ئاياللار ۋە چۈش توغرىسىدا
[li]ئەسكەرتىش . ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم سىلەرنىڭ چۈش تەبىرى دىگەن كىتاپقا ئىشنمەسلىكىلار ئۈچۈن بۇ تىمىنى يوللاپ قويدۇم |
|
[/li]
.
1ـ ئىنساننىڭ كۆڭلى كەلگۈسىدە بولدىغان ئىشلارغا ئىنتىلىدۇ. كەلگۈسىدە بولدىغان ئىشلار غەيبى ئىشلار بولۇپ ئۇنى پەقەت اﷲ تائالا بىلىدۇ. ئۆزگىلەر بىلمەيدۇ. بۇ ھەقتە اﷲ تائالا مۇنداق دېگەن: ]ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيىبلەرنى بىلىش اﷲ غا خاستۇر[. [سۈرە نەھل 77- ئايەت]
2 ـ بەزى ئادەملەر غايىبنى سېھرى يولى ئارقىلىق بىلىشكە ئورۇنىدۇ، بۇنىسى ئوچۇق ھارام دۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى چىراغچى كاھىنلارنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنى تەستىقلىسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا كاپىر بولغان بولىدۇ ». [ئەبۇداۇۋد رىۋايەت قىلغان]
1. ئىمانلىق كىشىلەرگە كەلسەك، اﷲ ئۇلارغا ياخشىلىق بىلەن خۇش بېشارەت بېرىدىغان، يامانلىقتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان «راست چۈش» ئاتا قىلىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «پەيغەمبەرلىكتىن پەقەت مۇبەششىراتلا قېلىپ قالدى» دېگەن. ساھابەكىراملار: مۇبەششىرات دېگەن نېمە؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياخشى چۈش» دېگەن. [بۇخارى رىۋايەت قىلغان]
2. ئادەملەرنىڭ كۆرۈدىغان چۈشلىرى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ: 1- راست چۈش: بۇ اللە تائالا تەرىپىدىندۇر. 2- يالغان چۈش: بۇ شەيتاننىڭ ئادەم بىلەن ئوينىشىشى بولۇپ، ئادەم تاھارەتسىز ۋە اللە نىڭ زىكرىسىز ئۇخلىغاندا كۆرۈلىدۇ.
6 ـ كۆڭۈلنىڭ ھادىساتلىرى: بۇ ئادەم ئويغاق ۋاقتىدا كۆپ خىيال قىلغان ۋە ئارزۇ قىلغان ئىشلىرىنىڭ كارتىنىسى، بۇ خىل ھادىسە تاماقنى كۆپ يەۋالغان، كۆڭلى قاتتىق بىئارام بولغان سەۋەبتىن ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنمۇ بولىدۇ.
7 ـ كۆپىنچە ئادەملەر شەيتاننىڭ ئوينىشىشى بىلەن راست چۈشنىڭ پەرقىنى ئايرىۋالالماي چۈشىدە كۆرگەن ئىشلاردىن غەم ئەندىشىگە چۆمىدۇ. ھالبۇكى ئۇ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرى خالاس.
8 ـ شەيتاننىڭ ئوينىشىشىدىن كۆرۈلگەن يالغان چۈشلەرنىڭ ئالامىتى: 1- كىشى چۈشىدە زىددىيەتلىك ئىشلارنى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭ باش ئاخىرىنى بىلەلمەيدۇ. 2- بەزى كىشىلەر چۈشىدە كۆرۈلگەن مەلۇم بىر ئىشلار سەۋەبلىك ئاغرىپ قالىدۇ. مەسىلەن: چۈشىدە دەريا ياكى قار كۆرگەن كىشىگە سوغۇق تېگىپ قالىدۇ. چۈشىدە قۇياش ياكى ئوت (گۈلخان ) كۆرگەن كىشىگە ئىسسىق تېگىپ قالىدۇ. 3- ئادەم بەزى چاغلاردا ئويغاق ۋاقىتلىرىدا تولا خىيال قىلغان نەرسىلەرنىمۇ چۈشەپ قالىدۇ.
9 ـ يامان چۈش كۆرۈپ قالغاندا شەرىئەت قىلىشقا يول قويغان ئىشلار: 1- كۆرگەن يامان چۈشىدىن اللە قا سېغىنىپ 3 قېتىم پاناھلىق تىلەش. 2- شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن اللە قا سېغىنىپ 3 قېتىم پاناھلىق تىلەش. 3- سول تەرىپىگە ئۈچ قېتىم تۈكۈرۋېتىش. 4- بىرەر كىشىگە ئېيتماسلىق. 5- تەبىرىنى سورىماسلىق. 6- باشقا ياققا ئۆرۈلۈپ يېتىش. 7- اللە دىن ئۇنىڭ ياخشى تەرىپىنى سوراش. 8- ئۇنىڭ زەرەر يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىشنىش. 9- ناماز ئوقۇش.
10 ـ ياخشى چۈش كۆرگەندە قىلىدىغان ئىشلار: 1- ياخشى چۈشنىڭ اللە تەرىپىدىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش. 2- ياخشى چۈش كۆرگەنلىكىگە قارىتا اللە قا ھەمدە ـ سانا ئېيتىش. 3- تەبىرىنى سوراش. 4- ئۇنى پەقەت ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرگىلا ئېيتىش.
11 ـ راست چۈشنىڭ ئالامىتى: 1- ئىلگىرىكى يامان چۈشنىڭ بارلىق ئالامەتلىرىدىن پايدىلىنىش. 2- چۈش كۆرگۈچى گەپ ـسۆزىدە راستچىل بولۇش. 3- باش ئاخىرىنى بىلىش. 4- قىلغان تائەت ـ ئىبادەتلىرىدىگە ساۋاب بىلەن بېشارەت ئېلىش، گۇناھ ـ مەئسىيەتلىرىگە قارىتا ھوشىنى تېپىش.
12 ـ يالغاندىن چۈش ئۆرۈش ھارام: گۇناھى چوڭ، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كۆرمىگەننى كۆردۈم دېيىش ئەڭ چوڭ يالغانچىلىق» دېگەن. (بۇخارى رىۋايەت قىلغان)
13 ـ چۈشنىڭ تەبىرى كىمدىن سورىلىدۇ؟
-ئىلمىگە، دىنىگە ۋە سالاھىيىتىگە ئىشەنچ قىلىنغان كىشىدىن سورىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بىرەرسىڭلار چۈش كۆرسە ئۇنى پەقەت ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگىلا ئېيتىدۇ» دېگەن. [ھاكىم رىۋايەت قىلغان]
مەنبە ؛ ئىسلام يۇلتۇزى توردىن ئىلىندى .