 634
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16328
تۆھپە نۇمۇرى: 1248
توردا: 2772 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 12:35:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغۇز ئەپەندىم ، مەن ئىچكىردە ئىدىم ، ماڭا بىرنى ئەۋەتىپ بىرەلەرسىلەرمۇ  ، ياكى چوقۇم تاۋباۋدىن سېتىۋالامدىم ، تور بانكامدىن ئازراق مەسلە كۆرلۈپ تېخى ئوڭشاپ بولالمىغان ئىدىم .

ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش