دوستۇم ، بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈڭ! توغرا ،ساڭا بىر ياش قوشۇلغان، ئەقىلمۇ بىر ياش قىتىلغان كۈنۈڭ. سەن ھېس قىلۋاتامسەن. ئاشۇ 23 يىل ئىلگىركى شۇ ئاناڭنىڭ ئاچچىق ئاچچىق تولغاق يېگەن شۇ كۈننى ئەسلىيەلەمدىغانسەن.ئەسلەش ئۇ بەك موھىم ئەمەس. شۇنى ھېس قىلساڭلا بولىدۇ، ئاناڭ سېنى ئاشۇ كۈن تولىمۇ تەستە، تولىمۇ تەستە ئاپىرىدە قىلغان.
يىگت ئۇ تۇغۇلدى،زىمىنمۇ كۈلدى ،
ئاتا،ئانمىمۇ قىلدى كۆز يىشى.
ئاتىنىڭ ئۈمۈى ئانىنىڭ ئارزۇسى،
بولسۇن ئوغلى ئەجداد ۋارىسى.
ئانا
ئانا ، ئۇ تولىمۇ ئۇلۇغ بىر ئىنسان. ئانا دېگەن بۇ سۆز تولىمۇ يېقىملىق ھەم تولىمۇ سېھرى كۈچكە ئىگە سۆزدۇر. بۇ سۆز مەيلى شاھ، مەيلى گاداي، مەيلى ئوغۇل، مەيلى قىزنىڭ ئېغىزىدىن چېقسۇن، شۇنچە يېقىمىلق ، شۇنچە ئۇرغۇلۇق، شۇنچە مەردانە ئېيتىلدۇ. چۇنكى ئانا قايسى بىر قەلىبدە يۈكسەكلككە ئىگە ئەمەس، قايسى قەلىبنىڭ قەلىب شاھى ئەمەس.
ئانا ، ئەڭ جاپاكەش، ئەڭ مېھرىبان ، ئەڭ قابىل بىر ئۇستاز. ئۇ بىزنىڭ، كەلگۈسىنىڭ ياراتقۇچىسى. ئانا ، سېنىڭ كۈلكىسى ياڭرىسا جاھان كۈلدى،ئانا يىغىسى جاھاننى تىترەتتى.
ئانا ھەقىقىدە!
ئانىسىنى يىغلاتقان كىشى مەرتىۋىسى قانچىلىك يۇقىرى ۋە قانچىلىك داڭلىق شەخس بولسۇن،ئۇ قەبىھ شەرمەندىدۇر._ئامچيوس
ئانىنىڭ يۈرىكىدە مەڭگۈ بىر ئىللىق تەبەسسۇم ساقلىنىپ تۇرىدۇ.
بۇتەڭرى ئانىلارغا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مېھىر-مۇھەببەتتۇر._چوڭ ديۇما
ئانىنىڭ بالىنى سۆيۈش ھېسىسىياتى كۈچلۈك بۇلىدۇ. ئانا پەرزەنتىنى باغرىغا باسقاندا پۈتۈن غەم ئەندىشىسىنى ئۇنتۇيدۇ._ماۋدۇن
بىر ئايال ھۆرمەتلىك بولاي دېسە ،ئالدى بىلەن ھەقىقىي ئانا بولسسۇن._خوگو
ساغلام ، بەختىيار ئىنسانلارنىڭ بولۇشى ئۈچۈن ساغلام،بەختىيارئانىلار بۇلۇشى كېرەك._گو مورو
دۇنيادا ئۆز ئاناڭدەك سەمىمىي دوستۇڭ يوق._گوركې
ئانا بالىنىڭ بىرىنچى تەربىيەچىسى ۋە مۇئەللىمى._سۇخوملىنىسكىي
ئاتا
مەردانە ئاھاڭدا ،" ئاتا" دەۋاتقانسىز ! شۇنداق ، ئاتا بىزنىڭ تۈۋرىكىمىز. ئانا بىز ئۈچۈن نۇرغۇن ،نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئىلىپ كىلىدۇ.
ئاتا-ئانا دۇۇنيادىكى ئاڭ ئۇلۇغ ئىنسان،ئۇلارنى قانچە تەرىپلىسەكمۇ ئازلىق قىلمايدۇ.ئۇلار بىزنى بېقىپ قاتارغا قوشقۇچەمىڭ بىر جاپا -مۇشەقەتلەرنى ئىسىق -سوغۇقلارنى بېشدىن ئۆتكۇزىدىكەن.بىز ئۇلارنىڭ ئەجىرگە قانچا قىلساقمۇ ئەرزىيدۇ.
ئاتا، بىزگە ھاياتلىقنى ئاتا قىلىدۇ. ھاياتىمىزنىڭ ئاپتۇرىلىق قەلىمىنى بىزگە سۇنىدۇ. بىز بولساق ، ئاتىلارنىڭ مەدەتكارلىقى ئاستىدا داغدام قەدەم ئالىمىز.
ئاتىلار پارلاق قۇياش نۇرنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش يولىنى مەڭگۈ يورۇتۇپ تۇرۇشىنى ،توغرا تاللاش ئۈچۈن يول كۆرسىتىپ بېرىشكە مەڭگۈ تەيياردۇر.
بۈگۈن سىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ،
تەۋەللۇتتىن كۆز ئاچقان كۈنۈڭ.
ئىسىڭدە تۇت ئاشۇ بىر كۈننى،
ئۆمۈر بىغىڭغا ئىز باسقان كۇنۈڭ.
تۇغۇلغان كۈنۈڭ،
مەن يىراق بىر جايداتىلەك تىلەۋاتىمەن
چىن قەلىبدىن بەخىت تىلەپ
مېھىر بىلەن سېنى كۈيلەپ
شېئىر يېزىۋاتىمەن.
ئەزىز بىر كىشى دەپ بىلىۋاتىمەن
سىمايىڭنى سىزىۋاتىمەن
كۆڭۈل بىغىمغا قونۋاتىسەن،
مەن كۆرىۋاتىمەن
ئاستا-ئاستا ھېس قىلۋاتىمەن.
* * *
قۇتلۇق كۈنۈڭ
سەن خۇشاللىق بولۋاتقاندا
مەن
سەن ئۈچۈن خۇشال بولىۋاتىمەن.
سەن
مېنىڭ خۇشاللىقىمنى چۈشىنەلمەيسەن.
ئېھتىمال
سەن كۆرمىگەن ،بەك يېراقتىمەن.
* * *
مەنبە:شاتئاي يازمىسى
دوستۇم، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ مەڭزىگە تاتلىققىنە سۆيۈپ قويۇڭ. ئاتا-ئانىڭىز سىزنى مۇشۇنداق ياراملىق ئەقىل ئىگىسى قىلىپ تەربىيەلىدى. دوستۇم ، ئانىڭىزغا رەھمىتىڭىزنى بىلدۈرۈڭ. چۈنكى ئانىڭىز سىزنى كۆپ ئەجىر بىلەن يىگىت قىلدى. دوستۇم، ئاتىڭىزغا تەشەككۇرلەرنى بىلدۈرۈڭ، ئۇ سىزنى مەردۇ -مەردانە ئوغلان قىلىپ تەربىيەلىدى.