بىرىنچى پارچە رەسىمنى سەل-پەل كىچىكلىتىپ ماۋۇ ئىنكاس يازىدىغان يەرگە تەگلىك قىلىپ چىقىرىپ قويسىمۇ بوپتىكەن ، بۇرۇن بۇرۇن شىېئىرى،نەسىرى، .. تېمىلارنى كۆرسە تېمىدىن نادىر مەزمۇنلارنى ئىنكاستىن كۆرەتتۇك ، بەزىدە دەپتىرىمنى ئېلىپ كۆچۈرۈپمۇۋالاتتىم. خەلىقارالىق ،دىننى مەسىلىلەر بولسا سوغۇق قانلىق بىلەن ئىلمى ئەدەبى تىلدا ئۆزگىچە جانلىق پىكىرلەرنى بىرىشەتتى ،بىلمىگەننى بىلىپ قالاتتۇق ، كۆزگە كۆرۈنگەن مىللى ئەرباپ،شەخىسلىرىمىزنى تونۇشتۇرىدىغان تېمىلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن بولسا ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قىلىنغان چىرايلىق تىلەكلەر، بارىكالا ئوقۇشلار ۋە باشقا تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بۇلاتتۇق!
ھازىرچۇ ، تورخانىنىڭ ئورۇندۇقىغا بىتون بىلەن قاتۇرۋېتىدىغان بىر قىسىم تور پاقىلىرى بۇلاققا چۈشكەن ئىتنىڭ تاپىدەك نادىر تېمىلارنى بۇلغاپ بولدى !
شۇنچە ئېسىل تېمىدا قىسمەن ئىملا خاتالىقى بولسا بىرىنچى ئىنكاس يازغۇچى :‹‹ئىملادا مەسىلە بارئىكەن !›› دېسە تېمىدىكى مەزمۇن ئايەردەقېلىپ 4-5 بەت ئىنكاسنىڭ ھەممىسى ئىملا ، تىلنىڭ ساپلىقى ، مىللەت ۋىجداندىن سەكرەپ چۈشۈپ نەچچە سائەت ئولتۇرۇپ دوسلار بىلەن ھەمبەھىر بولاي دەپ يازغان تېمىسىنى دەسسەپ ، ئۇرۇپ دېگۈدەك قىلىپ ئىككىنچى تېما يازماس قېلىۋېتىدىكەن ، ئاشۇ ئىملا ، مىللەتپەرۋەرلەرنىڭ ۋاقتى كەلگەندە يات مىللەتتىن بىرسى كېلىپ ماڭا ئۇيغۇرچە ئۆگۈتۈپ قويە دېسە كېكەشلىمەي گىرامماتىكىسى ، قائىدىسى بىلەن سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپ ئۈگۈتەلەيدىغاندىن ھىشقانچىسى چىقمايدۇ بەلكىم! ھەي.... دىمەي دېسەم گەپ جىق ،دەي دېسەم دەرت!
باشقۇرغۇچىغا : سىلەردىن ئۈتىنەي ! مۇنبەرنىڭ ئىنكاس يازسا بېرىدىغان 2 تال يارمىقى بولدى يېنىڭلاردا قېپقالسۇن! بۇ پۇلغا يا ئاشمانتا بىلەن گۆش پولو ئېلىپ يىگىلى بولمىغاندىن كېيىن ، باي بولۇشنىڭ غېمىدە كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ پۇچەك ئىنكاس يازىدىغانلارغا زەربە بېرەيلى!
تورداشلارغا: سىلەردىمۇ ئۈتۈنەي ، MTT، چەك باسمايدىغان پۇچەك ئىنكاسلارنى يازماسلىقىنى چىن بۆرىكىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن !( بىرىنچى ئىنكاسنى ئوبدان يېزىڭ ، بولمىسا يازماڭ! )