مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1190|ئىنكاس: 4

قەلبىمدىكى كۈز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63525
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4674
تۆھپە نۇمۇرى: 537
توردا: 754 سائەت
تىزىم: 2011-11-4
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 07:17:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈز كەلدى!
      كائىناتقىلا ئەمەس،قەلبىمگىمۇ كۈز كەلدى.ئۆزۈمنى شۇنچىلىك تەنھا،شۇنچىلىك يالغۇز ھىس قىلماقتىمەن.
      مېڭىۋاتىمەن،مېڭىۋاتىمەن، ئالتۇن رەڭگە كىرگەن يەر-زىمىن،قاردەك لەپىلدەپ چۈشىۋاتقان يۇپۇرماقلار خۇددىي مېنى زاڭلىق ئىتىپ كۈلۈشۋاتقاندەك پىچىرلايتى.
     تېخى ئۆتكەن يىلى مەن دەل مۇشۇ جايدا ئۇنىڭ بىلەن ئاشۇ قىز بىلەن سىردىشىپ ،مەڭگۈلۈك ۋەدىلەرنى بىرشىپ ئولتۇرغانىدۇق،ئەينى ۋاقىتتا بۇ جاي خۇددىي جەننەتتەك شۇنچىلىك ئىللىق ،شۇنچىلىك گۈزەل كۈرنەتتى.مانا ئەمدىلىكتە بۇ جايغا كىلىش مەن ئۈچۈن گويا قاراڭغۇ زىندانغا كىرگەندىنمۇ قورقۇنۇشلۇق بىلىنىشكە باشلىدى.
     ئەتراپىمدىكى ھەربىر نەرسىگە پىچىرلايىتىم ‹مېنى زاڭلىق ئەتمەڭلار  سىلەر مىنىڭ ئەشۇ غۇبارسىز،چىن مۇھەببىتىمنىڭ شاھىدې.مەن بۇ يەرگە سىلەرنىڭ مازاق قىلشىڭلارنى كۆرگىلى ئەمەس،بەلكى ئاشۇ گۈزەل مىنۇتلارنى ئەسلىگىلى كەلدىم.سىلەر بۇنداق قىلمىساڭلارمۇ ئىچىمدىكى دەردىم يىتىپ ئاشىدۇ،مەن تەسەللىيگە مۇھتاج.›
    مەن ئاستا-ئاستا مېڭىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرغان ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردۇم .  ئەنە دەرەخكە ئويۇلغان ئىككىمىزنىڭ ئىسمى ،بۇ تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تېخىمۇ رۇشەن كۈرۈنەتتى ،لىكىن ئۇنىڭ ماڭا بولغان ھىسياتى غۇۋالىشىپ كەتكەن بەلكىم پۇتۇنلەي ئۇنتۇلۇپ كەتكەندۇ  .
     بۇ دەرەخ خۇددىي مىنىڭ يالغۇز كەلگەنلىكىمدىن نارازى بولغاندەك ئاستا ئىرغىڭشىيتى .
  مەن ئۇنىڭغا ‹مەندىن رەنجىمە،ئۇ ئۆزگىرىپتۇ ›دىيەلىدېم،چۈنكى ئارتۇق گەپ قىلغۇدەك ھالىم يوق ئىدى.مەن ئۆزۈمگە تەسەللىي بولغىدەك ھىچ نەرسە تاپالماي ئۈمىدسىز ھالدا ئورنۇمدىن تۇرۇپ نىشانسىز ھالدا كىتىپ بارىمەن .
     ‹دۈشمەنلەر تار يولدا ئۇچراپتۇ› دىگەندەك ئىش بولدى، ئۇ قىز يەنى مەن ئىلگىرى بارلىقىمنى ئاتىۋەتكەن ئاشۇ قىز باشقا بىرى بىلەن قولتۇقلىشىپ مەن تەرەپكە قاراپ كىلۋاتاتتى .  ياق....ياق....  ئۇ ھەرگىز دۈشمەن ئەمەس،بەلكى مەن ئىلگىرى ساراڭلارچە ياخشى كۆرگەن،چىن مۇھەببىتىمنى ئاتىۋەتكەن بىر نازىنىن.
    ئۇ قىز مېنى تۇنۇمايدىغان ياتلاردەك  يانمۇيان ئۆتۈپ كەتتى ۋە بايىقى ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردى. تەقدىر،ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىۋىتىدىكەن،ئىلگىرى ئۇنىڭ يېنىدىكى ئادەم مەن ئىدىمغۇ-توۋا.............
    بايىقى دەرەخ ئۇنىڭدىنمۇ نارازى بولغاندەك بايىقىدىنمۇ بەكرەك سىلكىنەتتى،لىكىن ئۇ قىز ھىچنىمىنى سەزمەستىن ئولتۇراتتى،چۈنكى ئۇ مېنى،گۈزەل ئەسلىملىرىمىزنى ئۇنۇتقانىدى.لىكىن مەن ئوقۇشقا ماڭغاندا ماڭا بەرگەن ۋەدىللىرى،ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئېيىتقان ‹بىز ئايرىلىپ كىتەيلى،مېنى ئۇنتۇپ كىتىڭ›دىگەن سۆزلىرى ھىلىمۇ قۇلاق تۈۋىمدە.
    مەن ۋەدەمگە ئەمەل قىلىپ مەكتەپ ھاياتىمدىمۇ ئۇنىڭغا يۈز كىلەلمىگۈدەك بىرەر ئىش قىلىپ باقمىغانىدىم،لىكىن ئۇچۇ...،ھەي بولدىلا.........
خىيال ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇپ قارىسام ئالدىمدىكى ئورۇندۇق ئۆزى يالغۇز قاپتۇ.
     مەن نىمە دىگەن ئەخمەق ھە.... ئۆزۈمگە تەسەللىي ئىزدەپ كىلىپ تېخىمۇ ئىچ ئاغرىقى تېپىۋالدىم ،ئۆزۈمنىڭ شورى...............
‹بولدىلا بۇ گۈزۈل ھەم ئاچچىق ئەسلىملەرگە تولغان بۇ جايدىن كىتەي،   خەيىر-خوش كونا جاي.........خەيىر-خوش يالغان مۇھەببەت›  ئۆز-ئۆزۈمگە شۇنداق پىچىرلاپ ئېغېر قەدەملەر بىلەن قەلبىمدىكى باھارنى ئىزدەپ مېڭىۋاتىمەن........................

(مەنبە:ئۆز ئىجادىيتىم)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7755
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 11:28:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىنىڭ تىلى چۈشىنىشلىك ياخشى چىقىپتۇ ، يەنىمۇ تىرىشىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4541
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28759
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 12:58:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1قەۋەتتىكى(lostba) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

سىز نەرىگە قاراپ ھىكايە دەۋاتىسىز بۇ تىمىنى ؟

ماڭا ھىكايىدەك بىلىنمىدى ..... ئاپتۇرنىڭ ئىجادىيەتلىرى ئۈزۈلمىگەي !

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63525
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4674
تۆھپە نۇمۇرى: 537
توردا: 754 سائەت
تىزىم: 2011-11-4
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 07:15:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنىڭ ژانىرى نەسىر   كۆپچىلىكنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىگە رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63525
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4674
تۆھپە نۇمۇرى: 537
توردا: 754 سائەت
تىزىم: 2011-11-4
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-2 09:27:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپچىلىككە  تېخىمۇ يېڭى تىمىلارنى يوللاشقا تىرشىمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش