ئالدىنقى قېتىم سادىر پالۋان توغرىسىدىكى بىر رەسىملىك تىما مۇنبەرگە يوللىنىپ مۇنبەردىكىلەرنىڭ ياختۇرىشىغا ۋە ياخىشى باھاسىغا ئىرىشكەن ئىدى ، ئەپسۇس بىر قىسىم بالىلار سادىر پالۋاننىڭ قاچان . قايەردە تۇغۇلۇپ. قايەردە چوڭ بولغانلىقىنى، ئۆز ھاياتىدا قانداق ئىشلارنى قىلىپ نام قالدۇرغانلىقىنى ياخشى بىلمەيدىكەن ،بەزىلەرنىڭ قارىشىدا سادىر پالۋان ئۆز زامانىسىدا ئىنتايىن يامان چامباشچى ياكى مۇشلاشچى بولغانلىقى ئۈچۈن سادىر پالۋان دەپ ئاتالغان دەپلا قارايدىغانلارمۇ يوق ئەمەسكەن ...« مەكتەپ يۈزىنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر ياش سادىر پالۋان توغرىسىدا ئازراق بولسىمۇ تۇنۇشقا ئىگە بۇلىشى كىرەك ئىدى . ... »
مىنىڭچە ئۆز مىللىتىمىزدىن چىققان بۇنداق مەشھۇر زاتلىرىمىزنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى ياخىشى بىلمەسلىك ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ...
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سادېر پالۋاننىڭ قسقىچە تۇنۇشتۇرلۇشىنى يوللىدىم ، بىلمەيدىغانلارنىڭ ياخشىراق چۈشىنىۋېلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ...
سادىر پالۋان
ئىسمى : سادىر « پالۋان »
تۇغۇلغان ۋاقتى 1798- يىلى
تۇغۇلغان يىرى : ھازىرقى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ مولتوختى يېزىسىنىڭ ئەخمەت قارىقاش ئائىلىسى .
ئاتا- بۇۋىسى ھازېرقى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قارقاش ناھىيەسى دىگەن يىرىدىن .
سادېر پالۋان ئائىلىسى 1762-يىلى 10-ئايدىكى چوڭ كۈچۈشتە غولجىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. سادېر پالۋان غولجىدا تۇغۇلغان .
سادىر پالۋان بولسا باتۇر قوزغۇلاڭچى . شۇنداقلا مەشھۇر قۇشاقچى .
باھا : سادر پالۋان ئىگىز بوي. مۆرىسى كەڭرى ناھايىتى قاۋۇل ئادەم بۇلۇپ. ئۇ كىچىكىدىنلا باشقىلارغا بۇزەك بۇلۇشنى خالىمايدىغان ناخەقچىلىققا قەتتى چىدىمايدىغان ئادەم ئىدى ...
مۇنداچە ئېيتقاندا سادېر پالۋان ھەقىقى تىپىك لۈكچەكلەر ۋەكىلىدىن ...
ئۇ كۆپ بالىلىق بولغان ئۇنىڭ ئۇغۇللىرى كۆپ بۇلۇپ ئۆز زامانىسىدا مەھەللە لۈكچىكى ئاتالغاچقا مەھەللىنىڭ ئىچى سىرتىدىكى ھېچقانداق بىر ئائىلە سادېر پالۋان ئائىلىسىنىڭ چىشىغا تىگىشكە پېتىنالمايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن ...
19 - ئەسېرنىڭ 60 - يىللىرى مانجۇ چىرىكلەرنىڭ باستۇرىشىدا سادېر پالۋان مەھەللىسىدىكى پۈتۈن كىشىلەر چىرىكلەردىن قورقۇپ ئۆي بىساتلىرىنى تاشلاپ قاچقان . پەقەت سادېر پالۋان ئائىلىسىلا قاچمىغان ۋە مەھەللىسىنى قوغدىغاندىن سىرت ئۇغۇللىرىنى يىتەكلەپ تۇنجى قېتىملىق چىرىكلەرگە قارشى پارتىزانلارچە ئۇرۇشنى باشلىغان ...
دەل شۇ ۋاقىتلاردا ئىلىي ۋىلايىتىدە قوزغىلاڭ پارتلىغان بۇلۇپ سادېر پالۋان ئۇغۇللىرى بىلەن بۇ چوڭ قوزغىلاڭغا قاتناشقان ۋە كىيىنكى كۈنلەردە ئۈزىنىڭ ھېچنىمىدىن قورۇقمايدىغان پاتۇرلىقى ۋە پەم - پاراسىتى بىلەن كۆپلىگەن غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن .
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۈتۈشكە ئەرزىيدىغىنى بولسا .
سادىر پالۋان 1864-يىلى چىلپەڭزىگە ھۇجۇم قىلىدۇ ئۇ ھۇجۇمدا 40 ئۆچكىنىڭ مۆڭگۇزىگە شامنى باغلاپ باغلانغان شاملارنىڭ ھەممىسىنى ياندۇرۇدۇ ،قۇيرۇقىغا بولسا پوجاڭزا باغلاپ ئوت تۇتاشتۇرۇپ چىلپەڭزىگە قارىتىپ قويۇپ بەرگەن ، شام يورىقى ۋە پوجاڭزىلارنىڭ ئېتىلىشىدىن چۆچۇگەن چىلپەڭزە ئامبىلى تېزلا تەسلىم بولغان.
بايانداي ئۇرۇشىدا بولسا سادىر پالۋان ئۆزىنىڭ ئۈچ ئوغلى بىلەن سېپىلنىڭ ئاستىدا لەخمە كولاپ دورا كۆمۇپ سىپىلنى پارتىلتىدۇ. بۇ چاغدا 5000دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى سېپىلدىن پەيدا بولغان يوچۇقتىن قەلئەئىچىگە بېسىپ كىرىپ ،سېپىلنى مانجۇ چىرىكلىرىنىڭ قولىدىن تارتىۋالىدۇ.
قوزغىلاڭدا كۆپ قېتىم باتۇرلۇق كۆرسەتكەن سادىر پالۋان شۇ كۈنلەردە بارچە ئەلگە تۇنۇلغان ۋە ئۇلارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن . شۇندىن كىيىن ئۇ ئەل ئارىسىدا « پالۋان » نامى بىلەن ئاتالغان ... ئۇ يەنە مەشھۇر قۇشاقچى بۇلۇپ . نۇرغۇن ئىسىل قۇشاقلارنى ئېيتىپ قالدۇرغان . بۇلارنىڭ ئىچىدە كۈپچىلىككە تۇنۇش بولغانلىرىدىن .
سادىر دەپ ئېتىم يامان،
ئون بەش ياشتا ئاتالغان .
دەسلەپكى تۇتۇلغاندا
قۇمۇل ۋاڭغا پالانغان.
يامۇلنى تېشىپ قويوپ ،
ئىككى چىقتىم تالاغا .
مېنى باققان بەش يايى ،
ئەمدى قالدى بالاغا.
1867-يىلى ئىلى قوزغىلاڭچىللىرى ئىلى تارانچى سۇلتانلىقىنى قۇرىدۇ. بۇ چاغدا ياشىنىپ قالغاب سادىر پالۋان ئۆز يېزىسى مولتوختى يۈزىگە قايتىپ كېلىدۇ. 1871-يىلى 73 يېشىدا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولىدۇ ..
ئەسكەرتىش : بۇ يەردىكى لۈكچەك ئۇقۇمى ھەرگىزمۇ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى يەنى ھازېرقى زاماندىكى پۈتۈن ئەسكىلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ ئاتا - ئانىسىنى قاقشىتىپ يۈرىيدىغان . ياماندىن قورقۇپ يۇۋاشنى بۇزەك ئىتىدىغان، زەھەر چىكىدىغان . قىمار ئوينايدىغان باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا ئوڭلاپ ئىككى مۇش ئاتالماي پىچاق كۈتىرىدىغان دوسلىرى ئۇرۇشۇپ قالسا قېچىپ كىتىپ جىدەل تۈگىگەندىن كىيىن قايتىپ كىلىپ مەن بولغان بولسام چانايتتىم . تىقاتتىم دەپ بو ئېتىپ « ئۇرۇشتىن كىيىنكى قەھرىمان بۇلىۋالىدىغان » ئاغىزىدىن مەينەت بولمىغۇر گەپلەردىن باشقا گەپ چىقمايدىغان. كىرلىشىپ كەتكەن چاچلىرىنى گەدەنگىچە قۇيىۋالىدىغان شۇنداقلىقىغا باقماي خىجىل بولماستىن ئۈزىنى لۈكچەك ئاتاپ ئۆز زامانىسىدا ئۆتكەن ھەقىقى لۈكچەكلەرنىڭ نامىنى بۇلغايدىغان پىس - پاس لۈكچەكلەرنى كۆرسەتمەيدۇ ....
ئۇنداقتا ھەقىقى لۈكچەكلەر قانداق بۇلىدۇ ...؟
ھەقىقى لۈكچەكلەر ھەرگىزمۇ باشقىلارغا زورلاپ جىدەل تاڭمايدۇ . ياماندىن قورۇقمايدۇ يۇۋاشنى بۇزەك ئەتمەيدۇ . قايەردە ناخاقچىلىق يۈز بەرسە شۇ يەردە كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ، ئاجىزلارغا باش - پاناھ بۇلىدۇ ، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدۇ ......
مىنىڭچە ھازېرقى زاماندا بۇنداق لۈكچەلەر بارغانسىرى ئازلاپ كەتتى. ھەتتا نەسلى قۇرۇپ كىتىش گىرداۋىغا بېرىپ قالدى ....
مەنبە : <<شىنجاڭ يىقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر>>دىگەن كىتاپتىن . شۇنداقلا سادىر پالۋانغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ماتېرياللاردىن .