|
|
|
|
قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ جەنۇبى بۆلىكىدىكى مەشھۇر ئۆتەڭ — خوتەن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبى چېتىگە، قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. خوتەنلىكلەر بۇ تىپىك قۇرغاق بوستانلىقتا ئۆزگىچە جۇغراپىيىلىك ياشاش ئالاھىدىلىكى، ئۆزگىچە مەدەنىيەت، پسىخىك مىجەزى، چىدامچان خاراكتېرى ۋە پەرقلىق يېمەك –ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن. كۆمەچ — ئەنە شۇنداق ئۆزگىچە تەبىئىي شارائىتتا خوتەنلىكلەرنىڭ تائام مەدەنىيىتىمىزگە قوشقان ئۆزگىچە يېمەكلىكى.
خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە بۇ تائامى خوتەنلىكلەر بەكمۇ ياقتۇرىدىغان يېمەكلىكلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. تارىخىي ماتېرىياللاردا نان ۋە كۆمەچكە ئائىت نۇرغۇن بايان خاتىرىلەنگەن. مەھمۇد كاشغەرى ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› دا ‹‹كۆمەچ — چوغقا كۆمۈپ پىشۇرۇلىدىغان تائام›› دېيىلگەن. كۆمەچ ئوچاق ۋە تونۇرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، دۈگىلەك ۋە تۆت چاسا شەكىلدە پىشۇرۇلىدۇ. ھازىر بازارلاردا سېتىلىۋاتقان كۆمەچلەر قول ھۆنەر جەھەتتىن تېخىمۇ سىپتىلىشىپ، يېرىم چەمبەر شەكىللىك، ئەتراپىغا ئازدۇر – كۆپتۇر نەقىش چىقىرىلىپ چىرايلىق پىشۇرۇلىدىغان بولدى.
كۆمەچ، ئادەتتە، ئوچاق ياكى تونۇر تىگىدىكى چوغ – قوقاس ئارىسىغا بىۋاسىتە كۆمۈپ پىشۇرۇلىدۇ. بەزىدە ئاق يەرگە ئوتۇندا قالانغان ئوتتىن چوغ ھاسىل قىلىنىپ كۆمەچ سېلىپ يەيدىغان ئادەتمۇ بار. ئۆيلەردە پىشۇرۇلىدىغان كۆمەچلەرنىڭ جىلتىسى قېلىنراق بولۇپ، 30 – 40 مىنۇتلاردا پىشىدۇ، ئاشپۇزۇللاردا تەييارلىنىدىغان كۆمەچلەرنىڭ جىلتىسى(خېرىدارنى ۋاقتىدا ئۇزىتىش ئۈچۈن) نېپىزرەك بولۇپ 10 – 15 مىنۇتتىلا پىشىدۇ. پىشقان كۆمەچ قوقاس ئارىسىدىن ئېلىنىپ، قوقاس قالدۇقلىرى پاكىز چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن يېيىلىدۇ. كۆمەچ ئىشلىتىلگەن خېمىرىغا قاراپ پېتىر كۆمەچ ۋە بولدۇرۇلغان كۆمەچ، دەپ ئايرىلىدۇ. خەلق ئارىسىدا پېتىر كۆمەچ ناھايىتى قۇۋۋەتلىك، دەيدىغان قاراش بار. كۆمەچ ––– ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، ساقلاشقا قۇلايلىق، قورساقنى ئاسان ئاچۇرمايدىغان قۇۋۋەتلىك يېمەكلىك.
خوتەنلىكلەرنىڭ يېمەكلىك ئادىتىدە، كۆمەچ ھېلىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بەزى ئائىلىلەردە كۆمەچ كۈندىلىك ئوزۇقلىنىشنىڭ مۇھىم تۈرى ھېسابلىنىدۇ
مەنبە. ئۇيغۇر ئاكادىمىيسى
|
|
|
|
|
|