مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1161|ئىنكاس: 5

قەلبىمدىكى قۇرلارغا نەزەر سالغىن... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40157
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5088
تۆھپە نۇمۇرى: 739
توردا: 181 سائەت
تىزىم: 2011-5-9
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 12:13:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1.ھىجران ئازابىدا قەلبىمنى ۋاراقلاپ،ئۆتكەن كۈنلەردىن سېنىڭ قايتىپ كىلىشىڭنى تىلەپ،كۆزلىرىمدىن ياشلىرىمنى خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈپ سېنى كۈتۈپ ئولتۇرماقتىمەن.

2.قەلبىمنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىغا ساقلاپ قويغان شۇ كىچىككىنە ئەسلىمەممۇ،خۇددى كۈچلۈك ۋۇلقاندەك ئېتىلىپ پۈتۈن تىنىمگە تارىلىپ مېنى كۆيدۈرمەكتە...

3.شۇ ئۇزۇن تۈنلەردە ماڭا نە ئۇيقۇ،سېنى تاتلىق-تاتلىق سىغىنىپ ئۆزخانەمدە تەنھا ئولتۇرۇپ،ياستۇقىمنى قوچاغلىغان پىتى،دىرىزىدىن كۆككە تەلمۈرۈپ نالە قىلغاچ،كۆڭلۈمدىكى يارىنى تاتلاپ قانىتىپ ئولتۇرماقتىمەن...

4.ماڭا ئېيتقان شۇ سۆزلىرىڭ مەن ئۆلگەندە توختارمىكىن دەپ ئولاپ قالىمەن.سېنىڭ ئالدىمدا قىلغان شوخلۇقۇڭ،تەمكىن تۇرۇشلۇرۇڭ،قىزىقىپ كۆزلىرىڭنى كۆزلىرىمدىن ئۈزمىگەن ھالىتىڭ...ھەي...ئەمدىلىكتە كۆز ئالدىمدىن كىنۇ لىنتىسىدەك ئاستا ئۆتمەكتە.

5.خىيال كەپتەرلىرىم ھەركۈنى ئۇچۇپ كىتىپ،يەنە قايتىپ كىلىپ كىلىدۇ؛ئەمما قېشىمغا كەلگەندە توختىماي بۇقۇلداپ مەندىن ئۆزىگە ئوزۇقلۇق تەلەپ قىلىدۇ .مەن نىمەمنى بىرىشنى بىلمەي قالىمەن...سېنىڭ كۆڭۈل بىغىڭدا دانلاپ يۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.خۇددى سەن بۇرۇنقىدەك ئوچۇمداپ چىچىپ قويغاندەك...

6.سەن ماڭا‹‹ئايرىلىش››دىگەن ئۇلۇغ كەشپىياتنى قالدۇرۇپ كىتىپ قالدىڭ.بۇ ماڭا دۇنيادا تىپىلماس كەشپىيات بولدى.مەن سېنى قايسى خىل نۇبىل مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلاپ ،بۇ كۆڭلۈمگە تەسەللىي بىرەرمەن...

7.سېنىڭ قىلغان ئەڭ ئاخىرىقى سۆزلىرىڭ بۇ قەلبىمنى يارلاندۇرغان بولسىمۇ،مەن سېنى بەكمۇ سىغىندىم.كۆرگۈم كەلدى؛قېشىڭغا بارغۇم كەلدى؛لىكىن مەن بارالمايمەن،چۈنكى ھازىر قان تامچىلاۋاتقان يۈرەك قولۇمدا تۇرسا...

8.كەڭ تەبىئەتتە سايراپ،يايراپ يۈرگەن بىر قۇشنى قەپەسكە سۇلاپ،بىر مەزگىللەردىن كىيىن قويۇپ بەرسىڭىز،تەبىئەتتە باستىكىدىنمۇ زىل سايرىشى ياكى تىللىرى سايرىماس بولۇپ قىلىشى مۇمكىن،چۇنكى يەنە سايراي دىسە ھېلىقى قەپەسلەر ‹‹ئۇنى››كۈتۈپ تۇرغاندەك بىلىنەر...

9.ھاياتنىڭ ئاچچىق-تاتلىق چەشمىشلىرى،يۈرەكنىڭ نازۇك تارىلىرىغا ئۇرۇلغاندا،يۈرەكنىڭ ئوتلۇق ۋۇلقانلىرىدىن چىن،پاك بولغان سۆزلەر ماگمىدەك ئېتىلىپ چىقىدۇ.

10.سەن مېنىڭ ئاخىرىقى ئېيتار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن:سەن قىلغان قىسقا،ئاددىي شۇ سۆزمۇ ئاشىقنىڭ دۇنيادا قانچىلىك بەخىتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەلەيدۇ.سەن ئېيتقان زەرىچىلىك سۆزمۇ ئاشىقنىڭ قۇلاقلىرىغا ئاڭلىنىپ،ئويلاپ تىگىگە يەتكەندە،ئاتۇمغا ئايلىنىپ بىرىپ يۈرەككە تىگىپ ،يۈرەكلىرىنى پارە-پارە قىلىۋىتەلەيدۇ.



                                                        ئاپتۇرى:بەختىيار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15847
يازما سانى: 1414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5214
تۆھپە نۇمۇرى: 899
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 01:30:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشىقلىق دەردىنى تارتىۋىتىپسىزدە !؟ بۇ قۇرلانىڭ ھەممىسىلا ئاشىقلىق دەردىدە پۇچىلانغان يۈرەكنىڭ دەرتلىرى بىلەن پۈتۈپتۇ....
كەڭ تەبىئەتتە سايراپ،يايراپ يۈرگەن بىر قۇشنى قەپەسكە سولاپ،بىر مەزگىللەردىن كىيىن قويۇپ بەرسىڭىز،تەبىئەتتە باستىكىدىنمۇ زىل سايرىشى ياكى تىللىرى سايرىماس بولۇپ قىلىشى مۇمكىن،چۈنكى يەنە سايراي دىسە ھېلىقى قەپەسلەر ‹‹ئۇنى››كۈتۈپ تۇرغاندەك بىلىنەر...   باشتىكى دىمەكچىغۇ ،دەيمەن !؟

بىزگە ھەممىدىن زۆرۈر بولغىنى تۈنۈگۈنكى تاتلىق خاتىرە ياكى ئەتىكى شېرىن مەنزىرە ئەمەس،بەلكى،بىز ئىتراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزدۇر...

بىر ئاللادىن باش

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51146
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7611
تۆھپە نۇمۇرى: 884
توردا: 1869 سائەت
تىزىم: 2011-8-10
ئاخىرقى: 2013-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 04:09:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   

ئالدىراپ كۇلمىگىن تەڭشەپ تۇردۇ، دەت_ئەلەم كۆزۇڭنى ياشلاپ قويدۇ. ئۇنۇتما بىرگە-بىر تەڭشەلگەن جاھان، نامەرتلە سىنىمۇ ئالداپ قويىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7755
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 02:51:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزنىڭ تىل بايلىقى ۋە پايدىلىنىشى ياخشىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67497
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3050
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2011-12-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 08:09:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

网站建设前要进行合理规划

网站建设前要进行合理规划, 充分考虑网站的各方面需求网站建设过程中对一些细节问题要执行到位,同时也要考虑到后期的网站推广成本!网站建设要符合以下标准:1、网页设计具有营销功能。厦门网站建设都具有营销功能,有效的降低后期的网站推广成本!2、网站建设要体现企业客户的专业性。只有专业性,才能提高网站的整体形象。3、网站建设不能脱离企业的实际情况,强调根据企业规模做事做适合企业发展的网站。4、网站建设符合企业的发展需要现阶段发展需要,也要强调进行网站远景规划。5、网页设计符合国际WEB标准和中国互联网协会营销网站建设指导规范。符合标准的网站更加有利于网站的推 广。6、网站建设在制作过程中充分考虑到搜索引擎的需求要,即如何设计才能更好的让搜索引擎收录。7、网站建设充分考虑到用户体验,提高潜在客户的转化率 。8、网站建设符合国际网络营销指导标准。有利于企业基于网站平台实施网络营销。只有符合标准的网站,才能降低最终的总整体成本,才能最终实现低投入,高回报的投资。网站建设不但要考虑好技术问题,更要考虑网站的营销的“软”问题,因为这才能最终保证网站的效果,保证企业对网站投入的收益,也才能保证网站建设后期的综合推广成本。 来源:奇为信息(www.iqiwei.com)网站建设,专业网站建设,外贸网站建设,营销网站建设,厦门网站建设,转载请保留链接:http://www.iqiwei.com ,谢谢合作!

lvoelpo99 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 01:55:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Q26610440太原中级会计师替考,天津雅思代考,武汉托福代考

ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش